You Are Here: Home » ئومۇمى » تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ناھىيەسى يېزىغا ئايلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ناھىيەسى يېزىغا ئايلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا

تۈركىيەنىڭ ئاماسىيە ۋىلايىتىگە جايلاشقان ئۇيغۇر بېلېدىيەسى يەنى ئۇيغۇر ناھىيەسى نۆۋەتتە ئۆزىنىڭ ناھىيەلىك سالاھىيىتىنى يوقىتىپ، يېزىغا ئايلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.
ئاماسىيە ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيەسى ئەنقەرە بىلەن ئاماسىيە شەھىرى ۋە قارا دېڭىز بويىدىكى سامسۇن شەھىرىگە ئۆتۈش يولى ئۈستىگە جايلاشقان بولۇپ، بۇ جاينىڭ يېرى ناھايىتى مۇنبەت، دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىققا ناھايىتى ئەلۋىرىشلىك بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار ئەسىرلەردىن بۇيان دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن ئىدى.
ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشى، بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىدە ئاكتىپ رول ئوينىغان، ھازىر توكات ۋىلايىتىدىكى ئوسمانغازى ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ھۈسەيىن ئەپەندى ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ 1989-يىلى قۇرۇلغانلىقى، ئۇ ۋاقىتلاردا بۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ناھىيە سالاھىيىتىگە ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇپ، نوپۇسى 2000 دىن ئاشقانلىقىنى، ئەمما 2000-يىلىدىن تارتىپ، ناھىيە نوپۇسىنىڭ ئازلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 2000-يىللاردىن كېيىن بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار كۆپلەپ كۆچۈپ كەتكەن بولۇپ، تەخمىنەن 230 ئائىلە يېزىدىن كۆچۈپ كېتىش بىلەن، ناھىيە نوپۇسى بىراقلا ئازلىغان. دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق چېكىنگەن. خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى چۈشۈشكە يۈزلەنگەن. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى بولسا ئىقتىساد ۋە باشقا جەھەتلەردىكى راۋاجلىنىش تۈپەيلىدىن ھەتتا سىرتتا ئىشلەپ دەم ئېلىشقا چىققان ئۇيغۇرلارمۇ بۇ يەرگە كېلىپ ماكانلاشقان ئىكەن. .
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ناھىيە سالاھىيىتىگە ئائىت يېڭى قانۇنىدا ناھىيە بولۇش ئۈچۈن نوپۇسى 5000 دىن ئېشىشى كېرەك بولۇپ، ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ نوپۇسى زور دەرىجىدە ئازلىغانلىقى ئۈچۈن مەزكۇر ئۆلچەمگە توشمىغان. ھۈسەيىن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەنە شۇ سەۋەبتىن بۇ يەرنىڭ ناھىيەلىك سالاھىيىتى ئەمەلدىن قېلىپ، يېزا دەرىجىسىگە چۈشۈرۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن.
ھۈسەيىن يىلدىرىم ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە؛ ئىقتىسادىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن 2000‏- يىللاردىن ئېتىبارەن كۆپ ساندىكى ياشلار تۇشمۇتۇشتىن ئىستانبۇل، ئەنقەرە، ئىزمىر قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرگە، بولۇپمۇ ئىستانبۇل شەھىرىگە كۆچۈپ كېتىپ ماكانلاشقان بولۇپ، ئۇلار شۇ يەرلەردە تىرىكچىلىك قىلغان، بەزىلىرى بولسا شىركەت ئىگىلىرىگە ئايلانغان. ياشلارنىڭ كۆچۈپ كېتىشى بىلەن بۇ جايدا ئاساسلىقى چوڭ ياشتىكىلەر ۋە ئاياللار قالغان. مۇنداق ئەھۋال تۈركىيەنىڭ باشقا كۆپلىگەن يېزىلىرىغىمۇ ئورتاق بولۇپ، چەت ناھىيە ۋە يېزىلاردىكى ياشلارنىڭ ئىستانبۇل قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرگە ئېقىشى بىلەن يېزا-قىشلاقلاردا ئاساسلىقى چوڭ ياشتىكىلەر قېلىش ۋە قىشلاقلارنىڭ تاشلىنىپ كېتىشىدەك ئەھۋاللار شەكىللەنگەن.
ئۇيغۇر بېلېدىيەسى ناھىيە بولۇپ قۇرۇلۇشتىن بۇرۇنقى يېزا باشلىقلىق ۋەزىپىسى ئۆتىگەن، مۇشۇ يېزىدىن يېتىشىپ چىققان تۇنجى زىيالىيلاردىن بىرى 73 ياشلىق ئېلى رىزا دۇران ئەپەندى بۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈش مۇساپىلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئاناتولىيە تۇپرىقىدىكى 700 يىللىق مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مۇساپىسىدە ئەراتنا ئۇيغۇر بەگلىكى، ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى ۋە جۇمھۇرىيەت دەۋرلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، تاكى 21- ئەسىرگە ئۇلاشقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ:
-بىز بۇرۇنمۇ ئۇيغۇر ئىدۇق، ھازىرمۇ ئۇيغۇر، بىز ئۇيغۇر تۈركىمىز،- دېدى. ئۇ سۆزىدە ئۆزىنىڭ ئەجدادىنىڭ بۇ يېزىدا 400 يىللىق تارىخى بارلىقى ۋە بەش ئەجدادىنى بىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر بۇ يېزىدىكى نوپۇس ئازلاپ تەخمىنەن 1000 ئەتراپىغا چۈشۈپ قالغان. 1989-2000 يىللار ئارىسىدا بۇ جايدىكى نوپۇس ئەڭ كۆپەيگەن ۋە ھايات ئەڭ قايناپ تاشقان ئىدى.
ئاماسىيە ۋىلايىتىگە جايلاشقان مەزكۇر ئۇيغۇرلار 700 يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، تارىخچىلار ۋە يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، 13- ئەسىردىكى موڭغۇل ئىستېلاسى ۋە كېيىنكى چىڭگىزخان ئەۋلادلىرىنىڭ يۈرۈشلىرى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر دىيارىدىن ئاناتولىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلار ئاناتولىيەدە ئەراتنا ئۇيغۇر دۆۋلىتىنى قۇرغاندا بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئاماسىيە ۋىلايىتى، جۈملىدىن ھازىرقى ئۇيغۇر ناھىيەسى تەۋەسىگە كۆچۈپ كېلىپ ماكانلاشقان ھەمدە 7 ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان ئۆز كىملىكىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

http://bbs.alkin.cn/read.php?tid=15620
https://www.facebook.com/
مەنبە: ئەجداد تورى

http://ejdad.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=1479

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top