You Are Here: Home » ئومۇمى » يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەخلاق بىلەن مەنپەئەتنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەخلاق بىلەن مەنپەئەتنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى

مۇھەممەتجان سادىق

«قۇتادغۇبىلىگ» مەيدانغا كەلگەن دەۋر قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرى بولسىمۇ، لېكىن ئىچكى جەھەتتە دۆلەتنىڭ ئەھۋالى كۈندىن- كۈنگە يامانلىشىپ كېتىۋاتاتتى. Ⅺ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەبۇ ئەلى ھەسەن بىننى سۇلايمان ئارىسلانخان سۇيۇرغاللىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئۆزىگە قاراشلىق بارلىق يەر- زىمىنلارنى پەرزەنتلىرىگە بۆلۈپ بەردى. سۇيۇرغاللىق تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، دۆلەت ۋە جامائەت غەزىنىسى قۇرۇغدىلىپ، سىنىپىي بۆلۈنۈش تېخىمۇ كېڭىيىپ، ئېزىش ۋە ئېزىلىش تېخىمۇ كۈچەيدى. ھۆكۈمرانلار ئارىسىدا كەيىپ- ساپا ئەۋج ئېلىپ، دۆلەت ئەھۋالى يامانلاشتى، ئالۋاڭ- ياساق چەكتىن ئېشىپ خەلق تۇرمۇشى ئېغىرلاشقانىدى. يەرلىك بەگلەر ئۆز ئالدىغا خان بولۇۋېلىپ، خالىغانچە ئىش كۆردى، ئىچكى جىدەللەر كۆپەيدى، پارىخورلۇق، ھايانكەشلىك، قانۇنسىزلىق ئەۋج ئالدى، ئېلىم- پەن ئەھلىلىرى خارلىنىپ، ھوقۇق نادانلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى. جەمئىيەتتە ئەخلاقى بۇزۇلۇش كۈچەيدى. ئولۇغ شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ ئەھۋاللارنى پاش قىلىپ مۇنداق يازىدۇ:

[6451] ئى ئالىم، قاراپ كۆر، بۆگۈنكى زامان،
ئۆزگەردى، ئىش- ھالەت پۈتۈنلەي بۇ ئان.

[6452] بىلىملىك خار ئولدى، چەتلەتتى ئۆزىن،
ئەقىللىق گاچا بولدى، ئاچماس تىلىن.

[6453] كۆپەيدى ئەل ئىچرە يامان- پەس كىشى،
ياۋاش بولدى دەپسەندە، چۈشتى بېشى.

[6469] كىچىكتە ئەدەپ يوق، ئولۇغدا بىلىك،
قوپاللار كۆپەيدى، يۇقالدى سىلىق.

[6470] يېقىملىق بولدى، بەس، پۇل- يارماق ئۈچۈن،
قېنى ئىش قىلغۇچى دۇرۇس- ھەق ئۈچۈن؟

[6486] ئېغىرلاشتى تۇرمۇش، كۆپەيدى تەشۋىش،
ئېشىپ كەتتى ھېرىسلىق، ئازلاپ سۆيۈنۈش.

[6487] پېقىر، تۇل، يېتىملەرگە شەپقەتچى يوق.
جاھان ئۆزگەردى ھەيران بولغۇچى يوق.

[6492] ئۆزگەردى جىمىكى نىزام ۋە قانۇن،
قارا بىرلە ئاق بولدى پەرقسىز پۈتۈن.

[6601] چاياندەك چاقۇرلەر، چىۋىندەك شورارلەر،
ئىتتەك قاۋارلەر، قايسىسىنى ئۇراي مەن.

قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان ھالاكەتلىك تەقدىرنى ئالدىنئالا كۆرگەن دانىشمەن شائىر، ئەل ۋە دۆلەتنىڭ غېمىنى ئويلاپ، قاتتىق قايغۇ- ئەلەمگە پاتىدۇ، بۇنداق رېئاللىققا نارازى بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭدىن بىزار بولىدۇ.

[6570] ئەگەر تاپمىسام مەن ۋاپادار كىشىنى،
ياۋايى كىيىك بىرلە ئۆمۈر سۈرەي مەن.

[6588] بۇزۇلدى نىچۈن خەلق، نىزامنى ئېتىپ تەرك،
نىچۈك بىر زامانغا قالدىم، قايان كېتەي مەن.

[6590] ياسەۋدا كۈچۈيۈپ بۇزۇلغانمۇ مېڭەم،
كۆرۈندىمۇ كۆزگە شۇنداق، دۇرا ئىچەي مەن.

