You Are Here: Home » ئومۇمى » ئەركىن سىدىق: قۇرئاننىڭ مۆجىزىلىرى ھەققىدە

ئەركىن سىدىق: قۇرئاننىڭ مۆجىزىلىرى ھەققىدە


2014-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى

مەن ئۆزۈمنىڭ «ئىسلام دىنىدىكى ئوتتۇرا يول ھەققىدە » دېگەن ماقالىسىدە ئىسلام دىنىنى بىر ئۇلۇغ دىن قىلغان ئامىللارنىڭ بىر قىسمىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۈم. ئىسلام دىنىنى بىر ئۇلۇغ دىن قىلغان مۇھىم ئامىللار ئىچىدە قۇرئاننىڭ مۆجىزىلىرىمۇ بار. ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى قۇرئاننىڭ مۆجىزىلىرى توغرىسىدا بىر قىسىم بىلىملەرگە ئىگە، دەپ ئويلايمەن. لېكىن، مېنىڭ پەرەز قىلىشىمچە، دىنىي زىيالىي دەرىجىسىگە يەتمىگەن ئادەتتىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ بۇ جەھەتتىكى چۈشەنچىسى قۇرئاندىكى ئىلىم-پەن ۋە كائىنات بىلىملىرىگە ئائىت پاكىتلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا قېرىنداشلارنىڭ ئىسلام دىنىنى بىر ئۇلۇغ دىن قىلغان تېخىمۇ كۆپ ۋە تېخىمۇ مۇھىم ئامىللارنى بىلىۋېلىشى ئۈچۈن، مەن مەزكۇر ماقالىدا ياسىر قازىنىڭ «قۇرئاننىڭ مۆجىزىلىرى» دېگەن تېمىدا سۆزلىگەن بىر ئىلمىي دوكلاتىنىڭ مەزمۇنىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. 

بۇ دوكلاتنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر سائەت بولۇپ، ياسىر قازى بۇ دوكلاتنى 2009-يىلى ھىندىستاننىڭ مۇمباي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارالىق ئىسلام تىنچلىق قۇرۇلتىيى» دا سۆزلىگەن [1]. توردىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا [2]، بۇ دوكلاتنى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ سانى 300 مىڭدىن 500 مىڭغىچە بولۇپ، شۇ قېتىمقى جۈمە نامىزىغا كەلگەنلەرنىڭ سانىمۇ 200 مىڭ كىشى ئىكەن. 

مەن بۇ ماقالىنىڭ ئاساسىي قىسمىدا پەقەت ياسىر قازىنىڭ لېكسىيىسىدىكى مەزمۇنلارنىلا تونۇشتۇرىمەن. ئەگەر ئۆز پىكرىمنى قوشۇپ قويۇشقا توغرا كەلسە، ئۇنى «ئىلاۋە» شەكلىدە كىرگۈزىمەن. 

تۆۋەندىكىسى ياسىر قازىنىڭ لېكسىيىسىدىكى مەزمۇنلار.


1. نېمىشقا پەيغەمبەرلەر ئۈچۈن مۆجىزىلەر يارىتىلغان؟

بىز ھەممىمىز مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مۇنداق بىر ئىشنى بىلىمىز: قۇرئان ئاللاھ ياراتقان ئەڭ ئۇلۇغ مۆجىزە. بۇ سۆزنى بىز كىچىك بالا ۋاقتىمىزدىلا ئاڭلىغان. بۇ سۆزنى بىز مۇسۇلمان ئەمەس دوستلىرىمىزغا دەيمىز. بىز نۇرغۇنلىغان داڭلىق ناتىقلار ۋە ئاكادېمىكلاردىن مۇنداق سۆزلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز: قۇرئان ئاللاھ ياراتقان ئەڭ ئۇلۇغ مۆجىزە، قۇرئان ئىسلامنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى، ھەمدە قۇرئان ھازىر قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇۋاتقان ۋە مەڭگۈ يوق بولۇپ كەتمەيدىغان مۆجىزە. ئەمما بىز قۇرئاننىڭ قانداقسىگە بىر مۆجىزە بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقى، ۋە بۇ مۆجىزە ھەققىدىكى تولۇق چۈشەنچىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سۆزلەرنى ئاساسەن ئاڭلىمايمىز. بۈگۈنكى دوكلاتتا مەن ئاللاھنىڭ نېمە ئۈچۈن مۆجىزىلەرنى يارىتىدىغانلىقى، قۇرئاننىڭ نېمە ئۈچۈن بىر مۆجىزە بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقى، ھەمدە قۇرئاننىڭ بىر قانداق شەكىلدىكى مۆجىزە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئۇقۇملارنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن. 

«مۆجىزە» دېگەن ئۇقۇم ئەرەبچىدە «موئېرجىزە» (مُعْجِزَة) دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «تەقلىد قىلىپ ياسىغىلى بولمايدىغان، قايتا ۋۇجۇدقا كەلتۈرگىلى بولمايدىغان، تەبىئەتتىن تاشقىرى، بىز ئادەتلەنگەن تەبىئىي قانۇنىيەتلەرنى بۇزۇپ تاشلايدىغان نەرسە» دىن ئىبارەت. ئوتتۇراھال ئىنسانلار ئۈچۈن مۆجىزىنىڭ قانداق ۋۇجۇدقا كېلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ھەر قانداق بىر راتسىئونال ئادەم ئېرىشەلەيدىغان بىردىن-بىر يەكۈن شۇ بولىدۇكى، مۆجىزە ئاللاھنىڭ ئۆزىدىن كەلگەن. 

بۇنىڭ مىساللىرى ناھايىتى كۆپ. ئەمەلىيەتتە، ئاللاھ ھەر بىر پەيغەمبەرنى چۈشۈرگەندە، ئۇلارنى بىر قىسىم مۆجىزىلەر بىلەن بىللە چۈشۈرگەن. مەسىلەن، ئاللاھ مۇسا پەيغەمبەرگە 9 مۆجىزە بەرگەن. قۇرئاندا بۇ ھەقتە ئايەتلەر بار. بۇ 9 مۆجىزىنىڭ بىرسى، مۇسا پەيغەمبەر يەرگە بىر تال تاياقنى تاشلىسا، ئۇ تاياق بىر يىلانغا ئۆزگىرىپ قالىدۇ. بۇ ھېچ قانداق بىر ئىنساننىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەس. بۇ مۆجىزىلەرنىڭ يەنە بىرى بولسا، مۇسا پەيغەمبەر بىر تال تاياقنى بىر شىلتىسا، قىزىل دېڭىزنىڭ سۈيى ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ. قانداق بىر ئادەم قىزىل دېڭىزنى بىر تال تاياق بىلەن ئۇرۇپ، ئۇنىڭ سۈيىنى ئىككى پارچىغا بۆلىۋېتەلىسۇن؟ بۇ ئىشقا ھېچ قانداق بىر ئىنساننىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ. 

ئەيسا پەيغەمبەرگىمۇ ئىنتايىن كۆپ مۆجىزىلەر ئاتا قىلىنغان. ئۇنىڭ بىر قىزلىقى بۇزۇلمىغان قىزدىن، يەنى مەريەمدىن تۇغۇلۇشىنىڭ ئۆزىلا بىر مۆجىزە بولۇپ، ئۇنداق تۇغۇت ھازىرغىچە 2-قېتىم يۈز بېرىپ باقمىدى، ھەمدە مەڭگۈ يەنە بىر قېتىم يۈز بەرمەيدۇ. ئەيسا پەيغەمبەر نۇرغۇن ئىشلارنى ئالدىن پەرەز قىلالىغان. 

بىر قېتىم ئۇ ئىسرائىلىيىلىك بالىلارغا «مەن ھازىر ئۆيۈڭدە نېمە بارلىقىنى دەپ بېرەلەيمەن»، دەپ، ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق قىلغان. 

بىر قېتىم ئاللاھ ئۇنىڭغا «ئۆلگەن ئادەمدىن پالانىنىڭ ئىسمىنى چاقىرغىن»، دەيدۇ. ئەيسا پەيغەمبەر بىر كلىنىكىلىق جەھەتتىن پۈتۈنلەي ئۆلۈپ، يەرگە كۆمۈلۈپ بولغان بىر ئادەمنىڭ ئىسمىنى چاقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇ ئۆلگەن ئادەمنى تىرىلدۈرۈپ قويىدۇ. ئۇ ئۆلگەن كىشىنىڭ روھى ئۇنىڭ بەدىنىدىن ئاللىقاچان ئايرىلىپ چىقىپ كەتكەن بولۇپ، ئاللاھ ئۇنىڭ روھىنى ئۇنىڭ بەدىنىگە قايتىدىن سېلىپ قويىدۇ. 

بىر قېتىم ئەيسا پەيغەمبەر لايدىن بىر كەپتەر ياساپ، ئۇنى پۈۋلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇ لايدىن ياسالغان كەپتەرگە جان بېرىپ، ئۇ كەپتەر ئۇچۇپ كېتىدۇ. 

مۇشۇنداق ئىشلارنى بىز «مۆجىزە» دەپ ئاتايمىز. 

ئاللاھ نېمە ئۈچۈن مۆجىزىلەرنى يارىتىدۇ؟ ئۇ مۆجىزىلەرنى چۈشۈرۈشتىكى مەقسەت نېمە؟ ئۇ مۆجىزىلەرنى چۈشۈرۈشتىن مەقسەت، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشتىن ئىبارەت. ئاللاھنىڭ مۆجىزىلەرنى يارىتىشىدىكى مەقسىتى، ئىنسانىيەتكە پەيغەمبەرنىڭ بىر ئادەتتىكى ئادەم ئەمەسلىكىنى، پەيغەمبەرنىڭ يالغانچى ئەمەسلىكىنى، ئالدامچى ئەمەسلىكىنى، پەيغەمبەرنىڭ ئاللاھ ئۆزى ياردەم بېرىۋاتقان بىر كىشى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىشتۇر. ئىنسانلارنى پەيغەمبەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە نىسبەتەن ھېچ قانداق شەك كەلتۈرەلمەيدىغان دەرىجىدە ئىشىنىدىغان قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. 


2. مۇھەممەد پەيغەمبەرگە بېرىلگەن مۆجىزىلەر

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يېڭى كەلگەندە، ئەينى ۋاقىتتا مەككە ۋە كەبىنى كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقان قۇرەيش قەبىلىسىنىڭ ئادەملىرى پەيغەمبىرىمىزدىن مۆجىزە تەلەپ قىلىدۇ. ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا «سەن پەرىشتىلەرنى يەر يۈزىگە چۈشۈرگۈزۈپ باققىن؛ مەككىدىكى يەرنى يېرىپ، بىر دەريا پەيدا قىلىپ باققىن؛ بۇ يەردىكى قۇملۇقنى بىر يېشىلچىلىق قاپلىغان زېمىنغا ئۆزگەرتىپ باققىن»، دەيدۇ. يەنى، قۇرەيشلەر مۆجىزە تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارغا مۆجىزە ئاتا قىلىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا نۇرغۇنلىغان مۆجىزىلەرنى يارىتىپ بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاخىرقى، ياكى ھەممە مۆجىزىلەردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بىر مۆجىزىمۇ بار. ئۇ بولسىمۇ قۇرئاندىن ئىبارەت. 

