ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدا ياتلىشىش بايانى
مەتتۇرسۇن ئېلى
ئۇيغۇر يېڭى پىروزىچىلىرى ئۆز ئەسەرلىرىدە ئەنئەنىۋى مەنىدىكى رېئالىستىك پىروزا ئەسەرلىرىدىن كەسكىن پەرقلىنىدىغان يېڭىچە تېما يۈزلىنىشلىرىنى ۋە باش تېما ئېيتىملىرىنى نامايان قىلدى. بىز بۇ ئەسەرلەردىن يېڭى پىروزىچىلارنىڭ پىروزا ئەسەرلىرىنى ئادەتتىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي مەنپەئەت توقۇنۇشلىرىنىڭ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان كونىلىق بىلەن يېڭىلىق، ئىلغارلىق بىلەن قالاقلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەرنىڭ ئاددىي خاتىرىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇشتىن ئاڭلىق ساقلىنىپ، خاسلىققا ۋە ئۆزگىچىلىككە ئىگە تېما يۈزلىنىشلىرى ۋە باش تېما ئېيتىملىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈپ يېتىمىز، ياتلىشىش بايانى ئەنە شۇنداق يېڭى تېما يۈزلىنىشلىرىنىڭ بىرى.
ئۇيغۇر يېڭى پىروزىچىلىقىدىكى ياتلىشىش بايانى ھەققىدە توختىلىشتىن بۇرۇن بىز گەپنى “ياتلىشىش”نىڭ نېمىلىكىدىن باشلايلى. “ياتلىشىش” ئەسلىدە پەلسەپىۋى ئۇقۇم بولۇپ، تارىختا نۇرغۇن پەيلاسوپلار ئوخشاش بولمىغان نۇقتىلاردىن ياتلىشىش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىشقان. ماركس ياتلىشىش مەسىلىسىنى ئىجادىي ھالدا سىياسىي، ئىقتىساد ساھەسىگە ئېلىپ كىرگەن ۋە “ياتلاشقان ئەمگەك” ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ ئۇقۇم تۆۋەندىكى تۆت خىل مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان: بىرىنچى، “نەرسىنىڭ ياتلىشىشى”؛ ئىككىنچى، “ئۆزلۈكنىڭ ياتلىشىشى”؛ ئۈچىنچى، “تۈر ماھىيىتىدىن ياتلىشىش”؛ تۆتىنچى، “ئادەمنىڭ ئادەمدىن ياتلىشىشى”. ماركس “1844- يىلىدىكى ئىقتىسادشۇناسلىق – پەلسەپە قول يازمىلىرى” ناملىق ئەسىرىدە “ياتلىشىش نەرسىنىڭ ئادەمگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشى، ئۆلۈك ئەمگەكنىڭ تىرىك ئەمگەككە ھۆكۈمرانلىق قىلىشى، مەھسۇلاتنىڭ ئىشلەپ چىقارغۇچىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىدىن ئىبارەت”، “بارلىق ھوقۇققا، نام – ئاتاققا، پۇلغا، ساھىبجاماللارغا چوقۇنۇش ۋە بېرىلىشلەرنىڭ ھەممىسى ئاخىرقى ھېسابتا >نەرسەمېنى تۇغ< دېمىگەندىكىن ئۆزىنىڭ ئىشى…” دەپ قارايدۇ . ئۇ بولغۇسى قېيىنئانىسىنىمۇ ئۆزى بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق بىر خوتۇن دەپ قارايدۇ ۋە ئۇنىڭ ئۆيىدە ھاراق ئەكەلدۈرۈپ، بولغۇسى قېيىنئانىسى ۋە قېيىنئاكىسى بىلەن بىللە بولدى دېگۈچە ھاراق ئىچىشىدۇ. ئاپتور بۇ ئوبراز ئارقىلىق چەت ئەل مەدەنىيىتىنىڭ زەربىسى ۋە ئاينىتىشى )يازغۇچى بۇنى شۇ كۈنلەردە مودا بولغان چوپان چاپىنى ۋە ئىشتىنى، “كېنت” تاماكىسى ئارقىلىق ئىپادىلىگەن( نەتىجىسىدە ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ۋە مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى ئۇنتۇپ كېتىشتىن ئىبارەت ياتلىشىش ھادىسىسىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ئاپتور يەنە شوپۇرنىڭ كۆزىدىن ئىنسانىي قەدىر – قىممىتى ۋە غۇرۇرىنى يوقىتىپ، ئىتائەتچان قۇلغا ئايلىنىپ كەتكەن ئانا – بالىنىڭ )ئەلەس يىگىتنىڭ بولغۇسى قېيىنئانىسى ۋە قېيىنئاكىسىنىڭ( بىر – بىرى بىلەن بوغۇشۇپ ئۇرۇشۇپ كېتىشلىرىنى، ئەلەس يىگىتنىڭ ئۇ ئىككىسىنى دەسسەپ – چەيلەشلىرىنى يازىدۇ. قۇرئەنداز قىزنىڭ ئاغزىدىن سول ياندىكى ئۆيدىكى كىشىلەرنىڭ سەزمەس كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، تەم – پۇراقنى، ئىسسىق – سوغۇقنى، قورساق ئاچقاننى سەزمەس بولۇپ كەتكەنلىكىنى؛ يەنە بىر ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭلا تونۇماسلىق، ئۇنۇتقاقلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلقى، ئۇ ئۆيدىكى بالىلارنىڭ كۆز ئالدىدىكى ئايالنىڭ ئۆز ئانىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇ ئايالنىڭمۇ كۆز ئالدىدىكى بالىلارنىڭ ئۆز بالىلىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى، كىمنىڭ نەسلى ۋە كىمنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدىغانلىقى، “ئۇلاردا قىلچىلىكمۇ قانداشلىق كۆز قارىشى، قېرىنداشلىق مېھىر – مۇھەببىتى، ئانا – بالىلىق رىشتىسى دېگەن نەرسىلەر زادىلا مەۋجۇت ئەمەس” ئىكەنلىكى قاتارلىقلارنى بايان قىلىدۇ. مانا بۇلار تولىمۇ ئېچىنىشلىق ياتلىشىش كارتىنىسى. بىز ئۇنىڭدىن بەزىلەرنىڭ ئېڭىنى چىرمىۋالغان مەنىۋى قۇلچىلىقنى، ئاڭ – تەپەككۇر ۋە ئىنكاس پالەچلىكىنى، ئىنسانىي قەدىر – قىممەت ۋە قېرىنداشلىق مېھىر – مۇھەببىتىنىڭ يوقىلىشىنى، گۈزەل ئەنئەنىلەرنىڭ ئۇنتۇلۇشىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىمىز. يازغۇچىنىڭ بەدىئىي غايىسى يۇقىرىقى تەقدىر – قىسمەتكە دۇچار بولغان كىشىلەرنى قۇتقۇزۇش بولغىنى ئۈچۈن، بۇ ئۈچ ئائىلە كىشىلىرى )ئەلەس يىگىت بۇنىڭ سىرتىدا( دۇچ كەلگەن ياتلىشىش ھادىسىسىنى جىنكەش باخشىنىڭ سۇيىقەستىگە جورۇپ، باخشىنى يوقىتىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئەسلىگە قايتۇرۇپ، ياتلىشىشقا خاتىمە بېرىدۇ.