ياق، ئۇلۇغ شائىر تەلۋە ئەمەس، ئەخمەق ئەمەس، ئاينىغانمۇ ئەمەس، سەۋدا كۈچۈيۈپ مېڭىسى بۇزۇلغانمۇ ئەمەس، بەلكى ئۆزى بېزار بولغان ئاشۇ قەبىھ رېئاللىقنى ئۆزگەرتىش ئىرادىسىغا كېلىدۇ، مىللىي ۋە خەلقپەرۋەرلىك روھىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۆز ئەۋلادلىرىغا بەخت- سائادەتلىك تۇرمۇش ، تېنچ، خاتىرجەم، ئادالەتلىك جەمئىيەت بەرپا قىلىش قارارىغا كېلىدۇ‹

[6565] قوپاي مەن، ماڭاي مەن، جاھاننى كېزەي مەن،
جاھاندا ۋاپالىق ئېرۇر كېم، تاپاي مەن!

ئۆز دەۋرىدىكى رېئاللىقنى ئۆزگەرتىپ، ئادالەتلىك زامان يارىتىش نىيىتى ۋە ئىرادىسىگە كەلگەن ئۇلۇغ شائىر ، ئۆز ئارزۇسىدىكى بىر غايىۋى جەمئىيەتنىڭ پارلاق سۈرىتىنى سىزىپ چىقىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزى دېگەندەك: بۇ غايىۋى جەمئىيتى ئۈچۈن قائىدە- يوسۇن، قىلىق- ئەخلاق، قانۇن تۈزۈپ، ھېلىم (ياخشى)لارنى تۆرگە ئۆتكۈزۈپ، جاھىللارنى سۈرىدۇ.ئالىم ئۆز غايىسى ۋە ئۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن، مەردانىلىق بىلەن شېرىن جېنىنى ئاتاپ، ھېچنىمىدىن قورقمايدۇ:

[6574] ئىگەم، مۇڭغا چۆمدۈم، ۋاپاسىزغا ئۇچراپ،
ۋاپالىق كىم بولسام، شېرىن جان بېرەي مەن.

