ئۈستۈن ئاتۇش 2-ئوتتۇرا مەكتەپتە سۆزلەنگەن لىكسىيە – ئابدۇۋەلى ئايۇپ ( گۈلەن)
ئەسسالامۇئەلەيكۇم! ھۆرمەتلىك ئوقۇتقۇچىلار، ئىنى ۋە سىڭىللار! قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى چىقىرىپ بۈگۈنكىدەك بىر دەم ئېلىش كۈنىدە سورۇنىمىزغا جەم بولغىنىڭلارغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئىيتىمىز! (چاۋاك ساداسى) مەن ئۇزۇن يىللىق ئوقۇتقۇچى، شۇڭا ئۆرە تۇرۇپ سۆزلەشنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى مەن ئولتۇرۇپ سۆزلىسەم، بالىلارنىڭ تەپەپككۇرى ۋە خىيالىمۇ ئولتۇرۇپ چىچىلىپ كىتىدىكەن، ئۆرە تۇرۇپ سۆزلىسەم، بىر ھەرىكەتتە بولساق، كاللىمىزمۇ ھەرىكەتتە بولسا، كۆڭلىمىزمۇ ھەرىكەتتە بولسا، تەپەككۇرىمىزمۇ ھەرىكەتچان بولسا دەپ ئارزۇ قىلىمەن. شۇڭا مەن ئۆرە تۇرىۋالدىم، بۇنى توغرا چۈشىنىڭلار.
مەن ئۈستۈن ئاتۇش 2-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى تۇرسۇنجان ئەپەندىنىڭ تەكلىۋىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا، ناھايىتى ھاياجانلانغان، چۈنكى بۇ ئۈستۈن ئاتۇش بىزنىڭ مەمتىلى ئەپەندى يىتىشكەن يۇرت، ئاندىن تۇرسۇن ئەپەندى يىتىشكەن يۇرت، ئاندىن بىزنىڭ داموللىرىمىز يىتىشكەن يۇرت، ئابدۇقادىر داموللامنى تەربىيلىگەن يۇرت، بۇ يۇرتقا بىزنىڭ قەلبىمىزدە چۇڭقۇر ھۆرمىتىمىز، ئىپتىخارىمىز بار. بەلكىم مۇشۇ سورۇندا، مۇشۇ يىزىلىرىمىزدا بۇندىن 100يىل مۇقەددەم ئۇستاز مەمتىلى ئەپەندى ئوقۇغان، ئوقۇتقان بولغىيتى، بەلكىم مۇشۇ كوچىلاردا بۇنىڭدىن 100يىل مۇقەددەم ئابدۇقادىر داموللام ماڭغان بولغىيتى، مەن مۇشۇلارنى ئويلىسام بەك ھاياجانلىنىمەن. چۈنكى بۇ يۇرت بۇ ۋەتەن ئۈچۈن قان، تەر تۆككەن، ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ئاتا قىلغان ئەزىمەتلەرنىڭ يۇرتى. مەمتىلى ئەپەندى تۈركىيەگە بىرىپ، تۈركىيەدە ئوقۇتقۇچى تەربىيلەش مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن، مانا مۇشۇ يۇرتقا قايتىپ كەلگەن. بىزنىڭ داموللىلىرىمىز چەتئەللەردە ئوقۇپ ئاخىرى ئۆزىنىڭ ۋەتىنىگە، مۇشۇ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن. قايتىپ كىلىپ مۇشۇ يۇرت ئۈچۈن، مۇشۇ يۇرتنىڭ ئىستىقبالى، مۇشۇ يۇرتتىكى سىلەرگە ئوخشاش ياغلىقلىق قىزلار ۋە بادام دوپپىلىق باشلار ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلغان. بۇ قۇربانلىق ئەرزىگەن، مۇشۇ قۇربانلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاشۇ شەھىدلەرنىڭ روھى بولغانلىقى ئۈچۈن، مانا بىزنى ئانىلىرىمىز، ئاتىلىرىمىز ۋە ئاكىلىرىمىز مۇشۇ سورۇنغا شۇ روھنىڭ تۈرتكىسىدە بىلەن يىغىلغان بولۇشى مۇمكىن. بىز بۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىڭلارغا تېخىمۇ جاسارەت، ھەر بىرىڭلارغا تېخىمۇ شىجائەت تىلەيمىز! (چاۋاك ساداسى)
بۈگۈنكى سۆزلىمەكچى بولغان مەزمۇن بولسا «پەرزەنتىمىزدىن پەرقىمىز نەدە؟» دىگەن تىما.