“ئىزدەش” مۇھەممەد باغراشنىڭ ئېتنىك ياتلىشىش تېمىسىدىكى يەنە بىر ئەسىرى. بۇ ھېكايىدە ئاپتور “مەن”نىڭ ئۆيىگە، ھەتتا پۈتۈن بىر قورۇغا ھېچكىشىنىڭ ھېيتلاپ كەلمىگەنلىكى، “مەن” ھېيتلاشقا چىققان بولسىمۇ، بىراق نەگە بېرىشىنى بىلمىگەنلىكى، ئاغىنىلىرىنىڭ ئۆيلىرىنى بولسا تاپالمىغانلىقى قاتارلىقلارنى يېزىش ئارقىلىق بەزى كىشىلەردىكى ياتلىشىشنىڭ ھەتتا ئەنئەنىۋى ئۆرپ – ئادەتلەرنىمۇ ئۇنتۇش دەرىجىسىگە بارغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. ئەسەردىكى “مەن” ئەلۋەتتە ھېيت كۈنىنى، ھېيت كۈنىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيتلىشىش ئادىتىنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالمىدى. بىراق ئۇنىڭ ئۆيىگىمۇ، ئۇ تۇرۇۋاتقان قورۇغىمۇ ھېچكىم ھېيتلاپ كەلمىدى. دېمەك بىر قىسىم كىشىلەر ھېيتنىمۇ، ھېيتلاش ئادىتىنىمۇ ئۇنتۇدى. بۇ ئەمەلىيەتتە مىللىي ئۆرپ – ئادەتنى، ئەنئەنىنى ئۇنتۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى.
“بۆشۈك” توختى ئايۇپنىڭ ياتلىشىش تېما قىلىنغان ئەسىرى. ھېكايىدە ئاپتور بۆشۈك، بوۋايدىن ئىبارەت سىمۋوللۇق ئوبرازلار ۋە تېنىگەن يىگىت ئوبرازى ئارقىلىق مىللىي ئەنئەنىدىن چەتنەش، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئۇنتۇشتىن ئىبارەت بىر خىل ياتلىشىش ھادىسىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. ئەسەرنىڭ باش تېمىسى تۇغۇلغۇسى ئوغلىغا بۆشۈك ئېلىشنى رەت قىلغان يىگىت بىلەن بوۋاينىڭ دىيالوگى ۋە بوۋاينىڭ ئوي – خىيالى ھەمدە ھامىلىنىڭ تۇغۇلۇشنى خالىماسلىقى قاتارلىقلار ئارقىلىق ئېچىپ بېرىلگەن. ھېكايىدىكى يىگىت پۇل ۋە ماددىي مەنپەئەتنى ئىنسان ۋۇجۇدىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى دەپ قارايدىغان ئېتىقادنى كىشەن ۋە بويۇنتۇرۇق دەپ ھېسابلايدىغان، “بىز تەڭرى، بۆشۈك ۋە ئەللەي ناخشىسى دېگەنلەرنى خۇددى ئۆيىمىزدىن ئەخلەتنى سۈپۈرگەندەك سۈپۈرۈپ تاشلايمىز” دەپ جار سالىدىغان، ئەجدادىنى، ئاتا – ئانىسىنى قىلچە كۆزگە ئىلمايدىغان بىر ئازغۇن. ئۇ “بىزنىڭ كاللىمىز مۇشۇنداق بۆشۈكتە تولا چايقىلىپ، مېڭىمىز سېسىق تۇخۇمدەك قوچۇلۇپ كەتكەن. شۇڭا بىز دۆت، تەلۋە، مېڭىمىز ئاددىي… مەن بالامنىڭ كەلگۈسىدە بۇنداق ئادەملەردىن بولۇپ قېلىشىنى خالىمايمەن” بوۋاي بىكارغا بېرەي دېگەن بۆشۈكنىمۇ قوبۇل قىلمايدۇ. بوۋاينىڭ سۆزى بويىچە، بۆشۈك “روھ بىلەن شىجائەت ۋە ئېتىقادنىڭ يۇغۇرۇلمىسى…” بولۇپ، يىگىتنىڭ بۆشۈكنى قوبۇل قىلماسلىقى ئەمەلىيەتتە ئادەم ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر بولغان، ئىنساننى ھايۋاندىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان مۇقەددەس ۋە خىسلەتلىك نەرسىلەرنى، جۈملىدىن ئادىمىيلىكنى رەت قىلىشى ئىدى. بۇ يىگىتمۇ بوۋاي تۇرۇۋاتقان شەھەردە كۈندىن – كۈنگە كۆپىيىپ كېتىۋاتقان “ئۆز يۇرتىدىن، ئۇرۇق – پۇشتىدىن تانغۇچىلار – تېنىگەنلەر”نىڭ بىرى بولۇپ، بوۋاينىڭ قارىشىچە ئۇلارنىڭ “ۋۇجۇدىدا ئىنسانلارغا خاس بولغان مېھىر – ۋاپا، ئەقىل – پەزىلەت، مۇھەببەت – نەپرەت ۋە بۇرچ تۇيغۇسى دېگەنلەر تېپىلمايتتى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئادەم ياكى ئادەم ئەمەسلىكىنى، ئەر ياكى ئاياللىقىنى، ئىسمىنىڭ نېمىلىكىنى، نەدە تۇغۇلۇپ، نەدە ئۆسكەنلىكىنى بىلمەيتتى. ئاتا – ئانىسىنى، قېرىنداشلىرىنى تونۇمايتتى…” يازغۇچى يىگىتنىڭ سۆزلىرى ۋە بوۋاينىڭ كۆز قاراش – مۇلاھىزىلىرى ئارقىلىق يىگىت ۋەكىللىكىدىكى بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئەجدادلارنىڭ گۈزەل پەزىلەتلىرىدىن، ئەنئەنىلىرىدىن يۈز ئۆرۈشتىن ئىبارەت ياتلىشىش ھادىسىسىنى قاتتىق پاش قىلىدۇ. ئاپتور ئەسەردىكى تۇغۇلۇش قەرەلىدىن ئالتە ئاي ئېشىپ كېتىپمۇ يەنە ئەجداد ئەنئەنىسىدىن چەتنىگەنلەرنىڭ بىرى بولغان دادىسىغا نەپرەتلىنىپ، ئۆزىنىڭمۇ دادىسىدەك تېنىگەن بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن تۇغۇلۇشنى خالىمايۋاتقان ھامىلە بىلەن دوختۇر ئايالنىڭ دىيالوگى ئارقىلىق دوختۇر ئايالنىڭمۇ دادىسىغا ئوخشاشلا تېنىگەن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ، يازغۇچنىڭ ئەنئەنىدىن چەتنەش، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئۇنتۇشتەك ياتلىشىشنى بىر ئەۋلاد ئومۇميۈزلۈك يۇقتۇرۇۋالغان ئەجەللىك مەنىۋى ئىللەت دەپ قارىغانلىقى ئىدى. ئەسەر ئاخىرىدا يازغۇچى تېنىگەن يىگىتنىڭ ئەسلىگە قايتىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ئەسلىگە قايتىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ چۈشىدە بوۋاي ياسىغان بۆشۈكلەردىن بىرىدە ئۆزى، يەنە بىرىدە بالىسى يېتىپ ئانىسى بىلەن خوتۇنى بىرلىكتە ئېيتىۋاتقان ئەللەي ناخشىسىنى ئاڭلاۋاتقانلىقىنى يېزىش ئارقىلىق تېنىگەنلەرنى ياتلىشىش كىرىزىسىدىن قۇتقۇزۇش غايىسىنى ۋە ئارزۇسىنى ئىپادىلەيدۇ.
3. ياتلىشىش −− نەرسىنىڭ قۇلىغا ئايلىنىش
بىز باشتا دەپ ئۆتكەندەك، جەمئىيەتتە پۇلپەرەسلىكنىڭ باش كۆتۈرۈشى كىشىلەرنى مەنپەئەتپەرەسلەشتۈرۈۋەتتى. پۇل ۋە ماددىي مەئىشەت بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ھايات پائالىيىتىنىڭ بىردىنبىر مەزمۇنىغا ئايلىنىپ قالدى. كىشىلەر نەزىرىدە پۇلنىڭ مۇھىم ئورۇنغا ئۆتۈشى جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم كىشىلەرنى پۇلدىن ئىبارەت بۇ نەرسىنىڭ قۇلىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پۇلنى دەپ ئادىمىيلىكنى تەرك ئەتتى، گۈزەل ئىنسانىي پەزىلەتلەردىن ۋاز كەچتى. پۇلپەرەسلىكتىن ئىبارەت نەرسىگە قۇل بولۇش، پۇلغا چوقۇنۇش پىسخىكىسى ئۇلارنى ۋۇجۇدىدىكى ئىنسانىي قەدىر – قىممەت ۋە غۇرۇردىن، مۇقەددەس ئېتىقاد، يۈكسەك ئەقىدىلەردىن، ئالىيجاناب خىسلەتلەردىن بىراقلا مەھرۇم قىلىپ قويدى. نەتىجىدە ئۇلار بىر خىل مەنىۋى ۋاكۇئۇملۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولدى. بۇ خىل كىشىلەرنىڭ كۆپ قىسمى پۇل تېپىش ماشىنىسىغا ياكى پۇلخۇمار ھايۋانغا ئايلىنىپ كەتتى. مانا بۇ ئىنساننىڭ نەرسىنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قېلىپ ئەنئەنىۋى گۈزەل مىللىي