You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى داۋاملىشىۋاتقاندا دىئاسپورادىكى ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش ھەققىدىكى خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئەنقەرەدە مۇۋەپپىقىيەتلىك ئېچىلدى.

ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى داۋاملىشىۋاتقاندا دىئاسپورادىكى ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش ھەققىدىكى خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئەنقەرەدە مۇۋەپپىقىيەتلىك ئېچىلدى.

2023-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى ئەنقەرەدە «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى داۋاملىشىۋاتقاندا دىياسپورادىكى ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش «ھەققىدىكى خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ساھىپخانلىقىدا 14 دۆلەتتىكى 29 ئۇيغۇر تەشكىلاتى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋە چەتئەللىكلەردىن تەركىپ تاپقان تەتقىقاتچى، مىنىستىر، ھۆكۈمەت خادىملىرى، پارلامىنىت ئەزالىرى ۋە ئانا تىل پىدائىيلىرى، ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا رەسمىي باشلاندى.

مەزكۇر يىغىن چوڭ تۆت بۆلۈمگە ئايرىلغان بولۇپ، ھەر بىر بۆلۈم رىياسەتچىلىرىنىڭ مەسئۇللۇقى ئاستىدا يىغىن باش تېمىسىنى چۆرىدىگەن ئاساستا ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن مېھمانلارنىڭ دوكلات سۇنۇشى ۋە بەلگىلەنگەن تېمىلاردا مۇزاكىرە قىلىشى بىلەن داۋاملاشتى.

يىغىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى تونۇلغان تىببىي دورا تەتقىقات ئالىمى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندىنىڭ ئېچىلىش نۇتقى بىلەن باشلاندى، دوكتۇر رىشات ئابباس ئەپەندى ئېچىلىش سۆزىدە ئۇيغۇرلانىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ نۆۋەتتە ۋەتەن ئىچى-سىرتىدا ئېغىر خرىسقا دۇچ كەلگەنلىكىنى، ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرى، سەنئەتكارلار، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە تەشكىلات مەسئۇللىرىنىڭ بىرلىكتە ئۇيغۇر ئانا تىل ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش خىزمىتىگە ئاتلىنىشى كېرەكلىكى ھەققىدە سۆز قىلدى، ئۇ يىغىن مەقسىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش، ھەمدە بۇ ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداشتا دۇچ كېلىۋاتقان توسقۇنلۇق ۋە قىيىنچىلىقلار، شۇنداقلا ئۇنى قانداق يېڭىش ۋە ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرۇش ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندىنىڭ ئېچىلىش سۆزدىن كېيىن، ئامېرىكا تىنچلىق ئىنستىتۇتى ئافغانىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا پىروگراممىلىرى مۇدىرى سىكوت ۋوردىن ئەپەندى، دېموكراتىيە، ھاكىمىيەت، تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى، ئامېرىكا خەلقئارا تەرەققىيات ئاگېنتلىقى دېموكراتىيە گۇرۇپپىسى باشلىقلار يىغىنى تەشكىللىگۈچىسى، ئاسىيا تېخنىكا مۇلازىمىتى يېتەكچىسى بىرايىن ۋوگت ئەپەندى، ئامېرىكا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەسلىھەتچىسى ۋىراج م. لىبەيلى خانىم، كىم روي خانىم قاتارلىق چەتئەللىك تەتقىقاتچى مۇتەخەسىسلەردىن باشقا يەنە تۈركىيە سىياسىي پارتىيە ۋەكىللىرىدىن دوغان بەكىن، سەلچۇق ئۆزداغ، مەلىھ  رىفات ئاقتاش قاتارلىقلار سۆز قىلدى.

ئامېرىكا تىنچلىق ئىنستىتۇتى ئافغانىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات بۆلۈمىنى دىرېكتورى سكوت ۋوردېن (Scott Worden)  سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر تىلىنى قانداق ساقلاپ قېلىش ھەققىدە كۆپچىلىكنىڭ بىر يەرگە كېلىپ بۇ مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلىش، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆز ئارا ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى بايان قىلدى. شۇنداقلا ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قېلىش جەھەتتە مەۋجۇت بولۇۋاتقان ھەم كەلگۈسىدە دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئاسىيا مەسىلىلىرى بويىچە دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى برىيان ۋوگت (Brian Vogt) بۇ مۇراسىمدا سۆزگە چىقىپ، ئامېرىكادىكى دېموكراتىيە، تىنچلىق ۋە دىنىي ئەركىنلىك ئورگانلىرىنىڭ، جۈملىدىن ئۆزى خىزمەت قىلىۋاتقان ئورۇننىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، جامائەت پىكرى توپلاپ، ئۇنىڭغا قارشى بوشاشماي كۈرەش قىلىۋاتقاتلىقىنى ۋە بۇنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئاممىۋى دىپلوماتىيە ياردەمچىسى ۋىراج لىبايلى (Wiraj M. LeBailly)، ئۇيغۇر تىلىنىڭ قىتئەلەر بويىچە تاراپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنى بىر-بىرىگە باغلايدىغان مۇھىم رىشتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، تۈركىيەدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن بەزى تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى، يېڭىدىن رەفاھ پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى دوغان بەكىن ئەپەندى بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ سۆز قىلدى. ئۇ مىللىي گۆرۈش ھەرىكىتىگە ۋەكىللىك قىلىۋاتقان يېڭىدىن رەفاھ پارتىيەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ ئۇچرىغان زۇلىمىغا قارشى كۆپ قېتىم ئەمەلىي پائالىيەتلەرنى قىلغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەر زامان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئاسمىلاتسىيە ۋە قىرغىنچىلىقىغا قارشى قولىدىن كېلىشىچە ھەرىكەت قىلغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق كۆرىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى، كېلەچەك پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى دوتسېنت سەلجۇق ئۆزداغ ئەپەندى بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ سۆز قىلدى. ئۇ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەيلى قايسى دۆلەتكە بارسۇن، ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيتىدىن، تىلىدىن ئايرىلماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تىل بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى توشۇيدىغان قورالدۇر، تىل بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇق بەلگىسىدۇر، سىلەر 5 مىڭ يىللىق بىر مەدەنىيەتنىڭ ئىز باسارلىرى، 5 مىڭ يىلدىن بېرى تىلىڭلار، ناخشا-مۇزىكاڭلار، سەنئتىڭلار، مىمارچىلىقىڭلار ۋە  تائام مەدەنىيىتىڭلارنى ساقلاپ كەلدىڭلار، ئەمدى ئۇنى كەلگۈسى ئەۋلادلىرىڭلارغا يەتكۈزۈش مەجبۇرىتىڭلار بار. مەيلى نەگە بېرىڭلار، تىلىڭلارنى ھېچ ئۇنتۇماڭلار، ئۇنى شەرەپ بىلەن قوللىنىڭلار».

تۈركىيە دېموكرات پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دوكتور رىفات مەلىھ ئاقتاش سۆزگە چىقىپ، تىل ۋە مەدەنىيەتنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش ئاپەتلىرىنىڭ  ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقا رايونلاردا ھېلىھەم مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، بۇنى توختىتىشقا  پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ، دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭمۇ تېخى مۇۋەپپەق بولالمىغانلىقىنى تىلغا ئالغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداشنىڭ ئالدىنقى شەرت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «تىلىڭلارنى يوقاتساڭلار، ھەممە نەرسەڭلارنى يوقاتقان بولىسىلەر، بۇنىڭ ئۈچۈن قىلىدىغان ناھايىتى مۇھىم ئىشلار بار» دېدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋىدىيو ئارقىلىق يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا سالىمىنى يوللىدى. ئۇ سۆزىدە نۆۋەتتە قىرغىنچىلىققا دۇچ كەلگەن ئېغىر ۋەزىيەتتە ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى، بۇ ساھەدە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئوينىغان رولىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى، دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، مىللىي مەۋجۇتلۇق كۈرىشىدە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى قىلىشى كېرەكلىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنى قوللايدىغانلىقىنى، دىئاسپورادا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە تەتقىقاتچىلىرىنى يىغىپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىلمىي خىزمەتلىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەنلىكىنى، بولۇپمۇ لوندۇندىكى مۇستەقىل ئۇيغۇر سوتىنىڭ غەلبىلىك نەتىجە قازىنىشىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ پەردە ئارقىسىدا قىلغان ئىلمىي ئەمگىكىنىڭ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

يىغىننىڭ بىرىنجى بۆلۈمى ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇت ئەھۋالى ــــــ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى، ئۇيغۇر كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىشى تېمىسىدا بولغان بولۇپ، بۇ بۆلۈمنىڭ رىياسەتچىلىكىنى ئۇيغۇرلار ھەرىكىتى ئىجرائىيە مۇدىرى روشەن ئابباس خانىم قىلدى.

