تۈركىستان گېنېرال گۇبېرناتورلۇقى ۋە ئۇنىڭ رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتىدىكى رولى
رۇسىيە 19 – ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىكى ئىككى قېتىملىق رۇس – تۈرك ئۇرۇشى نەتىجىسىدە، يىراق شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا يېڭى مۇستەملىكىلىرىگە ئىگە بولۇش، سودا – ئىقتىسادىي ۋە خام ئەشيا مەنبەلىرى جەھەتتىن ئۆزىنى تولۇقلاش ئىمكانىيەتلىرىگە ئېرىشتى.
19 – ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئىككى قېتىملىق رۇس – تۈرك ئۇرۇشى نەتىجىسىدە، رۇسىيەنىڭ ئاجىزلىشىش مۇقەددىمىسى باشلانغان بولسىمۇ، ئەمما يىراق شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆزىنىڭ يېڭى مۇستەملىكىلىرىگە ئىگە بولۇش، بۇ رايونلاردا سودا – ئىقتىسادىي ۋە خام ئەشيا مەنبەلىرى جەھەتلەردىن ئۆزىنى تولۇقلاش ئىمكانىيەتلىرىگە ئېرىشتى.
ئۇنىڭ ئاسىيا سىياسىتى ئىككى لىنىيە بويىچە يۈرگۈزۈلگەن بولۇپ، بىرى يىراق شەرق رايونى، جۈملىدىن مانجۇرىيە ۋە شىمالىي خىتاي رايونلىرىدا ئۆز تەسىر كۈچىنى تىكلەش، يەنە بىرى مەركىزىي ئاسىيا رايونىدا تەسىر كۈچ تىكلەشتىن ئىبارەت ئىدى.
ئەنە شۇ مەركىزىي ئاسىيا رايونىنى رۇسىيەنىڭ ھەقىقىي مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرۇش سىياسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تۈركىستان گېنېرال گۇبېرناتورلۇقى ۋە ئۇنىڭ باشلىقى كونستانتىن كائۇفمان مۇھىم رول ئوينىدى.
كائۇفمان ھۆكۇمرانلىق قىلغان 14 يىل جەريانىدا، يەنى 1882-يىلىغىچە رۇس قوشۇنى يەنە داۋاملىق كېڭىيىپ، 1868-يىلى بۇخارا ئەمىرلىكى ۋە 1873-يىلى خىۋە خانلىقىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى رۇسىيەگە تەۋە ھاكىمىيەتكە ئايلاندۇردى. 1876-يىلى قوقان خانلىقىنى يوقىتىپ پۈتۈن پەرغانە ۋادىسىنى ئىگىلەپ، قەشقەرىيە بىلەن چېگرالاندى. نەتىجىدە، تۈركىستان گېنېرال گۇبېرناتورلۇقى 5 ۋىلايەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، يەر مەيدانى 1 مىليون 770 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 5 مىليونلۇق بىر زور ھاكىمىيەت ئورگىنىغا ئايلاندى. كائۇفمان يەرلىك خەلقلەر تەرىپىدىن «يېرىم پادىشاھ» دەپ ئاتالدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ شەرق سىياسىي لىنيەسىگە قەشقەرىيە ۋە ئىلى ۋادىلىرىمۇ كىردى.
رۇس تارىخىچىسى ۋلادىمىر مويسېسېۋنىڭ «رۇسىيە-خىتاي مەركىزىي ئاسىيادا» ( 19-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن 1917-يىلىغىچە) ماۋزۇلۇق كىتابىدا بايان قىلىنىشىچە، كائۇفماننىڭ كۈچ چىقىرىشى نەتىجىسىدە، رۇسىيە قوشۇنلىرى 1871-يىلى ئىلى سۇلتانلىقىنى بېسىۋېلىپ، پۈتۈن ئىلى ۋادىسىنى ئىگىلىدى ھەمدە تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبى ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارغا كېڭىيىش يولىنى ئاچتى. كائۇفمان يەنە ياقۇپ بەگ رەھبەرلىكىدىكى يەتتىشەھەر دۆلىتى بىلەن دىپلوماتىيە ۋە سودا ئالاقىلىرى ئورناتقان بولۇپ، 1872-يىلىدىكى «رۇسىيە – قەشقەر سودا كېلىشىمى» ئەنە شۇ كائۇفمان تەرىپىدىن ئىمزالانغان ئىدى. كائۇفمان ئىلى سۇلتانلىقىنى يوقىتىپ، ئىلىنى بېسىۋېلىش، يەتتىسۇ بىلەن ئىلى ۋادىسىنى ئورتاق باشقۇرۇش دائىرىسى ئىچىگە ئېلىش، 1881 – يىلى ئىلىنى چىڭ سۇلالىسىغا بېرىۋېتىش قارارلىرىنى چىقىرىشتا ۋە ئۇيغۇرلارنى رۇسىيە تەۋەسىگە كۆچۈرۈشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان شەخس ئىدى.
كائۇفمان رۇسىيەنىڭ ئىچكىرى قىسىمى بىلەن تۈركىستاننى تۆمۈر يول لىنىيەسى بىلەن تۇتاشتۇرۇش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى ھەمدە تۈركىستان تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇقەددىممىسنى ئاچقۇچى ئىدى. ئۇنىڭ دەۋرىدە ئۇلۇغ بېرىتانىيە بىلەن چار رۇسىيە ئوسمانلى ئىمپېرىيەلىرى ھەم مانجۇ ئىمپېرىيەلىرى ئارىسىدا مەركىزىي ئاسىيادا بىر مەيدان سىياسىي كۈرەش ئەۋجى ئالغان بولۇپ، ئۇ بېرىتانىيە ۋە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىدىن ئەندىشە قىلغانلىقى ئۈچۈن قەشقەرىيە ۋە ئىلىنى چىڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ ئىشغال قىلىشىغا يول قويۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈش تەرەپدارلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان ئىدى.