مۇتەپەككۇر شائىر، ئۆز دەۋرىدىكى رېئاللىققا قارىمۇ- قارشى بولغان ئۆزىنىڭ بىر پۈتۈن ئىلغار ئىدىيە سېستىمىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، زور ئىشتىياق ۋە مۇھەببەت بىلەن غايىۋى جەمئىيىتىنىڭ پارلاق سۈرىتىنى سېزىپ چىقىدۇ. ئۇ، ئادالەت سىمۋولى بولغان كۈنتۇغدى ئىلىگ (ھۆكۈمدار)، بەخت- سائادەت سىمۋولى بولغان ئايتولدى (ۋەزىر)، ئەقىل- پاراسەت سىمۋولى بولغان ئۆگدۈلمىش (ۋەزىر ئوغلى، كېيىن ۋەزىر بولىدۇ)، قانائەت سىمۋولى بولغان ئودغۇرمىش (زاھىت)دىن ئىبارەت تۆت ئوبرازنى يارىتىپ، ئۇلارنىڭ دىرامىلىق سۆھبىتى ئارقىلىق، دۆلەت ۋە جەمىئيەتنى ئادىل قانۇن، ئىلىم- پەن ۋە ئەدەپ- ئەخلاق ئارقىلىق باشقۇرۇش ھەققىدىكى غايىۋى كۆز قاراشلىرىنى شەرھىلەيدۇ. ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، ئالىم ئادىل قانۇن بىلەن ئىش كۆرىدىغان، ئىلىم- پەن يۈكسەلگەن، ئەخلاقى- پەزىلەت گۈللىگەن تىنچ، خاتىرجەم، بەختلىك ۋە ئادالەتلىك بىر غايىۋى دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ سۈرىتىنى كونكىرېت سېزىپ چىقىدۇ. بۇ ئارقىلىق قاراخانىلار سۇلالىسىنى ھالاكەتتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئويلاپلا قالماي، تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ گۈللەپ- ياشنىغان، تىنچ بىرلىككە كەلگەن، «بۆرە بىلەن قۇزا بىر ئېرىقتا سۇ ئىچىدىغان»، ئىقتىساد، ئىلىم- پەن ۋە ئەخلاق- پەزىلەت گۈللىگەن، خەلق تۇرمۇشى باياشات بولغان بىر دۆلەت قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇنداق بىر غايىۋى دۆلەت كۆز قارىشى ئەينى دەۋردىكى خەلقنىڭ ئارزۇ- ئارمانلىرى ۋە مەنپەئىتى ئەكىس ئەتكەن، شۇڭا بۇ كۆز قاراش ئىلغارلىققا ۋە خەلقچىللىققا ئىگە.
شائىر ئوتتۇرىغا قويغان غايىۋى دۆلەت : ئادىل قانۇن، گۈللەنگەن ئىلىم- پەن ۋە گۈزەل ئەخلاقى پەزىلەت ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ. قانۇن، ئىلىم- پەن ۋە ئەخلاق يۈسۈپ خاس ھاجىپ غايىۋى دۆلىتىنىڭ ئۈچ چوڭ تۈۋرىكى، ئولۇغ ئالىم ئۈچ چوڭ تۈۋرۈكنىڭ بىر بولغان ئەخلاق ئۈستىدە كەڭ توختالغان. مەن بۇ ماقالەمدە شائىرنىڭ ئەخلاق ئىدىيىسىدىكى مەركىزى مەسىلە: مەنپەئەت بىلەن ئەخلاقنىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلىسى ئۈستىدىكى كۆز قاراشلىرى توغرىلىق توختىلىمەن.
ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە، ئادەملەر بىلەن ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئەگىشىپ، بۇ خىل مۇناسىۋەتنى تەڭشەشنىڭ زۆرۈرىيىتى تۇغۇلدى. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئىنتايىن تۆۋەن سەۋىيىدە بولغان ئىپتىدائى جەمئىيەتتە، ئۇرۇقنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان ئەنئەنىۋى ئادەت- قائىدىلەر ئارقىلىق كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت تەڭشەلدى. سىنىپ پەيدا بولغاندىن كېيىن بىر- بىرىگە قارىمۇ- قارشى بولغان سىنىپىي ئەخلاق شەكىللەندى. ھۆكۈمران سىنىپلار ئۆز سىنىپىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداشنى ئاساس قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي، قانۇن قاتارلىق ۋاستىلىرىغا تايىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەخلاق پىرىنسىپى ۋە قائىدىلىرىدىن پايدىلىنىپ كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭشىدى.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ فېئوداللىق جەمئىيەتتە ياشىدى. ئالىمنىڭ ئەخلاق كۆز قارىشى ئەنە شۇ فېئوداللىق جەمئىيەت تۇپرىقىدىن ئۈنۈپ چىققان. ئۇ ئىجتىمائىي ئەخلاقنىڭ ئاساسى قائىدە ۋە پىرىنسىپلىرى ئۈستىدە كەڭ توختىلىپ، ئۆزىنىڭ غايىۋى جەمئىيىتىدىكى كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭشەيدۇ. بۇ يەردە شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش كېرەككى، گەرچە يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىسلام ئېتىقادىدىكى ئادەم بولسىمۇ، ئىسلام پەلسەپىسىنى يېتەكچى ئىدىيە قىلسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ غايىۋى جەمئىيىتىدىكى كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بىر تەقۋادار زاھىت سۈپىتى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆز دەۋرىنىڭ ئىلغار مۇتەپەككۇرى ۋە خەلقپەرۋەر ئالىمى سۈپىتىدە تەڭشەپ، فېئوداللىق تۈزۈمدىن كېلىپ چىقىدىغان ئەخلاقىي بۇزۇقچىلىقلارنى تەنقىد قىلىدۇ ۋە رەت قىلىدۇ. ئالىم ئەخلاق پائالىيىتى ھادىسىلىرى، ئەخلاقى ئاڭ ھادىسىلىرى ۋە ئەخلاق قائىدىلىرى ھادىسىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل ئەخلاق ھادىسىلىرىنى بىر- بىرلەپ شەرھىلەپ، شەخسى مەنپەئەت بىلەن جەمئىيەت مەنپەئىتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى دەۋر قىلىپ كەلگەن ياخشىلىق- يامانلىق، ئادالەتلىك ۋە ئادالەتسىزلىك، ھەقىقەت ۋە ھەقىقەتسىزلىك، بەخت- سائادەت، ياشاشنىڭ مەقسىتى، ئەخلاقى پەزىلەتنىڭ ئاساسى قائىدىلىرى، قانداق قىلغاندا يۈكسەك ئەخلاقى پەزىلەتلىك ئادەم بولغىلى بولىدۇ، دېگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە ئۆزىنىڭ توغرا ۋە ئىلغار كۆز قاراشلىرىنى جۈرئەتلىك ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئالىم ئەينى دەۋردە تىنچ، بىرلىككە كەلگەن، گۈللەنگەن، ئادالەتلىك فېئودال خانلىق قۇرۇش غايىسى بىلەن يۇقىرىقى مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆز دەۋرىدىكى رېئاللىقتىن نارازى بولۇپ، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ غېمىدە جان كۆيدۈرگەن ئادالەتپەرۋەر ۋە خەلقپەرۋەر بولغانلىقى ئۈچۈن، سىنىپىي ۋە دىنىي رامكىلاردىن ھالقىپ چىقىپ، بۈگۈنكى كۈندىمۇ قىممەتكە ئىگە بولغان كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەخلاق ھادىسىلىرى ئىچىدىكى ئىجابىي ۋە سەلبىي تەرەپلەرنى روشەن سېلىشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىككى خىل ئاقىۋىتىنى پاكىتلار بىلەن كۆرسىتىپ، ئەلگە مەنپەئەت بېرىدىغان ئادەم بولۇپ، ياخشى قىلىقلىق (ئەخلاقلىق) ئادەم بولۇپ ياشاشنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىجتىمائى ئەخلاقنىڭ چېتىلىدىغان دائىرىسى ناھايىتى كەڭ، ھەل قىلىدىغان مەسىلىلىرى ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسىي مەسىلە- ئەخلاق بىلەن مەنپەئەتنىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلىسىدىن ئىبارەت.
ئەخلاق بىلەن مەنپەئەتنىڭ مۇناسىۋەت مەسىلىسى ئاساسەن ئىككى جەھەتتىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرى، ماددى مەنپەئەت بىلەن ئەخلاقنىڭ قايسىسى قايسىسىنى بەلگىلەيدۇ، ئەخلاقنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتكە تەسىرى بولامدۇ- يوق؟ دېگەنلەردىن ئىبارەت. بۇ مەسىلىلەر ئەخلاقنىڭ مەنبەسى، ئەخلاقنىڭ ماھىيىتى، ئەخلاقنىڭ رولى ۋە ئۇنىڭ تەرەققى قىلىش قانۇنىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى توغرا ھەل قىلىش ياكى قىلالماسلىقنى بەلگىلەيدۇ. يەنە بىرى، شەخسى مەنپەئەت بىلەن ئومۇمىي مەنپەئەتنىڭ مۇناسىۋىتى (شەخسىي مەنپەئەتنى ئومۇمى مەنپەئەتكە بويسۇندۇرۇش ياكى ئومۇمىي مەنپەئەتنى شەخسىي مەنپەئەتكە بويسۇندۇرۇش مۇناسىۋىتى) مەسىلىسىدىن ئىبارەت. بۇ مەسىلىنى توغرا ھەل قىلىش ياكى قىلالماسلىق ئەخلاق پىرىنسىپى، ئەخلاق قائىدىلىرى، ئەخلاق پائالىيىتىدە قانداق ھەركەتنى تاللاش ۋە قانداق باھا بېرىش، ئەخلاقى پەزىلەت تەربىيىسى قاتارلىق جەھەتلەرنى قانداق ھەل قىلىشنى بەلگىلەيدۇ.
ھەر قانداق ئەخلاق، مۇئەييەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ مەھسۇلى، مۇئەييەن ئىجتىمائىي ماددى تۇرمۇشنىڭ ئىنكاسى، ماددىي مەنپەئەت- ئەخلاقنىڭ ئاساسى. ئېنگلېس: «كىشىلەر ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا، تېگى- تەكتىدىن ئالغاندا ھامان ئۆزلىرىنىڭ سىنىپىي ئورنىنى ئاساس قىلىدىغان ئەمەلىي مۇناسىۋەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارىدىغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى ئىچىدىن، ئۆزلىرىنىڭ ئەخلاقىي كۆز قارىشىنى قۇبۇل قىلىدۇ» [«ماركس،ئېنگلېس تاللانما ئەسەرلىرى» خەنزۇچە، 3- توم، 133- بەت] دېگەنىدى. ئىدىئالىستىك ئەخلاقشۇناسلار ئەخلاق بىلەن مەنپەئەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىنكار قىلىپ، ئەخلاقنىڭ مەنبەسىنى ئىنسانلارنىڭ ماددىي تۇرمۇشىدىن ئىزدىمەي، «ئىلاھ»قا باغلايدۇ.
ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئەخلاقنىڭ ئىقتىساد بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، ئەخلاقنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ماھىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەردە، بۇرۇنقى ئەخلاقشۇناسلارنىڭ كۆز قاراشلىرى بىر قەدەر توغرا بولسىمۇ، لېكىن شەخسي مەنپەئەت بىلەن جەمئىيەت مەنپەئىتىنىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلىسىدىكى كۆز قاراشلىرى كۆپىنچە بىر تەرەپلىمە بولدى. شۇنداق بولغانلىقتىن، ھاياتنىڭ قەدرى- قىممىتى، بەخت- سائادەت قاتارلىق مەسىلىلەردىمۇ بىر تەرەپلىمىلىك ھامان مەۋجۇت بولۇپ كەلدى. بۇ مەسىلىدە ئولۇغ ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپ خېلى ئەتراپلىق ۋە مۇكەممەل كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆز دەۋرىنىڭ چەكلىمىلىكىدىن خېلى ئۇزاپ كەتتى. ياۋرۇپا ئەخلاقشۇناسلىق تارىخىغا نەزەر تاشلايدىغان بولساق، ئوتتۇرا ئەسىردە ياۋرۇپا ئەخلاقشۇناسلىقى «ئىلاھىيەتشۇناسلىقنىڭ دېدىكى»گە ئايلىنىپ قالغانىدى. كېيىنرەك پالاجىياس، پاپالا، ئوككام ۋە توماس قاتارلىق كىشىلەر ۋەكىللىكىدىكى ماتېرىيالىستىك ئەخلاقشۇناسلىق ئىدىيىسى مەيدانغا چىققان بولسىمۇ، شەخسىي مەنپەئەت بىلەن جەمئىيەت مەنپەئىتى مۇناسىۋىتىنى يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك ئەتراپلىق شەرھىلەپ بېرەلمىدى.
ئىپتىدائى جەمئىيەتتە شەخسىي مەنپەئەت بىلەن ئومۇمى مەنپەئەتنىڭ قارىمۇ- قارشىلىقى مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. ئىجتىمائى ئىش تەقسىماتىنىڭ تەرەققى قىلىشى، خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنىڭ مەيدانغا كېلىشى، سىنىپنىڭ شەكىللىنىشىگە ئەگىشىپ، شەخسى مەنپەئەت بىلەن ئومۇمىي مەنپەئەتنىڭ قارىمۇ- قارشلىقى پەيدا بولدى. بۇ قارشىلىقنى قانداق ھەل قىلىش ئىجتىمائىي ئەخلاقنىڭ ئاساسىي مەسىلىسى بولۇپ قالدى. ئولۇغ ئالىم ئۆز دەۋرىدىكى ئىجتىمائىي رېئاللىقنى توغرا كۈزىتىش ۋە تەھلىل قىلىش ئاساسىدا، شەخسىي مەنپەئەت بىلەن ئومۇمىي مەنپەئەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ھەل قىلىش مەسىلىسىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ كۆز قاراشلار ئاساسەن تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