ئالدى بىلەن ئامېرىكا كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى ئالىي تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنىز خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دۆلەت خاراكتېرلىك ھۇجۇمى ھەققىدە مۇھىم پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ تۆۋەندىكى دوكلاتىنى سۇندى: 

2010- يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر نوپۇسىغا ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتتى. 2015- يىلدىن 2018- يىلغىچە خىتاينىڭ «تۇغۇت چەكلەشكە خىلاپلىق قىلمىشلارنى نۆلگە چۈشۈرۈش» ۋە «تۇغۇت چەكلەشكە خىلاپلىق قىلمىشلىرىنى كونترول قىلىش ئالاھىدە ھەرىكىتى» ئارقىلىق يولغا قويۇلغان ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىنى تۆۋەنلىتىش پىلانى شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى تەبىئىي نوپۇس ئېشىش نىسبىتىڭ %85 تۆۋەنلىشىگە سەۋەب بولغان. 2019- يىلى تۇغۇلۇش نىسبىتى تېخىمۇ تۆۋەنلىگەن. 2020- يىلى «شىنجاڭ تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى»نىڭ دوكلاتى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ 2018- يىلى 12 مىليون 700 مىڭغا كۆپىيىپ، شىنجاڭنىڭ رەسمىي ئىستاتىستىكا يىلنامىسىدە كۆرسىتىلگەندىن بىر مىليون ئارتۇق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ دوكلاتتا بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر نوپۇسىنى چۆرىدىگەن تەشەببۇسلىرى ۋە بايانلىرى ئەستايىدىل تەكشۈرۈلۈپ، رايوندا تۇغۇتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئارقىلىق داۋام قىلىنىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋپى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى دىرېكتورى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى ئۇيغۇر رادىيوسىنىڭ مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردا ئويناۋاتقان رولى ھەققىدە تۆۋەندىكى مەزمۇندا دوكلات بەردى:

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك يەرلىك ۋە خەلقئارالىق خەۋەرلەرنى تارقىتىدىغان، ئۇيغۇر تىلىدىكى بىردىنبىر خەۋەر قانىلى. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر پىروگراممىسى 1998- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، كۈندىلىك خەۋەرلەر، خەۋەر ئانالىزى، ئاياللار ھوقۇقى، ساغلاملىق، مۇھىت، كىشىلىك ھوقۇق، مۇساپىرلار جەمئىيىتى، مائارىپ، مەدەنىيەت، تارىخ ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ئائىت مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ خەۋەرلىرى فېيسبۇك، تىۋىتېر، يۇتيۇب، ساۋندكلاۋد، پودكاست ۋە تيۇنئىن قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىلىدۇ. ئۇ، خىتاينىڭ 2017- يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك خەلقلىرىگە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باستۇرۇش، تۇتۇپ تۇرۇش، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقلىرى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى تارقىتىشنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە تۇتۇپ تۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى، يەنى ۋەتىنىمىزدىكى بىر مىليوندىن ئۈچ مىليونغىچە ئۇيغۇر سولاپ قويۇلغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى تۇنجى بولۇپ تارقاتقان. خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئادەتتىكى كىشىلەرلا ئەمەس، بەلكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار، ئالىملار، يازغۇچىلار، تارىخچىلار، دىنىي زاتلار، مۇتەپەككۇرلار، سەنئەتكارلار، ھەتتا تەنھەرىكەتچىلەرمۇ بار. ئۇلاردىن باشقا، ئامېرىكا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى مۇخبىرلىرى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى خەۋەر قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ئۇلارنىڭ نۇرغۇن يېقىن تۇغقانلىرىغا تەھدىت سالدى ۋە ئۇلارنى جازالىدى.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمى يەنە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەندىشىسى ۋە كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلىتىدىغان ۋە دۇنيا جامائىتى بىلەن ئالاقىلىشىدىغان مۇنبەر. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى پىروگراممىلىرىغا ياش ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگە ۋە ئاڭلىغۇچىلارغا  قارىتا ئۇيغۇر تارىخى، تىلى ۋە مەدەنىيىتى توغرىسىدىكى خەۋەر ۋە دوكلاتلارمۇ كىرگۈزۈلگەن.

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ پەنلىرى دوتسېنتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بارغان باستۇرۇشىنىڭ سەۋەبلىرىنى بايان قىلىپ تۆۋەندىكى مەزمۇندا دوكلات بەردى:

خىتاينىڭ سىياسىي مەدەنىيىتىدە، خىتايدىن باشقا جەمئىيەتلەرنى چەتكە قېقىش ئالاھىدىلىكى بار. خىتاينى مەركەز قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ئۇلۇغ دۇنيا بەرپا قىلىش شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويۇلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىدۇر. شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە جۇغراپىيەلىك سىياسىي ۋەزىيىتى خىتاينىڭ بۇ رايوندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى يولغا قويۇشىدىكى يەنە بىر سەۋەبى بولماقتا. شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى خىتاينى ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق ۋە ياۋروپا بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان ياكى ئايرىيالايدىغان رايون سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدۇ. شۇڭا، تارىختا شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ ياۋرو-ئاسىياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىنىڭ دەرۋازىسى ياكى كۆۋرۈكى بولۇش رولىنى ئويناپ كەلگەن. ئەگەر بۇ دەرۋازا تاقىلىپ قالسا، خىتاينىڭ ياۋرو-ئاسىيا رايونىغا كىرىشىگە توسالغۇ بولۇپلا قالماي، يەنە كۈچلۈك دۆلەت بولۇش پۇرسىتىنى يوق قىلىپ قويىدۇ.

تارىختىن بۇيان، خىتاي سىياسىيونلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيەسىنى خىتاينى دۈشمەنلەردىن قوغدايدىغان تەبىئىي توسۇق دەپ قاراپ كەلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشۇۋاتقان ھەمدە خىتاينىڭ داۋاملىق پايدىلىنىۋاتقان يەر ئاستى ۋە ئۈستى بايلىقلىرىغا ئىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشنى تولىمۇ مۇھىم دەپ بىلىدۇ. خىتاينىڭ بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسى شەرقىي تۈركىستان ئارقىلىق مەۋجۇت بولىدۇ. بۇ سەۋەبتىن خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇقىملىقىنى مۇھىم ئورۇنغا قويىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، شەرقىي تۈركىستان، خىتاينىڭ كەلگۈسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.  بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسى ئارقىلىق «خىتاي ئارزۇسى» نىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى كۆزدە تۇتقان خىتاي، يەرلىك كىشىلەرنىڭ رايى ۋە مۇستەقىل بولۇش ئارزۇسىغا قارشى، شەرقىي تۈركىستاندا ئاسسىمىلياتسىيەدىن تارتىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغىچە بولغان سىياسەتلەرنى يولغا قويدى.

ئەنگىلىيە شېفىلد ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي ئاسىيا تەتقىقات مەركىزى لېكتورى دوكتور داۋىد توبىن (David Tobin) دۆلەت ھالقىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە تۆۋەندىكى دوكلاتىنى سۇندى: 

خىتاي كومپارتىيە دۆلىتىنىڭ دىياسپورادىكى ئۇيغۇرلارنى دۆلەت ھالقىپ باستۇرۇشى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان،  ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ مۇھىم ئامىللىرى بولغان تىل ۋە دىننى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى خەلقئارالاشتۇردى. خىتاينىڭ بۇ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشى، ھەق تەشەببۇس قىلغۇچىلار ۋە دىياسپورادىكى ئۇيغۇرلارغا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلىلىرى ئارقىلىق پاراكەندىچىلىك سېلىپ، ئۇلارنى ۋەتىنىدىن ئايرىۋاتىدۇ ۋە ئەۋلادلار ئارا مەدەنىيەت تارقىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ. كومپارتىيەنىڭ تەھدىتى ۋە كۆزىتىش تاكتىكىسى ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدە بىر-بىرىنى يەكلەش ۋە جەمئىيەتنى بىر-بىرىگە باغلايدىغان ئالاقىنى ساقلاشتا قىيىنچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىشەنچسىزلىك ۋە زىددىيەت پەيدا قىلىدۇ. بۇ دوكلات خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشىنىڭ قانداق قىلىپ ئائىلىنى ئايرىش ۋە پاراكەندىچىلىك سېلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئادىتىنى يوقىتىشنى نىشانلىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شۇنداقلا، 2017- يىلىدىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە قوش تىللىق ياش ئۇيغۇرلار قاتناشقان دالا تەكشۈرۈشىگە ئاساسەن خۇلاسىلەنگەن، ئىككى خىل تىل قوغداش مودېلى ئارقىلىق بۇ خىرىسلارنى ھەل قىلىش چارىسى ئوتتۇرىغا قۇيۇلىدۇ. ھەر ئىككى گۇرۇپپىدىكى ياشلار خىتاينىڭ قوش تىللىق تەجرىبە مەكتەپ سىستېمىسىدا ئوقۇغان، ئەمما ئۇلار قوش تىللىق سىستېمىنىڭ ئىككى تىل ئارىسىدىكى پەرقلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن.