ئۆرپ – ئادەتلىرىدىن، ئادىمىيلىك پەزىلىتىدىن ياتلىشىشى ئىدى. مۇھەممەد باغراشنىڭ قەلىمىدىكى چۈنچىباي ۋە كامالىدىنلارنى پۇلدىن ئىبارەت بۇ نەرسىنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ ئىنسانىي ماھىيىتىدىن ياتلاشقان پۇلپەرەسلەر دېيىشكە بولىدۇ. “ئاپپاق ئېچىلغان سۆگەت گۈلى”دىكى چۈنچىباي “پۇل تېپىش ئۈچۈن ھەممىدىن ۋاز كەچكەن، پۇل تاپىمەن دەپ ھەممىدىن مەھرۇم بولغان.” ئۇ “كېچە – كۈندۈز پۇل ۋەسۋەسىسىدە ئۇخلىيالمايدۇ، لېكىن پۇل تاپالمايدۇ. شۇنداقتىمۇ پۇل تېپىش ئارزۇسىدىن ۋاز كېچەلمەيدۇ، مۇشۇ ئىزتىراپ ئىچىدە قىينىلىدۇ، پۇچىلىنىدۇ، ئۆرتىنىدۇ… ئۇنىڭ يۈرىكىدە ئەمدى لاۋۇلدايدىغىنى پۇلنىڭ ئوتى بولۇپ قالىدۇ.” ئۇنىڭ يۈرىكى پۇل ئۈچۈنلا سوقىدۇ، ئۆزى پۇلدىن باشقا ھېچقانداق نەرسىگە قىزىقمايدۇ. ئۇ توي – تۆكۈن، ئۆلۈم – يېتىم، نەزىرلەرگە زادىلا بارمايدۇ، ئەل – جامائەت بىلەن باردى – كەلدى قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ بېشىغا نېمە كۈنلەر كېلىۋاتىدۇ، يۇرت ۋە مەھەللىدە نېمە ئىشلار بولۇۋاتىدۇ دېگەنلەرگە قىلچە قىزىقمايدۇ. ئوغلىنىڭ ئارزۇ – ئارمانلىرى بىلەن زادىلا ھېسابلاشمايدۇ. پۇل ۋەسۋەسىسى ئۇنى ئادەمگەرچىلىك قائىدە – يوسۇنلىرىدىن، ئادىمىي پەزىلەتلەردىن، ئاتىلىق بۇرچ ۋە مەجبۇرىيەتتىن ئۈزۈل – كېسىل مەھرۇم قىلىدۇ. ھەممىنى تەرك ئېتىپ سېپى ئۆزىدىن پۇل تېپىش ماشىنىسىغا ئايلانغان چۈنچىباي ئاخىرىدا ئەجداد روھىنىڭ، پاكلىق ۋە مۇقەددەسلىكنىڭ، ھەقىقىي ئىنسانىي پەزىلەتلەرنىڭ سىمۋولى بولغان ئوغلىدىن، ئەجداد روھىنى ئەۋلاد ۋۇجۇدىغا كۆچۈرگۈچى ۋاسىتە بولغان خوتۇنىدىن ئايرىلىپ، روھىي جەھەتتە پۈتۈنلەي ھالاك بولىدۇ. مانا بۇ يازغۇچى تەكىتلىمەكچى بولغان ئاقىۋەت −− نەرسىنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ، ئىنسانىي ماھىيەتنى ۋە ئادىمىي خىسلەتنى يوقىتىشتىن ئىبارەت ياتلىشىشنىڭ مۇقەررەر ئاقىۋىتى بولسا كېرەك.
“كەلكۈن”دىكى كامالىدىنمۇ پۇلنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ كەتكەن، ۋۇجۇدىدىكى ئېسىل ئىنسانىي پەزىلەتلەرنى پۈتۈنلەي تەرك ئەتكەن بىر ئازغۇن. ئۇ ئازراق پۇللۇق بولغاندىن كېيىنلا ئەسلىي ماھىيىتىدىن ياتلىشىپ، ئەنئەنىۋى مىللىي قىممەت قاراشلىرى ۋە ئىشەنچ – ئېتىقادلاردىن يۈز ئۆرۈيدۇ. ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان قائىدە – يوسۇنلارنى، ئاتا – بوۋىسىنى ئۇنتۇماسلىق، شۈكۈر – قانائەت، ئىنسابنى ئۇنتۇماسلىق توغرىسىدىكى دەۋەت – دالالەتلەرنى يالاڭتۆشلەر پەلسەپىسى دەپ قارايدۇ. تەقۋادار مۇسۇلمانلىق يولىنى تۇتۇپ ياشاۋاتقان، ماددىي جەھەتتە نامرات بولسىمۇ، ئەمما گۈزەل ئىنسانىي پەزىلەتلەرنى ئۆزىگە يار تۇتۇپ، شۇ ئارقىلىق مەنىۋىيىتىنى بېيىتقان دادىسى قاتارلىق يۇرت جامائىتىنى ئەخمەق – ھاماقەتلەر، ياشاشنى بىلمەيدىغانلار، تىرىكچىلىك يولىدا جان تالىشىۋاتقانلار دەپ كەمسىتىدۇ. بۇ ئۇنىڭ مەنىۋى كىرىزىسىنىڭ باشلىنىشى ئىدى. ھاراقكەشلىك ۋە قىمارۋازلىق ئۇنىڭ مەنىۋى پاجىئەسىنى تېزلىتىدۇ، پۇلپەرەسلىك