ۋەتەن گۇۋاھ
«مەسئۇت ئەپەندى» ناملىق روماندىن ئارىيە:
ئاپتور:ھەبىبۇللا ئابلىمىت


كەلگۈسىدە قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئالدىن كۆرەلىگەن، پەرق ئېتىش تۇيغۇسى يۇقىرى مەسئۇت ئەپەندى گۈلتەكىن، قىۋىلجىم ۋە يالچىن قاتارلىق ئۈچ پەرزەنتىنى 1949- يىلى ماي ئايلىرىدا تۈركىيەگە ئوقۇشقا چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن يولغا سالغان ئىدى. ئەنە شۇ چاغدا مەسئۇت ئەپەندى ئۈچ بالىسىنى ئالدىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ يەنە شۇ ھېكايە ئېيتىپ، مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈش ئادىتى بويىچە «ئۈچ ھەيكەل» نىڭ ھېكايىسى ئېيتىپ مۇنداق دېگەن ئىدى:«قەدىمكى زامانلاردا بىر دۆلەتنىڭ خاقانى، ئۆزىنىڭ دۆلىتىدىكى ئەڭ ئۇستا ھەيكەلتىراشنى ئالدىغا چاقىرتىپ، ئالتۇندىن بىر- بىرىگە ئوخشاش ئۈچ ھەيكەلنى ياساشنى بۇيرۇپتۇ. ئەمما بۇ ئۈچ ھەيكەلنىڭ شۇنچىلىك تەستە پەرق ئەتكىنى بولىدىغان ئىنچىكە پەرقلىرىنىڭ بولۇشى لازىملىقىنى ۋە بۇ پەرقنى پەقەت ئىككىسىنىڭلا بىلىشى كېرەكلىكىنى، ئۈچىنچى بىرىگە دەپ قويسا كاللىسىنىڭ كېتىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپتۇ. ھەيكەلتىراش ئۈستىسىمۇ پەرماننى بەجا كەلتۈرۈپ، خاقاننىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە كۆرۈنۈشتە بىر- بىرىگە شۇنچىلىك ئوخشايدىغان ئەمما بىر- بىرىدىن پەرقلىنىدىغان ئۈچ ئالتۇن ھەيكەلنى ياساپ، خاقانىنىڭ ئالدىغا قويۇپتۇ. خاقان ئۈچ ھەيكەلنى كۆرۈپ شۇنچىلىك مەمنۇن بوپتۇ ۋە ھەيكەلتىراشنىڭ ماھارىتىگە ئاپىرىن ئوقۇپ، ئۇنى ئالتۇن – كۈمۈش بىلەن تارتۇقلاپتۇ. خاقان ئۈچ ئالتۇن ھەيكەلنى بىر پارچە مەكتۇپ بىلەن قوشۇپ، قوشنا دۆلەتنىڭ خاقانىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئارمىغان قىلىپ يوللاپتۇ. مەكتۇپقا مۇنداق جۈملىلەر يېزىلغان ئىكەن‹تۇغۇلغان كۈنۈڭگە قۇتلۇق بولسۇن! مەن بۇ ئۈچ ئالتۇن ھەيكەلنى تۇغۇلغان كۈنۈڭ ئۈچۈن ئارمىغان قىلدىم. قارىماققا بۇ ئۈچ ھەيكەل بىر- بىرىگە ئوخشىغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئىچىدىكى بىرى قالغان ئىككىسىدىن روشەن رەۋىشتە پەرقلىنىدۇ. ئەگەر ئاشۇ ھەيكەلنى پەرق ئېتەلىسەڭ ماڭا خەۋەر بېرىپ قويۇشنى ئۇنۇتما›. ئۈچ ھەيكەل بىلەن مەكتۇپنى تاپشۇرۇپ ئالغان