ئاللاھ بەش ئايەت ئارقىلىق قۇرەيشلەرگە جەڭ ئېلان قىلىدۇ. بۇ ئايەتلەر «جەڭ ئېلان قىلىش ئايەتلىرى» (verses of challenge) دەپ ئاتىلىدۇ. ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ: «ئىنسانلار بىلەن جىنلار بىرلىشىپ، قۇرئانغا ئوخشاش بىر نەرسىنى بەرپا قىلماقچى بولسۇن، ئۇلار بىر-بىرىگە ياردەم قىلغان تەقدىردىمۇ ئۇنى بەرپا قىلالمايدۇ.» ئەمما قۇرەيشلەر ئۇنداق قىلالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ شەرتنى يېنىكلىتىپ، مۇنداق دەيدۇ: «پۈتۈن قۇرئاننى ئەمەس، پەقەت سۈرىدىن ئوننىلا تەقلىد قىلىپ ياساپ بېقىڭلار، ئۇنى قىلالامسىلەر-يوق.» ئۇلار بۇنىمۇ قىلالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ شەرتنى يەنە بىر قېتىم يېنىكلىتىپ، ئۇلارغا ئەڭ ئاخىرقى ئاگاھنى ياكى ئۇلتىماتۇمنى بېرىدۇ. بۇ شەرت يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان 5 ئايەتنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئايەتتە بار بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سىلەر مەن پەيغەمبىرىڭلارغا چۈشۈرگەن قۇرئاندىن گۇمانلانساڭلار، سىلەر سۈرىدىن پەقەت بىرنىلا تەقلىد قىلىپ ياساپ بېقىڭلار.» مانا بۇ قۇرئاننىڭ بىر مۆجىزە بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنىڭ يەنە بىر نامايەندىسىدۇر. ئاللاھ دەسلىپىدە ئۇلارغا ناھايىتى تەس ئۆتكەلدىن بىرنى ھازىرلاپ، ئۇلاردىن قۇرئانغا ئوخشاش بىر پۈتۈن كىتابنى تەقلىد قىلىپ يېزىپ بېقىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما ئۇلار ئۇنداق قىلالمايدۇ. ئاللاھ شۇنىڭ بىلەن ئۆتكەلنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىپ، پەقەت 10 سۈرىنى تەقلىد قىلىپ يېزىپ بېقىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇلار يەنە قىلالمايدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئاللاھ ئۇلارغا پەقەت بىرلا سۈرىنى تەقلىد قىلىپ يېزىپ بېقىشتىن ئىبارەت ئەڭ ئاخىرقى ئاگاھ ياكى ئۇلتىماتۇمنى بېرىدۇ. بۇ ئۇلتىماتۇم قۇرئاندا «ئەگەر سىلەر ئۇنداق قىلالمىساڭلار (سىلەر ئۇنى مەڭگۈ قىلالمايسىلەر)» دەپ ئېلىنغان بولۇپ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ بۇ ئىشنى مەڭگۈ قىلالمايدىغانلىقىنى ئالدىنئالا مۆلچەرلەيدۇ. مۇشۇنىڭ ئۆزىمۇ بىر مۆجىزە. شۇنداق قىلىپ ئاللاھ دەيدۇكى، «ئەگەر سىلەر ئۇنداق قىلالمىساڭلار (سىلەر مەڭگۈ، تاكى زامان ئاخىرى بولغۇچە ئۇنداق قىلالمايسىلەر)، ئۇنداقتا سىلەر ئاللاھنىڭ جازاسىغا، يەنى دوزاخقا كىرىشكە تەييارلىق قىلىپ قويۇڭلار.» بۇ يەردىكى «ئەگەر سىلەر ئۇنداق قىلالمىساڭلار» دېگەن سۆز بىر شەرت بولۇپ، «(سىلەر مەڭگۈ ئۇنداق قىلالمايسىلەر)» دېگەن سۆز بىر ئالدىنئالا ئوتتۇرىغا قويۇلغان كەلگۈسى توغرىسىدىكى مۆلچەردۇر. 

بۇ ئۇلتىماتۇم پەقەت بۇرۇنقى زامان ئۈچۈن چىقىرىلغان ئۇلتىماتۇم بولماستىن، ئۇ ئىزچىل تۈردە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان، ھازىرمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئۇلتىماتۇم بولۇپ، ئاللاھ ھازىرمۇ بىزنىڭ بۇ ئۇلتىماتۇمنى يالغۇز بىزنىڭ دۈشمىنىمىز، يالغۇز بىزنىڭ مۇنازىرىچىلىرىمىزنىڭ ئالدىغا ئەمەس، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويۇشىمىزغا يول قويىدۇ. بىز پۈتۈن ئىنسانىيەتكە جەڭ ئېلان قىلىمىز. بىز دەيمىزكى، ھەي ئىنسانىيەت، ئەگەر سىلەر قۇرئانغا ئىشەنمىسەڭلار، ھەممىڭلار بىرلىشىپ، ھەممە ئالىملار، ھەممە كومپيۇتېرلار ۋە ھەممە پروگرام باشلىقلىرى بىرلىشىپ، قانداق ئۇسۇلدىن پايدىلانساڭلار پايدىلىنىپ، كومپيۇتېر پروگراممىلىرىنى يېزىپ، ئۆزۈڭلارنىڭ شائىرلىرى، ئالىملىرى ۋە ئەرەب تىلىنى ئىشلىتىدىغان نوبېل مۇكاپاتى ساھىبلىرىنىمۇ بىر يەرگە توپلاپ، قۇرئاندىكى سۈرىلەرگە ئوخشاش سۈرىدىن پەقەت بىرنى تەقلىد قىلىپ يېزىپ بېقىڭلار. ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ «قۇرئان ئاللاھتىن چۈشكەن ئەمەس» دەيدىغان باياناتىڭلارغا ھەقىقەتەن ئىشەنسەڭلار، مانا ئاشۇنداق قىلىپ بېقىڭلار. مانا بۇ ھازىرمۇ قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇۋاتقان قىيىن ئۆتكەل ياكى جەڭ ئېلان قىلىشتۇر. 

ئىلاۋە: ياسىر قازى ئاللاھنىڭ قۇرئاندىكى سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرگەندە، ئۇنىڭ ئەرەبچىسىنى قۇرئاندىكى بويىچە ئەينەن ئوقۇپ ياكى يادلاپ، ئىنگلىزچە چۈشەندۈرگەندە ئۇنى ئەينەن چۈشەندۈرمەي، ئەركىن تىل بىلەن سۆزلەيدۇ. گەرچە مەن ئۇنىڭ «ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ» دەپ باشلىغان ئەركىن شەكىلدىكى سۆزلىرىنى قوش تىرناق(« ») نىڭ ئىچىدە نەقىل شەكلىدە ئالغان بولساممۇ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئاللاھنىڭ قۇرئاندىكى سۆزى بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن. ئەگەر مەن ئۇلارنى قوش تىرناقنىڭ ئىچىگە نەقىل قىلىپ ئالمىسام، جۈملىنىڭ قايسى قىسمى ئاللاھنىڭ سۆزى ئىكەنلىكى، قايسى قىسمى نورمال تېكىست ئىكەنلىكى ئېنىق بولماي قالىدىكەن. شۇڭا ئوقۇرمەنلەردىن بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنداقلا يۇقىرىدىكى 5 ئايەتنى بىلىدىغان قېرىنداشلاردىن ئۇ ئايەتلەرنى مۇشۇ يازمىنىڭ ئاخىرىغا ئىنكاس شەكلىدە يېزىپ قويۇشىنى ئۆتۈنىمەن. يەنە بىر گەپ، بىر قىسىم قېرىنداشلار قۇرەيش (Quraysh) نىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن. ياسىر قازى ئۆز لېكسىيىلىرىدە بۇ ئىسىمنى داۋاملىق تىلغا ئالىدۇ. قۇرەيش ئەينى ۋاقىتتا مەككە ۋە كەبىنى كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقان بىر ئىنتايىن كۈچلۈك ئەرەب قەبىلىسى بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇشۇ قەبىلىگە تەۋە بولغان بەنى ھاشىم قەۋمىدا دۇنياغا كەلگەن ئىكەن [3].

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىنتايىن كۆپ مۆجىزىلەر بېرىلگەن. ئۇلارنىڭ بىرسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاينى ئوتتۇرىدىن ئىككى پارچە قىلىۋېتىشتىن ئىبارەت. «قىيامەت كۈنى يېقىنلىشىپ، ئاي شارى ئوتتۇرىدىن ئىككى پارچە قىلىندى.» قۇرەيشلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا جەڭ ئېلان قىلغاندا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ئاينى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئۇنى ئىككى پارچە قىلىدۇ. بۇ ئىش قۇرەيشلەرنىڭ كۆز ئالدىدىلا يۈز بېرىدۇ. 

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىنتايىن ئاز مىقداردىكى يېمەكلىك بىلەن نەچچە يۈز، ھەتتا نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ قورسىقىنى تويغۇزغان ئەھۋالنى ئىنتايىن كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ.

627-يىلى مەدىنەدە يۈز بەرگەن خەندەك ئۇرۇشىدا بىر چەشكە سۈتنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ 1500 نەپەر ھەمراھلىرى ئۇسسۇزلۇقى قانغىچە ئىچىدۇ. بۇ ئىشنى ئىنتايىن كۆپ كىشىلەر سۆزلەپ يۈرىدۇ. 

ھۇدىيبىيە ئۇرۇشىدا بىر شېشە سۇنى 1400 ئەسكەر ئىچىدۇ. 

تەبۇك ئۇرۇشىدا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاران بىر تەخسە تامىقىلا بار بولۇپ، ئۇ قولىنى تەخسىدىكى تاماققا تىقىپ، ئاللاھقا «بىزدە بار تاماقنىڭ ھەممىسى مۇشۇ شۇ»، دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ پۈتۈن تەبۇك قوشۇنىغا يەتكۈدەك تاماق چۈشۈرۈپ بېرىدۇ. 

بۇلارنىڭ ھەممىسى جانلىق مۆجىزىلەر بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنى كۆرگەن. ھەمدە نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنى دوكلات قىلغان. بۇنداق مۆجىزىلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بۈگۈن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى سۆزلەپ بېرىشكە ۋاقىت يوق.


3. قۇرئان بارلىق مۆجىزىلەرنىڭ مۆجىزىسى

ئەمدىكى گەپ، باشقا مۆجىزىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، قۇرئاننىڭ مۆجىزىلىك سالاھىيىتىنىڭ قانداقلىقىدۇر. بۇنىڭ جاۋابى، قۇرئان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۆجىزىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قۇرئاننىڭ مۆجىزىلىك دەرىجىسى شۇنچە ئۈستۈنكى، ئۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغاندا، قالغان مۆجىزىلەر مۇھىم ئەمەس ۋە بىردەك ئەمەستەك كۆرۈنىدۇ. باشقا مۆجىزىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، قۇرئان سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە كۈچلۈك بولۇپ، خۇددى كۈننىڭ ئالدىدا باشقا يۇلتۇزلارنىڭ نۇرى ھېچ نېمىگە ئەرزىمەس بولۇپ قالغىنىدەك، قۇرئاننىڭ ئالدىدا باشقا مۆجىزىلەر ئانچە مۇھىم بولماي قالىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىنتايىن كۆپ مۆجىزىلەر بېرىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ مۆجىزە، ئەڭ ئاخىرقى مۆجىزە قۇرئاندىن ئىبارەتتۇر.

