ئەگەر ئاچقۇچ يوقالسا

ئابدۇۋەلى ئايۇپ
«ئۇيغۇرلۇق مۇساپەمدىكى ئامېرىكا»نىڭ داۋامى مەكتىپىمىزدىكى تىللارنى ئارخىپلاشتۇرۇش ۋە تىرىلدۈرۈش مەركىزى ناملىق ئورگان دائىم دىققىتىمنى تارتاتتى. بولۇپمۇ تىلنى تېرىلدۈرۈش دېگەن سۆزنىڭ ئىلھامى كىشىنىڭ تەپەككۇرىنى قاناتلاندۇراتتى. تىللارنىڭ ئاجىزلىشى، يىگىلىشى ۋە يوقۇلۇشى ئىنسانىيەتنى ۋەھىمىگە سېلىۋاتقان بۇ دەۋردە تىرىلدۈرۈش دىگەن ئىبارە كىشىگە يىڭنىنىڭ تۆشۈكىدەك بولسىمۇ ئۈمىد بېغىشلايتتى. بىر كۈنى بۇ ھەقتە ئويلىغانلىرىمنى ساۋاقداشلىرىم بىلەن ئورتاقلاشتىم. تىلشۇناسلىقنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى بويىچە ئىزدىنىۋاتقان بۇ ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلاردىكى قىزغىن ئىلىم تەلەپكارلىرىنىڭ ھىچقايسىسى بۇ مەسىلىگە قىزىقمايدىكەن. ئۇنداقتا بۇ خاتېرىلەش ۋە تىرىلدۈرۈش تېمىسىغا كىملەر قىزىقىپ، كىملەر مەدەت بېرىۋاتىدۇ؟ ئىزدىنىپ بىلدىمكى يەرلىك ئامېرىكا قەبىلىلىرىنىڭ تىللىرىنى خاتېرىلەش ۋە تىرىلدۈرۈش تەتقىقاتىغا دۆلەت مەبلەغ ئاجرىتىدىكەن. مەكتىپىمىزدىكى يۇقارقى ئورگان يەرلىك تىللارنى خاتېرلەش، ئارخىپلاشتۇرۇش ۋە تىرىلدۈرۈش تەتقىقاتى بىلەن مەشغۇل ئىكەن. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئوتتۇزلىرىدىن باشلاپ ھەر نۆۋەت سايلانغان ھۆكۈمەتلەر يەرلىك ئامېرىكىلىقلار دېيىلىدىغان خەلقلەرنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداشقا ئىزچىل كۈچ چىقىرىپ كەلگەن ئىكەن. بۇ مەقسەد ئۈچۈن ئىككى يىلدا بىر تىللارنى ئارخىپلاشتۇرۇش، خاتىرىلەش ۋە تىرىلدۈرۈش مۇھاكىمە يىغىن ئۆتكۈزىلىدىكەن
ئامېرىكىغا كەلمەستە ئۇيغۇر تىلىنىڭ خەۋپتىكى تىل سۈپىتىدە تەتقىق قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلەتتىم. ئامېرىكىدا تىلشۇناسلىق بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشپ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋىرسىتىتىدا ئوقۇتقۇچىلىقىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان ئۇستازىم لېتىپ توختى ئەپەندى 1995-يىلى سۆزلىگەن بىر نۇتىقىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئامېرىكىدا خەۋپتىكى تىللار قاتارىدا تەتقىق قىلىندىغانلىقىنى شەرھىلىگەن ئېدى. بۇ گەپ ئەينى چاغدا چۆچەكتەك ئاڭلانغان بولسا 2010-يىللىق خەۋپتىكى تىللارنى ئارخىپلاشتۇرۇشقا ئۇيغۇر تىلىنىڭ تىزىلغانلىقى مېنى پاكىتقا يۈزلەندۈردى. يىتەكچى ئوقۇتقۇچۇم ئارىئان دۇۋايىر خانىم مۇشۇ يىغىننىڭ تەشكىللىگۈچىللرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن 2010-يىللىق ئارخىپلاشتۇرلىدىغان تىللارنىڭ قاتارىغا ئۇيغۇرتىلىنىڭ كىرگۈزۈلگەنلىكىنى، مەن ۋە باشقا ئىككى ئۇيغۇرنىڭ خەۋپتىكى تىلنىڭ ھەقدارى سۈپىتىدە يىغىنغا قاتنىشىدىغانلىقىمنى ئۇقتۇردى.
