You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » ئەگەر مەھمۇد قەشقىرى بولمىغان بولسا

ئەگەر مەھمۇد قەشقىرى بولمىغان بولسا

مۇجىبۇل راخمان ئەركىم

ئەگەردە، مەھمۇد قەشقىرى بولمىغان بولسا، 8000 غا يېقىن ئاساسىي سۆزلۈكتىن تۈزۈلگەن « تۈركى تىللار دىۋانى » بولمىغان، تۈرك مىللەتلىرىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مۇكەممەل لۇغىتى بولمىغان بولاتتى. « تۈركى تىللار دىۋانى » بولمىغان بولسا، بىز ئۇشبۇ دەۋىرلەردىكى سۆزلۈكلەرلا ئەمەس شۇ ۋاقىتتىكى قاراخانلار سۇلالىمىزنى قۇرغان ئەجداتلىرىمىنىڭ ، خاندانلىقىمىزنىڭ تارىخى، سىياسىي،جۇغراپىيە ۋە جەمئىيەت تۈزۈلمىسى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك مەنبەلەرگە ئائىت مەلۇماتلارنى بۇ قەدەر تەپسىلىي بىلەلمىگەن بولاتتۇق. مۇشۇنداق بىر لۇغەت بولمىغان بولسا، مىڭ يىللار مۇقەددەم مەھمۇد قەشقىرىدەك ئالىمىمىزنىڭ ياشىغانلىقىدىن پەخىرلىنىپ، بۈگۈنكىدەك دۇنيا ئىلىم ساھەسىدە كۆكرەك كېرىپ يۈرەلمىگەن بولاتتۇق. تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى، ئەڭ ئىلمىي، ئەڭ مۇكەممەل تۈزۈلگەن سۆزلۈكلىرى كىرگۈزۈلگەن بۇ دۇنياۋىي شان-شۆھرەتكە ئىگە قامۇسنى كۆرەلمەيتتۇق. بوۋىمىز مەھمۇد قەشقىرى خۇددى بۈگۈنكى سىزنىڭ ۋە بىر قىسىم ئەقلى پۈچەك كىشىلىرىمىزنىڭ پەيدا بولۇپ، ئۆز تارىخىنى، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى، ئەجدادىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلىپ قالغاندەك، بۇ قامۇسنى جاۋاپ ئۈچۈن يېزىپ قالدۇرغان ئوخشايدۇ. ئۆز زامانىسىدا دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك، ئەڭ ئىلغار مەدەنىيەتلىك مىللەت سانىلىپ، ئالەمگە پاتماي قالغان ئەرەب ۋە ئەرەب تىلىدىن كەم قالمايدىغان تۈرك ھەم تۈركىي تىلى ھەققىدە يېزىلغان دىۋانىدا بوۋىمىز مەھمۇد قەشقىرى: تۈرك تىلى بىلەن ئەرەب تىلىنىڭ گوياكى بەيگىگە چۈشكەن ئاتلارغا ئوخشايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن يازدىم، دېگەن ئىدى. ھەر زامان ئېسىڭىزدە بولسۇن مەھمۇد قەشقىرى سىزگە ۋە بىزگە ئوخشاش ئازادە، يورۇق، ئەسلىھەلىرى تولۇق ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ يازمىغان بۇ لۇغەتنى. مەھمۇد قەشقىرى يىراق مۇساپىلەرنى ئاتلىق ھەم پىيادە بېسىپ، چەكسىز جاپا-مۇشاقەتلەر ئىچىدە توپلىغان ئەقلىي، جىسمانىي ئەمگەكلىرى بىلەن بۇ دۇنياۋىي قامۇسنى يېزىپ چىققان ئىدى. سىز ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا قەشقەردىن يولغا چىقىپ، باغداتقا يېتىش جەريانىدىكى جاپالىق يول ئازابىنى، ئۆلۈم خەۋىپى، يولۇققان تۈگىمەس مۈشكىلاتلىرىنى ھېس قىلالامسىز؟ تەسەۋۇر قىلالامسىز؟ ئەگەر سىزنىڭ ئەڭ خىلۋەتلىرىڭىزدە تېخى ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ قالغان، ئازراق بىر ۋىجدان تۇيغۇسى بار ھۈجەيرىلىرىڭىز بولسا، ئۆيىڭىزدىن چىقىپ 30 كىلومېتىر تاغ يولىنى پىيادە بېسىپ بېقىڭ ۋە ياكى 10 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىرەر يېزىغا بېرىپ بېقىڭ، ياكى ئاشۇ يەردە ياشاۋاتقان بىرەر مىللەتنى زىيارەت قىلىپ، بىرەر پارچە ئىملاسى توغرا، ساپ ئانا تىلىڭىزدا بىرەر ۋاراق كۈندىلىك خاتىرە قالدۇرۇڭ. ئاشۇ قىلغانلىرىڭىز مىڭ يىللارغىچە ئىلىم ئاسمىنىدا ئۆچمەس قۇياشتەك پارلاپ تۇرغان «تۈركى تىللار دىۋانى » نىڭ بىرەر تال چېكىتىچىلىك قىممەت يارىتالامدىكىن.