ئانا تىلنى قوغداشنىڭ بىر مودېلى ئائىلىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى مائارىپى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئائىلىدىكى شەخسلەر ئۈستىگە ئالىدۇ. ئىككىنچى، ئاممىۋى يۈزلىنىش بولۇپ، ئاممىۋى مائارىپ ۋە سىمۋوللۇق ئۇسۇل ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ دوكلات ھەر ئىككى مودېلنى ئاساس قىلىپ، دىياسپورادىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئوخشىمىغان مودېللارنى ئىشلىتىپ، ئوخشىمىغان نىشانغا يېتىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئاساسەن دېگۈدەك ئائىلە تۇرمۇشىغا باغلىق. ئەگەر ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەتقىقاتچىلار قوللىنىدىغان ۋە ئاممىۋى تاراتقۇلارنىڭ جەمئىيەتكە تونۇغان ۋە چۈشىنىدىغان ئاممىۋى تىلى سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىنىشنى ئۈمىد قىلسا، كۆپلىگەن مەنبەلەر ۋە نىشانلىق مەبلەغ تەلەپ قىلىنىدۇ.

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنتى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى «خىتايىنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىش سىياسىتى ۋە بۇ سىياسەتكە قارشى چارە-تەدبىرلەر» دېگەن تېمىدا تۆۋەندىكى مەزمۇندا دوكلات بەردى: 

ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، شەرقىي تۈركىستان 1884-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى مەنچىڭ خانىدانلىقىنىڭ قارارى بىلەن ئىسمى شىنجاڭغا ئۆزگەرتىلىپ بېيجىڭغا باغلانغان. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ۋاقىتتىن ھازىرغىچە ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى باشتىن كەچۈرگەن شەرقىي تۈركىستان خەلقى ھازىر ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كەلمەكتە. بۇ رايوننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسى خىتايغا پايدىلىق قىلىپ ئۆزگەرتىلدى؛ دىنىي ۋە مىللىي قىممەت قارىشى ھاقارەتلەندى؛ مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسى يۇقىرى پەللىگە چىقتى. كۈندىلىك تۇرمۇش 24 سائەت كونترول قىلىندى. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە سادىق قىلىش ئۈچۈن، تېخنىكىلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق تولۇق باستۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى. بۇ ماقالىدە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەممە ساھەلەردە يولغا قويغان سىياسەتلىرى باھالىنىدۇ. ئاندىن چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان شەرقى تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەر كۆرسىتىلىدۇ ۋە چۈشەندۈرۈلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، بىز چەتئەلدىكى، بولۇپمۇ تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان دىياسپوراسىنىڭ ھەرىكەت پىلانى توغرىسىدىكى تەجرىبىمىزنى قاتناشقۇچىلار بىلەن ئورتاقلىشىشقا، كەمتۈك نۇقتىلارنى ئەسكەرتىشكە ۋە بىر ئىستراتېگىيەلىك پىلان ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشىمىز.

يىغىننىڭ ئىككىنجى بۆلۈمى دىياسپورادىكى ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداشتا دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلار ۋە پۇرسەتلەر تېمىسىغا ئايرىلغان بولۇپ، بۇ بۆلۈمگە جۈرەكسېل ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئاراشۇناسلىق ۋە ھازىرقى زامان تىللىرى بۆلۈمى مۇدىرى دوتسېنت دوكتور رىبەككا كلوزىي ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ياشلار كومىتېتى مۇدىرى دوكتۇر بارات ئاچىنۇق رىياسەتچىلىك قىلدى.

جۈرەكسېل ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئاراشۇناسلىق ۋە ھازىرقى زامان تىللىرى بۆلۈمى مۇدىرى دوتسېنت دوكتور رىبەككا كلوزىي خانىم «دىئاسپورادىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ چىدامچانلىقى: رىقابەت ۋە پۇرسەتلەر» ھەققىدە دوكلات سۇندى، ئۇ دوكلاتىدا مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى:

ئۇيغۇر دىئاسپوراسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى نۇقتىسىدىن نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى قوغداشتا دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلىرى ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە بېرىلىدۇ. دوكلاتتا ئۇيغۇر جامائەتلىرى ئارىسىدىكى دۆلەت ھالقىغان ھەمكارلىق، تۈر مەبلىغى ھەل قىلىش ۋە بۇ تۈرلەرنىڭ ئىزچىللىقىنى ساقلاشتىكى خىرىس ۋە ئېھتىياج مەركەزلىك بايان قىلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان بىر قانچە دۆلەتتىكى بىخلىنىۋاتقان تەشەببۇسلار كونكرېت مىساللار بىلەن كۆرسىتىلىدۇ. بۇ ئۇچۇرلار ئامېرىكا تىنچلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ماددىي جەھەتتىن قوللىشى ۋە دوكتور شون روبېرتس بىلەن ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بارغان ئېھتىياج باھالاش يەكۈنىدىن ئېلىنغان. بۇ دوكلات دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەدەنىيەت چەمبىرىكىدە، جۈملىدىن سەنئەت، ئەدەبىيات ۋە مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەردىن كەلگەن ئىنكاسلارغا ئاساسلانغان.

ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى ھازىرقى زامان تۈرك تىللىرى بۆلۈمى ئوقۇتقۇچسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى پروفېسسور ئەركىن ئەمەت دىياسپورادا ئۇيغۇر تىلى تۆھپىكارلىرى ۋە ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش ئۇسۇللىرى ھەققىدە تۆۋەندىكى مەزمۇندا دوكلات سۇندى:

يىللاردىن بېرى مۇستەملىكە ئاستىدا قالغان شەرقىي تۈركىستاندا تىل ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتى زور چەكلىمىلەرگە ئۇچراپ كەلمەكتە. گەرچە تىل مىللەت بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولمىسىمۇ، تىل توغرىسىدىكى سىياسەتلەر جەمئىيەتنى شەكىللەندۈرۈشتىكى مۇھىم ۋاسىتىلەردىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تىل بىر مىللەتنى شەكىللەندۈرىدىغان ھەم مىللەتلەرنىڭ كېلەچىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل بولۇپ، تىل مىللىي كىملىكنىڭ ئەڭ مۇھىم بەلگىسىدۇر. خىتاي 2003- يىلىدىن تارتىپ قوش تىللىق مائارىپ نامى ئاستىدا، ئۇيغۇر تىلىنى يوق قىلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزمەكتە. مۇشۇنداقلا داۋاملىشىدىغان بولسا، خىتاي تىلىنىڭ تەسىرى بارغانسېرى كۈچىيىدۇ ۋە ئۇيغۇر تىلى جەمئىيەتتىكى پۈتۈن فۇنكسىيەلىرىنى يوقىتىپ قويىدۇ. ئاخىرىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بەزى تۈركىي مىللەتلەرگە ئوخشاش تىلى يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ.

ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتى فولكلور پەنلىرى بۆلۈمى پروفىسورى ئالىمجان ئىنايەت » ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىنى قوغداشنىڭ ئەھمىيىتى» ھەققىدە تۆۋەندىكى مەزمۇندا دوكلات سۇندى:

مىللىي كىملىك ۋە مەدەنىيەت بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل بولغاچقا، خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندا مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسى سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنى ئۆز مەدەنىيىتىدىن مەھرۇم قىلىشقا، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي كىملىكىنى دەسسىتىشكە ئۇرۇنماقتا. بۇ ۋەجىدىن نۆۋەتتە مىللىي كىملىكنى ساقلاپ قېلىش دىياسپورادىكى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

دىياسپورادىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەت ۋە جەمئىيەتلەردىكى يېڭى مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىنى قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. چۈنكى بۇ شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىنىڭ ئىزچىللىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئانا تىلى مائارىپىنى چىڭ تۇتۇش، كەسپلەشكەن ۋە سىستېمىلاشقان تور مەكتەپلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، سىستېمىلىق بىر يۈرۈش ئانا تىلى دەرسلىك كىتابلىرىنى تۈزۈپ چىقىش، ئانا تىلى ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنىنى بەرپا قىلىش، ئانا تىلدا دەرس بېرىلىدىغان پۈتۈن كۈنلۈك مەكتەپلەرنى تەسىس قىلىش، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كۇرس، دەرس ۋە سۆھبەت پىروگراممىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر مىللىي بايرام ۋە مەشرەپ ئەنئەنىسىدىن تولۇق پايدىلىنىش، ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتىنى دۇنياۋىلاشتۇرۇش، ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەرنى قۇرۇش؛ گېزىت-ژۇرنال ۋە نەشرىياتچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىقتىسادىي ساھەدە مىللىي شېركەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىش، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە پايدىلىنىش كېرەك. ئانا تىل مائارىپى بارلىق تەشكىلاتلارنىڭ كۈن تەرتىپىدە بولۇشى كېرەك. تەشكىلاتلار بۇ مەسىلىدە دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتلەردىن، خەلقئارالىق ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن ياردەم ئېلىشقا تىرىشىشى، بۇنىڭ ئۈچۈن تۈرلەر تەييارلىشى كېرەك.

