ئامېرىكىلىق مۇخبىر پەگىي پاركىر ۋەتىنىمىزدە (7-ئاخىرقى) غۇلجادىن ئايرىلىش

شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ تاتار جەڭچى ۋە ھەمشىرەلىرى
تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر
خاتىمە: ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن. ئامېرىكالىق مۇخبىر پەگىي پاركىر خانىمنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى ھەققىدىكى يازمىلارنىڭ ئاخىرقى قىسىمىنى ئوقۇپ تۇرۇپسىز. ئەپسۇسكى، پەگىي پاركىر خانىمنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى غۇلجا شەھىرىدىكى ئاخىرقى كۈنلىرى نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئانچە كۆڭۈللۈك بولمىغان. ئەمما بۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاقكۆڭۈل ۋە سەمىمىي خارەكتېرىگە بولغان قايىللىقى ئۆزگەرتەلمىگەن. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ بۇ بىر قانچە كۈندە نېمە سەۋەبتىن پەگىي پاركىرغا بولغان مۇئامىلەسىنىڭ توساتتىن سوغۇقلىشىپ كەتكەنلىكى كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ. بۇنىڭدا ئەلۋەتتە ئامېرىكانىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىكى رەقىبى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ قوللىغۇچىسى بولغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قولى بارلىقى ناھايىتى ئېنىق. قانداقلا بولمىسۇن پەگىي پاركىر خانىم غۇلجا ۋە ئۈرۈمچىدىن يوللىغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە ئىنقىلابىغا ئائىت گېزىت خەۋەرلىرى غەرب دۇنياسىنىڭ خىتاي مەنبەلىرىگە بېقىنىپ قالماسلىقىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقى ئېنىق. پەگىي پاركىر خانىم 1950-يىلى يولدىشىدىن ئىككى بالىسى بىلەن تۇل قالغان ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي ئىككىنچى يولدىشى جون خلاۋچېك بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىنى ئامېرىكانىڭ نەبراسكا شىتاتىدا ئۆتكۈزگەن. 2008-يىلى ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى بىر قېتىم شاڭخەينى زىيارەت قىلغانلىقى مەلۇم. ئەمما ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قايتا ئاياق باسالىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر يوق. ئۆز ئەسلىمىسىدە ئۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى شۇ قېتىملىق مۇخبىرلىق ۋەزىپىسى ئۈچۈن ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدىن 275 دوللار ھەق ئالغانلىقى ۋە بۇ جەرياندا تارتقان نۇرغۇنلىغان سۈرەتلەرنى بىرلەشمە ئاگېنتلىققا تاپشۇرغانلىقىنى ئېيتىدۇ. پەگىي پاركىرنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە يازغان گېزىت خەۋەرلىرى ۋە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قىممەتلىك سۈرەتلەر بىزنىڭ ئىزدىشىمىز ۋە ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈشىمىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا.
1947-يىلى 25-ئىيۇل، غۇلجا
مۇسا ۋە ئىككىمىزنىڭ سەيلىسىگە كەلسەك، بىز مېنىڭ ياردەمچىمنىڭ قېشىقا يېتىپ بېردۇق. ئۇ ئۆيدە يوق بولۇپ، بىز يەنە ئايلىنىپ كېلىش ئۈچۈن سىرتقا، ياكى باغقا دېسىڭىزمۇ بولىدىغان بىر جايغا ماڭدۇق. دەل-دەرەخلىق يوللاردا قەدەمدە بىر يېشىللىقلار ۋە گۈللەر بىلەن بېزەلگەن كىچىك باغچىلار كۆزگە چېلىقاتتى (روسچە ۋە ئۇيغۇرچە «گۈلنى ئۈزمەڭلار!» دەپ يېزىلغان بەلگىلەرمۇ قويۇلغان ئىدى). باغنىڭ مەزكىزىدە گۈللەردىن بىر شەكىل چىقىرىلغان بولۇپ، گاھى روسچە نەقىشلەرنى ئەسلەتسە، گاھى روس ئۇسلۇبىدىكى يۇلتۇزغا ئوخشاپ كېتەتتى. باغنىڭ چەترەك تەرىپىدە يۇمىلاق قىلىپ ياسالغان سۇ ئۈزۈش كۆلى بار بولۇپ، 15-10 ياشلار چامىسىدىكى بىر قانچە ئوغۇل بالا يالىڭاچ پېتى، ئامېرىكالىق قىزنىڭ قاراشلىرىغا قىلچە پىسەنت قىلمىغان ھالدا چۆمۈلۈپ، ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈۋاتقان ئىدى.