ئورىگان ئۇنۋىرسىتىتىدا ئۆتكۈزۈلگەن خەۋپتىكى تىللارنى ئارخىپلاشتۇرۇش مۇھاكىمە يىغىن ئۈچۈن نۆۋەتكە تىزىلغانلار ئۇيغۇر تىلىدىن باشقا ئىندىئان-يەرلىك ئامېرىكىلىقلارنىڭ تىللىرى ئېدى. ئارخىپلاشتۇرىلىدىغان تىللارنىڭ ھەقدارلىرى خاتىرلىگۈچى تىلشۇناسلار بىلەن بىر داچىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولغاچقا مېنىڭ ئىندىئان تىللىرى ھەققىدە چۈشەنچە ھاسىل قىلىشىمغا ياخشى شارائىت يارىتلغان ئېدى. مەن ئۇلارنىڭ كۆزىگە قانداق كۆرۈندۈم بىلمىدىم، ئەمما تىللىرى خاتىرىلىنىۋاتقان ئون نەچچە يەرلىك (ئامېرىكىدا «ئىندىئان» بۇنداق دېيىش يەرلىك ئامېرىكا قەبىلىلىرىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرگەنلىك بولىدىكەن. شۇڭا مەنمۇ بۇ ئاتالغۇنى ئىشلەتمەي، ئۇلار يەرلىك ئامېرىكانلار دەپ ئاتايمەن.) ئامېرىكاننىڭ ھەممىسى جىمغۇر،سۇلغۇن ۋە ئېغىر ئېدى. بىر يېرىم ئايدەك بىللە تۇرۇش جەريانىدا ئۇلارنىڭ نە چاقچاقلىشىپ پاراقلاپ كۈلگىنى نە ئېچىلىپ ناخشا ئېيتىقىنى كۆرمەپتىمەن.
ئۇدۇل قوشنام پەقەت تاماكا چېكىش ئۈچۈنلا ئىشىك ئالدىغا چىقاتتى ۋە نەچچە تال سىگارتىنى بىراقلا چېكىۋېتىپ بىر كىرىپ كەتكەنچە كۆرۈنمەيتتى. چاقچاقلاشماسلىق ۋە ناخشا ئېيىتماسلىقتىن باشقا ئۇلارنىڭ يەنە بىر ئورتاقلىقى كۈچلۈك پۇراق چىقىردىغان تاماكىلارنى چېكىش ئېدى. ئۈچ قەۋەتلىك بۇ داچىدا يەرلىك ئامېرىكان كىشلەر بىلەن ئەڭ كۆپ پاراڭلاشقىنى مەن بولدۇمغۇ دەيمەن. بەلكىم ھەممىزنىڭ تىلى ۋە مىللىي مەۋجۇدلىقى خەۋىپتە قالغان بولغاچقا بىر-بىرىمىزگە تەقدىرداشتەك تۇيىلىپ يېقىنلشىپ كەتكەندىمىز بەلكىم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى يەرلىك ئامېرىكىلىقلار دەپ قەبىلە ناملىرىنى كەمدىن كەم ئاتىشاتتى. ئورىگان ئۇنۋىرسىتىتىدىكى يەرلىك ئامېرىكىلىقلارنى تەتقىق قىلىدىغان ئورۇننىڭ ئىسمى بىرىنچى مىللەت تەتقىقات ئورنى دەپ ئاتىلىدىكەن. يەرلىك ئامېرىكىلىقلار ئامېرىكىدا بىرىنجى مىللەت دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولسا كېرەك.
بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يېغىنى تولىمۇ مەزمۇنلۇق ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ چۈشتىن بۇرۇن تەتقىقاتچىلار ئۆزلىرىنىڭ بۇرۇنقى تىللارنى ئارخىپلاشتۇرۇپ خاتېرىلەش ۋە تەتقىق قىلىش جەريانىنى تونۇشتۇراتتى. خەۋپتىكى تىللارنىڭ ھەقدارلىرى تىللرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى كەلگۈسى، ئىستىقبالى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلاتتى. چۈشتىن كېيىن تىلنى ئارخىپلاشتۇرۇشتىكى تۈرلۈك تەتقىقات ئۇسۇللىرى، يۇمشاق دىتاللار تونۇشتۇرىلاتتى. تەتقىقاتچىلارنىڭ تىل تەكشۈرۈش جەريانىدا يولۇققان خۇشاللىق ۋە خاپىلىقلىرى ئورتاقلىشىلاتتى. بەزى كۈنلىرى چۈشتىن كېيىن ھەر خىل يىغىلىشلار ئورۇنلاشتۇرىلاتتى. ئورىگانلىق پروفېسسورلارنىڭ ئۆيلىرىدە يىغىلىش بوپ تۇراتتى.
تەتقىقاتچىلار ئىچىدە لاتىن نەسەپلىك بىر ئايال دوكتۇرنىڭ 12 ئادەم سۆزلەيدىغان بىر تىلنى ئۈگىنىش، خاتىرىلەش ۋە تەتقىق قىلىش جەريانى قاتناشچىلارنىڭ دىققىتنى قوزغىدى، بۇ ئون ئىككىيلەننىڭ ھەممىسى يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ رەھبىرى كاتولىك دىنىغا ئىتقاد قىلىدىغان بىر كىشى ئىكەن. دىققەتكە سازاۋەر بىر مەسىلە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى يەرلىك قەبىلىلەرنىڭ دىنسىزلىرى ئاز ئىكەن. چۈنكى خىرىسىتىيان دەۋەتچىلىرى يەرلىك تىللارنى ئۆگىنىش ۋە خاتىرلەشنى خېلى بۇرۇن باشلىغان. ھەمدە شۇ مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىلىدا دىن تارقىتىپ خېلى نەتىجىگە ئېرىشكەن. ( بۇ دەۋەتچىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ مەھەللىسىدىكى دىنسىزلارنى قويۇپ ئورماننىڭ ئىچكىرىسىدە ياكى تاغلىق رايۇنلاردا ياشايدىغان يەرلىكلەرگە دىن تارقىتىمەن، دەپ زورۇقۇپ كېتىشلىرى تەئەججۈپۈك تۇيۇلىدۇ) ھېلىقى دوكتۇر تەتقىق قىلغان ئۆزىنى كاراينا (ئادەم) دەپ ئاتايدىغان 12 نوپۇسلۇق بۇ مىللەتنىڭ ھەممىسى كاتولىك ئىكەن. چىركاۋدا ئانا تىلىنى ئىشلىتىدىكەن. بۇلار ئاساسلىقى ئوۋچىلىق ۋە بېلىقچىلىق بىلەن تۇرمۇشنى قامدايدىكەن.
ھازىر كاراينالارنىڭ تىلىنىڭ يوقۇلۇشقا سەۋەپ بولىۋاتقىنى كىشىلەرنىڭ شارائىتى ناچار ئەسلى يۇرتىدىن پۇرسەت ۋە موھىت جەھەتتە ياخشى شەھەرلەرگە چېچىلىپ كەتكەنلىكى ئىكەن. مەن ئۇلارنىڭ 60 ياشلاردىكى رەھبەرى بىلەن پاراڭلاشقىنىمدا ئۇنىڭ » ئۇلار ئىلغار قۇراللار بىلەن زىمىنىمىزنى بېسىۋالدى. ئېنگىلىزچە مائارىپ بىلەن تىلىمىزنى مۇنقەرز قىلدى. ئىقتىسادىي يارىدەم بىلەن روھىمىزنى قۇل قىلدى. مانا بۈگۈن بىر مىللەتنىڭ تىلى 12 ئادەمگە مىراس قالدى. بۇ دۆلەت ھازىر بىزنى ساقلاپ قالماقچى، تىلىمىزنى تىرىلدۈرمەكچى. ئەمما بۇ تولىمۇ كېچىككەن ئويغىنىش بولدى. نوپۇسى ئازلاپ مەۋجۇدلۇق ئۈمىدى يوقالغان مىللەتنىڭ ئاخىرقى ئەۋلاتلىرى ساقلاپ كىلىۋاتقان بۇ تىلىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكى ھەممىمىزگە ئايدىڭ. بۇ ئىش خۇددى دۆلەت قۇرۇشقا قۇربىتىمىز قالمىغاندا زېمىن ئايرىپ بېرىلگەندەك، مۇستەقىل ھاكىميەتكە ئىھتىياجىمىز قالمىغاندا ۋاشىنگىتوندا ئەلچىخانا قۇرۇپ بەرگەندەك، تۆلەم ئالغىدەك نوپۇسىمىز قالمىغاندا تارىختا چەككەن زۇلۇملىرىمىز ئۈچۈن تۆلەم تۆلىگەندەك بىر ئىش بولۇۋاتىدۇ » دېگەن سۆزىنى ئۈنگە ئېلىۋالغان ئىدىم. ھەر قېتىم قايتا ئاڭلىسام ئېغىر كۆڭۈلسىز تۇيغۇلارغا چۆمۈلىمەن. ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن داچا ئالدىدىكى دۆڭلۈكتە ئۈنسىز تاماكا چېكىپ ئولتۇرۇپ كېتىدىغانلىقىنىڭ تېگىگە يەتكەندەك بولىمەن.