ئۇنىڭ ئېڭىدىكى ئىنسانىي پەزىلەت چۈشەنچىلىرىنى، ئىشەنچ – ئېتىقادلارنى، ئەجداد ئەنئەنىسىنى ۋە قائىدە – يوسۇنلىرىنى پاك – پاكىز يۇيۇپ تاشلايدۇ. ئاخىرقى ھېسابتا ئۇ مەنىۋى جەھەتتە پۈتۈنلەي ۋاكۇئۇم ھالەتكە كىرىدۇ ۋە سېپى ئۆزىدىن پۇلخۇمار مەخلۇققا ئايلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ جەزخورنىڭ “خوتۇنۇڭنىڭ چېچىنى كېسىپ كەلسەڭ پۇل بېرىمەن” دېگەن گېپىگە ئىشىنىپ خوتۇنىنىڭ ھەم ئۇزۇن، ھەم توم ئىككى تال ئۆرۈم چېچىنى كېسىپ كېلىدۇ ۋە “سەن بۇنى ئاز كۆرسەڭ دادامنىڭ ساقىلىنىمۇ كېسىپ كېلىمەن. دادامنىڭ ساقىلىنى ئالامسەن؟ ئاپپاق، ئۇزۇن، پاكىز. پۇللا بەرسەڭ ھازىرلا كېسىپ كېلىمەن” دەيدۇ. پۇلنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ ئىنسانغا خاس ئاڭ – تەپەككۇردىن، ئىنسانىي غۇرۇرىدىن، ئادىمىيلىكتىن مەھرۇم قالغان بۇ ئازغۇننى ۋاقىتسىز كەلگەن كەلكۈن ھادىنىڭ ئاشپۇزۇلىدىكى بارلىق قىمارۋاز – ھاراقكەشلەر بىلەن قوشۇپ سۈپۈرۈپ كېتىدۇ. شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، توغرا يول بىلەن ھالال پۇل تېپىپ بەختلىك ياشاش، تاپقان پۇللىرىنى ئۇلۇغۋار غايە – نىشانلار ئۈچۈن سەرپ قىلىش ۋە ساۋابلىق ئىشلارغا ئىشلىتىش، پۇل ئارقىلىق ئالىيجاناب پەزىلەتنى، قان – قېرىنداشلىق مېھىر – مۇھەببىتىنى نامايان قىلىش، ماختاش – مەدھىيەلەشكە تېگىشلىك ياخشى ئىش. ئەمما پۇلنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ ئىنسانىي پەزىلەتلەرنى تەرك ئېتىش، ئەجداد ئەنئەنىسىدىن يۈز ئۆرۈش كەچۈرگۈسىز گۇناھلىق ئىش. مۇھەممەد باغراش ھەر ئىككىلا ئەسىرىدە مانا مۇشۇ نۇقتىدىن چىقىپ، نەرسىنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ ئىنسانىي خىسلەتلەردىن ياتلىشىپ كېتىش قىلمىشىنى ۋە ئۇنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
4. ياتلىشىش −− ئائىلىۋى مۇناسىۋەتتىكى سوغۇقچىلىق
بۇ خالىدە ئىسرائىل قەلىمىدىكى “ئوربىتا” ۋە “ھاڭغىت كۆلى”دە ئىپادىلەنگەن ياتلىشىش بايانىدىن ئىبارەت. بۇ ئىككىلا ئەسەردە يازغۇچى فېمىنىزملىق مەۋقەدە بۈگۈنكى جەمئىيەتتىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى دۇچ كەلگەن مەنىۋى ئازاب ۋە خورلۇقلارنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن ھەمدە ئائىلىۋى مۇناسىۋەتتىكى سوغۇقچىلىق، ئاياللارنىڭ غېرىبسىنىش، گاڭگىراش، يار – يۆلەكسىزلىك، ئەركىنلىكتىن مەھرۇملۇق، مۇھەببەتكە، چۈشىنىشكە تەشنالىق قاتارلىق تۇيغۇلىرىنى يۈكسەك بەدىئىي ماھارەت بىلەپ ئىپادىلەپ بەرگەن بولسىمۇ، بىراق ئائىلىۋى مۇناسىۋەتتىكى ياتلىشىش “ئوربىتا”دا تېخىمۇ گەۋدىلىك ۋە كەڭ دائىرىلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئەسەردىكى ياتلىشىش مەسىلىلىرى خېلى كۆپ تەرەپلەرگە چېتىلسىمۇ، بىراق ئومۇمىي جەھەتتىن ئەر – خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتتىكى ياتلىشىش ۋە ئاتا – ئانا بىلەن پەرزەنتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ياتلىشىشتىن ئىبارەت ئىككى نۇقتىغا يىغىشقا بولىدۇ.