خاقان، ئالدى بىلەن مەكتۇپنى ئېچىپ مەزمۇنىدىن خەۋەردار بوپتۇ ۋە دەرھال ئۈچ ئالتۇن ھەيكەلنى ناھايىتى توغرا تارتىدىغان تارازا بىلەن تارتىپتۇ، ئەمما ئۈچىلىسىنىڭ ئېغىرلىقى بىر- بىرىگە تەڭ چىقىپتۇ. ئاندىن دۆلىتىدىكى پۈتۈن ئۇستا ھەيكەلتىراشلارنى ئوردىغا چاقىرتىپ ئەكېلىپ، ئۈچ ئالتۇن ھەيكەلنى بىر- بىرلەپ تەكشۈرۈپتۇ. بىراق ئۈچىلىسى شۇنچىلىك ئوخشايدىغان بولغاچقا ھېچقانداق ئۇستا ھەيكەلتىراش ئۇلارنىڭ پەرقنى تاپالماپتۇ. بۇ ئۈچ ھەيكەلنىڭ پەرقىنى تېپىشقا ھېچقانداق ئامال تاپالمىغان خاقان ئەڭ ئاخىرقى چارىسىنى ئىشقا ساپتۇ. يەنى نەچچە يىللاردىن بېرى زىنداندا يېتىۋاتقان ناھايىتى ئىسيانكار ئەمما ناھايىتى ئەقىللىك بىر يىگىت بار ئىكەن. ئۇ يىگىت ئەينى چاغدا خاقاننىڭ پەرمانىغا قارشى پىكىرلەرنى قىلغانلىقى ئۈچۈن زىندانغا ئېتىلغان ئىكەن. بۇ قېتىم ئۇ خاقاننىڭ پەرمانى بويىچە ئاشۇ ئۈچ ھەيكەلنىڭ پەرقىنى تېپىش ئۈچۈن زىنداندىن چىقىرىپتۇ. يىگىت ئۈچ ئالتۇن ھەيكەلنى ئوبدان تەكشۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، قېشىدا قاراپ تۇرغان ئوردا خىزمەتچىسىگە بىر تال ئىنچىكە سىم تېپىپ كېلىشنى ئېيتىپتۇ ۋە ھايال ئۆتمەي ئوردا خىزمەتچىسى بىر تال سىمنى تېپىپ ئەكېلىپ، يىگىتكە بېرىپتۇ. يىگىت سىمنى قولىغا ئېلىپ بىر ھەيكەلنىڭ قۇلىقىغا تىقىپتۇ، سىم ھەيكەلنىڭ قۇلىقىدىن كېرىپ ئاغزىدىن چىقىپتۇ. ئاندىن سىمنى ئىككىنچى ھەيكەلنىڭ قۇلىقىغا تىقىپتۇ، قۇلاقتىن كىرگەن سىم يەنە بىر قۇلاقتىن چىقىپتۇ. ئەڭ ئاخىرىدا يىگىت قولىدىكى سىمنى ئۈچىنچى ھەيكەلنىڭ قۇلىقىغا تىقىپتۇ، قۇلاقتىن كىرگەن سىم باشقا بىر تۆشۈكتىن چىقىپ كەتمەي، ئۇدۇل ھەيكەلنىڭ ئىچىدىكى بىر تار كانال ئارقىلىق ھەيكەلنىڭ يۈرىكى بار يەرگىچە بېرىپ توختاپ قاپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۈچ ھەيكەلنىڭ ئۆزگىچە پەرقى ئوتتۇرىغا چىقىپتۇ ۋە خاقان بىر مەكتۇپ يېزىپ، بۇ ئۈچ ئالتۇن ھەيكەلنى ئۆزىگە ئارمىغان قىلغان خاقانغا ئەۋەتىپتۇ. مەكتۇپقا مۇنداق ئالتۇن قۇرلار يېزىلغان ئىكەن:‹قۇلاقتىن كىرگەننى ئاغزىدىن چىقارغان ئادەمنى ياخشى دېگىلى بولمايدۇ. بىر قۇلىقىدىن كىرگەننى يەنە بىر قۇلىقىدىن چىقارغان ئادەمنىمۇ ياخشى دېگىلى بولمايدۇ. ئەڭ قىممەتلىك، ئەڭ پەزىلەتلىك ئادەم قۇلىقىغا كىرگەننى يۈرىكىدە ساقلىغان ئادەمدۇر›.
