You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » ئامېرىكىلىقلار ۋە ئۇيغۇرلار

ئامېرىكىلىقلار ۋە ئۇيغۇرلار

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

«ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار»نىڭ داۋامى

ئامېرىكىلىقلاردىن پەرقىمىز

تۆرنى بەرمەس ئامېرىكىلىقلار

ئامېرىكىلىق دوستلۇرۇمنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولغاندا بىر ئىش ماڭا بەك قىزىق تۇيۇلدى. ئامېرىكىلىقلار ئۆيىگە كەلگەن مېھماننى تۆرگە باشلىمايدىكەن.  بۇ يەردە تۆر دېگىنىم شىرەنىڭ ئۇدۇل تەرىپى دېگەنلىك. بۇ «تۆر» دە ئادەتتە ئەر ساھىپخان ئولتۇرىدىكەن. مەسىلەن، مەن دوستۇمنىڭ تەكلىبى بىلەن ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئۆيىگە مېھمانغا بارغان بولسام تۆردە دادىسى ئولتۇرىدىكەن. ئەگەر مەن دوستۇمنىڭ ئۆيىگە تەكلىپ قىلىنغان بولسام، بۇ سورۇنغا ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ تەكلىپ قىلىنغان بولسا دوستۇم تۆردە ئولتۇرىدىكەن. ئاتا-ئانىسى مېھمانلار قاتارىدا ئولتۇرىدىكەن. تۇل ئايال پروپېسسورلارنى بۇ قائىدىگە تازا ئەمەل قىلىپ كەتمەيدىغاندەك ھىس قىلدىم. ئۇلارنىڭ ئۆيىدە بۇ ئىش كۆزۈمگە چېلىقمىدى. بىر قېتىم بىر ئۇيغۇر مېھمان ئېسىدە يوق ئامېرىكىلىقنىڭ ئۆيىدە تۆردە ئولتۇرۇپ قاپتۇ. بۇ چاغدا ساھىپخان ھىچ تۈزۈت قىلىپ ئولتۇرمايلا مېھمانغا «بۇ دېگەن مېنىڭ ئورنۇم، سەن خاتا ئولتۇرۇپ قاپسەن. بۇ ئوروندىن باشقا ئورۇندا ئولتۇرغىن» دەپ قوپۇرىۋېتىپتۇ.

ئۇيغۇرلاردىكى مېھماننى تۆرگە باشلاش ئادىتى بىلەن ئامېرىكىلىقلاردىكى مېھمانغا تۆرنى بەرمەسلىك ئوتتۇرىسىدا ھالقىلىق تەپەككۇر پەرقى بار. مەنچە ئامېرىكىلىقلارنىڭ ھەر قانداق ئەھۋالدا تۆرنى بەرمەسىلىكىگە ئۇلارنىڭ مۇتلەق مەنچىللىكنى مەركەز قىلغان تەپەككۇر ئادىتى سەۋەپ بولغان. بۇ خىل تەپەككۇردا شەخسنىڭ خاھىشى، ئىھتىياجى، غايىسى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلىدۇ. ئامېرىكىلىقلاردا ھاياتتىكى بارلىق توغرا – خاتا، ياخشى- يامان، پايدىلىق پايدىسىز قاتارلىق ئامىللارغا ھۆكۈم قىلىشنىڭ  ئاچقۇچى شەخسنىڭ قولىدا بۇ ئاچقۇچنى قانداق قوللۇنۇش شەخسنىڭ ھوقۇقى. پەقەت قانۇنغا خىلاپ بولمىسىلا  بۇنداق تەپەككۇر چەكلىنىشتىن مۇستەسنا.  ئامېرىكىلىقلارنىڭ بۇنداق تەپەككۇر ئادىتى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگ تۇتقان پوزىتسىيىسىدىمۇ ئەكىسلىنىدۇ. ئۇلار ئائىلىۋىي ھاياتتا ئۆزىنى بىرىنجى ئورۇنغا، ئايالى ۋە بالىلىرىنى ئىككىنجى ئورۇنغا، ئاتا- ئانىسىنى ئۈچىنجى ئورۇنغا قويىدۇ. نەچچە بالىسى بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئائىلىسىدىن كۆڭلى قالغان ھامان ئاجرىشىدۇ. شۇڭا ئامېرىكىدا بىر بالىسى ئۈچۈن تۇل ئۆتۈپ كەتكەن ئايال يوقنىڭ ئورنىدا.  مېھماننى تۆرگە باشلاش ياكى تۆردە ئۆزى ئولتۇرۇش مەسىلىسى ئۇيغۇرلار ۋە ئامېرىكىلىقلاردىكى  ئادەت پەرقى مەسىلىسى.

