You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » «ئۇيغۇر تىل، تارىخ ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئىستانبۇلدا غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى

«ئۇيغۇر تىل، تارىخ ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئىستانبۇلدا غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى

IMG_5707ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 7  – نۆۋەتلىك ئۇيغۇر پەن – تەتقىقاتچى، ئەدىب ۋە مۇتەخەسىسلەر «ئۇيغۇر تىل، تارىخ ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 10 -، ۋە 11- ئۆكتەبىردە ئىستانبۇلغا جايلاشقان  فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئۇنىۋېرسىتېتى توپكاپى مەۋلىۋىخانىسى يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىملىق يېغىنغا، تۈركىيە، ئامېرىكا، شىۋېتسىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق ئەللەردىن كەلگەن 20 نەپەر ئۇيغۇر ۋە تۈرك دوكتور، ئەدىب ۋە پەن – تەتقىقاتچىلار تارىخ، مەدەنىيەت، تىل – ئەدەبىيات، جەمىئيەتشۇناسلىق، تىبابەت، ئالەم تەتقىقاتى ۋە تور بىخەتەرلىكى قاتارلىق تېمىلاردا تەييارلىغان ماقالىلىرىنى يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا تەقدىم قىلدى.

شۇنىڭدەك، يېقىنقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتنىڭ نامايەندىلىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى ۋاپاتىنىڭ 20 – يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن «باھار چىللايمەن» تېمىسى ئاستىدا رەسىم كۆزگەرمىسى ئېچىلدى.

Körgezme 1

يىغىن سائەت 10 بىلەن باشلىنىپ، ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ سابىق پەخرى رەئىسى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى پەخرى رەئىسى دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپكە ۋاكالىتەن 3 – نۆۋەتلىك پەخرى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى دوكتور رىشات ئابباسقا ئۆتكۈزۈپ بەردى.

Rishat Abbas

ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 2-نۆۋەتلىك سابىق رەئىسى دوكتور ئابلەت تۇران ئەپەندى 3-نۆۋەتلىك سايلامدا يېڭى رەئىسلىككە سايلانغان ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندىگە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈپ بەردى.

A. Karahan

بۇ مۇراسىمدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىىنىڭ قىلغان خىزمەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان قىسقىغىنە ھۆججەتلىك فىلىمى يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا كۆرستىلدى. ئارقىدىن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى  تۆۋەندىكى بەش تۈرگە ئايرىلغان ھالدا بىرىنچى كۈنى (10 – ئۆكتەبىر) چۈشتىن بۇرۇن 1 – بۆلۈم؛ چۈشتىن كېيىن 2 – ۋە 3 – بۆلۈم؛ ئىككىنچى كۈنى (11 – ئۆكتەبىر) چۈشتىن بۇرۇن 4 – بۆلۈم؛ چۈشتىن كېيىن 5 –  بۆلۈم شەكلىدە ئىككى كۈن داۋاملاشتى.

1 – بۆلۈمدە، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بويىچە ئىلمىي مۇھاكىمە ماقالىلىرى ئوقۇلدى.

1. Bölüm

تۇنجى بولۇپ، ئەگە ئۈنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت « يالماۋۇز ۋە ۋامپىرنىڭ ئورتاق خۇسۇسىيەتلىرى ھەققىدە» ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئۇ يالماۋۇز ۋە ۋامپىرنىڭ ئېتىنولوگىيەلىك مەنبەسىنى ئىزاھلاپ ئۆتكەندىن كېيىن، يالماۋۇزنىڭ ئىستېمال مەنىسى بىلەن ۋامپىرنىڭ ئوخشىمايدىغان ئىككى مەدەنىيەتتىكى ئىستېمال مەنىسىنى، ئوخشاشلىق تەرەپلىرى ۋە ئوخشىماسلىقلىرىنى سېلىشتۇرما تەتقىقات ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، بايان قىلىپ ئۆتتى.