قۇرئاننىڭ بىر مۆجىزە ئىكەنلىكى ھەققىدە نۇرغۇن ئايەت ۋە ھەدىسلەر بار. بىر ھەدىستە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ پەيغەمبەرلەرنى چۈشۈرگەن، ھەمدە ئۇلارغا نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى بەرگەن. شۇ مۆجىزىلەرگە ئاساسلىنىپ، كىشىلەر ئۇلارنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن. ماڭا بېرىلگەن بىردىن-بىر مۆجىزە ماڭا قۇرئاننىڭ چۈشۈرۈلۈشى بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن، باشقا پەيغەمبەرلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، قىيامەت كۈنى مېنىڭ ئەڭ كۆپ ئەگەشكۈچىلىرىمنىڭ بار بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» گەرچە ئاللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى بەرگەن بولسىمۇ، باشقا مۆجىزىلەر بىلەن قۇرئاننى سېلىشتۇرغىلى بولمىغاچقا، ئۇ قۇرئاننى «بىردىن-بىر مۆجىزە» دەپ ئاتىغان. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى شۇكى، قۇرئاننىڭ مۆجىزىلىك دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، بۇرۇن باشقا پەيغەمبەرلەرگە بېرىلگەن بارلىق مۆجىزىلەرنى قوشقاندىمۇ، ئۇلار قۇرئانچىلىك بولالمايدۇ. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى، بۇ مۆجىزە شۇ دەرىجىدە كۈچلۈككى، بۇرۇنقى باشقا پەيغەمبەرلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، قىيامەت كۈنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىدىغان مۆمىنلەرنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولىدۇ. 

بۇ سۆز ھەقىقەتەنمۇ توغرا. ھازىر قاراپ باقىدىغان بولساق، دىنىي ئەقىدە بىلەن ئىبادەتنى ھەقىقىي تۈردە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بارلىق ئادەملەرنىڭ ئىچىدە، سان ۋە سۈپەت جەھەتتىن قارىغاندا مۇسۇلمانلار ھازىر ھەقىقەتەنمۇ باشقا دىندىكىلەردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. دېمەك، قۇرئان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن ئەڭ ئاخىرقى مۆجىزە. 


4. نېمە ئۈچۈن قۇرئان ئەڭ ئاخىرقى مۆجىزە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ؟

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرگە بېرىلگەن مۆجىزىلەرنىڭ ھەممىسى ۋاقىتلىق مۆجىزىلەردۇر. مەسىلەن، ئولتۇرغانلارنىڭ ئىچىدە قىزىل دېڭىزنىڭ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنۈپ كەتكىنىنى كۆرگەنلەر يوق. بۇ يەردە ئولتۇرغانلارنىڭ ئىچىدە ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ بىر ئۆلۈكنى تىرىلدۈرگەنلىكىنى كۆرگەن كىشىلەرمۇ يوق. بىز ئۇ مۆجىزىلەرنى كۆرۈپ باقمىدۇق، ئەمما بىز ئۇلارغا ئىشىنىمىز. بىز ئۇ ۋاقىتتا يوق. بىز ئۇ يەرلەردە يوق. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاينى ئىككى پارچە قىلىۋەتكەن زامان ۋە ماكاندىمۇ بىز يوق. بىز ئۇلارنى كۆرمىدۇق. ئەمما بىز ئۇلارغا ئىشىنىمىز. دېمەك، ئۇ مۆجىزىلەر پەقەت شۇلارنى كۆرگەن كىشىلەر ئۈچۈنلا مۆجىزە بولۇپ ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، ئۇلاردىن كېيىنكى ئەۋلادلار بولساق، پەقەت ئاشۇنداق مۆجىزىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىگە ئىشىنىمىز. ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن، مۇھەممەد پەيغەمبىرىمىز بىر چاشكا سۈت بىلەن مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرغان. بۇ مېنىڭ ئىمانىم. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەن. مەن بۇ مۆجىزىنى مۇسۇلمان ئەمەس بىرسىگە دەپ، ئۇنىڭدىن بۇ مۆجىزىگە ئىشىنىشنى تەلەپ قىلالمايمەن. 

قۇرئاننىڭ مۆجىزىلىكى باشقا مۆجىزىلەر ئۆز ئىچىگە ئالغان زامان بىلەن ماكان ئامىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. قۇرئاندىن ئىبارەت بىر مۆجىزىنى كۆرۈش ئۈچۈن، مېنىڭ 7-ئەسىردە ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ياشىغان بولۇشۇمنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. مەن بۇ مۆجىزىنى ھازىرمۇ ئوخشاشلا كۆرەلەيمەن. قۇرئاننىڭ مۆجىزىسى باشقا مۆجىزىلەردە بار بولغان زامان ۋە ماكان چەكلىمىسىنى پۈتۈنلەي بىكار قىلىۋېتىدۇ. شۇڭلاشقا قۇرئاننىڭ مۆجىزىسى «مەڭگۈلۈك مۆجىزە»، دەپ ئاتىلىدۇ. مەن بۇ مۆجىزىگە قولۇمنى تەككۈزەلەيمەن، ئۇنى ھېس قىلالايمەن، ئۇنى كۆرەلەيمەن، يادلاپ بېرەلەيمەن. بۇ مۆجىزىنى مەن ئۆزۈمنىڭ سېزىملىرى بىلەن كۆرسىتىپ بېرەلەيمەن. قۇرئان ئۇنىۋېرسال مۆجىزە، شۇنداقلا مەڭگۈلۈك مۆجىزە.

قۇرئاندىن ئىبارەت بۇ مۆجىزىنىڭ قانچىلىك قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى مۇنداق: بۇرۇنقى پەيغەمبەرگە بېرىلگەن مۆجىزىلەر ئاللاھتىن ئاشۇ پەيغەمبەرلەرگە چۈشكەن ئۇچۇر، ياكى مۇقەددەس كىتابلارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئاللاھتىن چۈشكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بېرىلگەن. مەسىلەن، مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشكەن تەۋرات، ۋە ئەيسا پەيغەمبەرگە چۈشكەن ئىنجىل. ئەمما مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چۈشكەن قۇرئان ئۆزىنىڭ ئاللاھتىن چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان بىرەر مۆجىزىگە ئېھتىياجلىق ئەمەس. مۇھەممەد پەيغەمبىرىمىز ئۈچۈن مۆجىزە بىلەن مۇقەددەس كىتاب بىرلەشتۈرۈۋېتىلگەن. ئاللاھتىن چۈشكەن بۇ نەرسىنىڭ ئۆزى بىر مۆجىزە، بۇ مۆجىزىنىڭ ئۆزى بىر مۇقەددەس كىتاب بولۇپ، بۇ كىتاب ئۆزىنىڭ ئاللاھتىن چۈشكەنلىكىگە ئىسپات بولىدىغان ئىسپاتلارغا ئېھتىياجلىق ئەمەس. بۇ كىتابتا ئىسپات بىلەن ئاللاھنىڭ سۆزلىرى بىرلەشتۈرۈۋېتىلگەن. مانا مۇشۇلار قۇرئاننىڭ بىر ئىنتايىن قۇدرەتلىك مۆجىزە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

يۇقىرىدا مەن ئىككى مەسىلە ئۈستىدە چۈشەنچە بەردىم. ئۇنىڭ بىرى، قۇرئاندىن ئىبارەت بۇ قۇدرەتلىك مۆجىزىنىڭ زامان ۋە ماكان چەكلىمىسىدىن، ياكى زامان ۋە ماكان ئامىللىرىدىن خالىي ئىكەنلىكىدۇر. يەنە بىرى بولسا، قۇرئان ئۆزىنىڭ بىر مۆجىزە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان باشقا ئىسپاتلارغا، ياكى باشقا مۆجىزىلەرگە ئېھتىياجلىق ئەمەس ئىكەنلىكىدۇر. بۇ ئىككى نۇقتا نېمە ئۈچۈن قۇرئان بىر كۈچلۈك مۆجىزە بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.


5. قۇرئان قانداق مۆجىزىگە تەۋە بولىدۇ؟

ئەمدى بۇ يەردە ئىككىنچى سوئال تۇغۇلىدۇ: قانداقسىگە قۇرئان بىر مۆجىزە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ؟ بۇ سوئالغا تولۇق جاۋاب بېرىش ئۈچۈن خېلى ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ. مەن بۇ يەردە بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى بىر قانچە نۇقتىلارغا يىغىپ خۇلاسىلەپ بېرىمەن.

(1) قۇرئان ئىشلەتكەن تىل بىلەن ئۇنىڭ يېزىلىش ئۇسۇلى. بىز قۇرئانغا قارايدىغان، قۇرئاننى ئوقۇيدىغان بولساق، سۈرىلەر بىلەن ئايەتلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، ئىشلىتىلگەن سۆزلۈكلەرنىڭ تاللىنىشى، ۋە ئاللاھنىڭ قۇرئاندىكى سۆزلىرىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى قاتارلىقلار ئىنسانلارغا تەۋە نەرسىلەر بولماستىن، ئۇلار پەقەت ئاللاھنىڭلا قولىدىن كېلىدىغان ئىشلار ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. قۇرئاندىكى مەزمۇنلار پەقەت ئاللاھنىڭلا سۆزلىرى ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. بۇ كۆز-قاراشنى بارلىق ئەرەبلەر قوللايدۇ. 

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قۇرئاننى يادلاپ بەرگەندە، ئۇنى ئاڭلىغان كىشىلەر ئىنتايىن ھەيران قالغانلىقى، بۇ سۆزلەرنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئاغزىدىن چىقىدىغان سۆزلەر ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغانلىقى ھەققىدىكى ھېكايىلەر ئىنتايىن كۆپ. 