 مەنچە مېھماننى تۆرگە ئېلىش ئادەت مەسلىسى ئەمما مېھماندارچىلىقتا زىيادە ئىسراپخورلۇق قىلىش، ئۆز ئىقتىسادى ئەھۋالىغا نامۇناسىپ مىھمان ئۇزۇتۇش ئۇيغۇر مېھماندوستلۇقىدىكى پۈچەكلىك بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن مېھمانخانىسىنى شۇنچە كاتتا بېزەشكە چىدىغان كىشىلەرنىڭ ئاشخانا، مۇنچا، خالا قاتارلىقلارنىڭ راھەت ئازادە، چىرايلىق بولۇشىغا سەل قارىشى باشقىلارنىڭ باھاسى ئۈچۈن ياشايدىغان پۈچەكلىكنىڭ بەلگىسى بولۇشى مۇمكىن. تەپسىلىرەك ئويلاپ باقساق ئامېركىلىقلاردا «خەق قانداق ئويلاپ قالار»، «مۇنداق قىلسام سەرت تۇرارمۇ»، «دوست دۈشمەننىڭ ئالدىدا مۇنداق قىلىپ كۆرسىتىپ قوياي»، «كىم دېسە، پۇستانى دەپ قالسۇن» دېگەن سۆزلەنمىلەرنىڭ كۆپ تىلغا ئېلىنماسلىقىدىن بىر نەرسىنى ئاڭقارغاندەك بولىمىز. يۇرتلىرىمىزدا ئەۋج ئالغان مىھماندوستلۇق نامىدىكى داغۋازلىق، ھەشەمەتخورلۇقتا بەلكىم،  ئۆزىنىڭ ئاجىز رىيال ھالىتىگە يۈزلىنەلمەسلىك ۋە بۇ ھالەتنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا پەدەزلەپ كۆرسىتىش، ئۆزىنى ھازىرقى ھالىتىدىن يۈكسەكرەك تەسەۋۋۇر قىلىش ۋە شۇ تەسەۋۋۇرىدىكى ئوبرازى ئۈچۈن خەقنىڭ ئالدىدا زورۇقۇشتەك روھىي بىنورماللىق ئەكىس ئەتكەن بولۇشى مۇمكىن. يەنە بىرى بۇ جەمئىيەتتە ئەۋج ئالغان ۋە ئادەتكە ئايلانغان ساختىلىق، تۆۋەننى ئالداپ يۇقۇرىغا خۇشامەت قىلىش قاتارلىق جەمئىيەتلەشكەن چىركىنلىكلەرنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە سىڭدۈرگەن سەلبىي تەسىرى بولۇشى مۇمكىن.ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار بۇ جەھەتتە ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلاردىن پەرق قىلىدۇ. مېھماننى ئەھۋالىغا يارىشا ئۇزۇتۇش ئاللىقاچان ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان. ئەمما ئۇلار ئامېرىكىلىقلاردىنمۇ كەسكىن پەرق قىلىدۇ. مىھماننى ۋەتەندىكىدەك تۆرگە ئالىدۇ. ئۆيىدە قوندۇرىدۇ. ئۆيىدە بارنى ئالدىغا قويۇپ قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ. ئامېرىكىدىكى تۈركىيە تۈركلىرى بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلاردىن بەكرەك ئامېرىكىچىلىشىپ كەتكەن. ئۇلار تۆرنى مىھماندىن تالاشمىغان بىلەن داستىخاننى ئۇيغۇردەك مول ھازىرلىمايدۇ.

ئامېرىكىلىقلار بىلەن ئوخشاشلىقىمىز

مەشرەپخۇمار ئامېرىكىلىقلار ۋە ئۇيغۇرلار

 ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىلىقلار بىلەن ئەڭ گەۋدىلىك ئوخشاشلىقى مەشرەپخۇمارلىق. ئامېرىكىلىقلارنىڭ مەشرىپى ئۇيغۇر مەشرىپىگە سۇ قۇيۇپ بېرەلمىسىمۇ ئامېرىكىلىق قاتناشقۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقى ئۇيغۇرلاردىن سۇس ئەمەس. ئامېرىكىدا بىر مەھەللە كىشىلىرىنىڭ ئايدا بىرەر قېتىم ھىچ بولمىسا پەسىلدە بىرەر قېتىم يىغىلىشى بولۇپ تۇرىدۇ. بۇنداق يىغىلىشلارغا ھەممەيلەن ئۆيلىرىدە ئەتكەن تاماقلىرىنى كۆتۈرۈپ تەڭ بەھىرلىنىشىدۇ. كاۋاپدانلىرىنى دالىلارغا كۆتۈرۈپ چىقىپ بىللە غىزالىنىشىدۇ. مەن ئوقۇغان مەكتەپتىمۇ مەۋسۇمدا ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم پاكۇلتىت بويىچە يىغىلىش بولۇپ تۇراتتى. ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۇيغۇرلاردەك مەشرەپتە سازچىسى بولىقدىغان بولسا كۈندە يىغىلىش قىلارمىكىن دەيمەن. شۇنچە ھەشەم بىلەن يىغىلىش قىلغان ئامېرىكىلىقلار ناخشا ئۇسسۇلسىز بىر كۈننى گەپ بىلەن كەچ قىلىشىدۇ. بەزىدە ئۇچار تەخسە ئويۇنى، قورغان توپ، ساھىل ۋالىبولى، ۋاسكېتبول ئوينىشىدۇ. مەن مەشرەپ دېسە بېشى ئاغرىيدىغان ئامېرىكىلىقنى كۆرۈپ باقمىدىم. ئۇيغۇرلار بىلەن ئامېرىكىلىقلاردىكى ئورتاق مەشرەپخۇمارلىق ئىنسانىي ئاڭدىكى يۈكسەكلىكنىڭ ئىپادىسى. بۇنداق ئادەت ئىنساننى تەننىڭ تەقەززاسى ۋە ماددىي پاراغەتنى ھاياتتىكى بىردىن بىر مەنا دەپ قاراشتىن يىراقلاشتۇرۇشى مۇمكىن.

ئۇيغۇرلاردىكى مەشرەپخۇمارلىقنىڭ بىر غەيرى ئۆسمىسى رىستۇراپەرەسلىك. تۇرمۇش رېتىمى ۋە تۇرمۇشنىڭ سۈپىتى ئامېرىكىدىن تولىمۇ ئاستا ۋە پەرقلىق بولغان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە رېستۇرانپەرەسلىكنىڭ ئەۋج ئېلىشى ھەيران قالارلىق ھادىسە. ئامېرىكىدا ئۇيغۇر يۇرتلىرىدىكىدەك ئاياللار بىلەن ئاياللار تانسا ئوينايدىغان، ئەلەر توختىماي ھاراق ئىچىدىغان ھەيۋەتلىك رىستۇرانلار يوق. مەن ئامېرىكىدا تۇرۇش جەريانىدا بىرمۇ ئامېرىكىلىقنى رېستۇرانغا تەكلىپ قىلىپ باقمىدىم. بىرمۇ ئامېرىكىلىق مېنى رىستۇرانغا باشلىمدى. ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۆيىدە بولغان مەشرەپلەرگە كۆپ داخىل بولدۇم، بىر بىرىمىزنى ئۆيگە چاقىرىشىدىغان ئىشلار ئايدا بىر دېگۈدەك داۋام قىلىپ تۇردى. يەنە بىر پەرق ئامېرىكىدا مەشرەپلەر ھەرقانچە قىزىغان تەقدىردىمۇ ئىككى سائەتتىن ئاشمايدىكەن. تاماقلارنى ئۆزىمىز كۆتۈرۈپ بارىدىكەنمىز. ئۇيغۇر رىستۇرانلىرىدىكى ئىسراپخورلۇق بەلكىم ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن داۋام قىلىۋاتقان ئىسراپچىلىقنىڭ كىشىلەرنىڭ تورمۇشىدىكى تەسىرى بولۇشى مۇمكىن.

