خەلق ئەدەبىياتىدىكى شاتۇتى ئوبرازىنىڭ مەنبەسى توغرىسىدا
خەلق ئەدەبىياتىدىكى شاتۇتى ئوبرازىنىڭ مەنبەسى توغرىسىدا
ئەنۋەر مەتسەيدى
مۇھىم مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە، دۆلىتىمىز ئىچى-سىرتىدىكى مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلارغا بىرلەشتۈرۈپ، سېلىشتۇرما ئەدەبىيات نوقتىسىدىن، شاتۇتى ئوبرازىنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە ئۇنىڭ خەلق ئەدەبىياتى مۇھىتىدىكى ئىپادىلىنىشى سېلىشتۇرما نۇقتىدا تەھلىل قىلىنىدۇ ھەم ئۇنىڭ مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى مۇلاھىزە قىلىنىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: خەلق ئەدەبىياتى شاتۇتى ئوبرازى تەھلىل
شاتۇتىدىن ئىبارەت بۇ گۈزەل، ئەقىللىق قۇش بىزنىڭ فولكلور ئەسەرلىرىمىزدە كۆپ ئۇچرايدۇ. شۇنداقلا جانلىق تىلىمىزدىمۇ كۆپ ئىستېمال قىلىنىدۇ. فولكلور مىراسلىرىمىزدا ئۇنىڭغا بەزى تۇراقلىق خاراكتېر-ئالاھىدىلىكلەر بېرىلىپ، بىر مۇكەممەل بەدىئىي ئوبرازغا ئايلانغان. دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى شاتۇتى ئوبرازىنىڭ ئەدەبياتتا ئىدېئال تۈس ئېلىپ مەيدانغا چىقىشى ئالدى بىلەن بۇددا دىنى ۋە بۇددىزم ئەدەبىياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ. دەرۋەقە، شاتۇتى ئوبرازى بۇددا نوملىرى ئىچىدىكى «جاتاكا» ۋە باشقا تىپتىكى ھېكايىلەردە ئەڭ كۆپ كۆزگە تاشلىنىدۇ. ھىندىستاندا ھازىرغىچە تارقىلىپ كەلگەن ھېكايىلەر ئىچىدىمۇ شاتۇتى بىلەن مۇناسىۋەتلىكلىرى ئىنتايىن كۆپ. مەسىلەن، «ھىندىستان خەلق چۆچەكلىرى» ناملىق كىتابنىڭ ئۆزىدىلا ماۋزۇسى شاتۇتىغا مۇناسىۋەتلىك ئون پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە بار. بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، بۇددا نوملىرىدىكى شاتۇتىغا ئائىت ھېكايىلەر بۇددا دىنىنىڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، دۆلىتىمىزگە، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئارىسىغا تارقالغان. ئەرەب، پارس ئەدەبىياتى ۋاسىتىسى بىلەن تېخىمۇ مىللىيلىشىش، يەرلىكلىشىش، ئۆزلىشىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈپ، مىللىي ئەدەبىيات گۈلزارلىقىمىزدىكى ئۆزگىچە پۇراققا ئىگە گۈلگە ئايلانغان. تۆۋەندە دۆلىتىمىز تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بىر قىسىم تەتقىقاتىغا بىرلەشتۈرۈپ ئۆزۈمنىڭ بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن.
