خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى سىياسىتى ۋە خەلقئارا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
تاش
خوتەن – 1933 – يىلدىكى ئىنقىلاب دەۋرىدە «ھۆكۈمەت» نامىنى ئېلىشقا لايىق بولغان بىردىنبىر رايون بولغان بولۇپ، «خوتەن ھۆكۈمىتى» گە قاراشلىق ئىدى.
ما جۇڭيىڭ خوجانىياز ھاجىنى يىراقلارغا قوغلىۋەتكەندىن كېيىن ئۈرۈمچىگە ھۇجۇم قىلدى. ئۈرۈمچىنىڭ سىرتىدىكى مەھەللىلەرگە ھۇجۇم قىلاي دېگەندە 1933-يىلى 18-سېنتەبىردە رۇسلارنىڭ تارباغاتاي ئارقىلىق ئەۋەتكەن 12 مىڭ مانچۇرىيە ئەسكىرى ۋە نۇرغۇن رۇس ئايروپىلانلىرى كېلىپ، ما جۇڭيىڭغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ئۇنى تۇرپانغا چېكىنىشكە مەجبۇر قىلدى.
ئىلى ۋىلايىتىدىكى خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ قوماندانى گېنېرال جاڭ پىييۈەن شېڭ شىسەيگە «ئىتائەت» قىلماي، بىۋاستە نەنجىڭ ھۆكۈمىتىگە «ئىتائەت» قىلىشنى ئويلاپ يۈرەتتى. ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئىلى تۇڭگانلىرى بىلەن بىرلىشىپ، شېڭ شىسەيگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلىپ، ئۈرۈمچىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلدى. يولغا چىقاي دېگەندە رۇسلار ئىلىغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئەسكەر ئەۋەتتى، ئۈچ كۈن داۋاملاشقان ئۇرۇشتىن كېيىن، گېنېرال جاڭ مەغلۇپ بولۇپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى. رۇس ئەسكەرلىرى بولسا ئىلىنى ئىشغال قىلدى.
ما جۇڭيىڭ بىر قىش تۇرپاندا تۇرۇپ، قورال تۇتالايدىغان بارلىق تۇڭگانلارنى قوراللاندۇرۇپ، 1934-يىلى 11-فېۋرالدا ئۈرۈمچىگە ھۇجۇم قىلدى. ئەمما، رۇس ئەسكەرلىرى ئايروپىلان ۋە تانكا بىلەن ما جۇڭيىڭغا ھۇجۇم قىلىپ، ما جۇڭيىڭنى ھىچبىر يەردە تۇرالمايدىغان ۋەزىيەتكە دۇچار قىلدى. بۇ سەۋەبتىن، ماجۇڭيىڭ قاراشەھەرگە قېچىشقا مەجبۇر بولدى.
خوتەن – بۇ ئىنقىلاب دەۋرىدە «ھۆكۈمەت» نامىنى ئېلىشقا لايىق بولغان بىردىنبىر رايون ئىدى ۋە «خوتەن ھۆكۈمىتى» گە قاراشلىق ئىدى. چۈنكى بۇ رايون ئازاد قىلىنغاندىن باشلاپ ئامانلىققا ئېرىشىپ، ئاخىرغىچە بۇ ۋەزىيەتنى داۋاملاشتۇرالىغان ئىدى. باشقا رايونلاردا ئامانلىق ۋە بىخەتەرلىك بولمىغانلىقتىن، قانۇنلۇق ھۆكۈمەت روياپقا چىقمىغان ئىدى. «مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانمىلار» ناملىق كىتابدا يېزىلىشىچە، خوتەن ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ ھەربىي، باج، ئەدلىيە قاتارلىق ئىشلارنى قانۇن بويىچە بىتەرەپ قىلغان. باج-سېلىقلار خىتاي ھۆكۈمىتى دەۋرىدىكىگە نىسبەتەن 10 دىن 1 نىسبەتتە تۆۋەنلىتىلگەن، ھۆكۈمەت چىقىملىرىنىڭ %60 ى ئالتۇن بىلەن چىقىم قىلىنغان، ھەربىي مەجبۇرىيەت بولمىغان، 12 مىڭ نەپەر مۇقىم، 20 مىڭ نەپەر زاپاس بولۇپ، جەمئىي 32 مىڭ نەپەر ئەسكەر ئېلىنغان. بىراق، بۇ ئەسكەرلەرنىڭ %80 ى تاياق- توقماق، قىلىچلار بىلەن قوراللانغان. ئەينى ۋاقىتتىكى خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ ئاھالىسى 1 مىليون ئەتراپىدا بولۇپ، غەربتە رۇس ۋە ئافغانىستان پاسىلىغىچە، شەرقتە خىتاي پاسىلىغىچە بېرىپ، تەكلىماكان چۆلىنىڭ جەنۇبىغا توغرا كېلىدىغان بارلىق جاينى ئۆز تىزگىنى ئاستىغا ئالغان.
مەرھۇم مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ۋاپاتىنىڭ 50-يىللىقىغا ئاتاپ ئىستانبۇل تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرىياتى تەرىپىدىن 2015-يىلى 6-ئايدا نەشىر قىلىنغان «مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئەسەرلىرىدىن تاللانمىلار» ناملىق كىتابنىڭ 152-بېتىدە، مەرھۇم مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارانىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلمىگەنلىكى توغرىسىدا تۆۋەندىكى قۇرلارنى يازىدۇ:
«نوپۇس ۋە مال-دۇنيا جەھەتتە يېتەرلىك بايلىقى بولغان خوتەن ھۆكۈمىتى قورال-ياراغغا كەلگەندە ئۇنداق ئەمەس ئىدى. شۇڭا چەت ئەللەردىن قورال-ياراغ ئېلىش ئۈچۈن ئۇرۇنۇپ كۆردۇق. ھىندىستان (ئۇ مەزگىلدە ئەنگىلىيەنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدا)، نورمال ھالەتتە سودا مۇناسىۋىتىمىزگە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە، ئىنقىلابىمىزغا بىتەرەپ پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقتىن، قورال-ياراغ بەرمەيتتى. رۇس دۈشمىنىمىز ئىدى. شۇڭلاشقا 1933-يىلى ئۆكتەبىردە ئافغانىستانغا ئەلچى ئەۋەتىپ، «شەرقىي تۈركىستان» نىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشىنى ۋە بىر ئاز قورال-ياراغ ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلدىم. ئۇ ۋاقىتتا تاشقى ئىشلار نازارىتىمۇ مېنىڭ قول ئاستىمدا ئىدى. ئافغانىستان ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاننى ئېتىراپ قىلىش ئۈچۈن ۋاقىتنىڭ تېخى بالدۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بىراق، ئەلچىلىرىمىزنى رەسمىي قوبۇل قىلدى. پۇل بەدىلىگە مەلۇم مىقداردا قورال-ياراغ بېرىشنى قارار قىلدى. شەرقىي تۈركىستاندا ئافغانىستانغا ۋەكىللىك قىلىش ئۈچۈن بىر سىياسىي ۋەكىل تەيىنلىدى. لېكىن، قورال-ياراغ ۋە ۋەكىل كېلىپ بولغۇچە، قەشقەر خىتاي ئىشغالىيىتىگە ئۇچراپ يوللار ئېتىلىپ قالدى.»
مەنبە: تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى