You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » مەسئۇت ئەپەندى (30)

مەسئۇت ئەپەندى (30)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

ھالبۇكى ئادەم «تۇرمۇشنىڭ ئازاب دېڭىزىدىن» ئۆتۈش ئۈچۈن بىر ئوبدان «نوھنىڭ كېمىسىنى» بۇزۇپ، ھەر بىرى بىر تالدىن تاختىغا چىقىۋېلىپ ئۆزلىرىچە ئۆزىنىلا قۇتۇلدۇرسا، روھى ئەمىنلىك ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزسە، بىر پۈتۈن ئىلغار تەپەككۇرغا، بىر پۈتۈن ئىدىيەگە ئۇيۇشىدىغان كۈچنى ھاسىل قىلالمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ياتلاردىن ئىمپورت قىلىنغان تەپەككۇر قۇشلىرى ئادەمنىڭ مېڭىسىدە چىكىلداپ، كۆزى ئوچۇق ئالىملىرىمىزنىڭ كۆزلىرىگە كۈل چېچىپ، ئارزۇلار ئارمان پېتى قىلىپ، بۇ ئەسىرنىڭ قۇيرۇقىنىمۇ قۇم باسىدۇ. نىزامى ئالەمنىڭ تەرتىپى بۇزۇلغان مانا مۇشۇنداق كۈنلەردە ئادەمنىڭ يۈرىكى سىقىلىپ، ئىسيانكار بولۇپ كېتىۋاتقاندا، بىرەر ئېسىل كىتابنى ئوقۇسا، ئادەمنىڭ كۆڭلىدە بىر ئىلھام بۇلىقى ئېچىلىپ، كۆڭۈلى بەختكە تولىدۇ. ھىلالنىڭ تولۇن ئايغا ئۆزگىرىشىنى سەۋر بىلەن ساقلايدۇ.

بۇنداق چاغدا ئادەم پۈتۈنلەي باشقا بىر يېڭى تۇيغۇغا كېلىپ، ئىككى تىكەن ئارىسىدا ئۆسكەن قىزىل گۈلدەك جاسارەت بىلەن ئەتراپقا خۇش پۇراق چاچقۇچى، تەسىر كۆرسەتكۈچى ياردەم سۆيەر كىشىگە ئايلىنىپ قالىدۇ،-  گەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئىشىك ئېچىلىپ، ئۆيگە ئاقپىشماق يىگىت كىرىپ كەلدى. ئۇ، بىر قولىدا ئاپتۇۋا، بىر قولىدا چىلاپچىنى تۇتقان پېتى مەسئۇت ئەپەندىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، قولىغا سۇ تۇتتى ۋە غولىغا ئارتىۋالغان ھالرەڭ لۆڭگىنى سۇندى ۋە ئابدۇمۇتائالى خەلىپەنىڭ قولىغىمۇ سۇ تۇتتى. ئاندىن ئاپتۇۋا بىلەن چىلاپچىنى سىرتقا ئەچىقىۋېتىپلا ھايال ئۆتمەي يەنە ئۆيگە كىرىپ كەلدى – دە، ئۇدۇلىدا تۇرغان ھەربىر يېنى بىر گەز كېلىدىغان شىرەنى ئەكېلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويدى. ئاندى دېرىزىنىڭ تەكچىسىگە قويۇلغان ئاق سىرلىق سايۇز (رۇسىيە) چېلىكىنىڭ يېنىدىكى كۈمۈش پەتنۇسنىڭ ئۈستىدە چىرايلىق قاتلاقلىق تۇرغان چۆرىسىگە رېشىلىيە ئىشلىگەن ئاق داستىخاننى ئەكېلىپ، شىرەنىڭ ئۈستىگە ئەپچىللىك بىلەن سالدى.

شۇ ئەسنادا كىمدۇر بىرى ئىشىكنى يەڭگىل چەكتى ۋە يىگىت ئىشىكنى ئېچىپ سۇنۇلغان پەتنۇسنىڭ ئۈستىدىكى قەنت -گېزەكلەرنى ئەكېلىپ شىرەنىڭ ئۈستىگە تىزدى ۋە يەنە چىقىپ كېتىپ، دەم ئىچىدىلا مىس چاي چۆگۈنى بىلەن جانان سىركايىلارنى كۆتۈرۈپ كىردى. مەشنىڭ يېنىغا قويۇپ قويغان پەتنۇسنىڭ ئۈستىگە جانان سىركايىلارنى ئاۋايلاپ قويۇپ، ئۇنىڭغا مىس چۆگۈندىكى قېنىق دەملەنگەن چاينى پەم بىلەن قۇيىدۇ. بۇ چاغدا چايدىن كۆتۈرۈلگەن ھور بىلەن تەڭ پەمىلچاينىڭ مەززىلىك ھىدى ئۆينىڭ ئىچىگە تارقىلىشقا باشلىغان ئىدى. يىگىت سىلىق ھەرىكەت قىلىپ، ئېھتىيات بىلەن پەتنۇستىكى جانان سىركايىلارنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئاۋايلاپ قويغاندىن كېيىن قىپقىزىل قىزىرىپ، سىڭىپ پىشقان مايلىق پىتىر توغاچنى ئېلىپ «بىسسىملاھىر راھمانىر رەھىم» دەپ تۆت پارچە قىلىپ ئوشتۇپ، شىرەنىڭ ئۈستىگە قويۇپ تۇرۇپ، – قېنى چاي ۋە مەزىلەرگە باققايسىزلەر، مەن سىلەرنىڭ پاراڭلىرىڭلارغا دەخلى قىلماي، بىرەر نەرسە كېرەك لازىم بولسا، ھايت دېسەڭلار مەن ياندىكى ھۇجرامدا، – دەپ، ئارقىچىلاپ پەيدەك يەڭگىل دەسسەپ چىقىپ كەتتى.

بۇ جەرياندا مەسئۇت ئەپەندى گەپنىڭ بۆلۈنۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن سۆزمۇ قىلماي، يىگىتنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىگە سەپ سېلىپ ئولتۇردى. جانان سىركايىلارنى پەتنۇستىن ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويۇۋاتقاندا، يىگىتنىڭ بىلەكلىرىنىڭ سۈزۈك تېرىسى ئاستىدىكى ئىنچىكە كۆكۈش تومۇرلىرى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. سەل جىددىيلىشىپ قالغانمۇ قانداق، خەت تارتقان بۇرۇتلىرى تەرلەپ كەتكەن ئىدى. يىگىتنىڭ زەڭگەر كۆزلىرىگە سايە تاشلاپ تۇرغان ئۇزۇن كىرپىكلىرى ياساپ قويغاندەك ئارقىغا قايرىلىپ تۇراتتى. غۇنچىدەك لەۋلىرىنىڭ ئېچىلمىغىنىدىن كەم سۆز يىگىت ئىكەنلىكىنى چىقىپ تۇراتتى. سېلىق ھەرىكەت قىلىپ، ئېھتىيات بىلەن ئىش قىلىشلىرىدىن يىگىتنىڭ ناھايىتىمۇ ئەدەپ -ئەخلاقلىق چوڭ بولغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى. ياخشى دەملەنگەن مەززىلىك پەمىلچاينى قەنت – گېزەكلەر بىلەن بىرە پىيالىدىن ئىچكەندىن كېيىن، مەسئۇت ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئەسلى كېلىش مۇددىئاسىنى ئۇدۇللا ئېيتىپ مۇنداق دېدى:

-ھازىر غۇلجىنىڭ ۋەزىيىتى كۈندىن – كۈنگە يامانلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. دوتەي ما داخۇانىڭ دەردى بىر چەتتە قايرىلىپ قىلىپ، ئادىلبەگ بىلەن ئىبراھىم ئەئلەمنىڭ دەردى ھەممىدىن ئېشىپ كەتتى. بىز نەسۇھا ئىمىن داموللامدەك قېرىنداشلىرىمىزنى قوغدىيالمىدۇق. ھازىرقى ۋەزىيەتتە سىزمۇ، مەنمۇ ۋە بىزگە ئوخشاش مىللەتنىڭ يۈكسىلىشىنى ئويلايدىغان ئۇسۇلى جەدىد ئاۋانگارتلىرىنىڭ ھەممىسى تەھدىت ئاستىدا. ھامان بىر كۈنى ئۇلار قانغا بويالغان قوللىرى بىلەن بىزنىڭ ياقىمىزغا ئېسىلىدۇ. بۇ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى بولۇپ قالدى خالاس. ئىستىبداتچىلارنى قورقۇتۇۋاتقان نەرسە، ئۇيغۇر خەلقىنى نادانلىقتا قالدۇرۇپ، ئۆزلىرى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن زۇلمەت باسقان قاراڭغۇ تاشقى دۇنيا بولماستىن، بەلكى قاراڭغۇ تاشقى دۇنياغا مەشئەل يىقىۋاتقان ئىستېداتلىق كىشىلەرنىڭ ئىچىدىكى يورۇقلۇق. شۇ ۋەجىدىن مېنىڭ ئەنسىرەيدىغىنىم سىزگە ئالەم ھادىس بىر كېلىشمەسلىك بولۇپ قالامدىكىن دەيمەن.

چىلبۆرىلەر پىستىرما قۇرۇپ، ھۇجۇمغا ئۆتۈشتىن ئاۋۋال ھەر دائىم بىزدەكلەرنى تەنھا قالدۇرۇشنى ئويلايدۇ. ئۇلار ئەتراپىمىزدىكىلەرنى بىر- بىرلەپ يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ھالبۇكى، ناسۇھا ئىمىن داموللام ئۈستىدىن تۇرغۇزغان ئەنزىدە، كۇپۇرلۇق ھەققىدە ھېچبىر پاكىت بولمىغان تۇرۇقلۇق، يەنىلا دەھرىيلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ، جازاغا ئۇچراپ، ناكا بولۇپ قالدى ۋە سۈرگۈن قىلىندى. مىجەزى ئوسال جاھىل مۇتەئەسسىپلەر بولسا، ھۆكۈمران كۈچلەرگە يانتاياق بولۇپ، يالغۇز ناسۇھا ئىمىن داموللامنىلا جازالاپ قالمىدى، بەلكى پۈتۈن ئىلىدىكى ئۇسۇلى جەدىد ئاۋانگارتلىرىنى جازالىدى ۋە ئۇلارنىڭ ھاياتىغا تەھدىت سالدى. ئۇلارنىڭ شۇملۇق ھۇۋلاشلىرى ھۆكۈم سۈرگەن مۇشۇ سىتەمكار زامان ۋە ماكاندىن سىزنىڭ بىر ئاز يىراق تۇرۇشىڭىز بىز ئۈچۈن كۆپ پايدىلىق بولىدۇ دەپ قارايمەن. يەنى دېمەكچى بولغىنىم شۇكى، سىز ھەج تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن مەككە -مۇكەرەمگە سەپەرگە چىقىپ، جاھاننىڭ ئىشى سەل تىنچلانغاندا قايتىپ كەلسىڭىزمىكىن دېمەكچىمەن.

مەسئۇت ئەپەندى، چىن قەلبتىن ئېيتقان بۇ سەمىمىي سۆزلىرى ئارقىلىق ئۇستازىنى مەككە سەپىرى قىلىشقا قايىل قىلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ئەمما نەتىجە ئويلىغاندەك بولمىدى. ئابدۇمۇتائالى خەلىپە، ئېيتىلىۋاتقان سۆزلەرگە قۇلاق سېلىپ ئولتۇرغاندا، مەڭزىگە سىڭاريان چۈشۈپ تۇرغان كۈننىڭ ئاجىز نۇرى كۆزلىرىنىڭ چاناقلىرىدىكى چوڭقۇر قورۇق سىزىقچىلىرى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرۈۋەتكەن ئىدى. ئۇ، قاپلاننىڭ كۆزلىرىدەك چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىنى مەسئۇت ئەپەندىگە تىكىپ تۇرۇپ، ناھايىتى ۋەزىنلىك قىلىپ مۇنداق دېدى:

– قاراڭ ئۇكام مەسئۇت، بىز ھەممىمىز ئىلى دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىچىپ، ئىلى دەرياسىدا ئۈزۈپ چوڭ بولغان كىشىلەر بىز. ئىلى دىيارى مول سۇ مەنبەسىگە ئىگە ماكان ۋە بۇ دىيارنىڭ تۇپراقلىرى مۇنبەت، ھوسۇلى مول. شۇ ۋەجىدىن  بۇ يەرلەردە ئەلمىساقتىن بۇيان ئاچارچىلىق بولۇپ باقمىغان. بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى سۈيىنىڭ موللۇقىدىندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز دۇنيادىكى بارلىق نېمەتلەردىن ئېغىز تېگىشىمىزگە ۋەسىلە بولغان سۇنىڭ ھېكمىتىنى  بىلىشىمىز لازىم. بولۇپمۇ ئەتراپتىكى تېكەس، قاش، ئابرال، دىلمۇك قاتارلىق تاغلارنىڭ يۈرەك قىنى بولغان سۇلارنىڭ ئاشۇ تاغلاردىن، جىلغىلاردىن، ئېدىرلاردىن قانداق ئېقىپ ئالدىمىزغا كېلىدىغانلىقىنى ئىدراك قىلىشىمىز لازىم. چۈنكى سۇنىڭ ئېقىشىدا ئالامەت بىر ھېكمەت بار.