پەگىي پاركىر تىلغا ئالغان مۇسا خانىم ۋە ئانىسى
توخو گۆشى بىلەن قىلىغان بورش شورپىسى ۋە يەرلىك ھەسەل (سۈتتەت قۇيۇقلۇقتا بولۇپ، تولىمۇ تەملىك ئىدى)، بولكا ۋە قەھۋەلەر بىلەن كەچلىك غىزانى تاماملىغاندىن كېيىن، مەن، مۇسا خانىم ۋە كەرەپشە يىگىت «فەيتون» دەپ ئاتىلىدىغان ھارۋىنى چاقىرىپ، شەھەر سىرتىغا ئۇزاقراق بىر سەيلىگە چىقتۇق. شەھەر سىرتىغا تۇتىشىدىغان يول ئۇيغۇر ۋە باشقا خەلقلەر ئولتۇرىدىغان، ھاۋشىپ تۇرىدىغان ئىتلار بېقىلىدىغان، زىچ ئورۇنلاشقان لاي ئۆيلەردىن ئۆتەتتى. بىز بۇ جايلاردىن ئۆتۈپ، گۇگۇم ئاسمىنىغا تاقاشقان قەدىمقى دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان ھەقىقىي مەنىدىكى سەھراغا ئۇلاشتۇق. كۆز ئالدىمىزدا سۈيى ئەلۋەك، كەڭرى ۋە دولقۇنلاپ ئېقىپ تۇرىدىغان دەريا كۆرۈندى. ئۇلار ماڭا بۇ دەريانىڭ «ئىلى دەرياسى» دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ئەلۋەتتە، ئېگىز دەريا قىنىدا تۇرۇپ، زۈمرەت سۇ ئۈستىگە چۈشكەن ھىلال ئاينىڭ كۈمۈشرەڭ شولىسىغا قاراپ، ئۈرۈمچىدە قالغان ئەزىزىم يادىمغا يېتىپ بىئارام بولدۇم. ئۆيگە قايتىۋاتقان چېغىمىزدا ھارۋىغا قاتقان ئېتىمىز بىر ئۆستەڭگە چۈشۈپ كەتتى ۋە مۇسا خانىم (ئۇ تولىمۇ سۆيۈملۈك بىر قىز جۇمۇ) سۇغا يېقىلدى. ھارۋىكەشمۇ ئۇنىڭغا قېتىلغان ئىكەن. ئەمما ھەممىمىز ئۆيگە ساق-سالامەت يېتىۋالدۇق.
ئۆيگە قايتىپلا مەن مۇسا خانىمنى ئېلىزابىت ئاردىن (Elizabeth Arden) ماركىلىق گىرىم بىلەن پەردازلاپ قويدۇم. ئاردىن گىرىملىرى بىلەن پەردازلىنىش تولىمۇ ئۆزگىچە پىسخىكىلىق داۋالاش ھېسابلىناتتى. مەن مۇسا خانىمنىڭ تولىمۇ يۇمران ۋە چىڭ، ئەمما ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، سوپۇن ئىشلىتىش ۋە ئاسراشقا كۆڭۈلشىمەسلىكنىڭ تەسىرلىرى چىقىپ تۇرغان تېرىسىگە ئىشلەۋاتقان چېغىمدا ئۆي ئىگىسى ئايال كىرىپ بىزنى كۆرۈپ ئولتۇردى. ئۇ بۇغدايئۆڭ، قاڭشارلىق، سۇمبۇل چاچلىق، ئېگىز ۋە تەبىئي كېلىشكەن بىر تاتار ئايال ئىدى. مەن ئۇنى كارۋاتقا تۈز ياتقۇزۇپ، يۈزلىرىگە ماي سۈركىدىم. ئۇنىڭ قاغجىراپ كەتكەن تېرىسى يۈزماينى خۇددى شامپاندەك گۈپپىدە كۆتۈرۈۋەتتى. كېيىن مۇسا خانىمنىڭ دوغىلاق كەلگەن ئانىسى