بۇنىڭ ئەڭ ياخشى مىسالى، ئەرەبلەر تارىخىدا ئۆتكەن، 6- ۋە 7-ئەسىرلەردە ياشىغان ئەڭ مەشھۇر شائىر ھىند بىنتى ئۇتبە (Hind bint Utbah) نىڭ ھېكايىسىدۇر. ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ بىلىملىك ۋە ئەڭ مۇرەككەپ شائىر بولۇپ، ئەرەبلەرنىڭ شېكىسپېر (Shakespeare) ى ئىدى. ئۇتبە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن بىر كېڭىشىش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىزنىڭ يېنىغا بارىدۇ. ھەمدە «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، سەن بىزنىڭ دەرىجىلىرىمىزنى بۇزۇپ، بىزگە بىر يېڭى نەرسە ئەكەلدىڭ. بىزنىڭ بۇرۇنقى قائىدىلىرىمىزنى بۇزۇۋەتتىڭ. بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىزنى مەسخىرە قىلدىڭ. سەن ھازىرقىدەك ئۇچۇر تارقىتىشنى توختاتساڭ. مەن سەن تەلەپ قىلغان ھەر قانداق ئىشنى ئورۇنلاپ بەرسەم. قانچىلىك پۇل تەلەپ قىلساڭ شۇنچىلىك پۇل بەرسەم. قانداق قىز بىلەن توي قىلىمەن دېسەڭ، ساڭا شۇ قىزنى ئېلىپ بەرسەم. سېنى ئەرەبلەرنىڭ باشلىقى قىلىپ قويسام. ئەمما سەن ئىسلام توغرۇلۇق تەلىم بېرىشنى توختاتقان بولساڭ.» دەيدۇ. مۇھەممەد پەيغەمبەر ئۇنىڭغا «گېپىڭىز تۈگىدىمۇ؟» دەيدۇ. «شۇنداق». «ئۇنداقتا سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭ.» شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قۇرئاندىكى ئايەتلەرنى يادقا خەتمە-قۇرئان قىلىپ ئوقۇپ بېرىشنى باشلايدۇ. مەن سۆزلەشتىن بۇرۇن بىز مۇشۇ سورۇندا بىر ئىمامنىڭ قۇرئاننى خەتمە-قۇرئان قىلغىنىنى ئاڭلىدۇق. ئۇنىڭ نەقەدەر گۈزەل ئىكەنلىكىنى كۆردۇق ۋە ھېس قىلدۇق. ھازىر بىز تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى: ئەگەر بىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇرئاندىكى ئايەتلەرنى يادقا خەتمە-قۇرئان قىلىپ ئوقۇپ بېرىۋاتقاندىكى ئاۋازىنى بىۋاسىتە ئاڭلىغان بولساق، بىز قانداق بىر تۇيغۇغا كەلگەن بولاتتۇق؟ ئاللاھ پەيغەمبىرىمىزگە قانداق بىر ئاۋازنى بەرگەن بولغىيتتى؟ پەيغەمبىرىمىز قۇرئاننى يادلاشنى داۋاملاشتۇرۇپ، مۇنداق بىر ئايەتكە كېلىدۇ: «ئەگەر سەن پەيغەمبەرنى ھېلىھەم رەت قىلساڭ، ئاللاھنىڭ بىر چاقماقتەك كېلىپ سېنى سوقىدىغان بىر جازاسىنى ساقلا.» بۇنى ئاڭلىغان ئۇتبە ئىنتايىن قورقۇپ كېتىدۇ. مۇشۇ ئايەت ئوقۇلغاندا ئۇتبە ئورنىدىن سەكرەپ قوپۇپ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئاغزىنى قولى بىلەن توسۇپ تۇرۇپ، «مەن ئاللاھ ئالدىدا ئۆتۈنۈپ قالاي، ئەمدى توختىغىن!»، دەيدۇ. ھەمدە، بىر چاقماق چۈشۈپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈپ قويارمىكىن، دەپ قورقۇپ، ئورنىدىن تۇرۇپلا قاچىدۇ. قۇرئاننىڭ قۇدرىتى شۇنچىلىك كۈچلۈك بولۇپ، ئۇتبە قۇرەيشلەرنىڭ يېنىغا يۈگۈرگەن پېتىچە كېتىپ قالىدۇ. ئۇتبەنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرگەن قۇرەيشلەر «بىزنىڭ قېشىمىزدىن كەتكەن ھېلىقى ئۇتبە بىلەن ھازىر قايتىپ كەلگەن ئۇتبە بىر ئادەم ئەمەس»، دەيدۇ. ئۇتبە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئەتراپىدىكىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ھەممىڭلار مېنى ئوبدان بىلىسىلەر. شېئىر يېزىشقا كەلگەندە بۇ دۇنيادا مېنى يېڭەلەيدىغان ئادەم يوق. ئەمما، مەن ھېلىراق ئاڭلىغان سۆزلەر ئىنسانلارنىڭ ئاغزىدىن چىقىدىغان سۆزلەر ئەمەس. جىننىڭ سۆزلىرىمۇ ئەمەس. مەن ئاڭلىغان سۆزلەرنىڭ بىر خىل شېرىن تۈسى بار بولۇپ، ئۇنى سۆز بىلەن ئىپادىلەپ بېرىشكە مېنىڭ تىلىم قىسقىلىق قىلىدۇ. ئۇ سۆزلەر ئىنساننىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان دەرىجىدە كۈچلۈك ئىكەن. بۇ ئادەمگە چېقىلماڭلار. بۇ ئادەم ماڭا بۈگۈن يادلاپ بەرگەن سۆزلەر كەلگۈسىدە چوقۇم پۈتۈن ئەرەبلەرنى بويسۇندۇرىدۇ. مەن شېئىرلارنى بىلىمەن. ئەمما مېنىڭ ئاڭلىغىنىم شېئىر ئەمەس. مەن ئىنسانلارنىڭ سۆزىنى بىلىمەن. ئەمما مېنىڭ ئاڭلىغىنىم ئىنسانلارنىڭ سۆزى ئەمەس.» بىراق، قۇرەيشلەر بۇ شائىرنى، ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى باشقا داڭلىق زاتلارنىمۇ رەت قىلىپ، ئۇلارنى مەسخىرە قىلىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى يەنىلا ئېتىراپ قىلمايدۇ. 

بۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەر ناھايىتى كۆپ. بۇنداق مۆجىزىلەرنى تولۇق چۈشىنىش ئۈچۈن ئەرەب تىلىنى پۇختا بىلىش كېرەك. دۇنيادا ئىسلامدىن باشقا دىنلارنى قوبۇل قىلغان ئەرەبلەرمۇ ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن، ئەرەبلىك خرىستىئانلارنىڭ سانىمۇ نەچچە مىليون كېلىدۇ. قىسقىسى، ئوخشىمىغان دىن ۋە ئوخشىمىغان ئىرقىي گۇرۇھلارغا تەۋە ئەرەبلەر بار. دىنىنىڭ قايسى دىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قايسى ئىرقىي گۇرۇھقا تەۋە ئىكەنلىكىدىن قەتئىينەزەر، دۇنيادىكى ئەرەب تىلىدا سۆزلىشىدىغان بارلىق ئەرەبلەر ئورتاق ئېتىراپ قىلغان بىر ھەقىقەت شۇكى، قۇرئاندا ئىشلىتىلگەن تىل ئەرەب تىلىنىڭ ئەڭ مۇكەممەل شەكلىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ تىل كلاسسىك ۋە ئۆلچەملىك ئەرەب تىلى، دەپ ئاتىلىدۇ. ئەرەب تىلىنىڭ ئىچىدە قۇرئاننىڭ تىلىنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغىنى يوق. مەن شۇنىڭغا ئىسپات بېرەلەيمەنكى، مەن ئوخشىمىغان دىندىكى ۋە ئوخشىمىغان ئىرقىي گۇرۇھلارغا تەۋە ئەرەبلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن سۆزلەشكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى قۇرئاننىڭ تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئەرەب تىلى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. ئەمما باشقا دىندىكىلەر قۇرئاننىڭ ئاللاھتىن چۈشكەنلىكىنى يەنىلا ئېتىراپ قىلغىلى ئۇنىمايدۇ. 

قۇرئاننى بىر مۆجىزە قىلغان بۇ ئامىلنى تولۇق چۈشىنىش ئۈچۈن، سىز ئەرەبچىنى بىلمىسىڭىز بولمايدۇ.

(2) قۇرئانغا كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلار توغرۇلۇق نۇرغۇن پەرەزلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئاشۇ پەرەزلەرنىڭ ھەممىسى كېيىنكى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلاندى. مۇشۇنداق پەرەزلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك بىرسى، مەلۇم ئۇرۇشتا رىملىقلارنىڭ پېرىسىيە ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى مۆلچەردۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە دەرىجىدىن تاشقىرى ئىمپېرىيىلەردىن ئىككىسى بار ئىدى. ئۇنىڭ بىرى رىم ئىمپېرىيىسى بولۇپ، يەنە بىرى بولسا پېرىسىيە ئىمپېرىيىسى ئىدى. ئۇلار بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقىلى 300 يىلدىن ئاشقان ئىدى. مەلۇم بىر ۋاقىتقا كەلگەندە رىملىقلار سەل ئاجىزلىشىپ، پېرىسىيە سەل كۈچىيىپ كېتىدۇ. ھەمدە بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا پېرىسىيە ئۇتۇپ چىقىپ، نەچچە ئەسىرنىڭ مابەينىدىكى ئەڭ زور غەلىبىگە ئېرىشىدۇ. شۇ چاغدا كىشىلەر رىم ئىمپېرىيىسى پۈتۈنلەي ھالاك بولىدۇ، بۇ ھازىر پەقەت بىر ۋاقىت مەسىلىسى، دەپ پەرەز قىلىشىدۇ. مانا شۇ چاغدا ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق بىر ئايەتنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: «رىملىقلار يېڭىلدى، ئەمما، مۇشۇ قېتىملىق مەغلۇبىيەتتىن كېيىن پەقەت بىر قانچە يىل ۋاقىت ئۆتكەندە، رىملىقلار يەڭگۈچىلەرگە ئۆزگىرىدۇ. چۈنكى، باشلىنىشىدىن تارتىپ ئاخىرىغىچە ھەممە ئىشلار ئاللاھقا مەنسۇپ (ياسىر قازى مۇشۇ يەردىمۇ قۇرئاندىكى بىر قىسىم ئايەتلەرنى ئەرەبچىدە يادقا سۆزلەپ ئۆتتى).» بۇ يەردىكى 1-جۈملە بۇرۇن بولۇپ بولغان ئىش تەرىقىسىدە يېزىلىپ، ئىككىنچى جۈملە كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلار تەرىقىسىدە يېزىلغان. ئەمما مۇشۇ ئايەت چۈشكەندە، ھېچ كىم رىملىقلارنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىگە ئىشەنمەيدىغان بولۇپ، قۇرەيشلەرنىڭ بىر باشلىقى ھەتتا ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر بىلەن 100 دانە تۆگە تىكىشكەن ئىدى. يەنى، ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر «رىملىقلار كېيىن يېڭىدۇ» دېگەن تەرەپتە، قۇرەيشلەر بولسا قارشى تەرەپتە تۇرغانىدى. بۇنىڭدىن ساق 7 يىل ئۆتۈپ، پېرىسىيە بىلەن رىم ئۇرۇشىدىغانغا تەييار بولۇپ، ئەتە ئۇرۇش بولىدۇ، دەپ تۇرغاندا، پېرىسىيە ئىمپېرىيىسى ئىچىدە ھوقۇق تالىشىش مۇناسىۋىتى بىلەن بىر ئىچكى ئۇرۇش پارتلايدۇ. پادىشاھنىڭ تاغىسى بىلەن ئۇكىسىنىڭ ئوغلى، بىر نەۋرىسى بىلەن يەنە بىر نەۋرىسى، ھەدىسىنىڭ ئېرى بىلەن سىڭلىسىنىڭ ئېرى ئۆز-ئارا ئۇرۇشۇپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پېرىسىيەدە ئېغىر دەرىجىدىكى پارچىلىنىش يۈز بېرىدۇ. رىملىقلار تەرىپىدە بولسا، ئوخشىمىغان ئەللەر ئوتتۇرىسىدا بۇرۇن تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدىكى ئىتتىپاقداشلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن رىملىقلار شۇ ۋاقىتقىچە بولغان تارىختا بولۇپ باقمىغان بىر زور غەلىبىگە ئېرىشىدۇ. دېمەك، بۇ ئىشنى ئاللاھ قۇرئاندا ئالدىن پەرەز قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاخىرى قانداق بولۇپ چىققانلىقىنى بىز مانا تاكى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگۈچە كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز.

