مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ بىر مەسىلىسى سۈپىتىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە خىتاينىڭ سىياسىتى
دوكتور يۈسۈپ سايېن ۋە دوكتور گامزە كوچاق (قارامان ئوغلى مەھمەتبەي ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت بىلىمى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىلىرى)
تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئەنۋەر ئەھمەد
قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ تەتقىقاتنىڭ ئاساسلىق تېمىسى خىتاينىڭ بەش ئاپتونوم رايوننىڭ بىرى بولغان ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قارىتا يولغا قويغان سىياسەتلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان كۆز قارىشىنى ئېنىقلاش. بۇنى چۆرىدىگەن ئاساستا ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ، ئىجتىمائىي ۋە مەمۇرىي قۇرۇلمىسى تەكشۈرۈلدى؛ خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى باستۇرۇش سىياسىتى تەپسىلىي مۇلاھىزە قىلىندى. بۇ تەتقىقاتنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان نوپۇس ، كۆچۈش ، مائارىپ ۋە ئىقتىسادىي سىياسەت قاتارلىق ئاساسىي ساھەلەردە سادىر قىلغان ھەق-ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قاراتقان تاشقى سىياسىتىنى مۇلاھىزە قىلىش. تۈركىيەنىڭ قوشنا دۆلەتلەردە يولغا قويماقچى بولغان «نۆل مەسىلە» سۆزى شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئانچە ئۈنۈملۈك بولمىغان؛ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان باستۇرۇش ۋە زوراۋانلىق پوزىتسىيىسىگە قارىتا، تۈركىيەنىڭ پەقەت مۇرەسسەچىلىك رولىنى ئويناۋاتقانلىقنى كۆرۈۋاتىمىز. تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىگە ئىنسانپەرۋەرلىك نوقتىسىدىن قارىشى خىتاينىڭ يۈرگۈزىۋاتقان سىياسەتلىرىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ دېيىشكە بولىدۇ. تەتقىقاتتا ، چۈشەندۈرۈش خاراكتېرلىك تەتقىقات ئۇسۇلى دائىرىسىدە ، بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك دەسلەپكى ۋە قوشۇمچە مەنبەلەر ئىشلىتىلگەن.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش ، تۈركىيە
كىرىش سۆز
ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 1955-يىلى خىتاينىڭ باشقۇرۇشىنى تارتىۋالغان كوممۇنىست ھاكىمىيەت تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قارمىقىدىكى بەش ئاپتونومىيىلىك قۇرۇلمىنىڭ بىرى. رەسمىي مەنبەلەردە «شىنجاڭ» دەپ ئاتىلىدۇ. ئامما، تۈركىيە ۋە تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدە «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتىلىدۇ ۋە تىلغا ئېلىنىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ، ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قاراشلىق ئۇيغۇرلار سىياسىي سەۋەبلەر بىلەن ئىسيان كۆتۈرمەكچى بولدى. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئوتتۇرىغا چىقتى. لىكىن، بۇ مەسىلە خەلقئارا سەھنىدە يېتەرلىك دىققەتكە ئېرىشەلمىدى.
روسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كەڭرى تۇپراقلار تۈركىستان چېگرىسى ئىچىدە قالغانلىقتىن، ئۇ پات-پات تۈرلۈك سىياسىي توقۇنۇشلارنىڭ مەيدانى بولۇپ كەلدى. بۇ زىددىيەتلەر زومىگەرلىكتە بىرىنىڭ يەنە بىرىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىققان. تەبىئىي بايلىقلىرى سۈمۈرۈلگەن ۋە ھەر خىل ھوقۇقلىرى دەخلى-تەرۇز قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيىلىك سىياسىي ئورنى سەۋەبىدىن ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى مەقسەت قىلغان خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بۇ تۇپراقنىڭ ھەقىقىي ئېگىسى بولغان ئۇيغۇرلارنى دىققەتكە ئالماستىن خىتاي كۆچمەنلىرىنى بۇ رايونغا يۆتكەش ئارقىلىق نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلىۋاتىدۇ.
بۇ تەتقىقاتنىڭ تېمىسى ھازىرغىچە خىتاينىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا بولۇپ ، خەلقئارا سەھنىدە تېگىشلىك قوللاشقا ئېرىشەلمىگەن «شەرقىي تۈركىستان» مەسىلىسى. بۇ تەتقىقاتنىڭ مەقسىتى شەرقىي تۈركىستان رايونىنىڭ جۇغراپىيىلىك سىياسىي ئالاھىدىلىكى، ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى ۋە نوپۇس قۇرۇلمىسىنى تەكشۈرۈش. بۇنىڭدىكى مەقسەت ، خىتاينىڭ ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىلىپ بىرىۋاتقان زۇلۇم ۋە زوراۋانلىق پوزىتسىيىسىگە قارىتا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ، بولۇپمۇ تۈركىيەنىڭ قىزىقىشى ۋە رايوندىكى ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش مەسىلىسىگە قارىتا ، تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسەت ھەرىكىتىنى مۇلاھىزە قىلىش.
1. شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى)
تارىختا ھەر خىل سۇلالىلەر قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ، مانجۇلار قۇرغان چىڭ سۇلالىسىنى تىلغا ئالغاندا 1877-يىلى خىتاي – مانجۇ تاجاۋۇزچىلىقىدىن كېيىن ، خىتاي 1884-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋىلايەتلىرىگە ئەسكەرلىرى ۋە ئەمەلدارلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى بۇ رايونغا «يېڭى زېمىن» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدىغان ۋە ئۆز ئىچىدە زىددىيەت بولغان «شىنجاڭ» دەپ ئىسىم قويغان. شۇڭلاشقا، تۆۋەندىكىدەك بىر سوئال ئوتتۇرغا چىقىدۇ: ئەگەر خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى ئۆز زېمىنى ئىچىدە قوبۇل قىلسا، نېمىشقا ئۇنىڭغا شىنجاڭ دەپ ئىسىم قويدى؟ قانداقلا بولمىسۇن، 1884-يىلدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان دېگەن ئىسىمنى ئىشلىتىشنى چەكلىگەن (Zenginoğlu 2013: 22؛ Özönder 1998: 13؛).
1.1. بۇ رايوننىڭ جۇغراپىيىلىك سىياسىي ئالاھىدىلىكى
سىياسىي ئەسەرلەردە «ئوتتۇرا ئاسىيا» دەپ ئاتالغان تۈركىستاننىڭ ، مەنبەلەردە ئۈچ ئاساسلىق رايونغا ئايرىلغانلىقى كۆرۈلىدۇ. بىرىنچى رايون بولغان شەرقىي تۈركىستان، بۈيۈك تۈركىستاننىڭ شەرقىگە ۋە ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. مەنبەلەردە دېيىلىشىچە، ەر كۆلىمى 1.828.418 كۋادرات كىلومېتىر بولغان بۇ رايوندا 30 مىليون ئەتراپىدا تۈرك ياشايدىكەن . مەلۇمكى ، بۇ نوپۇسنىڭ كۆپىنچىسى ئوتتۇرا ئاسىيا (تۈركىستان) دىن كەلگەن (ئۇيغۇر ، ئۆزبېكىستان ، قازاقىستان ، تاتار ۋە قىرغىز) (Gül، 2007: 252 ؛ Zenginoğlu ، 2013: 23). ئىككىنچى رايون ئافغانىستاننىڭ شىمالى قىسمى بولغان جەنۇبى تۈركىستان. ھەر خىل مەنبەلەردە بۇ رايوندا يەنە 5 مىليوندىن ئارتۇق ئۆزبېك ۋە تۈركمەنلەرنىڭ ياشايدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ئۈچىنچى رايون بولسا، ئوخشىماس تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنى (قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستا، تۈركمەنىستان) ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە 55 مىليون ئادەم ياشاۋاتقانلىقى بىلىنگەن غەربىي تۈركىستان ئىكەنلىكى كۆرۈلىدۇ (Aynural ve Kesici، 2005: 1211). خىتاي رەسمىي مەنبەلىرىدە شىنجاڭ / شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ ئاتالغان شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيىلىك جەھەتتىن خىتاينىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، دەسلەپكى مەزگىللەردىن باشلاپ «تۈركلەرنىڭ ئانا ۋەتىنى» ۋە تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى بولۇپ كەلگەن. تارىخ (IHH, 2016; Özönder, 1998: 11; Hayit, 2004; Togan ، 1981).
1.2. رايوننىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى
ئۇيغۇر ئاز سانلىق مىللەتلىرى ياشايدىغان ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يەر ئاستى بايلىقى ۋە ئورنى جەھەتتە ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ (Dağcı ve Keskin ، 2013: 16).