بۇ يىغىنغا قاتناشقان تىلشۇناسلارنىڭ بايانلىرى ئىچىدە مېنى ئەڭ قىزىقتۇرغىنى ئۇلارنىڭ يەرلىك تىللارنى قوغداش جەريانىدىكى غەلبىلىك تەجرىبىلىرى ۋە نەتىجىلىك تىرىشچانلىقلىرى بولدى. يىغىن ئەھلى بىردەك مۇئەييەنلەشتۈرگەن ئۇتۇقلۇق تەجرىبە يەرلىك مىللەت تىللىرىدا دەرسلىك تۈزۈپ مەكتەپلەردە قوللىنىش بولدى. سۇزەن ئىسىملىك بىر تىلشۇناس ئۆزى باش بولۇپ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئۈچۈن تۈزگەن ئەدەبىيات، يەرلىك تارىخ، يەرلىك تەبىئەت بىلىملىرى ۋە يەرلىك جۇغراپىيە دەرسلىكلىرىنى تونۇشتۇردى. دەرسلىك ھەم خەتلىك ھەم كۆرۈنۈشلۈك قىلىپ تۈزۈلگەن بولۇپ قىزىقارلىق ئىدى. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئۈچۈن تۈزگەن ئەدەبىيات دەرسىدە ئوقۇغۇچىلار چۆچەكلەرنى كىتابتىن ئوقۇپلا قالماي چۆچەكچى بوۋاي مومايلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپ، ھەرىكەتلىرىنى كۆرەلەيتتى. بۇ تىلشۇناس بىر يىللىق تەتقىقاتنى تاماملاپ ئىككى ئۈچ يىل ئۆتۈپ قايتا تەكشۈرۈشكە بارغىنىدا ئۇ دەرس ئۆتكەن ھېلقى مەكتەپنىڭ دەرۋازىسىغە يەرلىك ئامېرىكىلىقلارنىڭ تىلدا «سۇزەن خانىم، سىزنى مەڭگۈ سۆيىمىز!» دېگەن پىلاكاتىنىڭ ئېسىلغانلىقىنى كۆرۈپتۇ.