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ئىجرائىيە دېرىكتورى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندى «ئىسلام دىنىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداشتىكى رولى» ھەققىدە تۆۋەندىكى مەزمۇندا دوكلات سۇندى:

ئىسلامنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى قوغداشتا ئوينايدىغان رولى ئىنتايىن چوڭ. ئىسلام ئەسىرلەردىن بۇيان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن. ئۇ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيەدىن ساقلاپ كېلىۋاتقان قالقان. ئىسلام ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي قىممەت قارىشى ۋە ئەخلاقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل. دىياسپورادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز كىملىكى، مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى قوغداشتا زور مەسئۇلىيىتى بار. ئۆتكەن 70 يىلدىن بېرى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۇيغۇر ئۆلىمالار بىلەن زىيالىيلار ئوتتۇرىسىدا ھاڭ پەيدا قىلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى، مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى قوغداش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئۆلىمالىرى ۋە زىيالىيلىرى چوقۇم ئورتاق نىشاننى كۆزلەپ ھەمكارلىشىشى كېرەك.

دىياسپورادىكى ئۇيغۇرلار ئانا تىل مەكتەپلىرىدە ئۇيغۇر تىلىدا دىنىي ئوقۇ-ئوقۇتۇش، شۇنداقلا مۇراسىملاردا ۋە باشقا دىنىي، مەدەنىي پائالىيەتلەردە ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتىش پۇرسىتىگە ئىگە. ئانا تىل مەكتەپلىرى ئىسلام دىنىنى ئۇيغۇر تىلىدا ئۆگىتىشى كېرەك. ئىسلامنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تارىخى شۇنداقلا رەھىمدىللىك، جاسارەت ۋە ئەركىنلىك ھەققىدىكى ئىسلامىي قىممەت قاراشلىرى مەكتەپ دەرسلىكلىرىگە كىرگۈزۈلۈشى لازىم. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن دىنى ئوتتۇرىسىدا پەيدا قىلغان ھاڭنى تولدۇرۇشى ئۈچۈن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرى ئىسلامنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى رولىنى، ھەمدە ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى قوغداشتىكى تۆھپىسىنى يېتەرلىك تەكىتلىشى زۆرۈر. شۇندىلا، بىز مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش جەھەتتە تېخىمۇ زور ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيمىز.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئەنگلىيە ۋەكىلى رەھىمە مەھمۇت خانىم «بىر مىللەتنىڭ روھىنى قوغداش تىل، ئەدەبىيات ۋە مۇزىكا» ھەققىدە تۆۋەندىكى مەزمۇندا دوكلات سۇندى:

ئۇيغۇر خەلقى خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا غايەت زور ئازاب-ئوقۇبەتتە ياشاۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، سەنئەت ۋە ئەدەبىي تەرجىمىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە گۈللەندۈرۈشتىكى زۆرۈر رولىنى مەركەز قىلىدۇ. رەھىمە خانىم، سۈرگۈندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مۇزىكا ۋە «لوندون يىپەك يولى كوللېكتىپى» ئانسامبىلىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر ناخشىلىرىنى ياڭرىتىپ، ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كەلگەن ۋەھشىيلىكلەرنى دۇنياغا ئاڭلاتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدىن ھايات چىققانلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرىنى تەرجىمە قىلىش، ئۇيغۇر خەلقى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان چوڭقۇر جاراھەتنى دۇنياغا ئۈنۈملۈك ئاڭلىتىپ ئەنگىلىيەدە بەلگىلىك تەسىر پەيدا قىلدى.

ئۇ يەنە مۇھاجىرەتتىكى ياش ئەۋلادلار ئۈچۈن مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى قايتا قۇرۇشنىڭ مول مىراسلارنى قوغداش ۋە روھى زەربىدىن ھالقىغان كىملىك ئۈستىدە ئىزدىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ ئاخىرىدا، مۇزىكا ۋە سەنئەتنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىدىكى تەسىرىنى زۇلۇمغا تىز-پۈكمەسلىكتە ۋە كەسكىن سىياسەت ئۆزگىرىشى تەلەپ قىلىشتا كۈچلۈك ئۇسۇل سۈپىتىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇشتىكى چىقىش يولى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

يىغىننىڭ ئۈچىنچى بۆلۈمى ئۇيغۇر تىلىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئانا تىل ئوقۇتۇش مېتودلىرىغا بېغىشلانغان بولۇپ، بۇ بۆلۈم دوكتور مەغپىرەت كامال بىلەن پروفېسسور ئەركىن ئەمەتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلدى.

قازاقىستاندىكى «كىچىك ئاقسۇ ئۇيغۇر مەكتىپى» نىڭ ئوقۇتقۇچىسى رۇقىيەم ئىسرائىلوۋا خانىم «قازاقىستاندىكى ئانا تىللىق مەكتەپلەر توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات» دېگەن تېمىدا دوكلات سۇنۇپ تۆۋەندىكىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى: 

كۆپ مىللەتلىك قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ياخشى شارائىتلار يارىتىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بۇ ئاساستا بىز قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار مىللىي مەدەنىيىتىمىز، مائارىپ، ئەدەبىيات ۋە سەنئىتىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئارىلاش ۋە ساپ ئانا تىللىق مەكتەپلەر قۇرۇپ، گېزىت- ژۇرناللار نەشر قىلىپ، پائالىيەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىمىز. بۇ مەدەنىي- مائارىپ مەركەزلىرى ئاساسەن ئۇيغۇر ئاھالىسى زىچ ئولتۇراقلاشقان ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىدە قۇرۇلدى. مەكتەپلىرىمىز ئالمۇتا شەھىرىدە، ئەمگەكچى قازاق، ياركەنت، تالغىر ھەم ئۇيغۇر ناھىيەلىرىگە ئورۇنلاشقان. تەكىتلەش لازىمكى، بىر قانچە مەكتەپلەر خەلقىمىز ئارىسىدىن چىققان داڭلىق شەخسلەرنىڭ ئىسىملىرى بىلەنمۇ ئاتالغان. مەسىلەن، دۆلەت ۋە پارتىيە ئەربابى ئابدۇللا روزىباقىيېۋ، بۈيۈك تىلشۇناس ئالىم غوجاخمەت سەيدىۋاققاسوف، مەسىم ياقۇپوف، ئاتاقلىق شائىر ئېلىيار بەختىيار، خېلىل ھەمرالارنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان.

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچسى دوتسېنت راھىلە ئابدۇۋاھىت قەشقەرىي خانىم «دىياسپورادا ئۇيغۇر ئانا تىلى ئوقۇتۇشىدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار ۋە ئۇلارنى ھەل قىلىش يوللىرى» تېمىسىدا دوكلات بېرىپ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: 

ئۇيغۇر ئانا تىلى مائارىپىنىڭ مۇھاجىرەتتە ئومۇملاشتۇرۇلۇشى بۈگۈنكى كۈندە تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. لېكىن بۇ مۇھىم ۋەزىپىنى ئورۇنلاشتا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتىمىز. بۇ دوكلاتتا دۇچ كېلىۋاتقان تۆۋەندىكى قىيىنچىلىقلار ۋە ئۇنى ھەل قىلىش يوللىرى ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

قىيىنچىلىقلار:

(1) مەكتەپلەرنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ۋاقىتلىق مەكتەپلەر بولۇشى.

(2) ئانا تىلى ئوقۇتۇشىنىڭ پەقەتلا ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرى ئوقۇتۇشى بىلەن چەكلىنىشى.

(3) سىستېمىلىق دەرس ماتېرىياللىرىنىڭ كەم بولۇشى.

(4) ئوقۇتقۇچى كەملىكى.

ھەل قىلىش يوللىرى:

(1) ئائىلىدە ئۇيغۇرچە ئىشلىتىش، بالىلاردا ئانا تىل سۆيگۈسى بەرپا قىلىش.

(2) يېقىن كەلگۈسىدە ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا مەكتەپ ئېچىپ، مۇنتىزىم مىللىي مائارىپنى يولغا قويۇش.