1. ئەل مەنپەئىتىنى كۆزلىمەي، شەخسىي مەنپەئەتكە بېرىلىشنىڭ يامانلىقى ھەققىدە:
شائىر شەخسىي مەنپەئەتكە بېرىلىش، ئۆز نەپسىنىڭ كەينىگە كىرىشنى بىر يېغا، بەلكى ئەڭ قۇۋۋەتلىك يېغا دەپ قارايدۇ. شۇنداقلا، شەخسىي مەنپەئەت ۋە نەپسىنىڭ كەينىگە كىرگەن ئادەملەرنىڭ تەقدىرى ھامان ھالاكەتلىك بولىدىغانلىقنى ئۇچۇق ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شەخسىي مەنپەئەتكە بېرىلىش، نەپسىنىڭ كەينىگە كىرىش بارلىق پەسكەشلىكنىڭ مەنبىئى. ئۇ قانچىلىك كۈچەيسە شۇنچىلىك مۈڭگۈزى چىقىدۇ دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەقىللىق ئادەملەر شەخسىي مەنپەئەت ۋە نەپسىگە قەتئىي يول قويماسلىقى كېرەك.

[3637] بۇ نەپىس بىر يېغى، بەك قۇۋۋەتلىك يېغى،
پۈتۈن يەردە ئۇنىڭ تورى- توزىغى.