چار رۇسىيە مەركىزىي ھۆكۈمىتى چار رۇسىيە بىلەن يەتتىشەھەرنىڭ سودا -ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىيە ئالاقىلىرىنى ئېلىپ بېرىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىنى تۈركىستان گېنېرال گۇبېرناتورلۇقى ھەم ئۇنىڭ باشلىقى كائۇفمانغا بەرگەن بولۇپ، ياقۇپ بەگ ئەلچىلىرىنىڭ بىر قانچە قېتىملىق پېتېربۇرگ زىيارىتى جەريانىدا گەرچە ئەلچىلەر چار پادىشاھ ئالېكساندىر ئىككىنچى تەرىپىدىن قىزغىن قوبۇل قىلىنغان، ھەتتا ياقۇپ بەگ بىلەن چار پادىشاھ ئارىسىدا ئۆزئارا سوۋغا تەقدىم قىلىشلار بولغان بولسىمۇ، ئەمما پېتېربۇرگ ياقۇپ بەگ دۆلىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىشتىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئالاقە ئىشلىرىغا باش بولۇشنى كائۇفمانغا چۈشۈرۈپ بەرگەن ئىدى. سابىق سوۋېت ئۇيغۇر تارىخچىسى داۋۇت ئىسىيېفنىڭ «يەتتىشەھەر دۆلىتى» ھەققىدىكى كىتابىدا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، قەشقەرىيە بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئالاقىلاردا گېنېرال كائۇفمان قارار چىقىرىشقا قادىر ئىدى.
كونستانتىن كائۇفمان رۇسىيە بىلەن چىڭ سۇلالىسى ئارىسىدا «ئىلى شەرتنامىسى» ئىمزالىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، 1882-يىلى تاشكەنتتە ئۆلدى. نەتىجىدە، تۈركىستان گېنېرال گۇبېرناتورلۇقى ئۆزىنىڭ يېڭى دەۋرىنى باشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن يەنە، 12 گېنېرال تاكى 1917-يىلىغىچە گېنېرال گۇبېرناتورلۇق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان بولۇپ، مەزكۇر گېنېرال گۇبېرناتورلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە باشقا ئىشلىرىغا ئىزچىل ئارىلاشقان ئىدى. ئاخىرقى تۈركىستان گېنېرال گۇبېرناتورى 1876-يىلى ياقۇپ بەگنىڭ ئالدىغا ئەلچىلىككە كەلگەن ۋە كېيىن «قەشقەرىيە» ناملىق مەشھۇر ئەسەرنى يازغان گېنېرال ئالېكسېي كروپاتكىن ئىدى. تۈركىستان گېنېرال گۇبېراتورلۇقى 1886-يىلى نامى ئۆزگەرتىلىپ «تۈركىستان ئۆلكىسى» دەپ ئاتالدى.
1918 – يىلى تاشكەنتتىكى رۇس كوممۇنىستلىرى تۈركىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونوم جۇمھۇريىتىنى قۇرۇپ، بۇ زېمىننى يەنىلا رۇسىيەنىڭ قولىدا تۇتۇپ قېلىش ئاساسىنى سالدى. 1924-يىلى سوۋېت رۇسىيەسى ھۆكۈمىتى تۈركىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى، بۇخارا سوۋېت سوتسىيالىستىك خەلق جۇمھۇرىيىتى، خارەزم سوۋېت سوتسىيالىستىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بۇ ئۈچ جۇمھۇرىيەتنىڭ ئورنىدا ئۆزبېكىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى، تۈركمەنىستان سوۋېت سوتسيالىستىك ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى ۋە تاجىكىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ، تاجىكىستاننى ئۆزبېكىستان تەۋەسىگە قوشۇپ بەردى. شۇنداق قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا «تۈركىستان» ئاتالغۇسى بارا – بارا ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىنى «ئوتتۇرا ئاسىيا» ئىبارىسى ئىگىلىدى. 1936- يىلىغىچە پۈتۈن غەربىي تۈركىستاندا ئايرىم – ئايرىم ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە قازاقىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرى قۇرۇلۇپ بولدى شۇنىڭدەك بۇ رايونلار سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن «ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە قازاقىستان» دەپمۇ ئاتالدى.
مەزكۇر رايوندىكى ئاساسلىق ئاھالىلەر تۈركىي خەلقلەر بولۇپ، ئۇلار ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، تۈركمەن، قاراقالپاق، ئۇيغۇر، تاتار ۋە باشقىلار ئىدى. تۈركىي قوۋمىغا مەنسۇپ بولمىغانلىرى ئىران تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەردىن تاجىكلار، خىتاي تىلىغا مەنسۇپ تۇڭگانلار، سىلاۋىيان تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەردىن رۇسلار، ئۇكرائىنلار، بېلارۇسلار ئىدى.
تۈركىستان گۇبېرناتورلۇقىنىڭ كېيىنكى ئاساسلىق سىياسىي پىلانلىرىنىڭ بىرى رۇس ۋە ئۇكرائىن قاتارلىقلاردىن كۆچمەنلەرنى ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈرپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇ رايوندا رۇسىيە ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئىشلىتىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى سىلاۋىيان خەلقلىرى دەسلەپتە، ئاساسلىقى كائۇفمان دەۋرىدە تۈركۈملەپ كېلىشكە باشلىغان ئىدى
مەنبە: تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى