‹‹لەيلى – مەجنۇن›› داستانى توغرىسىدا

«ھەيرەتۇل ئەبرار»
«ھەيرەتۇل ئەبرار» (ياخشى كىشلەرنىڭ ھەيرانلىقى) ناملىق بۇ داستان نەۋائى «خەمىسە»سىنىڭ بىرىنچى داستانى بولۇپ، جەمئىي 64 باب، 3973بېيىت، 7946مىسرادىن تەشكىل تاپقان. بۇ ئەسەر 1483-يىلى يېزىلغان. پۈتكۈل داستان مۇقەددىمە، ئاساسىي تېكىست ۋە خاتىمىدىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەكتىن تۈزۈلگەن. بۇلاردىن 20 ماقالەت داستاننىڭ ئاساسىي قىسمى ھېساپلىنىدۇ. ھەر ماقالەتتە بىردىن مەسىلە(ئىمان، ئىسلام، پادشاھ، سېخيلىق،ئەدەپ، قانائەت، ۋاپا، ئىشىق ئوتى، راستچىللىق، ئىلىم، قەلەمكەشلەر، پايدا يەتكۈزگۈچى، پەلەك-زامان، مەيخورلۇق، خۇنسلارنىڭ ھېيلىگەرلىكى، يىگىتلىك باھارى، ھاياتنى قەدىرلەش، ھىراتنىڭ ئابادلىقى، لەتپىلەرنىڭ مەجمۇئى) گۈزەل فاساھەتلىك سۆزلەر، ھېكمەتلىك ئىبارىلەر، تەبئەت ۋە گۈزەللىك تەسۋىرلىرى بىلەن بايان قىلىنغان. مەزكۇر داستان شەرق ئەدەبىياتىدىكى دىداكتىك مەزمۇننى ئاساس قىلغان ئېپىك شېئىرىيەت ئەنئەنىسى بويىچە يېزىلغان بولۇپ، شائىرنىڭ ئىجتىمائىي-سىياسىي قاراشلىرى، دىني تەسەۋۋۇپ ئىدىيىسى، جەمئىيەت، ئەخلاق ۋە ئاۋام خەلق ھەققىدىكى مۇلاھىزىلىرى كەڭ كۆلەمدە يۇرۇتۇلغان.
نەۋائى مەزكۇر داستاننىڭ «مۇقەددىمە»قىسمىدا شەرق ئەدەبىياتىدىكى «خەمىسە»يازغان نىزامى گەنجىۋى، ئەمىر خىسراۋ دىھلىۋى، ئابدۇراخمان جامى، ئەشراف قاتارلىقلارنىڭ ئەسەلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىدۇ ھەمدە ئۇلارننىڭ خەمسەچىلىك ئەنئەنىسىگە قوشقان تۆھپلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نەۋائى يەنە ئۇلارنىڭ «خەمىسە»لىرىنىڭ بەزى يېتىشسىز تەرەپلىرىىنمۇ ئىلمىي جەھەتتىن كۆرستىپ بىرىدۇ. ئاندىن ئۆزىنىڭ «خەمىسە»چىلىكتە ئالدىنقىلارنىڭ قايىسى تەرەپلىرىگە ۋارسلىق قىلغانلىقىنى، قايىسى مەزمۇنلارنىڭ بېيتقانلىقى، ئۆزىنىڭ «خەمىسە»يېزىشتىكى مەقستى ھەم «خەمىسە»چىلىكىنىڭ بىر يۈرۈش نەزەرىيلىرىنى تەپسلىي شەرھىلەيدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، «ھەيرەتۇل ئەبرار»نى بىر پەلسەپىۋى دىداكتىك ئەسەر بۇلۇپلا قالماي، بەلكى يەنە خەمسەچىلىك نەزەريىسىنى يەكۈنلىگەن ئىلمىي-نەزەريىۋى ئەسەر دېيىشكىمۇ بولىدۇ.
نەۋائى بۇ داستاندا، خەلق چۆچەكلىرى، مەسەللىرى، ماقال-تەمسىللەرىدىن كەڭ پايدىلانغان ۋە ئۆزىمۇ نۇرغۇن ھېكمەتلىك ئىبارىلەرنى ئىجاد قىلغان. شائىر ئۆزىنىڭ پىكىر مۇلاھىزىلىرىنى ھەر ماقالەت ئاخىرىدا بىردىن قىسقا ھېكايە بىلەن گەۋدىلەندۈرگەن.
شائىر بۇ مەسەللەر ئارقىلىق زالىملارنى ، رىياكار روھانىلارنى، جاھىللىق، مۇناپىقلىق، ئالدامچىلىق، تەمەخورلۇق ئىللەتلىرىنى ئەيىبلەيدۇ. ئادالەت، ئىنساپ، ۋاپادارلىق، سېخيلىق، ئەدەب-ئەخلاق، ئەمگەكچانلىق، راستچىللىق پەزىلەتلىرى تەرغىپ قىلىنىدۇ.
«پەرھات-شېرىن »
«پەرھات-شېرىن»نەۋايىنىڭ «خەمىسە»سى ئىچىدىكى ئىككىنچى داستانى بولۇپ، جەمئىي 54باب، 5453بېيىت، 11560مىسرادىن تەركىب تاپقان. مەزكۇر داستان نەۋائى ئەسەرلىرى ئىچدىكى بەدىئىي سەۋيىسى ئەڭ يۇقىرى، تەسىرى ئەڭ زور بولغان ئېپىك ژانىردىكى مۇھەببەت داستانى بولۇپ، شائىرنىڭ ئۆزى ئۇنى «پىراقنامە»دەپ ئاتىغان.
بۇ داستان 1484-يىلى يېزىلغان. «فەرھاد ۋە شېرىن»داستانى شەرق ئەدەبىياتىدا ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. بۇ داستان مەيدانغا كىلشىتىن خىلى بۇرۇنلا ھېكايە خەلق ئىچىدە رىۋايەت ۋە چۆچەك شەكلىدە تارقالغاندى.
داستان باشلانما، دىباچە، مۇناجات، نەئت، قەلەم سۈرمەك ۋەسفىدە، جامى، يېزىشقا كىرشمەك ۋە فەرھاد بىلەن ھەمئاۋاز بولماق، تارىخ ئەفسانلىرىنى ئۈگەنمەك، ھۈسەيىن شاھ مەدھى، بەدىئۇززەمان، مەدھى قاتارلىق كىرشمە بابلاردىن باشقا، چىن مەملىكتى، فەرھادنىڭ دۇنياغا كىلىشى ۋە ھەرخىل ھۈنەرلەرنى ئۈگىنىشى، تىلسىمىنى ئېھچىشى، سەپەر مۇشەققەتلىرى، شاپۇر بىلەن ئۇچىرىشىشى، ئەرمەنگە بېرىشى، تاغ تېشىپ ئۆستەڭ ئېلىشى ۋى شېرىن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، خسرەۋ بىلەن ئېلىشىشى، مۇھەببەت قۇبارنى بولۇشى قاتارلىق ۋەقەلەر 40بابتا بايان قىلىنغان. ئاخىردا تۈگەنچە بىلەن ئاياغلاشتۇرغان.
نەۋائى بۇ داستاندا، فەرھاد، شېرىن، مىھنبانۇ، شاپۇر بەھرام، بىناكار-بانىي، نەققاش-مانىي، تاشچى قارۇن ۋە ئون كەنىزەك قاتارلىق ئىجابىي ئوبرازلار ئارقىلىق، ئىنسانپەرۋەرلىك، تەرەققىپەرەۋرلىك، ئادالەت، مەرىپەت، ئەمگەك ۋە مۇھەببەتنى ئاجايىپ تەشبىھلىك تەسۋىرلەر، ھېكمەتلىك ئىبارىلەر، خىلمۇ-خىل ئېپىزوتلار بىلەن كۈيلىگەن، خىسرەۋ، شىرۇيا، مەككار دەللە، بۇزرۇك ئۈمىد قاتارلىق سەلبىي ئوبرازلار ئارقىلىق زالىملىق-زوراۋانلىق، جاھالەت، رەزىللىك،مەككارلىق، مۇناپىقلىقىنى تىل تىغى بىلەن جازالىغان.
فىردەۋستىن بەش ئەسىر، نىزامىدىن ئۈچ ئەسىر، خسراۋ دېھلىۋىدىن بىر ئەسىر كېيىن، بۇ گۈزەل تېمىغا ئۇيغۇرلارنىڭ بۈيۈك شائىرى يۈكسەك ئىشەنچ بىلەن مۇراجەت قىلدى. ئۇ تۈركىي تىل بىلەن «فەرھاد-شېرىن»نى يېزىشقا كىرىشكەن چاغدا، ئەنئەنىۋى سىيۇژىتلار بىلەن يېڭى ۋەقەلەرنى، ئالدىنقىلارنىڭ تەجىرىبلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ يېڭىلىقلىرىنى قانداق بىرلەشتۈرۈش ھەققىدە جاپالىق ئىزدەندى.
نەۋائى «پەرھات –شېرىن»داستاننى يېزىش جەريانىدا ئالدى بىلەن پارس كىلاسسكلىرىدىن فىردەۋىسى، نىزامى، خىسراۋ دېھلىۋى قاتارلىقلارنىڭ ئەسەلىرىنى قېتىرقىنىپ ئۈگەندى ۋە ئوزۇق ئالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆز ئەسىرىنى قۇيۇق يەرلىك پۇراققا ۋە مىللىي خاسلىققا ئىگە قىلدى.
«لەيلى ۋە مەجنۇن»
«لەيلى ۋە مەجنۇن»نەۋائىنىڭ «خەمىسە»سى تەركىبىدىكى ئۈچۈنچى داستانى بولۇپ، جەمئىي 38باب، 3614بېيىت، 7228مىسرادىن تەشكىل تاپقان.
شائىر بۇ داستاننى 1483-يىلى يازغان بولۇپ، ئۇنىڭدا، فېئوداللىق تۈزۈمنىڭ چىرىك قائىدە-يۇسۇنلىرىنىڭ بوغۇشى ئارقىسدا ۋىسال ئارزۇسىغا يېتەلمىگەن لەيلى بىلەن قەيىس(مەجنۇن)نىڭ مۇھەببەت پاجىئەسى ھېكايە قىلىنىدۇ.
بۇ ئەسەر نەۋائىنىڭ باشقا داستانلىرىدىكىدەك، كىرىش، مۇناجات، نەئت، سۆز گۆھەرلىرىنى تەۋسپلەش(نىزامى ۋە خىسرەۋ دېھلەۋى نەزمىللىرى ھەققىدە)، جامى، پادشاھ مەدھى، بەدىئۇززەمان مەدھى قاتارلىق مەزمۇنلاردىن باشقا، مەجنۇن بىلەن لەيلىنىڭ پۈتكۈل ئىشقى پاجىئەسى 30بابتىن بايان قىلىنغان ۋە سۇلتان ئۇۋەيس مەدھسى بىلەن سۆز خاتىمىسى بېرىلگەن.
نەۋائى «لەيلى-مەجنۇن»داستاننى يېزىشتا پۈتكۈل شەرق خەلقلىرى ئارىسغا كەڭ تارقىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاغزاكى ئىجادىغا ئايىلىنىپ كەتكەن لەيلى ۋە مەجنۇن توغرىسدىكى خەلق رىۋايىتىنى ئاساس قىلدى. ئۇنىڭغا بىر مۇنچە يېڭى ۋەقەلەرنىي قوشۇپ ئىجادىى ھالدا بېيىتتى. ئۇنى مىلادىيە 15-ئەسىر ئوتتۇرا ئاسيا مۇھىتىنىڭ رېئال مەسىلىلىرى بىلەن زىچ بىرلەشتۈردى.
«لەيلى ۋە مەجنۇن» توغرسىدىكى بۇ گۈزەل رىۋايەتنەى تۇنجى قېتىم يازما ئەدەبىياتقا ئېلىپ كىرگەن خەمسچىلىكىنى باشلاپ بەرگەن مەشھۇر شائىر نىزامى گەنجىۋى، نىزامىدىن كېيىن نەۋائىغىچە بولغان بىر قانچە ئەسىر جەريانىدا بۇ تېمىغا ئەمىر خىسراۋ دېھلىۋى، ھاپىز شىرازى، سۇ ھەيلى قاتارلىق ئوتتۇزغا يېقىن شائىر ۋە يازغۇچىلار قەلەن تەۋرەتتى. بۇنىڭ بىلەن بۇ رىۋايەت شەرق خەلقلىرى ئارسىدا چوڭىدىن-كىچكىگىچە ھەممىسى بىلدىغان مەشھۇر قىسسەگە ئايلاندى.
تۈركىي تىلدا تۇنجى قېتىم «لەيلى-مەجنۇن»داستاننى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېزىپ چىققان كىشى ئەلشىرى نەۋائى بولدى. ئۇ «خەمىسە»ئۇستازلىرىنىڭ شۇ ناملىق داستانىلىرىنى تىرشىپ ئۈگەندى ۋە ئۇلارنىڭ ئەنئەنلىرىنى ئىجادى ئۆزلەشتۈردى. نەۋائى ئالدىنقىلارنىڭ ئەسەرلىرنى ئۆلۈك ھالەتتە تەكرارلاپ قويمىدى. بەلكى ئۆز دەۋرىنىڭ پىكلىرى ۋە خەلق ئاغزاكى رىۋايەتلىرىنى قوشۇپ بېيىتتى.
«سەبئەيى سەييار»
«سەبەئى سەييار»نەۋائىنىڭ «خەمىسە»سى تەركىبدىكى تۆتىنچى داستانى بولۇپ، جەمئىي 38باب، 5009 بېيىت، 10018مىسرادىن تەشكىل تاپقان. داستان مىلادىيە 1484-يىلى يېزىلغان بولۇپ، ئاپتۇر ئۇنى «زەۋقناك ھەڭگامە»(قىزقارلىق ھېكايە)دەپ ئاتىغان.
داستاننىڭ ئاساسىي ۋەقەلىكى بەھرام بىلەن دىلئارام توغرسىدىكى ئاساسىي لىنىيە ۋە ئۇنىڭغا يانداشتۇرۇلغان يەتتە باغلانما ھېكايىدىن تەشكىل تاپقان. شائىر داستاندا ئىككى ئاساسىي ئوبراز شاھ بەھرام بىلەن چىن دىيارىدىن كەلتۈرۈلگەن گۈزەل قىز-دىلئارامنىڭ ئوبرازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتقاندىن باشقا، يەنى ئاھى، زەھھاب، سەئىد، مېھر، سۇھەيىل، مۇقىبىل، فەررۇخ قاتارلىق بىر قاتار ئوبرازلارنى ناھايىتى جانلىق يارىتىپ، ئۆزىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي غايىلىرى ۋە ئەخلاقىي قاراشلىرىنى بەدىئىي يۈكسەكلىكتە ئىپادە قىلىدۇ.
نەۋائى «سەبئى سەييارە»(يەتتە پلانىتا)دە ئەينى دەۋرىدىكى فېئۇدال پادشاھلارنىڭ مەملىكەت ۋە خەلق بىلەن زادلا كارى بولماي، شەخسىي مەنپەئەت ۋە ئەيش-ئىشرەت گىرداۋىغا بىرىپ قالغانلىقىنى بەھرام ئوبرازى ئارقىلىق ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئادالەتلىك ۋە ئىنساپلىق بولۇشىقا چاقىرىدۇ.
شائىر بىرىنچى ھېكايىدىكى ئاخ ۋە فەررۇخ ئوبرازلىرىدا، سېخيلىق، ئالىي ھىممەتلىك، ۋاپادارلىق قاتارلىق خىسلەتلىرنى مەدھىيلەيدۇ. گۈلچىھرە ساداقەتمەن، ۋاپادار ئاياللارنىڭ نەمۇنىسى قىلىپ تەسۋىرلەيدۇ.
ئىككىنچى ھېكايىدە زەيد، زەھھاب ۋە باشقا ئوبرازلار ئارقىلىق فېئودال پادشاھلار سارىيدىىكى ھىيلىگەرلىك، ئىككى يۈزلىملىك، مەنسسەپپەرەسلىك تەنقدى قىلىنىدۇ. ئىلىم ۋە ھۈنەرنىڭ قىممىتى يۇقىرى باھالىنىدۇ.
ئۈچۈنچى ھېكايىدىكى سەئىد ئوبرازى ئارقىلىق مەرتلىك ۋە شىجائەت ئۇلۇغلىنىدۇ.
تۆتىنچى ھېكايىنىڭ تېمسى سېخيلىق، ئادالەت ۋە دوستلۇققا بىغشلانغان. بۇ ھېكايىدىكى مەسئۇد بىلەن جۈنە ئوبرازى ئارقىلىق سېخيلىق ۋە ئادالەت مەدھيلىندۇ.
بەشنچى ھېكايىسىدە مېھىر ۋە سۇھەيىل ئوبرازى ئارقىلىق قەھىرىمانلىق ۋە پىداكارلىق تەشەببۇس قىلىنىدۇ.
ئالتىنچى ھېكايىدە بولسا بىر-بىرىگە تامامەن ئوخشمايدىغان ئىككى شەخسىنىڭ ئوبرازى يارىتلغان. بۇلاردىن بىرى مۇقىبل بولۇپ، ئۇ ساپ كۆڭۈل، راستچىل، غەيرەتلىك يىگىت، ئىككىنچى ئوبراز مۇدبىر بولسا يالغانچى، ھىيلىگەر قارا نىيەت شەخس، مۇقبىل ئۆزىدىكى ياخشى خىسلەتلەر بىلەن بەخىتلىك بولسا، مۇدبىر يالغانچىلىغى تۈپەيلىدىن ھالاك بولىدۇ. شۇنىڭ ئېيتىپ ئۆتۈش كىرەككى، مۇقبىل بىر قاتار ياخشى خىسلەتلەرگە ئىگە بولسىمۇ، يەنە بەزى تاساددىپلىقلاردىن خالىي ئەمەس، ئۇ بەخت-سائادەت ئۈچۈن ئاكتىپ كۈرەش قىلمايدۇ. خەلق بىلەن بىرگە بولمايدۇ. شۇنىڭغا قارىماي بۇ ھېكايىدە نەۋايىنىڭ توغرىلىق، راستچىللىق، چىداملىقلىق قاتارلىق خسلەتلىرنى تەرغىپ قىلىشى ھارامزەدىلىك، يالغانچىلىق، مۇناپىقلىقىنى ئەيىپلەش جەھەتتىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە.
يەتتىنچى ھېكايىدە سەنئەت ۋە ئۇنىڭ سېھرى كۈچى ھەققىدە سۆزلىنىپ ئۇلۇغ مۇزكانتىنىڭ ئوبرازى يارىتىلىدۇ.
«سەددى ئىسكەندەر»
«سەددى ئىسكەندەر»نەۋائىنىڭ «خەمىسە»سى تەركىبدىكى ئەڭ ئاخىرىقى داستانى بولۇپ، ھەجىمى ئەڭ زور داستان بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. پۈتكۈل داستان 89باب، 7182مىسرادىن تەشكىل قىلغان. بۇ داستان 1485-يىلى يېزىلغان.
ئىسكەندەرگە ئائىت مەلۇماتلار ئاساسەن تارىخىي ۋە بەدىئىي شەكىلدە داۋاملىشىپ كەلگەن. تارىخي تېمىدا كۆپرەك يۇنان تارىخىچلىرى مەلۇمات بەرگەن. بەدىئىي جەھەتتىن ئاساسەن شەرق كلاسسىك ئەدىبلىرى ئىشلىگەن. شۇنداق قىلىپ، تارىختىكى مەشھۇر ئستىلاچى ئالېكساندىر ماكدونىسكى ئاستا-ئاستا شەرقتىكى ھەرقايىسى خەلقلەر ئاغزاكى ۋە يازما ئەدەبىياتىدا قايتا-قايتا ئىشلىنىپ، غايىۋىلەشتۈرلۈپ، ئادىل پادشاھ، ھەققانىي ھۆكۈمران سۈپىتىدە، ئىسكەندەر ئوبرازىغا مۇقىملاشتى. مىلادىيە 10-ئەسىردىن باشلاپ، ئىسكەندەر ئوبرازى شەرق خەلقلىرىنىڭ يازما ئەدەبىياتتىكى ئەنئەنىۋى ئوبرازغا ئايلاندى. فىردەۋىسى ئۆزىنىڭ مەشھۇر ئەسىرى «شاھنامە»سىدە ئىسكەندەرگە مەخسۇس سەھىپە ئاجىراتتى. مىلادىيە12-ئەسىرىدە نىزامى ئۆز«خەمىسە»سىدىكى بەشىنچى داستانى«ئىسكەندەرنامە»دە، ئىسكەندەرنى ئادالەتلىك پادشاھ، ئىلىم سۆيەر ھۆكۈمران سۈپىتىدە تەسۋىرلەپ، شەرقچە ئوتۇپىك جەمئىيەت غايىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. نىزامىدىن كېيىن، ئەمىر خىسراۋ«ئائىنە ئىسكەندەر»داستانلىرىدا مۇشۇ تېمىنى قايتا ئىشلىدى.
نەۋائى بۇ داستاندا، نىزامىنىڭ «ئىسكەندەرنامە»داستانىغا ئوخشاش «شاھسىز غايىۋى جەمئىيەت»قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويمىدى. بەلكى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك»قا ئوخشاش«ئادىل، بىلىملىك پادشاھ»غايىسىنى مەيدانغا چىقاردى. نەۋائى سەددى ئىسكەندەر داستانىنى شەرقىچە ئوتوپىيە جەمئىيەت قارىشى جەھەتتە نىزامى ۋە جامىلارنىڭ شۇ ناملىق داستانلىرنىڭ دەرىجىسگە كۆتۈرەلمىدى. ئۇ ئۆز داستانىدا شاھسىز، سىنىپسىز، زۇلۇمدىن خالىي، ھەممە باراۋەر ياشايدىغان ئوتۇپىك غايىۋى جەمئىيەت تەسۋىرىنى بىرەلمىدى. ئۇ ئىسكەندەرنى بىلىملىك، قانۇن بىلەن دۆلەت باشقۇرۇىدىغان ئادىل سۈپتىدە تەسۋىرلىدى.
نەۋائى بۇ داستاندا تارىختىكى ئىسكەندەرنى ئەمەس، بەلكى غايىۋىلەشتۈرگەن ئىسكەندەر ئوبرازىنى ياراتتى ئۇنىڭ قەلىمى ئاستىدا پادشاھ ئىسكەندەر بىر يۇرت ياكى بىر مىللەتنىڭ ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل يەر يۈزىنىڭ پادشاھى ئىدى. ئۇ تاجاۋۇزچىلىق ۋە مۇستەبىتلىكنى ئەمەس، بەلكى بىلىم، ئادالەت، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىندىغان، تىنچ-خاتىرىجەملىك ھۆكۈم سۈرگەن، خەلق باياشات بىر غايىۋى جەمئىيەت ئىزدىگۈچى شەخس ئىدى.
نەۋائى ئۆزىنىڭ ئادالەت كۆز قارىشىنى بۇ داستانىدىكى ئىسكەندەر ئوبرازىدا گەۋدىلەندۈرىدۇ. نەۋائى ئىسكەندەرنى ئادىل، مەرىپەتلىك پادشاھ سۈپىتىدە تەسۋىرلەيدۇ. ئۇ مەملىكەتتە تنچلىق ۋە ئادالەت ئورنىتىدۇ. خەلق ئۈستىدىكى ئېغىرچىلىقلارنى يەڭگىللىتىدۇ. دۇنيانىڭ باشقا جايلاردىمۇ ئادالەت ئورنىتىپ، ئۇ جايلارنى ئاۋات قىلىدۇ.
‹‹لەيلى – مەجنۇن›› داستانى توغرىسىدا
‹‹لەيلى – مەجنۇن››داستانىغا كەلسەك، نەۋائى بۇ داستانىنى يېزىشتا پۈتكۈل شەرق خەلقلىرى ئارىسىغا كەڭ تارقالغان لەيلى ۋە مەجنۇن توغرىسىدىكى خەلق رىۋايىتىنى ئاساس قىلدى، ئۇنى بىر قانچە يېڭى ۋەقەلىكنى قوشۇپ بېيىتتى ۋە تۇنجى قېتىم تۈركىي تىل بىلەن بۇ داستاننى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېزىپ چىقتى. شۇنداقلا تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئەدەبىياتىدا لەيلى بىلەن مەجنۇننىڭ مۇكەممەل بەدىئىي ئوبرازىنى ياراتتى.
ئەرەب دىيارىدىكى بەدەۋلەت قەبىلىسىنىڭ باشلىقىنىڭ قەيىس ئىسىملىك ئوغلى بولۇپ، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئىشىق – مۇھەببەتنىڭ جىلۋىسى كېلىپ تۇراتتى. بالا مەكتەپ يېشىغا يەتتى، ئەپسۇس، بۇ قەبىلىدە مەكتەپ بولمىغاچقا ئۇنى ھەي قەبىلىسىدىكى مەكتەپكە بېرىشكە توغرا كەلدى. بۇ مەكتەپتە كۆپلىگەن ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ قىز – ئوغۇللىرى ئوقۇيتتى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا گۈزەللىكتە تەڭدىشى يوق، سۈلكەت، سالاپەتلىرى كىشى ئەقلىنى لال قىلىدىغان، ئاي يۈزلۈك بىر قىز بولۇپ ئىسمى لەيلى ئىدى. بۇ قىزنىڭ دادىسى بۇ قەبىلىنىڭ باشلىقى ئىدى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە قەيىس بىلەن لەيلى ئۆز ئارا ئۇچرىشىپ، ھەر ئىككىيلەننىڭ يۈرىكىدە كۈچلۈك مۇھەببەت ئوتى پەيدا بولىدۇ. بىر كۈنى ساۋاقداشلار باغ سەيلىسى قىلغاندا قەيىس گۈلزارلىققا بېكىنىۋېلىپ ئاھ ئۇرىدۇ. بۇ جايغا تۇيۇقسىز بېرىپ قالغان لەيلى ئۇنىڭدىن ھال سورىغىنىدا قەيىس ئۇنىڭغا ئۆز مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىپ ھوشىدىن كېتىدۇ. شۇ كۈندىن باشلاپ قەيىس بىلەن لەيلىنىڭ مۇھەببىتى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. قەيىس ھەر كۈنى كېچىدە لەيلىنىڭ دەرگاھى تەرەپكە كېلىپ، ئۆزىنى يەرگە ئۇرۇپ، تۇپراقنى سۆيۈپ ئاھ ئۇرىدى. ئۇ مۇشۇنداق سەۋدايىلىقى بىلەن ئۆز ئىسمى ۋە قەبىلىسىنىمۇ ئۇنتۇپ، پەقەت ‹‹لەيلى، لەيلى›› دەپ زارلايدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان لەيلىنىڭ ئاتىسى قەيىسنىڭ ئاتىسىغا پوپوزا قىلىپ، ئوغلىنى زەنجىر بىلەن باغلاپ قويۇشنى تاپىلايدۇ. قەيىس زەنجىر بىلەن باغلىنىدۇ، ئۇ زارلىنىپ پىغان چېكىدۇ. ئۇنىڭ تېنى شۇ قەدەر ئاجىزلاپ كېتىدۇكى، باغلانغان زەنجىرمۇ بوشاپ كېتىپ، ئۆزى چۆل – باياۋانغا قاراپ كېتىپ قالىدۇ. كىشىلەر ئۇنىڭ بۇ سەۋدايىلىقىغا قاراپ ئۇنى ‹‹سەۋدايى›› دەپ چاقىرىدىغان بولىدۇ، ئاخىرىدا ئۇنىڭغا مەجنۇن ئىسمى قويۇلۇپ قالىدۇ. بۇ چاغدا لەيلىگە دۆلەتمەن، ئابرۇيلۇق يىگىت ئىبنى سالام ئاشىق بولۇپ قالىدۇ. لەيلىنىڭ ئاتىسى ئەلچىلەرگە ماقۇل بولىدۇ.
قەيىسكە كەلسەك، ئۇ تاغۇ – تاشلىقلارنى ماكان تۇتۇپ، لەيلى شەنىگە ئاتاپ كۆپلىگەن غەزەل – شېئىرلارنى يازىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ نەۋبەل ئىسىملىك زاتقا ئۇچراپ قالىدۇ. نەۋبەل كىشىلەردىن قەيىسنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىغانىدى. نەۋبەل قەيىسكە ياردەم قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى، ئەگەر قەيىس لەيلىگە ئېرىشەلمىسە ئۇنى ئۆزىگە كۈيئوغۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. مەجنۇن لەيلىنىڭ ۋىسالىغا يېتىش ئۈچۈن نەۋبەلنىڭ تەكلىپىگە ماقۇل بولىدۇ. نەۋبەل لەيلىنىڭ ئاتىسىغا ئەلچى ئەۋەتىپ لەيلىنى قەيىسكە ياتلىق قىلىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ، ئەمما لەيلىنىڭ دادىسى بۇنى رەت قىلىدۇ. غەزەپلەنگەن نەۋبەل لەيلىنىڭ ئاتىسىغا جەڭ ئېلان قىلىدۇ. قەيىس جەڭدە نەۋبەل بىلەن بىللە ئۇرۇش قىلىدۇ، ئۇرۇشتا نەۋبەل قوشۇنى غالىب كېلىدۇ. بۇ چاغدا لەيلىنىڭ ئاتىسى جەڭدە مەغلۇپ بولسا قىزىنى ئۆلتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلغان قەيىس لەيلىنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن نەۋبەلدىن ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇرۇش توختايدۇ، قەيىس يەنە دەشتكە قاراپ يول ئالىدۇ. ئۇ بۇ يەردە لەيلى قەبىلىسىدىكى بىرەيلەننى ئۇچرىتىپ قالىدۇ، بۇ ئادەمنىڭ ئىسمى زەيىد ئىدى. قەيىس بۇ ئادەمدىن لەيلىگە سالىمىنى ئېيتىدۇ، لەيلى زەيىد ئارقىلىق مەجنۇنغا خەت ئەۋەتىپ، ئۆزىنىڭ ئىشىق ئوتىدا داۋاملىق ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى ئېيتىدۇ. داستاندىكى مەجنۇننىڭ لەيلىگە، لەيلىنىڭ مەجنۇنغا يازغان مەكتۈپلىرى، غەزەل – شېئىرلىرى بۇ داستاننىڭ ئەڭ تەسىرلىك، ئەڭ مۇڭلۇق، ئەڭ دولقۇنلۇق جايلىرىدۇر.
شۇ كۈنلەردە مەجنۇننىڭ ئاتىسى نەۋبەلگە ئەلچى ئەۋەتىپ قىزىنى سورايدۇ، ئىككى ئائىلىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن مەجبۇرىي ھالدا ئىككى ياشنىڭ تويى بولىدۇ. ئەمما نەۋبەلنىڭ قىزى مەجنۇنغا: ‹‹سىزنىڭ لەيلىگە بولغان مۇھەببىتىڭىزگە ئاپىرىن ئوقۇيمەن، مېنىڭمۇ ھەقىقىي سۆيگۈنۈم بار، ئىجازەت بەرسىڭىز مەنمۇ شۇ بىچارىنىڭ ھالىغا يەتسەم ››دەيدۇ. مەجنۇن قىزغا ئىجازەت بېرىپ، ئۆزى چۆل – باياۋانغا يول ئالىدۇ.
شۇ كېچىسى لەيلى بىلەن ئىبنى سالامنىڭمۇ تويى بولىدۇ. تويدا ئىبنى سالام مەينى كۆپ ئىچىۋەتكەچكە خاپىغان كېسىلى قوزغىلىپ بىھۇش بولۇپ يىقىلىدۇ، ھەممەيلەن ئۇنىڭ بىلەن ئاۋارە بولۇپ لەيلىنى ئۇنتۇيدۇ. لەيلى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ باياۋان تەرەپكە قاراپ قاچىدۇ. تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن لەيلى ۋە مەجنۇن ئۇچرىشىپ قالىدۇ، بىر – بىرىنىڭ ۋەسلىگە يېتىدۇ. تاڭ ئاتقاندا ئۇلار نائىلاج ئايرىلىدۇ.
مەجنۇننىڭ توي كېچىسى دەشت – باياۋانغا كېتىپ قالغانلىقىنى ئاڭلىغان ئاتا – ئانىسى غەم – قايغۇدا كېسەل بولۇپ ئالەمدىن ئۆتىدۇ. جۇدالىق دەردىدە لەيلىمۇ تاماقتىن قېلىپ كۈندىن – كۈنگە زەئىپلىشىدۇ. ئۇ جان ئۈزۈش ئالدىدا ئانىسىغا: ‹‹مەن كۆز يۇمغاندىن كېيىن ماتەم تۇتماڭ، ئۆلۈم خەۋىرىمنى ئاڭلاپ غېرىبىم زار – زار يىغلاپ بۇ يەرگە كېلىدۇ ۋە مېنىڭ يېنىمدا مېنى دەپ جان بېرىدۇ. ئىككى تەنگە بىر كېپەن بولسۇن، بىر جايغا قويۇلسۇن››دەپ ۋەسىيەت قىلىدۇ. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا لەيلىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقان مەجنۇن لەيلىنىڭ قېشىغا كېلىدۇ، ئىككىسىنىڭ كۆزلىرى ئۇچرىشىدۇ – دە، تەڭلا كۆز يۇمىدۇ. ۋەسىيەت بويىچە ئۇلارنى بىر كېپەنگە ئوراپ، بىر تاۋۇتقا سېلىپ، بىر گۆرگە دەپنە قىلىدۇ.
نەۋائىنىڭ بۇ داستانىدا لەيلى بىلەن مەجنۇننىڭ پاجىئەلىك مۇھەببەت سەرگۈزەشتلىرى تەسۋىرلەنگەندەك تۇرسىمۇ، ئەمەلىيەتتە تەسۋىرلەنگىنى فېئودالىزم ۋە فېئودالىزمغا قارشى ئىككى كۈچ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە كۈرەشتۇر. لەيلى بىلەن مەجنۇن فېئودال ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان بولسىمۇ، ئەممە ئۇلار فېئودال ئەخلاقنىڭ ئاسىيلىرى بولۇپ، ئىككىلىسى مۇھەببەت يولىدا كۈرەش قىلىپ قۇربان بېرىشكە رازى. ئۇلارنىڭ بۇ كۈرىشى تارىخنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇيغۇن بولۇپ، شەكسىزكى، ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. مۇھەببەت يولىدا قۇربان بېرىش ئۇلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى بىردىنبىر تاللىشى بولۇپ، بۇ چىرىك فېئودال كۈچلەر ۋە فېئوداللىق ئەخلاققا بولغان كۈچلۈك قارشىلىق ئىدى.
نەۋائى بۇ بىر جۈپ ياشنىڭ مۇھەببەت تراگېدىيىسىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق فېئودال كۈچلەرنىڭ زوراۋانلىقىنى، رەھىمسىزلىكىنى ئەيىبلىدى. باش قەھرىمانلارنىڭ ئەركىن مۇھەببەت ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرىشىگە مەدھىيە ئوقۇدى. ‹‹لەيلى – مەجنۇن›› تراگېدىيىسىدە تراگېدىيە توقۇنۇشلىرى تەسۋىرلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئەسەر ئۈمىدۋارلىقتىن ئىبارەت رومانتىك تۈس بىلەن تولغانىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ ئەسەردە باشتىن – ئاخىر ياشلىق باھار ۋە ئۈمىدۋارلىق تەسۋىرلەندى. شۇڭا بىر جۈپ ياشنىڭ تراگېدىيىسىنىڭ يۈز بېرىشى مۇقەررەرلىك بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆلۈمى ئوقۇرمەنلەرگە بىر خىل ئۈمىد بېغىشلايدۇ. فېئوداللىق جەمئىيەتنىڭ گۇمران بولۇشىنىڭ مۇقەررەرلىكىنى تونۇتىدۇ.
بۇ داستانلاردىكى يەنە بىر ئالاھىدىلىك شۇكى، بۇلاردا باش قەھرىمانلارنىڭ ‹‹مەجنۇن›› (ساراڭ) لىقىمۇ تەسۋىرلىنىدۇ. ئەسەرلەردىكى پەرھاد بىلەن مەجنۇن فېئودالىزم كۈچلىرىنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشى ۋە بېسىمى ئاستىدا ئۆز مەشۇقلىرى بىلەن دىدارلىشالماي، دەشت – باياۋانلاردا سەرسان – سەرگەردان بولىدۇ، ئۆز مەشۇقلىرىنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ نالە – پەرياد قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ مۇنداق پىغانلىرىنى ئاڭلىغان ۋە كۆرگەنلەر ئۇلارنى ‹‹مەجنۇن›› (ساراڭ) دەپ قارايدۇ، ئەمما ئوقۇرمەن –– بىز ئۇلارغا ھەرگىزمۇ ئۇنداق قارىمايمىز. ئۇلارنىڭ ‹‹مەجنۇن››لۇقى ئۇلارنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزۈش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە ئەسەرگە تېخىمۇ زور ئېستېتىك زوق ئاتا قىلىدۇ. نەۋائىنىڭ پەرھاد بىلەن مەجنۇننىڭ ‹‹مەجنۇن››لۇقىنى شۇ قەدەر قىزغىن ھېسسىيات بىلەن تەسۋىرلىشىنىڭ سەۋەبىنى ئۆزىنىڭ ئىنسانلار ئىپتىدائىي تەپەككۇرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. چۈنكى ئىنسانلار ئىپتىدائىي تەپەككۇرىنىڭ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكى ھېسسىياتلىق بولۇشتىن ئىبارەت. بىز قەدىمكى ئەپسانە، رىۋايەتلەرنى ئوقۇيدىغان بولساق، بۇلارنىڭ ئىپتىدائىي دەۋرلەردىكى قىزغىن، ھەققانىي، كۈچلۈك بولغان ئىپتىدائىي ھېسسىيات بىلەن تويۇنغانلىقىنى، شۇڭا ئاپتورنىڭمۇ مانا مۇشۇنداق ھېسسىياتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.
نەۋائىنىڭ ئەسەرلىرىدە تەسۋىرلەنگەن باش قەھرىمانلارنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ كېتىدۇ. يانداش پېرسوناژلار يەنى – مېھىنبانۇ، خىسراۋ، مەجنۇننىڭ دادىسى، ئانىسى، لەيلىنىڭ مەجبۇرىي ياتلىق قىلىنغان ئېرى ئىبنى سالام قاتارلىقلارمۇ ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇ پاجىئەلەرنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن نەۋائىنىڭ دۇنيا قارىشىنى چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ. يەنى شائىر ئىدىيە جەھەتتە ئىسلام پەلسەپىسىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولغان تەسەۋۋۇپ (سوپىزم)ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. بۇنىڭدا ئىنسان بىلەن ھەق (ئاللاھ) نىڭ بىرلىكى تەكىتلىنىپ، ئىنساننى سۆيۈشنىڭ ئاللاھنى سۆيۈش ئىكەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ پۈتكۈل ئىجادىيەتلىرىدە ئىنساننىڭ ئىنسانغا بولغان مۇھەببىتى، ھۆرمىتى، ھەمنەپەسلىكى مەدھىيىلىنىدۇ.
ئابدۇرەھىم نىزارى
شەخسلەر رامكىسى
ئۆزىنىڭ باي ئىجادىي مىراسلىرى بىلەن ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ گۈللەنگەن بىر دەۋرىنى ئاچقان شائىر ئابدۇرەھىم نىزارى ئەدەبىياتىمىز تارىخىدا مۇھىم ۋە ھۆرمەتلىك ئورۇن تۇتىدۇ.
ئابدۇرەھىم نىزارى 1843 – يىلى يازغان «دۇررىلنەجات» («نىجاتلىق ئۈنچىلىرى») ناملىق ئەسىرىدە بەرگەن:
«ئۆمۈر داغى ئالتىمشۇ يەتتى،
يەتمىشكە يېقىن ئۈمىد كەتتى.»
دېگەن مەلۇماتقا ۋە ھازىرغىچە ئىگىلىگەن ئەھۋاللارغا ئاساسلانغاندا، شائىر 1776 – يىلى قەشقەر شەھىرنىڭ بۇلاقبېشى مەھەللىسىدە كىچىك قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ دەسلەپ كونا مەكتەپتە ئوقۇپ ساۋاتىنى چىقارغاندىن كېيىن، قەشقەر «خانلىق مەدرىس» تە ئىلىم تەھسىل قىلغان.
شائىر ياشىغان دەۋر (18 – ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 19 – ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمى) ئۇيغۇر خەلقى مانجۇر ھاكىمىيىتى ۋە ئۆز ئىچىدىكى فېئودال ھۆكۈمرانلارنىڭ دەھشەتلىك زۇلمى ئاستىدا ئېزىلىپ، ئىنتايىن جاپا – مۇشەققەتلىك ئېغىر تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان دەۋرگە توغرا كەلدى. شائىر ئۆمرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى كەمبەغەللىك ئىچىدە ئۆتتى. ئۇ ئۇزاق زامان كىشىلەرنىڭ خەت – چەكلىرىنى يېزىپ بېرىش، تۈرلۈك كىتاب نۇسخىلىرىنى كۆچۈرۈش بىلەن تۇرمۇش ئۆتكۈزدى.
نىزارى نەۋائىنى ئۆزىگە ئۇستاز تۇتۇپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى خەلق ئارىسىغا تارقىتىشتا ئەڭ كۆپ ئەمگەك قىلغان، ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى نەۋائى دۇردانىلىرىنى كۆچۈرۈشكە سەرپ قىلغان. نىزارى كۆچۈرگەن نەۋائى كۇللىياتىنىڭ تولۇق بىر قول يازمىسى ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئە. نەۋائى نامىدىكى دۆلەت ئەدەبىيات مۇزېيىنىڭ قول يازمىلار فوندىدا ساقلانماقتا.
نىزارى، زىيائى، غەرىبىلەر ئىجادىي ھەمكارلىقتا ئىشلىگەن بۇ توپلام ئون سەككىز داستان، قىسسە ۋە يىگىرمە تۆت ھېكايەتتىن تۈزۈلگەن. بۇ داستان، قىسسەلەرنىڭ توققۇزى زور ھەجىمدە بولۇپ، ئۇنىڭ «مۇقەددىمە» قىسمى (توپلامدا «مۇقەددىمە» دېيىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە شۇنداق دەپ ئاتاش مۇۋاپىق تېپىلدى) بىلەن «فەرھاد – شېرىن»، «لەيلى – مەجنۇن»، «مەھزۇن – گۈلنىسا» ۋە «رابىئە – سەئدىن» داستانلىرى، شۇنداقلا، توپلامدىكى ھېكايەتلەرنىڭ كۆپچىلىكى نىزارى قەلىمىگە مەنسۇپتۇر.
مىزارى ئۆز خەلقىگە نەۋائىنىڭ «خەمسە» سىدىكىدەك بىر يۈرۈش جەۋھەرلەرنى تەقدىم قىلشنى مەقسەت قىلغانىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ توپلامغا كىرگەن يۇقىرىقى بىر يۈرۈش نادىر ئەسەرلىرى بىلەن كۆزلىگەن مەقسىتىگە تولۇق يەتتى.
نىزارى ئەلىشىر نەۋائى ئىزىدىن مېڭىپ «فەرھاد – شېرىن» داستانىنى يازغاندا، نەۋائىغا تەقلىدچى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقماي، بەلكى يېڭى بىر ئىجادىي يول بىلەن ماڭغان. نەۋائى ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر ۋە تەسۋىرلەرنى تەكرارلىمىغان. نەۋائى ئۆز داستانىنى ئارۇز ۋەزنىنىڭ «بەھرى ۋافز» دەپ ئاتالغان بەھرىدە يازغان بولسا، نىزارى مۇتەقارىب بەھرىدە ئۆزىگە خاس يېنىك ئۇسلۇب بىلەن يازغان.
«لەيلى _ مەجنۇن» ئەسلىدە كىشىلىك ئەركىنلىكى ۋە ئىنسانىي مۇھەببەتنى كۈيلەيدىغان ئەرەب رىۋايىتى ئىدى. بۇ رىۋايەت ئوتتۇرا ئەسىرلەردىن تارتىپلا شەرق خەلقلىرى ئارىسىدا قىسسە شەكلىگە كىرىپ كەڭ تارقالغان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقى ئەدەبىياتىدىكى ئەنئەنىۋى سيۇژىتقا ئايلىنىپ كەتكەن. «لەيلى – مەجنۇن» سيۇژىتىنى بىرىنچى بولۇپ يازما ئەدەبىياتقا نىزامى گەنجەۋى ئېلىپ كىرگەن ۋە شۇنىڭدىن كېيىن پارس تىلىدا بىر قاتار «لەيلى – مەجنۇن» داستانلىرى بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، 15 – ئەسىرگىچە بولغان ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتىدا «لەيلى _ مەجنۇن» داستان سۈپىتىدە مەيدانغا چىقمىغانىدى. ئەلىشىر نەۋائى تۇنجى قېتىم ئەينى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى _ «چاغاتاي تىلى» دا «خەمسە» يارىتىشتىن ئىبارەت مۈشكۈل ۋەزىپىنى ئادا قىلىپ، «لەيلى _ مەجنۇن» نىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى نۇسخىسىنى مەيدانغا چىقاردى. نەۋائىدىن كېيىن، تۈركىي تىلدا سۆزلەشكۈچى خەلقلەر ئەدەبىياتىدا نەچچە ئونلاپ «لەيلى – مەجنۇن» داستانى ئوتتۇرىغا چىقتى، شۇنىڭ بىلەن ئەسلى ئەرەب رىۋايىتى بولغان بۇ سيۇژىت ئۇيغۇر ئەدەبىياتى زېمىنىدىمۇ كۆكلەپ مېۋە بېرىشكە باشلىدى. ئەنە شۇنداق مېۋىلەرنىڭ بىرسى ئابدۇرەھىم نىزارىنىڭ «لەيلى _ مەجنۇن» داستانىدۇر.
ئومۇمەن، نىزارىنىڭ «لەيلى _ مەجنۇن» داستانى 19 -ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشىنى ئېنىقلاشتا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان ئەسەرلەرنىڭ بىرسىدۇر.
نىزارى ئارقىدىنلا، «لەيلى _ مەجنۇن» غا ئوخشاپ كېتىدىغان پاجىئە _ ئۆز زامانىسىدە قەشقەرنىڭ كۆكچى يېزىسىدا بولۇپ ئۆتكەن ئەمەلىي ۋەقەگە ئاساسەن، چوڭقۇر رېئالىزم روھىدىكى «رابىيە _ سەئىدىن» داستانىنى يازدى ۋە ئۇنىڭ بىلەن تەنقىدىي رېئالىزمغا يول ئاچتى.
شائىر نىزارى ئىككى ياشنىڭ مۇھەببەت پاجىئەسىنى سىيۇژىت قىلىش ئارقىلىق فېئوداللىق تۈزۈمگە، جۈملىدىن، فېئوداللىق ئائىلە – نىكاھ تۈزۈمىگە كەسكىن قارشى چىقىدۇ.
ئەسەر بەدىئىيلىك جەھەتتىن كامالەتكە يەتكەن بولۇپ، شائىرنىڭ ئۆتكۈر قەلىمى ئاستىدا ئېپىك ۋەقەلەر بىلەن دولقۇنلۇق لىرىك ھېسسىيات ۋە پەلسەپىلىك پىكىر – مۇلاھىزىلەر بىر – بىرى بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەن. داستاندا ئاجايىپ باي تەسەۋۋۇر كۈچى، ئوخشىتىش، جانلاندۇرۇش ۋە باشقا بەدىئىي ئىپادىلەش ۋاسىتىلىرى ئومۇملاشتۇرۇپ قوللىنىلغان. شائىر ئۆز قەھرىمان رابىئەنى ئاي بىلەن قۇياشقا، خۇش پۇراق قىزىل گۈلگە ئوخشىتىپ تەسۋىرلىسە، سەلبىي ئوبراز جابىرنى شۇملۇقنىڭ سىمۋولى قاغىغا ئوخشىتىدۇ.
ئومۇمەن ئىلغار دېموكراتىك غايىنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن بۇ ئەسەر بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەنىلا زور رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.
نىزارى داستانچىلىقىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى _ قەھرىماننىڭ ئىچكىي كەچۈرمىشىگە تولىراق ئېتىبار بېرىشتىن ئىبارەت. شائىر ئۆز قەھرىمانلىرىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى غەزەل شەكلى بىلەن، چوڭقۇر ۋە كۈچلۈك ھاياجان ئىچىدە سۈرەتلەپ بېرىپ، ئوقۇغۇچىدا قەھرىمانلارغا نىسبەتەن چوڭقۇر ھېسداشلىق ئويغىتىش مەقسىتىگە يېتەلىگەن. شائىرنىڭ داستانلىرىغا كىرگۈزگەن غەزەللىرى مەيلى مەزمۇن ياكى بەدىئىيلىك جەھەتتە بولسۇن بىر قەدەر يۇقىرى قىممەتكە ئىگە بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ غەزەلچىلىكتىمۇ پىشقان لىرىك شائىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. نىزارىنىڭ يەنە بالىلار توغۇرلۇقمۇ يازغان بىرمۇنچە شېئىرلىرى بار.
نىزارى 1839 – يىللىرى زوھۇرىدىن ھاكىم بەگنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قەشقەردە قولغا ئالغان «دۈررۈلنەجات» («نىجاتلىق ئۈنچىلىرى») ناملىق ئەسىرىنى تۇرپاندا قايتا ئىشلەپ تاماملىدى. بۇ ئەسەردە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تۈزۈمچان بولۇشى، ئەمەلدارلارنىڭ ئادىل ۋە ئاقىل بولۇشى، خەلققە كۆيۈنۈشى كېرەكلىكى ئۆتكۈر سوئال – جاۋاب بىلەن ۋەز – نەسىھەت قىلىنىدۇ. سوئال مۇدبىرخۇدبىن ناملىق سەلبىي ئوبرازنىڭ ئاغزىدىن بېرىلىپ، جاۋاب مۇقبىل رەۋشەندىل ناملىق ئىجابىي ئوبرازنىڭ ئاغزىدىن ئېلىنىدۇ، تۈزۈلۈشى نەسرىي – نەزىم شەكلىدە بولۇپ ئومۇمىي كىتاب 88 سوئالغا 92 جاۋاب بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
نىزارى ئۆز زامانىسىنىڭ ئىلغار پىكىرلىك كىشىسى بولغانلىقتىن، خەلقلەرنىڭ كۈيىنى كۈيلەپ، پۈتۈن ئەسەرلىرىنى خەلق ئاممىسىغا بېغىشلىدى. ھۆكۈمران تەبىقىلەرگە خۇشامەت قىلىپ، ئۇلارنى ماختاشتىن ئۆزىنى ساقلىدى. شائىر ئۆز ئەسەرلىرىدە كىشىلىك جەمئىيىتىنى ئىنسانپەرۋەرلىك، ۋاپادارلىق، سەمىمىيلىك، مەردلىك، گۈزەللىككە ۋە دىيانەتكە چاقىردى. ئالدامچىلىق، مۇناپىقلىق، زالىملىقنى نەپرەت قامچىسى ئاستىغا ئالدى. ئۇ، يەنە ئۆز ئەسەرلىرىدە چەت تىللارنى مۇمكىن قەدەر ئاز ئىشلىتىپ، خەلققە چۈشىنەرلىك تىل، يېنىك ۋە ساددا ئۇسلۇب ئىشلەتتى. شائىرنىڭ ئىجادىي ئەسەرلىرى ئەدەبىيات خەزىنىسىدىكى ئېسىل بايلىق ھېسابلىنىدۇ.
شائىرنىڭ تۇرپاندىن (ئاساسلىقى، لۈكچۈندىكى ئەفرىدۇن ۋاڭ ئوردىسىدىن) قەشقەرگە، زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ ھۇزۇرىغا قاچان قايتىپ كەلگەنلىكى ئېنىق ئەمەس (بۇ ھەقتىكى يىلنامىلەردە ئىلگىرى – كېيىنلىك مەۋجۇت). ئومۇمەن، شائىر قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قەشقەر ئوپالنىڭ قۇمباغ (ئازىغ) كەنتىدىكى زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ تەيىن قىلىپ بەرگەن ئارامگاھىدا داۋالىنىپ دەم ئالغان ۋە مۇشۇ مەزگىلدە «ھەزرىتى موللام» (مەھمۇد قەشقەرى) تەزكىرىسىدىن پايدىلىنىپ، «دىيارى ئىمام» ناملىق كىتابىنى يازغان. مۇتەپەككۇر، رېئالىزمچى شائىر ئابدۇرەھىم نىزارى 1848 – يىلى ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ جەسىتى «ھەزرىتى موللام» قەبرىسى جايلاشقان دۆڭلۈكنىڭ غەربىي شىمال يانباغرىغا قويۇلدى. نىزارى قەبرىسى ھېلىمۇ شۇ جايدا «ئابدۇرەھىم سىجلات مەقبەرىسى» نامى بىلەن مەشھۇر. تۈر:ئۇيغۇرلار
نىزارىنىڭ «لەيلى مەجنۇن داستانى » توغۇرسىدا
نىزارىنىڭ «لەيلى مەجنۇن داستانى » توغۇرسىدا
”لەيلى مەجنۇن داستانى“ نىزارى داستانلىرى ئىچىدىكى يەنە بىر مۇھىم ئەسەردۇر. بۇ داستان ھەجىم جەھەتتە 1796 مىسرا شېئىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ داستاندا ڧېئودال كۈچلەرنىڭ قارشىلىقى ۋە توسقۇنلۇقى تۈپەيلىدىن ۋىسال ئارزۇسىغا يىتەلمەي ، يورۇق دۇنيا بىلەن خۇشلاشقان قەيىس (مەجنۇن)بىلەن لەيلىدىن ئىبارەت ئىككى ياشنىڭ مۇھەببەت پاجىئەسىنى ھېكايە قىلىش ئارقىلىق شائىر ئۆزى ياشاۋاتقان دەۋىردىكى ئۇيغۇر جەمئىيتىدە يۈز بېرىۋاتقان مۇھەببەت تىراگىدىيىلىرىگە قارىتا ۋاستىلىك ھالدا ئىنكاس قايتۇرغان. مىلادىيە 19-ئەسىر ئۇيغۇر جەمئىيتىدىكى رىئاللىقنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق شائىر ئەركىن مۇھەببەتنى ھىمايە قىلىش قارىشىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن.
ئابدۇرېھىم نىزارى ”لەيلى مەجنۇن داستانى“نى يازغاندا بۆيۈك ئەزەربەيجان شائىرى نىزامى گەنجەۋى، ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر شائىر ئەلشىر نەۋائى قاتارلىق كىلاسسىكلارنىڭ ئەسەرلىرىى پۇختا ئىگەللەپ ئەسەرنىڭ سىيۇژىتىنى شۇلارنىڭ لىنىيىسىنى بويلاپ تەرەققى قىلدۇرغان. بولۇپمۇ ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر شائىر ئەلشىر نەۋائىنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارسلىق قىلغان. ئەمما نىزارى ”لەيلى مەجنۇن داستانى“دىكى رىۋايەتلەرگە مۇراجەت قىلغىنىدا لەيلى بىلەن مەجنۇننىڭ پاجىئەسىنى ئاددىيلا بايان قىلىش بىلەن كۇپايىلەنمەستىن ، بەلكى بۇ ئارقىلىق مىلادىيە 19-ئەسىر ھاياتىنىڭ رېئال مەسىلىلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن. شائىر جەمئىيەتنى چوڭقۇر كۈزىتىپ ، بۇ خىل پاجىئەنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەرەب جەمئىيتىدىلا ئەمەس بەلكى 19-ئەسىردىكى ئۇيغۇر جەمئىيتىدىمۇ ئۆزلۈكسىز يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى چۈشەنگەنىدى. شائىر بۇ خىل پاجىئەنىڭ يۈز بېرىشىگە ئاشۇ دەۋىر، ئاشۇ زامان سەۋەبچى بولغانلىغىنى تولۇق چۈشىنىپ يەتكەن ئىدى. شائىرنىڭ بۇ خىل ھېسىياتىنى داستاننىڭ كۆپ جايلىرىدا بىۋاستە ئەكىس ئەتتۈرگە. شائىر يەنە ئۆز دەۋرىنىڭ تۈرلۈك ئىللەتلىرى ۋە قانلىق جىنايەتلىرىنى داستان ئارىسىدا بىۋاستە بايان قىلىپ ئۆتىدۇ<
”چۇ ئىشىق ئىچرە قالغاي نەشاھۇ-گاداي،
قىلۇر ئاخىر ئىشىق ۋۇجۇدىنى ڧەنا.
قىلۇر ئەقلۇ ئىماننى تاراج ئىشىق،
كى ئەجدار كەبى دەم چىكەر ئاچ ئشىق.“
”قىلىپ ئىشق ئەھلىگە بىدادلىغ،
زامانى ئاڭا بەرمەيىن شادلىغ.
نەج سەرۋى قەدىن خازان ئەيلەدى،
رىيازەتتە ئازۈزە جان ئەيلەدى.
نىزارىنىڭ ”لەيلى ۋە مەجنۇن“ داستانى ئۆزىنىڭ ئاجايىپ تەسىرلىك سىيۇژىت قۇرۇلمىسى، ئىخچام ۋە راۋان ئۇسلۇبى، ئوتلۇق لىرىكىلىق تۇيغۇلارغا تولغانلىغى بىلەن مىلادىيە 19-ئەسىر ئەدەبىياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. شائىر بۇ داستاندا ئىپىك بايان بىلەن لىرىكىلىق تەسۋىرنى ئىنتايىن ماھىرلىق بىلەن كىرىشتۈرۈپ قوللۇنۇپ پىرسۇناژلارنىڭ كەچۈرمۈشلىرىنى كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان دەرىجىدە تەسىرلىك ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلىگەن. شۇڭا، بۇ داستان ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدە كەڭ تارقىلىپ، زور شۆھرەتكە ئىگە بولغان.
”ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى“ (3)، 60-بەت
موللا پازىل ۋە ئۇنىڭ «لەيلى-مەجنۇن» داستانى
رەيھانگۈل ئابابەكرى
(شىنجاڭ ئونىۋېرىستىتى فىلىلوگىيە ئىنىستىتوتى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى2005-يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتى)
«لەيلى-مەجنۇن» رىۋايىتى ئەڭ دەسلەپ مىلادى 8-ئەسىردە ئەرەب يىرىم ئارىلىدا تارقالغان مۇھەببەت ھىكايىسى بولۇپ مىلادى 7-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 8-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشىغان شائىر قەيىسنىڭ مۇھەببەت تىراگىدىيىسى ئەكىس ئەتكەن قەدىمكى ئەرەب رىۋايەتلىرىدىن بىرى.
«لەيلى-مەجنۇن» دىن ئىبارەت بۇ دۇنياۋى سىيۇژىت شەرق خەلقلىرى فولىكلورىنىڭ ئەڭ نادىر نەمۇنىسى بولغاچقا شەرق-ئىسلام ئەللىرىدە بۇ ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ ھىكايىسىنى ئاڭلىمىغان ئادەم ئىنتايىن ئاز بولسا كىرەك.
مەيلى شەرق ئەللىرىدە بولسۇن ياكى غەرپ ئەللىرىدە بولسۇن بۇ ئەجايىپ گۈزەل رىۋايەتكە نۇرغۇنلىغان يازغۇچى-شائىرلار ئىتىبار كۆزى بىلەن قاراپ كەلدى.بۇ گۈزەل رىۋايەتنى تۇنجى بولۇپ(1188-يىلى)يازما ئەدەبىياتقا ئىلىپ كىرگەن كىشى ئەزەربەيجان شائىرى نىزامى بولۇپ،بۇ ئەسەر نىزامىنىڭ شۆھرىتىنى جاھانغا تونۇتتى.ئۇنىڭدىن كىيىنكى نەچچە ئەسىر ئىچىدە بۇ مۇھەببەت داستانى ئىران، ئەزەربەيجان،ھىندىستاننىڭ شىمالى قىسمى،ھەتتا پۇتۇن ئىسلام دۇنياسى بىلىدىغان ھىكايىگە ئايلاندى.نىزامىدىن كىيىن 13-14-ئەسىرلەردە خۇسرەۋ دىھلەۋى،خاتەفى، سۇخەيلى، قاتارلىق 40قا يىقىن ھىندى ۋە ئىران شائىرلىرى شۇ مەزمۇندا داستان يىزىشقان بولسىمۇ ھىچقايسىسى نىزامىدىن ئىشىپ كىتەلمىگەن ئىدى.3ئەسىرگە يىقىن ۋاقىتتىن كىيىن ئۇيغۇر تىلىدا تۇنجى قىتىم (1483-يىلى)بۇ رىۋايەتكە ئاساسەن داستان يازغان كىشى ئەلىشىر نەۋائى بولۇپ ئۇ ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىدا ماڭماستىن ئەسەرگە يىڭىچە مەزمۇن، يىڭىچە پۇراق،يىڭى-يىڭى كۆز قاراشلارنى قوشۇپ خەمىسە يىزىشتىن ئىبارەت مۈشكۈل ۋەزىپىنى شەرەپ بىلەن ئادا قىلىپ ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇنجى نۇسخىسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى.18-ئەسىرگە كەلگەندەموللا پازىل لەيلى-مەجنۇن داستانىنى خەلق رىۋايەتلىرى جۈملىدىن نەۋائى قاتارلىقلارنىڭ داستانلىرى ئاساسىدا يىزىپ چىققان بولۇپ ،موللا پازىل نەۋائى قاتارلىق ئۇستازلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا .بۇ ئەرەب رىۋايىتىنى ئۆز خەلىقىنىڭ ئەدەبىيات ئەنئەنىسى ۋە شۇ دەۋىردىكى ئىجتىمائى تۇرمۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ بۇ داستاننى يىڭىباشتىن مۇۋەپىقىيەتلىك يىزىپ چىققان ئۇيغۇر شائىرىدۇر.
موللا پازىلنىڭ بۇ داستان 254بەت بولۇپ جەمئى 5592مىسرا شئېر بار داستان87ماۋزۇ بىىلەن تاماملانغان.داستاننىڭ ئالدىنقى ماۋزۇسى دىباچە بولۇپ كىلاسسىكلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى قائىدىسى بويىچە ئاللاغا مۇھەممەد پەيغەمبىرگە، چاھارىيالارغا،ھەسەن-ھۈسەنلەرگە مەدھىيلەر ئوقۇلغان.ئاپتۇر 15-ماۋزۇ «موللا كىچىكنىڭ ئەھۋالىنىڭ بايانى»دا ئىسمى، تەخەللۇسى،كەسپى ،تۇرمۇش ئەھۋالى توغۇرلۇق مۇنداق نەزمىلەرنى پۈتىدۇ:
ئۆزۈم بىر نامراد ئېردىم ئەيال مەند
يەنە ھىچنەرسە يوقتۇر غەيىر فەرزەند،
يىقىلغاندا قوپارغە يوق مەجالىم
ئانى داد ئەتكىلى يەتمەيدۇر ھالىم.
ئاتىم فازىل ئىدى بولدى كىچىك نام
كىچىك دەر ئېردى بارچە خاس ئىلە نام
………………
بار ئېردى باشىمە يۈزمىڭ سەۋدا
ئىجارە دار ئېردىم ھۇۋلۇمدا غەۋغا
يۇقارقىلاردىن ئاپتۇرنىڭ ئىسمىنىڭ پازىل ،تەخەللۇسىنىڭ كىچىك ئىكەنلىكىنى،ئەينى چاغدا ئوقۇپ بەلگىلىك سەۋىيەگە ئىگە بولغانلىقتىن موللا دەپ ئاتالغانلىقى تۇرمۇشىنىڭ ئىنتايىن نامراتچىلىقتا ئۆتكەنلىكى نامراتلىق سەۋەبىدىن ئىجارە ھەققى قەرىزلىرىنى تۆلەپ بولالماي ھاجەتمەنلىك مۇھتاجلىق ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
موللا پازىلنىڭ ياشىغان ۋە داستاننىڭ يېزىلغان ۋاقتى توغۇرلۇق 15-ماۋزۇدا مۇنداق مەلۇمات بىرىلگەن:.