(3) سىستېمىلىق دەرسلىك ماتېرىياللىرى تەييارلاش.

(4) كەسپىي ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىشتۈرۈش.

(5) بۇ پىلان ۋە پىروگراممىلارنى قىلىش ئۈچۈن ئىقتىسادىي مەنبە ھەل قىلىش.

ئىسسىقكۆل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى سەيفۇللا ئابدۇللايېۋ ئەپەندى «قىرغىزىستاندا ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش يوللىرى» دېگەن تېمىدا دوكلات سۇنۇپ تۆۋەندىكى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى: 

قىرغىزىستاندا ئۇيغۇرلار ئاساسەن چۇي، ئىسسىقكۆل ۋە ئوش ۋىلايەتلىرىدە ياشايدۇ. بۈگۈن قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئانا تىلىنى ساقلاش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش جىددىي بىر مەسىلە سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. بۇندىن ئىلگىرى ۋەزىيەت نىسبەتەن ياخشىراق ئىدى. چۇي ۋىلايىتىدە ئۇيغۇر سىنىپلىرى ئېچىلىپ، قىرغىز مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر فىلولوگىيەسى بۆلۈمى بار ئىدى. ئىسسىقكۆل ۋىلايىتىنىڭ 5- ئوتتۇرا مەكتىپىدە پۈتۈن كۈنلۈك ئۇيغۇر تىلى دەرسلىرى بار ئىدى، ئەمما ھازىر ۋەزىيەت تامامەن باشقىچە بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشى ئۈچۈن كۆرسىتىلگەن ئوقۇتۇش ئورۇنلىرى يوق.

بۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا ئانا تىلىمىزنى قوغداش، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن رېئاللىقىمىزدا بەزى نۇقتىلارنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئورۇنلاردا ئۇيغۇر تىلى سىنىپلىرىنى ئېچىپ، باشقا رايونلاردا مەخسۇس ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىشىمىز نۆۋەتتىكى يەتمەكچى بولغان مەقسىتىمىزگە ئۇيغۇن بولغان تەدبىرلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئانا تىل تور دەرسلىرىگە قاتنىشىشنىمۇ چىڭ تۇتۇش كېرەك. قىرغىزىستاندا نەشىر قىلىنىۋاتقان «ئىتتىپاق» گېزىتىدە مەخسۇس ئانا تىل سەھىپىلىرى تەسىس قىلىنىشى كېرەك.

سىدنېي ئۇيغۇر تىلى مەكتىپى قۇرغۇچىسى سەلىمە ئا. كامال خانىم «ئانا تىل بىر مىللەت روھىنىڭ ئاساسى» تېمىسىدا دوكلات سۇنۇپ تۆۋەندىكى كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى: 

ھەرقانداق مىللەت ئانا تىلى ئارقىلىق ئۆز يىلتىزىغا باغلىنىدۇ. ۋەتىنىمىزدە ئانا تىلىمىز چەكلەندى. چەتئەلدە ئانا تىلىمىز ئۈچۈن مۇھىم ئىككى ئىشنى قىلالايمىز. بىرى، ئانا تىلىمىزنى ساقلاش ۋە قوغداش؛ يەنە بىرى، ئانا تىلغا باغلانغان شانلىق تارىخىمىزنى ئەۋلادلىرىمىزغا يەتكۈزۈش. ئەگەر بۇنىمۇ ئورۇنلىيالمىساق، مىللىتىمىزنىڭ بەخت يۇلتۇزىنى يوقىتىمىز. ئانا تىل، مىللىي روھ، مەدەنىيەت، ئاڭ ۋە ئىرادە بىلەن ياشنايدۇ. مىللىي مەدەنىيەت مىللەتنىڭ ئانا تىلىغا باغلانغان تەۋەررۈك مىراسلىرىنى كۆرسىتىدۇ. مىللىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش ئۇچۈن ئەۋلادلار ئۇنى چۈشىنىشى كېرەك. ئانا تىل – يېزىققا مۇكەممەل بولغاندىلا، ئۇلارنىڭ مىللىي تەپەككۇرى چوڭقۇرلىشىدۇ، تارىخىنىڭ ۋە مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ قىممىتىنى چۈشىنىدۇ.

ھازىرقى ئەھۋالىمىزدا مىللىي ئاڭ ئېغىزدىلا تەكىتلىنىدىغان ئىلمىي ئىبارە ئەمەس. مىللىي ئاڭنى ئويغىتىش، كۈچەيتىشتە يەنىلا ئانا تىلنى ۋاستە قىلغان تەلىم-تەربىيە ئۈزۈلمەسلىكى لازىم. بۇ جاپالىق، ئۈنۈمى ئاستا كۆرۈلىدىغان ئۇزاق جەريان بولۇپ، ئىزچىللىقنى تەلەپ قىلىدۇ. ئانا تىل تۇغى يىقىلمىسا، ۋەتەن تۇغى يىقىلماستۇر. ئانا تىلىمىز مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ يادروسى بولۇپ، ئىزچىللىقنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا، بىز شۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىزچىللىققا بەرداشلىق بېرىدىغان مىللىي ئىرادىنى تىكلىشىمىز كېرەك.

ئا ق ش ۋىرجىنىيە «ئانا غەمخورلۇقى ۋە مائارىپ» قۇرغۇچىسى ۋە ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى سۈرەييە ئابلىمىت قەشقىرى خانىم «ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرىنى كۆلەملەشتۈرۈش» تېمىسىدا تۆۋەندىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى: 

ھەرقانداق بىر جەمئىيەت ۋە جامائەت ئۆزىنىڭ ئانا تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى سۆيۈش، ئاسراش ۋە داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشتەك ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ.  2017- يىلى ئامېرىكا ۋىرجىنىيە ئىشتاتىدا ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتىپى ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ياشنىتىشنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، مەكتىپىمىز يىلدىن-يىلغا كېڭىيىپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. بۇ جەرياندا بىر مۇھىم ئورگاننى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش توغرىسىدا نۇرغۇن تەجرىبىلەر ۋە قىممەتلىك مەلۇماتلار توپلاندى.

بۇ دوكلاتتا تەشكىللەشتىكى مۇۋەپپەقىيەت، ئىقتىسادى مەنبە تېپىش، جەمئىيەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش، مەبلەغ ۋە ئادەم باشقۇرۇش تېخنىكىسى ۋە شۇنداقلا بىر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئوقۇغۇچى تەربىيەلەش بىلەن بىرگە، ئاتا-ئانىلار ۋە جەمئىيەتنىمۇ تەربىيەلەش رولىنىڭ بارلىقى قاتارلىق نۇقتىلاردا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىنى سىستېمىلىق قۇرۇپ چىقىش ۋە باشقۇرۇش توغرىسىدا قولغا كەلتۈرگەن بىر قىسىم نەتىجىلەر بىلەن بەزى تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى ئورتاقلاشتى.

مىيۇنخېن ئانا تىل مەكتىپى مۇدىرى پەرىدە نىياز خانىم «ئانا تىلىمىزنى قانداق ساقلاپ قالالايمىز؟» دېگەن تېمىدا تۆۋەندىكى قاراشلارنى ئىلگىرى سۈردى: 

ھازىر ئۇيغۇر تىلى مۇنداق ئىككى تەرەپتىن تەڭلا خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بىرى، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ مۇستەملىكە مائارىپىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتىدۇ.  خىتايلار ئۇيغۇرلارنى يەسلىدىن تارتىپ خىتاي تىلىدا تەربىيەلىنىشكە مەجبۇرلاش ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىمىزنى ۋە بۇ تىلنىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇر مىللىتىمىزنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. يەنە بىرى، دىياسپورادىكى بەزى ئۇيغۇرلار ئانا تىلىمىزنىڭ رولىغا سەل قاراپ، ئۇنى ئۆگىنىش ۋە ئۈگىتىشكە ئەھمىيەت بەرمەيۋاتىدۇ. بۇ ئىككى خىل خىرىسنىڭ بىرسى دۈشمىنىمىز يۈرگۈزۈۋاتقان ئەشەددىي سىياسەت بولسا، يەنە بىرسى، بىز ئۆزىمىزنىڭ مەسىلىنىڭ ھايات – ماماتلىق مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتمىگەنلىكىمىزدىن سادىر بولۇۋاتىدۇ.