ئىشىك تۈۋىدە پەيدا بولدى. مەن ئۇنىڭمۇ يۈزىگە ماي سۈرۈپ گىرىم قىلدىم، ھەتتا ناھايىتى سۇس قىلىپ قاشلىق ئېتىپمۇ قويدۇم. بىر قولۇم يۈزماي قۇتىسىدا ئالدىراش بولسا، يەنە بىر قولۇمدا لۇغەت ئاختۇرۇپ، پەرداز جەريانىنى چۈشەندۈرۈپ مېڭىشقا تىرىشاتتىم. مۇسا خانىم گىرىمدىن كېيىن بىر گۈزەل قىز بولۇپ ئېچىلىپ كەتتى. ئۆي ئىگىسى ئايال ئېسىلزادىلەرگە ئوخشاپ قالغان ئىدى. مۇسا خانىمنىڭ ئانىسى مېنى ھەممىدىن بەك قىزىقتۇرغان بولۇپ، كۆز ئالدىمدا يۈزلىرىدە قورۇقتىن ئەسىرمۇ يوق، قارىماققا 40 ياشلاردىكى بىر خانىمدەك ئولتۇراتتى. مەن ئۇنىڭغا سۇس رەڭدىكى لەۋسۇرۇق سۈردۈم، بېشىدىكى ياغلىقىنى ئېلىۋېتىپ، چاچلىرىنى 5-كوچا ئۇسلۇبىدا تۈگدۈم، ئۆي ئىچىدە كىيىدىغان كۆڭلىكىنى سۇس كۆك رەڭلىك شىپۇن ياغلىق بىلەن قاپلىدىم ۋە بويۇنلىرىغا مەرۋايىت مارجانلىرىمنى ئېسىپ قويدۇم. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پۈتۈنلەي باشقىچە ھالەتكە كەلدى. ئۇ ئەينەككە قارىدى ۋە يۈزلىرىگە ھەيرانلىق ئىچىدىكى كۈلكە يۈگۈردى. شۇندىن كېين مەن ئۇنى كىنودا رول ئېلىشقا تەييار بولغان «مودا خانىم» دەپ ئاتىۋالدىم. ئۇ گۈزەللىكنى سۆيىدىغان ھەرقانداق بىر خانىمدەكلا ئۆز رولىغا پۈتۈنلەي كىرىپ كەتتى. پۈتۈن ئۆمرىنى ئات ئۈستىدە يۈرۈپ، كەتمەن چېپىپ، لاي ئوچاقلاردا تاماق ئېتىپ، بالا تۇغۇپ چوڭ قىلىپ، يولدىشىنى ئۇ دۇنياغا ئۇزىتىپ، سىياسىي ۋە ھەربىي ئۆزگىرىشلەر ئىچىدە ئۆتكۈزگەن بۇ ئانا تېشىلگەن ئاياق، كونىرىغان پايپاق ۋە ئەسكى پەشتامباللار، ۋە بويۇنلىرىدا مەرۋايىت مارجان، يەلكىسىدە شىپۇن ياغلىق ئارتىلغان، ئېلىزابىت ئاردىن ماركىلىق گىرىملەر بىلەن پەردازلانغان ھالەتتە تۇراتتى. بۇ جەرياندا كۆڭلۈم تولىمۇ ئېچىلىپ قالدى ۋە مەن ئۇلارغا يۈزماي ۋە ئۇپا-ئەڭلىكلەردىن ئەۋەتىشكە ۋەدە قىلدىم. قىزىقىشىمنى قوزغىغان يەنە بىر نۇقتا ئۇلارنىڭ گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىشكە نىسبەتەن شەخسىي ئىككىلىنىش، دىنىي ياكى مىللىي ئۆرپ ئادىتىدە قارشىلىق بولمىغانلىقى ئىدى. ھەتتا 50 ياشلار چامىسىدىكى تاتار ئۆي ئىگىسىگە لەۋسۇرۇق ئىشلىتىشمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ئىدى.