شۇ ئېگىز تاغلاردىن ئېقىپ چۈشكەن سۇنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ. سۇ ئاققاندا ھەر دائىم راۋان يولنى تاللايدۇ ۋە شۇ يولنى بويلاپ ئاقىدۇ. يەنە شۇنداقتىمۇ ئېقىۋاتقان يولىدا ھەرخىل توسالغۇلارغا دۇچ كېلىدۇ، ئەمما ھەرگىز يولىدىن ۋاز كەچمەيدۇ ۋە ئالدىغا چىققان توسالغۇلار بىلەن ھەپىلىشىپمۇ يۈرمەيدۇ. ئامال بار ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. سۇ ئۆز يولىغا شۇنچىلىك ئالدىرايدۇ، ئۆزىنىڭ كۆزلىگەن نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ئىزدىنىدۇ. ئاخىرى بىر ئاماللارنى قىلىپ، ئالدىدىكى توسالغۇلارنىڭ ئەتراپىدىن بىر يولنى تېپىپ ھامان ئېقىپ كېتىدۇ. دېمەكچى بولغىنىم شۇكى بىز مەكتەپ ئېچىپ، خەلقىمىزنى نادانلىقتىن، ساۋاتسىزلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ روھىنى داۋالاپ، مىللىي ئويغىنىش ھاسىل قىلىمىز دەيدىكەنمىز، ئالدىمىزغا چىققان قارشى كۈچلەر بىلەن ھەپىلىشىپ ئولتۇرماي، ئامال بار يانداپ ئۆتۈپ كېتىپ، ئۆز يولىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك. ئەگەر ئۇلار بىلەن ئېيتىشىپ ئولتۇرساق قىلىدىغان ھەققى ئىشىمىزنى قىلالماي قالىمىز. كۆزلىگەن نىشانغا يېتەلمەيمىز. قاغجىرىغان يۈرەكلەرنىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرالماي قالىمىز.

بىزنىڭ مىللىي ئاقارتىش ھەرىكىتىمىز ئۇنداق بىر ئىككى يىللىق ئىش ئەمەس. بۇ ئۇزۇن مەزگىللىك مۇشەققەتلىك سەپەر. بەلكى سىز ئويلايدىغانسىز «مۇبادا تاغ سۇلىرى ئالدىغا چىققان توسالغۇلاردىن ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىدىغان بىر يولنى تاپالمىسىچۇ؟ تىنچ ئۆتۈپ كېتىدىغان يول بولمىسىچۇ؟  ئۇنداقتا قانداق قىلغۇلۇق؟» دەپ. مۇبادا راستتىنلا تاغ سۈيى، ئەنە سىز ئويلىغاندەك چوڭ توسالغۇلارغا دۇچ كەلسە، سەۋر قىلىشنى تاللايدۇ. يەنى ئۆزىنىڭ راۋان ئېقىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان توسۇقنىڭ ئالدىدا جىمجىت تۇرۇپ، پەيتنى كۈتىدۇ ۋە ئاستا – ئاستا بىرىكىپ كۆپەيگەندىن كېيىن، توسالغۇلارنىڭ ئۈستىدىن بېسىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئادىلبەگ ۋە ئىبراھىم ئەئىلەمدەكلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى كۈچلەندۈرۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. يەنى ئۆزىمىزدە سان ۋە سۈپەت جەھەتتە غايەت زور يۈكسىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارنى يوقىتىشنىڭ چارە -تەدبىرلىرىنى ئويلىشىمىز لازىم. بۇ يەردىكى ئەسلى مەسىلە ئۇلار ئەمەس. مەسىلىنىڭ تۈپ يىلتىزى ئۇلارنىڭ يۆلەنچۈكى بولغان تاجاۋۇزچىلار. بىز بۇ ئانا تۇپراقلاردىن تاجاۋۇزچىلارنى قوغلاپ چىقارمىغىچە ئۇلار مەڭگۈ يوقالمايدۇ. ئادىلبەگ بىلەن ئىبراھىم ئەئلەمنى يوقاتقىنىمىز بىلەن ئارقىسىدىن ئۇلاردىن بەتتەر يامانلىرى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. چۈنكى بۇ زېمىننى مەڭگۈ ئىستېلا قىلىش ئۈچۈن تاجاۋۇزچىلار ھامان ئۆزلىرىگە ئەڭ ئەسقاتىدىغان ئادەملەرنى ھامان تاپىدۇ ۋە ياكى مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن قىلىپ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ. شۇ ۋەجىدە بىز كۈچلۈك بولۇشىمىز كېرەك.