مەن قەشقەرگە قايىتقاندىن كىيىن، ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ بالىلىرى ھەققىدە بىزدىن كۆپ سۇئاللارنى سورىغان بولدى. بۇ سۇئاللارنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇ بالىلارغا بولغان تەربىيە سەۋەبلىك كىلىپ چىققان مەسىلىلەر بولۇپ، ئاساسلىقى بالىلىرىمىز ئۆزلۈكىدىن ئۈگەنمەيدۇ، ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى ئۆزى تىپىپ قىلالمايدۇ، گېپىمىزگە ماقۇل دەپ قويىدۇ قىلمايدۇ، دىگەندەك. بۇنىڭدىن باشقا بالىمىز جاھىل، گەپ ئاڭلىمايدۇ، چوڭلارنى ھۆرمەتلىمەيدۇ، ئاندىن سىرتلاردا بىز خالىمىغان ئىشلارنى قىلشقا ئامراق، دىگەندەك نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەن بۇ مەسىلىلەرنىڭ بەزىلىرىنى ھەقىقەتەن بالىلاردا ساقلانغان مەسىلە دەپ قارايمەن. بەزىلىرىنى مەۋجۈت ئەمەس، پەقەت ئاتا-ئانىلارنىڭ كاللىسىدا مەۋجۈت دەپ قارايمەن. ئەمدى ئەگەر ھەقىقەتەن مۇشۇ يەردىكى قاراكۆز ئىنى-سىڭىللىرىمىزدە مەسىلە بولسا، بىز بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن باش قاتۇرساق بولىدۇ، ئەگەر بۇ مەسىلە بالىلىرىمىزدا ئەمەس، ئاتا-ئانىلارنىڭ كاللىسىدا بولسا، بىز بۇنى ئاتا-ئانىلارغا مۇشۇنداق لىكسىيەلەرنى قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلىمىز، مىنىڭچە بالىلار بىلەن ئاتا-ئانا ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلە ئۈچ خىلدىن ئىبارەت. بىرسى چۈشەنمەسلىك مەسىلىسى. يەنى بالا ئاتا-ئانىسىنى چۈشەنمەيدۇ، ئۇ ئاتا-ئانا بالىسىنى چۈشەنمەيدۇ. ئىككىنچىسى ئىشەنمەسلىك. يەنى ئاتا-ئانا بالىسىغا ئىشەنمەيدۇ، ئىشەنچ ئاتا قىلمايدۇ. بالا ئاتا-ئانىسىغا ئىشىنەلمەيدۇ. ئۈچىنچىسى نىمە دىسەك، باراۋەرلىك مەسىلىسى. يەنى ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدا بىر باراۋەرلىك مۇناسىۋىتى قۇرۇلمىغان دەپ قارايمەن.