بۈگۈنكى كۈندە سىز ئەينى ۋاقىتتا، مەھمۇد قەشقىرى غالىپلارغا خاس جاسارەتتە، ئەرەبلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى مەرتىۋىلىك خەلىپىسى (26-خەلىپىسى) نىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ ئۆزى ئەرەب تىلىدا پۈتكەن لۇغەتنى تەقدىم ئەتكۈدەك، ئىشەنىچ ۋە جاسارەت سىزدە بارمۇ؟ سىز ئۆز كۆز قارىشىڭىزنى، ئىدىيىڭىزنى يۈكسەك ئىشەنىچ ۋە دادىللىق بىلەن ئۆزگىلەرگە سۇنالامسىز؟ بۈگۈنكى كۈندىكى دۇنياۋىي ئالىملار تەتقىق قىلىۋاتقان، ئاساسى قىسمى ئەرەبچە پۈتۈلگەن بۇ قىممەتلىك لۇغەت 1914-يىلى تېپىلىپ، 1917-يىلى نەشىر قىلىنىپ، ئالەمگە ئاشكار بولغاندىن تارتىپ ھېچكىمنىڭ ھۆرمىتىدىن چۈشۈپ قالغىنى يوق. ھەتتا شۇ كۈندىن باشلاپ دۇنياغا مەشھور ئەرەب ئالىملىرىنىڭ كىتابلىرىدا ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەگەر مەھمۇد قەشقىرىنىڭ بۇ ئەسىرى بولمىغان بولسا، تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ مۇشۇنداق ئەڭ ئۇزۇن تارىخى شەرەپكە نائىل بولغان ئەسىرى بولمىغان بولاتتى. ئەگەر، مەھمۇد قەشقىرى بولمىغان بولسا، « تۈركى تىللار دىۋانى »دىن ئورۇن ئالغان تۈركى مىللەتلىرىنىڭ ئەڭ زامانىۋىي سىزىلغان يۇمىلاق شەكىللىك يەر شارىنىڭ خەرىتىسى بولمىغان بولاتتى. ئۆز دەۋرىدىكى جۇغراپىيە بىلىملىرى مۇجەسسەملەنگەن بۇ خەرىتىدە ئايرىم-ئايرىم رەڭلەردە قۇملۇق، تاغ، دەريا، كۆللەر ئىپادىلەنمىگەن بولسا، شۇ دەۋىردىكى جۇغراپىيە بىلىملىرىمىزنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن بولاتتۇق. بۇ خەرىتە سىزىلمىغان بولسا، بۈگۈنىدە، دۇنيادىكى ئىلغار مىللەت سانىلىدىغان ياپونلارمۇ ئۆز ۋەتىنىنىڭ تارىختا تۇنجى قېتىم يەرشارى خەرىتىسىگە ئېلىنغانلىقىنى كۆرەلمىگەن بولاتتى. دەل بوۋىمىز سىزغان بۇ خەرىتىدە، شەرىق تەرەپتىن ئورۇن ئالغان « جابىرقا » دېگەن بىر يۇرت، يەنى بۈگۈنكى ياپونىيە مەھمۇد قەشقىرى تەرپىدىن دۇنيادا تۇنجى بولۇپ خەرىتىگە كىرگۈزۈلگەن ئىدى. بۇ تىلشوناسلىق ساھەسىدىكى، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن، جۇغراپىيە، تارىخ قاتارلىق ھەر قايسى كەسىپىي ساھەلەر تەتقىقاتىدا كەم بولسا بولمايدىغان، كۆپ مەنبەلىك لۇغەت ئۆز رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇپ كەلمەكتە. سىز مۇشۇ كۈنلەردە بۇلتۇر دېگەن گېپىڭنى ھەتتا تۆنۈگۈنكى سۆزلىگىنىڭىزنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىسىز. سۆزلىسىڭىزمۇ سۆزلىگەنسىز خاتاسىز، مۇكەممەل سۆزلىيەلىدىڭىزمۇ؟دىۋاننىڭ يەنە بىر مۇۋاپپىقىيىتى شۇكى مەھمۇد قەشقىرى ئۆز دەۋرىدىكى پۈتۈن دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئەرەبچىنى ھېچبىر نۇقسانسىز، خاتاسىز يېزىپ چىققانلىقىدۇر.