شاتۇتى گەرچە دۆلىتىمىزدە خېلى بۇرۇن مەۋجۇت بولغان قۇش بولسىمۇ (بۇ ھەتتىكى خاتىرىلەر «山海经»دىمۇ تىلغا ئېلىنغان)، بىراق ئۇنىڭ ئادەملەشتۈرۈلگەن ياكى ئىلاھلاشتۇرۇلغان ئوبرازى يەنىلا قەدىمكى ھىندىستان ۋە بۇددا دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.① بۇددىستلار شاتۇتىنى خەيرلىك قۇش دەپ قارايدۇ. بۇددا نوملىرىدا كۆپىنچە شاتۇتى بۇددانىڭ بۇرۇنقى سىياقلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدۇ. بۇددانىڭ گۈزەللىكى، ئۇلۇغلۇقى، پەزىلىتى قاتارلىقلار شۇ سەۋەبتىن شاتۇتى ئۈستىگە مۇجەسسەملەشكەن. پالى تىلىدىكى «جاتاكا»دا « ئۇلۇغ شاتۇتىنىڭ يارالمىشى» ناملىق بىر ھېكايە بار. ھېكايىدە ساكيامۇنى بۇددانىڭ ئىلگىرى شاتۇتى پادىشاھى بولغانلىقى سۆزلىنىدۇ. ئۇنىڭدا شاتۇتىنىڭ خاراكتېرى ئەقىل-پاراسەتكە باي ۋە دوستقا سادىق بولۇشتەك پەزىلەتلەر بىلەن سۈپەتلىنىدۇ. دۆلىتىمىزدە جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقالغان ھېكايىلەردىكى شاتۇتى ئوبرازىمۇ ئومۇمەن خاراكتېر جەھەتتىن يۇقىرىقىغا ئوخشاش. ئىچكىرىدە شاتۇتى ھەققىدە تارقالغان ھېكايىلەر ئىچىدە مۇنداق ئىككى خىل ھېكايە بۇ جەھەتتە ئەڭ تىپىك. بىرى، «جاتاكا» چۆچەكلىرىگە مەنسۇپ بولۇپ، ئۇنىڭدا بۇددانىڭ ئىلگىرىكى ھاياتىدا شاتۇتى بولۇپ، تاغدىكى ئوتنى ئۆچۈرگەنلىكى ھەققىدىكى ھېكايە. يەنە بىرى خەلق ئىچىدە تارقالغان بولۇپ، شاتۇتىنىڭ ۋاپادارلىقى سۆزلىنىدىغان مەشھۇر ھېكايە. بۇ ھېكايىدە دېيىلىشىچە، بۇرۇن قارلىق تاغدا بىر شاتۇتى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئەما ئىكەن. تۇتىقۇش دائىم ياخشى مېۋىلەرنى تېپىپ كېلىپ، ئاتا-ئانىسىغا بېرىدىكەن. شۇ يۇرتتا بىر زېمىندار بولۇپ، ئۇ جانلىقلارنىڭ يېيىشى ئۈچۈن زىرائەت تېرىپتۇ. بۇنى ئۇققان شاتۇتى ئۇنىڭ ئېتىزلىقىدىن دان ئېلىپ كېلىپ ئاتا-ئانىسىنى بېقىشقا باشلاپتۇ. زېمىندار بىر كۈنى قۇشلار ۋە جان-جانىۋارلارنىڭ شال ئېتىزىدىكى باشاقلارنى قالايمىقان ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقنى كۆرۈپ ئاچچىقى كەپتۇ-دە، تور سېلىپ شاتۇتىنى تۇتۇۋاپتۇ. تۇتى زېمىندارنىڭ ياخشى كۆڭلىنى ماختاپ، ئۆزىنىڭ باشاقلارنى ئاچ كۆزلۈك سەۋەبىدىن ئالمىغانلىقىنى، ئۇنىڭ بىلەن ئەما ئاتا-ئانىسىنى بېقىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپتۇ. زىمىندار شاتۇتىنىڭ سۆزىدىن ئۇنىڭ ۋاپادارلىقىغا قايىل بولۇپ، ئۇنىڭ دائىم كېلىپ باشاقلارنى ئېلىپ كەتسە بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بۇ ھېكايىنىڭ ئاخىرىدا شاتۇتىنىڭ ئەسلىدە بۇددا ئىكەنلىكى سۆزلىنىدۇ. كۆرۈشكە بولىدۇكى، دۆلىتىمىزدە تارقالغان بۇددىزم ھېكايىلىرىدە تۇتىقۇش يەرلىك مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. يەنى ئاتا-ئانىغا ۋاپادار بولۇشتەك كۇڭزىچە نۇقتىئىنەزەر بىلەن بىرلىشىپ، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا ئايلىنىپ كەتكەن.② دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر نۇقتا شۇكى، يۇقىرىقى ھېكايە ھىندىستاندا ھازىرغىچە ئۆز تەسىرىنى يوقاتمىغان. ھىندىستاندا ھازىرمۇ «شاتۇتىنىڭ بۇرچى» ناملىق بىر ھېكايە تارقىلىپ كەلمەكتە. بۇ، دەل يۇقىرىقى بۇددىزم ھېكايىسىنىڭ ئۆزگەرگەن شەكلى بولۇپ، ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، ئۇنىڭدا شاتۇتىنىڭ پادىشاھنىڭ شاللىقىدىن باشاق ئېلىشى پەقەت ئاتا-ئانىسىنى بېقىش ئۈچۈنلا بولماستىن، يەنە پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەش ئۈچۈندۇر.