ئاتا-ئانىلارنىڭ كاللىسىدىكى، ئېڭىدىكى ياكى چۈشەنچىسىدىكى مەسىلىلەر، بۇ دەۋرنىڭ مەھسۇلى. ئابدۇقادىر داموللام شۇنداق دىگەن: «بالاڭلارنى كەلگۈسى ئۈچۈن تەربىيلەڭلار، چۈنكى ئۇلار سىلەر ياشىغان دەۋردە ياشىمايدۇ». بىزنىڭ ئاتا-بوۋىمىز بىز ياشىغان دەۋردە ياشىمىغان. بىزنىڭ ئالدىمىزدا ئولتۇرغان بۇ قاراكۆز ئېنى-سىڭىللىرىمىزمۇ بىز ياشىغان دەۋىردە ياشىمايدۇ. ئەمدى كىم قايسى دەۋردە ياشىغان بولسا، شۇ دەۋرىدىكى مودا كەيپىيات، مودا ھالەت، ئوموملاشقان تۈرلۈك چۈشەنچىلەر شۇ ئادەمنىڭ كاللىسىغا ئورۇنلاشقان بولىدۇ. بۇنى مۇنداق چۈشەندۈرەيلى: مەسىلەن ھازىر ئارىمىزدىكى 60 ياشلارغا كىرگەن بوۋاي-مومايلار مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى دىگەن بىر بالايىئاپەتنى باشتىن كەچۈرگەن. شۇ دەۋردىكى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار، ئادالەتسىزلىكلەر، خورلۇقلار، زۇلۇملارنى باشتىن كەچۈرگەن. ئۇنداق بولغاندىكىن، ئۇلارنىڭ يۈرىكى شۇ خورلۇقتا مۇجۇلغان، شۇ دەۋىردىكى بىسىملاردا ئېزىلگەن. شۇڭا بۇ يۈرەك پۈتۈن ئەمەس، ئەمدى شۇ قورقۇپ كەتكەن شۇ مەزگىلدىكى قورقۇنچ بىلەن بۈگۈنكى مەدەنىيەت ئىنقىلابىنى باشتىن كەچۈرمەيۋاتقان بالىلارغا مۇئامىلە قىلساق بولمايدۇ. مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى دىگەن بۇ ئىشلار جۇڭگۇنىڭ تارىخىدىكى بىر قارا سەھىپە، قارا تارىخ بولۇپ بۇ كەلمەسكە كەتتى، يوق. ئەمدى سىز شۇ دەۋرنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىڭىز، بالىڭىزغا شۇ مەدەنىيەت ئىنىقلاۋى مەزگىلدىكى ھاكىمىيەت، سىياسەت ۋە باشقىلار سىزنى قانداق قورقۇتقان بولسا، سىزمۇ بالىڭىزنى شۇنداق قورقۇتسىڭىز توغرا بولمايدۇ، يەنى دەۋىر ئوخشىمايدۇ. يەنە بىرسى، بەلكىم 80-يىللاردىن بۇرۇن چوڭ بولغانلار ئىقتىسادى جەھەتتە ناھايىتى ئۈزۈكچىلىك دەۋىرنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇشى مۇمكىن. ئۈزۈكچىلىك دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەن كىشىلەردە، ئىقتىسادچانلىق يېتىلىدۇ، بۇ ياخشى ئىش، لىكىن يەنە بىر خەتەرلىك تەرىپى ئىنتايىن بىخىللىق ئەۋج ئىلىپ كەتكەن بولىدۇ، نىمىشقا دىگەندە، شۇنداق بىخىللىق قىلمىسا ياشىغىلى بولمايدۇ، لىكىن بىزنىڭ بالىمىز ئۇ دەۋىردە ياشىمايۋاتىدۇ. ئىقتىسادىمىز كەڭرى زاماندا ياشاۋاتىدۇ، ئۇنداق بولغاندىكىن ئۇ بالىلارغا بۇرۇنقى تىجەشلىكنى ھەددىدىن ئاشۇرغان دەۋىرنىڭ مۇئامىلىسىنى قىلساق بالىلار قوبۇل قىلمايدۇ. ئاندىن يەنە بىرسى ئۇ مەدەنىيەت ئىنىقىلاۋى دەۋرىدە، بىر مىللەتنىڭ ئۆرپ-ئادىتى، ئىتىقادى«4 كونا» دىيىلىپ مەسخىرە قىلىنغان، تەقىپ ئاستىغا