كەڭ قورساق ئامېرىكىلىقلار ۋە ئۇيغۇرلار

ئامېرىكىدا بىر ئادەم ئۆزىنى «مەن چەتئەللىك،» دېمىسە ھىچ كىم ئۇنىڭ ئامېرىكىلىق ئەمەسلىكىدىن گۇمانلانمايدۇ. ئامېرىكىدا ئېنگىلىز تىلىنى ھەرخىل تەلەپپۇزدا سۆزلەيدىغان نەچچە ئون مىليۇن كۆچمەن ياكى كۆچمەن ئەۋلادى ياشايدىغان بولغاچقا ئېنگىىلىز تىلىنى راۋان بىلىش بىلمەسلىكنىڭ ئامېرىكىلىق بولۇش بولماسلىق بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. ئامېرىكىدا چەتئەللىكتىن ئايرىم ھەق، ئامېرىكىلىقتىن ئايرىم ھەق ئالىدىغان ئىش يوق. بەزىدە ئامېرىكىدا كۆچمەنلەر پەرزەنتلىرىنىڭ ھەقسىز مائارىپتىن ۋە باشقا پاراۋانلىقلاردىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلىپ نامايىش قىلىۋاتقان ئامېرىكىلىقلارغا قاراپ بۇلاردىكى كەڭ قۇرساقلىقنىڭ دۇنياغا يېيىلىشىنى تىلەپ دۇئا قىلىپ كېتىمەن.

مىجەزدىكى قوبۇلچانلىق، ئوچۇقلۇق، كەڭ قورساقلىق، ھەزىلكەشلىك قاتارلىق جەھەتلەردە ئامېرىكىلىقلار ئۇيغۇرلارغا شۇنداق ئوخشايدۇ. ئۇيغۇرلار مۇشۇ كەڭ قورساقلىقى بىلەن دىيارىمىزغا كۆچۈپ كەلگەن مۇسۇلمان مىللەتلەرگىلا ئەمەس مۇسۇلمان بولمىغان شىبە، داغۇر، مانجۇ، موڭغۇللارغىمۇ يەر بېرىپ، زىددىيەتلەشمەي، ئۇلارنى ئىختىيارى ئۇيغۇرلاشتۇرۇپ ئۇيغۇرلۇق سېپىدىن ئورۇن بەرگەن. شۇڭىمىكىن 1940-يىللاردىكى مىللىي ئازاتلىق ئىنقىلابىدا موڭغۇللار، شىبەلەر، تاجىكلار قاتارلىق ئۇيغۇلار بىلەن تىل ئورتاقلىقى بولمىغان مىللەتلەر ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە كۆرەش قىلغان. ئەسلى ئەينى چاغدىكى پايدا زىياننى ئويلاشقاندا ئۇيغۇرلار تەرەپتە تۇرۇپ كۆرەش قىلىشتىن گومىنداڭ تەرەپتە تۇرۇش ئۇلار ئۈچۈن مەنپەئەتلىك ئېدى.  ئەمەلىيەتتە دىيارىمىزدىكى غۇلجا، ئارتۇچ، كورلا قاتارلىق ئۇيغۇر كۆپ شەھەرلەرنىڭ ھەممىنى قازاق، قىرغىز، موڭغۇل ئوبلاستلىرىنىڭ مەركىزى قىلىپ تاللاش بۇ مىللەتلەر ئەزەلدىن تەبىئىي داۋاملاشقان ئۆملىكىگە بۇزغۇنچىلىق سېلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇنداق سىياسىي ئامىللار ئۇيغۇرنىڭ كەڭقورساقلىقىنى زىدىلىمەكتە، ئەلۋەتتە.

