ئۇيغۇر ئىسىم-فامىلىسىنى پاسپورتقا ئۇيغۇر لاتىن ھەرپلىرى بويىچە يېزىش توغرىسىدا
بوۋاققا تۇغۇلغان كۈنى، ئۈچىنچى كۈنى ياكى يەتتىنچى كۈنى ئىسىم قويۇش ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ئادىتى. ئەزان توۋلاپ، تەكبىر ئېيتىپ قويۇلغان بۇ مۇبارەك ئىسىم ئەتراپلىق ئويلىشىپ تاللىنىشى ۋە چوقۇم توغرا ئىشلىتىلىشى كېرەك. بۇ ھەقتە پەيغەمبىرىمىزمۇ «سىلەر قىيامەت كۈنى ئۆزەڭلار ۋە ئاتا-ئاناڭلارنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىلىسىلەر. شۇڭا، ئىسىملارنى ياخشى قويۇڭلار»دېگەنىكەن(سۇنەنۇ ئەبى داۋۇتتىن①).
تۇغۇلغاندىلا بالىسىنىڭ ئىسمى «ئوغلىمىزنىڭ ئىسمى مەيمەيتىجىياڭ»، «قىزىمىزنىڭ ئىسمى ئايىشىيامۇگۇلى» بولسۇن دېگەندەك دەپ يۇمۇلىتىپ ئىسىم قويىدىغان ئاتا-ئانىلار كەم ئۇچرىشى مۇمكىن. ئۇدۇلراق ئېيتقاندا، بۇ «مەسىلە» ئىسىملىرىمىزنىڭ كىملىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ماتېرىياللاردا خەن يېزىقىدا يېزىلىشىدا كۆرۈلىدۇ. ئۇيغۇر رايونىدىن باشقا ئۆلكىلەردە تۇغۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىدىكى ئىسىم- فامىلىسىنىڭ(يەنى «تەگئات»ىنىڭ) ئۇيغۇر ئەرەب يېزىلغانلىرى ئاز. خەلقئارا كىملىك بولغان پاسپورتتا ئۇيغۇر ئىسىم-فامىلىلىرىنىڭ خەنچە ۋە لاتىن ھەرپلىك يېزىلىشىنىڭ مەجبۇرىي پىنيىن بويىچە بولۇپ قالغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. ئۇندىن باشقا ئىسىم ۋە فامىلىنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالغان ئەھۋاللارمۇ كۆپ. بۇ خاتالىقلار قانۇنىي يولغا تايىنىپ چوقۇم ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر.
2001-يىل باھاردا سابىق ئاپتونوم رايون رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىت «ئۇيغۇر ئىسىم – فامىلىسى ۋەئۇيغۇر يېزىقىنىڭ لاتىنچە ئىپادىلىنىشىتوغرىسىدا مەخسۇس پىكىر ئاڭلاش يىغىنى» چاقىرىپ، دەسلەپكى قەدەمدە ئۇيغۇر ئىسىم – فامىلىلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، شۇنداقلائۇيغۇر يېزىقىنىڭ لاتىنچە ئىپادىلىنىشى(شۇ چاغلاردا «ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى» دەپ ئاتالغان) نىڭ ئاممىۋىي ئاساسىنى پۇختىلاش، ئۇندىن كېيىن شارائىت پىششىپ يېتىلگەندە قايتا مۇزاكىرە قىلىش قارارىغا كەلگەن. ئۇ يىغىندىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق تىلكوم، خەلق ھۆكۈمىتى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئورۇنلاردىن نۇرغۇن تەتقىقاتچى ۋە رەھبەرلەردىن تەشكىللەنگەن بىر مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ ئۇيغۇر ئىسىم – فامىلىسى توغرىسىدا بىر قاتار تەتقىقات خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن. بۇنىڭ بىلەن فامىلە قوللىنىشنىڭ قانۇنىي ئاساسى بارلىققا كېلىپ، فامىلە قوللىنىش تەۋسىيە قىلىنغان ۋە ئىختىيار قىلغانلارنىڭ كىملىكىگە فامىلە قوشۇش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىلگەن. مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ھۆكۈمەتكە يوللىغان لايىھەدە يەنە «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىم – فامىلىلىرى پاسپورت ۋە باشقا خەلقئارالىق ھۆججەتلەرگە خەنچە پىنيىن بويىچە ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرچە ئوقۇلۇشىنى ئاساس قىلغان ھالدا لاتىنچە يېزىلىشى كېرەك. ئۇيغۇر ئىسىم – فامىلىلىرى پاسپورتقا خەن ئىسىم – فامىلىلىرىنىڭ قېلىپى ۋە تەرتىپى بويىچە ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرچە تەرتىپ بويىچە يېزىلىشى كېرەك» دېگەن مەزمۇنلار بارىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇشبۇ مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ تەتقىقاتى داۋاملىشىۋاتامدۇ-يوق بۇنىسى بىزگە نامەلۇم.
