«قۇتادغۇبىلىگ» تىكى ئاسترونومىيە بىلىملىرىنىڭ ئەھمىيىتى
چېن جۇڭلى
1. ئاسترونومىيە بىلىملىرىنىڭ «قۇتادغۇبىلىگ» تىكى ئورنى
«قۇتادغۇبىلىگ» تىكى بىلىم قۇرۇلمىسى سېستىمىسدا، ئاسترونومىيە ئۆزىنىڭ بىر ئىلىم تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، گەۋدىلىك ھالدا مۇھىم ئورۇنغا ئىگىدۇر.
1) «قۇتادغۇبىلىگ» داستانىنىڭ سەھىپىلىرىدە ۋە نەقىل كەلتۈرۈلگەن بىلىم – مەلۇماتلار ئىچىدە، ئاسترونومىيە بىلىملىرىنىڭ سالمىقى گەۋدىلىك. پۈتۈن داستاندا ئىككى باب مەخسۇس ئاسترونومىيە بايانلىرى ۋە دەلىللەرگە ھەمدە ئاسترونومىيە ھەم ئاسترونوملارنىڭ مۇھىم رولىغا بېغىشلانغان. بۇنىڭدىن تاشقىرى يەنە 13 پاراگرافتا مۇئەللىپ نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرنى شەرھىلەشتىمۇ بىۋاستە ھالدا ئاسترونومىيە ئىلمىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەرەپلىرىنى تەدبىقلىغان. ئەنە شۇ ئاسترونومىيىگىيە باغلاشتۇرۇلغان مىسرالارنى جەملىگەندە، بۇنداق مىسرالار 300 مىسراغا يېقىن كېلىدۇ. پۈتۈن داستاننى ئېلىپ ئېيتقاندا، بارلىق ئىلىم تۈرلىرى ئىچىدە، ئاسترونومىيە بىلىملىرىنىڭ سالمىقى تەخمىنەن 3- ئورۇندا تۇرىدۇ. ۋاھالەنكى، ئىلىم تۈرلىرىنىڭ ھەرقايسى يەككە پەنلىرىگە نىسپەتەن ئېيتقاندا، ئاسترونومىيە بىلىملىرىنىڭ پۈتكۈل داستاندىكى سالمىقى 1- ئورۇندا تۇرىدۇ.
2) ئاسترونومىيە بىلىملىرى مەزكۇر داستاننىڭ ئومۇمى يېتەكچى ئىدىيىسىنى شەكىللەندۈرگەن ئورگانىك بۆلەك بولۇپ ھېساپلىنىدۇ، داستاننىڭ ئالدىنقى 11 بابى ئەسەر ۋەقەلىكىنىڭ ئاساسىي تەپسىلاتى بىلەن مۇناسىۋەتسىزدەك بىلىنىدۇ، لېكىن مانا شۇ بابلار بولسا مەزكۇر داستاننىڭ ئومۇمى يىتەكچى ئىدىيىسىنى ئېچىپ بەرگەن. يەنى، ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلىش، ئالى ھۆكۈمدار – خاننى ھىمايە قىلىش، ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىشتەك پەلسەپە ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ئەقىل ۋە بىلىم تەشەببۇس قىلىنىپ، قانۇن ۋە ياخشىلىق ئارقىلىق دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ئىدىيىسى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. مۇشۇ ئومۇمىي يېتەكچى ئىدىيە پۈتۈن ئەسەرگە «قىزىل يىپ» قىلىپ ئۆتكۈزۈلگەن، ئاسترونومىيە بىلىملىرى ئەنە شۇ ئومۇمىي يىتەكچى ئىدىيە شەرھىسىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان، ئالدى بىلەن، ئاسترونومىيە بىلىملىرى