ئەگەر بىز ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئانا تىلىمىزغا سەل قاراش ئەھۋالى يەنە داۋاملاشسا ۋە بۇنىڭغا يول قويۇپ بېرىلسە، ئۇيغۇر تىلى ئاستا – ئاستا ئىستېمالدىن قېلىپ، يوقىلىشقا قاراپ يۈزلىنىشى مۇقەررەر. تىل يوقالدى دېگەن گەپ بىر مىللەت يوقالدى دېگەن گەپ. بۇ دەل بىزنى يوق قىلماقچى بولۇۋاتقان دۈشمەننىڭ كۈتكىنىدەك بىر ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا دىياسپورادا ياشاۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇر ئانا تىلىمىزنى قوغداشتا ئۆزىنىڭ باش تارتىپ بولماس بۇرچى ۋە مۇقەددەس ۋەزىپىسى دەپ تونۇشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم جىددىي ئويلىنىپ، تەدبىر ئېلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئۇنداقتا، دىياسپورادىكى ئۇيغۇرلار تىلىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ نۆۋەتتە، بۇ سوئالغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب تېپىش ھەر بىر ئۇيغۇرنى تەقەززا قىلىۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى. بۇ دوكلاتتا پەرىدە خانىم بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى گېرمانىيەدە ئۇيغۇر مائارىپىنى قۇرۇپ چىقىش جەريانىدىكى تەجرىبە – ساۋاقلار ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بىرنەچچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاپ ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشتى.

يىغىننىڭ تۆتىنجى بۆلۈمىنىڭ 1-بۆلۈكى ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن دۆلەتلەر ئارا ھەمكارلىق مېخانىزىمى ئورنىتىش ھەققىدە بولۇپ، بۇ بۆلۈم ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى باش تەپتىشى دوكتۇر مەمەت ئىمىن ۋە ياۋروپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى ئابدۇشۇكۈر ئابدۇرېشىتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلدى.

قىرغىزىستان ئىتتىپاق ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى ۋە قىرغىزىستاننىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى تۇرسۇنتاي سەلىموۋ ئەپەندى «قىرغىزىستاندا ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداشتا نېمىلەرنى قىلالايمىز؟» دېگەن تېمىدا دوكلات سۇنۇپ مۇنداق دېدى: 

بۇ يىل 12- مارت كۈنى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئىتتىپاق جەمئىيىتىدە سايلام بولدى ۋە مەن مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلاندىم. مەزكۇر جەمئىيەت قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئاساسلىق خىزمەت نىشانى قىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن قىرغىزستان ئۇيغۇرلىرى ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ مەركىزى كېڭەش ئەزالىرىنى تەشكىللەپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئانا تىل ۋە مائارىپ بۆلۈمى ۋە مەدەنىيەت بۆلۈمىنى تەسىس قىلدۇق. بۇ بۆلۈملەردە ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى ساھەسىدە ئەمەلىي خىزمەت قىلىدىغان خانىم-قىزلىرىمىز ۋەزىپە ئالدى. بىز قىسقا ۋاقىتتا قىرغىزىستاندا ئۇيغۇرلار كۆپلەپ ئولتۇراقلاشقان يەرلەردە ئۇيغۇر تىلى كۇرسلىرى ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرىنى ئېچىش ئارقىلىق ياش-ئۆسمۈرلەرگە ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە تەلىم بېرەلەيمىز.

گېرمانىيەدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى «بىر-بىرىنىڭ بوشلۇقىنى تولدۇرۇش ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ئاساسى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: 

ﺑﯜﮔﯜﻥ ﭼﻪتئەﻟﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺨﺘﯩﻼﭖ، ﮪﻪﺗﺘﺎ ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯜﭖ ﻣﻪﻧﺒﻪسى ﻗﺎﺭىغۇﻻﺭﭼﻪ ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺗﻠﯩﺸﯩﺶ، «ﺳﻪﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﻗﯩﻼﻻﻳﻤﻪﻥ» ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﺘﯩﻘﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﻮﭘﺎﻟﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﺶ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭﻧﻰ ﺳﯩﻴﺎسىي، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ، ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﯩﻲ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎئىي ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺋﯘﺭﯗﻧﯘﺵ، ئۆكتىچىلىكنى ﻗﺎﻟﻘﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﯟىلىپ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﯞﻩ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺕ ﺭﻩﮪﺒﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﯨﻨﻰ ﺧﯘﻧﯜﻛﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺋﯘﺭﯗﻧﯘﺵ ﺧﺎئىشلىرىدىن  ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ. بۇ قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بىز ئالدى بىلەن ﯞﻩﺗﻪﻥ – ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻨﻰ ﮪﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻻ ﺑﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ، «ﺳﻪﻥ يېتىشەلمىگەن ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻼﺭﻧﻰ ﻣﻪﻥ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﯨﻤﻪﻥ» ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻧﺘﯩﻘﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﮪﻪﺳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ دېگەن ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ.

تۈركىيەدىن تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى دېرىكتورى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى «ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى قوغداشتىكى رولى ــــ تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى ئۆرنىكى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ تۆۋەندىكىلەرنى دېدى: 

تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى پېقىر ئابدۇجېلىل تۇران تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، 1995- يىلىدىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر 25 يىل جەريانىدا، ئۇيغۇرلارغا ئائىت تارىخىي، سىياسىي، دىنىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەردىن 300 پارچىغا يېقىن ئەسەرنى ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىپ تارقاتتى. ئۇنىڭ سىرتىدا شەرقىي تۈركىستاندىن نەچچە مىڭدىن ئارتۇق كىتاب ۋە ژۇرناللارنى ئەكەلدۈرۈپ، ئۇنىڭ ئېلېكترونلۇق نۇسخىسىنى ساقلىدى ۋە بۇ قىممەتلىك ماتېرىياللارنى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ھەم شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىدىغان چەتئەللىك تەتقىقاتچىلارغا تەمىنلەپ كەلمەكتە. تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى ئۇيغۇر دىياسپوراسىدا تارىخى ئەڭ ئۇزۇن ۋە نەشر قىلغان ھەم ساقلاپ تارقاتقان كىتاب-ژۇرنال سانى جەھەتتىنمۇ ئەڭ كۆپ بولغان بىر نەشرىيات ئورگىنى بولۇپ، بۇ نەشرىياتنىڭ ئىلمىي خىزمەتلىرى چەتئەللەردە ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا ساقلىنىپ قېلىشىدا ئالاھىدە گەۋدىلىك رول ئويناپ كەلدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئەلفىدار ئېلتەبىر خانىم «ئۇيغۇر كىملىكىنى قانداق ساقلاپ قالالايمىز؟» دېگەن تېمىدا دوكلات سۇنۇپ مۇنداق دېدى: 

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكادا ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر كىملىكىنى قوغداش ۋە تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئامېرىكا ۋە غەرب دۇنياسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ۋە كىملىكىنى قوغداش ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، بالىلىرىمىزنى ئۇيغۇر ئەنئەنىسى ۋە قىممەت قارىشى بىلەن تەربىيەلەش ئۈچۈن ئانا تىل كۇرسلىرى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ رولىنى كۈچەيتىشىمىز بەكمۇ زۆرۈر. شەرقىي تۈركىستاندىكى كەلگۈسى ئەۋلادلار ئارىسىدا ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش ھەم شۇنداقلا بۇ خىزمەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەردىن پايدىلىنىپ خىتايغا بېسىم قىلالايمىز.

ياپونىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى دوكتور مۇختەر بۇغرا ئەپەندى «ئۇيغۇر تىلىنىڭ كۈچى ــــ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۈچى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ تۆۋەندىكىلەرنى دېدى: 

گېرمانىيەنىڭ مەشھۇر  پەيلاسوپى  مارتېن  ھايدېگېرنىڭ مۇنداق بىر مەشھۇر  سۆزى بار. «تىل-مەۋجۇدىيەتنىڭ ئ‍ۆيىدۇر» دېمەككى، ئۇيغۇر تىلى-ئۇيغۇر مەۋجۇدىيىتىنىڭ ئ‍ۆيىدىن ئىبارەتتۇر»؛ بىزنىڭ بىردىنبىر بەلگىمىز  ئانا تىلىمىزدۇر. «ئۇيغۇر» دېگەن ئۇقۇمنىڭ مېغىزى – ئۇيغۇر تىلىدۇر.

«ئۇيغۇر تىلى-پەلسەپىۋىي تىلدۇر» دېگەن قاراشنى  ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلاشقا، ئىپادىلەش كۈچى، ئېستېتىك نۇقتىلاردىن قارىغاندا گىرېك، لاتىن، گېرمان تىللىرىغا ئوخشاشلا زىل بىر تىل ئىكەنلىكى تەھقىقلىنىدۇ. بۇلار ئاساسىدا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ قۇدرىتى نامايان قىلىنىدۇ. ئۇيغۇر تىلنىڭ كۈچى كىلاسسىك ئەسەرلىرىمىزدە يېتەرلىك  ئىسپاتلانغان. «قۇتاغۇبىلىگ»، «خەمىسە» بۇنىڭ  روشەن دەلىلىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا يۇقىرىدىكى پاكىتلار  ئاساسىدا، ھەر  بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەخلاقىي بۇرچى، ھەم قانۇنىي مەجبۇرىيەتلىرى كۆرسىتىپ بېرىلىدۇ. كونكرېتنى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا «ئۇيغۇر دۆلىتى ئۇيغۇر تىلىدا قۇرۇلىدۇ!» دېگەن خۇلاسە يەكۈنلىنىدۇ.