بۇ دۇنيادا كۈچلۈك بولغان يېڭىدۇ. ئاجىزلار كۈچلەنمىگۈچە، ئۆزلىرىنى ئىسلاھ قىلىپ، يېتىلدۈرمىگۈچە ئاھ – زارى كۆككە يەتمەيدۇ. «ئىنسان پەقەت ئۆزىنىڭ ئىشلىگەن ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ»¹(نەجم سۈرىسى 39-ئايەت). يەنى خۇدايىم ئارپا تېرىغان دېھقانغا ھەرگىز بۇغداينى ئۈندۈرۈپ بەرمەيدۇ. شۇ ۋەجىدىن بۇ ھاياتتا ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ .ئادەم بولۇشتىكى مەقسەت، ئىزچىل ئىزدىنىش، پەرق ئېتىش ۋە پىكىر قىلىشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن تاغ سۇلىرىدەك سەۋر قىلىشنىمۇ بىلىشىمىز كېرەك. دەرۋەقە، سەۋر قىلغان سۇ قىيا تاشنى ياندىن ئاستا – ئاستا يالاپ يول ئاچالايدۇ ۋە تامچە – تامچە بولۇپ تامچىپ تېشىۋېتەلەيدۇ. «سەۋر قىل» دېگەنلىك ھەرگىزمۇ «سۈكۈت قىل» دېگەنلىك بولماستىن بەلكى، «سۈكۈنات ئىچىدە پەرياد قىل» دېگەنلىكتۇر ۋە مۇشۇ سىتەمكار زاماننىڭ دەردىگە چىداپ تۇرۇپ، قاراڭغۇ كۆڭۈللەرنى يورۇتۇش ئۈچۈن شامدەك جىمجىت كۆي دېگەنلىكتۇر.

دېمەك تاغ سۇلىرى ھامان ئاقىدۇ، ھامان ئۆز يولىنى تاپىدۇ. بىز ئاشۇ شاقىراپ ئاقىدىغان تاغ سۇلىرىدەك بولساقلا ھامان ئۆز يولىمىزنى تاپىمىز ۋە بۇ يولدا ئۆز نىشانىمىزغا يېتىمىز. ئاققان سۇلار ھەرگىز ئارقىغا يانمايدۇ ۋە سېسىپ، پۇراپ كەتمەيدۇ. بەلكى، ئاققانسېرى پاكلىشىپ، ئۆزىدىن ئەخلەتلەرنى سىرتقا ئېتىپ ماڭىدۇ. قانچە ئاققانسېرى، ۋادىلىرىدىكى زىرائەتلەرنى، دەل – دەرەخلەرنى ۋە پۈتۈن جانلىقلارنى سۇغۇرۇپ پۈتۈن تەبىئەتكە ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ. بەزىدە قاغجىراپ چاك – چاك بولۇپ كەتكەن تۇپراقلارغا، چاڭقىغان يۈرەكلەرگە شىپالىق يامغۇر بولۇپ ياغسا؛ بەزىدە قار بولۇپ يېپىنچىغا ئايلىنىپ، تەبىئەتنى زىمىستان سوغۇقتىن ساقلايدۇ؛ بەزىدە قەھرىتان سوغۇقنىڭ دەستىدىن مۇز بولۇپ توڭلاپ كەتسىمۇ، قۇياشنىڭ تەپتىنى سەۋر بىلەن كۈتىدۇ. بەزىدە ئاتاشتەك ئىسسىقتا ھور بولۇپ كۆكلەرگە شۇڭغۇسىمۇ، يەنىلا يامغۇرلۇق بۇلۇت بولۇش ئۈچۈن شامالنى مۇتلەق ساقلايدۇ. نېمىلا دېگەن بىلەن، شەكلى ئۆزگەرسىمۇ ماھىيىتى ئۆزگەرمەيدۇ، ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا يەنىلا ئەسلىگە يانىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۆزىمىز كۆزلىگەن نىشانغا يېتىمىز دەيدىكەنمىز، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ بەزىدە تاغ سۈيىدەك شاقىراپ مەۋج ئۇرۇپ ئاقساق، بەزىدە سەۋر بىلەن پەيتنى كۈتۈشنى، ئەقلىمىزنى ئىشلىتىپ ئۆزىمىزنى كۈچلەندۈرۈشنى بىلىشىمىز لازىم. داۋالغۇپ تۇرغان دەۋرنىڭ ئاكتىپ بىر پارچە بولۇپ، خەلقىمىز بىلەن بىر سەپتە دەستە – دەتتە  يول ئېلىشىمىز كېرەك.

