You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » كىپىنەك

كىپىنەك

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

ئەنە شۇ كىپىنەكلەردىن بىرسى گويا ئۆزىنىڭ روھىنى ياش خانىمنىڭ ۋۇجۇدىدا كۆرگەندەك ، ئەتراپىدىن نېرى كېتەلمەي ئۇچۇپ يۈرەتتى ، كىپىنەك ئۇچۇپ – ئۇچۇپ ، ئايلىنىپ – ئايلىنىپ ، ئاخىرى كېلىپ ياش خانىمنىڭ سۇتتەك ئاق سول بېلىگىگە قوندى . دەل مۇشۇ چاغدا ياش خانىم كىپىنەكنىن ئۇچۇرۋەتمەكچى بولۇپ قولىنى سېلىق مىدىرلاتتى ، كىپىنەك بېلىگىدىن لەرزان قانات قىقىپ ئۇچۇپ ھاۋاغا سەل كۆتۈرۈلدى، بىراق نېرىغا كەتمەي ئەكسىنچە ، ياش خانىمنىڭ ئەگمە قىشىدەك ئېگىگلىك تۇرغان سول قولىنىڭ پىگىز بارمىقىنىڭ قىرىغا كېلىپ قوندى، ياش خانىم نېمىنىدۇر بىر نەرسىلەرنى ئويلاپ، بىگىز بارمىقىنى ئاستا – ئاستا تۇزلىدى، كىپىنەك دەل مۇشۇ چاغدا ئىككى قانىتىنى يەڭگىل قىقىپ ھاۋاغا سەل – پەل كۆتۈرۈلدى ۋە يەنە قۇياش نۇرىدا چوكا ئالتۇندەك پاقىراپ تۇرغان بىگىز بارماقنىڭ ئەتلىك يۈزىنىڭ دەل ئۇچىغا كېلىپ ئەپلىك قوندى . كىپىنەكنىڭ بۇ خىل سىرلىق ھەرىكەتلىرى ياش خانىمنى خۇددى ياخشى يېزىلغان بىر روماندەك ئۆزىگە شۇنچىلىك جەلپ قىلغان ئىدى .

ئەمدى پۇرسەتنى قاچۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ، ياش خانىم ئوڭ قولى بىلەن يېنىغا قويۇپ قويغان سومكىسىنىڭ سىرتمىسىنى ئاستا سىيرىپ ئېچىپ ، ئىچىدىن تېلىفوننى ئالدى ۋە كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ئاچقاندىن كېيىن ، كىپىنەككە توغرۇلاپ تۇرۇپ ، ئارقا – ئارقىدىن ئىككى پارچە رەسىمگە تارتىۋالدى . ياش خانىم ئەنە شۇ مەشغۇلاتلارنى قىلىۋاتقاندا كىپىنەك ناھايىتى سەۋرچان مودېللاردەك ئۆزگۈچە پوز چىرىپ ، ھەتتا تۇرغان قىياپېتىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرگەندەك قىلىپ ، ئىككى قانىتىنى جۈپلەپ تىك تۇتۇپ ، بارماق بىلەن بىر تەكشىلىتە جىم تۇرۇپ بەردى . مۇشۇ مەنزىرىنى كۆرگەن ھەرقانداق بىر ئادەم، كىپىنەك بىلەن ياش خانىم ئوتتۇرىسىدا بىر خىل سىرلىق باغلىنىش بار دەپ قىلىشى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس ئىدى.