ئاپتورنىڭ پەلسەپىۋى نوقتىئىنەزەرلىرىنى ئىپادىلەش رولىنى ئوينىغان. ئاپتور ئاسترونومىيە بىلىملىرىنى ئۆزىنىڭ ئەمەلىيەتتىكى ساددا ماتېرىيالىزم ۋە ساددا دىئالېكتىك ئىدىيىلىرىنى شەرھىلەشكە تەدبىقلىغان. بۇ ئىدىيىلەر بىز ئېيتىۋاتقان ئومۇمى يېتەكچى ئىدىيىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمىدىن ئىبارەتتۇر. ئىككىنچىدىن، ئاسترونومىيە بىلىملىرى باش – ئاخىرىنى ئۇلاشتۇرۇش، ئۆز ئارا باغلاشتۇرۇش رولىنى ئوينىغان. يەنى، بىرىنچىدىن دىنىي ئېتىقاد، سىياسىي پۇزىتسىيە ۋە پەلسەپىۋى نوقتىئىنەزەرلىرىنى باغلاشتۇرۇش رولىنى ئوينىغان بولسا، ئىككىنچىدىن كۆك ئاسمان بىلەن كىشىلىك دۇنيا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى باغلاشتۇرۇش رولىنى ئوينىغان. يەنە بىر تەرەپتىن، ئاسترونومىيە ئىلمىنىڭ كونكىرېت بىر تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەنمۇ، پۈتكۈل بىلىم ۋە ئەقىل – ئىدراك سېستىمىسىدا كەم بولسا بولمايدىغان بىر ساھەدۇر.
3) ئاسترونومىيە ۋە ئاسترونومىيە بىلىملىرىنىڭ مەزكۇر داستاندىكى مۇھىم ئورنى – ئەسەردە ئاسترونوملارغا ھۆرمەت قىلىنغانلىقىدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. داستاننىڭ 55- بابىدا «مۇنەججىملەر بىلەن قانداق مۇناسىۋەتتە بولۇش توغرىسىدا» دېگەن سەھىپە بار. بۇ يەردە ئېيتىلغان «مۇنەججىملەر» دەپ ئەينى دەۋردىكى ئاسترونوملار ياكى رەسەتخانا خادىملىرىغا قارىتىلغاندۇر. مۇئەللىپ ئاسترونومىيىنى ئىنتايىن نازۇك بىر ئىلىم دەپ قاراپ، ئاسترونوملارنى بىلىم – مەلۇماتلىق كىشىلەر، ئۇلار كۈن، ئاي، يىلنى ھېساپلاپ چىقىدۇ. مۇنداق ھېساپلاش «ئىنتايىن زۆرۈر» دەپ تۇنۇغان. مۇئەللىپ يەنە : «ئەگەر سەن بىرەر ئىشنى قىلماقچى بولساڭ، چۇقۇم شۇ كۈننىڭ خاسىيەتلىك كۈن ياكى ئەمەسلىكىنى ئېنىق سوراپ بىلىشىڭ كېرەك» بۇنىڭدا يەنىلا مۇنەججىملەرنىڭ ئىنچىكىلىك بىلەن ھېساپلاپ چىقىشىغا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ، دەيدۇ. شۇ ۋەجىدىن، مۇنەججىملەرنى ھۆرمەتلەش، ئۇلارغا ھاجەت چۈشىدىكەن، چۇقۇم ئۇلار بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتتە بولۇش كېرەك. مانا بۇ بايانلارنىڭ ھەممىسى مۇئەللىپنىڭ ئاسترونومىيە ئىلمىي ۋە رەسەتخانا خىزمىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپلا قالماي، يەنە ئاسترونومىيە بىلىملىرىنىڭ مەزكۇر داستاندىكى مۇھىم ئورنىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.