Heriteمەھمۇد قەشقىرى سىزغان دۇنيا خەرىتىسى

قېنى قاراڭە، ھەرخىل رەڭلەردە سىزىلغان قۇملۇق، تاغۇ-دەريا، دالالىرىڭىزغا، ئوقۇڭ ئۇشبۇ خەرىتىدىن ياقۇت كۆزدەك ئورۇن ئالغان مەشھور خانبالىقلىرىڭىزنىڭ مۇبارەك ئىسىملىرىنى، كۆرۈڭ تارىختىكى داڭقى پۇركەتكەن ھازىرقى كۈندە ئىزناسىمۇ قالمىغان بەش شەھەر قاتارىدىكى ياڭىبالىق، بېشبالىقلىرىڭىزنى. ئەينى دەۋرىدە جاھانغا نامى تارالغان، دۇنيا مەدەنىيتىنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان بازار-بالىقلىرىڭىزنىڭ ئۆتمۈشتىكى سەلتەنەتى ۋە ھازىرقى خارابىلىرىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ، ئويلۇنۇڭ، تەپەككۈر قىلىڭ.
ئەگەر «تۈركى تىللار دىۋانى » بولمىغان بولسا، يۇرتىمىزنىڭ كەڭ كەتكەن تاغۇ-تاش، تىك قىيالىرىغا مەڭگۈلۈك ئويۇۋېتىلگەن قەبىلە، ئۇرۇقلىرىمىزنىڭ تامغىلىرىنى بىلەلمىگەن بولاتتۇق. بىلسىڭىز، ئاشۇ ھەيۋەتلىك تاغ، مەزموت قورام تاشلىرىمىزغا چېكىۋېتىلگەن بىر تامغىنىڭ قىممىتى بىر كىتاپ ئەمەس، مىڭ كىتابقا باراۋەر كېلىدىغان ئۆچمەس ئابدىلەردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن « تۈركىي تىللار دىۋانى » نى ئوقۇڭ، ئەينى دەۋىردىكى ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئاستىرنومىيە، جۇغراپىيە بىلىملىرى ھەققىدىكى مەلۇماتلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ. ھەم خىجىل بولۇڭ، پارىسلارنىڭ « دۈشەنبە » دېگىنىنى ھەپتىنىڭ بىرى ( دۇ- پارىسچىدە ئىككى دېگەنلىك بولۇپ، دۇشەنبە ھەپتىنىڭ ئىككىسى دېگەنلىك بولىدۇ. ) دەيدىغان ھالغا قالغىنىمىزدىن. بىز پارىسلارنىڭ ھەپتىنىڭ ئۈچى دېگىنىنى، ھەپتىنىڭ ئىككىسى دەپ قوللىنىۋاتىمىز.بىز پۈتۈن مىللەت سۈپىتىدە ھاماقەتلەرچە بۇ خاتا ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمىز. ئەگەر مەھمۇد قەشقىرى بوۋىمىز پۈتكەن دىۋاندىكى تىل ۋە ئاستىرنومىيىلىك، جۇغراپىيلىك بىلىملەرنى بىلگەن بولساق بۇ كۈنگە قالمايتتۇق. بوۋىمىز دىۋانىدا ئىنتايىن قىزىقارلىق مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن بۇ بىلىملەرنى ئەقلىمىز، كۆزىمىز ۋە تەپەككۈر قىلىدىغان ئىقتىدارىمىز بار تۇرۇپ ئۆگىنىشكە، بىلىشكە قىزىقمىدۇق. شۇڭا بىز مەھمۇد قەشقىرى بوۋىمىز بىزدىن تەلەپ قىلغان، ئۈمىد قىلغان بىلىملەرنى چۈشەنمەي ھەم بىلمەي تۇرۇپ مەھمۇد قەشقىرىنىڭ قىممىتىگە، ھۆرمىتىگە ۋە قانچىلىك ئالىيجاناپلىقىغا باھا بېرەلمەيمىز.