كىتابىم تەھرىخى «قايغۇدا» ئېردى
دىمەك غەم-غۇسسەئى قايغۇدا ئېردى
…….
ئۆزۈمنىڭ سىنۇ سالىم «ھەمدە» ئېردى
دىلۇ جانىم، خىيالىم غەمدە ئېردى
بۇ مىسرادىكى« قايغۇ» سۆزى بۇ يەردە ئەبجەد ھىسابى بويىچە كىتابنىڭ يىزىلغان ۋاقتىنى (ھىجىرىيە1117-يىلى مىلادىيە1705-يىلىنى كۆرسىتىدۇ.«ھەمدە»سۆزى بۇيەردە ئەبجەد ھىسابى بويىچە 52دىگەن رەقەمنى كۆرسىتىدۇ(بۇ يەردە ئاپتۇرنىڭ بۇ ئەسەرنى يىزىۋاتقان چاغدىكى يىشىنى ئىپادىلەيدۇ.) بىز بۇنىڭدىن موللا پازىلنىڭ 1654-1655-يىللىرى تۇغۇلغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز.
ئەسەرنىڭ 13-14-ماۋزۇلىرى يەنى «بۇ دۇنيا بىۋەفالىقىنىڭ بايانى» ۋە «شەھەر ئەھۋالىنىڭ بەيانى» دا شائىر ئۆزى ياشىغان جەمئەتنىڭ بىر پۈتۈن كارتىنىسىنى سۈرەتلەپ بەرگەن.يەنى شائىر ياشىغان دەۋىر دەل ئاپاق غوجىنىڭ ساتقىنلىق قىلىشى بىلەن سەئىدىيە خاندانلىغى جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلۇپ غوجىلارنىڭ قورچاق ھاكىمىيتى تىكلەنگەن دەۋرى بولۇپ ،بۇ دەۋىردەبىر تەرەپتىن سوپا-ئىشانلار ۋە غوجىلار يەنە بىر تەرەپتىن جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرى خەلىقنى تەرەپ-تەرەپتىن ئاچ بۆرىدەك يالاپ ،يىلىكىنى شوراپ،مىللى زۇلۇم ۋە سىنىپى زۇلۇم چىكىگە يەتكەن دەۋىر ئىدى.شائىر بۇ توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:
زامانە تەڭ ئېردى يۇرت ۋەيران
بۇ ئېلدە بار ئېردى كۆپ داغى ھىجران،
……………
بار ئېردى ئۈستىمىزدە مىڭ قالماق
بارى ئەلگە ھەممە ئول ئىردى توخماق
…………..
خەراپ ئولدى ھەمە ھەم ئۆيۈ-ئەيۋان
بولۇپ ئەردى بۇ يۇرت يەر بىلەن يەكسان،
ھەممە ئەل نان كويىدا ئېردى مەجنۇن
ئەلفتەك قامەتى ئېردى ھەمە نۇن .
ھەر قانداق بىر دەۋر يازغۇچىللىرى قايسى مىللەتكە،قايسى ئىجتىمائى،سىياسى گوروھلارغا تەۋە بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ئۆزى ياشىغان دەۋىر ئەدەبىياتىنى ئىلگىركى دەۋىرلەرنىڭ ئىدىيە-مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ بۇ مىسرالارنى يىڭىلاش،يىڭىللىرىنى ئىجاد قىلىش ئاساسىدا بارلىققا كەلتۇرىدۇ.
ئەسەرنىڭ 16-ماۋزسىدىن باشلاپ «لەيلى-مەجنۇن» ھىكايىسى رەسمى باشلانغان بولۇپ،ئاپتۇر ئەسەرنىڭ يېزىلىش جەريانى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:
كىرىپ مەن رەستەئى بازار ئىچرە
كى گويا نافەئى تاتار ئىچرە
كىرىپ سەيىر ئەيلەدىم شەھرى جەھاننى
كۆرۈپ فەھىم ئەيلەدىم ياخشى-ياماننى.
دىمەك موللا پازىل ئەسەر يىزىشتىن ئىلگىرى ئەلشىر نەۋائىنىڭ داستانى بىلەن پىششىق تونۇشۇپ،ئۇنىڭ ئلھامى ۋە بەدئى ئەسەرنىڭ مەنبەسى خەلق ھاياتى ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن ھالدا جاھان كىزىپ يازماقچى بولغان ئەسەرگە ماتىرىيال توپلىغان.
لەيلى-مەجنۇن» تىرادىگىيسىنىڭ ئەينى چاغدا يىڭىباشتىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشى خەلقچىل شائىر موللا پازىلنىڭ ئەنئەنىۋى سىيۇژىتلارنى ئۆرنەك قىلىپ ئۇنى تىخىمۇ يارقىنلاشتۇرۇپ ئەسەرنى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈش غايىسى ھەم ئۆزدەۋىرىنىڭ جەمئەت ئاتموسفىراسىغا بولغان باھاسىنى يوشۇرۇن ئىپادىلەش ئىقدىدارىنى نامايەن قىلغان.
موللا پازىلنىڭ لەيلى-مەجنۇن نامىلىق بۇ داستاننى يىزىشتىكى قەلەم ماھارىتى گەرچە نەۋائىنىڭكىگە يەتمىسىمۇ بىراق مەيلى مەزمۇن جەھەتتە بولسۇن،ياكى بەدئىلىك جەھەتتىن بولسۇن ،شائىر بۇ داستاننى يىزىشتا ئۆز تالانتىنى جارى قىلدۇرغان.داستاننى نەۋائىنىڭ داستانىدا ئۇچرىمايدىغان يىڭى مەزمۇن يىڭى ۋەقەلەر بىلەن بىيىتقان.شۇڭا بۇ ئەسەر ئەسلى ئەسەرنىڭ كۆچۈرۈلمىسى بولماستىن بەلكى دەۋر ئالاھىدىلىككە ئىگە يىڭى ئەسەر بولۇپ ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە.موللا پازىلنىڭ لەيلى-مەجنۇن داستانى نەۋائىنىڭ شۇ نامىلىق داستانىدىن تۆۋەندىكى تەرەپلەردە پەرىقلىنىدۇ.
1.قۇرۇلما جەھەتتىن:نەۋائىنىڭ لەيلى-مەجنۇن داستانىڭ ھەجىمى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، 38 باب 3614 بىيىتىن تەشكىل تاپىدۇ.موللا پازىلنىڭ داستانى 87ماۋزۇ 5592مىسرادىن تەشكىل تاپىدۇ
2.نەۋائى داستانىدا تولاراق قەھرىمانلارنىڭ ئىچكى كەچۈرمىشلىرى ھىسياتلىرى،دەرت-ئەلەملىرى تەسۋىرلىنىدۇ.ئەسەر باشتىن ئاخىر پىسخولوگىيلىك تەسۋىرلەر بىلەن تولغان.قەھرىمانلارنىڭ روھى-كەچۈرمىشلىرى مۇڭلۇق ۋە چىرايلىق لىرىك شەكىلدە بايان قىلىنىدۇ.موللا پازىل داستانىدا ۋەقەلىك ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ.پىرسوناژلار تەسۋىرى ئاز.ئىخچام ۋەقەلىك بىلەن كۆپ مەزمۇن يورتۇپ بىرىلگەن
3.يازغۇچىنىڭ ئەسىرىدە ئىشلىتىلگەن سۆزلىرىنى ئىستاستىكا قىلغاندا،ئىشلىتىلگەن ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنى تەھلىل قىلغاندا. .يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەت ئۇسلۇبىغا باھا بەرگىلى بولىدۇ.
نەۋائىنىڭ داستانى ھەر خىل ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلارغا تويۇنغان بولۇپ.بۇ
خىل ئالاھىدىلىك تىلنى ئوبرازلىق ،ئاھاڭدار ،جەلىپكار قىلىش رولىنى ئوينايدۇ.يەنى نەۋائى تىلنى ئوبرازلىق قىلىش ئۈچۈن،ئوخشىتىش ۋاستىسىنى كۆپ قوللانغان.ئارىستوتىل:«ئوخشىتىش تالانتنىڭ بەلگىسى دىگەن .نەۋائى ئەسىرىدىكى ئوخشىتىشلار روشەن،يىڭى ھەم ئىجابى بولۇپ،ئوقۇرمەننى ئىختىيارسىز ھاياجانغا سالىدۇ.بۇ ئوخشىتىشلار يىڭى ،ھەم ئىجادى بولۇپ پەقەت نەۋائىغىلا خاس ئوخشىتىشتۇر.ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئانافورا، فاراللىزىم،ئاددى تەكرارلاش،ئالتىراتسىيە قاتارلىق ئستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن ئۈنۈملىك پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ يۈكسەك بەدئى تالانتىنى نامايەن قىلغان.موللا پازىل داستانىنىڭ تىلى ئاددى چۈشىنىشلىك بولۇپ،دەبدەبىلىك سۆزلەر ئاز قوللىنىلغان.تىلى خەلىق تىلىغا يىقىن .نەۋائىنىڭ داستانىغا سىلىشتۇرغاندا ئەرەب،پارىس سۆزلىكلىرى ئاز ئىشلىتىلگەن .ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلاردىن ئوخشىتىش.سىمۋول،تەكرارلاش،سۈپەتلەش قاتارلىقلار قوللىنىلغان.
موللا پازىل داستانىڭ نەۋائى داستانىدىن سىيۇژىت جەھەتتىكى پەرىقلىرى تۆۋەندىكىدەك :
1.نەۋائىنىڭ داستانىدا قەيىسنىڭ تۇغۇلغىچە بولغان جەريانلار مۇنداق بايان قىلىنىدۇ:(ئەرەب مۈلىكىدە شۇنداق بىر بەدۆلەت كىشى بار بولۇپ،ئەرەبىستانغا ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى.مىلى جىق ئۆزى قىرىغان بولۇپ پەرزەنت ئارزۇسىدا ئىدى.ئەگەر بىر مىراسخورى بولغاندا ئۇنىڭ مىلى دۇنيادا يوقىلىشتىن ساقلىناتتى .ئۇ تەڭرىگە يالۋۇرۇپ نىمە خالىغان بولسا شۇ ئۈمىدكە يەتتى.يەنى ئۇنىڭ مەقسىدى پەرزەنت ئارزۇسىدا ئىدى.خۇدا ئۇنىڭغا ئورۇنباسار ئوغۇل بەردى.)