2. ئاسترونومىيە بىلىملىرىنىڭ «قۇتادغۇبىلىگ» تىكى رولى
ئاسترونومىيە بىلىملىرىنىڭ مەزكۇر داستاندىكى رولى بىلەن مەخسۇس ئاسترونومىيە ھەققىدە يېزىلغان كىتاپتىكى رولى ئوخشاش بولمايدۇ. . ئاسترونومىيە بىلىملىرىنىڭ مەزكۇر داستاندىكى رولىنى چۈشىنىشتە، ئالدى بىلەن مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى ئىگىلەشكە توغرا كېلىدۇ. ئىخچاملاپ ئېيتقاندا، مەزكۇر داستان كىشىلەرگە بەخت كەلتۈرگۈچى بىلىم بېغىشلايدۇ. كونكرېتلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، كشىلەرنىڭ ئۆز ئورۇنلىرىدا شاد – خۇرام ھايات كۆچۈرۈپ، بىلىم ۋە ئەقىل – پاراسەتنى ئىشقا سېلىپ بەخت – سائادەتنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۈندەيدۇ. دۆلەتكە نىسپەتەن ئېيتقاندا، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش ئاساسىدا، ياخشىلىقنى يولغا قويۇش، ئەقىل – ئىدراك ۋە بىلىمنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ئاسايىشلىق جاھان يارىتىش تەشەببۇس قىلىنغان. ئاسترونومىيە بىلىملىرى داستاندا ئىلگىرى سۈرۈلگەن مانا مۇشۇ تۈپ ئىدىيىگە خىزمەت قىلدۇرۇلغان. بۇنىڭ كونكرېت ئىپادىلىرى تۆۋەندىكى بەش جەھەتتە كۆرۈلىدۇ:
1) ئاسترونومىيە مەسىلىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئىسلام دىنىنى مەدھىيلەش، داستاندا ئاسمان، زېمىن، كۈن، ئاي، يۇلتۇزلار، كېچە ۋە كۈندۈز كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغان، ئاللاھ ئورۇنلاشتۇرغان، دېيىلىدۇ. شۇنىڭدەك بارلىق ئاسمان جىسىملىرى ۋە ئاسمان ھادىسىلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىمۇ ئاللاھنىڭ ئىرادىسىدىن بولىدۇ، دېيىلىدۇ. بۇ يەردە بايان قىلىنىۋاتقىنى گەرچە ئاسترونومىيە جەھەتتىكى مەسىلىلەر ھەمدە يۇلتۇز تۈركۈملىرى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ پەيدا بولۇشى، ئۆزگىرىشىگە دائىر مەسىلىلەر بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەردىكى مەقسەت روشەن ھالدا ئاللاھقا مەدھىيە ئوقۇشتۇر. بۇنداق قىلىش ھەم ئىسلام ئەقىدىلىرىگە مۇۋاپىق كېلەتتى ھەم مۇئەللىپنىڭ ئارزۇسىغا – بەخت – سائادەتلىك دۇنيا يارىتىش غايىسىگە ئۇيغۇن كېلەتتى. ئىسلام دىنىنىڭ تۈپ ئەقىدىسى «ھەممىنى ئاللاھ ياراتقان، ھەممە ئاللاھقا مەنسۇپ» دېگەندىن ئىبارەت. دىنىي ھاياتتا ئاسترونومىيە بىلىملىرى زۆرۈر. ئۇ، دىندىن تەزدۇرمەيدۇ، رىيال دۇنيادا راھەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشكە، پانى ئالەمنىڭ بەخت – سائادىتىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىمكان بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، پانى ئالەمدە بەختىنى قولغا كەلتۈرۈش دىنىي ئەقىدىلەرگە مۇخالىپ كەلمەيدۇ.