كانادا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى دوكتور ئەسقەر ھىمىت «كانادادا ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەتلەر ۋە كەلگۈسى پىلانلار» دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ تۆۋەندىكىلەرنى دېدى: 

خىتاي قىزىل كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ 2016- يىلىدىن بۇيانقى ئاسسىمىلياتسىيە ۋە قىرغىنچىلىق سىياسىتى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر ئانا تىلى، مەدەنىيىتى ۋە تارىخىغا ئائىت مەزمۇنلار مەكتەپلەردە دەرس قىلىپ ئۆتۈلۈشتىن مەجبۇرىي توختىتىلدى. ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى تارىختىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان خىرىسقا دۇچ كەلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر مىللىتى بىر مىللەت سۈپىتىدە يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە. كانادا ئۇيغۇرلىرى نوپۇس سانىنىڭ ئازلىقىغا قارىماي، ئۇيغۇر ئانا تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش، تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى ۋە كانادا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە نۇرغۇن پائالىيەتلەرنى قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

بۇ ئۈچ تەشكىلاتنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كانادا تەۋەسىدىكى ھەر قايسى چوڭ شەھەرلەردە ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرى قۇرۇلدى. بۇ مەركەزلەردە تەخمىنەن 300–400 ئەتراپىدا ھار قايسى ئوقۇش يېشىدىكى ئۇيغۇر بالىلار ئوقۇيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە 100-150 ئەتراپىدا بالىلار تور ئارقىلىق ئانا تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. كانادا ئۇيغۇرلىرى يەنە ئەنئەنىۋى توي-تۆكۈن، ئايلىق ئولتۇرۇش، مەشرەپ ۋە تۈرلۈك تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداشتا ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشماقتا. كەلگۈسى بىر نەچچە يىل ئىچىدە 10 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركىيەدىن كاناداغا كۆچمەن بولۇپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىشى بىلەن، كانادا ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداشتىكى مۇھىم دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغۇسى.

يىغىننىڭ تۆتىنجى بۆلۈمىنىڭ 2-بۆلۈكى ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن دۆلەتلەر ئارا ھەمكارلىق مېخانىزىمى ئورنىتىش ھەققىدە بولۇپ، بۇ بۆلۈمىگە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئىجرائىيە رەئىسى دوكتور مەمەتئىمىن ئابباس ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى باش كاتىبى ئابدۇلھەمىد قاراخان رىياسەتچىلىك قىلدى.

قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى تەتقىقاتچىسى، ياۋرو-ئاسىيا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى پروفېسسور ئالىمجان ھەمرايېۋ ئەپەندى «قازاقىستان مۇستەقىللىق دەۋرىدىكى ئېتنو-مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ھەققىدە» دوكلات سۇنۇپ، مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى:

بۈگۈنكى كۈندە مىللىي مائارىپىمىزنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئۇنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇش ھەممىمىزنىڭ بۇرچى. قازاقىستاندا ئۇيغۇرلار كېيىنكى يىللاردا مىللىي مائارىپتا قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپىنىڭ بارلىقى توغرىسىدا ماقالىلەر يېزىلماقتا. بۇ مەسىلە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى تەشۋىشكە سېلىۋاتىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ قازاقىستاندا بۈگۈنكى ئۇيغۇر مىللىي مائارىپ ساھەسىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان جىددىي مەسىلىلەر بار.

مىسال ئېلىپ ئۆتىدىغان بولساق، كۆپ تىللىق ئوقۇتۇش سىستېمىسىغا ئۆتۈش جەريانىدا، ئۇيغۇر ئانا تىلىدىكى مەكتەپلەرنى ساقلاپ قېلىش ھەققىدە ئويلانمىساق بولمايدىغان ھالغا كەلدى. بۇ مەكتەپلەرنى ساقلاپ قېلىش بىلەن ئانا تىلدا بىلىم ئېلىش ھوقۇقىمىز ۋە باراۋەرلىك پىرىنسىپى ساقلىنىپ قېلىشى كېرەك. بۇ نۇقتىدىن مەكتەپ ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرىنى قۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارمۇ ھەل قىلىنىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلىلەردۇر.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى «دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى «مەھمۇد قەشقەرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دىياسپورادىكى ئۇيغۇر كىملىكىنى قوغداشتىكى رولى ھەققىدە» دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ تۆۋەندىكىلەرنى دېدى: 

مەھمۇت كاشىغەرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا قارشى مىللىي ۋە مەنىۋى قىممەت قارىشىنى قوغداش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەم شۇنداقلا دىياسپورادىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مىللىي ئېڭىنى كۈچەيتىش ۋە ئۇلارنى مىللىي كۈرىشىمىزدە ياراملىق كىشىلەردىن قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىشقا كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

مەھمۇت كاشىغەرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە ۋە دۇنيادىكى ئوبرازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋاستە بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بىچارە ۋە زاۋال تاپقان بىر كوللېكتىپ بولماستىن، بەلكى ھەر كىشى ئۆز ئالدىغا قىممەت يارىتالايدىغان ۋە تارىختىكىگە ئوخشاش ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشالايدىغان ئىلغار بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئۈنۈملۈك بىر ۋاستىدۇر.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى رەئىسى ۋە ئۇيغۇر ئەدلىيە ئامبىرى مۇدىرى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى «نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش ھەرىكەتلىرى ۋە كەلگۈسى خىزمەت پىلانلىرى ھەققىدە» دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ تۆۋەندىكىلەرنى دېدى: 

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى 2003-يىلى قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا يولغا قويغان تۇنجى ئىش ئانا تىل ئوقۇتۇشى بولغان. شۇ چاغدىكى ئانا تىل ئۆگەنگەن بالىلار ھازىر چوڭ بولۇپ ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل ھاياتىغا قەدەم باستى ۋە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەردە بەلگىلىك رول ئوينىماقتا. نۆۋەتتە نورۋېگىيەدە ئۇيغۇر ئانا تىل ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداشقا دائىر ساقلانغان مەسىلىلەردىن بىرسى بالىلاردىكى ئانا تىل قىزغىنلىقىغا سېلىشتۇرغاندا ئاتا-ئانىلاردىكى مىللىي ئويغىنىش روھى ۋە ئانا تىلغا ئەھمىيەت بېرىش يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس. بۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر بالىلارغا ئانا تىل ئۆگىتىدىغان پىدائىي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەمچىلىكى ئېغىر بىر مەسىلە بولۇپ بىزنى قىينىماقتا. ئاخىرىدا يەنە بىر مۇھىم مەسىلە ئانا تىل ئوقۇتۇشىدا كىچىك ياشتىكى بالىلارنى ئاساس قىلغان مەكتەپ، ماتېرىيال ۋه باشقا پايدىلىنىش مەنبەلىرى كۆپ، ئەمما ياشلارغا قارىتىلغان ئانا تىل ۋه ئۇيغۇرلۇق تەربىيەسى يېتەرلىك بولمايۋاتىدۇ.

يۇقىرىقى ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئانا تىل ئوقۇتۇشىدا ئەڭ مۇھىمى بالىلارنىڭ قىزغىنلىق ۋه ئاكتىپلىقىنى ئاشۇرۇشقا، ئۇلارغا ھازىرقى يەرلىك مەكتەپلەردىكى زامانىۋى ئوقۇتۇش مېتودى بويىچە ئانا تىل ئوقۇتۇشى ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇرمىز. ئۇلارنى ئۇيغۇر چوڭ ئائىلىسىنى ياخشى كۆرۈشكە، ھەم ئۇلارنى ئۇيغۇر ئۈچۈن سۆزلەشكە ۋە خىزمەت قىلىشقا ئىنتىلىدىغان قىلىپ تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىش، مۇھىمى بىزدە ئەڭ كەم بولۇۋاتقان ئىتتىپاقلىق ۋە بىرلىك، ھەمكارلىق ئېڭىنى ئۇلاردا يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. مەيلى دۇنيانىڭ قەيەرلىرىدە بولسۇن، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى بار يەردە چوقۇم بىر ئۇيغۇر بالىلار پائالىيەت سورۇنى بولۇشى، بالىلار تىلىنى، دىنىنى ۋە مەدەنىيىتىنى تەڭتۇشلىرى بىلەن بىرلىكتە ھۇزۇر ئىچىدە ئۆگىنىدىغان شارائىتنى تەييارلىشىمىز زۆرۈر.