“ئوربىتا” ئاپتورنىڭ ئاسىيەنىڭ ئاڭ پائالىيەتلىرى ۋە پىسخىك كەچۈرمىشلىرىنى ئىپادىلەش ئارقىلىق ئۇنىڭ مەنىۋى ئازابلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن ئەسىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاسىيە بىلەن ئېرى ئابلېكىم ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت – توقۇنۇش، سوغۇقچىلىق ۋە ئۆچمەنلىك ھەققىدىكى بايانلار ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. مەزمۇن جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئەسەرنى باش پېرسوناژ ئاسىيەنىڭ مەنىۋى ئازابلىرىنىڭ خاتىرىسى دېيىشكە بولىدۇ. ئاسىيە ئىسكەندەرگە مەيلى بار تۇرۇقلۇق، ئۆزىنىڭ يېقىن دوستى ماھىنۇر بىلەن قىزغىن مۇھەببەتلەشكەن، بىراق مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن توي قىلالماي قالغان ئابلېكىم بىلەن توي قىلىدۇ. ئاسىيە ئەسلىدە ماھىنۇردىن ئايرىلىپ قېلىپ يالغۇزلۇق، غېرىبلىق دەردىدە ئۆرتىنىۋاتقان ئابلېكىمنى ئۆز ياشلىقى ۋە مۇھەببىتى بىلەن بەختلىك قىلىشنى، ئۇنىڭ دەردلىك قەلبىگە مەلھەم بولۇشنى ئارزۇ قىلغانىدى. بىراق تويدىن كېيىن ئاسىيەنىڭ كۈنلىرى جىسمانىي ۋە مەنىۋى ئازاب – خورلۇق ئىچىدە ئۆتىدۇ. ئابلېكىم ئاسىيەنى خالىسا جىنسىي ئىستەكلىرىنى قاندۇرىدىغان قورال قىلىدۇ، خالىسا زالىملىق قىلىپ، ئەرلىك ئىمتىيازىنى يۈرگۈزىدىغان ئوبيېكتقا ئايلاندۇرىدۇ. ئۇلار ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئەمەلىيەتتە بۈگۈنكى جەمئىيەتتىكى ياتلاشقان ئەر – خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىن ئەر – خوتۇنلۇق مېھىر – مۇھەببەتنى، بىر – بىرىگە بولغان ۋاپا – ساداقەتنى، بەخت ۋە خۇشاللىقنى ئەمەس، بەلكى قاقشاش – زارلىنىشنى، ئەيىبلەش، ئۆچمەنلىكنى كۆرىمىز. ئابلېكىم ئاسىيەنى ئۆز ھاياتىنى نابۇت قىلغۇچى دەپ قاراپ ئۇنى قاتتىق ئۆچ كۆرىدۇ، خورلايدۇ، جىسمانىي ھەم مەنىۋى جەھەتتىن ئازابلايدۇ. ئاسىيە ئۈچۈن ھايات ئېغىر يۈك، ياشاشنىڭ ئۆزى ئازاب چېكىش بولۇپ قالىدۇ، ئائىلە −− ئۆي دوزاخقا ئايلىنىدۇ. ئابلېكىم ئاسىيەنى ئۇرۇپ، خورلىغاندىن سىرت، يەنە سىرتتا ئاشنا تۇتۇپ كۆڭۈل ئاچىدۇ يۇ، ئاسىيەنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئاتاپ ئەۋەتىلگەن بىر تال ئاتكىرىتكا ئۈچۈن ئۇنى سوراققا تارتىدۇ ۋە قاتتىق ئۇرىدۇ. ئۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئايىغى چىقماس دەتالاشلار، ئابلېكىمنىڭ يولسىزلىق بىلەن قىلىۋاتقان مۇتتەھەملىك ۋە زومىگەرلىكلىرى، ئاسىيە ئارقا – ئارقىدىن ئۇچراۋاتقان خورلۇق ۋە ھاقارەت ئاخىرقى ھېسابتا ئۇنىڭ نېرۋىسىنى كاردىن چىقىرىدۇ. ئۇ خاتىرىسىنى يوقىتىپ قويىدۇ، شۇنداق قىلىپ، ئاسىيە ياتلاشقان ئەر – خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىدۇ.
ئەسەردە گەۋدىلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن يەنە بىر ياتلىشىش ھادىسىسى ئاتا – ئانا بىلەن پەرزەنتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ياتلىشىشتىن ئىبارەت. ئەسەردىكى مۇناسىۋەتلىك بايانلاردىن بىز ئاسىيە بىلەن ئابلېكىمنىڭ بىر ئوغلى، ئىككى قىزى بارلىقىنى بىلىمىز. ئۇ ئۈچ بالا بىلەن ئاتا – ئانىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ ئېغىر دەرىجىدە ياتلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئاتا – ئانىلىرىنىڭ ئورنى يوق. ئابلېكىم بىلەن ئۈچ بالىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ياتلىشىش ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، ئۇنىڭ زالىم – زومىگەرلىكى ۋە ھاراقكەشلىكى بالىلىرى قەلبىدىكى دادىلىق ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈۋەتكەن. ئاتىلىق مەسئۇلىيەتنىمۇ، مەجبۇرىيەتنىمۇ ئۇنتۇغان، قەلبىدە بالىلىرىغا قىلچە كۆيۈم ۋە مۇھەببەت يوق، بالىلىرىنى ئويلاپمۇ قويمايدىغان بۇ دادىدىن بالىلىرى يەتكۈچە بىزار. ئابلېكىمنىڭ ئۆيدىكى زورلۇق – مۇتتەھەملىكلىرىدىن قاتتىق نەپرەتلەنگەن، ھەتتا يىرگىنىپ كەتكەن كىچىك قىزى ئاسىيەگە: “ئاپا، ئۇنى بالكوندىن تاشلىۋېتەيلى!” دەيدۇ. ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوغلى: “ئاپا، سىز قانداق بولۇپ مۇشۇنداق ئادەم بىلەن توي قىلىپ قالغانسىز؟ مەن ئۇنىڭ مېنىڭ دادام بولۇپ قالغىنىدىن ئەپسۇسلىنىمەن” دەيدۇ نەپرەتلەنگەن ھالدا. ئېنىقكى، ئابلېكىمنىڭ قىلمىش – ئەتمىشلىرى بالىلىرى بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ياتلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇنداق بولسا ئاسىيە بىلەن بالىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت قانداق؟ ئاسىيە بالىلىرىغا بارلىقىنى ئاتىغان، بالىلىرى ئالدىدىكى ئانىلىق مەجبۇرىيىتىنى ۋە مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلغان مېھرىبان ھەم كۆيۈمچان ئانا. ئۇنىڭ ئېرى بىلەن ئادا – جۇدا بولۇشۇپ كەتمىگىنىنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبىمۇ دەل ئاشۇ بالىلارغا بولغان ئانىلىق مۇھەببەت ۋە كۆيۈم، بىراق بالىلارنىڭ نەزىرىدە ئاسىيە تاماق ئېتىش، كىر – قات يۇيۇش ۋە ئۆي تازىلاش ماشىنىسى، خالاس. ئۇلاردا ئۆزلىرى ئۈچۈن بارلىقىنى قۇربان قىلىۋاتقان ئانىسىغا نىسبەتەن ھۆرمەت، كۆيۈنۈش، مېھىر – مۇھەببەت يوق. ئۇلار ئاپىسىنىڭ سالامەتلىكى، روھىي كەيپىياتى قاتارلىقلارغا زادىلا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. ئاپىسىنىڭ ئۆي تازىلاۋاتقىنىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ، قورساقلىرىنىڭ ئېچىپ كەتكىنىدىن قاقشىسا – قاقشايدۇكى، بىرەرسى كېلىپ ئۇنىڭ قولىدىن پول سۈرتكۈچنى ئالمايدۇ. ئېھتىمال ئۇلار ئاپىسىنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنى ئۆز بۇرچىنى −− ئانىلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىۋاتقانلىق دەپ چۈشەنسە كېرەك. ئابلېكىمنىڭ خورلاش ۋە ئازابلاشلىرىغا بالىلىرىنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسى ۋە پەرۋاسىزلىقى قوشۇلۇپ، ئاسىيەنى پۈتۈنلەي يار – يۆلەكسىز، غېرىب ۋە بىچارە ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ، مانا مۇشۇنداق پۈتۈنلەي ياتلاشقان ئائىلىۋى مۇھىت ئاسىيەنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا روھىي جەھەتتىكى يىمىرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، “ئوربىتا”دىكى ياتلىشىش بايانى بىلەن ئەسئەت ئەمەت ئەسەرلىرىدىكى ياتلىشىش بايانىنىڭ بىر تۈرى بولغان كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى ياتلىشىش بەزى ئوخشاشلىقلارغا ئىگە. يەنى ھەر ئىككىيلەنلا ئەر – خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتتىكى ياتلىشىش ۋە ئاتا – بالا ئوتتۇرىسىدىكى ياتلىشىشنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ياتلاشقان ئائىلىۋى مۇھىتتىكى تەنھالىق، غېرىبسىنىش، گاڭگىراش، ئەركسىزلىك تۇيغۇلىرى، مەنىۋى ئازاب ۋە تىركىشىش، مۇھەببەتتىن مەھرۇملۇق قاتارلىقلارنى ئىپادىلەش “ئوربىتا” ۋە ئەسئەت ئەمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلىرىدىكى ئورتاقلىق. بىراق ئۇلارنىڭ ياتلىشىش بايانى يەنە ئۆز ئالدىغا خاسلىققىمۇ ئىگە. ئەسئەت ئەمەت ئەسەرلىرىدە ئائىلىۋى مۇناسىۋەتتىكى ياتلىشىش مەسىلىسىمۇ باشقا ياتلىشىش مەسىلىلىرىگە ئوخشاشلا پەلسەپىۋىلىك نۇقتىسىدىن ئىپادىلەنگەن، ئۇ بۇ خىل ياتلىشىش مەسىلىسىنى مۇئەييەن ئىجتىمائىي مەدەنىيەت كونتېكىستىدىكى كونكرېت مەسىلە سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى بىر خىل ئابستراكت مەسىلە سۈپىتىدە كۆزىتىدۇ. ياتلىشىشنىڭ مەنبەسىنىمۇ جەمئىيەتتىكى مۇئەييەن ئىجتىمائىي مەدەنىيەت پىسخىكىسى ۋە مەدەنىيەت ئامىللىرىدىن ئىزدىمەيدۇ ياكى ئوقۇرمەننى شۇنداق قىلىشقا ئۈندىمەيدۇ. قىسقىسى، ئەسئەت ئەمەت ئائىلىۋى مۇناسىۋەتتىكى ياتلىشىشنى كونكرېت مەدەنىيەت كونتېكىستىغا قويۇپ ئىپادىلىمەيدۇ. ئەمما “ئوربىتا”دا خالىدە ئىسرائىل ئائىلىۋى مۇناسىۋەتتىكى ياتلىشىشنى كونكرېت ئىجتىمائىي مەدەنىيەت كونتېكىستىغا قويۇپ ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا بىز ئۇنىڭ ئەسىرىدىكى ياتلىشىشنىڭ ۋە ئۇ كەلتۈرۈپ چىقارغان مەنىۋى ئازاب ھەم تىراگېدىيەنىڭ مەنبەسىنى ئىجتىمائىي مەدەنىيەت پىسخىكىسى ۋە مەدەنىيەت ئامىللىرىدىن ئىزدىيەلەيمىز. مەسىلەن: ئاسىيە بىلەن ئابلېكىم ئوتتۇرىسىدىكى ياتلاشقان ئەر – خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتنى، بۇ خىل مۇناسۋەتنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ ئاخىر ئاسىيەنى روھىي بەرباتلىققا ئېلىپ بېرىشىنى ھەمدە ئاسىيەنىڭ شۇنچە خورلۇق ۋە ئازابلارنى تارتقان تۇرۇقلۇقمۇ يەنە چىشىنى چىشلەپ ياشىشىنى ئەرلەر