بۇددا نوملىرىدىكى تۇتى ھېكايىلىرىدىن باشقا، قەدىمكى ھىندىستاننىڭ سانسكرىت تىلىدا خاتىرىلەنگەن ھېكايە كىتابلىرىدىمۇ تۇتى ھەققىدىكى ھېكايىلەر ناھايىتى كۆپ. بۇنىڭ ئىچىدە تۆۋەندىكىلىرى بىر قەدەر تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە:
«تۇتى ھەققىدە 72 ھېكايە». بۇ كىتاب ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ تارقالغان ۋە تەسىرى چوڭ بولغان «تۇتىنامە» ناملىق كىتابنىڭ ئەسلىي مەنبەسى. ئۇ ھىندىستاننىڭ تىپىك ھالدىكى چاتما قۇرۇلمىلىق ھېكايىلەر توپلىمى بولۇپ، «مىڭ بىر كېچە»گە ئوخشايدۇ. بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ھېكايىلەر «جاتاكا» ھېكايىلىرى ئىچىگىمۇ كىرگۈزۈلگەن. مەسىلەن: «罗达本生»④ (迦丹波利) دېگەن ھېكايىدە ساخاۋەت پەرىشتىسى بىر گۈزەل قىزغا ئايلىنىپ پادىشاھقا سۆزلىيەلەيدىغان، قابىلىيەتلىك بىر شاتۇتى سوۋغا قىلىدۇ. پادىشاھنىڭ تەلىپى بىلەن شاتۇتى ئۆزىنىڭ سەرگۈزەشتلىرىنى سۆزلەپ بېرىدۇ: ئۇ ئەسلىدە بىر يېتىم ئوغۇل بولۇپ، ئوۋچى قوغلاپ كەلگەندە ئورماندا بىر ئەۋلىيانىڭ ئوغلى تەرىپىدىن قۇتۇلدۇرۇۋېلىنغان. ئەۋلىيا شاتۇتىنىڭ بۇرۇنقى ھاياتلىقتىكى ئەھۋالىنى سۆزلەپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەسلىدە شاتۇتى بىر ياش بولۇپ، مۇرەككەپ مۇھەببەت پاجىئەسى تۈپەيلىدىن قارغىشقا ئۇچراپ تۇتىقۇشقا ئايلىنىپ قالغان ئىكەن. ئاخىرىدا ساخاۋەت پەرىشتىسى پەيدا بولۇپ، پادىشاھقا ئۇنىڭ ئەسلىدە ئاي ئىلاھى ئىكەنلىكىنى، قارغىش بىلەن ئادەمگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاي ئىلاھى ئاسمانغا چىقىپ كېتىدۇ. شاتۇتى بولسا قايتىدىن ئادەم قىياپىتىگە كېلىپ پادىشاھ بولۇپ تىكلىنىدۇ.⑤ بۇ ھېكايىنىڭ ۋاقتى 6~7-ئەسىرلەرگە توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭدا قەدىمكى ھىندىستاننىڭ ھاياتلىقنىڭ دەۋر قىلىپ تۇرۇشى توغرىسىدىكى نەزەريىسىنىڭ ئىزناسى ناھايىتى روشەن.
«شيەنسىنىڭ تەرجىمىھالى» (仙赐传). بۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، بىر شاھزادە بولۇپ، چۈشىدە گۈزەل بىر مەلىكىگە ئاشىق بولۇپ قالىدۇ، ھەر تەرەپتىن ئۇنى ئىزدەشكە باشلايدۇ. بىر كېچىسى تاغدىكى يوغان بىر تۈپ دەرەخنىڭ تۈۋىدە، دەرەخ ئۈستىدىكى بىر جۈپ جىگدىچى قۇشنىڭ پارىڭى قۇلىقىغا كىرىپ قالىدۇ. ئۇلار مەلۇم بىر مەملىكەتنىڭ شيەنسى ئىسىملىك مەلىكىسىنىڭ بىر شاھزادىنى چۈشىدە ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، ئۆزىنىڭ شاتۇتىسىنى ئۇنى ئىزدەشكە ئەۋەتكەنلىكى توغرىسىدىكى ۋەقەنى سۆزلىشىۋاتقانىدى. شاھزادە جىگدىچى قۇشلارنىڭ پارىڭى بويىچە ئۆزى ياخشى كۆرۈپ قالغان مەلىكە بىلەن ئاخىرى دىدار كۆرۈشىدۇ.