(3) قۇرئاندىكى ھېكايىلەر. قۇرئاندا بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر ۋە بۇرۇنقى ئەللەر ھەققىدىكى بايان ۋە ھېكايىلەر ئىنتايىن كۆپ. مۇسا ۋە ئەيسا پەيغەمبەرلەرنىڭ ھېكايىلىرى بار. ئەرەبلەرنىڭ ۋە ئەرەب ئەمەسلەرنىڭ ھېكايىلىرى بار. بۇ نۇقتىنى نۇرغۇن كىشىلەر چۈشەنمەيدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىدىكى ۋاقتىدا، پۈتۈن ئەرەب يېرىم ئارىلى بويىچە بىرەر كۇتۇپخانا يوق ئىدى. مەككىدىكىلەر ساۋاتسىز ۋە قالاق كىشىلەردىن ئىدى. ئۇلار خەت ئوقۇيالمايتتى. خەت يازالمايتتى. ئۇلاردا بىرەر كۇتۇپخانا يوق ئىدى. ئۇ يەردىكى كىشىلەر ئۈچۈن قۇرئاندىكى ھېكايىلەرنىڭ تەپسىلاتىنى بىلىش ئىمكانىيىتى زادىلا يوق ئىدى. شۇ ۋاقىتتا ئافرىقا ياكى ئاۋسترالىيىنىڭ جاڭگاللىرىدا ياشاۋاتقان كىشىلەرنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ. ئۇلار ئۈچۈن سىرتقى دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى بىلىش ئىمكانىيىتى زادىلا يوق ئىدى. ئەمما مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەتراپىدىكىلەرگە رىم ۋە پېرىسىيىنىڭ تارىخىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ تارىخىنى، ماملۇكنىڭ تارىخىنى سۆزلەپ بېرىدۇ. توساتتىنلا بىر ئوقۇغان ۋە مەدەنىيەتلەشكەن، بۇرۇنقى ئەللەرنىڭ تارىخىنى بىلىدىغان ئادەم پەيدا بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئادەمنىڭ بىر كۇتۇپخانىسى يوق. بۇ ئادەمنىڭ بىلىم ئالىدىغان بىرەر مەنبەسى يوق. ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ ھېچ قايسىسى بۇنداق ئىشلاردىن خەۋەردار ئەمەس. بۇ بىلىملەر نەدىن كەلگەن؟ ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ھېكايىلەر كۆرۈنمەيدىغان مەنبەدىن كەلگەن بىلىملەر، بۇ ھېكايىلەرنى سىلەر بىلمەيسىلەر، سىلەردىن بۇرۇنقى كىشىلەرمۇ بىلمەيدۇ.» مانا بۇ قۇرئاننىڭ مۆجىزىسىدۇر. 

قۇرئاندىكى بۇ ھېكايىلەرگە ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ توغرۇلۇق دەرىجىسىمۇ ئىنتايىن يۇقىرىدۇر. قۇرئاندىكى يۈسۈپ پەيغەمبەرگە ئائىت ھېكايىلەر بۇنىڭ بىر تىپىك مىسالى بولۇپ، قۇرئاندا مۇسا پەيغەمبەر ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ فاروللار ئىكەنلىكى، يۈسۈپ پەيغەمبەر بولسا بىر پادىشاھ ئىكەنلىكى ناھايىتى ئېنىق يېزىلغان. ئۇچۇرلارنىڭ بۇ دەرىجىدە توغرا بولۇشى ئىنسانلار ئۈچۈن مۇمكىن ئەمەس.

(4) قۇرئاندىكى قانۇن ۋە ئەقىدىلەر. يەنى، قۇرئاندىكى ئۇچۇرلار. قۇرئان بىر ئىنتايىن گۈزەل ئەقىدىنى ئۆزىگە مەزمۇن قىلغان بولۇپ، ئۇنى خرىستىئان دىنى، بۇددىزم ۋە جۇدائىزملارنىڭ ئەقىدىلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ. قۇرئاندىكى ئەقىدە لوگىكىلىق ۋە ئەقىلگە مۇۋاپىق (راتسىئوناللىق) مەنتىقىگە ماس كېلىدۇ: «بىرلا ئاللاھ بار، ئۇ ئەڭ مۇكەممەل، پەقەت شۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىڭ». بۇ ئىنتايىن ئاددىي، ئىنتايىن لوگىكىلىق، ئىنتايىن راتسىئونال. باشقا دىنلارنىڭ ئەقىدىسى ئۇنداق ئەمەس. ئۇلاردا «ئەقىدە» ھېسابلانغىنى ئىنسانلار كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر نەرسىدىن ئىبارەتتۇر. 

قۇرئاندىكى قانۇنلارمۇ ھەم شۇنداق. ئىسلامدىكى قانۇنلار، ئىسلامدىكى توي قىلىش ۋە ئاجرىشىش قانۇنى، مىراس قالدۇرۇش قانۇنى، شەرىئەت قانۇنلىرى، بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇكەممەل قانۇنلاردۇر. ئىسلامدىكى ئاياللار، ئىسلامدىكى ھەققانىيەتلىك، ئىسلامدىكى قانۇنىي سىستېما، مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى قۇرئاننىڭ بىر مۆجىزە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ قانۇنلارنى ئىنسانلار بەرپا قىلغان باشقا قانۇنلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ. قانۇن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى باشقا قانۇنلاردا قانچىلىك ئۆز-ئارا زىددىيەتلىك مەزمۇنلارنىڭ بارلىقىنى، قانچىلىك يوچۇقلارنىڭ بارلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. قانۇن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار بۇنىڭ ئۈچۈن ئىسپات بېرەلەيدۇ. باشقا قانۇنلارنىڭ ھەممىسى توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئۇ قانۇنلارنى قۇرئاندىكى مەڭگۈلۈك، پاك، ۋە ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان قانۇنلار بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. بۇمۇ بىر مۆجىزە بولۇپ، مەيلى مۇسۇلمان بولسۇن-بولمىسۇن، ئەرەبلىك بولسۇن-بولمىسۇن، بۇنى ھەممە ئادەم قەدىرلىشى كېرەك. 

(5) قۇرئاندىكى ئىلىم-پەنگە ئائىت مۆجىزە. بۈگۈن مەزكۇر سورۇندا ئولتۇرغانلار ئىچىدە زىيالىيلار خېلى كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ مۆجىزىنى ئوبدان چۈشىنىدۇ. ئاللاھ قۇرئاندا ئوتتۇرىغا قويغان پاكىتلاردەك پاكىتلارنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىكى ئىنسانلارنىڭ بىلەلىشى ۋە ئۇلارنى ئوتتۇرىغا قويالىشى قەتئىي مۇمكىن ئەمەس. بۇنىڭ ئەڭ ياخشى مىساللىرىنىڭ بىرى ئادەم بالىسىنىڭ تۆرىلىش جەريانىدۇر. بۇ ئىشنى تاكى 300 يىلدىن بۇرۇنقى بىر ۋاقىتقىچە ھېچ كىم بىلمەيتتى. قۇرئاندىكى تۆمۈر ھەققىدىكى ئايەتمۇ ھەم شۇنداق. ئىلىم-پەندە تۆمۈرنىڭ يەر شارىنىڭ ئۆزىدە شەكىللەنگەنلىكى تېخىچە بايقالمىدى. يېقىنقى ئىلمىي بايقاشلارغا ئاساسلانغاندا، تۆمۈر يەر شارى شەكىللىنىۋاتقان ۋاقىتتىلا سىرتتىن كەلگەن ئىكەن. ئاللاھ قۇرئاندا «تۆمۈرنى مەن چۈشۈردۈم» دەيدۇ. قۇرئاندا بۇنىڭغا ئوخشاش مىساللار ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بۇ ئىلمىي پاكىتلارنىڭ ھەممىسىمۇ قۇرئاننىڭ بىر مۆجىزە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئىلاۋە: تۆمۈر توغرىسىدىكى ئايەت قۇرئاندىكى 57-سۈرە 25-ئايەت ئىكەن.

(6) قۇرئاندىكى يەنە بىر مۆجىزە بىر ئاز غەلىتە بولۇپ، بىز ھەممىمىز ئۇنى قەدىرلەيمىز، ئەمما ئۇنى تونۇپ يېتەلمەيمىز. ئۇ بولسىمۇ قۇرئاننىڭ ئۇنى ئاڭلىغان كىشىلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىدىن ئىبارەت. ئەرەبچىنى ھېچ قانداق بىلمەيدىغان بىر ئادەممۇ قۇرئاننى ئاڭلىسا، ئۇنىڭ كۆزلىرى ياش بىلەن لىق تولىدۇ. مۇشۇ يەردە ئولتۇرغانلار ئىچىدىمۇ ئەرەبچىنى بىلمەيدىغانلار ئىنتايىن كۆپ. شۇنداق بولسىمۇ، بىرسى قۇرئاننى خەتمە-قۇرئان قىلىپ ئۈنلۈك ئوقۇيدىكەن، ھەممە ئادەمنىڭ ئىمانى كۈچىيىپ كېتىدۇ. قۇرئاننى ئاڭلىسىڭىز، سىز ناھايىتى كەمتەرلىشىپ كېتىسىز. ئۇ چاغدىكى ھېسسىياتنى سىز سۆز بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيسىز. ئەگەر سىز ئەرەبچىنى بىلمىسىڭىزمۇ، بىر ئىمامنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭ قۇرئاننى ئۈنلۈك ئوقۇغىنىنى ئاڭلىسىڭىز، سىز خۇددى ئۇنى چۈشىنىۋاتقاندەك ھېسسىياتقا كېلىسىز. بەزى بىر غەلىتە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، سىز قۇرئاندىكى بۇ ئايەتلەرنىڭ مېھرىبانلىققا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلىسىز. جەننەتكە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلىسىز. ياكى دوزاخقا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلىسىز. ئەگەر سىز ئەرەبچىنى بىلسىڭىز، سىز ئۈچۈن بىلىشنىڭ بىر يېڭى ئىشىكى ئېچىلىدۇ. قۇرئاندىكى ئايەتلەر ئۈنلۈك ئاۋازدا خەتمە-قۇرئان قىلىنغاندا، چوڭلارمۇ كۆزلىرىگە ياش ئالىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ھېلىقى ئاۋاز. قۇرئاننىڭ ئاۋازى. قۇرئاندىن باشقا ھەر قانداق نەرسىنى ھەر قانداق ئاۋازدا ئۈنلۈك ئوقۇغاننى ئاڭلاپ بېقىڭ. ئۇنىڭغا ھېچ كىم كۆز يېشى قىلمايدۇ. ئۇنىڭغا ھېچ كىمنىڭ ھېسسىياتى ئۆرلەپ ياكى تۆۋەنلەپ كەتمەيدۇ. ئەگەر ئۇ ئاۋازنىڭ تىلىنى بىلمىسە، ئۇنىڭ تېخىمۇ ھېچ قانداق تەسىرى بولمايدۇ. ھېچ قانداق نەرسە كىشىلەرگە قۇرئان تەسىر قىلغاندەك تەسىر قىلالمايدۇ. ئاللاھ بۇنى قۇرئاندىمۇ تىلغا ئالغان. ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ: «ئىمانلىق كىشىلەر پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن ئايەتلەرنى ئاڭلىغاندا، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ياشقا تولىدۇ.» ئاللاھ بۇ سۆزلەرنى مۇسۇلمان ئەمەس كىشىلەرگە قارىتىپمۇ دېگەن: «قۇرئاننى ئاڭلىغاندا ئۇلارنىڭ كۆزلىرىمۇ ياشقا تولىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ ئاڭلىغىنى ھەقتۇر.» قۇرئاننىڭ ئەرەبچىنى بىلمەيدىغان كىشىلەرگىمۇ مۇشۇنداق تەسىر كۆرسىتىشى قۇرئاننىڭ مۆجىزىسىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسىدۇر. 

