ئاقارتىش جاراھىتى ۋە ئاددىي ئەقىل
فارابىدىن كېيىن ئۇيغۇرلاردا پەلسەپە ئەندزىسىى قانداق ئۈزۈلۈپ قالدى؟
دوكتۇر زۇلپىقار بارات ئۆزباش
سۆزىمىز ئارقىلىق ھۆكۈم قىلىنغان يەكۈن قانداق بولمىسۇن ئىسپاتلىنىشى لازىم. ئىسپاتلاش ھەقىقىي مۇھاكىمىدىن ئىبارەت.
— فارابى(870-950)
مۇسۇلمانلار نېمە ئۈچۈن كېيىن قالدى: ئاددىي ئەقىلگە بەنت بولغانلىقى ئۈچۈن كېيىن قالدى. ئاددىي ئەقىل رامكىسى ئاۋامنى ئالدىغاندا مەدەنىيەت كىرزىسكە يول تۇتىدۇ.
— مالىك نەبى(ئالجىرىيە مۇتەپەككۇرى، 1901-1968)
ئاڭ تەرەققىياتى دادىل قىياسلارنى ئوتتۇرىغا تاشلاش ۋە سىناقتىن ئۆتكۈزۈش ھەم شۇ قىياسلاردىكى يوچۇق، يېتەرسىزلىكلەرنى بايقاپ تۈزىتىش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ.
— كاررل پوپپىر (كامبرىج پەيلاسوپى، 1902-1989)
سوقرات: ”دۆتلۈك ھۆكۈم چىقىرشىقا خۇشتار بولۇش شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ“ دېگەنىدى. نۆۋەتتە بىزدە ھۆكۈم قىزغىنلىقى ئەۋج ئېلىپ، تەپەككۇر، پىكىر، ئاقارتىش دېگەن ئۇقۇملار زۇلۇمغا ئۇچرىماقتا. ئۇ ئۇقۇملار مۇداپىئە قىلىدىغان كىشىلەرگە مۇھتاج. ئىدىيە تارىىخىزدىكى ئاچچىق ساۋاقلار، چۆكمە بولۇپ قالغان تەپەككۇر ئەخلەتلىرى، ئاقارتىش جاراھىتى تەسىرىدە بارلىققا كەلگەن ئىدئولوگيىلىك قالايمىقانچىلىقلار بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، مۇرەككەپ، چېگىش ھادىسىلەرنى ۋە يېڭى شەيئىلەرنى قېلىپلشىپ قالغان پىكىر رامكىسى ۋە ئادەتلەنگەن تەپەككۇر ئەندىزىسى بىلەن كۆزىتىش ۋە چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇش ئاددىي ئەقىلنىڭ بىر خىل ئىپادىسى. ئىسپاتلاش جەريانى بولمىغان قارام ھۆكۈملەر بىلەن ھادىسىلەر ھەققىدە يەكۈن چىقىرشىقا خۇشتار بولۇش ئەمەلىيەتتە تەپەككۇر زەخمىسى ۋە پىكىر يولى قالايمىقانچىلىقىنىڭ يەنە بىر خىل ئىنكاسى. دەۋرىمىز ئاددىي ئەقىل كۈچىنى كۆرسىتۋاتقان، خۇشياقىدىغان تەپەككۇر شەكلى ئاۋامنىڭ، زىياليىلارنىڭ پىكىر يولىنى ئىگىلەپ ئاقارتىش جاراھىتى پەيدا قىلىۋاتقان بىر دەۋردۇر.
بۇنداق بىر دەۋردە كوللېكتىپ ئەقىل رامكىمىزدا كۆرۈلگەن، كۆرۈلۈۋاتقان مەسلىلەرنى بايقاش ۋە تۈزىتىش، پىكىرچىلىكىمىزدە چۆكمە بولۇشقا ئۈلگۈرگەن تەپەككۇر ئەخلەتلىرىنى تازىلاش، يازما مەدەنىيىتمىزدە ئاللىبۇرۇن ئاشكارىلانغان،ئەمما ھەل قىلىنماي چېگشلىشىپ كەتكەن توقۇناق كىرزىسلارنى مۇھاكىمەگە قويۇپ ھەل قىلىش لايېېھىسى ئىزدەش ئاڭ تەرەققىياتىمىزنىڭ تەقەززاسىدۇر. توقۇناق ئارغامچىدەك چگىشلىشىپ كەتكەن پىكىر مەسىلىلىرى كونا ئەندىزىلىرىمىزدە يوچۇق كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ قويۇۋاتىدۇ ھەم بىزدىن يېڭىچە تەپەككۇر شەكىللىرىنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. يازما مەدەنيىتمىزدە كۆرۈلگەن مەسىلىلەر ھەقىقەتەنمۇ كۆپ. مەسىلەن، ئوبرازلىق تەپەككۇر ۋە ئۇنىڭ مەھسۇلى بولغان ئەدەبيىي ئەسەرلەرنى زىيادە ئۇلۇغلاپ تەنقىدىي تەپەككۇر ۋە ئۇنىڭ رولىغا سەل قاراش؛ تەپەككۇرنىڭ يەنە بىر قانىتى بولغان، بىر مىللەتنىڭ نەزەرۋيىۋي تەپەككۇرىنىڭ يۈكسلشىدە كاتالزاتورلۇق رولىنى ئوينايدىغان ئانالىتىك تەپەكككۇرنىڭ ئەھميىتىنى چۈشەنمەسلىك ھەم ئۇ ھەقتە ئىزدەنمەسلىك؛ ئىساتلاش جەريانى بولمىغان قارام، گۇڭگا ھۆكۈملەرگە ئالدىراپ چۈشەنچە پاتقىقىغا پېتىش، ئاقارتىش ئېلىپ بارىمىز دەپ مەسىلىنىڭ بىرتەرىپىنىلا مۇبالىغە قىلىش ۋە تونۇش ئاغمىچىلىقىغا، پىكىر ئاشقۇنلۇقىغا يول قويۇش قاتارلىقلار يازما مەدەنىيىتمىزدە سادىر بولۇۋاتقان تىپىك مەسلىلەردۇر. بۇ مەسلىلەر پىكىرچىلىكىمىز دۇچ كېلۋاتقان كىرزسىلەردىن بىشارەت بېرىشكە ئۈلگۈردى ۋە ئاقارتىش جاراھىتى پەيدا قىلدى. مەسىلەن، ئىلىمدە ئاسانغا كۆنۈش، ماغزاپ بىلىمگە ئالدىنىش، ئىدىيە قالايمىقانچلىقى يازما مەدەنىيىتمىزنىڭ ئومۇمىي ھاۋاسىغا ئايلىنىپ قالدى. ئۆز ساھەيىمزىدىكى تەتقىقات مېتودلىرىدىن ۋە نەزەريىۋىي بىلىملەردىن خەۋەرسىز قالغىنىمىز ئۈچۈن قاراملىق بىلەن ئوتتۇرغا تاشلىغان، ئىسپاتلاش جەريانى بولمىغان ھۆكۈملىرىمىز ئۆزىمىزنى مەسخىرە قىلماقتا. نۇرغۇن ئاسپېرانت تەربيىلەش مەركەزلىرىنىڭ بولۇشىغا، نۇرغۇن مەبلەغنىڭ سېلىنىشغا قارىماي مىللىي مەدەنىيىتمىز ۋە ئەدبياتىمىزنى چۆرىدەپ بارلىققا كېلۋاتقان خېلى بىر قىسىم ئىلمىي ئەمگەكلەر يۈز خاتىرە قىلماي ئېيتقاندا قۇلاقنى ئېتۋېلىپ قوڭغۇراق ئوغرىلاش ئويۇنىغا ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ. يازما مەدەنىيىتمىزدە ئىجتىمائىي پەنلەرگە ۋە تەنقىدىي تەپەككۇر سەمەرىلىرىگە سوغۇق كۆزدە قاراش قاتارلىق بىنورمال يۈزلىنشلەر ئومۇملشۋاتىدۇ. بۇ يۈزلىنشلەر ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ ھەم قىلىپ ئۈلگۈردى.