2) ئاسترونومىيە بىلىملىرىنى تەدبىقلاش ئارقىلىق خاقانغا بولغان ئىززەت – ھۆرمەت ئىپادىلەنگەن. بۇ يەردە ئاسترونومىيە بىلىملىرى خاقاننى مەدھىيلەش ۋە ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىش رولىنى ئوينىغان. داستاننىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا ئاسمان ھادىسىلىرى كىشىلەرنىڭ مىجەز – خاراكتېرىگە تەققاسلىنىدۇ. كىشىلەرنىڭ قانداق پەزىلەتكە ئىگە بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە نەسىھەت قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئاينىڭ تولۇپ بېرىشى ۋە كېمىيىپ بېرىشىنى مىسال قىلىش ئارقىلىق ئىنسان بەختىنىڭ بىقارارلىقى چۈشەندۈرىلىدۇ؛ ئاينىڭ ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشچان – تۇراقسىزلىقىنى ئىنساننىڭ يېڭىلىققا ئىنتىلىشچانلىقىغا سىمۋول قىلىدۇ. داستاندا قۇياش بىر قەدەر توغرا تەسۋىرلەنگەن. ئاندىن قۇياش پادىشاھ – كۈنتوغدىغا سىمۋول قىلىنغان. ئەمەلىيەتتە ئەينى دەۋر ھۆكۈمدارى – خاقان مەدھىيلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھاكىمىيەت بېشىدىكى ھۆكۈمدارلارغا كىشىلەر ئىززەت – ھۆرمەت قىلىدىغان ھۆكۈمرانلاردىن بولۇشى ئۈچۈن ئۆزلىرىدە قۇياشنىڭ «مىجەزى» نى ھازىرلىشى كېرەكلىكى ھەققىدىمۇ ئۈگۈت – نەسىھەتلەر بايان قىلىنغان.
3) ئاسترونومىيە بىلىملىرىنى بايان قىلىش ئارقىلىق مۇئەللىپنىڭ ئوبيېكتىپ رېئاللىقنى ھۆرمەت قىلىدىغان پەلسەپىۋى نوقتىنەزەرلىرى نامايەن قىلىنغان. ئاپتور ئاسترونومىيە بىلىملىرىنى تاللاپ، ئۆزىنىڭ پەلسەپىۋى نوقتىئىنەزەرلىرىنى ئىپادىلەشتە پايدىلانغان. بۇنداق نوقتىئىنەزەرلەر ئاسترونومىيە ئىلمىنىڭ نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغان.
4) ئاسترونومىيە بىلىملىرىدىن پايدىلىنىپ، ۋاقىتنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقى چۈشەندۈرۈلگەن. بۇ يەردە بىر قانچە مەسىلە بار: بىرىنچىسى كۈن، ئاي، يىلنى ھېساپلاش ئارقىلىق ئاسترونومىيىلىك كالىندارنى تۈزۈش. ئىككىنچىسى ئاسترونومىيە بىلىملىرىدىن پايدىلىنىپ، يىلنىڭ تۆت پەسلىنىڭ ئۆزگىرىشلىرىنى چۈشەندۈرۈش. مەسىلەن: «قۇياش ياندى بولغاي يەنە ئورنىغا، بېلىق قۇيرىغىدىن قوزى بۇرنىغا» [ئۆتمۈشتىكى مۇنەججىملەر ئاسماننى 12 بۇرچقا بۆلگەن، «بېلىق» قىشنىڭ ئاخىرقى ئېيى، قۇزا باھارنىڭ باشلانغۇچ ئېيى. بۇ مىسرا «قىش كېتىپ باھار كەلدى» دېگەن مەنانى بېرىدۇ – ت.] دېيىش ئارقىلىق باھارنىڭ باشلانغانلىقى سۆزلەنگەن. مانا بۇ قەدىمكى زامان ئاسترونومىيە ئىلمىدىكى رەسەتخانىدا كۈزىتىش بىلەن كالىندار تۈزۈشتۇر. ئۈچىنچى، ئاسترونومىيە بىلىملىرى ئارقىلىق بىر كۈن ئىچىدىكى ۋاقىت بۆلۈنمىلىرىنى چۈشەندۈرۈش، داستاندا مۇشۇ جەھەتكە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىپادىلەشلەر خىلمۇ – خىلدۇر. بۇلارنى يىغىنچاقلىغاندا ئاساسەن ئىككى خىل بولۇپ، بۇنىڭ بىر خىلى قۇياشنىڭ چىقىشى ۋە پېتىشىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ سەھەر ۋە كەچنى چۈشەندۈرۈش، يەنە بىر خىلى يۇلتۇزلارنىڭ ئۆزگىرىشى ئارقىلىق بىر كۈن ئىچىدىكى ۋاقتىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تۈن نىسپىدىن سۈبھىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئاسمان بوشلۇقىدىكى يۇلتۇزلارنىڭ جايلىشىشنى تەسۋىرلەش. بۇنىڭدا ئاپتور بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزغا ئۈچ خىل ئوخشىمىغان مەنزىرىنى نامايەن قىلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟
5) ئاسترونومىيە بىلىملىرىدىن پايدىلىنىپ، يۇلتۇزلارنىڭ جايلىشىشىغا تايىنىپ يۆنىلىش – تەرەپنى بەلگىلەش، بۇ چارۋىچى، بېلىقچى ۋە دېڭىزچىلارغا نىسپەتەن ئىنتايىن مۇھىمدۇر.