قېرىندىشىم، بىلىم ئېلىڭ، ئۆگەنگىنىڭىز ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز تەۋە بولغان مىللەتنىڭ بىلىمىنى تېخىمۇ بېيىتىش ئۈچۈن بولسۇن. ئەگەر شۇنداق نىيەتتە بولسىڭىز، تېخىمۇ كۆپ بىلىم ئىگىلىيەلەيسىز. بەزى كىشىلىرىمىزگە دېسەم، سىز يۇرتىمىزدىكى قىممەتلىك ئاسارە-ئەتىقىلەرگە، قەدىمىي مىراسلىرىمىزغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلەلمەي قالغانلاردىن ئەمەس، ھەتتا، ئەڭ ئاددىيسى ئەتىراپىڭىزدىكى مەۋجۇدىيەتلەرگە،ئىنسانلارغا، دەل-دەرەخ، تاش-تۇپراقلارغىچە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلمەي قالغانلاردىن ئوخشايسىز! ئەگەر پۇرسىتىڭىز بولسا چەتئەللەردە ياشاۋاتقان، تۇرىۋاتقان كىشىلىرىمىزدىن سوراپ بېقىڭ. ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى ھەر نۆۋەت ئۆز ئانا ۋەتىنىگە قايتقىنىدا ئۆزى ياشىغان، ئەجداتلىرىنىڭ قان-ياشلىق ئۆتمۈشى، سەلتەنەتلىك تارىخى قالغان زىمىننىڭ توپىسىدىن بىرە سىقىم، تاشلىرىدىن نەچچە پارچە ئېلىپ چەتئەللەرگە قايتىشىدۇ. ئۇلار كىشىنىڭ يۇرتىدا ئەنە ئاشۇ ۋەتىنىنىڭ ئىللىق ھىدى كېلىدىغان تاش-تۇپراقلارغا قاراپ، ئۇلارنى قانماي پۇراپ ئۆزىنىڭ چەكسىز ۋەتەن سېغىنىشىنى باسىدۇ. ھەركىم ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلمىسۇن! ئەگەر سىزمۇ يۇرتىڭىزدىن ئايرىلسىڭىز، شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلىسىزكى، يۇرتىڭىزنىڭ ھەر قانداق نەرسىسى تېپىلماس تۇتىيا، ھېچ بىر بازاردا سېتىلماس بىباھا گۆھەرگە ئايلىنىدۇ. يۇرتىڭىزنىڭ توپىلىرىنى كۆزىڭىز سۈرۈۋېلىڭ، باھاسىز يادىكارلىقلىرىنى يۈزىڭىزگە سۇۋىۋېلىڭ، ئۇلارغا يۈرىكىڭىزدىكى چىن سۆيگۈ تۇيغۇلىرىڭىزنى سۆز دۇردانىلىرىگە ئايلاندۇرۇپ قانغۇچە تۆكۈۋېلىڭ، ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ، مەتبۇئاتقا يازمىسىڭىز، قويۇن خاتىرلىرىڭىزگە يېزىۋېلىڭ. ئاخىرى ھەممىمىز بۇ دۇنياغا مۇساپىرمىز. بىراق، بىزدىن ئىز قېلىشى كېرەك. نەچچە ئون يىل ياكى نەچچە يۈز يىل ئۆتكەندىن كېيىن سىزنىڭ يازغانلىرىڭىزمۇ تارىخقا، ئاسارە-ئەتىقىگە ئايلىنىدۇ. كېيىنكىلەرنىڭ سىزنى ئۇنتۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن تىرىشىڭ، ئۆز شەخسىيتىڭىز بىلەن ئەمەس، كىشىلىك نۇقتىڭىزدا تۇرۇپ بىر ئىش قىلمىسىڭىز سىزدىن بۇ دۇنياغا ھېچقانداق بىر ئىزنا قالمايدۇ. ئۆز مەدەنىيىتىنى، تارىخىنى سۆيمىگەن، ئېتىراپ قىلمىغان ۋە ئۆگەنمىگەن كىشىنى ئۆزگىلەرمۇ ئىززەتلىمەيدۇ.