بالىلىرىم! سىلەرگە نەسىھەتىم شۇكى ھەر ۋاقىت قۇلىقىڭلارغا كىرگەننى يۈرىكىڭلاردا ساقلاڭلار. مەن ۋە ئاناڭلار سىلەرگە نۇرغۇن ئېسىل نەسىھەتلەرنى قىلدۇق ۋە قىلغان ئىش – پائالىيەتلىرىمىزنىڭ ھەممىسى سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا بولدى. ھەر ۋاقىت ئۆزۈڭلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ۋە ۋەتىنىڭلارنى ئۇنۇتماڭلار! دەرەخ ئۆز يوپۇرماقلىرىنى تاشلىۋەتمەيدۇ، بەلكى يوپۇرماق ئۆزى دەرەخنى تاشلاپ كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ھەريەردە سەرسان – سەرگەردان بولۇپ، شامال قاياققا ئۇچۇرسا شۇ ياققا ئۇچۇپ، يەرلەردە پاتقاققا مىلىنىپ، دەسسىلىپ، چەيلىنىپ، ئاخىرى چىرىپ تۈگەيدۇ. ۋەتەنمۇ خۇددى دەرەخكە ئوخشايدۇ. ۋەتەن ھەرگىز ئۆز ياپرىقى بولغان سىلەرنى تاشلىمايدۇ، سىلەر بىزنىڭ نەسىھەتىمىز بىلەن ۋەتەننى تاشلاپ كېتىۋاتىسىلەر. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر ھەرگىز ياپراقتەك بولماڭلار، ئۆز ئالدىڭلارغا ئىش كۆرۈپ، ئۇياق – بۇياقتا ئۇچۇپ يۈرمەڭلار. گەرچە ۋەتەندىن ئايرىلساڭلارمۇ، ھامان ۋەتەن ئۈچۈن ئوقۇپ، ۋەتەن ئۈچۈن بىلىم ئېلىپ، ۋاقتى كەلگەندە ۋەتىنىڭلارغا قايتىپ كېلىڭلار، مۇبادا قايتىپ كېلىش ئىمكانى بولمىسا تاكى ئۆلگۈچە بۇ ۋەتەننى قەلبىڭلاردا ياشتىڭلار. چەتئەلدە تۇرۇپ مۇشۇ ۋەتەن ئۈچۈن ئۆلگۈچە كۈرەش قىلىڭلار!» دەپ، بالىلىرىغا ئاق يول تىلىگەن، ئوقۇشلىرىغا ئۇتۇق تىلىگەن ۋە كەلگۈسى تۇرمۇشىغا بەخت تىلىگەن ئىدى. ئايالى سارا خانىم بىلەن بىرگە تىرىك تۇرۇپ ئايرىلغان بالىلىرى ئۈچۈن ھىجران ياشلىرىنى ئاققۇزغان ئىدى. بالىلىرى چارىسىزلىك ئىچىدە قالغان ئاتا – ئاتلىرىنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن ئۈچىلىسى تەڭ شۇنچىلىك چىرايلىق تەبەسسۇم قىلىپ، ئۇلارغا تەسەللى قوللىرىنى سۇنغان ئىدى. ئەنە شۇ دەملەردە مەسئۇت ئەپەندىگە ئۈچ پەرزەنتىنىڭ چېھرىدىكى شۇ تەبەسسۇم دۇنيادىكى ھەممە گۈزەل سۆزلەردىن گۈزەل، ھەممە تەسەللىدىن ئورۇنلۇق تۇيۇلغان ئىدى. بالىلار مەسئۇت ئەپەندىنىڭ خاس مۇھاپىزەتچىسى پولكوۋنىك داۋۇت ئوسماننىڭ ھەمراھلىقىدا شۇ يولغا چىققان پېتى ئۇدۇل قەشقەرگە بېرىپ توختىغان ئىدى. ئۇلار قەشقەردە يول چىقىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش ۋە بەزىبىر ئىشلار سەۋەبىدىن ئۈچ ئايغا يېقىن تۇرۇپ قالغان ئىدى. ئەنە شۇ چاغدا ئامېرىكىنىڭ ئالتە يىلغا يېقىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە خىزمەت قىلغان كونسۇلى تاقىلىپ پېچەتلەنگەندىن كېيىن، كونسۇل جون خول پاكستون ئائىلىسى بىلەن كونسۇلنىڭ خادىملىرىنى ئېلىپ، قەشقەرگە يېتىپ كەلگەن ئىدى. ئەسلىدە ئۇلار ئامېرىكىغا چىقىپ كېتىدىغان نورمال يول پۈتۈنلەي كوممۇنىستلار تەرىپىدىن ئىگىلىنىۋېلىنغاندىن كېيىن، ئامال يوق مۇشۇ مۇشەققەتلىك يولنى