IMG_5692

ئارقىدىنلا، غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىرفېسسور ھۈليا قاسساپئوغلۇ چەنگەل خانىم « ۋاپاتنىڭ 20 – يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر » ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇدى ۋە يىغىن ئەھلىنىڭ قاتتىق دىققىتىنى جەلپ قىلدى.

Ötkür

ئۇ ماقالىسىدە، مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ قىسقىچە ھاياتى، قانداق مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلگەنلىكى، قايسى خىل ئىدىيىۋى ئېقىم ۋە قايسى كىشىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا قىسقىچە توختالغاندىن كېيىن، مەرھۇمنىڭ ئەسەرلىرىدىكى مەركىزىي ئىدىيە، ئىلگىرى سۈرۈلگەن پىكىر – قاراش، مەزمۇن، ئۇسلۇب، شۇنداقلا شۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە روياپقا چىققان ئەسەرلەر بىلەن بولغان پەرقلىرىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، يىغىن ئەھلىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى.

ئۈچىنجى بولۇپ، ئۆزبېكىستانىلىق تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت مارۇفجان يۇلداشېۋ «ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئىدىيۇملارنىڭ قوللىنىلىشى» دىگەن تىمىدا دوكىلات بەردى.

1 – بۆلۈمنىڭ ئاخىرىدا، ئىستانبۇل بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن دوتسېنتى مەغپىرەت كامال يۇنۇسئوغلۇ « ئۇيغۇر تارىخىدا قەھرىمان ئۇيغۇر ئاياللىرى – 2 » ناملىق ماقالىسىنى سۇندى.

Meğfiret Kamal

ئۇ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى مايىمخان، مايسىخان؛ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي مەزگىلىدە ياشىغان ئايخان ئانا ۋە جەڭ مەيدانىدا قەھرىمانلارچە شېھىت بولغان رىزۋانگۇل، روشەنگۇل؛ مەدەنىيەت ئىنقىلابىي مەزگىلىدە ياشاپ، تۈرمىدە ئېچىنىشلىق ھالدا ۋاپات بولغان داڭلىق سەنئەتچى مەلىكە زىياۋۇدۇنلارنىڭ ئىش – ئىزلىرى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ تارىختا ئۆتكەن بۇ قەھرىمان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇر ئوغۇل – قىزلىرىغا ئىلھام بېرىدىغانلىقىنى؛ ھازىرقى ئۇيغۇر ئوغۇل – قىزلىرىنڭ قاتتىق تىرىشىشى كېرەكلىكىنى، بۇ قەھرىمان ئاياللارنىڭ ھەممىسىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئادالەتسىزلىككە قارشى كەسكىن كۈرەش قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىنتايىن ئەقىللىق، تىرىشچان، بىلىم ئىگىسى ئىكەنلىكىنى ۋە ئاياللارنىڭمۇ جەمئىيەتتىكى ئادالەتسىزلىك، تەڭسىزلىككە قارشى كۆرەش قىلىش كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋە تاماقتىن كېيىن، 2 – بۆلۈم باشلاندى.

مېمار سىنان ئۇنىۋېرستېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئەھمەت تاشئاغىل «ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ سەھنىسىدە باش كۆتۈرۈشى» تېمىسىدىكى ئىلمىي ماقالىسىنى ئوقۇدى.

Ahmet

 ئۇ ماقالىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا تۈركىي قەۋملىرى بىلەن بولغان ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي شارائىت ئاستىدا تارىخ سەھنىسىگە چىققانلىقى، ئۇيغۇرلار قۇرغان ئورخۇن ئۇيغۇر دۆلىتى، ئۇنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، يىمىرىلىش سەۋەبلىرى ۋە كەڭ كۆلەملىك كۆچۈش ھەرىكەتلىرى ئۈستىدە توختالدى.