موللا پازىل داستانىدا مۇنداق بايان قىلىنىدۇ:(ئەرەب ئىلىدە كۈچ قۇدرەتلىك ناھايىتى زور بىر قەبىلە بار بولۇپ ئۇ قەبىلىنىڭ ئۇلۇغىنىڭ ئىتى نۇئمان ئىدى.ئۇ كىشى ئىنتايىن بىلىملىك سىخى كىشى ئىدى.بىراق ئۇ پەرزەنت ئىشقىدا مۇپتىلا ئىدى. كۈن-كۈنلەردە بىر كۈن خاجە نۇئىمان شىكارغا چىقتى .شىكاردا خىزىر سۈپەت بىر زاھىتقا ئۇچىراپ ئۆز ئەھۋالىنى ئېيتتى.زاھىد ئىنتايىن تەقۋادار كىشى بولۇپ تەڭرىدىن نىمىنى تىلىسە شۇنىڭغا ئىرىشەتتى.شۇنىڭ بىلەن زاھىد خاجە نۇئىمان ئۈچۈن مۇناجەت قىلدى.خاجە نۇئمان كىلىپ خوجەستىگە زاھىدنىڭ سىرىنى بايان ئەيلىدى.خوجەستە تەڭرىدىن فەرزەنت تىلىدى .شۇنداق قىلىپ قەيىس تۇغۇلدى.)
2.موللا پازىل داستانىدا لەيلىنىڭ ۋۇجۇدقا كىلىش جەريانىغا يىڭى مەزمۇن قوشۇلغان.يەنى تەڭرىنىڭ خاجە نۇئىمانغا فەرزەنت بەرگىنىنى ئىشتىپ خاجە سەراقە (لەيلىنىڭ ئاتىسى) كىلىدۇ.خوجە نۇئىمان بىلەن خوجە سەراقە بىرگە بىرىپ سەراقە ئۈچۈن تەڭرىدىن فەرزەنت تىلەيدۇ.شۇنىڭ بىلەن لەيلى ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.نە ۋائىنىڭ داستانىدا بۇ مەزمۇنلار بايان قىلىنمايدۇ.
3.نەۋائى داستانىدا قەيىس بىلەن لەيلىنىڭ بىر بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى لەيلىنىڭ ئاتىسىنىڭ دوستى بىلىپ قىلىپ ئاتىسىغا چىقىپ قويىدۇ.موللا پازىل داستانىدا موللا بىلىپ قىلىپ ئانىسىغا ئىيتىپ قويىدۇ. .
4.موللا پازىل داستانىدا مەجنۇن لەيلى كويىدا قەلەندەر بولۇپ لەيلى ئىشىكىنى چىكىدۇ.لەيلى ئانىسىدىن رۇخسەت ئىلىپ مەجنۇن بىلەن خوشلىشىدۇ.بىچارە مەجنۇن لەيلى ئىشقىدا قەيەردە كەچ بولسا شۇ يەردە قونىدۇ.ھەمىشە لەيلىنىڭ قەبىلىسى بار تەرەپتىكى چۆلگە قاراپ قاچىدۇ.ئاتا-ئانىسى مەجنۇننى جۇل-جۇل ھالەتتە ئۆيگە قايتۇرۇپ ئېلىپ كىلىدۇ.ئۇنىڭ بۇ ھالىتىدىن قاتتىق قايغۇرۇپ ،قەيىسنىڭ ئازابىنى يىنىكلىتىش ئۈچۈن ئۇنى زاھىدنىڭ يىنىغا ئىلىپ بارىدۇ.زاھىد مەجنۇننڭ ھالىتىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ يارىسىنىڭ ئىشىق يارىسى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ .ئاتا-ئاناسىغا مەجنۇننى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بىرىشنى تاپىلايدۇ.
نەۋائى داستانىدامەجنۇن لەيلىنىڭ دەردىدە ئۇخلىمايدۇ غىزا يىمايدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئاتا-ئانىسى ئۇنى تىۋىپقا كۆرسىتىدۇ.تىۋىپنىڭ دورا-دەرمەكلىرى ئۇنىڭ دەردىنى تىخىمۇ كۈچەيتىۋىتىدۇ.تىۋىپ ئۇنىڭ زادى قانداق كىسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلەلمەيدۇ..مەجنۇن ئۆيىدىن يەنە قىچىپ كىتىدۇ.ئاتا-ئانىسى مىڭ تەستە تىپىپ ئەكىلىدۇ.ئۇلار ئۈمىدنى پەقەت تەڭرىگىلا قويىدۇ.ئۇ چاغ ھەج مەۋسۇمى بولغاچقا مەجنۇنغا ھەجگە بىرىش نىيىتىنى بىلدۈرىشىدۇ.مەجنۇن كەئىبىگە بارغاندا مۇناجات بىلەن كۆڭلىدىكى يارلىرىنى ئېچىپ ھاجىلارنىڭ ئارىسىدا غەۋغا چىقىرىدۇ.ئىشىقنى كىمەيتۈرۈشنى تىلەپ ھەجنى زىيارەت قىلغاندىن كىيىن ئۇنىڭ ئىشىق ئوتى تىخىمۇ ئۇلغىيىدۇ.
5.موللا پازىل داستانىدا لەيلىنىڭ ئاتا ئانىسى ئۆلۈپ كىتىپ لەيلى يىتىم قالىدۇ.ئەرەب خەلقى لەيلىنى باشقا بىرىگە ياتلىق قىلىشنى خوب كۆرىدۇ.شۇنىڭ بىلەن لەيلىنى ئىبىن سالام ئاتلىق كىشىگە ياتلىق قىلىشىدۇ.توي بولۇپ بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن ئىبىن سالام بىھۇش بولۇپ يىقىلىدۇ. ئىبىن سالام چۈشىدە لەيلىنى ئىلىپ ئۆزىنىڭ چۇڭقۇر گۇناھلارغا پاتقانلىقىنى،لەيلىدىن گۇناھىنى تىلەش كىرەكلىكىنى كۆرىدۇ .ھۇشىغا كىلىپ لەيلىدىن گۇناھىنى تىلەيدۇ.كىيىن لەيلى مەككىگە بىرىپ ھەج قىلىشنى قارار قىلىدۇ.مەككىگە بارار يولدا قىرىق كۈنلۈك چۆللىك بار بولۇپ بۇ چۆلدە مەجنۇ ن بار ئىدى .بۇ چۆلدىن ئۆتكەندە لەيلى مەجنۇننى كۆرمەي ئۆتۈپ كىتىدۇ .بىراق مەجنۇن لەيلىنى كۆرىدۇ.مەجنۇن لەيلىنىڭ كىلىشىنى يەتتە يىل كۈتىدۇ.لەيلى ھەج سەپىرىدىن قايتقاندا مەجنۇن بىلەن كۆرىشىدۇ .ئۇلار زار-زار يىغلىشىدۇ.بىراق بارى ئەل لەيلىگە ئاھانەت قىلىپ مەجنۇننى قوغلىۋىتىشنى ئېيتىدۇ.ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىرى دەللە بىر مىكىر ئويلاپ چىقىدۇ.ئۇ لەيلىگە بىلدۈرمەي مەجنۇنغا :«لەيلى ئەگەر مەجنۇن چۆلنى گۈلىستانغا ئايلاندۇرسا بىرىپ ئاشۇ بوستاندا سەيلە قىلىمەن دىدى دەيدۇ.مەجنۇن سۆيىنىدۇ .نەچچە يىللار تاغۇ تاشلارنى كولاپ باياۋاندا خار-زار بولىدۇ.ئاخىرى مەجنۇن ھالسىزلىنىپ لەيلى ئالدىدا جان ئۈزىدۇ.
نەۋائى داستانىدا لەيلىنىڭ ئاتىسى لەيلىنى ئىبىن سالام ئاتلىق كىشىگە تىگىشكە زورلايدۇ.ئىبىن سالام بىلەن لەيلىنىڭ تويى بولىدۇ.توي كۈنى كەچتە لەيلى قىچىپ كىتىدۇ .چۆلگە بىرىپ مەجنۇن بىلەن كۆرىشىدۇ.كىيىن مەجنۇننىڭ ئاتا-ئانىسى مەجنۇننىڭ دەردىدە ئۆلۈپ كىتىدۇ.مەجنۇن بۇ خەۋەرنى چۈشىدە كۆرۈپ ئاتا-ئانىسىنىڭ قەبرىسى ئالدىغا كىلىپ زار-زار يىغلايدۇ.لەيلىمۇ مەجنۇننىڭ ئاتا-ئانىسىنڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ قاتتىق قايغۇرىدۇ..لەيلى كىسەل بولۇپ يىتىپ قالىدۇ.لەيلى جان ئۈزۈش ئالدىدا ئانىسىغا ۋەسىيەت قالدۇرىدۇ .بۇ چاغدا مەجنۇننىڭ قۇلىقىغا غايىپتىن سادا ئاڭلىنىدۇ.مەجنۇن دەرھال لەيلى قەبىلىسى تەرەپكە قاراپ يۈگرەيدۇ.لەيلىنىڭ جان ئۈزگەنلىكىنى كۆرۈپ مەجنۇنمۇ جان ئۈزىدۇ.
دىمەك،موللا پازىل بۇ داستاننى نەۋائىدىن 2 ئەسر كىيىن يىزىپ چىققان بولۇپ .ئۇ بۇ داستاننى يىزىشتا نەۋائىنىڭ داستانىنى قۇرمۇ-قۇر كۆچۈرمەستىن يۇقارقىدەك نۇرغۇنلىغان مەزمۇنلارنى قوشقان.تىلى ئاممىباب چۈشىنىشلىك بولۇپ موللا پازىل بۇ داستاننى ئەرەب ئەپسانىسى جۈملىدىن نەۋائىنىڭ داستانىغا ئاساسەن يازغان بولۇپ. ئاپتۇر بۇنىڭدا ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ 18-ئەسىردىكى ھىس-تۇيغۇللىرى، ئارزۇ-ئىنتىلىشلىرى،خەلىقنىڭ زار-زار يىغلاشلىرىنى،جەمىئەتتىكى تەڭسىزلىكلەرنى «لەيلى-مەجنۇن پاجئەسى ئارقىلىق سۈرەتلەپ بەردى. قىسقىسى موللا پازىل ئەرەب ئەپسانىسىنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئۆز دەۋىرىنىڭ كارتىنىسىنى سىزدى.
پايدىلانغان ماتىرىياللار:
1. موللا پازىل:«لەيلى-مەجنۇن» (بۇلاق) ژورنىلىنىڭ 1988-يىل 1-2-سانلىرى
2. ئەلىشىر نەۋائى:«لەيلى-مەجنۇن» شەرىق ھەقىقىتى نەشىرى 1959-يىل نەشىرى.
3. «ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى» 4قىسىم مىللەتلەر نەشىرىياتى 2006-يىل نەشىرى.
4. پەرىدە ئىمىن :«ئۇلۇغ خەلىقپەرۋەر شائىر موللا پازىل» (بۇلاق ) ژورنىلى1988-يىل 1-سان.
5. ئابدۇۋەلى كىرەم :«لەيلى-مەجنۇن»شەرىق ئىسلام ئەدەبىياتىدىكى تەقلىدچىلىك ھادىسىگە نەزەر.جۇڭگۇ ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيەسى ئاسپىرانتلار ئىنىستىتۇتى ئىلمى ژورنىلى2002-يىل 5-سان (خەنزۇچە)
مەنبە: ئۇيغۇرنامە تورى