ھازىر مۇھاكىمەگە قويۇۋاتقان يېڭى تەپەككۇر خىتابنامىسى ئەنە شۇ كىرزسىنى تونۇش ۋە كىرزسىتىن قۇتۇلۇش يولىنى كۆرستىش مەقستىدە يېزىلدى. مۇھاكىمىمىز تۆۋەندىكى تەتقىقات سوئالىنى چۆرىدەپ داۋاملىشدۇ: ئاقارتىش جاراھىتى ۋە تونۇش ئاغمچلىقى نېمە ئۈچۈن ۋە قانداق يۈز بېرىدۇ ۋە قانداق ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئاددىي ئەقىل رامكىسىنىڭ زىيىنىنى تونۇپ ئانالىتىك تەپەككۇر دەۋرىگە كىرىش كېرەك.
مۇھاكىمىمىزدە ئىسپاتلاش ۋە دەلىل كەلتۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكى نۇقتئنەزەرلەر ياقىلىنىدۇ:
بىرىنچى، دېداكتىكچە تەپەككۇر ۋە پەقەت ھېسسسىي تەپەككۇر باسقۇچىدا توختاپ قالغان، ئوبرازلىق تەپەككۇر ئەندزىسىنى ئۇلۇغلاپ ئانالىتىك تەپەككۇر شەكلىگە كۆنمىگەن مىللەت ئاددىي ئەقىلنىڭ ئازابلىشىدىن ۋە توسالغۇسىدىن مەڭگۈ قۇتۇلالمايدۇ. دېداكىتكىدا، ئوبرازلىق تەپەككۇر سەمەرىلىرىدە ئاز-تولا پەلسەپە ئېلېېمېنتىلىرى بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئۇلار پەلسەپىگە تەڭ ئەمەس.
ئانالىتىك تەپەككۇر ئوبرازلىق تەپەككۇردىن پەيدا بولغان تۇرغۇنلۇقنىڭ، دېداكتكىچە تەپەككۇر مەسلىلىرىنىڭ تۈزەتكۈچىسىدۇر. شەرھسىز، دىئاگنوزسسىز قىلېلۋاتقان چېگىش رېئالىقىمىز پىكىرچىلىكىمىزدە ئانالىتىك تەپەككۇر دەۋرىگە كىرشىنى تەقەززا قىلماقتا.
ھەقىقىي پىكىر ھەرىكىتى ھوقۇقنىڭ سايسىدىن، تۈزۈلمىنىڭ ئىسكەنجسىدىن، دەۋر ۋە زامان چەكلىمىسىدىن ۋە ئىجتىمائيلىشىش قاپقىنىدىن خالاس بولغاندا، بىر مىللەتنىڭ يازما مەدەنيتىىدە پىكىر ئەخلىتى، تونۇش پاتقىقى تازىلانغاندا يۈز بېرىدۇ.
ئامېرىكىدا ڧرابىنى قايتىدىن بايقاش: ئانالىتىك تەپەككۇر ئەندىزىسى ئۇيغۇرلاردا قانداق ئۈزۈلۈپ قالدى؟پروسسورۇم نېمە دەيدۇ؟
-ماقالە بۇنداق يېزىلمايدۇ، زۇلپىقار،-دېدى پروڧېسسور مەن 2008-يىلى باھار مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ ”ئىجتىمائىي ھەرىكەت“ دەرسى ئۈچۈن تاپشۇرغان ماقالەمنىڭ تۇنجى ئورگىنالىنى ماڭا سۇنغاچ،- يازمىڭىزدا ھۆكۈملەر بەك كۆپ، ئەمما ئىسپاتلانمىغان. مۇقىم تەتقىقات سوئالى يوق. پىكىر قىلىش داۋامىدا سەۋەبسىزلا بىر گەپتىن يەنە بىر گەپكە ئۆتۈپ كەتكەن يەرلەر كۆپ. بەزى پىكىرلەرنىڭ يا ستاتىسى يا ئىزاھاتى يوق.ئەگەر بۇ يازمىڭىز ماڭا تاپشۇرغان ئاخىرقى نۇسخا بولغىنىدا ئىدى، مەن ئۇنىڭغا تۆۋەن نومۇر قويغان بولار ئىدىم.
خارۋارد ئۇنىۋېرستىتىدا جەمئىيتشۇناسلىق كەسپى بويىچە دوكتۇرلۇققا ئېرىشكەن ئايال پروڧېسسورۇم پاترىسيا ستايىنخوڧ ئىشخانىسدا شۇ گەپلەرنى دېگەندە، ئوڭايسىزلىقتىن ئۆزۈمنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالدىم. ئۇ ئاقكۆۈل، ئەمما تەلەپچان موماي ئىدى. ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ماقالىلىرىدە كۆرۈلگەن سەۋەنلكلەرنى بايقىغاندا يۈز خاتىرە قىلماي تەنقىد قىلاتتى؛ ئېرىنمەي، زېرىكمەي يېتەرسىزلىكلەرنى كۆرستىپ بېرەتتى ھەم قانداق تۈزىتىش توغرىسىدا ئىنچىكە كۆرسەتمە بېرەتتى. بۈگۈنمۇ شۇنداق بولدى. ماقالە ئورگىنالىنىڭ ھەر بىر بېتىگە دېگۈدەك قەلەم تەگكەنىدى. گاھى بەتلەرگە يوغان ئۈندەش، سوئال بەلگىلىرى قويۇلغان ، گاھى بەتلەرگە ”بۇنىڭ پاكىتى قېنى؟ مەنبەسى نېمە؟ سىزنىڭ گېپڭىزمۇ باشقىلارنىڭمۇ؟ بۇ ئابزاسنىڭ كېيىنكى ئابزاس بىلەن نېمە لوگىكلىق مۇناسىۋىتى بار؟ بۇ قاراش ئىسپاتلىنىشى لازىم“دېگەندەك تۈزىتىش پىكىرلىرى يېزىلغان بولۇپ، ئادەمنى خېلىلا جىدديىلەشتۈرەتتى.
