كۈنىمىزدىكى تىراگېدىيەلەر – ئەلى شەرىيئاتى
قۇتلۇق بىلگە تەرجىمىسى
ئىنساننىڭ ئۆزىگە، ئەقلىگە، ئەركىنلىكىگە، يارىتىلىش قانۇنىيىتىگە، ئەركىن ئىرادىسىگە ياتىلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان زامانىۋى تىراگېدىيەلەرنى ئىككى نۇقتىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن:
بىرىنچىسى: ئىجتىمائىي تۈزۈملەر
ئىككىنچىسى: ئىدىيەۋى سىستېمىلار
ئوتتۇرىسىدا روشەن زىددىيەت باردەك كۆرىنىدىغان ۋە ئىنساننى تامامەن قورشىۋالغان ياكى بۇنىڭغا مەجبۇرلايدىغان ئىككى ئىجتىمائىي تۈزۈم ئۈستۈن بىر مېتافىزىكلىق مەخلۇق بولغان ئىنساننىڭ ئۇنتۇلۇپ كېتىش تىراگېدىيەسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
سوتسىيالىزىم ۋە كاپىتالىزىم ھەر ئىككىلىسى شەكىل جەھەتتىن پەرقلىقتەك كۆرۈنسىمۇ، بىراق ھەر ئىككىلىسى ئىنسانغا «ئىقتىسادىي ھايۋان» سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىدۇ. ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق قايسىنىڭ بۇ ئىقتىسادىي ھايۋاننىڭ ئېھتىياجلىرىنى قايسى خىل شەكىلدە قامدىسىا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدىغانلىقى ئۈسىتىدە روشەن گەۋدىلىنىدۇ. ئىقتىسادىزىم بېكوننىڭ تەبىرى بويىچە، «بىلىمنىڭ، ھەقىقەتنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، كۈچكە بېرىلىپ كەتكەن سانائەتلەشكەن كاپىستالىست غەرب جەمئىيەتلىرىنىڭ ئاساسلىق تۇرمۇش پەلسەپىسىدۇر». كۈنسىايىن ئېشىۋاتقان ماددىي ئېھتىياجلار ئىستېمال دائىرىسىنى سان، سۈپەت ۋە تۈر جەھەتتىن تىز سۈرئەتتە كېڭەيتىپ بارماقتا. مۇشۇنداق بولغاندا، ماددىي مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن غايەت زور ئىشلەپچىقىرىش ماشىنىلىرىدىن قانچلىك كۆپ نەرسە ئىشلەپچىقىرالىسا ئىنسانلار شۇنچىلىك دەرىجىدە ئىستېمالغا چوقۇنىدىغان مەخلۇقلار ھالىتىگە ئايلاندۇرۇلىدۇ. ئىنسانلارغا ھەر كۈنى ئاز-ئازدىن يۈك يۈكلىنىپ، ھەر نەرسىگە خۇمار بولىدىغان ئىستېمال «بەڭگىلىرى»گە ئۆزگەرتىش مەقسەت قىلىنىدۇ.
ئىنساننى ئىشلەش ئادىتى ۋە «خۇمىرى» دىن قۇتقۇزۇپ ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېكار ۋاقىت يارىتىپ بېرىشكە تىگىشلىك زامانىۋى ماشىنا ۋە تېخنولوگىيە مۆجىزىسىنىىڭمۇ ئىنسانغا كۆپ نەرسىنى قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى كېسىپ ئېيتقىلى بولمايدۇ. ھەر خىل ماددىي ئېھتىياجلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىدىكى سۈرئەت، ئىشلەپچىقىرىش تېخنولوگىيەسىنىڭ سۈرئىتىدىنمۇ تىز. ئىنسان مەجبۇرى تېڭلىغان ئادەمنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان بۇنداق مۇھىتتا تېخىمۇ مەھكۇم، تېخىمۇ بىچارە، ئۆزىگە تېخىمۇ ياتىلىشىپ بارىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، مەنىۋى قىممەت ئۆلچەملىرىنى، ئەخلاقىي گۈزەللىكلىرىنى جانلاندۇرۇش ۋە مۇقەددەس قابىليەتلىرىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن پۇرسەتكىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ، ھەتتا ماددىي ئىستېمال ئۈچۈن ئىشلەشكە ۋە ئىشلەش ئۈچۈن ئستېمالغا بېرىلىپ كېتىشى، ھەشەمەتلىك تۇرمۇش ۋە كۆڭۈل ئېچىشتا رېقابەتلىشىشى ئىنساننىڭ ئەنئەنىۋى قىممەت ئۆلچەملىرىنىمۇ يوق قىلىۋېتىدۇ.