بىر يىلى كورلىنىڭ خوتۇنسۇمۇلغا بارسام ئۇيغۇرنىڭ مەسجىدى بىلەن موڭغۇلنىڭ (كۈرە)(بۇتخانا) سى بىر يول ئۈستىدە تۇرۇپتۇ. خۇددى ئۇيغۇرلار موڭغۇللارنىڭ ئىتىقادىغا تارىختا قانداق ھۆرمەت قىلغان، موڭغۇللار بۇ ھۆرمەتتىن قانچىلىك مىننەتدار بولغان بولسا بۈگۈنمۇ شۇنداقكەن. ھىچ كىم ھىچكىمگە دەخلى قىلماپتۇ. باغراشتەك ئۇيغۇرنىڭ نوپۇسى بىرەر مىڭدىن سەللا ئاشىدىغان ناھىيە بازىرىدا بىر ئۇيغۇرچە بىلىدىغان موڭغۇل ئايال بىلەن ئۇيغۇرچە پاراڭلاشتىم. ئەگەر ئۇ ئۆزىنى موڭغۇل دېمىگەن بولسا ئۇيغۇرمىكىن دەپ قالاركەنمەن. نوپۇس نىسبىتى بويىچە بولغاندا ئۇ ناھىيىدە خەنسۇچىدىن باشقىسى ئاقمايدۇ. شۇنداقكەن ئۇ موڭغۇل نېمىشقا ئۇيغۇرچە ئۆگىنىدۇ؟ ئاڭلىشىمچە ئۇ ئايال كىچىكىدە مەھەللىسىدىكى بىردىنبىر ئۇيغۇر قوشنىسىنىڭ بالىلىرى بىلەن ئويناش جەريانىدا ئۇيغۇرچە ئۆگىنىۋالغانىكەن. ئەگەر شۇ ئۇيغۇر ئائىلىسى ئۇيغۇرلارغا خاس قوشنىدارچىلىقنىڭ مېھرىنى كەڭ قورساقلىق بىلەن يەتكۈزمىگەن بولسا شۇ موڭغۇل ئۇيغۇرچە ئۆگىنەرمىدى؟

ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ قورساقلىقى بولمىغان بولسا غۇلجىدىكى شىبەلەردىن ئىلى خەلق ناخشىلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوقۇيدىغان ناخشىچىلار چىقمىغان بولاتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقى بولمىغان بولسا موڭغۇللاردىن مېڭ چىبىدەك ئۇيغۇلار ئۈچۈن قەلەم تەۋرىدىغان قەلەمكەشلەر چىقمىغان بولاتتى. شىبەلەردىن تۆمۈر گۈئەنچىڭڧۇدەك ئۇيغۇرچە يازىدىغان يازغۇچىلار مەيدانغا كەلمىگەن بولاتتى. ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان تەقدىرداش بولۇپ بىر توپراقتا ياشاپ كەلگەن مىللەتلەرنىڭ قەلبىنى ھىچ بىر تەشۋىقاتسىز ئۆزىگە مايىل قىلالىغان. ئۇلارغا ئۇيغۇر تىلىنى قوش تىللىق مائارىپنى يولغا قويماي تۇرۇپ قوبۇل قىلدۇرالىغان. ئەڭ تەسىرلىك يېرى ئۇلارنى ھايات ماماتلىق جەڭ مەيدانىدىمۇ ئۆزى بىلەن بىر سەپتە تۇرالايدىغان قىلىپ ئۆملەشتۈرەلىگەن.

خۇددى ئۇيغۇلار تارىختىن بېرى ئەتراپىدىكى كۆچمەنلەرگە قۇچاق ئاچقاندەك بۈگۈنكى ئامېرىكىلىقلارنىڭ دۇنيا كۆچمەنلىرىگە قەلبىدىن ۋە زىمىنىدىن جاي  بېرىشى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت سىياسىتىدىن باشقا ئامېرىكىلىقلارنىڭ كەڭ قورساقلىقىنىڭ نەتىجىسى. مەن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەھەللىسىدىكى مېكسىكلىق، گېرىتسىيەلىك، رومۇنىيەلىك كىشىلەر بىلەن كىرىش چىقىش قىلىپ ئۆتۈشلىرىگە قاراپ ئەجداتلاردىكى كەڭ قورساقلىقنىڭ ئامېرىكىدىكى جۇلاسىنى كۆرگەندەك تۇيغۇدا بولدۇم.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top