ئاسترونومىيە بىلىملىرىنىڭ مەزكۇر داستاندا ئىپادە قىلىنغان يۇقىرىقىدەك بەش خىل رولىدىن ئاخىرقى ئىككى خىلى ئاسترونومىيە بىلىملىرىنىڭ ماھىيەتلىك رولىدىن ئىبارەت. ئالدىنىقى ئۈچى خىلى بولۇپمۇ بىرىنچى، ئىككىنچى خىل رولى نەقلى رولغا ئىگە. شۇڭا مەن ئۇنى ۋاستىلىق رول (كۆچمە رول) دەپ ئاتىدىم. ئەمما ئۇ مەزكۇر داستاننىڭ ئاساسىي مەزمۇنىغا بىۋاستە خىزمەت قىلغان.
3. «قۇتادغۇبىلىگ»تىكى ئاسترونومىيە بىلىملىرىدىن زاھىر بولغان مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى
مەزكۇر داستان مۇئەييەن مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىنىڭ مەھسۇلى، شۇنداقلا ئۇ مۇئەييەن دەرىجىدە ئەينى دەۋر مەدەنىيىتىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.بۇ يەردە پەقەتلا مەزكۇر داستاندىكى ئاسترونومىيە بىلىملىرىدىن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشنى ئانالىز قىلىپ كۆرىمىز.
ئالدى بىلەن شۇنى دېيىش كېرەككى، ئاسترونومىيە بىلىملىرى جەمئىيەتنىڭ كەڭ دائىرىدە دىققەت – ئېتىبارنى قوزغاپ، ئەينى دەۋر ماددىي مەدەنىي تۇرمۇشىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغانلىق ۋەزىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. مەزكۇر داستاندا ئاسترونومىيە بىلىملىرى شۇ دەرىجىدە روشە ئورۇنغا ۋە رولغا ئىگە قىلىنغانلىقى ئەينى دەۋر ئىجتىمائىيىتىدە مەيلى ھۆكۈمران ياكى كەڭ ئاۋام خەلق بولمىسۇن ھەممىلا ئادەمنىڭ ئاسترونومىيە بىلىملىرىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئوخشاشلا ئاسترونومىيە بىلىملىرىگە ئەھمىيەت بېرىشكەنلىكلىرىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ نوقتىئىنەزەر قاراخانىلار سۇلالىسى، شۇنىڭدەك ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ ئەنە شۇ تارىخىي مەزگىللەردە ئاسترونومىيە ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن شانلىق غەلىبىلىرى ئارقىلىق دەلىللەشكە بولىدۇ. قاراخانىلار سۇلالىسى دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىققا تەڭلا ئېتبار بەرگەن بىر دۆلەت. كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرگە ۋە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مىللەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، نىشان – يۆنىلىشنى پەرق ئېتىش، پەسىل تاللاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاسترونومىيە بىلىملىرى ئىنتايىن زۆرۈردۇر. جەمئىيەتنىڭ ئاسترونومىيە بىلىملىرىگە ئومۇميۈزلۈك ئېتبار بېرىشى ۋە ئاسترونومىيە ئىلمىنىڭ تېزدىن تەرەققى قىلىشى ئەينى دەۋر جەمئىيىتىدە يېزا ئىگىلىك ۋە چارۋىچىلىقنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، ئەلۋەتتە.