ئۇيغۇر ھەرپلىرىنى لاتىن ھەرپلىرى بويىچە ئىپادىلەش لايىھىسى 2008-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق تىلكومنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىدىن ئۆتۈپ MZ115—68 نومۇرلۇق پۈتتۈرۈلگەن دۆلەتلىك تەتقىقات تۈرىگە ئايلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇلغان (تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ، ئۇ ئېچىلمىسا بۇنى بېسىپ ئارخىپتىن كۆرۈڭ). تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ قېلىپلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇر لاتىن ھەرپلىرى لايىھىسى پاسپورت ۋە خەلقئارالىق قانۇنىي ھۆججەتلەردە ئىسىم-فامىلىمىزنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن يېزىشقا قانۇنىي ئاساس يارىتىپ بەردى. نۆۋەتتە، شەخسلەر مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئۆز ئالدىغا تەلەپ قىلىپ پاسپورتتىكى ئىسىم-فامىلىسىنىڭ ئۇيغۇرچە يېزىلىشىنى قوشۇشقا بولىدۇ (تۆۋەندىكى رەسمىلەرگە قاراڭ). ئەمما، ھەركىم ئۆز ئالدىغا تەلەپ قىلىپ خالىغانچە يېزىۋەرسە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قالايمىقانچىلىق چىقىشى ئېنىق. بۇنى ئومۇميۈزلۈك ياكى ئىختىيارىي ئاساستا، ئەمما قېلىپلاشقان شەكىلدە يولغا قويۇپ پۇقرالارنىڭ ئۆز ئىسىم-فامىلىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ئۈچۈن، ئۈچۈن ئاپتونوم رايونلۇق تىلكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ياكى پاسپورت ئىشلەشكە مەسئۇل ئىجرائىيە ئورۇنلىرىنىڭ ئۆز ئارا ماسلىشىشىغا توغرا كېلىدۇ.
ئىسىم-فامىلىنىڭ ئىزاھات بېتىدە لاتىن ھەرپلىرى بىلەن يېزىلغان شەكلىدىن كۆرۈنۈش
چەتئەلدە تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ئىسمىنى لاتىنچە ھەرپ بىلەن قانداق يېزىۋالسا مەيلى، چوقۇم پىنيىندا يېزىش مەجبۇرىيىتى يوق. تۇغۇلغاندىكى فامىلىسى چوقۇم دادىسى ياكى ئانىسىنىڭ فامىلە نامىنىڭ بىرى بولۇشى كېرەك، ئالاھىدە تەلەپ قىلمىسا دادىسىنىڭ فامىلىسى ئىشلىتىلىدۇ. چەتئەلدە تۇغۇلغانلارغا تۈنجى جۇڭگو پاسپورتى ئىشلىگەندە، ئىسىمنىڭ لاتىنچە يېزىلىشى ئۈچۈن تۇغۇلغان ۋاقىتتا تىزىمغا ئالدۇرغان ئىسمىنى ئىشلىتىدۇ. خەنچە يېزىلىشىنى ئۆزلىرى خالىسا يېزىپ بەرسە بولىدۇ.
فرانسىيە تۇغۇلغان ئۇيغۇر بالىنىڭ ئىسمىنىڭ لاتىن ھەرپلىرى بىلەن يېزىلىشى
ئىسىم-فامىلىنىڭ پاسپورتتا ئالمىشىپ قېلىشىنىمۇ سەل چاغلاشقا بولمايدۇ. چۈنكى، ئالاھىدە تەلەپ قىلمىسا چەتئەلدە توي قىلغان ئاياللار ئېرىنىڭ فامىلىسىنى ئىشلىتىدۇ. مەسىلەن: ئالمىرە سالام ئىسىملىك خانىم مەخمۇتجان ئۆمەرجان بىلەن توي قىلسا، نورمال ئەھۋالدا ئايالنىڭ ئىسىم-فامىلىسى «ئالمىرە ئۆمەرجان» خانىم غا ئۆزگىرىدۇ. ئەگەر ئايالىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى پاسپورتتا ئالمىشىپ قالغان بولسا شۇ خاتا پېتىچە « سالام ئۆمەرجان» خانىم بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر ھەر ئىككىسىنىڭ ئالمىشىپ قالغان بولسا ئايالى « سالام مەخمۇتجان» خانىم بولۇپ قالىدۇ(بۇلارنى يېزىقچى چۈشەندۈرۈش قىيىنراق، بۇ ئىشقا دۇچكەلمىگەنلەرنىڭ بۇ مىسالنى چۈشىنىپ يېتىشى قىيىن بولۇشى مۇمكىن).