كەڭ زېمىنى ۋە مول تەبىئىي بايلىقلىرى بارلىقى بىلىنگەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ «ياۋروئاسىيانىڭ يۈرىكى» دېيىشكە بولغۇدەك دەرىجىدە مۇھىم دېيىشكە بولىدۇ. ئۇيغۇر رايونى خىتاي زېمىنىنىڭ ئالتىدىن بىرى بولۇپ، سەككىز دۆلەت بىلەن چېگرىلىنىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، تارىخىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئۇيغۇر رايونىنىڭ خىتاينىڭ چەتئەل تاجاۋۇزچىلىقىنى ئاجىزلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى بايان قىلىشقا بولىدۇ (Şen، 2009: 125 ، IHH ، 2015).
خىتاينىڭ غەرب بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئىككى چوڭ توسالغۇ بار دېيىشكە بولىدۇ. بۇلارنىڭ بىرىنچىسى تەكلىماكان قۇملۇقى يەنە بىرى خىتاينىڭ سەددىچىن سېپىلى. بۇ ئىككى توسالغۇ سەۋەبىدىن، خىتاينىڭ غەرب بىلەن بولغان ئالاقىسى شەرقىي تۈركىستان ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقى كۆرۈلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، شەرقىي تۈركىستان خىتاي ئۈچۈن ئىستراتېگىيىلىك جەھەتتىمۇ ئىنتايىن مۇھىم (Zenginoğlu ، 2013: 22).
خىتاينىڭ بۇ رايونغا بۇنداق ئەھمىيەت بېرىشىدىكى يەنە بىر سەۋەب ، شەرقىي تۈركىستان خىتاي ئىقتىسادىنىڭ كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان ئاساسلىق خام ئەشيا بىلەن تەمىنلىگۈچى. بۇنىڭدىن، ئۇران، تەبىئىي گاز ۋە نېفىت قاتارلىق قىممەتلىك ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئىشلىتىش ھەر قايسى تەرەپلەردىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى ئىشلىتىۋاتقان خىتاي دۆلىتىنىڭ مونوپوللۇقىدا ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. (THE, 2016, IHH, 2015). بۇ رايون ئىگە بولغان ئېنېرگىيە مەنبەسى شۇنداقلا نۇرغۇن قىممەتلىك مېتاللار بىلەن كۈنتەرتىپكە كەلدى. بۇ رايوندا 118 خىل مىنېرال ئېنىقلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ پەقەت 30 خىلىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان (Dağcı ve Keskin ، 2013: 15).
زېمىنىدا كەم دېگەندە 56 مىللەت بار بولغان خىتاينىڭ بىرلىك قۇرۇلمىسىنى پۈتۈنلەشتۈرۈشتە ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھالقىلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ يەردە يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى باشقا مىللەتلەرنى قوزغايدۇ دەپ قارىلىدۇ ۋە بۇنىڭ دۆلەتنى مالىمانچىلىققا سۆرەپ كىرىدىغانلىقى تەكىتلىنىۋاتىدۇ (IHH, 2015). شەرقىي تۈركىستان، خىتاي ۋە ياۋروپاغا تۇتىشىدىغان يىپەك يولى قۇرۇقلۇق يولىنىڭ خىتاينى سىبىرىيە، روسىيە ۋە ئوتتۇرا شەرق بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان يول ئېغىزىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن، ھەم رايون ھەم دۇنيا خاراكتىرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. (شېن ، 2009: 125). مەلۇمكى ، خىتاينىڭ تارىخى يىپەك يولىدا ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتى بار ، شۇڭا تۈركىيە بىلەن يېڭى يىپەك يولى تۈرىنى تەرەققىي قىلدۇرماقچى. مەسىلەن، 2000-يىلى 4-ئايدا خىتاي پرېزىدېنتى جياڭ زېمىن تۈركىيە زىيارىتى جەريانىدا يىپەك يولىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى «كۆۋرۈك»، سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن «ئىشىك» ۋە بىر ۋۇجۇتنىڭ «يۇمشاق قورساق رايونى» ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان (Ekrem, 2012: 37).
1.3. رايوننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسى
ئىشغالىيەتتىن كېيىن ، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي پۇقرالىرىنى قەرەللىك ھالدا شەرقىي تۈركىستان زېمىنىغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىدى. بۇ دائىملىق نوپۇسنىڭ كۆچۈشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ، ئۆتمۈشتىن بۇيان تۈركلەرگە تەۋە بولغان رايوننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش ۋە بۇ رايوننى پۈتۈنلەي خىتاي دۆلىتىنىڭ باشقۇرۇشىغا قويۇپ قويۇش (THE, 2016).
خىتاي بۇ رايوندىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنى ئازايتىپ ، ئۇلارنى ئاز سانلىق مىللەت قىلىپ قويۇشنى مەقسەت قىلىدۇ، ۋە ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولغان خىتاي كۆچمەنلەرنى شەرقىي تۈركىستانغا ئورۇنلاشتۇرىۋاتىدۇ. بۇ رايوندىكى خىتاي كۆچمەنلەرنىڭ كۆپىيىشىدىكى يەنە بىر ئامىل سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان رايونىدىكى تەسىرى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رايوندىكى يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى تەبىئىي بايلىقلىرىدىن نەپكە ئېرىشىش مەقسىتى سەۋەپلىك خىتاي رايوندىكى نوپۇس كۆپەيتىش سىياسىتىنى يولغا قويالايدۇ (Dağcı ve Keskin, 2013: 16; THE,2016).
ئېلان قىلىنغان نوپۇس ئەھۋالى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس ،شۇنداقلا بىر-بىرىگە زىت دەپ قارىلىدۇ. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان نوپۇسىنى بۇنداق تۇترۇقسىز كۆرسىتىشىدە مۇنداق ئىككى سەۋەب بولۇشى مۇمكىن: يا ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسىنى تۆۋەن كۆرسىتىپ ئۇلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى بەرمەسلىك ، ياكى رايوننىڭ يېرىمىنى خىتاي نوپۇسى قاپلىغانلىقىنى كۆرسىتىش (Tanay, 2016).
گەرچە ئېنىق سانلىق مەلۇمات بولمىسىمۇ ، 1944-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇيغۇر نوپۇسى 3 مىليونغا يېقىن ، خىتاي نوپۇسى 200 مىڭدىن كۆپ، باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى 700 مىڭدىن كۆپ ئىكەن. خىتاي بىلەن ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ تەڭلىشىپ قالغانلىقىنى كۆزدە تۇتقاندا، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويغان مەجبۇرىي كۆچۈرۈش سىياسىتىدىن كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا بولىدۇ. ئابدۇلھەكىم سەلچۇقنىڭ دېيىشىچە، 1923-يىلدىن 2016-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا بۇ رايوننىڭ نوپۇسى 45 مىليون بولۇشى كېرەك ئىدى، ئەمما مۆلچەرلىنىشىچە 35 مىليون ئەتراپىدا. ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پايتەختى ئۇرۇمچىدا 14 مىليون ئەتراپىدا نوپۇس بارلىقى ۋە 12.750.000 خىتاي، 1.250.000 ئۇيغۇر ئىكەنلىكى مۆلچەرلەنگەن.
رايونغا بىخەتەر ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈچۈن، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى نوپۇس قۇرۇلمىسىدا ئاياللارنى مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ۋە تۇغماس قىلىۋىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ. ئېلىپ بىرىلغان مۇلاقەتتە يېزىلاردا 2 بالىلىق، شەھەرلەردە 1 بالىلىق بولۇشتەك چەكلىمىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى بايان قىلىنغان. مەھەللىلەردىكى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان كىشىلەر 8 ئايلىق ھامىلدار ئاياللارنى بايقىسىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىگە دوكلات قىلىدۇ. ئەگەر بۇ رايوندا ياشايدىغان كىشىلەر بۇ چەكلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلسا، ئۇلار ناھايىتى ئېغىر ئىقتىسادىي جازاغا ئۇچرايدۇ؛ بولۇپمۇ يېزىلاردا ياشايدىغان ئاياللار ساغلام بولمىغان مۇھىتتا مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش رەسمىيىتىگە مەجبۇرلىنىدۇ (Zenginoğlu, 2013: 23; Gökbayrak, 2016).
2. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى
شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئەمەلىيەتتە خىتاي مەسىلىسى ، ئەمما بۇ رايون مىللىي، مەدەنىيەت ۋە تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشتە تۈركىيەگىمۇ چېتىلىدۇ. دۆلىتىمىزگە مۇناسىۋەتلىك ئاساسلىق نۇقتا ئېتنىك ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ئۇيغۇرلار، ئەمما خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىشى ۋە ھەق-ھوقۇقىغا ئېرىشىش مەسىلىسىنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بىلەن ئوخشاش دەپ قارايدۇ. گەرچە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى دىن ياكى ئېتىقادتىكى ئوخشىماسلىق ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئىشنىڭ تېگىدە جۇغراپىيىلىك سىياسىي ئورۇن، ئېگە بولغان تەبىئىي بايلىقلار ۋە ئەڭ مۇھىمى تەكلىماكان قۇملۇقى بىلەن سەددىچىن سېپىلى قاتارلىق سەۋەپلەر بار دېيىلگەن. سەددىچىن سېپىلى خىتاينىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈش بىلەن بىرگە دۆلەتنى زور ئىقتىسادىي كرىزىسقا دۇچار قىلىدىغان ئامىللار قاتارىدا كۆرسىتىلىدۇ. جۇغراپىيىلىك جەھەتتىن شەرقىي تۈركىستان بۇ ئىككى مۇھىم ئامىلنىڭ سىرتىدا بولغاچقا ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى شەرقىي تۈركىستاننى «سىرتقا ئېچىلغان ئىشىك» دەپ قارايدۇ. خىتايغا ئوخشاش چوڭ سانائەت ۋە بازارغا ئىگە بىر دۆلەتنىڭ مۇھىم ئەمگەك كۈچى ۋە ئېنېرگىيە بايلىقىغا موھتاج ئىكەنلىكى قوبۇل قىلىنغاندا (Şen, 2009: 125; Ekrem, 2012: 49; Deli, 2016)، ئۆزىنىڭ بايلىق ئېھتىياجىنى شەرقىي تۈركىستان ئارقىلىق قاندۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتىش خاتا بولمايدۇ.
2.1. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتى
خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى قولدىن چىقىرىشنى خالىمايدۇ؛ ئىجتىمائىي-مەدەنىيەت ۋە مىللىي قۇرۇلمىسىنى پىلانلىق ھالدا ئۆزگەرتىشنى خالايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ، شەرقىي تۈركىستان يۈز كەلگەن قىيىنچىلىقلارغا قارىماي «نادانلىقتتا قويۇپ ، ئېزىپ يوقىتىش» سىياسىتىگە قارشى كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ. 1949-يىلدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندا سىستېمىلىق يولغا قويۇلغان سىياسەتلەر ئىچىدە ، 1949-يىلى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشى بىلەن ئاتالمىش شىنجاڭغا بولغان بۆلگۈنچىلىك خائىشىنى ئازايتىش ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار يەر ئالىدۇ. 1950-يىللىرىدىن باشلاپ نوپۇس يۆتكەشنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ بۇ رايوندىكى خىتايلارنىڭ نوپۇسى كۆپەيگەن ، كەڭ قورساقلىق سىياسىتىدىن ۋاز كىچىپ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى يولغا قويۇلغان ۋە مەجبۇرىي ھالدا مەدەنىيەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش باشلانغان. 1960-يىللىرىدىن باشلاپ بۇ رايوندا كەينى-كەينىدىن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىلغان. بۇ ھادىسە ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مەزگىلدە ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1964-يىلدىن 1996-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئېلىپ بېرىلغان 46 قېتىملىق يادرو سىنىقى نەتىجىسىدە ، 190،000 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىغا كەلگەندە، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۇرۇنغان. يەنە بىر تەرەپتىن رايونغا كۆپ ساندا نوپۇس يۆتكەلگەن ، تۇغۇت سىياسىتىگە ئەمەل قىلمىغان كىشىلەر ساغلام بولمىغان مۇھىتتا مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرۇلغان ، ئۇيغۇرلار بىر نەسەپ قىرغىنچىلىقىغا دۇچ كەلگەن. 1999-يىلى نۇرغۇن خىتايلار «غەربكە بېرىش» سىياسىتى بىلەن بۇ رايونغا سۈرگۈن قىلىنغان ، شۇنداقلا بۇ رايوننىڭ تەرەققىي قىلىپ مۇقىم ھالەتكە كېلىشى ئۈچۈن تولۇقلىما ياردەم پۇلى تارقىتىپ ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە سودا گۇرۇپپىسى قۇرۇشقا ئۇرۇنغان. 2001-يىلدىن 2009-يىلغىچە بولغان مەزگىلدە 11-سېنتەبىردىكى ھۇجۇمدىن كېيىن ، بېيجىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى (ئۇيغۇرلارنى) ئەلقائىدە ۋە تالىبانلار بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ باھانە قىلىپ «تېرورچى» دەپ جاكارلىغان؛ بۇ يېڭى جەرياندا خىتاي ۋە ئامېرىكىنىڭ بۇ رايونغا بولغان تونۇشىدا «تېرورلۇق» بىلەن باغلىنىشلىق قىلىپ كۆرسىتىش ئۈنۈملۈك بولغان. (Dağcı ve Keskin, 2013: 15–16; Özönder, 1998: 13; Yinanç, 2012: 8; Avcı, 2012: 8; Zenginoğlu, 2013: 25).
بولۇپمۇ 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى ھوقۇق تەلەپلىرى ۋە كەمسىتىشكە قارشى ھەرىكەتلەرنى «بۆلگۈنچىلىك، تېرورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇق» دەپ ئوتتۇرىغا قويماقچى بولدى ۋە بۇ خىل ئۇسۇلدا زۇلۇم ۋە زوراۋانلىقنى ئاقلاشقا ئۇرۇندى (Doğu Türkistan Vakfı ، 2014-يىل). خىتاينىڭ دېيىشىچە، دۆلەت ئىچىدە ئۇيغۇر ، تىبەت ۋە موڭغۇلدىن ئىبارەت بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسى بار ئۈچ گۇرۇپپىنىڭ بارلىقى بايان قىلىنغان. مۇشۇنداق بولۇشىغا قارىماي، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلارغا مەركەزلەشتى ۋە ئۇيغۇر تۈركلىرىنى «تېرورچى» دەپ جاكارلىدى (Zenginoğlu ، 2013: 25). قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى قوللانغان تېرورلۇق سۆزى بىر بۇرمىلاشتىن ئىبارەت. چۈنكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۆزلىرىنىڭ مەنىۋى قىممەت قارىشىنى قوغداش ، تىلىنى ئەركىن ئىشلىتىش، دىنىنى بېسىمسىز ياشاش ۋە مەدەنىيىتىنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇرۇشتەك ھەقلىق كۆرىشىنى دۇنيا جامائتى ئالدىدا داۋام قىلماقتا. ھەر بىر جەمئىيەتتە زوراۋانلىققا مايىل كىشىلەر بولغاندەك، ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدىمۇ زوراۋان كىشىلەر ياكى گۇرۇپپىلار بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ «تېرورچى» ياكى ھەقلىق كۈرەش قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ (Avcı, 2012: 10). بۇ ئەھۋال رېئاللىق بىلەن بىردەك ئەمەس.
2.2. تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى دائىرىسىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ بېشىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن بارلىققا كەلگەن بەش مۇستەقىل تۈرك دۆلىتى بىلەن بىرگە شەرقىي تۈركىستان رايونىغا بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇردى؛ بۇ رايوندا يېڭى بىر تۈرك دۆلىتى قۇرۇلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بۇ ئەھۋالدا، تۈركىيە ئۆزلىرى باشتىن كەچۈرگەن خەلقئارالىق يەكلىنىشتىن قۇتۇلۇشنى ئۈمىد قىلىپ، يېڭىدىن مۇستەقىل بولغان بۇ دۆلەتلەرگە ناھايىتى قىزىقىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى، تاشقى دۇنيادىكى «پان-تۈركىست» ھەرىكىتى دەپ ئاتالغان بۇ ئەھۋال روسىيە ۋە خىتاينى قاتتىق پاراكەندە قىلدى. (Yinanç, 2012:10).
تۈركىيە بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ، ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىدە باشتىن كەچۈرگەن تەرەققىياتنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن تۈركىيەنىڭ مەنپەئەتىگە قارشى بولغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. تۈركىيەنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئورنى، ئوتتۇرا شەرق، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاۋكاز بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە تۈركىيە بىلەن شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئارىسىدىكى ئۈزۈلۈشى قېيىن بولغان مەنىۋىي ۋە تارىخىي باغلىنىشلىق تۈركىيەنى بۇ رايونغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشكە مەجبۇر قىلدى. بۇ ئەھۋال ئاساسەن تۈركىيەنىڭ خىتايغا ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ تۈركىيەگە موھتاج ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى (Karaca, 2007: 242; Şen, 2009: 129; Avcu, 2016).