[3599] يامان پەسكەش كېلۇر بۇ نەپسىنىڭ ئۆزى،
سېمىز تۇتقانسېرى چىقۇر مۈڭگۈزى.

[3601] بۇ نەپسكە ئاۋچى ئىت دىبان قارىغىن،
بىلمەس ئۇ سەمرىسە ئىگەسى ھەقىقىن.

[3638] تىلەكىگە قويما، تىرىش قۇنت بىلەن،
يەنا بەرمەس بۇ نەپىسكە ئەقىللىق ئەرەن.
ئېتىنى ئاڭلىسا شەيتانمۇ قاچىدىغان بۇ بالا- قازادىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى- شەخسىي مەنپەئەتنى دېمەسلىك، مال- دۇنيانى دەپ نەپسىنىڭ كەينىگە كىرمەسلىكتىن ئىبارەت.

[3592] خۇدا ئاتىن ئېيتقاندا شەيتان قاچۇر،
بۇ دۇنيانى قويساڭ ئۇ، سەندىن قالۇر.

[6143] مەس قىلسا بۇ دۆلەت ئەگەر كىشىنى،
ئويغانماس ئۆلۈم تۇتمىغۇنچە ئۇنى.

2. شەخسىي مەنپەئەت بىلەن خەلق مەنپەئىتىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە:
يۈسۈپ خاس ھاجىپ خەلق مەنپەئىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئۆز مەنپەئىتىنى دېمەي، خەلق مەنپەئىتىنى كۆزلەشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن ئالىم شەخسىي مەنپەئەتنى ئىنكار قىلمايدۇ. بەلكى شەخس ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىچىدە بولغىنىدەك، شەخسىينىڭ مەنپەئىتىمۇ خەلق مەنپەئىتى ئىچىدە بولىدۇ، خەلق مەنپەئىتى ھەل بولسا، شەخسىي مەنپەئەتمۇ ھەل بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇنداق شەخسىي مەنپەئەت بىلەن خەلق مەنپەئىتىنى بىرلەشتۈرۈشتەك كوللېكتىۋىزىملىق روھنى بۈگۈنمۇ قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ.

[5353] دېمە ئۆز نەپئىڭ سەن، ئەل نەپئىتنى دە،
ئۆزەڭ نەپئى ئەلنىڭ نەپئى ئىچىدە.

[5536] ئەل نەپئىن تىلە ھەم ئۆز نەپئىڭ تىلە،
باغلىنىپ يۈرمە سەن كىشى نەپئىلە.

شائىر بۇ مەسىلىدە تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ، ھۆكۈمدار بىلەن خەلقنىڭ مەنپەئەت مۇناسىۋىتى ئۈستىدە ماۋزۇلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: خانلىقنىڭ خەزىنىسى خەلقتىن كېلىدۇ. خەلق باي بولسا، خاندانلىقنىڭ خەزىنىسىمۇ باي بولۇپ، مەملىكەت تۈزىلىدۇ. خەلقنىڭ بېيىشى شاھقا، شاھنىڭ قانداق سىياسەت يۈرگۈزۈشىگە باغلىق. شاھ ياخشى بولسا، خەلق بېيىسا، خەلقنىڭ بايلىقى ماھىيەتتە خانلىقنىڭ بايلىقى، خاننىڭ بايلىقى. ئەكسىچە خان ئۆزىنىڭ گېلىنى، شەخسىي ئەيشى- ئىشرىتىنى كۆزلەپ، خەلق مەنپەئىتىنى كۆزلىمىسە، دۆلەت ۋەيران بولىدۇ، خەلقنىڭ كۈنى ئېغىرلىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شاھ زادى ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلىمەي، خەلق مەنپەئىتنى كۆزلىشى كېرەك. خەلققە ئادالەت ۋە شەپقەت قىلىپ، توغرا قانۇن بىلەن ئەلنى باشقۇرۇپ، يامان ئىللەتلەرنى تۈگىتىشى كېرەك.

[5498] تۈزەت قانۇن بىلەن سەن خەلقنى تولۇق،
بولۇنسۇن يارامسىز قىلىق ئەلدە يوق.

[5471] تۈزەپ دىلنى پاكلاپ، تىۋىن ھەققە سەن،
ئادالەت ۋە شەپقەتنى قىل خەلققە سەن.

[5537] كىشى كۆڭلىگە باقما نەپىئىنى دەپ،
ئەل نەپىئىن تىلە، ئۆزنى بۇزما كۈچەپ.