ئىنساننىڭ ئەخلاقىي ھەرىكەت ئۆلچىمى، سوتسيالىست جەمئىيەتتىمۇ يۇقىرىدا قەيت قىلىنغىنىغا ئوخشاش. كۆپلىگەن زىيالىلار كاپىستالىست جەمئىيەت بىلەن سوتسيالىست جەمئىيەت ئارىسىدىكى سىياسىي زىتلىق، ئىقتىسادىي تۈزۈم ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن سوتسىيالىست جەمئىيەتلەرنىڭ پىسخىكا، تۇرمۇش پەلەسەپىسى ۋە ھۇمانىزىم نۇقتىسىدىن كاپىتالىست جەمئىيەتلەردىن پەرقلىق دەپ، قارايدۇ. بىراق، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى مۇئەييەن دەرىجىدە قولغا كەلتۈرگەن سوتسىيالىست جەمئىيەتلەر ئۆلچەم قىلىنغىنىدا، بۇلارنىڭ ئىجتىمائىي يۆنىلىش، ئىجتىمائىي پىسخىكا، شەخس مەركەزلىك دۇنيا قارىشى، تۇرمۇش پەلەسەپىسى ۋە كىشلىك ھەق ھوقۇقلىرى نۇقتىسىدىن غەرب بۇرژۇۋازىيەسىنىڭ ئىنسانلىرى بىلەن زور دەرىجىدە ئوخشاشلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. سوتسىيالىست جەمئىيەتلەردە ئىتتپاقداشلىق تۈزۈمى، ئوتتۇرا سىنىپ بۇرژۇۋازىيەسى ۋە لىبرالىزىم نامى ئاستىدا كۈنتەرتىپە كەلگەن نەرسىە ۋە سىمۋوللار، غەربلىكلەر يۈزلەنگەن نەرسىلەردىن ھېچقانداق پەرقى يوق. يالغۇز شەخسىي ھاياتتىلا ئەمەس، دۆلەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسىدىمۇ ئومۇملاشقان مودا، ھەشەمەتچىلىككە بېرىلىش سوتسىيالىست ۋە كاپىتالىست جەمئىيەتلەرنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ نىھايەت تارىخ بازىرىغا ئوخشاش تۈردىكى ئىنساننى تەقدىم قىلغانلىقىنىڭ ئىپادىسى،خالاس.
دېموكراتىيە ۋە غەرب لىبرالىزىمى پىكىر نۇقتىسىدىن مۇقەددەسلەشتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرىگە مۇناسىپ بىر روھ ۋە ئولجا مەيدانلىرىنىڭ تىز سۈرئەتتە كۆپىيىشى، ئىنساننىڭ ئىقتىسادىي نۇقتىدىن «ئستېمالچى ھايۋان» ھالىتىگە ئېلىپ كېلىنىشى ئۈچۈن ماھىيىتىدىن يىراقلىشىپ كېتىشىنى نىشان قىلغان، مەنپەئەت قوغلىشىدىغان ماددىي كۈچلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئۈچۈن يارىتىپ بېرىلگەن ئەركىنلىك ئىمكانىيەتلىرىنىڭ ئىپادىسىدۇر.