ئىسىم-فامىلىسى ئالمىشىپ قالغان پاسپورتتىن كۆرۈنۈشلەر
بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئىسىم-فامىلىلىرىنىڭ ھەممىسى ئالمىشىپ قالغان بولسا، ئۇندىن سىرت چەتئەلدە بالىلىق بولسا ئىسىم-فامىلىلەر تېخىمۇ قالايمىقانلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ئوخشىمايدىغان ھالەت كېلىپ چىقىپ رەسمىيەت بېجىرىش ئاۋارىچىلىقى كۆپىيىدۇ. مىسال: بىر ئەر-ئايال (ئايشەمگۈل مەمەت ۋە سەمەت ئابدۇكېرىم) ۋە ئۇلارنىڭ ئوغلى (بەكرى سەمەت) نىڭ پاسپورتتىكى ئىسىم-فامىلىسى ئالمىشىپ قالسا، بۇلارنىڭ قىزى پاتىگۈل چەتئەلدە تۇغۇلسا، ئۇلارنىڭ فرانسىيەدە تۇرۇشلۇق كارتىسى(كىملىكى، پاسپورتى) دا ئىسىم –فامىلىسىنىڭ قانداق بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى تۆۋەندىكى مىسالدىن كۆرۈڭ.
*ئەسكەرتىش: بارلىق ھەرپلەر چوڭ يېزىلغىنى فامىلىسىنىڭ پىنيىن بويىچە يېزىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. يۇقىرىدىكى ئىسىم-فامىلىلەرنىڭ تەشەببۇس قىلىنغان يېزىلىشى: Ayshemgul, Memet, Semet, Abdukerim, Bekri, Patigul.
قىسقىسى، مەيلى سىز قەيەردە بولۇڭ، چوقۇم مۇقىم بىر فامىلە ئىشلىتىڭ. كۆپىنچىمىز ئادەتلەنگەندەك ئۆز ئىسمىڭىزنى باللىرىڭىزغا فامىلە قىلىمەن دەپ چىڭ تۇرۇۋالماڭ. ئائىلىڭىزدىكى قېرىنداشلىرىڭىز بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئورتاق ئىشلىتىدىغان فامىلە مۇقىملاشتۇرۇڭ. شۇندىلا، ھېچبولمىغاندا نەۋرىڭىزدىن باشلاپ فامىلىڭىز يوقالمايدۇ.
يۇقىرىدىكى پاكىتلاردىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، پاسپورتتىكى ئىسىم-فامىلىنى لاتىن ھەرپلىرىدە يېزىش تېخى بولۇپ باقمىغان ئىش ئەمەس. نۇرغۇن دۆلەتلەر تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى ئىسىم-فامىلىڭىزنى ئىشلىتىش ھوقۇقىڭىزغا ھۆرمەت قىلىدۇ (مەسىلەن: فرانسىيە). گراژدان بولغاندا چوقۇم پاسپورتتا يېزىلغىنىنى ئىشلىتىشىڭىز شەرت ئەمەس. «تۇغۇلۇش ئىسپاتى»دا لاتىنچە يېزىلىشى بولسىلا (ئىزاھات ياكى تىرناق ئىچىدە پىنيىنغا يانداش يېزىلسا) باشقا دۆلەتكە گراژدان بولغاندا ئۆز ئىسىم-فامىلىڭىزنى ئىشلىتەلەيسىز. ئۇندىن باشقا، تۇغۇلغان شەھەر نامىنىمۇ ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى بويىچە يازدۇرۇشنى ئۇنۇتماڭ. ئەگەر پاسپورتنىڭ بىرىنچى بېتىدە ئىسىم-فامىلىڭىز ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى بويىچە يېزىلمىغان بولسا، ئىزاھات شەكلىدە قوشقۇزسىڭىزمۇ بولىدۇ. بەزىلەرنىڭ پاسپورت ئىشلىگەندىلا چوقۇم ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى بويىچە يېزىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ۋە قانۇنلۇق تەلىپىنىڭ روياپقا چىققانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇرلاغا ئىگە بولدۇق. ئەگەر شۇنداق قىلغانلار بولسا تورغا يوللاپ كۆپچىلىككە پايدىلىق ماتېرىيال تەمىنلىشىنى سورايمىز.