دەرۋەقە، ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەرگىزمۇ تەسەددىبىيلا يۈز بېرىپ قىلىش نەتىجىسىدە ئوتتۇرغا چىققان مۇناسىۋەت ئەمەستەك قىلاتتى. مەيلى كىپىنەك بولسۇن ، مەيلى ياش خانىم بولسۇن، ھەر ئىككىلىسى بۇ ھاياتتىن ئازراق بولسىمۇ ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن دەريا بويىغا كەلگەن ئىدى. ھەر ئىككىلىسى دەريانىڭ دولقۇنلاپ ئېقىشىدىن، دەريا سۈيىنىڭ شاۋقۇنىدىن كۆتۈرۈلگەن ئاۋازنىڭ مۇزىكىلىق رېتىمىدىن بەختلىك بولىۋاتاتتى. ياش خانىم رەسىمگە تارتىش مەشغۇلاتىنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن ، بىگىز بارمىقىنىڭ ئۇچىغا قونۇپ تۇرغان كىپىنەكنى سىنچىلاپ كۈزەتتى. بارمىقىدىكى تال – تال ئىنچىكە چۆگۈلمەچ سىزىقچىلار بىلەن كىپىنەكنىڭ بىر- بىرىگە جىپلىشىپ تۇرغان ئىككى قانىتىنىڭ ئۈستىدىكى يىپەك يىپلاردەك يالجىپ تۇرغان ئىنچىكە سۇس سىرىق رەڭدىكى سىزىقچىلار بىر- بىرىگە تەققاس ھالدا كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

كىپىنەك قانىتىدا يۈرەككە ئوخشايدىغان نۇرغۇنلىغان ھەر خىل چوڭلۇقتىكى گېئومېتىرىك شەكىللەر بار بولۇپ، بۇلار بەجايىكى شايى – ئەتلەسلەرگە چېكىلگەن سېرىق رەڭدىكى گۈللەردەك كۆزنى قاماشتۇراتتى. كىپىنەك قانىتىنىڭ ئۇيەر – بۇيەرلىرىدە يەنە ئۇششاق قارا چىكىتلەرمۇ بار ئىدى؛ بۇلار گويا گۈزەل جاناننىڭ يۈزىگە ياراشقان مەڭلەردەك شۇنچىلىك جەلپكار ئىدى ۋە يەنە قانىتىنىڭ چۆرىسىدە، مەخمەل كۆرپىنىڭ چۆرىسىگە تۇتۇلغان زەدىۋالدەك زەڭگەر رەڭدىكى ئىنچىكە سىزىقچىلار بار بولۇپ ، تۆپىدە تۇرغان قۇياشنىڭ نۇرىدا ئاجايىپ يالجىپ ، ياش خانىمنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرۋاتاتتى . كىپىنەكنىڭ قانىتىنىڭ قوساق قىسمىغا تۇتاشقان يەرلەرنى قويۇق يۇمران تۇكلەر قاپلىغان بولۇپ ، دەل مۇشۇ يەردىن چىققان ئالتە پۇت ، ياش خانىمنىڭ بىگىز بارمىقى ئۈستىگە مەزمۇت دەسسەپ تۇراتتى . ياي شەكىلدە ئىگىلگەن بۇ پۇتلارنىڭ ئۈستىدىكى ئۇششاق تۇكلەر، دەريا سۈيىنىڭ سالقىن سەلكىنىدە يەڭگىل يەلپۇنۇۋاتاتتى . كىپىنەكنىڭ قاپقارا بۇرنىنىڭ ئۇچىنىڭ بىر تەرىپىدە بىر تال يىڭنىدەك ئىنچىكە ئانتىنىسى بار بولۇپ ، ئۇشبۇ ئانتىنا خۇددى ۋېلسىپىتنىڭ داڭگىرىتىدەك ياش خانىمنىڭ بىگىز بارمىقىغا تىيەكلىك ھالەتتە تۇراتتى ، بۇرنىنىڭ ئۇچىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە روشەن رەۋىشتە كۆزگە چىلىقىپ تۇرىدىغان يۆگەك ئوتتەك يۆگەكلىك خارتۇم بار بولۇپ ، بۇ ھال كىشىگە پىلنىڭ خارتۇمىسىنىڭ شەكلىنى ئەسكە سالاتتى.