⑥ بۇ ئەسەرمۇ 6~7-ئەسىرلەرگە تەئەللۇق بولۇپ، بىر قەدەر قەدىمكى سانسكرت ئەدەبىياتىغا مەنسۇپ. كىشىلەر بۇ ھېكايىنىڭ ئەسلىي شەكلى «بۇددا جاتاكا نومى»دىكى «ئۇلۇغ يول جاتاكاسى» (大隧道本生) نىڭ غول ھېكايىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارايدۇ. ئۇلار يەنە يۇقىرىقى ھېكايە ئەسلىدە بىر بۇددىزم ھېكايىسى ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ يېزىلغان، ئۇنىڭدا ئىلگىرى سۈرۈلگىنى باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش ۋە ۋاپادارلىقنى تەرغىب قىلىشتىن ئىبارەت دەپ قاراپ، بۇنىڭغا بىز يۇقىرىدا مىسال ئالغان، بۇددا نوملىرىغا كىرگۈزۈلگەن «تۇتى بالىسىنىڭ ئەما ئاتا-ئانىسىنى بېقىشى»نى پاكىت قىلىپ كۆرسىتىدۇ.⑦ بۇ ئەسەرنىڭ 16-ئەسىر تەسەۋۋۇپ ئەدەبىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى زور. ئۇيغۇرلار ئارىسىغا كەڭ تارقالغان «باھار دانىش» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىدىكى ۋەقەلىك ۋە ئۇنىڭدا تەسۋىرلەنگەن تۇتى ئوبرازى ئۇنىڭغا سەل ئوخشىشىپ قالىدۇ.
شاتۇتى ھەققىدىكى مەسەل-چۆچەكلەر ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا بەلگىلىك نىسبەتنى ئىگىلىشى ھەرگىز تاسادىپىي ھادىسە ئەمەس. يۇقىرىدا تىلغا ئالغان «تۇتىنامە»، «باھار دانىش» قاتارلىق ھېكايە توپلاملىرى ئەسلىي ھىندىستاندا مەيدانغا كەلگەن ھېكايىلەر ئاساسىدا ئىجادىي ئىشلەنگەن بولۇپ، كېيىنچە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەركىبىي قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن.
ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا شاتۇتى ئوبرازى خان-پادىشاھلار، بايلارنىڭ ئەرمەك قۇشى، شۇنداقلا گۈزەل، ئىبرەتلىك ھېكايىلەر بىلەن كىشىلەرنى تەربىيىلىگۈچى ئەقىللىق، سۆزمەن خاراكتېردە، بەزىدە سەلبىي خاراكتېردە تەسۋىرلىنىدۇ. مەسىلەن: «شاھ بىلەن شاتۇتى»⑧، «شاتۇتىنىڭ كېلىپ چىقىشى»⑨، «شاتۇتىنىڭ پاجىئەلىك ئاقىۋىتى»⑩، «شاتۇتى بىلەن بۇلبۇل»⑾، «ۋاپادار شاتۇتى ھېكايىسى»⑿ قاتارلىقلار. ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى شاتۇتى ئوبرازىنىڭ ھىندىستان خەلق ھېكايىلىرىنىڭ، بولۇپمۇ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بۇددىزم ھېكايىلىرىنىڭ، ئۇنىڭدىن باشقا پارس ئەدەبىياتى ئارقىلىق تارقىلىپ كىرگەن «تۇتىنامە»، «باھاردانىش» قاتارلىق كىتابلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق. ئەرەبلەرنىڭ «مىڭ بىر كېچە» ھېكايىلىرىنىڭمۇ بەلگىلىك تەسىرى بولغان بولۇشى مۇمكىن. بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتىدىغىنى، شاتۇتى ئوبرازىدا بۇددا دىنى ئەقىدىسىنىڭ روشەن ئىزلىرى ساقلانغان. تۇتىنىڭ ئەقىللىق، باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىدىغان، ساۋابلىق ئىش قىلىدىغان ئىجابىي خاراكتېرگە ئىگە قىلىنىشى بۇددا دىنىنىڭ تەسىرىنى كۆرسەتسە، ئۇنى سەلبىيلەشتۈرۈپ ھاكاۋۇر، مەنمەنچى كىشىلەرنىڭ تىپى قىلىپ تەسۋىرلەش («شاتۇتىنىڭ پاجىئەلىك ئاقىۋىتى»)، («شاتۇتى بىلەن بۇلبۇل») يەرلىك مەدەنىيەت ۋە ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ. قىسقىسى، ئۇ دۆلىتىمىزگە تارقىلىپ كىرگەندىن كېيىن، ئىچكىرىدە كۇڭزىچىلىق بىلەن، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بولسا ئىسلام ئەخلاقىي مىزانلىرى بىلەن ئىسلاھ قىلىنىشىتەك جەرياننى بېسىپ ئۆتكەن.