سوتسىيالىزىم دېگەن دۆلەت كاپىتالىزىمى، پورۇلىتارىيەت ھاكىمىيىتى دېگەن دۆلەت دېكتاتورلۇقى، بىر پارتىيە دېگەن پىكىر مۇستەبىتلىكى، دىئالىكتىك ماتىرىيالىزىم دېگەن پىكىرى خۇراپىلىق ۋە نىھايەت سوتسيالىزىمدىن كومىنىزىمغا يېتىش ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىش مولچىلىقىغا ئېرىشىش نامى ئاستىدا ئىقتىسادىزىم ۋە ماشىلىنىشىش ئاساسىغا يۆنىلىش…. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانغا «مۇقەددەس ئەركىنلىك ۋە ياراتقۇچى ئىرادە» سۈپىتىدە تەقدىم قىلىنغان ۋە ئىنساننى ئەخلاقىي قىممەت ئۆلچەملىرىن ئۇزاق ۋە زېرىكىشلىك تەشكىلات ئىچىدە ئىجتىمائىي ئوبىيكتىپ سۈپىتىدە شەكىللەندۈرۈلگەن قالدۇق پارچىلىرىدىن ئىبارەت. بۇ دەل ئىنساننىڭ ئۆزىگە سىياسىي ۋە پىكرى جەھەتتىن ياتىلىشىشنىڭ ئىپادىسى.
زامانىۋى تىراگېدىيەلەرنىڭ ئىككىنچى تۈرى ئىدىئولوگىيەلىك تىراگېدىيەلەردۇر.
رادىكال ھۇمانىزىمچىلار بولۇپ زامانىۋى بىلىملەرگە تايىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بارلىق يېڭى ئىدىئولوگىيەلەر، ئىنساننى ئۈستۈن مەخلۇق سۈپىتىدە كۆرمەيدۇ.
تارىخچىلىق تارىخنى ئۆز يۆنىلىشىدە تارىخىي ھەرىكەتنىڭ مۇقەررەرلىك قانۇنىيەتلەرگە ئاساسەن ئىنسان ئىسىملىك ئۇنسۇرلار يارىتىپ چىققان ماتىرىيالىست بىر مۇقەررەرچىلىك ئېقىمى سۈپىتىدە كۆرىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، تارىخچىلىق ئىنساننى يارامسىز دەپ قارايدىغان ماتىرىيالىست مۇقەررەرچىلىك بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
تەبىئەت قانۇنىيەتلىرىنىڭ ئۈستۈنلۈكى، دەپ ئىزاھلىنىپ كېلىۋاتقان بىئولوگىيەزىم، ئىنساننى ھايۋان سۈپىتىدە كۆرىدۇ ۋە جانلىقنى تەدرىجىي تەرەققىيات زەنجىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھالقىسى، دەپ قارايدۇ. تەبئىي خۇسۇسىيەتلەرگە ئوخشاش ئۇنىڭ بارلىق ئالاھىدىلىكلىرى ۋە مەنىۋى ئىپادىلىرى خاراكتېرىنىڭ تەقەززارسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ ئەڭ «ئۈستۈن بىلىم» ئىكەنلىكىگە ئىشنىدىغان سوتسىيالىزىم، ئىنساننى ئىجتىمائىي مۇھىت ئېتىزلىقىدا يېتىشىپ چىققان ئۆسۈملۈك سۈپىتىدە كۆرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ «ئۆسۈملۈكنىڭ» سۇ، تۇپراق ۋە ھاۋاغا ئېھتىياجى بار. «ئۆسۈملۈكنىڭ» ئۆزگىرىشى ئىنساننىڭ كۈچىدىن ھالقىپ كەتكەن، ئىنسانغا ۋە قۇرۇلمىسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىلمىي قانۇنىيەتلەرگە ئاساسەن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.
يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان ئىزىملارغا ئىنساننى ماددىي ئوبىيكتىپ، تەبىئىي جانلىق ياكى بىئولوگىيەلىك مەخلۇق سۈپىتىدە كۆرىدىغان ماتىرىيالىزىم ۋە ناتۇرالىزىمنىمۇ ئىلاۋە قىلساق، زامانىمىزدىكى ئىدىيەۋى تىراگېدىيەلەر بارلىققا كەلتۈرگەن بىر مەنزىرىگە دۇچ كېلىمىز.