[4442] بېيىپ خەلق، مەملىكەت- تەختىڭ تۈزىلۇر،
خەزىنەنى قانچە دېسەڭ تېپىلۇر.

[5544] قايۇ ئەل بېگى بولسا ياخشى كۈنى،
ئۇ ئەل خەلقى بېيىپ، تۇغۇلغاي كۈنى.

[5545] خەلق بايلىقى بەگكە بايلىق ئېرۇر،
خاھى سەن ئۇنى تۇت، خاھى سەن بۇنى.

3. شەخسىي مەنپەئىتىنى خەلق مەنپەئىتىگە بويسۇندۇرغاندا بەدەل كۆزلىمەسلىك ھەققىدە:
مۇتەپەككۇر شائىر ئەڭ ياخشى ئادەم ئەلگە پايدا يەتكۈزگۈچى، لېكىن خەلققە ياخشىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن مىننەت قىلماسلىقى، خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن بەدەل (ھەق) كۆزلىمەسلىكى كېرەك دەپ قارايدۇ. خەلققە ياخشىلىق قىلىپ، خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، مىننەت قىلسا ياكى بەدەل (ھەق) كۆزلىسە، ئەلۋەتتە بۇنداق ئادەم ياخشى ئادەم بولمايدۇ. بۇ كۆز قاراش دەل بىزنىڭ كوممۇنىستىك ئەخلاقىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم پىرىنسىپلىرىدىن بىرى ئەمەسمۇ؟ !

[856] ئىلىك ئېيتتى: ياخشىلىق سۇپاتى شۇدۇر،
كى خەلققە ئۇنىڭدىن پايدىلار يېتۇر.

[857] قىلۇر ياخشىلىق ئۇ، پۈتۈن ئېلىگە،
يەنە مىننەت ئۇرماس كىشى يۈزىگە.

[858] تىلەر نەپ ئۇ ئەلگە ئۆز نەپئىن دېمەس.
يەتكۈزگەن نەپئى ئۈچۈن بەدەل كۆزلىمەس.

4. شەخسىي مەنپەئىتىنى كۆزلىمەي، خەلق مەنپەئىتىنى كۆزلىگەن ئادەملەر ئەڭ ئەخلاقلىق كىشىلەر ئىكەنلىكى ھەققىدە:
ئالىم: ياخشى ئادەم، ئەخلاقلىق ئادەم بولىمەن دېسەڭ، باشقىنى قويۇپ، ياخشىلىق قىلىش كېرەك. ھايات چەكلىك، ئۇنى زايە قىلماي، ياخشى ئىشلارنى قىلىش كېرەك، دەپ قارايدۇ. ئالىم تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ، بۇ «ياخشىلىق»نىڭ دەل ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىنى كۆزلىمەي، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، خەلق مەنپەئىتنى كۆزلەش ئىكەنلىكىنى كۆپ ئورۇنلاردا ئوتتۇرىغا قويىدۇ. مانا شۇنداق ياخشىلىق قىلغانلار، ئۆلۈپ كەتسىمۇ، ھامان تېرىك بولىدۇ. ئەكسىچە يامانلىق قىلغانلار، خەلققە يامان ئىشلارنى قىلغانلار تېرىك بولسىمۇ ئۆلگەنگە تەڭ دەپ قارايدۇ.

[227] ئەگەر ياخشى بولماق تىلەسەڭ ئۆزۈڭ،
يورى، ياخشىلىق قىل، قوي ئۆزگە سۆزۈڭ.

[1333] ھاياتنى زايە قىلما، قىل ياخشىلىق،
كېچە كۈن ئىچىدىن ئال ئىبرەتنى جىق.

[6101] كىشىلەر خىلىدۇر پايدىلىق كىشى،
خەلقنىڭ ئۇلۇغى كۆيۈملۈك كىشى.

[6098] ئۆزۈڭ نەپئى كۈتمە خەلق نەپئى كۈت،
يۈكۈڭنى يۈتتۈرمە ئەلگە، ئۆزۈڭ يۈت.

[856]ئىلىك ئېيتتى: ياخشىلىق سۇپاتى شۇدۇر،
كى خەلققە ئۇنىڭدىن پايدىلار يىتۇر.

[5731] نەپىئسىز كىشىدىن كىشىدۇر بىزار،
نەپئىلىك كىشى نەپئى ئەلگە كېلۇر.

[5923] كىم قىلسا ياخشى قىلىق ئۇ بولدى تېرىك،
كىمكى يامان خۇلۇق، ئۇ ئۆلدى تېرىك.