خەنزۇچە تارىخىي مەنبەلەردە شاتۇتى ئەجنەبىيلەر قۇشى ياكى چەت ئەللىكلەرنىڭ سوۋغات بۇيۇمى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. گەرچە تۇتىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ ئەسلىي يۇرتى ھەققىدە مۈجمەل بولسىمۇ، «لۇڭ دى» (陇坻 ــ ھازىرقى گەنسۇ تەۋەسىدە)، «قاراقۇرۇم»، «ليۇ شا» (流沙 ـــ ھازىرقى تەكلىماكاننى كۆرسىتىدۇ) دېگەندەك ئىسىملار ئۇچرايدۇ. بىراق، بۇرۇنقىلارنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە غەربىي يۇرت ھىندىستاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. شۇڭا، نۇرغۇن خەنزۇ تەتقىقاتچىلار تۇتى قۇش ھىندىستاندىن جۇڭگوغا كەلگەن دەپ قارايدۇ.⒀ تارىخىي خاتىرىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھىندىستان تۇتىسى جۇڭگوغا كىرگەندىن كېيىن پادىشاھلارنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشكەچكە، ئەدىبلەرنىڭ، بولۇپمۇ ساراي شائىرلىرىنىڭ قىزىقىشىغا ئايلانغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ ھال جۇڭگودا تاڭ دەۋرىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن بىر قاتار شاتۇتى ھەققىدىكى ھېكايىلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئاساس بولغان ھەم بۇ ھېكايىلەر ئىزچىل تۈردە ھىندىستان بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ كەلگەن.
خەنزۇ تەتقىقاتچىلىرى ئۇزۇندىن بېرى بۇددىزم ھېكايىلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ شاتۇتى ھەققىدىكى ھېكايىلىرىگە كۆرسەتكەن تەسىرى توغرىسىدا كۆپلەپ سېلىشتۇرما تەتقىقات ئېلىپ باردى.⒂ ئۇلار بىردەك ھالدا، بۇ خىل ھېكايىلەرنىڭ ھىندىستان بىلەن يەنى بۇددا نوملىرىنىڭ تەرجىمە قىلىنىپ جۇڭگوغا تونۇشتۇرۇلۇشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىشىدۇ. بىزگە مەلۇم، بۇددا دىنى غەربىي يۇرت ئارقىلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تارقالغان. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خېلى بۇرۇنلا بۇددا نوملىرىنى تەرجىمە قىلىش، شەرھلەش ئىشلىرى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر خەلق چۆچەك- مەسەللىرى ئىچىدە تۇتىغا مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر خېلى زور سالماقنى تەشكىل قىلىشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شاتۇتى ئوبرازىنىڭ نۇرغۇن جەھەتلەردىن ھىندى ھېكايىلىرى ۋە بۇددىزم چۆچەكلىرىدىكى شاتۇتى ئوبرازى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىشى ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى پەرەزلىرىنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان بىر تەرەپ. شاتۇتىنىڭ ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتىدا دائىم دېگۈدەك نۇرغۇن سىرلارنى بىلگۈچى، ياخشى ئىشلاردىن تەلىم بەرگۈچى، ساۋابلىق ئىش قىلغۇچى ۋاپادار، تەقۋادار قۇش سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىشى ئۇنىڭ ھەقىقەتەن ئەسلىدىنلا بۇددا دىنى بىلەن، بولۇپمۇ بۇددا دىنىنىڭ ئەۋلىياسى ساكيامۇنىنىڭ ئوبرازى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
دېمەك، شاتۇتى ئەسلىي ھىندىستاندىن كىرگەن، شۇنداقلا تۇتى ھەققىدىكى ھېكايىلەرمۇ دۆلىتىمىزگە ھىندىستاندىن شىنجاڭ ئارقىلىق تارقالغان. ھىندىستانلىقلاردىكى كۈچلۈك دىنىي ئاڭ ۋە ھاياتلىقنىڭ دەۋر قىلىپ تۇرۇش نەزەرىيىسى، ھىندى خەلق ئەدەبىياتىدىكى تۇتى ئوبرازىغا ئادىمىيلىك، ئىدېئولوگىيىلىك تۈس بەخش ئەتكەن. ھىندى بۇددىزم ئەدەبىياتىدىكى تۇتى ئوبرازى تەپەككۇر قىلالايدىغان، ئادەملەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان، ھېسسىيات ئالماشتۇرالايدىغان خاراكتېر-خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولۇپ، ئۇلار بۇددا نوملىرى ۋاسىتىسى بىلەن غەربىي يۇرت ئارقىلىق دۆلىتىمىزگە كىرگەن. يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن بۇدساتۋانىڭ بۇرۇن شاتۇتى قىياپىتىدە نۇرغۇن ساۋابلىق ئىشلار قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايە ئەنە شۇخىل يول بىلەن ئەڭ دەسلەپ كىرگەن ھېكايە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مېنىڭچە، شاتۇتى ئوبرازىنىڭ مەنبەسى ھەققىدىكى ئىزدىنىش، دۆلىتىمىزنىڭ، جۈملىدىن شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا ھىندىستان تەسىرىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشتىلا ئەمەس، بەلكى رايونىمىز شىنجاڭنىڭ، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ يىپەك يولىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىدە ئوينىغان مۇھىم رولىنى، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىگە قوشقان تارىخىي تۆھپىسىنى چۈشەندۈرۈشتىمۇ بەلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تېمىلارنىڭ بىرى.