1925-يىلى تۈركىيە – خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ باشلىنىشى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىدۇ. 1929-يىلى ، تۈركىيە نەنجىڭدا تۇنجى دىپلوماتىك ۋەزىپىسىنى ئاچتى. كېيىن، 1940-يىلى، خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا كونسۇلخانا ئېچىشنى ئىلتىماس قىلىشى بىلەن مۇناسىۋەت يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن (Şen ، 2009: 129).
«قارارسىز قوللاش دەۋرى» دەپ ئاتالغان 1990-يىلدىن 1995-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى دائىم تۈركىيەنىڭ ئاممىۋى كۈن تەرتىپىدە بولۇپ كەلدى. 1991-يىلى ، باش مىنىستىر دەمىرئەل، مۇئاۋىن باش مىنىستىر ئىنئۆنۈ ۋە بىر قىسىم سىياسىئونلار ۋە ۋەكىللەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى ۋە بۇ مەسىلىنى خەلقئارا تەشكىلاتلاردا ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. يەنە بىر قوللاش بولسا 1992-يىلى ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن بىلەن كۆرۈشكەن تۇرغۇت ئۆزالدىن كەلگەن. ئۆزال ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بايان قىلدى ۋە ئىستانبۇلدىكى بىر باغچىغا « ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن» دەپ ئىسىم قويۇلۇشقا كاپالەتلىك قىلدى (Yinanç, 2012: 10; Tuna, 2012: 117).
خىتاي ئۈچۈن ئېيتقاندا، تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارىلىدۇ. گەرچە تۈركىيەنىڭ دۇنيا سىياسىتىدە خىتايغا ئوخشاش ئورنى بولمىسىمۇ، ئەمما جۇغراپىيىلىك سىياسەت جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم بىر دۆلەت. شۇڭلاشقا، ياۋروئاسىيا سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن خىتاينىڭ تۈركىيەگە ئوخشاش رايونلۇق كۈچلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشى كېرەكلىكى كۆرۈلىدۇ (Çolakoğlu ، 2012: 56).
1995-يىلى، سۇلايمان دەمىرئەلنىڭ خىتاي، ھىندىنوزىيە ۋە شياڭگاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاسىيا زىيارىتى جەريانىدا، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تۇنجى قېتىم ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىدە تىلغا ئېلىنغان. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تۇنجى قېتىم 1999-يىلى 4-ئايدا، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى لى پېڭنىڭ تۈركىيە زىيارىتى جەريانىدا رەسمىي ئوتتۇرغا قويۇلغان. لى پېڭ بۇ زىيارەتتىن كېيىن ، خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلىگەن: «ئاتالمىش شەرقىي تۈركىستان (دوڭ-تۇ) مەسىلىسىنىڭ پەيدا بولۇشى، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان) لىق بىر ئۇچۇم كىشىلەر تۈركىيەگە قېچىپ كېلىپ، ئۇ يەردە كىچىككىنە بۆلگۈنچى كۈچ تەشكىللىشى بىلەن مەيدانغا كەلگەن. ئۇلار ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان» نامىدا بىر دۆلەت قۇرۇشنى جاكارلىغان ئىدى. ئۇلار مىللىي بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان، ھەتتا تېرورلۇق پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغان. بۇ سەۋەبتىن ،ئاتالمىش شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جۇڭگولۇقلار (بۇ مەسىلىگە) قەتئىي قارشى تۇرىدۇ» (Çolakoğlu ، 2012: 56 ؛ Ekrem نەقىل قىلغان، 2012: 49). لى پېڭنىڭ بۇ سۆزلىرىدە دېمەكچى بولغان كىشىلەر مۇھامممەت ئېمىن بۇغرا، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋە ئۇلارنىڭ يىنىدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىكەنلىكى مەلۇم.
1996-يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپ ، تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشلەر بولدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ ئىسمى يېزىلغان باغچىنىڭ تاقىلىشىنى ، شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنىڭ چۈشۈرۈلىشىنى ۋە شەرقىي تۈركىستان شەھىدلەر ئابىدىسىنىڭ بۇزۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى ۋە ئۇلار بۇ تەلەپلەردە ئىجابىي نەتىجىگە ئېرىشتى (Yinanç 2012: 10). 1996-يىلدىن باشلاپ، خىتايغا قارشى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىغا قارىتا تەكشۈرۈش باشلىنىپ، شۇ يىلى تۈركىيىدىن پاناھلىق تىلىگەن 13 ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ چېگرادىن چىقىپ كېتىشى تەلەپ قىلىنغان. بۇنىڭدىن باشقا ، تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئىلتىماس قىلغان 150 ئۇيغۇرنىڭ تەلىپىگە ئىجابىي جاۋاب بېرىلمىگەن (Yinanç, 2012: 10; Tuna, 2012: 118).
خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىگە نىسبەتەن، خىتاي پرېزىدېنتى جياڭ زېمىننىڭ 2000-يىلى 4-ئايدا تۈركىيە زىيارىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى تېرورلۇققا قارشى ھەمكارلىق توغرىسىدىكى تۇنجى بىرلەشمە خىتابنامىگە ئىمزا قويۇش ئىكەن. (شۇنداقلا، «شەرقىي تۈركىستانچىلار» خىتايلارنىڭ كۆزىدە تېرورلۇق بىلەن باراۋەر.) بۇ دائىرىدە ، ئەنقەرە-بېيجىڭ مۇناسىۋىتى يېڭى پەللىگە چىقتى. دىپلوماتىك سۆھبەت ۋە كېلىشىملەرنىڭ ئومۇمىي نەتىجىسىگە قارايدىغان بولساق ، ئەنقەرەنىڭ خىتايدىن تەمىنلەيدىغان ئىقتىسادىي ئىمتىيازلىرى ۋە خەلقئارا سەھنىدىكى سىياسى قوللىشىنىڭ بەدىلىگە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ بېيجىڭغا پايدىلىق ئۆزگەرگەنلىكى كۆرۈلىدۇ (Ekrem, 2012: 51; Yinanç, 2012: 10).
پرېزىدېنت ئابدۇللا گۈلنىڭ 2009-يىلى 6-ئايدا خىتاي زىيارىتى جەريانىدا نۇرغۇن ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، گۈل ۋە تۈرك ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇرۇمچىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ، 2009-يىلى 7-ئايدا يۈز بەرگەن ئۇرۇمچى ۋەقەلىرى تۈركىيەدە زور تەسىر قوزغىغان ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بۇ ۋەقەلەرنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تەنقىد قىلىشى خىتاينىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىغا ئۇچرىغان. ئاساسەن دېگۈدەك دۇنيادىكى ھىچقانداق دۆلەتنىڭ دىققىتىنى تارتمىغان ۋەقەنى تۈركىيەنىڭ قاتتىق تەنقىت قىلىشىغا قارىتا ، خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەي جۈن باش مىنىستىر ئەردوغان قوللانغان «قەتلىئام ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قاتارلىق ئىپادىلەرنى «مەسئۇلىيەتسىز بايانات» دەپ تەسۋىرلەپ ، تۈركىيە بىلەن بولغان جىددىي كەيپىياتنى يۇمشىتىشنى ئويلىغان. بۇ ۋاقىتتا تۈركىيەنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئەدىشىسى ، دۇنيادىكى ھېچقانداق بىر دۆلەت بۇ ۋەقەگە قارىتا بۇنداق ئىنكاس قايتۇرمىغان ئەھۋالدا تۈركىيەنىڭ ئىنكاسى ئالدىدا يالغۇز قېلىشى ئىدى. (Çolakoğlu, 2012: 59–60; Ekrem, 2012: 52).
بۇ ئەندىشە پەيدا بولغاندىن كېيىن، باش مىنىستىر ئەردوغان تۈركىيە – خىتاي مۇناسىۋىتىنى يۇمشىتىش ئۈچۈن 2009-يىلى 30-ئاۋغۇستتىن 2-سېنتەبىرگىچە بولغان ئارىلىقتا زافەر چاغلاياننى خىتايغا ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى سۈپىتىدە ئەۋەتكەن. چاغلايان خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋغا باش مىنىستىر ئەردوغاننىڭ تۆۋەندىكى ئۇچۇرلىرىنى يەتكۈزگەن: «تۈركىيە ھۆكۈمىتى «بىر جۇڭگو» سىياسىتىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى پۈتكۈل جۇڭگو خەلقىنىڭ بىردىنبىر ھوقۇقلۇق ۋەكىلى. تۈركىيە جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان پائالىيەتلەرگە يول قويمايدۇ. شىنجاڭدا (شەرقىي تۈركىستاندا) مۇقىملىق ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە گۈللىنىشنىڭ قولغا كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ» (Ekrem نەقىل قىلغان ، 2012: 52).