بۇنى سىلەر سىناق قىلىپ باقساڭلار بولىدۇ: ئەرەبچىنى بىلمەيدىغان كىشىلەرگە قۇرئاننىڭ خەتمە-قۇرئان قىلىنغان سىنئالغۇ فىلىمىدىن بىرەرنى قويۇپ بېرىپ، ئۇلاردا قانداق ئۆزگىرىش بولغانلىقىغا دىققەت قىلىپ بېقىڭلار. مەن بۇ ئۇسۇلنى دەۋەت قىلىشنىڭ بىر ئۇسۇلى سۈپىتىدە كۆپ قېتىم ئىشلەتتىم. مەن ئىسلامغا قىزىققان خرىستىئاندىن بىرىنى ئۇچراتقان. ئۇ بىر ئالىي مەكتەپنىڭ مۇزىكا كەسپىدە ئوقۇۋاتقان بولۇپ، مۇزىكا جەھەتتە مۇكەممەل بىلىملەرگە ئىگە ئىكەن. مەن ئۇنىڭغا ئۆزۈم ئاڭلاۋاتقان قۇرئاننىڭ ئاۋازلىق ئوپتىك دىسكىسىنى ئاڭلاپ بېقىشقا بېرىپ، ئۇنىڭغا قاراپ تۇردۇم. دەسلىپىدە ئۇنىڭ كۆزى يۇمۇلدى. كېيىن بارا-بارا ئۇنىڭ بېشى چۈشۈپ كەتتى. بىر دەمدىن كېيىن ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ، «مەن ئۆمرۈمدە بۇنىڭغا ئوخشاش ئاۋازنى بىرەر قېتىممۇ ئاڭلاپ باقمىغان، مەن ئاڭلىغان بۇ ئاۋازنى مەن سۆز بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن»، دېدى. 

(7) قۇرئاندا زىددىيەتلىك مەزمۇنلار يوق. يىگىرمە ئۈچ يىل جەريانىدا يېزىلغان، ئەقىدە مەسىلىلىرى، ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ۋە قانۇنىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىنسانلار تەرىپىدىن يېزىلغان ھەر قانداق كىتابتا چوقۇم ئۆز-ئارا زىددىيەتلىك مەزمۇنلار بار بولىدۇ. ئەمما قۇرئاندا ئۇنداق ئەمەس. ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر قۇرئان ئاللاھتىن چۈشمىگەن بولسا، ئۇنىڭدا ئۆز-ئارا زىددىيەتلىك مەزمۇنلار كۆپ قېتىم سادىر بولغان بولاتتى (بۇ مەزمۇنمۇ ئالدى بىلەن ئەرەبچە يادلىنىپ، ئاندىن ئىنگلىزچە چۈشەندۈرۈلدى).» 

(8) قۇرئاندىكى مۆجىزىلەرنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئۇ بىر ئەمەس، ئىككى ئەمەس، ئون ئەمەس. قۇرئاننى تەكشۈرسەك، بۇنداق مۆجىزىلەر ئارقا-ئارقىدىن چىقىۋېرىدۇ. ئەمما، ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مەن بۇ يەردە پەقەت يەنە بىر مۆجىزە ئۈستىدە توختىلىمەن. بۇ مۆجىزە بىز ھەممىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن قەدىرلىك. بۇ مۆجىزىنى بىز ئۆز بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈپ تۇرىمىز. بۇ مۆجىزىگە بىز گۇۋاھچى بولۇپ تۇرىمىز. ئەمما بىز ئۇنىڭ بىر مۆجىزە ئىكەنلىكىنى ئانچە ئوبدان بىلىپ كەتمەيمىز. ئۇ بولسىمۇ قۇرئاننى يادلاشتىن ئىبارەت. شېكىسپېرنىڭ ئەسىرىنى 30-40 يىل دەرس قىلىپ ئۆتكەن كىشىلەر بار. ئەمما ئۇلار شېكىسپېرنىڭ شېئىرلىرىدىن بىر سونېت (14 مىسرالىق قىسمى) نى سۆزمۇ-سۆز، ھەرپمۇ-ھەرپ بويىچە يادلاپ بېرەلمەيدۇ. بەزى كىشىلەر بىر ئەدەبىي ئەسەرنى بىر ئۆمۈر دەرس قىلىپ ئۆتكەن بولسىمۇ، كۆزىنى يۇمۇپ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىكى بىر-ئىككى بەتنى سۆزمۇ-سۆز، ھەرپمۇ-ھەرپ بويىچە يادلاپ بېرەلمەيدۇ. ئۇلار پەقەت كىتابنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنىلا دەپ بېرەلەيدۇ. دەرىجىدىن تاشقىرى دەرىجىدە ئەقىللىق كىشىلەردىن ئىنجىلنىڭ 100 بېتىنى يادلاپ باققان كىشىلەردىن بىر قانچىسى تېپىلىشى مۇمكىن. لېكىن ئۇنداقلار ئىنتايىن ئاز. قۇرئانغا كەلسەك ئىش پۈتۈنلەي باشقىچە. مۇسۇلمانلار ئىچىدە قۇرئاننى تولۇق يادلاپ بولغانلار ساناقسىز بولۇپ، قۇرئاننىڭ بىر قىسمىنى يادلاپ بولغانلار ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ. قۇرئاننى ئۇنىڭدىكى بىر دانە سۆزنىڭ مەنىسىنىمۇ بىلمەيدىغان كىشىلەرمۇ يادلىيالايدۇ. بۇ ھەيران قالارلىق ئەمەسمۇ؟ مەن سىلەردىن سوراپ باقاي: سىلەر بىر خەنچە كىتابتىن 10 بەتنى يادلىيالامسىلەر (بۇ ياسىر قازىنىڭ ئۆز سۆزى)؟ تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ: سىز بىر قېتىممۇ ئۆگىنىپ باقمىغان، بىر قېتىممۇ كۆرۈپ باقمىغان، بىر قېتىممۇ ئاڭلاپ باقمىغان بىر تىلدىكى نەرسىنى سىز قانداق يادلىيالايسىز؟ ئەمدى مۇسۇلمانلارغا قاراپ بېقىڭ. قۇرئاننى يادلاپ بولغانلاردىن بىر ئەمەس، ئون ئەمەس، يۈز ئەمەس، مىڭ ئەمەس، ئون مىڭ ئەمەس، يۈز مىڭ ئەمەس، نەچچە مىليون ئادەم بار. ھەر بىر زېمىندا، ھەر بىر ئۆلكىدە، ۋە ھەر بىر شەھەردە ئاشۇنداق ئادەملەر بار. بىز قۇرئاننى بېشىدىن ئاخىرىغىچە، ھەر بىر سۈرە، ھەر بىر ئايەت، ھەر بىر جۈملە، ھەر بىر سۆز، ۋە ھەر بىر ھەرپكىچە ئەينەن يادلاپ بولغان كىشىلەردىن نەچچە يۈز مىڭنى تاپالايمىز. ئەگەر بۇ بىر جانلىق مۆجىزە، مېڭىۋاتقان مۆجىزە بولمىسا، مەن سىلەردىن ئاللاھنىڭ ئالدىدا سوراپ باقاي، ئۇنداقتا مۆجىزە دېگەن نېمە؟ بۇ يەردە پۈتۈن قۇرئاننى يادلاپ بولغان 6 ياشلىق بالىدىن بىرسى بار. ئاۋۇ يەردە پۈتۈن قۇرئاننى يادلاپ بولغان 66 ياشلىق ئادەمدىن بىرى بار. مەن 5 ياشلىق، 6 ياشلىق، ئۆزىنىڭ تىلىدا بىرەر پاراگرافنىمۇ توغرا ئوقۇيالمايدىغان، ئەمما پۈتۈن قۇرئاننى يادلاپ بولغان بالىلاردىن نۇرغۇنلىرىنى ئۇچراتتىم. مەن تېخى تۈنۈگۈن تاكسىدا بىر 66 ياشلىق ئادەمنى ئۇچرىتىپ قالدىم. ئۇ 60 يېشىدا پېنسىيىگە چىقىپ، ئاندىن قۇرئاننى يادلاشنى باشلاپتىكەن. تېخى يېقىندا، يەنى 6 يىلدا قۇرئاننى يادلاپ بولۇپتۇ. باشقا قانداق كىتابنىڭ مۇشۇنداق ئالاھىدىلىكى بولسۇن؟ شۇڭا قۇرئان بىر جانلىق مۆجىزە. ئۇ ئاللاھنىڭ سۆزى. ئۇ ئاللاھنىڭ نۇتقى. بىز ئۇنى ئۈنلۈك ئوقۇساق، ئۇ بىزنىڭ يۈرىكىمىزگە ئورنايدۇ. ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ: «بۇلار ئېنىق ئايەتلەر بولۇپ، ئۇلار بىلىملىك ئادەملەرنىڭ مەيدىسىدە ساقلىنىدۇ (بۇ يەردە ئالدى بىلەن قۇرئاندىكى ئايەت ئەرەبچە ئوقۇلدى).» 

ئەمدى مەن دوكلاتىمنى خۇلاسىلىسەم، ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار سەندىن مۆجىزە سورايدۇ. ئۇلار سەندىن كۆپلىگەن مۆجىزىلەرنى سورايدۇ. بىزنىڭ ئۇلارغا بۇ كىتابنى چۈشۈرۈپ بەرگىنىمىز يېتەرلىك مۆجىزە ئەمەسمۇ؟» يەنى ئاللاھ بۇ ئايەتتە مۇشۇ قۇرئاننىڭ ئۆزىلا بىر يېتەرلىك مۆجىزە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. مۇسۇلمان قېرىنداشلار، ھازىر سىلەردە ئاللاھ بارلىق پەيغەمبەرلەرگە ئاتا قىلغان مۆجىزىلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ چوڭ مۆجىزە ھېسابلىنىدىغان قۇرئان بار. مېنىڭ ئۆزۈمگە ۋە سىلەرگە دەيدىغىنىم، بۇ مۆجىزىنى قەدىرلەيلى. ئۇنى سۆيەيلى. ئۇنى ئوقۇيلى. ئۇنى يادلايلى. بۇ مۆجىزىنى قەدىرلەيلى. بۇ مۆجىزىنى پۈتۈن دۇنياغا بىلدۈرەيلى. بىز قۇرئاننى سۆيسەك، بىز قۇرئانغا بولغان مۇھەببىتىمىزنى ئىزھار قىلساق، ئاللاھ چوقۇم قۇرئان ئارقىلىق بىزنى مۇكاپاتلايدۇ. ئاللاھ قۇرئان ئارقىلىق بىزنى يۇقىرىغا ئۆرلىتىدۇ. بىزگە ئىززەت، تىنچلىق، ۋە شەرەپ ئاتا قىلىدۇ. 