مەن تېخى ھازىرلا مۇسا خانىم بىلەن بىللە ئات مىنىشكە ماس كېلىدىغان گەلەپى شىمنى بۇيرۇتۇش ئۈچۈن بازارغا بېرىپ قايتتىم. ھېلىقى كاپىتان بۇ گەلەپى شىمنى بۇيرۇتۇشنى ئۇنتۇپ قالغان ياكى بىزگە ۋەدە قىلغان رەختنى ھازىرلىيالمىغان ئوخشايدۇ. شۇڭا مۇسا خانىم ئىككىمىز شىمغا لايىق كۆك رەڭلىك رەختنى ئىزدەپ بازار كەزدۇق. ئاخىرى روس ئۇسلۇبىدىكى گىمناستۇركا ئۈچۈن كۆك رەڭلىك، گەلەپى شىم ئۈچۈن قارا رەڭلىك رەختنى تاللىدىم ۋە بۇلارغا قوشۇپ قارا رەڭلىك بەلباغ ۋە ئۆتۈكمۇ بۇيرۇتتۇم. يەتتە مېتىرچە (ئامېرىكادا بىر يارد كېلەمدىكىن) رەخت بەش ئامېرىكا دوللارىغا توختىدى. رەخت خىتايچە ئېغىرراق كەلگەن پاختا رەخت بولۇپ، خېلى سۈپەتلىك كۆرۈنەتتى. شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتەيكى، بۇ چاغدا بارلىق تىككۈچىلەر ئالدىراش بولۇپ، بىر روس تىككۈچىگە بەش كۈن ئىچىدە كىيىمنى پۈتتۈرۈپ بېرىشكە ۋەدە ئېلىش ئۈچۈن «گوبېرناتور» (ۋالىي دېگەنلىك بولۇپ، ھېكىمبەگ خوجانى كۆرسىتىدۇ) نىڭ ئىسمىنى چىقىرىشقا توغرا كەلدى.
1947-يىلى 27-ئىيۇل، غۇلجا

شۈبھىسىزكى، غۇلجا مەن ھاياتىم بويى بارغان جايلىرىم ئىچىدە كىشىنى ئەڭ تېرىكتۈرىدىغان بىر جاي ھېسابلىنىدۇ. تۆنۈگۈن مەن مۆھتىرەم گوبېرناتورنى ئاددىيغىنە بىر زىيارەت قىلىشقا كېلىشىش ئۈچۈن ئۇنىڭ قەسرىگە باردىم. بىز گوبېرناتورنىڭ تاقاق سېلىنغان، ئۆڭى ئۆچكەن، 95 گرادۇس ئىسسىقتىمۇ قېلىن چەكمەن، دۇخاۋا دوپپا ۋە ئۆتۈك كىيىۋالغان ساقاللىق بەش تۈگمەنچىنى سوتلاۋاتقانلىقىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپتىمىز (بۇ جايدا يەرلىك كىشىلەر قىش-ياز بىر خىللا كىيىنىدىغان بولۇپ، يالاڭ كىيىنىش ياۋايىلىق ھېسابلىنىدىكەن). مۇسا خانىم ۋە مەن سوت ئاخىرلاشقىچە بىر سائەت ساقلاپ ئولتۇردۇق. ئاندىن بىز ئاستا-ئاستا مەقستىمىزنى چۈشەندۇردۇق ۋە «بولىدۇ، بولىدۇ، سائەت بەشتە بولسۇن» دېگەن جاۋابنى ئالدۇق. مەن گېنىرال (ئىسھاقبېك) بىلەن كۆرۈشەلەيدىكەنمەن.
سائەت بەشتە مەن ھالرەڭ كۆڭلىكىمنى كىيىپ، نىلون پايپاق تارتىپ، ئۆزۈمنى نورمال پەردازلاپ، تەرجىمانىم مەسئۇدنىڭ ئۆيىگە يۈرۈپ كەتتىم. ئۇ ئۆيىدە يوق ئىكەن. ئىشخانىسىغا بارساق، ئۇ جايدىمۇ يوق ئىكەن. «ياق، بىز زىيارەت ھەققىدە ھېچنىمە ئاڭلىمىدۇق» دېگەن گەپنى ئاڭلاش بىلەنلا جىددىيلىشىشكە باشلىدۇق ۋە مۇسا خانىم گېنىرالغا تېلىفون قىلدى. ئۇ ئۆيىدە يوق بولۇپ، گېنىرالنىڭ ئۆيىدىكىلەرنىڭمۇ زىيارەتىمىز ھەققىدە ھېچبىر خەۋىرى يوق ئىكەن. مەن غەزەبلەنگەن ھالدا ئۆيگە قايتىپ كەلدىم.