يەنە بىر تەرەپتىن مەنىۋى – مەدەنىيەت جەھەتكە نەزەر ئاغدۇرۇغاندا، مەزكۇر داستاندىكى ئاسترونومىيە بىلىملىرىدىن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىدىنمۇ ئوخشاشلا ئونىۋېرسال كۆپ قاتلاملىق مەدەنىي ئىجتىمائىيەتنىڭ كارتىنىسىنى كۆرىمىز.
ئالدى بىلەن مەزكۇر داستاندا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىنىڭ ئىنتايىن رۇشەن ئىپادىلەنگەنلىكىنى كۆرىمىز. داستاندا ئاسترونومىيە ئىلمىگە، ئاسترونوملارغا، ئاسترونومىيە بىلىملىرىگە ئېتبار ۋە سەھىپە بېرىلگەنلىكىنىڭ ئۆزىلا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك خەنزۇ مەدەنىيىتى ئەنئەنىسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. جۇڭگو – دۇنيادىكى قەدىمكى مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەرنىڭ بىرسى، شۇنداقلا دۇنيادا دۇنيادا ئاسترونومىيە ئىلمىي پەيدا بولغان دۆلەتلەرنىڭ بىرسى. جۇڭگونىڭ قەدىمكى مەدەنىيەت (ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك خەنزۇ مەدەنىيىتىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان) ئەنئەنىسىدە ئۇزاق تارىختىن بۇيانقى رەسەتخانا مەشغۇلاتىغا ۋە ئاسترونومىيە تەتقىقاتىغا ئەھمىيەت بېرىلىپ كەلگەن. ھۆكۈمرانلارنىڭ بۇ ساھەگە ئېتبار بېرىشلىرىنىڭ ئۆزى بۇنىڭدىكى بىر ئالاھىدىلىك؛ ئەمەلىي قوللىنىش، كالىندار تۈزەش – يەنە بىر ئالاھىدىلىكتۇر. مەزكۇر داستاندا تەسۋىرلەنگەن ئەھۋاللار بىز ئېيتقان ئەھۋال بىلەن ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن بابىلون ئاسترونومىيىسىنىڭ تەسىرىمۇ ناھايىتى چوڭقۇر. داستاندا بايان قىلىنغان 12 بۇرجنىڭ مەنبەسى ئەنە شۇ بابىلۇن ئاسترونومىيىسىگە تاقىلىدۇ. بىر يىلنى تۆت پەسىلگە ئايرىشتا، جۇڭگودىكى قەدىمكى زاماندا «غول – تارماقلار يىلنامىسى»، «28 بۇرجلۇق يىلنامە»، «12 دەۋر يەرلىك يىلنامە»… دېگەندەك يىل ھېساپلاش شەكىللىرى بولغان. بۇلار ئاساسەن ئوخشاش مەقسەتكە خىزمەت قىلدۇرۇلغان. بابىلون ئاسترونومىيىسىدە 12 بۇرج ئىجاد قىلىندى. . 12 دەۋرىيە بىلەن 12 بۇرجنىڭ ئىجاد قىلىنىشىدىكى مەقسەت ۋە ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى ئومۇمەن ئوخشىشىدۇ. لېكىن مۇتلەق ئوخشاپمۇ كەتمەيدۇ. مەزكۇر داستاندا ئوت، ھاۋا، سۇ، تۇپراق توغرىسىدىكى تەسۋىرلەرنى قەدىمكى زاماندىكى بابىلون ئاسترونومىيىسىدىكى ئوخشاپ كېتىدىغان رىۋايەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ ئېيتقىلىمۇ بولمايدۇ.