شائىر خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، خەلق مەنپەئىتىنى كۆزلەش دېگەن ئىدىيسىنى شۇنداق بىر يۈكسەكلىككە كۆتۈرىدۇكى: ئىسلام دىنى ۋە شەرىئەت قانۇنلىرى مۇتلەق ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان شارائىتتا، زاھىتلىقنى چەكلەپ، ئۇنى قاتتىق تەنقىد قىلىدۇ. كۈنتۇغدى ئىلىگ بىلەن ئۆگدۈلمىشنىڭ ئاغزىدىن بېرىلگەن خەلققە پايدىلىق ئادەم بولۇش كېرەك. خەلققە خىزمەت قىلغان كىشىلەرلا ھەقىقىي بەختكە ئېرىشىدۇ، خەلققە خىزمەت قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر ئىبادەت،- دېگەن قاراشلىرى دەل يۇقىرىقى پىكىرىمىزنىڭ ئىسپاتى.

[3499] ئەل ئىچرە تاپارسەن ساۋاپ، ياخشىلىق،
بۇ يەردە تېپىلماس، ساڭا بۇ ئېنىق.

[3236] تائەت قىل شەھەر- كەنت ئارا، بېرى كەل،
ئىشىك ئاچسۇن ساڭا ياخشىلىق تۈگەل.

[3237] خەلققە بېرىپ نەپ، مۇڭىغا يارا،
قېرىنداش دىلىن ئاچ، يېقىنلاش ئاڭا.

[3240] ھالالدىن تېپىپ مال پەقىرلەرگە بەر،
تۇتۇپ قولىن، بول ئۇلارنى يۆلەر.

[3241] سانالغان بۇ ھەممە بىر تائەت ئىرۇر،
بۇ تائەت بىلەن بارچە راھەت كۆرۈر.

[3248] كىشى ياخشى ئەلگە پايدا بېرۇر.
بۇ ياڭلىغ كىشىلەر خەلققە زۆرۈر.

خەلقتىن قېچىپ، تاغقا چىقىپ زاھىد بولۇۋالغان ئودغۇرمىشقا دېيىلگەن بۇ گەپلەر شائىرنىڭ دۇنيا قاراش جەھەتتىن، بولۇپمۇ خەلق مەنپەئىتىنى كۆزلەش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش دېگەن ئالىجاناپ ئىدىيىسى جەھەتتىن، ئۆز دەۋرىدىن قانچىلىك ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. شائىر ئىنىق قىلىپ: تاغقا چىقىۋېلىپ، مەيلى قانچىلىك ئىبادەت قىلما، خەلققە پايدا يەتكۈزمىسەڭ، سەن ياخشى ئادەم ئەمەس، دەپ جاكارلايدۇ.
شائىر ياخشى ئادەم بولۇش- ئەخلاقلىق ئادەم بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، خەلققە كۆيۈنۈش، خەلقنىڭ غېمىنى يېيىش، خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈش، خەلققە خىزمەت قىلىش دەپ قارايدۇ. دەل شائىرنىڭ ئۆزىمۇ بۇ ئۇلۇغ ئىدىيىسىگە ئەمەل قىلىپ، «بىرى چەككەن زۇلۇم، بەختى قارا» بولغان، «بىرى يوقلۇق غېمىدە بىنەۋا» بولغان، «بىرى ئاچ، ئۇ بىرسى يالاڭغاچ» يۈرگەن، «بىرى قايغۇ- غەمدە پىغانلار چەككەن» خەلقنىڭ غېمىدە، سۈيۈملۈك، جانىجان خەلققە ئادالەتلىك، بەخت- سائادەتلىك زامان يارىتىپ بېرىش نىيىتىدە، مەشھۇر داستانى «قۇتادغۇ بىلىك»نى يازمىغانمۇ؟!
شائىرنىڭ ئەخلاق كۆز قارىشىدا تارىخىي چەكلىمىلىكلەرمۇ يوق ئەمەس، ئەلۋەتتە. بىز ئۇنىڭدىكى ئەخلاق كۆز قاراشلىرىنى تەتقىق قىلغاندا، ئۇنى مۇئەييەن تارىخىي شارائىتقا قويۇپ، كونكىرىت تەھلىل قىلىپ، مەدەنىيەت خەزىنىمىزدىكى بۇ بىباھا گۆھەرنىڭ قىممىتىنى تولۇق باھالىشىمىز كېرەك.

« قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمى ژورنىلى» 1989- يىلى 5- سان.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top