تاللاپ، شۇ يىلى 20-ئاۋغۇست ئۈرۈمچىدىن يولغا چىققان ئىدى. جون خول پاكستون قەشقەردە ھىندىستانغا ئۆتىدىغان ۋىزا ۋە ھىندىستان چېگراسىغىچە بېرىش ئۈچۈن كېرەكلىك يول خەت ۋە سەپەر ئۈچۈن يېتەرلىك ئوزۇق – تۈلۈك، ئات – ئۇلاغ قاتارلىق يول تەييارلىقلىرىنى جىددىي ئىشلەپ، ھەممە تەييارلىق پۈتكەندىن كېيىن، قەشقەردە تۇرۇپ قالغان مەسئۇت ئەپەندىنىڭ مۇھاپىزەتچىسىنىڭ قانات ئاستىدىكى ئۈچ پەرزەنتىنى بىرگە ئېلىپ 9- ئاينىڭ 12- كۈنى يولغا چىققان ئىدى. ئۇلار دۇنيانىڭ ئەڭ ئېگىز، ئەڭ خەتەرلىك كارۋان يوللىرىنى پىيادە مېڭىپ، نەرسە كېرەكلىرىنى ۋە يولدا يەيدىغان ئوزۇق- تۈلۈكلەرنى ئات – ئۇلاغلارغا ئارتىپ، نەپەس ئېلىشقىمۇ ئامالسىز قالىدىغان ئېگىز قارلىق چوققىلاردا ۋە ھەم تار ھەم ئەگىر- بۈگۈر يوللاردا ئالغان ھەربىر قەدەمنى ئېھتىيات بىلەن بېسىپ، يولدا ئۆلگەن ئات – ئۇلاغلارنى يولغا كۆمۈپ، نەچچە ئونلىغان مۇزدەك سۇ ئېقىۋاتقان كېچىكلەرنى كېچىپ ئۆتۈپ، نۇرغۇن خېيىم – خەتەرلەرنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ، تاغلاردىكى چىغىر يوللاردا مېڭىپ، يەر ئاستىدىكى چىڭقى چۈش بولمىغىچە كۈن نۇرى چۈشمەيدىغان ئۆڭكۈرلەردىكى ئېقىنلاردىن ئۆتۈپ، ھاياتلىقنىڭ ئىزناسى تېپىلمايدىغان مۇزلۇقتىكى يوللارنى بويلاپ مېڭىپ، ئاخىرى 31 كۈن يول يۈرگەندىن كېيىن، كەشمىرنىڭ لاداخ دېگەن يېرىگە يېتىپ كەلگەن ئىدى. ئۇلار شۇ چاغدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ كوممۇنىستلار تەرىپىدىن پۈتۈنلەي ئىشغال قىلىنغانلىقى خەۋىرىنى رادىيو ئارقىلىق بىلگەن ئىدى. مەسئۇت ئەپەندىنىڭ پەرزەنتلىرى يېڭى دېھلىدا سەپەرداشلىرى بىلەن خوشلىشىپ، بومباي قاتارلىق شەھەرلەردە ئىككى ئايغا يېقىن قالغاندىن كېيىن، 1949- يىلى 12-دېكابىر تۈركىيەگە سالامەت يېتىپ بارغان ئىدى. يەنە شۇ يىلى ئاۋغۇست ئايلىرىنىڭ ئاخىرىدا مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن ئىيسا ئەپەندى مەسئۇت ئەپەندىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، بىرلىكتە چەتئەلگە چىقىپ كېتىش تەكلىپىنى بەرگەن ئىدى، ئەمما مەسئۇت ئەپەندى بۇ تەكلىپنى رەت قىلىپ:«ھاياتىم بويىچە ۋەتىنىم ۋە خەلقىم ئۈچۈن پايدىلىق خىزمەتلەرنى بۈيۈك بىر ئارزۇ ۋە غۇرۇر بىلەن قىلدىم. ئەنە شۇ سەۋەب بىلەن ئەگەر بىر جاۋابكارلىق بار دەپ قارالسا، بۇ جاۋابكارلىق ئۈستۈمگە يەنە شۇ غۇرۇر بىلەن ئالىمەن. مېنىڭ ئورنۇمدا ھەرقانداق بىرسى جاۋابكارلىققا تارتىلىپ قىلىشقا كۆڭلۈم رازى كەلمەيدۇ. بارلىق قانۇنى جاۋابكارلىق ۋە مەسئۇلىيەت ماڭا ئائىتتۇر. ۋەتەندىن ئايرىلىش ۋە ياكى قېچىپ كېتىش مەن ئۈچۈن ئاقىلانە چارە ئەمەستۇر ۋە بۇنداق قىلىش مېنىڭ ۋىجدانىمغا مۇخالىپتۇر. بۈگۈنكى كۈنگە كېلىپ، خەلقىمنىڭ بېشىغا بالا كەلسە، مەنمۇ شۇ بالانى تەڭ تارتىشقا رازىمەن. خەلقىم نېمە كۆرسە مەنمۇ شۇنى كۆرىمەن. سىلەرنىڭ ماڭا غەمخورلۇق قىلىپ، ئاتايىتەن ئالدىمغا كېلىپ بۇ تەكلىپنى بەرگىنىڭلار ئۈچۈن كۆپتىن – كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمەن.سىلەر بىلەن كۆپ يىللار بىرگە ئىشلىدۇق، كۆپ كۈرەشلەردە ھەم پىكىردە بولۇپ، بىر مەيداندا كۈرەش قىلدۇق. سىلەر بىلەن خۇشاللىقتىمۇ، قايغۇدىمۇ بىرگە بولۇپ، ناھايىتى مەنىلىك يىللارنى ئۆتكۈزدۇق. ئەسلىدە ئۆمرىمىزنىڭ ئاخىرغىچە بىرگە كۈرەش قىلغان بولساق نەقەدەر ياخشى بولغان بولاتتى. ئەپسۇس پەلەكنىڭ گەردىشى بىزنىڭ ئارزۇ- ئۈمىدلىرىمىزگە يېتىشىمىزگە يول قويماي بىزنى تىرىك تۇرۇپ ئايرىشقا مەجبۇر قىلدى. تەقدىرىمىز شۇنداق كاژ بىر مىللەت ئىكەنمىز، بۇنىڭغا نە چارە؟ ئەمما بىز بارلىق ئىمكانلىرىمىز بىلەن، بارلىق كۈچىمىز بىلەن بۇ ۋەتەن بۇ مىللەت ئۈچۈن كۈرەش قىلدۇق. بۇنىڭغا ۋەتەن گۇۋاھ ! گەرچە ھازىر پەلەكنىڭ چەرخى تەتۈر چۆرگۈلەپ، بىز كۈتكەن ئۈمىدلەر يوققا چىققان، ۋەتەن كوممۇنىستلارنىڭ تەھدىتى ئاستىدا قالغان، ۋەتەننىڭ كۆپكۆك ئاسمىنىنى قاغا – قۇزغۇنلار قاپلاپ، ۋەتەننىڭ ئىستىقبالى زەبۇن ھالەتكە چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، يەنىلا ئۈمىدىمىزنى يوقاتماسلىقىمىز، ھەرگىز ماڭغان يولىمىزدىن يانماسلىقىمىز لازىم. گەرچە سىلەر ئېيتقاندەك ۋەتەن تۇپراقلىرىدا ياشاش ئىمكانىيىتى قالمىدى، مېنىڭ دۈشمەنلىرىم چوقۇم مەندىن ئۆچ ئالماي قويمايدۇ، بۇلارغا مېنىڭ كۆزۈم يېتىپ تۇرىدۇ، يامان كۈنلەر بۇرۇنۇمغا پۇراپ تۇرۇۋاتىدۇ. شۇنداقتىمۇ، ۋەتەن تۇپراقلىرىدىن بىر غېرىچ نېرى كېتىش نىيىتىم يوق. مەن مۇشۇ ئانا ۋەتەن تۇپراقلىرىدا تۇغۇلدۇم، بۇ ۋەتەننىڭ نېنىنى يەپ، سۈيىنى ئىچتىم، خەلقىمنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئاقتىم، بىر ئۆمۈر مۇشۇ ۋەتەننى دەپ ياشىدىم ۋە بۇ ۋەتەن ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان بەدەللەر توۋلىدىم. ئەمدى بۇ ياشقا كەلگەندە نەگە بارىمەن، نەگە قاچىمەن، بېشىمغا قانداق كۈن كەلسە كەلسۇن مۇشۇ ۋەتەن تۇپرىقىدا ئىككى پۇتۇمنى دەسسەپ تۇرغىچە يەر بولسىلا، شۇ يەرنى دەسسەپ تۇرۇپ ئۆلۈشنى ئارزۇ قىلىمەن، مۇشۇ مۇبارەك زېمىندا تىنىمنىڭ چىرىپ، شورلۇق تۇپراققا ئارىلىشىپ كېتىشىنى ئارزۇ قىلىمەن. روھىم مۇشۇ ئانا ۋەتەننىڭ ھاۋاسىغا قوشۇلۇپ كېتىشىنى ئارزۇ قىلىمەن، قىلغان ئىشلىرىمغا ۋەتەن گۇۋاھ بولسۇن! خەيرخوش سەپداشلىرىم، خەيرخۇش دوستلىرىم، خەيرخۇش ئىنىلىرىم، ئاق يول بولۇڭلار، سىلەرنىڭ ۋەتەن ۋە مىللەت ئۈچۈن كۆرسەتكەن پىداكارلىقىڭلارغا، ۋاپادارلىقىڭلارغا، كۈرەشلىرىڭلارغا مەن گۇۋاھ ! ھەممىدىن مۇھىمى مۇشۇ ئانا ۋەتەن گۇۋاھ ! مەن سىلەردىن زور ئۈمىدلەر كۈتىمەن، كەلگۈسى ئەۋلادلاردىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتىمەن«! دەپ قەتئىي رەۋىشتە ئۆز مۇددىئاسىنى بايان قىلغان ئىدى.