غازى ئۇنىۋېرستېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور قونۇرئالىپ ئەرجىلاسۇن «قەشقەر ۋە يېقىنقى زامان تارىخى » تېمىلىق ماقالىسىنى يىغىن ئەھلىگە سۇندى.

Konuralp

ئۇ ماقالىسىدە، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ باشقۇرۇلۇش تۈزۈلمىسى، ئىقتىسادىي باشقۇرۇش سىستېمىلىرى، باج تۈزۈمى ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى تۈرلۈك سىياسەتلەر ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىپ، يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ئۆز دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ھەققىدە مەلۇماتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولدى.

ئۇ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، مانجۇ ھۆكۈمرانلىرىنىڭ يەرلىك خەلققە «ئىشغال» نى بىلدۈرمەسلىك ۋە سەزدۈرمەسلىك ئۈچۈن، ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا شەكىللەنگەن «بەگ» لىك تۈزۈمىنى ساقلاپ قالغانلىقىنى، يەرلىك خەلقلەر ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەرنىڭ يېنىغا «يېڭى شەھەرلەر» نى بىنا قىلغانلىقىنى؛ بۇ خىل باشقۇرۇش سىستېمىلىرىنىڭ تارىخىي تەرەققىيات ۋە ئەمەلىي ئەھۋاللارغا ئاساسەن ئۆزگىرىپ تۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

پىروفېسسور دوكتور قونۇرئالىپ ئەرجىلاسۇندىن كېيىن، تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى مارمارا رايونىنىڭ باش مۇدىرى ئالدۇلھەمىد ئاۋشار «سەلچۇق دۆلىتى دەۋرىدە ئاناتولىيەدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئىزلىرى» تېمىلىق ماقالىسىنى ئوقۇدى.

abdulhamit

ئۇ ئانادولۇ رايونىدىكى تارىخىي يادىكارلىقلارنى تەكشۈرگەندە، ئۇلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزلىرىنى كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ جامەلەرگە چىقىرىلغان قۇببە ۋە نەققاشلىرىغا، ئۇيغۇرلارنىڭ بىناكارلىق، ئويمىچىلىق سەنئىتىنىڭ چوڭقۇر سىڭگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۈگۈنكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيىتىنىڭ بارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ھەسسە قوشۇشى ئاستىدا بەرپا بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئاقساراي ئۇنىۋېرستېتى ئوقۇتقۇچىسى مۇئاۋىن دوتسېنت پەرسات مەخسۇدوۋ « تارىم مۇميالىرى » تېمىلىق ئىلمىي ماقالىسىنى ئوقۇدى. ئۇ تارىم ئويمانلىقى ئىقلىمىنىڭ قۇرۇق ئىسسىق، ھاۋاسىدا نەم نىسبىتىنىڭ ناھايىتى تۆۋەن بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ يەردە جەسەتلەرنىڭ ياخشى ساقلىنىپ قالغانلىقى، شۇڭا ئارخىئولوگىيە ساھەسىدە مۇھىم يىپ ئۇچلىرى بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

Ferhat

ئۇ تارىم ئويمانلىقىدا تېپىلغان، تارىخى 2 مىڭ يىلدىن 3 مىڭ 800 يىللار بۇرۇنغا تۇتىشىدىغان جەسەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ « ئاق تەنلىك » ئىرقىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى، بۇ يەردە شەكىللەنگەن ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتكە ھەممىدىن بەك ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقدارلىق  ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

11 – ئۆكتەبىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئەتىگەن سائەت 10:00 دا باشلاندى.

ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرستېتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم « ئاڭ سەۋىيە: ئۇيغۇر زىيالىيلىرى» ناملىق ماقالىسىدە، « ئاڭ » دېگەن ئۇقۇمنىڭ ھەر قايسى تىللاردىكى ئېتنولوگىيەلىك مەنبەسىنى ئەتراپلىق ئىزاھلاپ ئۆتكەندىن كېيىن، ھەر قايسى تىللاردىكى ئىستېمال مەنىسىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرچە ۋە تۈركچىدىكى مەنىلىرىنى چۈشەندۈردى.