ئېلىنغان، يوقىتىلغان. لىكىن ھازىر «4 كونا» نى يوقىتىدىغان دەۋىر ئەمەس. بۇ مىللەتنىڭ بىشىدىكى ياغلىقى، ئوقۇيدىغان نامىزى ھەرگىزمۇ «4 كونا» ئەمەس، بەلكى بۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيتى. بۇنى ھازىر ھىچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ، ھەم ئىنكار قىلىش ھوقوقىغىمۇ ئىگە ئەمەس. ئۇنداق بولغانىكەن، سىز بۇنىڭغا قارشى ئىش قىلغان بولسىڭىز بىر مىللەتكە قارشى ئىش قىلغان بولسىز، شۇڭا ئەگەر مۇشۇنىمۇ چەكلىسىڭىز، مۇشۇنىڭدىنمۇ توسسىڭىز، بالىڭىز بۇنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ، چۈنكى بالىڭىز «4 كونا» نى يوقىتىدىغان دەۋىردە ياشىمايۋاتىدۇ، بەلكى قانۇن-تۈزۈم، دۆلەتنى قانۇن بويىچە باشقۇرىدىغان دەۋىردە ياشاۋاتىدۇ، ئۇنداق بولغانىكەن ئاتا-ئانا بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئۇ بالىلارنىڭ ياغلىقىغا، دوپپىسىغا، ساقىلىغا چەك قويسىڭىز، مەيلى سىزنىڭ كىم بولۇشىڭىزدىن قەتئىنەزەر بۇنى ھىچكىم قوبۇل قىلمايدۇ، بۇ بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيتى، بۇ مىللەت شۇ مىللەت بولۇش ئۈچۈن نامىزى، شۇ ياغلىقى، شۇ دوپپىسى، شۇ ساقىلى بولۇشى كىرەك. بولمىسا ئۇ مۇستەقىل مىللەت بولمايدۇ. بۇنى مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىغا ئوخشاش «4 كونا»غا چىقىرىۋەتسىڭىز، بۇنى ھىچكىم قوبۇل قىلمايدۇ. بۇلارغا قارشى تۇرغانلار دەل بۇرۇنقى ئەجداتلار بىلەن بۈگۈنكى ئەۋلاتلار ئوتتۇرىسىغا، ھاكىمىيەت بىلەن ئۇيغۇر ئارىسىغا سوغۇقچىلىق سالغان بولىدۇ، ئىشەنمەسلىكنى پەيدا قىلغان بولىدۇ. بۇنداق ئىشەنمەسلىك ئاخىرىدا زىددىيەتكە ئىلىپ بارىدۇ، بۇ زىددىيەتتىن ھىچكمنىڭ خوش بولمايدىغانلىقىنى بىلىمىز، يەنە ھىچكىمنىڭ رازى بولمايدىغانلىقىنى بىلىمىز.
چۈشىنىشمەسلىك مەسىلىسى بىزنىڭ ئوخشىمىغان دەۋىردە ياشىشىمىزدىن كىلىپ چىققان. بۇنىڭ كونكىرىت ئىپادىلىرى مۇنداق: بىرسى ئاتا-ئانىلار مەسىلەن مۇشۇ يەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى 60-يىللاردا تۇغۇلغانلار بولۇشى مۇمكىن، 60-يىللاردىن 70-يىللارغىچە تۇغۇلغان بولسا ئۇ ۋاقىتتىكى شارائىت بىلەن ھازىرقى شارائىت ئوخشىمايدۇ، مەسىلەن: مەن 80-يىللاردا باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىزنى ئوقۇدۇم، شۇ ۋاقىتىلاردا مەن تاكى ئالىي مەكتەپكە بارغۇچە تېلىفون ئۇرۇپ باقمىغان. 