بۈگۈن ئەتىگەن مېنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئات مىنىش دەرسىم بولۇشى كېرەك ئىدى. لېكىن بىز بۇيرۇتقان ئۆتۈك تېخى پۈتمەپتۇ. مەن ئۆتۈككە ئاۋۋال پۇل تۆلەپ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت ماڭا كېيىن ئاتچوت قىلىپ بېرىدىكەن. ئىش بۇ يەرگە يەتكەندە يېنىمدىكى پۇللىرىمنى ساناپ باقسام ئېشىپ قالغانلىرى كۆپ ئەمەسكەن. گىمناستۇركاغا كېتىدىغان رەخت خېلى پۇلغا توختىغان بولۇپ، مەن تېخى تىككۈچىنىڭ ئىش ھەققىنىمۇ بەرمىگەن ئىدىم. قارىغاندا يېنىمدىكى بىساتلىرىمدىن بىرەرسىنى ساتمىسام بولمايدىغان ئوخشايدۇ. تۆنۈگۈن ماڭا ئازراق تەسەللى بولغان سۆز مېنى يوقلاپ كەلگەن دوستۇمدىن ئاڭلىغان ۋەزىيەت ھەققىدىكى ھالقىلىق بىر ئۇچۇر ئىدى. ئەتراپتا «ئالجىغانلار»نىڭ خېلى بارلىقى ۋە يېقىندىن بۇيان بۇلاڭچىلىق ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىيىپ قالغانلىقىنى ئاڭلىغان بولساقمۇ، مۇسا خانىم ئىككىمىز پەيتون بىلەن بىرئاز ئايلىنىپ كەلمەكچى بولدۇق. ئىلاۋە: مەن بۇ يەردىكىلەرنىڭ ماڭا بولغان پوزىتسىيەسى ھەققىدە بىر جۈملە قىستۇرۇپ ئۆتمەكچىمەنكى، ئۇلاردا «نىقاب» يوق ئىكەن. ئۆزلىرى قائىدە يوسۇنلۇق كىشىلەر بولسىمۇ ياسالمىلىق بىلەن تەكەللۇپ قىلمايدىكەن. يەرلىكلەردىن بولغان ئادەتتىكى بىر يېزىلىق يىگىتمۇ خىتايلارغا قارىغاندا ئەقىللىق ۋە سالماق ئىكەن.
1947-يىلى 30-ئىيۇل، ئۈرۈمچى
پەگىي پاركىر ۋە ئىككىنچى يولدىشى جون خلاۋچىك 2000-يىلى شاڭخەيدە
مەن ھەرگىزمۇ قايتا كەلمەيدىغان جاي- غۇلجا شەھىرىدىن بىر قانچە سەۋەب بىلەن تولىمۇ تۇيۇقسىز ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. بىرىنچىدىن: ئاددىيراق قىلىپ ئېيتقاندا ماڭا قارىتىلغان تەييارلىقسىز ساھىبخانلىقتىن تېرىكىپ قان بېسىمىمنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى، گەپلىرىمنى ئۇختۇرالايدىغان بىردىنبىر تەرجىماننىڭ مەندىن ئۇزاق تۇرۇش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلۇشى سەۋەب بولغان ئىدى! مەن ۋىلادىمىروۋنا ۋە كەرەپشە يىگىت بىلەن گەپ چۈشەندۈرۈشتە داۋاملىق قىينىلىشىم كېرەك ئىدى. ئالدىنقى كۈنى مەن شارپا ئارتىپ، قاقشاپلا يۈرىدىغان ۋىلادىمىروۋنانىڭ ئۆيىگە ئۇنى ئىزدەپ بارغىنىمدا، ئۇنىڭ ئۆيدە يوقلۇقى ۋە كەچكىچە قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدىم. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ مەسئۇدنىڭ ماڭا يېقىن يولىتىلماسلىقىدىن تارتىپ ئۇششاق-چۈششەك مەسىلىلەرگىچە ھەممە ئىشلار تەتۈرىگە مېڭىپ، مېنىڭ سەۋىر قاچامنىڭ تېشىشىغا ئاخىرقى تامچە بولدى. مەن مۇسا خانىمغا تېلىفون قىلىپ ئايروپىلان بېلىتى ھەل قىلىشنى سورىدىم ۋە بۈگۈن ئەتىگەن قىن-قىنىمغا پاتمىغان ھالدا «خامى-ئاتا»نىڭ ئۈرۈمچىگە ئۇچىدىغان ئايروپىلانىغا چىقتىم.