Erkin

ئۇ ماقالىسىدە، ئاڭنىڭ بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى، ئاڭنىڭ ھەر قانداق ئىشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغاندىن باشقا، بىر مىللەتنىڭ تەشكىللىنىشى، تەرەققىياتى، مەۋجۇتلۇقى، تەپەككۇرى، تارىخى قاتارلىق جەھەتلەردىكى روللىرىنىمۇ ئەمەلىي مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈپ، يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئۇنىڭ ئاڭ توغرىسىدا دېگەن مۇنۇ جۈملىسى ھەقىقەتەن تەقدىرلەشكە تېگىشلىك ئىدى:

«ئىنسان قانچىلىك ئوقۇغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەگەر مەلۇم ئاڭغا ئىگە بولمىسا، ئوقۇشتىن ئۈنۈم ھاسىل قىلالمايدۇ، ئوقۇش بىلەن ئاڭ بىر – بىرىنى تولۇقلايدىغان ئىككى ئامىلدۇر. ئاڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنسىرى سەۋىيەمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. بىر مىللەت سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى، مەزكۇر مىللەت زىيالىلىرى ئېڭىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. »

فاتىھ ئۇنىۋېرستېتى ئىجتىمائىي پەنلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن دوتسېنتى دوكتور مەتتۇرسۇن بەيدۇللاھ « تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ كىملىك ئىستراتېگىيەسى» تېمىلىق ئىلمىي ماقالىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

Mettursun

ئۇ ماقالىسىدە، يېقىنقى 50 يىلدىن بۇيان تۈركىيىگە كۆچۈپ كەلگەن مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى، ئىقتىسادىي ئەھۋالى، مەدەنىيەت سەۋىيەسى، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ساھەلەردىكى ئەھۋالى ئۈستىدە جەمئىيەتشۇناسلىق پىنىنىڭ تەتقىقات ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە قولغا كەلگەن نەتىجىلەردىن پايدىلىنىپ، ئوبيېكتىپ ۋە ئىلمىي نەتىجە چىقارغانلىقىنى قىسقىچە بايان قىلدى.

ئەنقەرە ئۇنىۋېرستېتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەمەت « زامانىمىزنىڭ نەسىردىن ئەپەندىسى ھېسام ۋە چاقچاقلىرى » تېمىلىق ئىلمىي ماقالىسىنى ئوقۇدى. ئۇ ھېسامنىڭ ئۇيغۇر خەلقى تەرىپىدىن ياخشى كۆرۈلگەن كىشى ئىكەنلىكىنى، مەدەنىيەت ئىنقىلابىي مەزگىلىدە ھەر خىل ئىسسىق – سوغۇقلارنى بېشىدىن كەچۈرگەنلىكىنى؛ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا، « ھېسام چاقچاقلىرى »نىڭ يومۇرغىمۇ ۋە لەتىپىگىمۇ ئوخشىمايدىغان ژانىرغا تەۋە ئىكەنلىكىنى؛ ھېسام چاقچاقلىرىنىڭ كۆپىرەك مەشرەپ سورۇنىدا ئېيتىلىدىغانلىقىنى؛ ھېسام چاقچاقلىرىدا بېخىللىق، جەمئىيەتتىكى سىياسىي تەڭسىزلىك، قورقۇنچاقلىق ۋە ئادالەتسىزلىكلەرنىڭ رەھىمسىزلەرچە تەنقىد قىلىنىپ، قامچىلانغانلىقىنى مىساللار بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى.

Erkin 1

ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە يازغان كىتابىنى يىغىن ئەھلىگە تونۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلار ئىچىدىن يېتىشىپ چىقىپ جەمئىيەتكە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن شەخسلەر ۋە ئەسەرلىرىنىڭ باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ تونۇشتۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

داۋامى پات ئارىدا…

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top