92-يىلى ئالىي مەكتەپكە بارغۇچە تېلىفون ئىشلىتىپ باقمىغان. لىكىن ھازىر شۇ 92-يىلى تۇغۇلغان بالىلار تېلىفونسىز ياشىيالمايدۇ. ھەممىسىنىڭ قولىدا تېلىفون، بۇ بىرسى، ئىككىنچىسى مەن 92-يىلى ئالىي مەكتەپكە بىرىشتىن بۇرۇن كومپىيوتىر دىگەننى ئاڭلاپمۇ كۆرۈپمۇ باقمىغان. ئىنگلىز تىلى دەيدىغان بىر تىلنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپمۇ باقمىغان، بۇنداق دىسەممۇ بولمايدۇ لىكىن كۆرۈپمۇ باقمىغان. دۇنيادا بىز ياشاۋاتقان دۆلەتتىن باشقا، بىز ياشاۋاتقان تۈزۈمدىن باشقا دۆلەت ۋە تۈزۈملەرنىڭ بارلىقىنى بىز كىتابلاردىلا ئۈگەنگەن، ئەمەلىيەتتىن كۆرمىگەن. ئەمدىن بىز شۇ دەۋىردىكى ئۆزىمىز ياشىغان، ئۆزىمىز يىتىشكەن، ئۆزىمىزنىڭ تەپەككۇرى شەكىللەنگەن كۆزقارىشىمىز بىلەن بۈگۈنكى ئاددىيىسى ھەممە بالىنىڭ قولىدا تېلىفون بولغان ھەممە بالىلار كومپىيوتىرنى ئاساسەن ئىشلىتەلەيدىغان بىر دەۋىردىكى بالىلارغا باھا بەرسەك چۈشەنمەسلىك كىلىپ چىقىدۇ. ئۆتكەندە بىر چايدا ئاتا-ئانىلار ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتۇق، بۇ چايدا تۆت-بەش بالا بار، شۇنىڭ بىلەن بالىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قولىدا بىردىن تېلىفون، بىرى بىرى بىلەن پاراڭلاشماي، بىزگىمۇ گەپ قىلماي، پاراڭغىمۇ قىزىقماي ئولتۇردى. ئارىمىزدىن بىرىمىزنىڭ ئىچى پۇشۇپ ئۇكىسى بىلەن يانمۇ يان ئولتۇرغان ئاكىسىغا :«ئۇكاڭ بۇ توغرىدا نېمە دېدى دەپ سوراۋاتىمەن» دەپ سورىسا، جاۋاب قايتۇرماي جىم ئولتۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە:« ھەي، ئۇكاڭ زادى نېمە دېدى؟» دەپ سورىسا، ئاكىسى :« ھە، ئۇكامغا ئۇچۇر يوللاپ قويدۇم، ئۇكام ئۆزى دەپ بىرىدىغان بولدى» دىدى. دىمەك بۇ تېلىفون ئۇچۇر دىگەن نەرسىلەر شۇنداق ئوموملىشىپ كەتكەنكى، ئۇكىسىنىڭ قانداقراق ئويدا ئىكەنلىكىنى سوراپمۇ باقماي ئۇچۇر قىلىپ قويىدىغان گەپ. ئەمدى بىز بۇنى مۇنداق چۈشىنەيلى، بايا دەپ ئۆتتۈم، 92-يىلىدىن بۇرۇن مەن تېلىفونمۇ ئىشلىتىپ باقمىغان دەپ. ھازىر ھەممە بالىنىڭ قولىدا تېلىفون تۇرسا، مەن قوپۇپ سەندەك چىغىمدا تېلىفون دىگەننى ئۇقمايتىم بالام، شۇڭا سەنمۇ تېلىفون ئىشلەتمە دىسەم توغرا بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە بولمايدۇ. نىمىشقا بولمايدۇ؟ چۈنكى ھەممە ئادەمدە بار نەرسىدىن بالىڭىزنى سىز مەھرۇم قىلىپ قويسىڭىز، ئۇ سىزنىڭ گىپىڭىزنى ئاڭلايدۇ ئەمەس، كۆڭلىدە قارشى چىقىدۇ. ھەممە ئادەمنىڭ قولىدا تېلىفون تۇرسا، سىزدە بولمىسا دىمەك تۇرمۇشىڭىزغا قۇلايسىزلىق بولىدۇ، سىزنى خەق تاپالمايدۇ، سىزمۇ خەقنى تاپالمايسىز، بۇ مۇشۇنداقلا بىر ئاددى مەسىلە. بۇ ئاددى مەسىلىنى مەن قوپۇپ بالام، مەن تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان چىغىمدا تېلىفونمۇ ئۇرۇپ باقمىغان، تېلىفونۇممۇ يوقتى دەپ، تېلىفونىڭىزنى تارتىۋالسام بولامدۇ؟ بولمايدۇ.