ياسىر قازىنىڭ دوكلاتى مۇشۇ يەردە ئاخىرلىشىپ، يىغىننىڭ سوئال-جاۋاب قىسمى باشلاندى. بۇ قىسىمدا يىغىنغا قاتناشقان كىشىلەر ياسىر قازىدىن سوئال سوراپ، ياسىر قازى ئۇلارغا جاۋاب بەردى.


6. سوئال-جاۋابلار

بىرىنچى سوئال: بىز ئەرەب تىلىنىڭ ئەڭ ياخشى تىل ئىكەنلىكىگە، ئۇ بىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبىرىمىزنىڭ تىلى ئىكەنلىكىگە دۇنيانى قانداق ئىشەندۈرەلەيمىز؟

جاۋاب: مەن باشقىلارنى بۇ ئىشتا قايىل قىلىش يولىنى تۇتمايمەن. ئۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، بىر ئادەم پەقەت مەلۇم بىر تىلنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئۆگىنىپ، ئۇنىڭدا ئاساس ياراتقاندىلا، ئاندىن ئۇنىڭ قەدرىگە يېتەلەيدۇ. شۇڭا بىز ئەرەبچىنى بىلىدىغان كىشىلەر ئارىسىدا ئەرەبچىنىڭ ئەڭ ياخشى تىل ئىكەنلىكى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارساق بولىدۇ. ئەرەبچىنى بىلمەيدىغانلار بىلەن ئۇنداق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.

ئىككىنچى سوئال: نېمە ئۈچۈن ساھابىلەر (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەمراھلىرى) نىڭ جەننەتكە كىرىش پۇرسىتى بىزنىڭكىدىن ياخشىراق بولىدۇ؟

جاۋاب: بىز ساھابىلەر مۇسۇلمانلار ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى ئەۋلادلار، دەپ ئويلايمىز. ئۇلارنىڭ ئاللاھ ئالدىدىكى ئورنى بىزنىڭ ئورنىمىزدىن ئۈستۈنرەك بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇلار بىز تۆلەپ باقمىغان بەدەللەرنى تۆلەپ باققان. ئۇلار بىز قىلىشقا مەجبۇرى بولۇپ باقمىغان ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇرى بولغان. ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ياردەم قىلغان بولۇپ، بىزگە ئۇنداق ئىمكانىيەت يوق. ئۇلار ياشىغان زامان، ماكان ۋە دەۋرنىڭ بىزنىڭكى بىلەن ئوخشاشماسلىقى، ھەمدە ئۇ چاغدا ھازىرقىدەك مۇسۇلمانلار جامائىتىنىڭ مەۋجۇت بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن، ئۇلار كۆپ قېتىم قىرغىنچىلىقلارغا ئۇچرىغان. ئەمما، سىزگە مۇنداق بىر خوش خەۋەرنىمۇ دەپ قوياي. گەرچە ساھابىلەر ئورۇن جەھەتتە بىزدىن ئۈستۈن تۇرسىمۇ، ئۇلاردىن كېيىنكى ئەۋلادلارغا تەۋە كىشىلەردىن بەزىلىرىنىڭ ساھابىلەرگە قارىغاندا كۆپ ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشەلىشى پۈتۈنلەي مۇمكىن. بۇ توغرۇلۇق بىر ھەدىس بار. ئۇنىڭدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ساھابىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر مېنىڭ ھەمراھلىرىم. سىلەردىن كېيىن كېلىدىغانلار مېنىڭ قېرىنداشلىرىم بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار مېنى كۆرۈپ باقماي تۇرۇپ، ماڭا ئىشەنگۈچىلەردۇر. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى جاپا-مۇشەققەتلىك ۋاقىتلارنى چىداملىق بىلەن ئۆتكۈزەلىگەن بىر قىسىم كىشىلەر ئېرىشىدىغان مۇكاپات سىلەردىن 50 ئادەم ئېرىشىدىغان مۇكاپاتقا تەڭ بولىدۇ.» 

ئۈچىنچى سوئال: نېمە ئۈچۈن قۇرئاندا بەزى ئايەتلەر تەكرارلىنىدۇ؟

جاۋاب: بىزنىڭ تارىخىمىزدا بۇ مەسىلە ئۈستىدە نۇرغۇنلىغان كىتابلار يېزىلدى. بۇ كىتابلاردا سۆزلەنگىنى، نېمە ئۈچۈن بىر قىسىم ئايەتلەر بىر-بىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، پەقەت ئايرىم سۆزلەردىلا پەرقى بار بولىدۇ، بۇنىڭ كەينىدىكى ئاقىلانىلىك نېمە، دېگەندىن ئىبارەت. ئاللاھ قۇرئاننىڭ بىر يېرىدە بىر نەرسىنى دەپ، ئاندىن يەنە بىر يېرىدە ئوخشاش نەرسىنى بۇرۇنقىدىن ئازراق پەرقلىنىدىغان قىلىپ دەيدۇ. بۇنىڭ ئارقىسىدا ناھايىتى چوڭقۇر دانالىق بار بولۇپ، ئۇلار سىنتاكسىسلىق (syntax) جەھەتتە بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. مەسىلەن، بىر ئايەتتە ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «يوقسۇللۇقتىن ئەنسىرەپ (out of fear of poverty) بالىلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، بىز ئۇلارغىمۇ بېرىمىز، سىلەرگىمۇ بېرىمىز.» بۇ سۆزنى ئاللاھ بالىسى تېخى تۇغۇلمىغان كىشىلەرگە قارىتىپ دېگەن بولۇپ، بۇ يەردە ئاللاھنىڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقىنى بالا بولغاچقا، ئاللاھ «ئۇلار» دەپ بالىلارنى ئالدىدا تىلغا ئېلىپ، «سىلەر» دەپ ئاتا-ئانىلارنى كەينىدە تىلغا ئالىدۇ. يەنە بىر ئايەتتە بولسا ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «يوقسۇللۇقتىن (out of poverty) بالاڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، بىز سىلەرگىمۇ بېرىمىز، ئۇلارغىمۇ بېرىمىز.» ئاللاھ بۇ سۆزنى بالىسى تۇغۇلۇپ بولغان ئاتا-ئانىلارغا قارىتا دېگەن بولۇپ، بۇ ئايەتتە «سىلەر» نى ئالدىغا، «ئۇلار» نى بولسا كەينىگە قويىدۇ. بۇ ئىككى ئايەتنىڭ سۆزلىرىدە كىچىككىنە پەرقى بار، ئەمما ئۇلارنىڭ مەنىسىدىكى پەرق ناھايىتى زور. قۇرئاندىكى بىر-بىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئايەتلەرنىڭ ھەممىسىدە مۇشۇنداق ئەھۋال بار. يەنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە بىر خىل چوڭقۇر ئەقىل سىڭدۈرۈلگەن. بۇ ھەقتە نۇرغۇن كىتابلار بار. بۇ مەسىلە ئۈستىدە مەنمۇ كۆپ ئىزدەنگەن. ھەقىقەتەنمۇ بۇنداق ئەھۋاللاردا، سىنتاكسىسلىق، سۆزلەرنىڭ تاللىنىشى ۋە جۈملىلەرنىڭ قۇراشتۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىنتايىن چوڭقۇر ئەقىل سىڭدۈرۈلگەن. 

تۆتىنچى سوئال: قۇرئاندا شۇنچە كۆپ مۆجىزىلەر تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمان ئەمەسلەر قۇرئاننى قوبۇل قىلمايدۇ؟

جاۋاب: بۇ سىڭلىمىزنىڭ مەندىن سورىغىنى، نېمە ئۈچۈن كىشىلەر قۇرئاندىن ئىبارەت بۇ ھەقنى قوبۇل قىلمايدۇ، دېگەندىن ئىبارەت. كىشىلەر يالغۇز لوگىكا ۋە ئىدراك (reason) بىلەن يېتەكلەنمەيدۇ. كىشىلەرنى يېتەكلەيدىغان ئامىللارنىڭ ئىچىدە ھېسسىيات، غۇرۇر، ۋە ئەنئەنىگە ئەمەل قىلىش قاتارلىقلارمۇ بار. شەيتان ئىبلىس ئىنتايىن كۆپ ئىشلارنى كۆرگەن. ئىبلىس ئاللاھ ياراتقان نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. ئەمما ئۇ تەكەببۇرلۇق سەۋەبىدىن ئۆزىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇشنى رەت قىلىدۇ. مەككىدىكى مۇشرىكلارمۇ ئاينىڭ ئىككى پارچە بولۇپ كەتكىنىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. ئەمما ئۇلارمۇ ئۆزىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇشنى رەت قىلىدۇ. رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھىمۇ ئاللاھنى ئىچىدە ئېتىراپ قىلغان. ئاللاھقا ئىچىدە ئىشەنگەن. ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ پادىشاھلىق ئورنىنى ئاللاھتىن مۇھىمراق كۆرگەن. شۇڭا ئۇ ئاللاھنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان. قۇرئاننى يېڭىلىققا ئىنتىلىدىغان، بىر تەرەپلىمىلىكتىن خالىي يۈرىكى بىلەن ئوقۇغان ھەر قانداق ئادەم بۇ كىتابنىڭ ئاللاھتىن چۈشكەنلىكىگە ئىشەنمەي قالمايدۇ. ئەمما ئاشۇ يەكۈنگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، ئىسلامنى قوبۇل قىلامدۇ-يوق، بۇ ھەقتە ئۇ ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ كۆڭلىدە بىر مەيدان جەڭ يۈز بېرىدىغان بولۇپ، ئاخىرقى قارارنى ئاشۇ ئادەم ئۆزى چىقىرىدۇ. بۇ ئىچكى جەڭدە بىز ئۇ كىشىگە ياردەم قىلالمايمىز. بىز پەقەت ئۇ كىشىگە قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپلا قويالايمىز. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىش ئاشۇ كىشى بىلەن ئاللاھقا باغلىق بولۇپ قالىدۇ.