ئابدۇمۇتائالى خەلىپەنىڭ سۆزلىرى تۈگىگەندە، مەسئۇت ئەپەندى ئۇستازىنىڭ قىلغان سۆزلىرىنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، تەبەسسۇم بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ – ئۆزىڭىز بىلىسىز بىزدە « زامانى بىرنىڭ زارى بىر» دېگەن سەقىمە سۆزى بار. ھەممىمىزنىڭ دەردى بىر، ئارزۇ – ئارمانلىرى بىر، مۇشۇ يۇرتتا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئىكەنمىز ئەلۋەتتە مۇشۇ ئەل – يۇرتنىڭ ئاھ – زارلىرىنى ئاڭلاپ، دەردىگە دەرمان بولۇپ، ئارزۇ – ئارمانلىرىغا ھەمدەم بولۇپ ئۆتىمىز. ئېيتقان سۆزلىرىڭىز مەن ئۈچۈن بەكمۇ قىممەتلىك،  مەن ئەنە شۇ ئورتاقلاشقان ئوي – پىكىرلىرىڭىزنى، ئارزۇ – ئىستەكلىرىڭىزنى ئاڭلاش ۋە ئۆزۈمنىڭ يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن ئەندىشىلىرىمنى يۈز- تۇرانە تۇرۇپ ئېيتاي دەپ كەلگەن،- دەپ جىممىدە شۇك بولۇپ كەتتى ۋە قولىدىكى بال قوشۇق بىلەن جانان سىركايىدىكى سىنچاينى ئاستا – ئاستا ئارىلاشتۇرۇپ، ئىچىدىكى چاقماققەننى ئېرىتىشكە باشلىدى، بۇ چاغدا ئۇنىڭ چىرايىدا، ئاجايىپ ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتاتتى. گويا ئۇ قاراڭغۇ ئورماندىن يورۇق بىر يولغا چىقىپ قالغان سەيياھتەك، كۆزلىرى ئۈمىدكە تولۇپ، ۋۇجۇدى ئىللىپ، كەيپىياتى ياخشىلىنىپ، قانداقتۇر ياخشى بىر ئىش ئۈستىدە ئويلىنىۋاتقاندەك كۆرۈنۈۋاتاتتى. ئابدۇمۇتائالى خەلىپە  بولسا، يېنىدا ئولتۇرۇپ قانداقتۇر چوڭقۇر خىيال ئىچىگە پەيدىنپەي  پېتىپ كېتىۋاتقان مەسئۇت ئەپەندىنى داستىخان ئۈستىدىكى مەرىشەتلەردىن ئېلىشقا ئۈندىدى ۋە ئۆزىمۇ ئالدىدىكى سىركايىنى قولىغا ئالدى. بۇ دەمدە مەسئۇت ئەپەندىنىڭ كۆز ئالدىدىن بۇلتۇر ئاۋغۇست ئايلىرىنىڭ ئاخىرلىرىدا دەريا بويىدىكى پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ يۈزىنى تۆكىدىغان ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ئالغانلىقى سۈرەتتەك بىر- بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىغان ئىدى.

(«مەسئۇت ئەپەندى» ناملىق تارىخىي روماندىن ئېلىندى، داۋامى بار…)

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top