كېيىن، ئىتالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن G-8 باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن، باش مىنىستىر ئەردوغان ئۆزىنىڭ تەنقىدىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ئىشلارنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قا ئوخشايدىغانلىقىنى بايان قىلدى. بۇ ۋەقەنى ب د ت كېڭىشىگە ئېلىپ چېقىدىغانلىقىنى بايان قىلغان باش مىنىستىر ئەردوغان: «بىر تەرەپتىن بىز ئۇنىۋېرسال قىممەت قاراشلارنى مۇزاكىرە قىلىمىز ، كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە سۆزلەيمىز، يەنە بىر تەرەپتىن بىز ئۇلارغا تاماشىبىن بولىمىزمۇ؟ ئەلۋەتتە بۇنداق بولماسلىقى كىرەك» دېدى ۋە ئۆزىنىڭ ئىنكاسىنى ئىپادىلىدى (Şen نەقىل قىلغان ، 2009: 132). ئۇنىڭدىن كېيىن، بەزى تەشكىلاتلار خىتايغا ئېتىراز بىلدۈردى؛ خىتاي تاۋارلىرى ئۈچۈن بايقۇت يولغا قويۇلدى. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بولسا ، بۇ ۋەقەلەرنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ۋە مۇقىملىقنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ توغرا چۈشىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. شەرقىي تۈركىستان رايونى خىتاينىڭ يۇمشاق قورسىقى بولۇپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش قورالىغا ئايلانغان. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە ، ئەگەر مەسىلە ھەل قىلىنمىسا ، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ داۋاملىق تەسىرگە ئۇچرايدىغانلىقىنى بايان قىلىشقا بولىدۇ (Şen, 2009: 133; Ekrem, 2012: 54). بۇنىڭ بىلەن بىرگە، تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قارىتا ئىزچىل سىياسەت قوللىنالمىغانلىقى ۋە ئوخشىمىغان دەۋرلەردە قوللانغان بۇ «قارارسىز» سىياسەتلەر بىلەن تەڭپۇڭلۇقنى قولغا كەلتۈرەلمەيۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. تۈركىيەنىڭ بۇ «قارارسىز» سىياسەتلىرى ئامما تەرىپىدىن رايوندىكى ئاز سانلىق تۈركلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىنىشىغا كۆز يۇمغانلىق دەپ ئىزاھلىنىدۇ (Karaca ، 2007: 241).
3. دۇنيا مىقياسىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
3.1. ھەق-ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى
يېقىنقى 200 يىلدىن بۇيان ئىشغال قىلىنلغان شەرقىي تۈركىستان 1949-يىلدىن باشلاپ ئېغىر دەرىجىدە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ كۆپىنچىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتى ۋە رەسمىي سىياسىتىدىن كېلىپ چىققان. خىتاينىڭ زور بىر قىسمىنىڭ دۇنيادىن «ئايرىم» قالغانلىقى ، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارە پائالىيەت قىلىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى ۋە ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەرنىڭ بىھۇدە ۋە رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇلۇشى ، ئەمەلىيەتتە ، ئىقتىسادىي گىگانت دۆلەت بولغان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىدىن پايدىلىنىپ ، رايون خەلقىنى داۋالغۇش ئىچىدە قالدۇرۇپ ئىنتايىن رەھىمسىز ۋە جاھانگىرلىك سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى كۆرۈلىدۇ (THE, 2016; Balcı, 2013: 22; İHH, 2016). تىلغا ئېلىنغان ھەق-ھوق دەپسەندىچىلىكلەرنىڭ بەزىلىرىنى تۆۋەندىكىدەك تىزىشقا بولىدۇ:
3.2. ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ۋە خىتاي كۆچمەنلىرى
شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئارقىلىق رايونغا خىتايلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى. بۇنداق ئەھۋالدا ، رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئازىيىش بىلەن بىرگە خىتاي نوپۇسى كۆپىيىدۇ (Dağcı ۋە Keskin ، 2013: 16 ؛ مىللىي مەپكۇرەر بىرلەشمىسى ، 2015). خىتاي نوپۇسىنىڭ بۇ رايونغا كۆچۈشى نەتىجىسىدە ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرى خىتاي ۋە پۇقرالىرى تەرىپىدىن ئادالەتسىز ئىشلىتىلىدۇ. بۇ يەردىكى ئاساسلىق مەقسەت نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىپ رايوننى ھەقىقىي مەنىدە خىتاي دۆلىتىگە تەۋە قىلىش. 1949-يىلى تاجاۋۇز قىلىشتىن ئىلگىرى % 4 بولغان خىتاي نوپۇسى يېقىندا% 50 كە يەتكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. (Karaca, 2007: 232; Dağcı ve Keskin, 2013: 16; THE, 2016). بۇ خىل نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى / ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى رايوندىكى كىشىلەرنى كونترول قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، كەلگۈسىدىكى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشتا يېتەرلىك سانغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان (Yinanç ، 2012: 9). ئوخشىمىغان مەدەنىيەتكە ئىگە ئىككى جەمئىيەتنىڭ بىللە ياشىشى ناھايىتى تەس دېيىشكە بولىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، دائىملىق تازىلىق ۋە يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى بولمىغان خىتايلار ۋە تەرتىپلىك تۇرمۇش ئادىتى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز-ئارا چۈشىنىشى ۋە بىر-بىرى بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈشى ناھايىتى تەس. (Balcı, 2013: 23)
3.3. مائارىپ ۋە تىل سىياسىتى
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت غا مائارىپ ھوقۇقى توغرىسىدا كاپالەت بەرگەن ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىللىرىنى سىستېمىلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان بولسىمۇ ، ئەمما مەسىلە شەرقىي تۈركىستانغا كەلگەندە ، خىتاينىڭ باياناتلىرى ۋە ئەمەلىيىتىدە زور پەرق بارلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ، خىتاينىڭ مائارىپ ھەققىدىكى رەقەملىرى ھەقىقەتنى ئەكىس ئەتتۈرمەيدۇ (THE, 2016). مەسىلەن ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلى بىر ئاز سانلىق مىللەت تىلى دەپ قارىلىدۇ. ئۆز تىلىنى مائارىپ تىلى سۈپىتىدە ئىشلىتىشتە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىقى بىر قانچە قېتىم ئۆزگەرتىلدى. خىتاي ئالدى بىلەن ئەرەب يېزىقىنى كىرىل يېزىقىغا؛ ئاندىن ئۇنى لاتىن يېزىقىغا ، ئاندىن كىيىن قايتىدىن ئەرەب يېزىقىغا ئۆزگەرتتى. 2002-يىلدىن كېيىن، ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇيغۇر تىلى چەكلەنگەن (Dağcı ۋە Keskin ،2013: 22-23).
1980-يىللارغىچە ئۇيغۇر ئائىلىلەر بالىلىرىنى قايسى مەكتەپكە بىرىش توغرىسىدا چوڭ قېيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغان. پەرزەنتلەر ئۇيغۇرچە دەرس ئۆتۈلىدىغان مەكتەپلەركە بىرىلسە مەدەنىيىتىنى داۋاملاشتۇرالايتتى، لىكىن ئىش تىپىش ئىھتىمالى قالمايتتى. ئەمما ، ئەگەر ئۇلار خىتايچە مەكتەپكە ئەۋەتىلسە ، خىزمەت تېپىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئېھتىماللىقىنىڭ ئېشىۋاتقان ياكى ئاشمايۋاتقانلىقى يەنىلا ئىنىق ئەمەس ئىدى. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، 1984-يىلى تىل سىياسىتى جەھەتتە ئېغىر بۇرۇلۇش بولدى. خىتاي ئەمەسلەر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا خىتايچە دەرس ئېلىشقا باشلايتتى ، بۇ ۋاقىتتىن كېيىن ئۇلار باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىدا باشلايدىغان بولدى ، ھازىر بولسا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا خىتايچە دەرس ئېلىشقا باشلايدۇ؛ ئۆز مەدەنىيىتىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان شەكىلدە ياتاقلىق مەكتەپلەردە ئوقۇيدۇ. شۇڭلاشقا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن بىر گەۋدىلىشىشى ۋە ئاسسىمىلياتسىيە بولۇشى مۇقەررەر رېئاللىق (Karaca, 2007: 234; Dağcı ve Keskin, 2013: 23).