ماقالە ئورگىنالىغا قاراپ ئولتۇرۇپ كەتتىم. پروڧېسسور مېنى خېجىللقتىن قۇتۇلدۇرماقچى بولغاندەك گېپىنى داۋاملاشتۇردى.
-ياخشى يېرى، ئاخىرقى نۇسخىنى تاپشۇرۇشقا يەنە ئۈچ ھەپتىچە ۋاقىت بار. ماقالىنى قايتىدىن پىىشقلاپ ئشىلەشكە ۋاقىت يېتىپ ئاشىدۇ . جۇڭگودا تولۇق كۇرستا ئوقۇۋاتقان چېغىڭىزدا ”تەتقىقات مېتودى“ دېگەندەك دەرسلەرنى ئوقۇمىغانمىدىڭىز؟
-ياق، ئوقۇمىغان، -دېدىم مەن سەل خېجىللىق ئارىلاش،-ئاسپرانتلارغا بەلكىم بۇنداق دەرسلەر ھازىر ئۆتۈلۈۋاتقاندۇ. مەن ئوقۇۋاتقان چاغلاردا تولۇق كۇرس مائارىپىدا ۋە ئاسپرانتلىق مائارىپىدا ئۇنداق دەرسلەر ئۆتۈلمەيتتى .
-كېرەك يوق. تەتقىقات مېتودولوگىيسى دەرسىگە كېلەر مەۋسۈم تىزىملاتسىڭىز بولىدۇ،-دېدى پروڧېسسورۇم،– لېكىن، بىر نۇقتا ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ھەممە تەتقىقات ماقالىلىرىنىڭ بىر ئوخشاش قائىدىسى بار. ئۇ بولسىمۇ ئېنىق، كونكرېت تەتقىقات سوئالى بولۇش، پىكىر قىلغاندا تەتقىقات سوئالىدىن چەتنەپ كەتمەسلىك،ئوتتۇرىغا تاشلانغان ھۆكۈملەرنىڭ ئىسپاتلىنىش جەريانى بولۇش، ئابزاسلار، جۈملىلەر ئارىسىدا لوگىكلىق باغلىنىش پۇختا بولۇش.
تۈزىتىش پىكرى بېرىلگەن ئورگىنالنى ئېلىپ پروڧېسسورنىڭ ئىشخانىسىدىن چىقتىم. ئەمما تېڭرقاش ئارىلاشقان بىر خىل ناخۇشلۇق كەيپىياتى نەچچە كۈنىگىچە مېنى بىىئارام قىلدى. ماقالەمنى ئۈچ ھەپتىگىچە تۈزىتىپ پروسسېورغا قايتىدىن تاپشۇرىدىغىنىم ئۈچۈن ئۈچۈن ئەندىشە ۋە جىددىيىلىكتىن خالىي بولالمىدىم. بۇ 2008-يىلنىڭ باشلىرى بولۇپ، مېنىڭ تېخى ”تەتقىقات مېتودولوگىيسى“ دەرسىگە قاتناشمىغان ۋاقتىم ئىدى. بۇ ماقالىنى بۇرۇن ئۆزۈم كۆنگەن ئەندىزە بويىچە يازغانتىم؛ بەزى پىكىرلەرگە مەنبە كۆرستىش ۋە ستاتا ئېلىش ھاجەت ئەمەس دەپ قارىغانىدىم. ئەمما، پروڧېېېسورنىڭ شۇ قېتىمقى تەنقىدىي پىكرى ئىلمىي ماقالە چۈشەنچەمدە مەسىلە بارلىقىنى ھېس قىلدۇردى. ئەمما، مەن ئۆزۈمچە ئۇيغۇرتىلىدا يېزىلغان ماقالىلەرنى ئوقۇپ چۈشەنگىنىم بويىچە ئۆزۈمنىڭ قىلغىنىنى توغرا دەپ قارايتتىم. دېېمسىمۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا بولسۇن ياكى خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن بولسۇن، ئىلمىي ماقالە يېزىشىنىڭ ئىلمىي پرىنسپلىرى ھەققىدە ھېچيەردىن، ھېچكىمدىن بىر نەرسە ئاڭلىمىغانىدىم.ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئۇيغۇر يازما مەدەنيىتىدە گۇڭگا شېئىر ھەرىكىتىنىڭ چۇقانى ئاساسلىق مەتبۇئاتلارنى بىر ئالغان بىر دەۋردە ياشىغاچقا ھەم شۇ پىكىر ھەىركىتىنىڭ بايراقدارلىرى يازغان ماقالىلەرنى ئوقۇپ تەسىرگە ئۇچرىغاچقا، گۇڭگا، ئسىپاتلاش جەريانى بولمىغان ھۆكۈملەرگە دەلىل كەلتۈرۈش ۋە ئۇنى مۇھاكىمە قىلىش ھەققىدە ئويلىنىپ باقمىغانىدىم. مەنچە ئەركىن پىكىر يېزىلغان ھەر قانداق يازما ماقالە بولالايتتى. ئەمەلىي پاكىت ئۇنداق ئەمەسكەن. ئەسلى ئىزدەنسەم، مېنى قايمتۇقتۇرۋتقان بۇ مەسىلە شەيئىلەرنىڭ سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى ھەققىدە سوغۇققان ئانالىز يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدىغان ئانالىتىك تەپەككۇر پرىنسپلىرىغا چېتىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئىزدەندىم، ئازاب ئىچىدە شۇنى ھېس قىلدىمكى، بىزنىڭ ئىدىيە تارىخىمىزدا ئوبرازلىق تەپەككۇرغا ۋە دېداكتلىق تەپەككۇرغا زىيادە ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئانالىتىك تەپەككۇرغا سەل قارالغانىكەن. ئامېرىكىغا ئۆزۈم ئېلىپ كەلگەن“ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى“غا تەپسىلىي قارىدىم. ڧارابىدىن كېيىن ئۇيغۇرلادا ئانالىز ۋە سېسمتلىك كۆزىتىش ئاساس قىلىنىدىغان، شەيئىلەرنىڭ سەۋب-نەتىجە مۇناسىۋىتىنى ئىسپاتلىق يېشىپ بېرىش تەلەپ قىلىنىدىغان ئانالتىك تەپەككۇر ئەندىزىسى ئۈزۈلگەنىكەن؛“قۇتادغۇبىلىگ“، ”ئەتەبەتۇل ھەققايىق“، ”قابۇسنامە“ قاتارلىق بىر قاتار ئەسەرلەردە دىداكتكىچە تەپەككۇر ۋە ئوبرازلىق تەپەككۇر ئەندىزىسى باش كۆتۈرۈپتۇ ۋە ئۇيغۇر ئىدىيە تارىخىدا دېدېكتكىچە تەپەككۇر ئاساس بولغان بىر خىل ئەنئەنە پەيدا قىلىپتۇ. ئۇيغۇر ئىدىيە تارىخىدىكى بۇ خىل تىندىتىسيىنى ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن بايقىغىنىم ئۆزۈمگە بىر خىل غەلىتە تۇيۇلدى.