كىپىنەكنىڭ قاپقارا ئىككى تال چىكىتتەك كۆزىنىڭ ھەربىرسىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدىن سىممېتىرىك شەكىلدە بۆلۈپ تۇرغان ئاق سىزىقچا بار ئىدى؛ كۆزلىرىنىڭ ئەتراپىنىمۇ ئوخشاشلا ئۇششاق تال – تال تۇكلەر ئورىۋالغان بولۇپ ، بۇ كۆزلەر گويا بولۇق ئوت – چۆپلەرنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنغان سۈپسۈزۈك بۇلاقتەك تىنىق ئىدى . مەزكۈر كىپىنەك شۇنچىلىك نازۇك ، شۇنچىلىك سېلىق ، شۇنچىلىك تىنىچ ، شۇنچىلىك پاك ئىدىكى ، ۋۇجۇدىدىن قىزىل گۈلنىڭ پۇرىقى يېغىپ تۇراتتى . ئومۇمەن كىپىنەك مۇتلەق رەۋىشتە خىلە – خىلە چىرايلىق مودېل قىزلارنى تاڭ قالدۇرىدىغان دەرىجىدە چىرايلىق ئىدى . بۇ مۇختەشەم گۈزەللىك بولسا ، ياش خانىمنىڭ روھىغا ئەينەك بولغانىدى . ئۇشبۇ ئەينەككە قارىغانسېرى ياش خانىمنىڭ روھى ھالىتى تۇراقلىشىپ ، كۆزنى ئېچىپ يۇمغىچە بولغان ئارىلىقتا روھىي ھالىتىدە تامامەن ئۆيگۈرۈش يۇز بەرگەنىدى . روھىنى ئازاپلىغان ھەممە نەرسە توزغاقتەك توزۇپ ، ئۈستىنى بېسىپ تۇرغان تۈگىمەن تېشىنى مۇشۇ كىپىنەك كېلىپ ئېلىپ تاشلىۋەتكەندەك راھەت بىر ئىچكى تۇيغۇغا ئەسىر بولۇشقا باشلىغانىدى.

گۈزەل مۇشۇ دەقىقە پەقەت ۋە پەقەتلا ياش خانىمنىڭ روھىغا ئائىت بولغان دەقىقە بولۇپ قالدى . كىپىنەك ياش خانىمنىڭ رەسىمگە تارتىش مەشغۇلاتى ۋە ئەتراپلىق كۈزىتىشى ئاخىرلىشى بىلەن تەڭ ، گويا رەسىمچىدىن ۋە ئەتراپتا قاراپ تۇرغان بارلىق تاماشىبىنلاردىن مەمنۇن بولغان تەجىربىلىك ئەرتىسلاردەك ، ناھايىتى تەمكىن قىياپەت بىلەن ئىككى قانىتىنى لەرزان قېقىپ ، ئاجايىپ بىر جازىبە بىلەن ھاۋاغا كۆتۈرۈلدى ۋە ئەتراپنى يەنە بىر قېتىم ئايلىۋەتكەندىن كېيىن ، دەريا قىرغىقىنى بويلاپ ئاستا – ئاستا يىراقلارغا قاراپ ئۇچۇپ كېتىۋاتاتتى ، ئارىلىقتا يەنە ئۆزىنىڭ نەزىرىدە چىرايلىق دەپ قارىغان جايلارغا ، گۈللەرگە ، تاللارغا ۋە تاشلارغا قونۇپ ئۇچۇۋاتاتتى ؛ دەريا بويىدىكى ھەممە نەرسە پەقەت ئۆزىگىلا ئائىتتەك شۇنچىلىك ئەركىن ، شۇنچىلىك تەبىئىي ، شۇنچىلىك خاتىرجەم ئۇچىۋاتاتتى ، ھەتتا يەر شارىمۇ كىپىنەككە ماسلىشىپ ئايلىنىۋاتقاندەكلا ئىدى . ياش خانىم كىپىنەكنىڭ ئەنە شۇ بەختكە تولغان ئۇچۇشلىرىغا قاراپ ، گويا ئالى مەكتەپكە ئوغلىنى ئۇزاتقان ئانىغا ئوخشاش كىپىنەكنىڭ ئارىقىسىدىن ئۇزاققىچە مېھرىلىك باقتى ، كىپىنەك شۇنداق ئەركىن ئۇچۇپ ، بارا – بارا تەبىئەتنىڭ قوينىدا غايىپ بولدى.