بەشىنچى سوئال: سىز قۇرئاننى چۈشىنىپ تۇرۇپ ئوقۇپ، ئۇنى بىر پۈتۈن كىتاب سۈپىتىدە ئىجرا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدىڭىز. ئەمما ھىندىستاندا ئۇنداق قىلىدىغانلار بەك ئاز. نۇرغۇن كىشىلەر قۇرئاننى چۈشىنىپ تۇرۇپ ئوقۇمايدۇ. ئىجرا قىلغاندىمۇ ئۇنىڭ ھەممىسىنى ئەمەس، ئۇ يەر بۇ يەرلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ. بۇ ئىشقا سىز قانداق قارايسىز؟

جاۋاب (بۇ مەزمۇننىڭ ئېسىللىكىدىن، بۇ قېتىم مەن مەزكۇر تېما بىلەن مۇناسىۋەتلىك «ئاخىرقى سۆز» نى يازماسلىق قارارىغا كەلدىم): بۇ قېرىندىشىمىز بىر ئېچىنىشلىق ئەمەلىيەتنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇڭا مەن ئۆز دوكلاتىمنى خۇلاسىلىگەندە، مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ مۆجىزىنى يېتەرلىك دەرىجىدە قەدىرلىمىگەنلىكىنى، بۇ مۆجىزىدىن يېتەرلىك دەرىجىدە پايدىلانمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم. بىز ئۆزىمىزنىڭ قۇرئان ھەققىدىكى بۇرچىمىزنى تولۇق ئادا قىلالمىدۇق. بىز ئۆيىمىزدە قۇرئاننى بىر قىممەتلىك نەرسە ھېسابلاپ، ئۆينىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئېگىز يەرگە ئېلىپ قويىمىز. ئەمما بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنىڭ ئىچىدە بىز ئۇنى ئەڭ تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويىمىز. بىز قۇرئاننى سۆيۈپ كېتىمىز، سىلاپ كېتىمىز، ھەمدە ئۆيىمىزنىڭ ئىچىدە كىچىك ساندۇقلارنىڭ ئىچىگە سېلىپ ساقلاپ كېتىمىز. لېكىن، ئۇنى يۈرىكىمىزدىن ئىبارەت ئەڭ ئېسىل ساندۇقنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويمايمىز. فىزىكىلىق ساندۇق ياخشى، ئەمما روھىي ساندۇق، يۈرىكىمىزدىكى ساندۇق ئۇنىڭدىن كۆپ ياخشى. ئەمما بىز قۇرئاننى كۆڭلىمىزدىكى ئۇ ساندۇققا سىغدۇرمايمىز. قۇرئاننى ئىنتايىن گۈزەل ئاۋاز بىلەن يادلاپ ئوقۇپ بېرىدىغان شەيخلەر ئىنتايىن كۆپ. ئەمما، قۇرئان كىشىلەرنىڭ يادلىۋېلىشى ئۈچۈن چۈشۈرۈلگەن نەرسە ئەمەس. ئۇ كىشىلەرنىڭ ئوقۇپ چۈشىنىشى، ۋە شۇ ئاساستا ئىجرا قىلىشى ئۈچۈن چۈشۈرۈلگەن. ھازىر بىز ھەقىقەتەنمۇ بىر ئېچىنىشلىق ئەھۋالنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالدۇق. بىز ھازىر بارا-بارا ئەرەب تىلىنىمۇ يوقىتىپ قويۇۋاتىمىز. شۇڭا بىز مۇشۇنداق ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ئاللاھقا يېقىنلىشىش ئۈچۈن مانا ھازىر بۇ يەرگە جەم بولدۇق. ئەگەر ئەرەبچىنى بىلمىسىڭىز، ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭ تەرجىمىسىنى ئوقۇڭ. ئەگەر ئەرەبچىنى ئۆگىنەلمىسىڭىز، ھېچ بولمىغاندا قۇرئاننىڭ تەرجىمىسىنى ئوقۇڭ. قۇرئاننىڭ تەرجىمىسى ئەسلى نۇسخىسىدەك بولمايدۇ. شۇنداق بولسىمۇ سىز ئۇنىڭ تەرجىمىسىنى ئوقۇش ئارقىلىق، ئۇنىڭ بىر قىسىم مەنىسىنى چۈشىنىۋالىسىز. ئەگەر سىز قۇرئاننى ئوقۇشنى باشلىسىڭىز، ھەمدە ئاللاھقا يۈزلەنسىڭىز، ئاللاھ سىزگە ياردەم قىلىپ، قۇرئاننى چۈشىنىشتىكى قىيىنچىلىقىڭىزنى بارغانسېرى يەڭگىللەشتۈرۈپ بېرىدۇ. ئەگەر سىز ئاللاھقا سادىق بولسىڭىز، ئاللاھ سىزنى ياخشىلىق بىلەن مۇكاپاتلايدۇ. 


7. ئاخىرقى سۆز

ياخشى كۆڭۈللۈك قېرىنداشلارنىڭ بىر قىسمى ئىزچىل تۈردە مېنىڭ كەسپىي خىزمىتىم بىلەن سالامەتلىكىمگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىدۇ. مەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. ئاللاھقا شۈكرى، مېنىڭ سالامەتلىكىم ھازىر ياخشى. كەسپىي خىزمىتىممۇ ئوبدان كېتىۋاتىدۇ. بۇ يىل ماڭا ئۆز كەسپىمدە 3-4 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىش پۇرسىتى بىلەن شۇنىڭغا زۆرۈر بولغان ماتېرىياللار بار بولۇپ، مەن كەم دېگەندە ئۇلاردىن 2 پارچىنى ئېلان قىلماقچى.بىر يىلدا ئىككى پارچە ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىش بىزنىڭ ئىدارىدىمۇ بىر خىل رېكورد يارىتىش بولۇپ ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، مەن ئىزچىل تۈردە ئىدارىمىزدىكى ئەڭ ئەتىۋارلىق كىشىلەر قاتارىدا ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتىمەن.  مەن يېقىندا ئېرىشكەن بىر يېڭى نەتىجە ھەققىدە تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتا بىر پارچە ئۇچۇر بار:

يەنە بىر مۇھىم گەپ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغىنىدەك، ئاللاھدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن مۆجىزىلەرنىڭ بىرى ئاينىڭ ئوتتۇرىدىن ئىككى پارچە قىلىنىشىدۇر.  بۇ ئىش توغرىسىدا بۇرۇن دۇنياغا «ناسا ئاينىڭ ئىككىگە پارچىلانغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى» دېگەنگە ئوخشاش بىر پارچە ئۇچۇر تارقالغان.  ھەتتا 2010-يىلى پاكىستان بىلەن ھىندىستاننىڭ گېزىتلىرىغا مۇشۇنداق ئۇچۇر بېسىلىپمۇ باققان.   ئۇ ئۇچۇرنى تارقاتقانلار كۆرسەتكەن پاكىت، ئاينىڭ يۈزىنىڭ بىزگە كۆرۈنمەيدىغان تەرىپىدىكى يېرىم يۈزىنىڭ ئۈستىدە بار بولغان، ئۇزۇنلۇقى بىر قانچە يۈز كىلومېتىر، كەڭلىكى 8 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر ئولتۇرۇپ كەتكەن يەر بولۇپ، ئۇنى كۆرگەن كىشى ھەقىقەتەنمۇ ئاي شارى بۇرۇن ئىككىگە بۆلۈنۈپ، كېيىن يەنە ئۆز-ئارا چاپلىشىپ قالغان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ قالىدۇ.  تۆۋەندىكى 4-رەسىم ئاينىڭ ئاشۇ قىسمىنىڭ بىر كۆرۈنىشى.  مەن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ناسا يۇقىرىدىكى ئۇچۇرغا قارىتا مەخسۇس ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇنىڭ پۈتۈنلەي يالغان ئىكەنلىكىنى، ناسا ھازىرغىچە ئاينىڭ بىر قېتىم ئىككى پارچىغا بۆلۈنۈپ باققانلىقى ھەققىدە ھېچ قانداق پاكىتقا ئېرىشىپ باقمىغانلىقىنى دۇنياغا جاكارلىغان.  شۇڭلاشقا ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ قېلىشىنى سورايمەن.  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تۆۋەندىكىدەك ئىككى ئېھتىماللىقنىڭ بارلىقىنىمۇ ئەستىن چىقىرىپ قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن (ئۇ پەرەزلەر مېنىڭ پەرىزىم ئەمەس؛ مەن ئۇلارنى توردىكى ئۇچۇرلاردىن تاپتىم):

(1)ئاللاھ ئاي شارىنى ئىككى پارچىغا بۆلىۋېتەلەيدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنى يەنە ئۆز جايىغا ئەكىلىپ قويالايدۇ.

(2) ئاللاھ ئاينى ئەمەلىيەتتە ئىككى پارچە قىلىۋەتمەي، ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغان كىشىلەرگە ئاشۇنداق تۇيغۇ بېرىدىغان بىر كۆرۈنىشنى يارىتالايدۇ.  بۇنى ئىنگلىزچە «illusion» دەپ ئاتايدىغان بولۇپ، ئۇ سۆزگە يۇلغۇن لۇغىتىدە «خاتا چۈشەنچە» دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەن.  

ئۇنىڭدىن باشقا، ئاي يۈزىنىڭ ئايلانما ئۇزۇنلىقى 10864 كىلومېتىر بولۇپ، يېرىلغاندەك كۆرىنىدىغان سىزىقنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئاران بىر قانچە يۈز كىلومېتىر كېلىدۇ.  

ھەممىگە ئايان بولغىنىدەك، ھەقىقىي ئېتىقادقا ئىگە كىشىلەر ئاللاھنىڭ سۆزىگە قارىتا ئىسپات ئىزدىمەي، ئۇنىڭغا شۇ پېتى ئىشىنىشى كېرەك.  


بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.


پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

[1] The Miracle of the Qur’an – Yasir Qadhi
<https://www.youtube.com/watch?v=q2S_e1d4hb0>

[2] Millions Attend India Peace Conference
<http://www.islamnewsroom.com/new … for-peace-in-mumbai>

[3] Quraysh tribe
<http://en.wikipedia.org/wiki/Quraysh_tribe>


قوشۇمچە مەزمۇن

چەت ئەلدىكى بىر قېرىندىشىمىز ماڭا تۆۋەندىكى ئوقۇش ۋە ئوقۇش مۇكاپات پۇللىرىنىڭ ئۇچۇرىنى ئەۋەتىپتۇ:

(1) ئەنگلىيىدىكى «University of Edinburgh» ئىسلام تەتقىقاتى كەسپىگە ئىككى نەپەر دوكتورلۇق ئوقۇغۇچىسى قوبۇل قىلىدىكەن. ئۇلارنىڭ تور ئادرېسى:
<http://tinyurl.com/AlwaleedPhD2014>

(2) يۇقىرىدىكى مەكتەپ يەنە ئىككى نەپەر دوكتۇر-ئاشتى تەتقىقاتچىسى قوبۇل قىلىدىكەن. بۇ ئوقۇشنىڭ تور ئادرېسى:
http://www.ed.ac.uk/schools-departments/human-resources/jobs

(3) لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى «جۇڭگودىكى ئىسلام» دېگەن تەتقىقات تۈرىگە بىر نەپەر دوكتۇر-ئاشتى تەتقىقاتچىسى قوبۇل قىلىدىكەن. ئۇنىڭ تور ئادرېسى:

http://jobs.soas.ac.uk/fe/tpl_so … B1A&jobid=62903,5815146561&key=4694899&c=022372143434&pagestamp=sedlkjkjnmtoncsrlo

123045s223b8q8i2nz8nwq.jpg.thumb[1] 123053c1ecdphtppddjzsd.jpg.thumb[1]123049jd78qn7d78j7j7j8.jpg.thumb[1]

123053c1ecdphtppddjzsd.jpg.thumb[1]



رەسىملەر 1-3: ياسىر قازى بۇ دوكلاتنى 2009-يىلى ھىندىستاننىڭ مۇمباي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارالىق ئىسلام تىنچلىق قۇرۇلتىيى» دا سۆزلىگەن بولۇپ، تۆۋەندىكىسى ئاشۇ قۇرۇلتاينىڭ بىر قانچە كۆرۈنۈشلىرى.
123058rxnngcznnjny25er[1]
4-رەسىم: ئاي يۈزىدىكى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن ئۇزۇنلۇقى 200-300 كىلومېتىر، كەڭلىكى 8 كىلومېتىر كېلىدىغان رايوننىڭ بىر كۆرىنىشى.

 

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top