شۇنداق قىلىپ، ئېنگلىزچە ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان ماقالىلەرنىڭ يېزىلىش قائىدىسنى ئىنچىكە كۆزىتىپ، مېتودلوگىيە كىتابلىرىنى كۆرۈپ ھېس قىلغانلىرىم بويىچە ماقالىنى قايتىدىن تۈزەتتىم، خېلى كۆپ قىسىم قاراشلىرىمىغا پاكىت كۆرسەتتىم؛ بەزى پىكىرلەرگە ئىزاھ بەردىم؛ جۈملىلەر، ئابزاسلا ئارىسىدىكى لوگىكلىق مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىپ قايتىدىن ئشىلىدىم. شۇنداق قىلىپ، ئۇ پروسسورنىڭ دەرسىدىنمۇ ئۆتكەن بولدۇم. ئەمما، ئۇنىڭ تەنقىدي پىكرى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا ئۇزۇنغىچە سىلكىنش پەيدا قىلدى. كالللامد نۇرغۇن چېگىش سوئاللار بار ئىدى. ئۇ سوئاللارنىڭ بەزىلىرى ئۇيغۇر ئىدىيە تارىخدىكى پىكىرچلىك مەدەنيىتىگە، بەزىلىرى تونۇشلوگىيە ۋە مېتودلوگىيە مەسلىلىرگە بېرىپ تاقىلاتتى. ”بىزدە قانداق مۇھاكىمە قىلىش، ھۆكۈمنى قانداق ئىسپاتلاش ھەققىدە ئۈگۈتلەر بولغانمىدۇ؟“دېگەن سوئاللارغا جاۋاب ئىزدەپ ئابدۈشۈكۈر مەمتىمىننىڭ ”ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى“ ناملىق كىتابىنى ئاختوردۇم. كۈتكىنىمدەك، ئۇيغۇر ئىدىيە تارىخىدا تارىخىدا ھۆكۈمنى ئسپاتلاش جەريانى تەكتىلىنىدىغان، سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتگە يېقىندىن ئەھمىيەت بېرىدىغان لوگىكلىق مۇھاكىمە ئەنئەنىسى ئەسلى بار ئىكەن. بۇ ئەنئەنە شەرق ئسىلام پەلسەپىسىنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە ئەگىشىپ 10-ئەسىردىلا بىخلانغان ئىكەن ۋە بۈيۈك ئۇيغۇر پەيلاسوپى ۋە توققۇز ئوغۇز پۇشتىدىن بولغان بوۋىمىز ڧارابىنىڭ ئەسەرلىرىدە ئۆز ئىپاىدىسىنى تاپقانىكەن. ئۇ ئۆز دەۋرىدىلا ئانالىتىك تەپەككۇر ئەنئەنىسىنى باشلاپ بەرگەنىكەن. ھەتتا گرېك پەلسەپىسىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشتا زور ئەمگەكلەرنى قىلىپ، ئەپلاتون، ئارستوتېل پەلسەپىسىنى شەرھىلەشتە غەرب پەيلاسوپلىرىنى بىر ئەندىزە بىلەن تەمىن ئەتكەنىكەن ھەم توماس ئاكۋېېناس، سىپنوزا قاتارلىق ئوتتۇرا ئەسىر پەيلاسوپلىرىغا بېۋاستە، لېئو سترا ۋس قاتارلىق بۈگۈنكى زامان غەرب پەيلاسوپلىرىغا ۋاستلىك تەسىر كۆرسەتكەنىكەن.
شۇنى ئاۋۋال ئېيتىش كېرەككى، ئانالىتىك تەپەككۇر ئەندىزىسىنىڭ نېمىلىكى ۋە ئۇيغۇرلاردا قانداق ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈشتىن بۇرۇن ئاۋۋال ڧارابىنىڭ شەرق-غەرب ئەنئەنسىدىكى ئورنى ۋە دىققتىمىزدىكى مەسىلە ھەققىدە بىزگە نېمىلەرنى ھېس قىلدۇرالايدىغانلىقى ھەققىدە ئازراق توختلايلى. بۈيۈك پەيلاسوپ، توققۇز ئوغۇز پۇشتىدىن بولغان مۇتەپپەككۇر ڧارابى ئەينى دەۋردىكى سامانيىلار خانلىقى تەۋەلىكىدە تۇغۇلغان ۋە ئسىلام دۇنياسىنىڭ مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلانغان باغدادتا ئوقۇغان ھەم پەلسەپە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇلللانغان. گرىك پەلسەپىسىنى ئىسلام تەپەككۇرىغا بىرلەشتۈرۈپ زور ئۈنۈم قازانغان. ئۇنىڭ تەسىىرى شەرقتە ۋە غەربتە ناھايىتى ئۇزۇن ھۆكۈم سۈرگەن. بارلىق پەلسەپىۋىي پىكىرنىڭ مەنبەسى بولمىش ئارستوتېلدىن كېيىن شەرقتە ئىككىنچى ئۇستاز دەپ نام ئالغان. ئۇنىڭ گرىك پەيلاسوپلىرىدىن ئەپلاتون ۋە ئارستوتېلنىڭ پەلسەپىسگە يازغان شەرھىلىرى شەرق-غەرب پەلسەپە ساھەسىدە ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. ئۇ ئىديىلىرىدە شەرقچە ئەنئەنە ئېلېمنىتلىرىنى يۇغۇرۇپ نېئوپلاتونىزىم پەلسەپسىنىڭ شەكىلىنشىگە ناھايىتى چوڭقۇر تەسىرلەرنى قالدرغان. ئىبىن سىنا ئارستوتېلنىڭ مېتاڧىزكىسىنى چۈشىنەلمىگەندە ڧارابىنىڭ شەرھىسىنى ئوقۇپ ئاندىن چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئېرشكەن. چىكاگو ئۇنىۋېرستىېتى پەيلاسوپلىرىدىن لېئوستراۋس ۋە مۇخسىن مەھدى: ”ڧارابىنىڭ تەسىرى شۇنچلىك چوڭقۇركى، ئوتتۇرا ئەسىردە بارلىققا كەلگەن ئسىلام، يەھۇدىي پەلسەپىسىنى ئۇنىڭ تەسىرىدىن خالى چۈشىنىش مۇمكىن ئەمەس“ دېگەنىدى.