ئۈچىنچىدىن، روشەن بولغان ئىسلام ئاسترونومىيىسنىڭ ئىزىنى كۆرىمىز. مەزكۇر داستاندا قوللىنىلغان ھىجىرىيە يىل ھېسابى دەل ئىسلام ئاسترونومىيىسىدىكى مەشھۇر ئىككى خىل كالىندارچىلىقنىڭ بىرسىدۇر. قاراخانىلار قوللانغان ھىجىرىيە يىل ھېسابى بىلەن مەملىكىتىمىزنىڭ ئىچكىرى رايۇنلىرىدىكى ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغان مىللەتلەر ياشىغان رايونلاردا قوللىنىۋاتقىنى ئوخشاش كالىندار. مەزكۇر داستاندا ساتورىننىڭ قۇياشنى دەۋر قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى پەرقنىڭ شۇنچە چوڭلىقى بۇ بەلكىم ھىجىرىيە يىل ھېسابى بىلەن يىل ھېساپلاشقا مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك. «يەتتە قات ئاسمان» نەزەرىيىسى بولسا «قۇرئان» دىن ئېلىنغاندۇر.
تۆتىنچىدىن، مانى دىنىدىن قۇبۇل قىلىنغان تەسىر. كۈن، ئاي ۋە بەش خىل يۇلتۇزنى بىر يەرگە قويۇش، ئۇنى «يەتتە كۈن» دەپ ئاتاپ، مۇكەممەل بايان بېرىش – بەلكىم مانى دىنىدىكى «ھەپتىلىك كالىندار» نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىق بولسا كېرەك.
بەشىنچىدىن، ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ئۆزىدىكى مەدەنىيەت ئەنئەنىسى داۋاملاشتۇرۇلغان. ئاسترونومىيە بىر تۈرلۈك تەبىئىي پەن ئىلمىي بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەر بىر مىللەتتە ئۇ ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان بولىدۇ ھەمدە ئەمەلىيى قىيىنچىلىقلارنىمۇ پەيدا قىلىدۇ. شۇنداق بولغانلىقتىن، مەزكۇر داستاندا ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلغان. داستاندا بەزى ئاسترونومىيىلىك ئاتالغۇلار تۈركى تىل ئۇقۇمىدا ئىپادە قىلىنغان. مەسىلەن: «سەراتان» [12 بۇرجنىڭ ئەرەبچە ھەم قەدىمكى ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى] بۇغداي بېشى دەپ ئېلىنغان بولسا «مىزان» [12 بۇرجنىڭ ئەرەبچە ھەم قەدىمكى ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى] تارازا دەپ ئېلىنغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاساسقا ئىگىدۇر، شۇنىڭدەك ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدىكى ئىجادچانلىقنىڭ گەۋدىلەندۈرۈلىشىدۇر.
يۇقىرىقى بەش نوقتىدىن قارىغاندا مەزكۇر داستاندا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى ئۆزىنىڭ مۇستەقىل قۇرۇلمىغا ئىگە بىر مەدەنىي ئىجتىمائىيەتنى نامايەن قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. بۇنداق قۇرۇلمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى – بىرىنچىدىن، ئۇ ھەممىنى قۇبۇل قىلغان. ئىككىنچىدىن، ئېچىۋېتىلگەن. دەل مۇشۇنداق بىر مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىغا ئىگە بولۇش – قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ ماددىي مەدەنىيەت ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتتە جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىنى تەمىن ئەتكەنىدى.
«قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتوتى ئىلمىي ژورنىلى»، 1989 – يىلى 5 -ساندىن.