(1) ئەي پىڭ: «بۇددا نوملىرىدا شاتۇتى»، «بۇددىزم مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى 2004-يىللىق 6-سان، 41-بەت.
② شۆ كېچياۋ: «جۇڭگو-ھىندىستان شاتۇتى ھېكايىلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى»، «جەنۇبىي ئاسىيا تەتقىقاتى» ژۇرنىلى 2001-يىللىق 2-سان، 67-بەت.
③ جىن كېمۇ: «سانسكرىت تىلى ئەدەبىيات تارىخى»، خەلق ئەدەبىياتى نەشرىياتى، 1980-يىل، 228-بەت.
④ جىن كېمۇ: «سانسكرىت تىلى ئەدەبىيات تارىخى»، خەلق ئەدەبىياتى نەشرىياتى، 1980-يىل ، 320-، 323-بەتلەر.
⑤ جىن كېمۇ: «سانسكرىت تىلى ئەدەبىيات تارىخى»، خەلق ئەدەبىياتى نەشرىياتى، 1980-يىل، 323-بەت.
⑥ جىن كېمۇ: «سانسكرىت تىلى ئەدەبىيات تارىخى»، خەلق ئەدەبىياتى نەشرىياتى، 1980-يىل، 323-بەت.
⑦ شۆ كېچياۋ: «جۇڭگو-ھىندىستان شاتۇتى ھېكايىلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى»، «جەنۇبىي ئاسىيا تەتقىقاتى» ژۇرنىلى 2001-يىللىق 2-سان، 67-بەت
⑧ «مەجمۇئەتۇل ھېكايەت»، توپلاپ رەتلىگۈچى مەمتىمىن قۇربان، خوتەن ۋىلايەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر قەدىمكى ئەسەرلىرىنى يىغىش، رەتلەش، نەشر قىلىش، پىلانلاشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى 1991-يىلى نەشر قىلدۇرغان (ئىچكى قىسىمدا تارقىتىلغان)، 273-بەت.
⑨ «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى» 8-قىسىم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1985-يىل نەشرى، 203-بەت.
⑩ «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى» 7-قىسىم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1985-يىل نەشرى، 130-بەت.
⑾ «ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى» 1-قىسىم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1980-يىل نەشرى، 25-بەت.
⑿ «جەۋھەر ھېكايىلەر»، تۈزگۈچى مۇھەممەت ئوسمان، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىل نەشرى، 211-بەت.
⒀ شۆ كېچياۋ: «جوڭگو-ھىندىستان شاتۇتى ھېكايىلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى»، «جەنۇبىي ئاسىيا تەتقىقاتى» ژۇرنىلى 2001-يىللىق 2-سان، 61-بەت.
⒁ يۇقىرىقىغا ئوخشاش
⒂ جى شيەنلىن: «جۇڭگو-ھىندىستان مەدەنىيەت مۇناسىۋەت تارىخىغا ئائىت ماقالىلەر توپلىمى»، سەنليەن نەشرىياتى 1982-يىل نەشرى، 124~125-بەتلەر.
ئاپتور: قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى فىلولوگىيە فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى، ماگىستىر