« تۈركى تىللار دىۋانى »بولمىغان بولسا بىزنىڭ ئەمەس، يۇرتىمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭلا ئەمەس پۈتۈن دۇنيانىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن مۇشۇنداق بىر دۇنياۋىي شەخىسنىڭ ئەزىزانە يۇرتىمىز قەشقەردىن چىققانلىقىنى ھېچكىمگە بىلدۈرەلمىگەن بولاتتۇق.
ھەر قېتىم تۈركىيەگە ۋە تۈركىيەنىڭ مەدەنىيەت مەركىزى ئىستانبولغا بارغانلارنىڭ ئاغزىدىن تۈركىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق قۇرۇلۇشلىرى، تەرەققىياتى ھەققىدىكى دەبدەبىلىك پاراڭلارنى ئاڭلايمەن. نىمىشقىدۇر يىلىغا نەچچە مىڭلاپ چىقىۋاتقان بىرەر قېرىندىشىمىزنىڭ ئاغزىدىن بوۋىمىز مەھمۇد قەشقىرىنىڭ « تۈركى تىللار دىۋانى » ساقلىنىۋاتقان ئىستانبول مىللىيەت كۈتۈپخانىسىغا بارغانلىقىنى ئاڭلىيالمىدىم. ئەگەر ماڭا تۈركىيەگە بېرىش پۇرسىتى كەلسە، ئىستانبولغا چۈشكەن كۈنۈم، تۇنجى بولۇپ مەھمۇد قەشقىرى بوۋامنىڭ ھىدى، ئىزى قالغان ئۇشبۇ قوليازمىنى كۆرگىلى بارغان بولاتتىم. ھېس قىلالايمەن، بۇ تەۋەرۈك قامۇس، ئۆزى ۋۇجۇتقا كەلگەن تۇپراقتىكىلەرنىڭ دىدارىغا تولىمۇ تەشنا.
ھەممىمىز بىلىمىز،مەھمۇد قەشقىرىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ھازىرغىچە تالىشىۋاتقان قەۋىملەر ھېلىھەم بار.ئالىمىمىز بۇنى بىلىپ يەتكەندەك ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى، قەيەردە تۇغۇلغانلىقى ۋە ئۆزى ياشاپ ئۆتكەن يۇرتىنىڭ ئەڭ كىچىككىنە مەھەللىلەرنىڭ ئىسىملىرىغىچە ئېنىق يېزىپ قالدۇرغان. مەھمۇد قەشقىرى ھازىر ئۆز ئالدىغا شەكىللەنگەن بىر بىلىم. ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تۇشمۇ-تۇشتىن ئۆتكۈزۈلىۋاتقان مەھمۇد قەشقىرىنى خاتىرلەش يىغىنى ھەم قۇرۇلتايلىرى ئەلۋەتتە سەۋەپسىز ئەمەس.
ھەر قانداق بىرىنىڭ « تۈركى تىللار دىۋانى » نى تەتقىق قىلماي، تولۇق ئۆگەنمەي تۇرۇپ، ھەتتاكى مەھمۇد قەشقىرىنىڭ كىملىكىنى ئاڭقىرالمىغان ھەتتا ئۆزىنىڭ كىملىكىنىمۇ ئېيتىپ بېرەلمەيدىغانلارنىڭ بۇ مۇقەددەس ئەجىر مىۋىسىگە ۋە ئەسەر يازغۇچىنىڭ كىملىكىگە ھېچقاچان باھا بېرىش ھوقۇقى يوق.