ئىككىنچىسى، مەن چوڭ بولغان چاغدا بىز ئالتە بالا ئىدۇق، ئاكامنىڭ ئىشىپ قالغان كىيىملىرىنى مەن كىيەتتىم، ئۇنداق بولغاندىكىن بىز بۇ يەردە ھەممە ئىشنى تىجەشلىك بىر تەرەپ قىلاتتۇق. ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئويلاپ بىقىڭلار، يىزىلاردا بىر ئۆيدە ئىشىپ كەتسە تۆت بالا، بولمىسا ئۈچ بالا ياكى ئىككى بالا بار، ئۇنداق بولغاندىكىن يەنە كىلىپ نىفىتىنىڭ تۈرلەرگە ئايرىلىپ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىلىشى بىلەن ھەممە نەرسە نىلون بولۇپ كەتكەندىكىن ئەرزان بولۇپ كەتتى. ئۇنداق بولغاندىكىن بىر-بىرىنىڭكىنى كەيمەيدۇ. بالىلارنىڭ بىر-بىرىنىڭ كىيىمىنى كىيىشىدە مۇنداق بىر ياخشى تەرەپ بار، بىرى ئىقتىسادى جەھەتتىكى تىجەشلىك تەرىپى، يەنە بىرى بۇ يەردە بىر ھەمكارلىق پۇرسىتى بار، يەنى ئاكا ئۆز كىيىمىنى قانچە ئاياپ كەيسە، ئىنىسى شۇنچىلىك كىيەلەيدۇ، ئىنىسى قانچە ئاياپ كەيسە، ئۇنىڭ ئىنىسىمۇ كىيەلەيدۇ. بۇنداق بولغاندا بىر خىل ھەمكارلىق بار. بۇ ھەمكارلىق ئەينى ۋاقىتتا ياخشى رول ئوينىغان. ئەمدى ھازىر ئۇنداق ھەمكارلىق يوق. مەسىلەن ھازىر ئۇلار نىمە كەيسە ئۆزىنىڭ ئىشى، چۈنكى ئۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بار نەرسىلەر. دىمەك بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئالتە بالا ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقتىن ئۈچ بالا ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ئاجىز بولىدۇ. چۈنكى بىر نەرسىنى ئاياي دىسىمۇ، ھەممە ئادەمنىڭ قولىدا بار. مەسىلەن: مەن مانى يىرتىۋەتسەم، ئۇكام كەيمەيدۇ، تاشلىۋەتسەممۇ بولىدۇ. ئۇنداق بولغاندىكىن ئۇكام ئۈچۈن، ئاكام ئۈچۈن، سىڭلىم ئۈچۈن دىگەن نەرسىلەر ئازراق بولىدۇ. ئازراق بولغاندىكىن بالىلار بىر-بىرى بىلەن ئىچىكىپ كېتەلمەيدىغان، ھەمكارلاشمايدىغان بولىدۇ. بۇ ئەھۋال ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆزىگە غەلىتە كۆرۈنىدۇ، چۈنكى ئۇلار قانداق چوڭ بولغان؟ بىر ئۆيدە ئالتە بالا بارنى تەڭ كىيىپ، بارنى تەڭ يەپ چوڭ بولغان، ھازىرقى بالىلار ئۇنداق ئەمەس. ھازىرقى بالىلار بىز ياشىغان دەۋرىدا ياشىمايۋاتىدۇ، ئۇنداق بولغاندىكىن، ئۇلارنىڭ ھەم مانا كەيدىم، ياقتۇرمىسام تاشلىۋەتسەممۇ بولىدۇ، دەيدىغان ئاڭنىڭ شەكىللىنىشى دەل ئوخشىمىغان دەۋىرنىڭ مەھسۇلى. دەۋىر ئوخشىمىغانىكەن، بالىلارنىڭ كۆزقارىشىمۇ ئوخشىمايدۇ. يەنە بىرسى، بىز بۇرۇنقى بەش بالىلىق، ئالتە بالىلىق ياكى ئون بالىلىق ئائىلىلەردە چوڭ بولغان بالىلار قانداق بولىدۇ دىسە، بىر-بىرىگە يول قويىدىغان بولىدۇ، ئۇنىڭ ئاكىسى بولىدۇ، ئىنىسى بولىدۇ، ئاچىسى بولىدۇ، بىر-بىرىگە يول قويىدىغان بولىدۇ. ئەگەر بىر ئائىلدە بىر ياكى ئىككىلا بالا بولسا ياكى ئۈچ بالا بولسا، ئون بالا بولغانغا قارىغاندا بىر-بىرىگە يول قويۇشى ئاجىزراق بولىدۇ. ئۇنداق بولغاندىكىن بىز بۈگۈنكى بالىلارغا ئون بالا ياشاۋاتقان مۇھىتتىكى شارائىتتىكى 60-يىللارنىڭ تەلىۋىنى قويساق ياكى 80-يىللارنىڭ تەلىۋىنى قويساق بالىلار بۇنى قوبۇل قىلالمايدۇ.