يىغىندا يەنە بىر تىلشۇناس ئامېرىكىدا ئىرقچىلىق، مۇستەملىكىچىلىك ئىددىيلىرى ۋە قىلمىشلىرى قانۇننىڭ شەرتسىز ئىجراسى، جامائەت پىكىرىنىڭ ئەيىپلىشى ۋە نازارىتى بىلەن تارىخقا ئايلانغان بولسىمۇ ئېنگىلىز تىلدا بىر قىسىم سۆزلەردە ئۇلارنىڭ قالدۇقلىرى ھىلىمۇ ساقلىنىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. بۇنىڭغا مىسال سۈپىتىدە تىلشۇناسلىقتا دائىم قوللىنىلىدىغان «دالا تەكشۈرۈش» دېگەن سۆزدە مۇستەملىكچىلىك خاھىشىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭچە باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلىنى تەكشۈرمەكچى بولغان تەتقىقاتچىنىڭ «دالا تەكشۈرىمەن» دېگىنى ئادەمنى دالىدىكى ئات-كالا ياكى بۇغداي-قوناققا ئوخشاتقىنى بولىدىكەن. شۇڭا تەتقىقاتچىلار تىل تەكشۈرۈشنى دالا تەكشۈرۈش دېمەسلىك ئارقىلىق مۇستەملىكچىلىكنىڭ تىلدىكى ۋە دىلدىكى ئىزلىرىنى پاكىزلەشلىرى زۆرۈر ئېكەن. بۇ تەشەببۇس تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. 2012-يىلى كانزاس ئۇنۋىرسىتىتىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان خەۋپتىكى تىللارنى ئارخىپلاشتۇرۇش مۇھاكىمە يىغىندا بۇ سۆزنىڭ ئورنىغا تىل تەكشۈرۈش دىگەن سۆز قوللۇنىلىدىغان بولدى.
يىغىن قاتناشچىلىرىدىن ئاۋىستىرالىيلىك بىر تىلشۇناس بىلەن بىر داچىدا بىر ئايدىن ئارتۇق بىللە تۇردۇق. ئۇنىڭ «بىر تىلنىڭ يوقۇلۇشى ئىنسانىيەتكە ئورتاق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان بىر خىل ئۇسۇلنىڭ غايىپ بولغانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ. بىز مۇزلۇقتا قانداق ياشاشنى ئىسكىموسلارنىڭ تىلىدىن، يايلاقلارنى قانداق ئاسراشنى قىرغىز، قازاق ۋە مۇڭغۇللارنىڭ تىلىدىن، دېڭىزدىن ئەڭ يىراق قۇرغاق ئىچكى قۇرۇقلۇقتا قانداق ياشاش ۋە كۆچمە قۇملۇقنى قانداق تىزگىنلەشتە ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىدىن ئۈگىنىشىمىز كېرەك» دېگەن سۆزلىرى دىقىتىمنى تارتقان ئېدى. ئۇنىڭ دىگەنلىرى توغرا ئېدى. بىر ئاۋستىرالىيىلىك جۇغراپىيە ئالىمىنى شىمالىي قۇتۇپتىكى ئاق قار، كۆك مۇز بىلەن قاپلانغان دالىغا ئەۋەتىلسە ئۇنىڭ ياشاش ئىقتىدارى شۇ يەردە ئۆسكەن ساۋاتسىز بېلىقچىنىڭ ئالدىدا يىپ ئىشىپ بىرەلمەسلىكى مۇمكىن. ئەگەر ئىسكىموسلارنىڭ تىلى يوقالسا شۇ زېمىندىكى ئۆسۈملۈك، تاغ-دەريالار، ئورمان-كۆللەر، جانلىقلار ۋە مەدەنلەر ھەققىدە ئىسكىمۇسلارنىڭ تىلىغا جۇغلانغان نەچچە مىڭ يىللىق بىلىم غايىپ بولغان بولىدۇ. ئىسكىموسلارنىڭ تىلى يوقالدى دېگەنلىك ئۇلار ياشايدىغان ماكان ھەققىدىكى بارلىق مەلۇمات ۋە ئۇلارنىڭ مىللىي بىلىم غەزىنىسى ئاچقۇچىنى يوقاتقان دۇنيادەك تاشلىنىپ قالدى دېگەنلىكتۇر.