ھازىرقىدەك ئۇيغۇر لاتىن ھەرپلىرى بىلەن يېزىش ئىمكانىيىتى بار بولغان شارائىتتا پاسپورت ۋە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى (公证书) قاتارلىق چەتئەل تىلىدىمۇ يېزىلغان ماتېرىياللاردا ئىسىم-فامىلە ۋە يەرنامىنى ئۇيغۇر لاتىن ھەرپلىرى بىلەن يېزىشنى تەلەپ قىلىش تىل-يېزىقى قانۇنىغا ئۇيغۇن. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنى» نىڭ 4-ماددىسىدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە ھەممە مىللەت باپباراۋەر» ۋە « مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز تىل-يېزىقىنى قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەركىنلىكىگە ئىگە» دەپ ئېنىق كۆرسىتىلگەن. شۇ قانۇننىڭ 5-ماددىسىدا ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» نىڭ 6-ماددىسىدا ھەر قانداق قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە يەرلىك نىزامنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا زىت كەلسە بولمايدىغانلىقى كاپالەتلەندۈرۈلگەن.
پاسپورتتىكى ئىسىم-فامىلىسىنىڭ يېزىلىشى توغرىسىدا قاقشىمىغان ئۇيغۇرنى مەن تېخى كۆرۈپ باقمىدىم. مەسىلە بولغانىكەن ئۇنى ھەل قىلىش كېرەك. ئىسىم-فامىلىنى توغرا ئىشلىتىش ھوقۇقىمىز تەلەپ قىلمىسا باشقىلار بېرىدىغان ئەركىنلىك ئەمەس. تەلەپ قىلمىغان، يولىنى قىلىپ قوغلاشمىغان نەرسىگە ئېرىشىش مۇمكىن ئەمەس. بۇ خاتالىقلار مەنبەسىدىن تۈزەلسە رەسمىيەتكە كېتىدىغان ۋاقىت ۋە ئىقتىسادىي زىياننى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.
بۇ ماقالىدىكى پىكىرلەر بەلكىم يېتەرلىك بولمىغان بولۇشى مۇمكىن. تورداشلارنىڭ تولۇقلىما پىكىر ۋە تەكلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. قوللايدىغان پىكىرلەر كۆپرەك چىقسا، ئاپتونوم رايونلۇق تىلكوم، پاسپورت ئىشلەيدىغان ئورۇن بولغان ج خ نازارىتى ۋە جۇڭگونىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئەلچىخانىلىرىغا كوللېكتىپ ئىمزالىق تەكلىپ خېتى يوللاش ئويلىشىلىدۇ. يېڭىدىن پاسپورت ئىشلەتمەكچى بولغانلار بۇ ماقالىنى بېسىپ چىقىرىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئىسپات سۈپىتىدە پايدىلانسا بولىدۇ.
تەشەككۈرلەر: بۇ ماقالىغا پايدىلىق ماتېرىياللارنى تەمىنلىگەنلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن.
ۋارىس ئابدۇكېرىم جانباز
2014-يىل 29-ئىيۇل
(بۇ ئىشنىڭ روياپقا چىقىشى ئۈچۈن مەزكۈز ماقالىنىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەر قانداق ئۇسۇلدا كەڭ كۆلەمدە تارقاتسىڭىز بولىدۇ)
پايدىلىق ماتېرىياللار:
- ①«بوۋاققا ئىسىم قويۇش تەرتىپلىرى» http://www.ewlat.net/yazma_show.php?hid=3
- «ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى كىشى ئىسىملىرى ۋە نۆۋەتتىكى كىشى ئىسىملىرىنى ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدا» https://ug.uyghuracademy.org/?p=523
- «ئۇيغۇرلارنىڭ فامىلە قوللىنىشىغا دائىرزۆرۈر مەسىلىلەر» http://bbs.izdinix.com/thread-42830-1-1.html
- ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى (UKY) ھەققىدە http://www.ukij.org/html
بۇ ماقالىنىڭ PDF شەكىلدىكى نۇسخىسىنى بۇ يەرنى بېسىپ كۆرۈڭ.
مەنبە: http://oyghan.com/wps/?p=264