كۈنىمىزدە ماركىسىزىمنىڭ تەسىرى بەكلا ئاجىز ھالەتتە تۇرىۋاتىدۇ. ماركىس بىر تەرەپتىن ئىنساننى «ماددى دۇنيانىڭ چەمبىرىكى ئىچىدىكى بىر ئۇنسۇر» ھېسابلايدىغان ماتىرىيالىست شەخس سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقارغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن دارۋىننىڭ ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلغاندىن كېيىن ئېنگىلىسقا يازغان بىر خېتىدە دارۋىننىڭ قارىشىنى ئۆزىنىڭ تارىخ پەلەسەپىسىنىڭ بىئولوگىيەلىك ئاساسى سۈپىتىدە قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ماركس رادىكال جەمئىيەتشۇناس بولۇپ، جەمئىيەتنى ھۇمانىزىم ۋە ناتۇرالىزىمدىن مۇستەقىل بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. جەمئىيەتنى ئۈست قۇرۇلما ۋە ئاستى قۇرۇلما دەپ ئايرىيدۇ. ماركسنىڭ قارىشىچە، ئاستى قۇرۇلما ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىش شەكلى بولغان بولسا، ئۈست قۇرۇلما كۈلتۈر، ئەخلاق، ئەدەبىيات، سەنئەت ۋە ئىدىئولوگىيەدىن ئىبارەت. ماركىس ئىنساننى بۇ ئۇنسۇرلارنىڭ يىغىندىسىن ئىبارەت بولغان بىر ئۈست قۇرۇلما سۈپىتىدە تونۇشتۇرىدۇ. نەتىجىدە، ئىنسان ماددىي ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنىڭ مەھسۇلاتى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ماركسزىمنىڭ قارىشچە ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنى «ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرى» بەلگىلەيدىغانلىقى ئۈچۈن، ئىنساننىڭ ئۈستۈنلۈكى ئىشلەپچىقىرش ۋاستىلىرىنىڭ ئۈستۈنلۈكى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. يەنى ئىنسان ئادەمنىڭ ئەمەس، ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىنىڭ پەرزەنتىدۇر.
دىئالىكتىكىنىڭ ماتىرىيالىزىمغا باغلىنىشى بىلەن بىرلىكتە، ئىنساننىڭ بېشىغا «بۆھتان» تاجى كىيگۈزۈلۈپلا قالماستىن، «ماددى قارارچىلىق»نىمۇ ئىنساننىڭ تارىخىي تەقدىرىگە ھۆكۈمران ئورۇنغا ئېلىپ كەلگەن ئىدى. بۇ ئىنسان ھەرىكىتىنىڭ پۇت-قولىغا سېلىنغان كىشەندىن ئىبارەت. ئەمەلىيەتتە، ئىنساننى ئۆتمۈشتە خۇراپى مەزھەپلەرنىڭ جەمئىيەتتە كۈچلۈكلەرگە باغلىق بولغان پەلەسەپە ۋە كالامچىلارنىڭ ئىنسانغا سىزىپ بەرگەن تەقدىر قۇدۇقىغا ئىتتىرۋېتىشتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس.
بۇ ئوخشاش كىشەندىن ئىبارەت، خالاس. بىراق بىر ئۇچچى ئاسمانغا، يەنە بىر ئۇچچى يەرگە باغلانغاندۇر. بۇنى ماتىرىيالىزىملىق تەقدىرچىلىق دېسەك ھەرگىزمۇ خاتالشمىغان بولىمىز. ھازىر ئىنساننى قورشاۋغا ئېلىۋالغان تىراگېدىيەلەر بولسا كاپىتالىزىم ۋە سوتسىيالىزىمنىڭ پەسلىكى، ماركىسزىمنىڭ تۇرغۇنلىقى، دېموكراتىيەنىڭ نىسبىيلىكى ۋە يالغانلىقى، مەۋجۇدتىيەتچىلەرنىڭ بىمەنلىكى قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلارغا خېلى كۆپ ئىزىملارنىمۇ قوشالايمىز.