ئاۋستىرالىيىلىك تىلشۇناس خانىمنىڭ «قۇرغاق ئىچكى قۇرۇقلۇقتا ياشاش ۋە كۆچمە قۇملۇقنى تىزگىنلەشتە ئۇيغۇرلاردىن ئۆگىنىشمىز كېرەك» دېگەنلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بىر خەنسۇ ئىقتىسادشۇناسنىڭ دېگەنلىرى ئېسىمگە كەلدى. 1999-يىلى بىر خەنسۇ ئىقتىسادشۇناس مەرھۇم دوستۇم ئابدۇۋەلى ھېمىت بىلەن خوتەندە بىر قانچە كۈن بىللە تەكشۈرگەندىن كېيىن بەرداشلىق بېرەلمەي، «بۇ يەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ھۆكۈمەت بىر تۇتاش مۇئاش بېرىشى كېرەك ئىكەن. ئۇلارنىڭ مۇشۇ زېمىننى قۇم بورانغا تاشلاپ بەرمەي ساقلاپ قېلىۋاتقىنىلا يەر شارىنىڭ ئىكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلىقى ئۈچۈن زور تۆھپە. شۇڭا بۇ كىشىلەرنى ھەرقانداق مۇكاپات ۋە ماختاشلار بىلەن مۇشۇ يەردە داۋاملىق ياشاشقا كۆندۈرۈش ھاكىمىيەتتىكىلەرنىڭ ئەڭ موھىم ۋەزىپىسى» دېگەنىكەن. دېمەك، جاھاننىڭ ئىشلىرىنى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ بۈگۈنكى، ئەتىكى مەنپەئەتى، ۋە ئىستىقبالى نوقتىسىدىن ئويلىيالايدىغان كىشىلەر تەكلىماكان قۇملۇقىنى توسۇن ئاتنى كۆندۈرگەندەك قولىغا ئۈگىتىپ يەرشارى ئىكولوگىيىسى ئۈچۈن ئۈنسىز تۆھپە قوشۇۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئۈگىنىشنى تەشەببۇس قىلىدىكەن. ئۇلارنىڭ تىلىنى خەۋپتە قېلىپ يوقاپ كەتمىسۇن دەپ خاتېرىلەپ ئارخىپلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدىكەن. بۇ تىلنى قانداق ساقلاپ قىلىش ھەققىدە مۇھاكىمىلەر يۈرگۈزىدىكەن. دۇنيادا ئۆزىنىلا ئويلايدىغان، ئۆزىنىڭ تويماس نەپسىدىن باشقا ھېچ ئىشقا قىزىقمايدىغان كىشىلەرچۇ! شۇنداق كىشىلەرنى سەمرىتىۋاتقان ھاكىمىيەتلەرچۇ! «ئاق مۈشۈك، قارا مۈشۈك چاشقان تۇتقان ياخشى مۈشۈك»دېگەن پۇلپەزلىكنى قىبلىنامە قىلغان جەميەتتىچۇ! ئۇلارنىڭ ئېڭىدا ئاق قارا، ھەق ناھەق، توغرا خاتا ۋە ياخشى يامانلىقنىڭ بىرلا ئۆلچىمى بار ، ئۇ بولسا قورساقنىڭ غېمى ۋە بۈگۈنكى نەپ. لېكىن بۇ يەردە كېيىنكىلەرنىڭمۇ ھەققى بار. بۇ زېمىنغا ئۈنگەن كىشىلەر ئۆز يېرىنىڭ تومۇر سوقۇشلىرىغا قەدەرتىڭشاپ مىجەزىنى ئىگىلىگەن ۋە بۇ يەرنى قانداق ياشاش، قانداق ئاسراش ۋە كېينكىلەرگە قانداق مىراس قالدۇرۇشنىڭ كىتابلاردىن تېپىلمايدىغان قىممەتلىك رىتسىپلىرىنى يەكۈنلەپ چىققان. ئەگەر بۇ مىللەتنىڭ تىلى كۈنسىرى زورىيىۋاتقان خەۋپتىن يوقالسا بۇلغانغان زېمىن، بۇزۇلغان ھاۋا ۋە گىياھسىز چۆللەردە ياشاشنىڭ رىتسىپىنى كىملەر كىمدىن ئۈگىنىلىدۇ؟!
ئۆزگەرسەڭ دەيمەن. مەن سۆيۈپ يازغانلىرىمنى ھاياتتىن مەنە ئىزدىگەن، يامان ئادەتلەرگە، خاتا پوزىتسىيەگە، ناتوغرا تەپەككۇرغا قۇل بولۇشنى رەت قىلغان، مۇۋەپپەقىيەتتىن ۋاز كەچمەيدىغان بارلىق قەدىردانلىرىمغا سۆيۈنۈپ ھەدىيە قىلىمەن. كۆزلىگىنىم ئورتاق خۇشاللىق، كۈيلىگىنىم ئۆزگىرىش مارشى، ئۈمىد مارشىدۇر.