ئوخشىمىغان دەۋىردىكى كىشىلەرنىڭ مەنىۋىي ئىھتىياجى مەنىۋىىي مەھسۇلاتلار بازىرىنىڭ قانداق شەكىلدە تەمىنىلىشى، يۈزلىنىشى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرادي. دېمەكچى پەرقلىق دەۋىردە كىشىلەرنىڭ ھوزۇرلىنىدىغان مەنىۋىي پائالىيەتلىرىمۇ پەرقلىنىدۇ. مەسىلەن ئۆتكەندە بىرسى ماڭا خەت يىزىپتۇ، مادى جېيىن ئۇيغۇرمۇ ياكى ئامرىكىلىقمۇ؟ دەپ. مەنچە بىر ئادەم ھەم ئۇيغۇر ھەم ئامېركىلىق بولسا تامامەن بولىدۇ. قىزىقسىنىپ بۇ نىمە گەپ دىسەم، ئامېرىكىدا ئاسىيا نەسىللىك مۇشۇنداق بىر ناخشىچى بار ئىكەن، بىر قىسىم بالىلار ئۇنى ئۇيغۇر دەپ قارايدىكەن. بۇنى 90-يىلىدىن كىيىن تۇغۇلغان بالىلار بىلىدىكەن. مەن پەقەت بىلمەيدىكەنمەن، مەن ئامرىكىدا ئوقۇغان تۇرۇپ ئامېرىكىدىكى ئۇ داڭلىق ناخشىچىنى بىلمەيدىكەنمەن، شۇنىڭ بىلەن مەن بىلمەيدىكەنمەن دىسەم، ۋاي سىز ئۇ داڭلىق ناخشىچىنى ئاڭلىمىغانمۇ؟ دەيدۇ، ۋاي تاڭەي. قاراڭلار مانا، مەنمۇ سىلەردىن پەرقلىنىدىكەنمەن. مەن ئامېرىكىدا ئاڭلاپمۇ باقمىغان ناخشىچىنى سىلەر ياخشى كۆرۈپ يۈرۈپسىلەر جۇڭگۇدا تۇرۇپ، مەن ئامرىكىدا تۇرۇپ بۇ ناخشىچىنى ئاڭلاپمۇ باقماپتىمەن. دىمەك، مەن نىمىشقا ئاڭلىمىغان دىسە، مىنىڭ ناخشا ئاڭلاپ ئولتۇرىدىغان ۋاقتىم يوق، ھەم مەن ئاڭلايدىغان ناخشىلار قايسى دىسە، ئابدۇرېھىم ئەخمىدىنىڭ، پەرىدە قاسىمنىڭ، ئايشەم قىيۇمنىڭ ناخشىلىرى دىگەندەك ناخشىلار، مۇقام ۋە خەلق ناخشىلىرى، ئەمدى ھازىرقى سىلەرنىڭ يىشىڭلاردىكى بالىلارغا قوپۇپ سەن نىمىشقا مۇقام ئاڭلىمايسەن؟ چارىگاھنى ئاڭلىمايسەن؟ پەنجىگاھنى ئاڭلىمايسەن؟ دىسە، بۇ بولمايدۇ. سىلەرمۇ مەندەك قىرىغاندا ئاڭلايسىلەر، بىزدەك بولغان چاغدا. (ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈلكە ساداسى)