ئۇنىڭ ئاساسلىق قىزىقىش دائىرىسى لوگىكا ۋە سىياسىىي پەلسەپىدە بولۇپ، ئۇ لوگىلىىق مۇھاكملەرنىڭ بىزنى ھەقىقەتكە يېقىنلاشتۇرۇشتىكى رولى ھەققىدە ناھايىتى چوڭقۇر توختالغانىدى. ھەممىنى دىني تونۇش نۇقتىسىدىن شەرھىلەشكە قارشى چىقىپ، دىن بىلەن پەلسەپىسىنى ئايرىۋېېتىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، لوگىكىنىڭ تونۇش ئاغمچىلىقىدىن خالىي ھالدا پاكىتقا يېقىنلىشىشىمىزدىكى رولىنى قايتا-قايتا تەكىتلىگەنىدى. ”پەزىلەتلىك شەھەر ئائىلىسى“ ناملىق ئەسىرى دۇنيا سىياسىي پەلسەپە ساھەسىدىكى مۇھىم ئەسەر بولۇپ، ئۇنىڭدا ڧارابى ئەپلاتوننىڭ تەسىرىنى چوڭقۇر ئىپادىلىگەنىدى. ئۇ ھاياتىدا ”ئېھسائۇلئۇلۇم“(پەنلەرنىڭ تۈرگە ئايرىلىشى)، ”ئۇيۇنۇل ماسائىل“(مەسلىلەرنىڭ نېگىزلىرى)، ”بەخت توغرىسىدا“، ”ئەقىل ھەققىدە“، ”كىتاب جەمئيۇل مەنتەقە(لوگىكا توغرىسىدىكى 12ئەسەر)، ”چوڭ لوگىكا كىتابى“، “ خمىيە ئىلىمنىڭ زۆرۈرلۈكى توغرىسدا“،“ئادەم ئورگانىزمى توغرىسىدا“ قاتارلىق 60 نەچچە پارچە كىتاب يازغان. ئۇ ئارستوتېلنىڭ ”كاتېگورىيە“، ”مېتاڧزىكا“، ”ئىستلىسىتىكا“، ”پوېتىكا“ قاتارلىق ئەسەرلىرىگە شەرھ يازغان؛ پتولمىنىڭ ”ئالماگسىتا“، پارڧېرنىڭ ئىزاگوك قاتارلىق ئەسەرلىرىگە ئىزاھ يازغان.
ئۇ ھاياتىدا بىر پۈتۈن پەلسەپە سىستېمىسى ياراتقان بولۇپ، ئۇنىڭ پەلسەپىۋىي ئەسەرلىرى پەلسەپىنىڭ غول شاخچىلىرىنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك تۇتىشدۇ. تەبىئەت پەلسەپىسى، تونۇشلوگىيە، ئىجتىمائىي پەلسەپە، پەن پەلسەپىسى، سىياسىي پەلسەپە قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ھەممىسىگە چېتىلىدىغان تېمىلاردا قەلەم تەۋرەتكەن ۋە سىستېملىق ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ”ئىسپاتلانغان ۋە ئىسپاتلىنالايدىغان نەرسىلا ھەقىقەت بولۇپ، بۇنىڭدا لوگىكىلىق مۇھاكىمە مۇھىم رول ئوينايدۇ“ دېگەن قارىشى ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەر. ئۇنىڭ قارىشىچە :“ئەقلىي بىلىش تەپەككۇرنى قورال قىلىدىغان ئابستراكىتلاشتۇرۇش ۋە مۇھاكىمە قىلىش جەريانى؛ يەككىلەردىن ئومۇملۇقلارنى، ماھىيەتلەردىن ھەقىقەتلەرنى بىلىش ۋە ئىسپاتلاش جەريانىدىن ئىبارەت. پەلسەپە بىلەن دىن لوگىكا ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈلىدۇ. لوگىكا ئوبيكېىتپ پاكتىقا يېقىنلىشىشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ“. ئابدۈشۈكۈر مەمتىمىن روس ڧارابىشۇناس ن. رىشىرنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق يازىدۇ: “ ڧارابى ئارستوتېلدىن كېيىنكى لوگىكا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ نامايەندە، دەۋر بۆلگۈچ مۇتەخەسىس ئىدى“
مازغاپ بىلىم ۋە پەن داشقايناقلىقى ھۆكۈم سۈرگەن دەۋرىمىزدە بىزنى تاڭ قالدۇرىدىغان شۇنداق بىر ئىش بار. ئۇ بولسىمۇ ڧارابىنىڭ 10-ئەسىردىلا پەنلەرنى شۇ قەدەر ئىنچكە تۈرگە ئايرىپ چىققانلىقى ۋە ھەر قايسى ئىلىم ساھەلىرىدە رىسالىلەرنى يېزىپ قالدرۇغانلىقى. ئۇ پەلسەپىنىڭ يېتەكچى ئورنىنى ئىنكار قىلمىغان ھالدا ھەر قايسى پەنلەرنىڭ مۇستەقىل ئوبيكتى ۋە قىممىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن؛ نەزەرىيىلىك پەنلەرنىڭ ھەر قايسى پەنلەر سىستېمسىدىكى نېگزلىك ئورنىنى تەكىتلىگەن؛ پەنلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە ئىچىكى تارماقلىرى بويىچە تۈرگە ئايرىش پرىنسىپلىرى ۋە ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس سخېمىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ڧرابى پەنلەرنى مۇنداق تىزغان: تىلشۇناسلىق پەنلىرى، شېئىرېيەت ئىلمى، لوگىكا، ئارڧېمتىكا، گىوئېمترىيە، ئوپتىكا، ئاسترونومىيە، مۇزىكا، ئۆلچەم ئىلمى، ئاددىي ڧىزىكا، مۇرەككەپ جىسىملار ڧىزىكىسى، خىمىيە، بىناكارلىق ئىلمى، كېمىسازلىق، تېىرقچىلىق تېخنكىسى، ھايۋاناتشۇناسلىق، تىبابەتچلىك، ئومۇمىي پەلسەپە، مېتودلوگيىلىك پەلسەپە، روھىيەت پەلسەپىسى، ئەخلاقشۇناسلىق، ھوقۇقشۇناسلىق، سىياسىي باشقۇرۇش ئىلمى قاتارلىقلار. ئۇ يەنە ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا پەلسەپە ئۆگىنىشنىڭ ئىجتىمائىي كامالەت جەھەتتىكى ئەھميىتى ھەققىدىمۇ توختالغان. پۈتكۈل پەلسەپىۋي بىلىش تارىخىدا مەدەنىيەت تارىخدىكى ”ئەرەب مەدەنيىتى“ دەپ نام ئالغان ئالامشۇمۇل تارىخىي مەدەنىيەت تىپىنىڭ شەكىللىنشىگە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان. ئەپسۇس، ڧارابىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئىدىيە تارىخىدا ئانالىتىك تەپەككۇر ئەندزىسى ئۈزۈلۈپ دېداكتىلىق تەپەككۇر ۋە ئوبرازلىق تەپەككۇر ئەندىزىسى باش كۆتۈرگەن. ئىديە تارىخمىزدىكى بىر ئاقارتىش جاراھىتى ئەنە شۇنداق باشلانغا. بىز ئۇيغۇر ئىدىيە تارىخىدا ڧارابىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئىدىيە تارىىخىدا ئانالىتىك تەپەككۇر شەكلىنىڭ ئۈزۈلۈپ دىداكتىكىلىق تەپەككۇرنىڭ قانداق باش كۆتۈرگەنلىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى دېداكتىلىق ئەسەرلەرنىڭ تىزىملىكىگە قاراپ ئۆتەيلى .