مەن بۈگۈن تاڭ ئاتقاندا، يول ئۈستىدە ۋە ئايروپىلانغا چىققاندا ئۈچ قېتىم مانا شۇنداق خوشاللىققا چۆمگەن ئىدىم. مەن ئادىتىم بويىچە ئەتىگەن سائەت بەشتە ئورنۇمدىن تۇرۇپ، يۈك-تاقلىرىمنى رەتلەۋاتقاندا ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ بىر پودپوروچىك ئۇنۋانىدىكى ئوفىتسېرى ئۆتۈكلىرىنى تاقىلدىتىپ كىرىپ كەلدى. ئايروپىلان يەنە 15 مىنۇتتىن كېيىن ئۇچاتتى (قونالغۇدىن ئايرپورتقا بېرىش ئۈچۈن ماشىنا بىلەن ئەڭ ئاز دېگەندە يېرىم سائەت يۈرۈش كېرەك ئىدى). بۇنى ئاز دېگەندەك ئۈرۈمچىدىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىنىڭ خادىمى دىمىترىينىڭ سەھراچە كىيىنگەن، ئەمما چىرايلىق كەلگەن ئايالى بىر قۇچاق كىيىملەرنى ئېلىپ مەن بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدى ۋە بۇلارنى يولدىشىغا ئېلىپ كېتىشىمنى سورىدى. ئۇ ماڭا روس تىلىدا ئۆزى بىلەن بىللە كەتكۈسى بارلىقىنى ئېيتتى ۋە مەن يولغا چىققاندا ئارقامدىن ئەگەشكىنىدە يېنىمدىكى ھەربىيلەر مىلتىقى بىلەن ئۇنى توسۇپ قالدى. ئۇ ئازاب ۋە قورقۇنچ ئىچىدە كۆز ياش قىلىپ تۇرۇپ قالدى. مەن يولۇمدىن قېلىشتىن، ئەزىزىم، ھاياتىم ۋە ئۆمۈرلۈكۈم دوگلاسنىڭ قوينىغا قايتالماي قېلىشتىن تولىمۇ ئەنسىرىدىم. ئۆمرۈمدە ھېچقاچان بۇنچىلىك ئەنسىرەپ تەلۋە بولۇپ كەتكىلى تاس قالمىغان ئىكەنمەن. ئايروپىلان تاغلاردىن ئېشىش ئۈچۈن تولىمۇ ئېگىز ئۇچۇشى كېرەك بولغاچقا ئىچى تەبىئىي ھالدا ناھايىتى سوغۇق ئىدى. ئايروپىلاننى مەن غۇلجاغا كەلگەن چاغدىكى بىلەن ئوخشاش ئۇچقۇچى ھەيدىگەن ئىكەن. مەن ئايروپىلانغا چىقىش ئالدىدا قەستەن ئۇنى كۆرمەسكە سالدىم. ئەمما سەپەر جەريانىدا ئۇ مەن ئولتۇرغان ئورۇنغا كېلىپ روسچە «توڭلىدىڭىزمۇ؟» دەپ سورىدى، ھاۋا كىرىپ قالىدىغان تۆشۈكلەرنى ئەتتى ۋە ئۈرۈمچىگە يەنە 20 مىنۇتتىن كېيىن قونىدىغانلىقىمىز قاتارلىقلار ھەققىدە سۆزلەپ كەتتى. مەن ئۇنىڭ توساتتىن بۇنداق دوستانە بولۇپ كەتكەنلىكىدىن ھەيران قالدىم. مەن دوگلاسقا تېلىفون قىلىپ مىڭ تەستە بىرەر سائەت پاراڭلاشتىم ۋە ئۇنىڭغا تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقىغا مېنىڭ ساق-سالامەت يېتىپ كەلگەنلىكىمنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشنى ئېيتتىم. دوگلاسمۇ ئاخىرى يېتىپ كەلدى. مەن ئۇنىڭغا خۇددى ھاياتىمدىكى ئەڭ ئاخىرقى قارارنى چىقىرىۋاتقاندەك سىنچىلاپ قارىدىم ۋە قارارىمنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە چىنپۈتتۈم (توي تەكلىپىگە ماقۇل بولدۇم دېمەكچى). دوگلاس بۇ بىر ھەپتىلىك ئايرىلىشنىڭ ئۆزىگىمۇ دوزاخ ئازابى بولغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ئۇنى سۆيىمەن. ئۇنى ئۆمرۈم بويى سۆيىمەن.
(تۈگىدى)
ئالدىنقى قىسىملىرى تۆۋەندىكى ئۇلانمىدا:
ئامېرىكىلىق مۇخبىر پەگىي پاركىر ۋەتىنىمىزدە (1)
ئامېرىكىلىق مۇخبىر پەگىي پاركىر ۋەتىنىمىزدە (2)
ئامېرىكىلىق مۇخبىر پەگىي پاركىر ۋەتىنىمىزدە (3)
ئامېرىكىلىق مۇخبىر پەگىي پاركىر ۋەتىنىمىزدە (4)