ئا ق ش تېكساس ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى شاكىر شەمشى ئەپەندى «تېكساستىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداشتىكى تىرىشچانلىقى ھەققىدە» دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ تۆۋەندىكىلەرنى دېدى: 

تۇنجى ئۇيغۇر ئائىلىسى 1998- يىلى تېكساسقا كۆچۈپ كەلگەندىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ 2023- يىلى 500 گە يەتتى. تېكساستىكى ئۇيغۇرلار ئاساسەن تېكساسنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن بولغان خىيوستون، داللاس ۋە ئوستىن ئەتراپىدا ياشايدۇ. تېكساستىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار بولسا ئېنېرگىيە، مېدىتسىنا، مائارىپ، ئۇچۇر تېخنىكىسى، مال-مۈلۈك، بانكا ۋە باشقا ساھەلەردە كەسىپ ئىگىسى بولۇپ خىزمەت قىلماقتا.

تېكساستىكى ئۈچ چوڭ شەھەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە ئىككى ئۇيغۇر ئانا تىل كۇرسى ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىتىش ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ياش-ئۆسمۈرلىرىمىز بىلەن ئامېرىكىلىقلارغا تونۇشتۇرۇش، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىگە ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلۇقىمىزنى تېكساستا ساقلاپ قېلىشتا قانداق ئەمەلىي خىزمەتلەر قىلىنغانلىقىغا ئائىت تەجرىبىلەر ئورتاقلىشىپ ئۆتۈلىدۇ. شۇنداقلا تېكساس ئۇيغۇر جامائەتلىرىنىڭ بۇ تەرەپتىكى قىيىنچىلىقلىرى ۋە توسالغۇلىرى ھەم ئۇلارنى قانداق قىلىپ يېڭىپ چىققانلىقى سۆزلىنىش بىلەن بىرگە، ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىتىش ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتە بەزى تەكلىپ ۋە پىلانلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى ماھىرە ئەيسايېۋا خانىم «ئەنگلىيەدە ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قىلىنغان خىزمەتلەر ھەققىدە» دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ تۆۋەندىكىلەرنى دېدى: 

ئەنگىلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن 2021- يىلى 11- ئايدا لوندون ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى ئېچىلدى. ھازىر ئوخشىمىغان ياشتىكى 30 ئوقۇغۇچى بۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ. لوندوندىكى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرى ئۇيغۇر تىلى، تارىخى، ئۆرپ-ئادىتى، دىنى ۋە ھەر تۈرلۈك تەنتەربىيە پائالىيەتلەر ئاساس قىلىنغان ھالدا تەربىيەلىنىۋاتىدۇ.

ئانا تىل مەكتىپىمىزدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشلىرى ئۈچۈن مەبلەغ يوق ۋە ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى كەمچىل. دەرسلىك ماتېرىياللىرى ئۆلچەملىك ئەمەس. ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش ۋە ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن پۇرسەت يېتەرلىك ئەمەس. ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ ئانا تىل مەكتىپىنى قوللىشى يېتەرلىك ئەمەس. بۇ خىل شارائىتتا ئەنگلىيەدەك ئۇيغۇرلار ئاز ئولتۇراقلاشقان بىر دۆلەتتە يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش ناھايىتى قېيىن بولماقتا. ئەۋلادلىرىمىزغا ئۇيغۇرلۇقنى بىلدۈرۈش ۋە مىراس قالدۇرۇشتا مۇھىم بولغىنى ئاتا-ئانىلارنىڭ قىزغىنلىقى ۋە ئاكتىپلىقىدۇر. ئۇيغۇر بالىلار ئوخشاش ياشتىكى باشقا دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەر بىلەن دوستلۇق قۇرسا، ئۆز-ئارا ئۇچرىشىپ ئالاقىدە بولسا، ئانا تىل كۇرسلىرىنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

تۈركىيەدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت ئەپەندى «دىئاسپورادا ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداشتا تەشكىلاتلار ھەمكارلىقىنىڭ رولى» ھەققىدە دوكلات بېرىپ تۆۋەندىكىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى: 

ھەمكارلىشىش ئىنتايىن كەڭ دائىرىلىك بىر ئۇقۇم بولۇپ، جانلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ھەم شۇنداقلا جانسىزلار بىلەن جانلىقلار ئارىسىدىمۇ كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغان ناھايىتى مۇرەككەپ ھادىسىلەر پۈتۈنلىكىدۇر. ئىنسانىيەت مەۋجۇت بولغاندىن باشلاپلا ھەمكارلىق مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن دېيىشكە بولىدۇ. شۇڭا، ھەمكارلىشىش، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى. ئۇ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى، ئەسكىرى ۋە مەدەنىيەت تۇرمۇش ئادەتلىرىمىزنىڭ ھەر بىرىدە بىز بىلەن بىرگە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ۋە تەرەققىي قىلىدىغان ھادىسىدۇر. ھەمكارلىقنىڭ خىللىرى كۆپ بولۇپ بۇ ماقالىدا ئاساسلىقى شەرقىي تۈركىستاندا يوقىلىش خەتىرىگە يۈزلىنىۋاتقان ئۇيغۇر كىملىكى، تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى دىياسپورادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قوغداپ قېلىشى ئۈچۈن ھەرقايسى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىشىشىنىڭ مۇھىملىقى، ئەھمىيىتى، ھەمكارلىق ئورنىتىشتا بەلگىلەشكە تېگىشلىك ئاساسىي پىرىنسىپلار ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. شۇنداقلا بۇ خىلدىكى ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇش مېخانىزىمى بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىملىقى ئۈستىدە توختىلىمىز.

مەزكۇر يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن دوكتور مەمتىمىن ئابباس ئەپەندى بىلەن دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم بۈگۈنكى يىغىننىڭ خۇلاسىسىنى قىلىپ، ئۇيغۇر دىئاسپوراسىدا ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىشتا ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرى، زىيالىيلار، سەنئەتكارلار ۋە تەشكىلات مەسئۇللىرىنىڭ دۆلەتلەر ئارا ھەمكارلىق مىخانىزىمى ئورنىتىپ ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلان بويىچە ئۇيغۇرلۇقنى قوغداش يولىدا كۆرەش قىلىش يوللىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە بولغانلىقىنى، يىغىننىڭ 2- ۋە 3- كۈنلىرى مەخسۇس تېمىلار ئۈستىدە مۇزاكىرە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دوكلات بەرگۈچىلەرگە ۋە يىغىن ئەھلىگە رەھمىتىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن ئەنقەرە ئانا تىل مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزلىرى تەييارلاپ كەلگەن ئۇسۇل، شېئىر ۋە لەتىپىلەرنى ئېيتىپ، ئانا تىلنىڭ تاتلىق ئۈنچىلىرىنى يىغىن ئەھلىگە سۇندى. ئارقىدىن مۇختەر جانباز، شۆھرەت تۇرسۇن ۋە رەھىمە مەھمۇت قاتارلىق سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ ئىجراسىدىكى مۇقام ۋە خەلق ناخشىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەنئەت نومۇرلىرى ھەممەيلەننىڭ كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ يىغىنغا قاتناشقۇچىلارغا ھوزۇر بېغىشلىدى. يىغىن زالىغا كۆرگەزمە ئۈچۈن قويۇلغان ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەت بويۇملىرى بولسا، ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ قەلبىدە شانلىق تارىخ ئىزنالىرىنى ئويغۇتۇپ، ئۇيغۇر مىللىي روھىنىڭ ھىدلىرىنى تاراتتى.

يىغىننىڭ 2- ۋە 3- كۈنلىرىدە تۆۋەندىكى تېمىلارنى چۆرىدەپ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى: 

مۇزاكىرە ۋە كېڭەش ئارقىلىق تىل مەكتەپلىرى ۋە ئۇيغۇر جامائىتى دۇچ كەلگەن ئوخشىمىغان قىيىنچىلىقلارنى مەركەز قىلىپ بۇ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە پايدىسى بولىدىغان دۆلەتلەر ئارا ھەمكارلىق يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش، 

ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشنىڭ مېتودولوگىيەسىدە ھەققىدە ئىزدىنىش، ياش ئۆسمۈرلەرنى ئانا تىلدا تەربىيەلەش ھەققىدە تەجرىبە ساۋاقلار ۋە يېڭى تۈزۈلگەن ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكى ھەققىدە مۇزاكىرە،

دۆلەتلەر ئارا ئىقتىساد مەنبەسىنى مۇستەھكەملەش ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق ئەندىزىسى قۇرۇپ چىقىز ۋە ياردەم پىروگراممىسى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىغان ھەمكارلىق تۈرلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top