يۈسۈپ خاس ھاجىپ: ”قۇتادغۇ بىلىگ“ (دېداكتلىق داستان)
مەسىلەن: ئەگەر ياخشى بولماق تىلەسەڭ ئۆزۈڭ،
يۈرگىن، ياخشىلىق قىلغىن، قوي ئۆزگە سۆزۈڭ. (227-بېيت)
تىلىسەڭ يۈكسەكلىك بىل خەلقى ئۇلۇغ،
ئۆزۈڭدە توغرۇلۇق يولىن تۇت ئوچۇق. (1293-بېېيت)
ئەھىمەد يۈكنەكى : ”ئەتەبەتۇل ھەققايىق“ (دېداكتلىق داستان)
مەسىلەن، تىلىڭ بېكتە تۇتقۇل تىشىڭ توشمىسۇن،
قانى چىقاسا بېكتە تېشىڭنى سىيۇر.
(تىلىڭنى يىغىپ تۇت، چىشىڭ سۇنمىسۇن،
ئەگەر يىغىقتىن چىقسا چىشڭىنى سۇندۇرار.
مۇھەممەت سىدىق رەشىدىي: قابۇسنامە (دېداكتىلىق ئەسەر، 19-ئەسىردە ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان)
مەسىلەن، ئەي ئوغۇل، سۆز سۆزلىگىن ۋە لېكىن يالغان سۆزلىمىگىن. ئۆزۈڭنى يالغانچلىق بىلەن مەشھۇر قىلما. راست سۆزلۈك ۋە راستچىلللىق بىلەن شۆھرەتلەن. ناۋادا زۆرۈرىيەتتىن يالغان ئېيتىپ سالساڭمۇ، باشقىلار قوبۇل قىلۋالىدۇ. شۇڭا ئىمكان بار راست سۆزلىگىن (قابۇسنامە، 45-بەت)
ئابدۇللا خاراباتى: كۇللىيات مەسنەۋىي خاراباتى(دېداكتلىق داستان)
ئەي بۇرادەر، بۇ جاھان زىندان ساڭا،
بولماغىل زىنھار شاد، خەندان ئاڭا.
ھەممىسى بىر-بىرىنىڭ قەستىدۇر،
تىنچ زەھەر ئالۇد ھەم دەستەدۇر. (ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى، 295-بەت)
ئابدۇقادىر داموللا : ئاقادىي زۆرۈرىيە (دېداكتلىق مۇھاكىمە)
مەسىلەن،
ئىززەت-ئابروي، قۇۋۋەت نېمە بىلەن بولىدۇ؟
–ئىلىم-مەرىپەت، ئىتتپاقلىق بىلەن بولىدۇ(”ئاقادىي زۆرۈرىيە“ دىن)
تەپەككۇر گۈلشەنى( دېداكىتكلىق نەسىەتلەر توپلىمى، ئابدۇۋالى خەلپەت نەشىرگە تەييارلىغان)
ئەلۋەتتە، ئانالىتىك تەپەككۇر ئەندىزىسىنىڭ ئۇيغۇرلاردا قانداق ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى ھەققىدىكى مۇھاكىمە ھەرگىز شەرق تەپەككۇر تارىىخىدا ئالاھىدە بىر ھادىسە ھېسابلىنىدىغان دېداكتلىق تەپەككۇرنىڭ ۋە دېداكتىكىچە ئەسەرلەرنىڭ قىممىتىنى يوققا چىقارمايدۇ. ئۇيغۇر ئدىيە تارىىخدىكى دېداكتلىق ئەسەرلەر شۇ زامان روھىدىن ۋە پىكىر ئەنئەنسىدىن دېرەك بېرىدىغان قىممەتلىك يادىكارلىقلاردۇر. ئەمما، بىز يەنە شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، دېداكتلىق تەپەككۇر بىر مىللەت تەپەككۇرىنىڭ ھەممە شەكلىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ ۋە مۇرەككەپ، چېگىش شەيئىلەرنى چۈشىنشىمىزگە ياردەم بېرەلمەيدۇ. ئۇيغۇر ئىدىيە تارىخىدا ئانالىتىك تەپەككۇر ئەندىزىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ دېداكتلىق تەپەككۇر ئەندىزىسىنىڭ باش كۆتۈرۈشى ئىلگرىلەپ دىقەت قىلشىمىزغا ۋە تەتقىقات قىلشىمىزغا ئەرزىيدىغان تېمىدۇر.
قېلىپلاشقان تەپەككۇر ئەندىزىسىگە سوئال قويۇش ۋە گۇمانلىنىش ئاڭ تەرەقققياتى ۋە تونۇشلوگىيىلىك بۆسۈشتىكى مۇھىم قەدەم. چىكاگو ئۇنىۋېرستىېتنىڭ سابىق پروڧېسوورى توماس كۇن، 20-ئەسىر پەن پەلسەپىسىدىكى ئابىدە خاراكېترلىك ئەسىرى ”ئىلىم ئىنقىلابىنىڭ قۇرۇلمىسى“ دە مۇنداق يازىدۇ ”ئەندىزە دېگىنىمىز مەسىلە ھەل قىلىش ئۈچۈن پەيدا بولغان، ئىلىم ئەھلىلىرى تەرىپىدىن ئورتاق قوبۇل قىلىنغان قىممەت قارىشى، چۈشەنچە ۋە تونۇشلاردۇر. ھەل قىلىنمىغان مەسىلىلەر كونا ئەندىزە رامكىسى دائىرىسىدە جۇغلىنىپ يېڭى پىكىر يول تېپىلمىغاندا ۋە كونا ئەندىزىنىڭ ئورنىنى يېڭى ئەندىزە ئىگىلىگەندە ئاڭ تەرەققىياتى يۈز بېرىدۇ“. مىچېل ڧۇكاۋنىڭ ئۇستازى، 20-ئەسىر پەن پەلسەپسىدىكى يەنە بىر بۈيۈك نامايەندە گاستون باچېلارد ”ئىلمىي بۆسۈش“ ناملىق كىتابىدا مۇنداق يازىدۇ: “ ئاڭ تەرەققىياتى ھەرگىزمۇ جۇغلانما تونۇشلارنىڭ نەتىجىسدە بارلىققا كەلمەيدۇ؛ بەلكى كونا تونۇشلاردىن، ئۆزىمىز يېپشقان بىلىملەردىن ۋاز كېچىش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ. چوڭقۇر يىلتىز تارتقان كونا تونۇشلارنى رەت قىلىش ئىنتايىن مۇھىم؛ مۇقىملىشىپ قالغان ئەقىل مودىللىرى ئاڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.“ بۈگۈنكى زاماندا دېداكتلىق تەپەككۇر ۋە ئوبرازلىق تەپەككۇر شەكلى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىغان نۇرغۇن چېگىش مەسلىلەر بار. بۇ مەسىلىلەرنى چۈشىنشىمىزدە ۋە ھەل قىلىش لايېھەسى تېپشىمىزدا دېداكتلىق تەپەككۇر ياردەم بېرەلمەيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز ڧارابىدىن كېيىن ئۈزۈلۈپ قالغان ئانالىتىك تەپەككۇر رىلىسىنى قايتىدىن ئۇلىشىمىز لازىم. ئابدۈشۈكۈر مەمىتىمىن ڧارابىنىڭ تەرەققىيات قارىشى ھەققىدە مۇنداق يازىدۇ(138): ”ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە، تۆۋەندىن يۇقىرىغا، كامالەتكە قاراپ يۈزلەنگەن ھەرىكەت تەرەقققىيات ھېسابلىناتتى. ئۇ تەرەققىيات جەريانىنى ئۆزگىرىش دەپ قارىغان. ئۇ كېيىنكى تەرەققىيات باسقۇچىدا ئالدىنقى تەرەققىيات باسقۇچىنىڭ نەتىجىلىرى ساقلانغان ۋە شۇ بويىچە داۋاملىق ئىلگرىلەيدىغان تەرەققىياتنى تاكاممۇلىنشقا يۈزلەنگەن ھەرىكەت دەپ چۈشىنەتتى. ئۇيغۇر ئىدىيە تارىخىدا ڧارابى دەۋرىدىكى پىكرىي تەرەققىيات باسقۇچىنىڭ مەھسۇلى بولمىش ئانالىتىك تەپەككۇر ئەندزىسى ئۈزۈلۈپ قالغان؛ مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئالدىنقى پىكىر باسقۇچىدىكى تەرەقىيات ئەندزىسى ساقلاپ قېلىنغان. بۇ ھال ئادەمنى ھەقىقەتەن ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.