ياش خانىم ئەمدى كىپىنەك ئۇچۇپ كېتىۋاتقان تەرەپتىن كۆزىنى ئۇزۇپ ، قولىدا تۇتۇپ تۇرغان تېلىفونىنىڭ ئېكرانىدىكى رەسىمگە سىنچىلاپ باقتى ، كىپىنەك رەسىمگە ھەقىقەتەن چىرايلىق چۈشكەن ئىدى ، ئۇ گويا بىر ماددىي جانلىق ئەمەس ، بەلكى بىر روھتەك ئىدى ، كىچىك ۋۇجۇدىدا بىر خىل ئىلاھىي گۈزەللىك تۆكۈلۈپ تۇراتتى . ئۇنىڭ شائانە گۈزەل ئىككى قانىتىنى جۈپلەپ تۇرۇشلىرى ياش خانىمغا ئۆزى ئۈچۈن دۇئا قىلىۋاتقان بىر مۇقەددەس روھنى ئېسىگە سالغانىدى . ۋاي خۇدايىم بۇ قانداق بىر پاك تۇيغۇ ھە ؟! كىپىنەكەنىڭ ياش خانىمنىڭ قولىغا كېلىپ قونۇشى ، گويا مېيى تۇگەپ ، ئۆچۈش ئالدىدا تۇرغان دىڭخۇلۇ( قارا چىراغ ) قا ماي قويغاندەكلا ئىش بولغانىدى. ياش خانىمنىڭ كۆڭلىنى بەخت تۇيغۇسى ئەسىر ئالغانىدى ، ئەڭ ھاياجانلىق ئىپادىلەر لەۋ شۇرۇق سۇرتكەن لەۋلىرىدەك جانلانغانىدى . ھالبۇكى كىپىنەكنىڭ ئۆمرۈ پەقەت بىر سوتكىلا ، ئەنە شۇ بىر كۈنلۈك ئۆمرىنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنى ئاجرىتىپ ، مۇشۇ دەريا بويىدا ھەسرەتكە تولۇپ ئولتۇرغان ياش خانىمنىڭ يولدىشى بىلەن پات ئارىدا جەم بولۇشى ئۈچۈن ، ئىككى قانىتىنى يىممىدە جۈپلەپ تۇرۇپ دۇئا قىلغان ۋە يۇمران ئالتە پۇتىنى ياش خانىمنىڭ مارمىقىدا نازۇك مىدىرلىتىپ تۇرۇپ ئازابقا تولغان يۈرىكىگە ئازراق بولسىمۇ تەسسەللى بولغانىدى . ئىنسان ھايتىدىكى ئەنە شۇ « بىر دەم » پەقەت ۋە پەقەتلا بىر كۈن ئۆمۈر كۆرىدىغان كىپىنەك ئۈچۈن ، پۈتۈن بىر ئۆمرىنىڭ زور بىر قىسمى ھېسابلىناتتى. ياش خانىم كۆڭلىدە ، كىپىنەكنىڭ ئۆزۈ ئۈچۈن ئاجراتقان ئۆمرىگە ۋە كىپىنەك ئەرتە بۇ دۇنيادا يوقلۇقىنى يا بىلسۇن، ياكى بىلمىسۇن، نېمىلادېگەنبىلەن شۇنچىلىك بەختلىق بىر روھى ھالەتتە ئۆزىنىڭ بارمىقىنىڭ ئۇچىدا ئۆمرىنىڭ مەلۇم بىر قىمىنى ئۆتكۈزۈپ ، تەبىئەتنىڭ بارلىق گۈزەل مەۋجۇداتلىرى بىلەن بىر- بىرلەپ خوشلۇشۇپ ، ھەسرەتلىك كۆڭۈللەر ئۈچۈن ئۆمرىنى پىدا قىلىپ ئۆتكەنلىكىگە تۈمەنمىڭ رەخمەت ئېيتتى ۋە ئىنسانلار « بىر كۈن » دەپ بىلىدغان بۇ ۋاقىتنىڭ كىپىنەك ئۈچۈن « بىر ئۆمۈر» ئىكەنلىكىنى ئويلاپ ، قەلبىنى چۇغلىغان بارلىق ھەسرەتلىرىنى ئۇنتىغاندەك بولۇپ ، روھىدا شۈكۈرنىڭ ، ئۈمىدنىڭ چىرىغى پىللىلدىدى ۋە « كىم بىلىدۇ دەيسىز؟ بۇ كىپىنەك بەلكى بىر كۆرۈنمەس روھنىڭ ئىلھامى بىلەن ماڭا تەسەللى بەرگىلى كەلگەن بولۇشى مۇممكىن ، ئەپسۇس مەندە ئۇنى بىلىدىغان بۇنداق بىر قۇدرەت يوق ، كاشكى كىپىنەكنىڭ تىلىنى بىلگەن بولسام ، بەلكى ماڭا ئۆزىنىڭ بىز ئۈچۈن بىر كۈنگە تەڭ كېلىدىغان پۈتكۈل ھايات سەرگۈزەشتىلىرىنى سۆزلەپ بەرگەن بولار ئىدى . بىز ئارزۇ قىلغان ھەقىقىي ئەركىنلىك ۋە مەزكۇ ھاياتنىڭ مەنېسى بولسا ، بىز ئەبەدىي بىلمەيدىغان ياكى بىلىشنىمۇ ئويلاپ باقمىغان ئاشۇ كىپىنەك نىشانلاپ ئۇچۇپ كىتىۋاتقان نامەلۇم بوشلۇقتا بولۇشى مۇمكىن » دېگەن پىكىرلەرنى كاللىسىدىن غىل – پال ئۆتكۈزدى . ئاندىن ئېسىنى يىغىپ ، روھىنى تولدۇرىۋاتقان ئاشۇ مۇختەشەم ھاياجاننىڭ مەڭگۈ يوقالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىپ مەكتەپكە قايتىش ئۈچۈن، ئېغىر قەدەملەرنى ئېلىپ يولغا راۋان بولدى . دەرۋەقە ، ياش خانىم شۇ دەقىقىلەردە بىر كۈننى بولسىمۇ كىپىنەكتەك ئالەمنىڭ غەم – قايغۇلىرىدىن ، روھىنى ئازابلاۋاتقان ھەسرەتلەردىن قۇتۇلۇپ ، ئەركىن – ئازادە ئۆتكەزگۈسى كەلگەنىدى . كىپىنەكتەك قانات قىقىپ ئۇچۇپ دەريانىڭ ئۇ قاتىغا، دىلمۇك تاغلىرىنىڭ باغرىغا ھەتتا نەچچە سائەت ئىچىدىلا ئېرىشكىلى بولىدىغان تاغنىڭ غەرب تەرىپىدىكى ئەركىنلىككە قاراپ ئۇچقۇسى كەلگەنىدى . بىر كۈننى ، پەقەت ۋە پەقەتلا ئۇشبۇ كۈننى ئەركىنلىككە قېنىپ – قېنىپ ئۆتكۈزىۋالسا ، كىپىنەكتەك ئارمانسىز ئۆلۈپ كېتىشكە رازى ئىكەنلىكىنى زېھنىدە جانلاندۇرغانىدى . ئۇ شۇ چاغدا دەريا بويىنىڭ جەننەتكە ئەڭ يىقىن جاي ئىكەنلىكىنى ، كىپىنەكنىڭ جەننەتتىن ئۇچۇپ كەلگەن پەرىنىڭ ماددىي ئالەمدىكى كۆرۈنۈشى ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ ، شۇنچىلىك بەختلىك بولغان ۋە تەسەۋۋۇردىن ئىبارەت بۇ شائانە نېممەتنىڭ تەڭرىنىڭ ئىنسانلارغا قىلغان ئەڭ گۈزەل سوغىسى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتكەن ئىدى .

«مۇز تۇتقان دەريا» ناملىق روماندى ئېلىندى.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top