بۈگۈنكى كۈندە، بۇ رايوندىكى ئوقۇتۇش تىلى پۈتۈنلەي خىتايچە بوپ كەتتى. ئۇيغۇر تىلىنىڭ سىياسەت ، ھەربىي ۋە باشقۇرۇش جەھەتتە يېتەرلىك ئەمەسلىكى باھانە قىلىنىپ ، ئۇيغۇرچە سۆزلەرنىڭ خىتايچە مەنىسىنى تېپىپ ئىشلىتىش مەجبۇرىي قىلىندى (Yinanç ، 2012: 9). رايوندىكى خىتاي خەلقىنىڭ تىلى ۋە مائارىپى سايىسىدا، ئاتالمىش شىنجاڭدىكى چوڭ سانائەت كارخانىلىرىدا ۋەزىپە بىرىلىدۇ. مەسىلەن، ئۇيغۇر رايۇنىدىكى خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نۇرغۇن خىزمەتچىلىرىنى ئۇيغۇر رايۇنىنىڭ سىرتىدىن ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ رايوندىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ رايون ئىقتىسادىدىن يەكلەنگەنلىكىنى (Karaca ،2007: 234) ، ۋە رايوندا بۇ سەۋەپتىن ئىشسىزلىق كۆپەيگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
3.4. ئىقتىسادىي سىياسەت ۋە خىزمەت ئەركىنلىكى
گەرچە شەرقىي تۈركىستان يەر يۈزى ۋە يەر ئاستى بايلىقى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ ، ئەمما ئۇنى ئەڭ بەخىتسىزلىك ئىچىدە ياشايدىغان كىشىلەر قاتارىدا دېيىشكە بولىدۇ (THE, 2016). 1978-يىلغىچە ، خىتاينىڭ غەربىدىكى GNP نىڭ ئېشىش سۈرئىتى% 6.4 ، شەرقىي قىسىمنىڭ ئېشىش نىسبىتى% 6.1 ئەتراپىدا بولغان. 1978-يىلى، خىتاي بازار ئىقتىسادى ۋە ئەركىن ئەندىزىدىكى ئىقتىسادىي ئىسلاھاتنى تېزلىتىشكە باشلىدى. بۇ ئىسلاھاتلاردىن كېيىن ، شەرقىي رايونلار ئىقتىسادىي گۈللىنىشكە ئېرىكەنلىكى؛ غەرب قىسىملىرىنىڭ ئېغىر ئىقتىسادىي مەسىلىگە دۇچ كەلگەنلىكىى كۆزىتىلدى. بۇ مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى تەبىئىي بايلىقلارنىڭ چوڭ سانائەت شەھەرلىرىگە يۆتكىلىشى بىلەن چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ (Dağcı ve Keskin ، 2013: 20 ؛ IHH ، 2016).
بۇنىڭدىن باشقا ، ئۇيغۇر رايۇنىنىڭ قۇرغاق ھاۋاسى سەۋەبىدىن ئىقتىسادنىڭ سىجىل تەرەققىياتىدا كۆرۈنەرلىك قىيىنچىلىق بار. رايوندىكى كىرىم تەڭسىزلىكى ئويلىنىشقا تېگىشلىك يەنە بىر ئامىل. خىتايلار كۆپ بولغان ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا كۆرۈلىدىغان ئىقتىسادىي تەڭسىزلىك ھەر جەھەتتىن ئاز سانلىق مىللەتلەرنى چەتكە قېقىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ (Dağcı ve Keskin ، 2013: 22).
2000-يىلى ئاپتونوم رايونلارنىڭ تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن «غەربىي جۇڭگونى تەرەققىي قىلدۇرۇش» ناملىق پروگرامما ئوتتۇرىغا قويۇلدى. لىكىن ، مەبلەغ سىلىنغان يەرلەرگە يەنىلا خىتايلار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولغاچقا ، بۇ رايوندىكى خەلق داۋاملىق ئىشسىز ۋە نامرات قالغان. شۇنداق قىلىپ ، خىتاي شىركەتلىرى قۇرغان ھەر بىر يېڭى زاۋۇت بۇ رايونغا بولغان چوڭ كۆچۈشنى كۆپەيتتى؛ شۇڭلاشقا، ئۇيغۇر خەلقى ئۇيغۇر شەھەرلىرىدە كۆرۈلگەن ئىقتىسادىي گۈللىنىشتىن مەھرۇم قالدى (IHH, 2016).
3.5. دىنى ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىنىشى
خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ئەڭ چوڭ ھۇجۇم ئۇلارنىڭ ئىسلامغا بولغان ساداقەتمەنلىكىدىن كەلگەنلىكى بايان قىلىنغان. 11-سېنتەبىردىكى ھۇجۇمدىن كېيىن ، رايوندا دىن ۋە ئېتىقاد جەھەتتىكى چەكلىمىلەر كۆپەيدى؛ بۇ خەلقئارا تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش سۈپىتىدە تەشەببۇس قىلىندى. 11-سېنتەبىردىكى ھۇجۇمدىن كېيىنكى مەزگىلدە ، دىن باھانە قىلىنىپ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېغىر باستۇرۇش سىياسىتى يولغا قويۇلدى (Karaca ، 2007: 236).
خىتاي دۆلىتى تېرورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇش نامىدا بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ بىخەتەرلىككە تەھدىد ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ نۇرغۇن پائالىيەتلىرىنى ئاقلاشقا ئۇرۇندى. دىنغا قارشى باستۇرۇشلار شىددەت بىلەن ئاشتى. پەقەت دۆلەت تەستىقلىغان قۇرئان نۇسخىلىرى ۋە دىنىي سۆھبەتلەرگە رۇخسەت قىلىنغان ، تەستىقلانمىغان ئەسەرلەرنى ساقلىغانلارغا ئېغىر جىنايى جازا يۈرگۈزۈلگەن (Szadziewski, 2013: 31).
بۇ رايوندا ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئاساسلىق دۇئا-تىلاۋەت سورۇنلىرى بولغان مەسچىتلەردە ھەممەيلەننىڭ ئىبادەت قىلىشى چەكلەنگەن. 18 ياشتىن تۆۋەنلەر مەسچىتكە كىرەلمەيدۇ. مەسىلەن ، كادىرلار ، ئوقۇغۇچىلار ، پىنسىيەگە چىققانلار ۋە ئاياللار مەسچىتكە كىرىش مەنئى قىلىنغان كىشىلەردىن بەزىلىرى (Szadziewski, 2013: 32; IHH, 2016).
دىنىي قىممەت قارىشىنى قوغداشتا قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن ئۇيغۇرلارغا 2012-يىلى رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇش چەكلەنگەن. مەسچىتلەردە جامائەت بولۇپ ئىبادەت قىلىش ، دىنىي بايراملارنى تەبرىكلەش ۋە ئۇزۇن دۇئا-تىلاۋەت قىلىش مەنئى قىلىنغان. ئىبادەت قىلغانلىقى بايقالغان كىشىلەر تۇتۇپ كىتىلىدۇ ۋە جەرىمانە قويۇلىدۇ (Dağcı ve Keskin, 2013: 25; THE,2016; İHH, 2016; Milli Mefkûre Birliği, 2015).
يېزا كادىرلىرى «مەسئۇلىيەت ۋەدىنامىسى» نامىدا ھۆججەتكە ئىمزا قويۇشقا مەجبۇرلانغان ، كەنتلەردىكى ئاياللارنىڭ ھىجاب ۋە چادور قاتارلىق تەسەتتۇر كىيىملەرنى كىيىشى چەكلەنگەن. بۈگۈنكى كۈندە ، دىنىي تۈس ئالغان كىيىم-كىچەكلەرنى كىيگەنلەر تۆۋەن كۆرۈلىدۇ ۋە ھەتتا ئاممىۋى ئاپتوبۇسلارغىمۇ چىقالمايدۇ. (Gökbayrak, 2013: 41–42).
3.6. يادرو سىنىقى ۋە مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش
خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ يادرو مەركىزى ۋە سىناق مەيدانى شەرقىي تۈركىستان رايونىدا. 1994-يىلدىن 1997-يىلغىچە مۇھىت ئاسراش ئۈچۈن ھېچقانداق تەدبىر قوللانماي جەمئىي 46 قېتىم يادرو سىنىقى ئېلىپ بىرىلغان ، بۇنىڭ 11 قېتىملىقى يەر ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان. بۇ يادرو سىنىقىدىن كېلىپ چىققان مەسىلىلەر ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە شۇنداقلا ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇققىمۇ تەھدىت سالىدۇ. بۇ سىناقلارنىڭ ئاقىۋىتىدە ، كىشىلەر ھەر خىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇۋاتىدۇ ، بالىلار مېيىپ تۇغۇلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ، غەرب دۆلەتلىرى خىتايدىن ئىمپورت قىلغان قۇرۇق يەل-يېمىشلەردە رادىئاتسىيە تەسىرىنى بايقىغاندىن كىيىن ، شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن تاۋارلارنى سېتىۋېلىشنى چەكلىگەن (Yinanç ، 2012: 9 ؛ THE ، 2016).