بىز ئۇيغۇر مەدەنيىتىنىڭ نامايەندىىلرى توغرۇلۇق توختالغاندا ھەمىشە دېگۈدەك كوللكېتىپ ئەقىل-پاراسەتنى بەكرەك تەكىتلەيمىز ھەم مەدھىيلەيمىز. ئەمما، بىز يەنە شۇنىمۇ چۈشىنىشىمىز كېرەككى، ھەر قانداق مىللەت ئىدىيە تارخىدا كوللكېتىپ ئەقىل پاراسەت بىلەن تەڭ پەيدا بولىدىغان ۋە كوللكېتپ ئاڭسزلىق شەكلىدە ئىپادە بولىدىغان ئەخلەت تونۇشلار ھەم تەپەككۇر ئەخلەتلىرى بولىدۇ. شۇلارنى بايقىماي، ئاغدۇرماي، تۈزەتمەي تۇرۇپ ئاڭ تەرەققىياتى پەيدا بولمايدۇ. ئەخلەتلەرگە دىئاگنوز قويۇلمىسا ياكى تازىلانمىسا ئاقارتىش جاراھىتى يۈز بېرىدۇ. ئاقارتىش جاراھىتىنىڭ ئاغرىقىنى خاتا كەتكەن تونۇشلىرىمىزنى بايقاش، تۈزىتىش ۋە ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئەملەش مۇمكىن. ئۇيغۇرلاردا دېداكتلىق تەپەككۇر ئەندىزىسى نۇرغۇن ئېسىل مەدەننيەت يادىكارلىقلىرىنى مىراس قالدۇرۇش بىلەن تەڭ يەنە ئاقارتىش جاراھىتى پەيدا قىلدى. ئۇ بولسىمۇ ئانالىتىك تەپەككۇر شەكلىنىڭ بارلىقىنى بىلمەسلىك ياكى ئۇنىڭغا سەل قاراش. بۇ خىل مايلىقنىڭ نەتجىسىدە ئاددىي ئەقىلگە بەنت بولۇش. ئالجىرىيە پەيلاسوپى مالىك نەبى ئۆزىنىڭ ”گۈللىنىش شەرتلىرى“، ”مەدەنىيەت كىرزىسلىرى“ ناملىق ئەسەرلىرىدە مۇسۇلمانلارنىڭ كېيىنكى ئەسىرلەردە كېيىن قالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق يازىدۇ: ”مۇسۇلمانلار ئاددىي ئەقىلگە بەنت بولغانلىقى ۋە مۇرەككەپ ھادىسلەرنى ئاددىي ئەقىل رامكىسىدا چۈشىنشىكە ئۇرۇنغانلىقى ئۈچۈن كېيىن قالدى. ئاددىي ئەقىل رامكىسى ئاۋامنىڭ پىكىر يولىنى تۇمانلاشتۇرغاندا مەدەنىيەت كىرزىسى يۈز بېرىدۇ“. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلاردا ئانالىتىك تەپەككۇرنىڭ ئۈزۈلۈپ دېداكتلىق تەپەككۇرنىڭ باش كۆتۈرۈشى بىزنى ئاددىي ئەقىل رامكسىىغا كۆندۈرۈشتە رول ئوينىغان. ئەمما، بۇ دېگەنلىك، شەرقققە خاس ئالاھىدە ئىديە ھادىسىسى بولغان دېكاتىكىلىق تەپەككۇر يالغۇز ئۇيغۇرلارغىلا خاس ھادىسىە ئەمەس. مۇسۇلمانلار ئانالىتىك تەپەككۇرغا كۈچلۈك ئەھمىيەت بېرىدىغان پەلسەپە گۈللىنشى دەۋرىدە تېز سۈرئەتتە كۈچەيگەن بولسا، 12-ئەسىردە غەززالىنىڭ پەلسەپىگە ھۇجۇم قلىشىدىن كېيىن ئوميۈزلۈل ئاددىي ئەقىل رامكسىغا پاتتى ۋە مۇرەككەپ، چېگىش ھادىسلەرنى ئاددىي ئەقىل رامكسىدا چۈشەندۈرۈشكە تىرىشتى. غەرب بولسا ئاقارتىش دەۋرىدىكى دىنغا قىلىنىغان ھۇجۇمدىن كېيىن ئەقىل ئاشقۇنلۇقىغا يول قويدى. بۇنىڭ روھىي جاراھەتلىرى ھازىر تازا كۈچىنى كۆرستىۋاتىدۇ. شەرق-غەرپ ئىدىيە تارىىخدىكى بۇ خىل تونۇش ئاغمچىلىقى بىزگە مۇنداق ساۋاقنى ھېس قىلدۇرىدۇ. دىني تونۇش ئىلىمگە دىماغ قاققاندا، ئىلىم ئىگىلىرى دىننىڭ رولىنى پۈتۈنلەي يوققا چىقارغاندا تونۇش ئاشقۇنلۇقى يۈز بېرىدۇ. يەككە ھالدا ياكى دىننىڭ رولى ياكى ئەقىلنىڭ رولى كۆككە كۆتۈرۈلگەندە، بىز چۈشەنچە پاتقىقىغا پېتىۋاتقان بولىمىز.