ۋۇجۇدىغا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ھەم ئاياللار تەرىپدىنمۇ ئېتىراپ قىلىنغان ئەرلىك ئىمتىياز ئېڭى، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئاياللارغا قويىدىغان “ۋاپادار ئايال، مېھرىبان ئانا” بولۇشتىن ئىبارەت ئەخلاق ئۆلچىمى، ئاياللاردىكى ئەرلەرگە بېقىنىش ۋە چوقۇنۇش پىسخىىسى، تاشلاندۇق ئاياللىقتىن، تۇل خوتۇنلۇقتىن قورقۇش پىسخىكىسى قاتارلىق مەدەنىيەت پىسخىك ئامىللىرى نۇقتىسىدىن چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ. يازغۇچى ئەسەردە تاپشۇرغان ئىجتىمائىي مەدەنىيەت كونتېكىستى ۋە مۇناسىۋەتلىك يىپ ئۇچلىرى مۇشۇنداق چۈشەندۈرۈشكە ئىمكان بېرىدۇ. بۇ ئىككى يازغۇچىنىڭ ياتلىشىش بايانىدىكى خاسلىقىنى ئۇلارنىڭ ياتلىشىشنى ئەكس ئەتتۈرۈشتىكى چىقىش نۇقتىسىنىڭ ئوخشاشماسلىقى بەلگىلىگەن. ئەسئەت ئەمەت ئەسەرلىرىدە ياتلىشىش مەۋجۇدىيەت سۈپىتىدىكى ئىنسان دۇچ كەلگەن تىراگېدىيەلىك تەقدىر – قىسمەت ۋە مەنىۋى ئازاب دەپ قارىلىپ ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، شۇڭا پېرسوناژلار ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي مەدەنىيەت كونتېكىستىمۇ ئېنىق تاپشۇرۇلمىغان. خالىدە ئىسرائىلنىڭ “ئوربىتا”سىدا بولسا، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە يۈز بەرگەن ياتلىشىش كىرىزىسىنىڭ مۇھىم بىر ئىپادىسى بولغان ئائىلىۋى مۇناسىۋەتتىكى ياتلىشىش ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ئېلىپ كەلگەن تىراگېدىيەلىك ئاقىۋىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ ئىككى يازغۇچىنىڭ بىرسى ياتلىشىشنى ئىنسان دۇچ كەلگەن پاجىئە ۋە ئازاب دەپ قارىغان، يەنە بىرسى ياتلىشىشنى ئۇيغۇر ئاياللىرى دۇچ كەلگەن مەنىۋى كىرىزىس دەپ تونۇغان، شۇڭا مەنمۇ ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ياتلىشىش بايانىنى ئايرىم – ئايرىم مۇھاكىمە قىلدىم.
ياتلىشىش تېمىسىدىكى ئەسەرلەردە پېرسوناژلارنىڭ ھەرىكىتى ۋە ئاقىۋىتى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل قېلىپتا بىر تەرەپ قىلىنغان: بىرىنچىسى، تىراگېدىيەلىك تەقدىر – قىسمەت ۋە ئازابتىن قۇتۇلالماسلىق قېلىپى. بۇ خىل قېلىپتا ئەسەردىكى پېرسوناژلار ئۆزىنىڭ ياتلىشىش تەقدىرىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېنىق ھېس قىلىدۇ ۋە قاتتىق مەنىۋى ئازاب، غېرىبلىق، يار – يۆلەكسىزلىك تۇيغۇلىرى ئىلكىدە قىينىلىدۇ. ئۇلار بۇ خىل تىراگېدىيەلىك تەقدىر – قىسمەتتىن ۋە ئازابتىن قۇتۇلۇشقا تىرىشسىمۇ، بىراق بارلىق تىرىشچانلىقلىرى ئاخىرقى ھېسابتا مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئەسئەت ئەمەتنىڭ كۆپ ساندىكى ئەسەرلىرى ۋە خالىدە ئ−ىسرائىل−نىڭ “ئوربىتا” پوۋېستى مۇشۇ قېلىپقا مەنسۇپ؛ ئىككىنچىسى، ئۆزىنىڭ ياتلاشقىنىنى ئاڭقىرالماسلىق ۋە غەپلەت ئىلكىدە داۋاملىق ياتلىشىش، ئاخىرىدا باشقىلار تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلۇش قېلىپى. بۇ خىل قېلىپتا ئەسەردىكى پېرسوناژلار ئۆزلىرىنىڭ ياتلاشقىنىنى زادىلا ئاڭقىرالمايدۇ، ئەكسىچە غەپلەت ئىلكىدە ياتلىشىش پاتقىقىغا تېخىمۇ چوڭقۇر پاتىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا باشقىلارنىڭ تۈرتكىسىدە غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىدۇ ياكى باشقىلار تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلىدۇ. مۇھەممەد باغراشنىڭ “يۈرەكتاغ”، “جىنايەت ۋە جازا”، توختى ئايۇپنىڭ “بۆشۈك” قاتارلىق ئەسەرلىرىنى مۇشۇ قېلىپقا كىرگۈزۈشكە بولىدۇ؛ ئۈچىنچىسى، ماددىي ئىستەك ۋەسۋەسىسىدە قاتتىق ياتلىشىش ۋە ئاخىر ھالاك بولۇش قېلىپى. بۇ خىل قېلىپتا ئەسەردىكى باش پېرسوناژ ماددىي ئىستەك ۋەسۋەسىسىنىڭ قۇترىتىشى بىلەن ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا ياتلىشىش پاتقىقىغا پېتىپ قالىدۇ ۋە ئاخىرىدا ياتلاشقىنىنىڭ جازاسى سۈپىتىدە ھالاك بولىدۇ. مۇھەممەد باغراشنىڭ “كەلكۈن”، “ئاپپاق ئېچىلغان سۆگەت گۈلى” قاتارلىق ئەسەرلىرى مۇشۇ قېلىپقا كىرىدۇ. كېيىنكى ئىككى خىل قېلىپ ئاساسەن ئەجداد روھىنى، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئۇنتۇش، مىللىي ئەنئەنىدىن چەتنەش، نەرسىنىڭ قۇلىغا ئايلىنىش قاتارلىق ياتلىشىش ھادىسىلىرى تېما قىلىنغان ئەسەرلەردە ئومۇميۈزلۈك ئۇچرايدۇ.
مەنبە: تارىم ژۇرنىلى