بۇ رايوندىكى ئۇيغۇر نوپۇسىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىغان يەنە بىر رەھىمسىزلىك مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش. ئۇلار قۇرغان راسچوت سىياسىتى بىلەن ، ئۆز دۆلىتىدە ئاز سانلىق مىللەتكە ئايلاندۇرۇپ قويماقچى بولغان رايون خەلقىنىڭ شەھەردە بىردىن ئارتۇق ، يېزىدا ئىككىدىن ئارتۇق بالىسى بولۇشى چەكلەنگەن. ئەگەر بۇ چەكتىن ئېشىپ كەتسە ، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈلىدۇ؛ بوۋاق قىز بولسىمۇ ، ئائىلىلەر تەرىپىدىن بالا چۈشۈرۈش ئارقىلىق ئۆلتۈرۈلىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن ، ئۇيغۇر تۈركلىرى كۆپ پەرزەنتلىك بولۇپ ئۇلارنى ئوخشىمىغان ئۇسۇللار بىلەن نوپۇسقا تىزىملىتىدۇ. ئۇلار تىزىمغا ئالدۇرالمىغان بالىلار يوق ھىساپلىنىدۇ؛ تۇغۇلغانلىقى ئۇقتۇرۇلمىغان / خەۋەر قىلىنمىغان بالىلار ئۆيدىن چىقىرىلمايدۇ ، ھەتتا مەكتەپ ياكى دوختۇرخانىغا ئەۋەتىشكىمۇ بولمايدۇ. خىتاينىڭ باشقا رايونلىرىدىمۇ رەسمىي دۆلەت سىياسىتى سۈپىتىدە يولغا قويۇلغان بالا چۈشۈرۈش ۋە مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋىتىش ئۇسۇللىرى سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئانىلار ۋە بوۋاقلار ئۆلۈپ ، ھامىلدار ئاياللارنىڭ يولدىشى ئىشتىن بوشىتىلىدۇ. (THE, 2016; MAZLUMDER, 2010: 62, Milli Mefkûre Union, 2015).
3.7. خەلقئارا سەھنىدە شەرقىي تۈركىستان
شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتتە ئوتتۇرىغا چىقىشى دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جەھەتتە تەھدىت پەيدا قىلىدۇ. بۇ نۇقتىدا ئەسلىدە ئەڭ ئەندىشە قىلىدىغىنى خىتاي بولۇشى كېرەك ، ئەمما خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتى بار دۆلەتلەر تېخىمۇ ئەنسىرەۋاتىدۇ (Kanat, 2013: 19; AGD, 2016). شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە، بۇ نۇقتىدا خىتايغا قارشى تۇرۇش دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتى بىلەن سىغىشمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ مەسىلىگە كۆپىنچە جىمجىت ۋە «پاراكەندىچىلىك سالمايدىغان» ئاھاڭدا ئىنكاس قايتۇرۇلىدۇ.
خىتاي كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قىلغان زىيانكەشلىكلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن خىتاينىڭ خەلقئارا سەھنىدە ئوتتۇرىغا قويغان تەشەببۇسىنىڭ بىرى شۇكى ، بۇ رايون « خىتاي زېمىنىنىڭ بىر قىسمى» ، شۇڭا شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار « خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىسى ھېساپلىنىشى كىرەك » (Tanay,2016; Milli Mefkûre Birliği, 2015). خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ مەسىلىگە ئارىلىشىشىنى خەلقئارا قانۇن بويىچە ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش دەپ قارايدۇ.
گەرچە دۇنيا جامائەت پىكىرى ۋە خەلقئارا كۈچلەر خىتايدا ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ دۆلىتى تەرىپىدىن زالىم ۋە رەھىمسىزلەرچە ھۆكۈمرانلىق قىلىنماقچى بولۇۋاتقان مىللەتتىن تەركىب تاپقانلىقىنى بىلسىمۇ ، ئەمما ئۇلار ھەقىقىي ھەل قىلىش چارىسى تاپمايۋاتىدۇ. (THE, 2016). بۇ ۋەقەلەرنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە كۈنتەرتىپكە كىلەلمەسلىكىدىكى سەۋەبلەر ئىچىدە ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇستىلىق بىلەن ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنىڭمۇ تەسىرى بار. بۇنىڭدىن باشقا ، شەرقىي تۈركىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بۇ پائالىيەتكە قوشقان تۆھپىسى تېخىمۇ چاتاق ۋەزىيەت پەيدا قىلىدۇ. بولۇپمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇ مۇھىتىدا ئېلىپ بىرىلغان ئالاقىلەر قاتتىق كونترول قىلىنىدۇ (Kanat, 2013: 17-18).
دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان خەلقئارا تەشكىلاتلار تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق شەكىلدە ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇش سەۋەبىگە زىت ھالدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە سەل قاراۋاتىدۇ. بۇ تەشكىلاتلارنىڭ بىرى بولغان ب د ت قانداقلا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئىنسانىيەت ئۈمىد كۈتۈشنى ئارزۇلايدىغان بىر تەشكىلات ئورنىدا؛ ئەمما ، خىتاينىڭ ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدىكى رەت قىلىش ھوقۇقىنىڭ بولۇشى مەسىلىنىڭ ئوتتۇرغا قويۇلىشىنى توسىدىغان بىر ئەھۋال شەكىللەندۈرۈپ قويۇۋاتىدۇ. (IHH, 2016; THE, 2016).
ھەممىمىزگە ئايان بولغىنىدەك ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ب د ت خادىملىرىنىڭ بۇ رايوننى زىيارەت قىلىش تەلىپىگە پاسسىپ ئىنكاس قايتۇردى (Akşam ، 2016). ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى Pillay شەرقىي تۈركىستان رايونىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە ئۆلۈم يىتىم بولۇشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ زوراۋانلىقنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىشى شۇنداقلا تىنچ نامايىشلارغا يول قويۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى (Şen ، 2009: 110).
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان رايونىدىكى تۈپتىن يوق قىلىش سىياسىتى كۈندىن-كۈنگە تېخىمۇ كۈچەيتىۋاتىدۇ. مەلۇم بولغىنىدەك ، ئامېرىكا قاتارلىق باشقا دۆلەتلەر بۇ سىياسەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلپ خەلقكە بولغان بېسىم ۋە زوراۋانلىقنى ئازايتىش ئۈچۈن ھېچقانداق تەدبىر قوللانمىدى. چۈنكى بۇ دۆلەتلەر بۇ مەسىلىگە ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئەمەس ، بەلكى نوقۇل مەنپەئەتنى ئاساس قىلغان ھالدا قارايدۇ. دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىلا سۆزلەش شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايدۇ. ئامېرىكا ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيلارنى قوغداشقا بولغان سەزگۈرلىكىنى شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن كۆرسەتمەسلىكى (Sezer, 2016), ئامېرىكىنىڭ قۇرۇلۇش غايىسى بىلەن پۈتۈنلەي ماس كەلمەيدۇ. ئەلۋەتتە شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەككى ، ۋاشىنگىتون ھۆكۈمىتى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى پۈتۈنلەي يوقىتىشنى خالىمايدۇ. شۇڭلاشقا ، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئەندىشىلەر سەۋەبىدىن بېيجىڭغا قارشى يولغا قويغىلى بولىدىغان تاللاشلار داۋاملىق ئۈستەل يۈزىدە قېلىپ قىلىۋاتىدۇ (Şen ، 2009: 111).
ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پوزىتسىيىسى باھالانسا ، مۇناسىۋەتلىك مەزگىلدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى پرېزىدېنتى شىۋىتسىيە بۇ رايوندىكى ۋەقەلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ ، رايوندىكى ۋەقەلەردىن «قاتتىق ئەندىشە قىلغان ۋە قايغۇرغانلىقىنى ، ۋەقەنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى» ئوتتۇرىغا قويدى ; ئۇ باياناتىدا تەرەپلەرنى خاتىرجەم بولۇشقا چاقىردى ۋە رايوندىكى ۋەقەلەرنىڭ يېقىندىن كۆزىتىلگەنلىكىنى بايان قىلدى (Şen ، 2009: 111). ئەينى ۋاقىتتىكى ئىسلام يىغىنى تەشكىلاتى (İKÖ) نىڭ باش كاتىپى Ekmeleddin İhsanoğlu ، خىتاينىڭ ھەممە تەرەپ ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ بۇ رايوندىكى پۇقرالارنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىش نىسبىتىنىڭ كۆپلىكىدىن قاتتىق قايغۇرغانلىقىنى ۋە بۇ مەسىلىنى كىشىلىك ھوقۇق دائىرىسىدە ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى (İslam Portalı, 2016). بۇنىڭدىن باشقا ، روسىيە 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاينى دىپلوماتىك ئەيىبلىدى. ئۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قانۇن دائىرىسىدە قوللىنىدىغان تەدبىرلىرى ئارقىلىق ۋەزىيەتنىڭ تۈزىتىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى (Şen ، 2009: 111 – 112). ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى قاتارلىق بىر قىسىم ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىتايدىكى ۋەقەلەگە نارازلىق بىلدۈردى. نەتىجىدە ، گەرچە نۇرغۇن ئوخشىمىغان قاتناشقۇچىلار ۋە تارماقلار بۇ مەسىلىگە ئىنكاس قايتۇرغان بولسىمۇ ، ناھايىتى ئېنىق ئېيتىشقا بولىدۇكى ، ئاخىرقى ئانالىزدا ھەل قىلىش چارىسى ئوتتۇرغا قويۇلمىدى.
4. مەسىلىنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپلەر
شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئازابلىق رېئاللىقىنىڭ بىرى سۈپىتىدە بىزنىڭ ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ. چۈنكى ئېغىر زۇلۇم ، ئىشسىزلىق ، ئوقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قېلىش، ئەسىردە قېلىش ۋە يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بۈگۈنكى نەسەبى ۋە مەدەنىيىتى خەتەر ئىچىدە قالغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ كىشىلىك ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇش (Öksüz, 1998: 32-33) پۇرسەتلىرى يوقىتىۋىتىلگەن.
شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىسى بولغاچقا ، خىتاي بۇ رايوندىكى خەلقئارالىق پۇقرالار كۈزەتكۈچىلىرى ئۈچۈن مۇھىت ھازىرلىشى كېرەك. خىتاي ھۆكۈمىتى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك. نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نوپۇس ھەرىكەتلىرىنى (كۆچۈرۈشنى) توختىتىشى كېرەك. خىتاي چوقۇم بۇ رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە شەرتسىز خاتىمە بېرىشى كېرەك. ئاخبارات ۋە پىكىر ئەركىنلىكىدىكى توسالغۇلارنى تۈگىتىشمۇ ئىنتايىن جىددىي. رايوندىكى ھەر خىل ئىقتىسادىي ئايرىمچىلىقلارنى ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەك. بالا چۈشۈرۈش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، سەلبىي ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان يادرو سىنىقىنىمۇ ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن ، تۈركىيە تاشقى سىياسىتىگە قايتا قاراپ چىقىپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى تاشقى سىياسەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى دەپ قارىشى كېرەك. تۈركىيە شەرقىي تۈركىستانغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتى يۆنىلىشىدە بولۇشى كېرەك ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ مۇھىملىقىنى يۇقىرى ئورۇنغا قويۇشى كېرەك. كىشىلىك ھوقۇقنىڭ مۇھىملىقىنى ھەر پۇرسەتتە تەكىتلەيدىغان دۆلەت-ئۈستى ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ، بولۇپمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى شەرقىي تۈركىستانغا تېخىمۇ سەزگۈر بولۇشى كېرەك. خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن يېڭى نوپۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نوپۇسى ئېنىق بېكىتىلىشى كېرەك. (MAZLUMDER, 2010: 71–73; Öksüz, 1998: 33; İHH, 2016; Milli Mefkûre Birliği, 2015)
خۇلاسە
ئەسىرلەر بويى ئۇيغۇرلارغا تەۋە بولغان شەرقىي تۈركىستان ھازىرقى تارىختا خىتايغا تەۋە ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ خاتىرىلەنگەن. قانداقلا بولمىسۇن ، بۇ يەردە تەكىتلەشكە تىگىشلىك مۇھىم نۇقتا شۇكى ، بۇ رايون «شىنجاڭ» ئەمەس ، «شەرقىي تۈركىستان». بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ۋە رايوندىكى كۈرەشلەرگە ھۆرمەت قىلىش جەھەتتە «شەرقىي تۈركىستان» ئىپادىسى ئىشلىتىش تېخىمۇ توغرا بولىدۇ.
ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدە كۆچمەن بولۇشنى خالايدىغان پۇقرالىرى ئۈچۈن يېڭى ئولتۇراق رايون تېپىشقا مەجبۇر بولۇشى ۋە شەرقىي تۈركىستان نوپۇسىنى خىتايلارغا پايدىلىق قىلىپ تەڭپۇڭلاشتۇرماقچى بولۇشى، بىپايان تۇپرىقى بولغان بۇ رايوننى تەبىئىيلا بۇ كۆچمەنلەرنىڭ يېڭى تۇرالغۇسىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان. نوپۇسى كۈندىن-كۈنگە ئازىيىۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇ رايوننىڭ ئىقتىسادىي پۇرسىتىدىن خىتايلاردەك پايدىلىنالمايدۇ.
تارىختىن بۇيان توختىماي كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئەڭ ئېغىر ئۇچرىغان تۇپراقلارنىڭ بىرى. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەسىلىسى پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىدە ئېزىلىۋاتقان مۇسۇلمانلار ۋە ئەزەربەيجان-ئەرمىنىيە مەسىلىسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان تۈركلەردەك تىلغا ئېلىنمايۋاتىدۇ. خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئىقتىسادى ، تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بۇ ئاساستا ئورناتقان مۇناسىۋىتى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ.
باشقىچە ئېيتقاندا ، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر ، ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقنىڭ چەكلىنىشىنىڭ داۋاملىشىشى ۋە بەزىدە «ئىنسانىي پاجىئە» پەللىسىگە كۆتۈرۈلگەن ھەق-ھۇقۇق دەپسەندىچىلىكى قاتارلىق مەسىلىلەردىنمۇ بەكرەك مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغان. ھازىرقى ۋەزىيەتتە بولسا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىنىنى ۋە ئەركىنلىكىنى قوغداشقا ئۇرۇنۇشلىرى رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇلىۋاتىدۇ ، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ ھالدا ئۆلۈم جازاسىغا ئۇچراۋاتىدۇ. ھەتتا تۈركىيەنىڭ بۇنداق مەسىلىنى ئىنسانپەرۋەرلىك دەپ قارىشىمۇ، خىتايغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىدە يولغا قويۇلغان تاشقى سىياسەتنى ئۆزگەرتىش ۋە جانلىقلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرەلەيدۇ دەپ قارىلىدۇ.
تۈركىيە بۇ جەھەتتە ئۆزىنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىپ ، زۇلۇمنى توختىتىشى ئۈچۈن خىتايغا بېسىم قىلىشى كېرەك. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان ئىنكاسى سۆز بىلەنلا قالماستىن ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى ۋە «جاراھەتكە مەلھەم» بولىدىغان شەكىلگە كەلتۈرۈلۈشى كېرەك. تۈركىيە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇشى ۋە ئۆزىگە بولغان تارىخى ۋە ئىستراتېگىيىلىك ئىشەنچنى يوقىتىپ قويماسلىقى كېرەك. بۈگۈنكى كۈندە ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ، ئامېرىكا قاتارلىق خىتاي بىلەن سودا ، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتى بار دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا قارشى تۇتقان پوزىتسىيىسى ئۆتكۈنچى خاراكتېرگە ئىگە. لىكىن ، دىنى ، ۋىجدانى ۋە مىللىي يېقىنلىقى سەۋەبىدىن ئارلىشىشقا تېگىشلىك بولغان دۆلىتىمىز (تۈركىيە) ئۈچۈن بۇ مەسىلىگە قەتئىي ۋە توغرا پوزىتسىيە تۇتۇش قەرز ۋە يۈك ھىساپلىنىدۇ.
1951-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۇرۇمچىدا شەھىد بولغان ئوسمان باتۇرنىڭ سۆزلىرى يەنە بىر قېتىم خاتىرلەشكە ئەرزىيدۇ: «مەن ئۆلۈپ كېتىشىم مۇمكىن ، ئەمما يەرشارى ئايلىنىپلا تۇرىدىكەن، مېنىڭ خەلقىم مۇستەقىللىق كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ». ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۆرىشى نىمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر داۋام قىلىدۇ. ئەمما بۇ تۈركىيەنىڭ قولىدىن كىلىشىچە كۈچ چىقىرىشىغا توسقۇنلۇق قىلمايدۇ. چۈنكى بۇ مەسىلە پەقەت ئۇيغۇر خەلقىنىڭلا مەسىلىسى بولۇپ قالماستىن ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ قانلىق جاراھىتى.
ئەسكەرتىش: پايدىلانغان مەنبەلەرنى ماقالىنىڭ تۆۋەندىكى تۈركچە ئەسلى نۇسخىسىدىن كۆرۈڭ:
Müslüman Dünyanın Bir Sorun Alanı olarak Doğu Türkistan Meselesi