ھازىرقى شەرھسىز، لايېەسىز قېلۋاۋاتقان نۇرغۇن كىرزسىلىرىمىز بىزگە شۇنى ئۇقتۇرۇۋاتىدۇكى، ئەمەلىيەتتە ئاددىي ئەقىلگە بەنت بولۇش بىزنى ئاشقۇن تونۇشلارغا باشلاپ روھىمىزدا كوللكېتىپ ئاڭسزلىققا ئايلىنىپ كەتكەن چۆكمىلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ئاددىي ئەقىلنىڭ ياردىمىدە بىز ئېرشىكەن ۋە چىڭڭىدە يېپشىقان تونۇش ھەقىقەت بولۇشى ناتايىن. ئۇ بەلكىم بىز بالدۇرراق ئۇچراشقان ياكى بىزگە جەلپىكار تۇيۇلغان تونۇش بولۇشى مۇمكىن. ئاددىي ئەقىل ۋە خۇشياقىدىغان تەپەككۇر شەكلى پىكىر يولىمىزدىكى سەۋەنلىكلەرنى كۆزىمىزگە كۆرمەس قىلىىپ بىزنى كوللكېتىپ ئۆزمەپتۇنلۇققا باشلىماقتا. بىر مىللەت كوللكېتىپ ئۆزمەپتۇنلۇققا بەنت بولغاندا ۋە خۇشياقىدىغان تەپەككۇر ۋە ئاددىي ئەقىل رامكىسى بىلەن مۇرەككەپ شەيئىلەرگە، چېگىش ھادىسلەرگە، توقۇناق كىرزىسلەرگە ۋە ئېچىنشلىق قىسمەتلەرگە مۇئامىلە قىلغاندا، ئۇنىڭ مەدەنىيىتى كىرسىزكە يول تۇتىدۇ. شۇڭا بىز ئاددىي ئەقىل رامكىسى بىلەن خوشلىشىپ شەيئىلەرنىڭ سەۋەب-نەتىجە مۇانسىۋېتى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلنىشقا يېتەكلەيدىغان ئانالىتىك تەپەككۇر شەكلىگە كۆنۈشىمىز لازىم.
ئىزاھلار
[1] ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن: ”ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى“، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1997-يىل 142- بەت.
[2] مالىك نەبى 20-ئەسىر ئسىلام پەلسەپىسى تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان مۇھىم مۇتەپپەككۇر. ياش ۋاقتىدا ڧرانىسيىدە ئوقۇغان، ئالجىرىيە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن بۇ دۆلەتنىڭ مائارىپ مىنستىرى بولغان. 20-ئەسىر ئسىلام پەلسەپىسىدە مەدەنىيەت كىرزىسى ۋە گۈللىنىش شەرتلىرى ھەققىدىكى يازمىلىرى بىلەن داڭلىق. ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ كېيىنكى ئەسىرلەردە ئارقىدا قېلشىنى ئۇلارنىڭ ئاددىي ئەقىلگە بەنت بولغانلىقىغا باغلاپ چۈشەندۈرىدۇ. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن ”گۈللىنىش شەرتلىرى“، ”مەدەنىيەت كىرزىسى“ قاتارلىقلار بار. بۇ نەقىل دىن ئېلىندى.
[3] كارل پوپپېر -20-ئەسىر پەلسەپىىسدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان بۈيۈك پەيلاسوپ، پەن پەلسەپىسى ۋە ئاڭ تەرەققىياتى ھەققىدىكى پەلسەپىۋي يازملىرى بىلەن داڭق چىقارغان. 1901-يىل ۋېنگىرىيدە تۇغۇلغان. ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە كامبىرىج ئۇنىۋېرستىتىداپروڧېسسورلۇق بىلەن شۇغۇللانغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن ”ئەركىن جەمئىيەت ۋە ئۇنىڭ دۈشمەنلىرى“، ”ئىجتىمائىي ئىنژېنېرلىق“، ”ماركىسقا تەنقىد “ قاتارلىقلار بار. بۇ نەقىل دەۋد مۇللېر تەرىپىدىن تەھرىرلىنىپ پرىنستون ئۇنىۋېرسىتېىدىن 1985-يىل نەشىر قىلىنغان ”كارل پوپپېرنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى“(ئىنگلىزچە) ناملىق كىتابنىڭ 9 -بېتىدىن ئېلىندى.
[4]داۋېد كۇپپېر: ”دۇنيا پەلسەپىلىرى تارىخى“(ئېنگلىزچە)، بلەكۋېل نەشرىياتى، 2003-يىل نەشرى، 109-بەت.
[5] تېئوردور ئادورنو- گرمانىيىلىك مەشھۇر جەمئىيەت نەزەريىچىسى، ڧرانكڧورتچىلار پىكىر ئېقىمىنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن ”ئاقارتىش دىئالېكتىكىسى“، ”ھاكىمۇتلەق خاراكېتىر“، ”تارتىملوگىيە (ئىستېتىكا) نەزەريىسى“ قاتارلىقلار بار. بۇ نەقىل ئەنگلىيە بلەكۋېل نەشرىياتى تەرىپىدىن 2009-يىل نەشىر قىلغان ”غەرب پەلسەپە لۇغىتى“ نىڭ 14 –بېتىدىن ئېلىندى.
[6] مەجىد پەخرى، ”ڧارابىنىڭ ھاياتى، ئەسەرلىرى ۋە تەسىرى“(ئېنگلىزچە)، ئەنگلىيە ۋانۋورد نەشرىياتى، 2002-يىل، 1-بەت.
[7] ”كامبىرىج پەلسەپە لۇغىتى“، كامبىرىج ئۇنىۋېرستىېتى نەشرىياتى، 2001-يىل، ئىككىنچى نەشرى، 20-بەت.
[8] ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن: ”ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى“، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1997-يىل نەشرى، 142-بەت.
[9]، [10] يۈسۈپ خاس ھاجىپ: ”قۇتادغۇبىلىگ“، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1983-يىل 1-نەشىرى، 87-، 307 – بەتلەر.
[11] ئەخمەد بىننى مەخمۇت يۆكنەكى: ”ئەتەبەتۇل ھەققايىق“(خەمىت تۆمۈر، تۇرسۇن ئايۇپ تەرجىمىسى)، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1988-يىل نەشرى، 24-بەت.
[12] مۇھەممەد سىدىق رەشىدىي: قابوسنامە(ئابلىمىت ئەھەد بۆگۈ نەشىرگە تەييارلىغان). شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2005-يىل، 45-بەت.
[13] ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن: ”ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى“، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1997-يىل نەشرى، 295-بەت
[14] ئابدۇقادىر ئابدۇۋارىس: ”ئەدەب ئاچقۇچى“، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002-يىل نەشرى، 4-، 5-بەتلەر.
[15] ”كامبىرىج پەلسەپە لۇغىتى“(ئېنگلىزچە)، كامبىرىج ئۇنىۋېرستىېتى نەشرىياتى، 2001-يىل، ئىككىنچى نەشرى، 20-بەت.
[16] توماس كۇن: ”ئىلىم ئىنقلابىنىڭ قۇرۇلمىسى“(خەنزۇچە)، بېيجىڭ ئۇنىۋېرستىېتى نەشرىياتى، 2003-يىل خەنزۇچە نەشرى، 157-بەت
[17] جون لېچى، ”بۈگۈنكى زاماندىكى 50 مۇھىم مۇتەپپەككۇر: قۇرۇلمىچلىقتىن كېيىنكى مودىرنىزمغىچە“(ئېنگلىزچە)، روئۇتلېج نەشرىياتى، 1994-يىل نەشرى، 3-بەت
مەنبە: مەڭگۈتاش كۈتۈپخانىسى http://www.mengutas.com/kutuphana/?p=2013