ئەنە شۇ پەخىرلىك ئالىمىمىزنىڭ ياتقان مازىرى ئەزىزانە يۇرتىمىز قەشقەر ئوپالدا بولسىمۇ نۇرغۇن كىشىلىرىمىزگە بۇ ئارلىق بەكمۇ يىراق تۇيىلىدۇ. قەشقەرگە بارغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى ئاشۇ ئەزىز ھۆرمەت ئىگىسى يېتىپ قالغان تۇپراقنى زىيارەت قىلىپ قايتقانلىقىنى ھەر خىل تۇيغۇلاردا تۇرۇپ سۆزلەيدۇ. مۇمكىن بولسا ئۇشبۇ زىمىنغا قەدەم تەشرىپ قىلغان كىشىلىرىمىزنىڭ پۇرسىتى يەتسە، ئۆزىنىڭ ئارزۇلۇق پەرزەنتلىرىنىمۇ بۇ يەرگە باشلاپ كېلىپ، ئۇلارغا بىزدىن چىققان مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك بۈيۈك ئالىملارنىڭ بارلىقىنى نەق مەيداندا يېرىم سائەت ۋاقىت ئاجىرىتىپ سۆزلەپ بېرىشىمۇ،  كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈن ئۆتۈلگەن مىڭ سائەتلىك بىمەنە دەرىستىن مىڭ ھەسسە ئارتۇق دەپ ئويلايمەن. بوۋىمىز ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يۇرتى قەشقەرگە نىمە سەۋەپتىن قايتىپ كەلدى؟ چۈنكى ئۇنىڭ يۈرىكىدىكى كىملىك يالقۇنى ئۇنى ھەر ۋاقىت ئۆز ۋەتىنىگە چىللاپ تۇرغانلىقى ئۈچۈندۇر. بىز ئۇيغۇرلاردا  كىشىنىڭ ياخشىسى ئۆز يۇرتىدا قېرىيدۇ، دەيدىغان ھېكمەتنى دەل بوۋىمىز مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ئىش-ئەمەلىيىتىدىن كۆرۈۋالالايمىز. ئۆزىنى، ئۆزلىكىنى،ئۆز مىللىتىنى ۋە كىندىك قېنى تۆكۈلگەن مۇقەددەس ۋەتىنىنى ، كىشىلىكتە، بىلىمدە ۋە ئېتىقاتىدا كامالەتكە يەتكەن مەھمۇد قەشقىرىدەك يىتۈك بىر ئالىمنىڭ قايسى دەرىجىدە سۆيىدىغانلىقىنى ۋە سۆيۈشنى بىلىدىغانلىقىنى سىز چوقۇم تەسەۋۇر قىلاللايسىز.
يازمىمىزنىڭ ئاخىرىنى، 1400-يىللار ئەتىراپىدا « تۈركى تىللار دىۋانى »نىڭ بوش قالغان بىرىنچى بېتىگە خاتىپزادە ئاتلىق بىر كىشىنىڭ يازغان باھا سۆزى بىلەن ئاياقلاشتۇرىمىز؛« بۇ كىتاپ تولىمۇ يۇقىرى، تولىمۇ قىممەتلىك، مۇھىم بىر كىتابتۇر. مەن تۈركلەر ھەققىدە يېزىلغا ننۇرغۇن كىتابلارنى ئوقۇغانمەن. ئۇ كىتابلاردىن ناھايتى ياخشى ئۆگەنگەن تۇرۇغلۇق «تۈركى تىللار دىۋانى » دەك مۇكەممەل كىتابنى كۆرمىدىم. بۇ كىتاب ھازىرغىچە كۆرگەن كىتابلىرىمنىڭ ئىچىدىكى ھەممىسىدىن مۇھىم، ھەممىسىدىن مۇكەممەل ۋە ھەممىسىدىن كۆپ سۆز بايلىقىغا ئىگە ئەسەردۇر. بۇ كىتابنىڭ قىممىتىنى تۈرك تىلىنى ھەقىقى ئۆگەنگەن ۋە ئىنسان بولغانلىقىنى ئىسپاتلىغان ئىنسانلار بىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ كىتابنى يازغان كىشىنى رەھمەت بىلەن، دۇئا بىلەن ئەسلەش مېنىڭ ۋەزىپەمدۇر. خۇدا ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن، گۇناھلىرى بولسا، ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلسۇن. »

Qutadghubilik * يۇقىرىدىكى ئۈزۈندە «تۈركى تىللار دىۋانى » نىڭ ھازىرقى زامان تەرجىمىسىگە نىمىشقىدۇر كىرگۈزۈلمىگەن ياكى مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ئۆز قەلىمى ئەمەس دەپ ئويلاپ كىرگۈمىگەن بولۇشى مۇمكىن. مەزكور خاتىپزادىنىڭ كىتابقا يازغان يازمىسى ئەسلى كىتابتا بار.

تارىخ ئۆگەن، قەدرىڭنى بىلسىەن.

مەنبە: باغداش تورى

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top