گومىنداڭ نەزىرىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئىستراتېگىيەسى
تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر
ئىلاۋە: ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن. مەزكۇر يازما تەيۋەن دۆلەتلىك تارىخى سارىيىدا ساقلىنىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئارخىپ ھۈججەتلىرىدىكى 1947-يىلى ئىيۇلدا جياڭ جېشىغا يوللانغان بىر پارچە دوكلاتتىن تەرجىمە قىلىنىپ تەييارلاندى. بۇ دوكلات گېنىرال جاڭ جىجۇڭ خىتاي ھاكىمىيەتىدىكى جياڭ جېشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇھىم ئەربابلارغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ 11 ماددىلىق بىتىم تۈزۈلگەندىن تارتىپ 1947-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە بولغان ۋەزىيىتى ھەققىدە يازغان دوكلاتىغا بېرىلگەن باھا ۋە تەكلىپتىن ئىبارەت. جاڭ جىجۇڭنىڭ دوكلاتى ئۇ 1946-يىلى ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرى ئىلىنى ۋە 1947-يىلى ئاپرېلدا جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەرنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىگە بېرىلگەن ئومۇمي باھا ئىدى. جاڭ جىجۇڭنىڭ دوكلاتىغا قارىتا بۇ پىكىرلەرنى بەرگەن كىشىلەر خىتاي مەمۇرىي مەھكىمىسى (行政院) نىڭ باشلىقى جاڭ چۈن (張羣 ياكى جاڭ يۆجۈن 張岳軍)، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرى بەي چۇڭشى (白崇禧)، خىتاي دۆلەت ئارمىيەسى باش شىتاب باشلىقى چىن چىڭ (陳誠 ياكى چىن تسىشيۇ 陳辭修) ۋە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى ۋاڭ شىجې (王世杰 ياكى ۋاڭ شۆتىيڭ 王雪艇) قاتارلىقلار بولۇپ، خىتاي ھاكىمىيەت قاتلىمىدا ئەڭ مۇھىم ئورۇندىكى ئەربابلار ھېسابلىناتتى. دوكلات شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 11 ماددىلىق بىتىمدىن كېيىنمۇ مەۋجۇت بولغانلىقى، ئەمەلىي مۇستەقىللىقنى ساقلاش بىلەنلا قالماي تېخى ئازات بولىمغان يەتتە ۋىلايەتنى قولغا كەلتۈرۈپ، ۋەتەننىڭ تولۇق مۇستەقىللىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغانلىقى قاتارلىقلارنى دەلىللىسە، خىتاينىڭ 1947-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى تەشۋىقات يولى ئارقىلىق تاشقىي ياردەمدىن ئايرىپ تاشلاش ۋە ئەڭ ئاخىرىدا ھەربىي ھەرىكەت ئارقىلىق يوق قىلىشتىن ئىبارەت تۈرلۈك ھىلە-مىكلىرلىرى ھەققىدە مۇھىم ئۇچۇر بېرىدۇ.
جاڭ (جىجۇڭ) مۇدىرنىڭ شىنجاڭ مەسىلەسى ھەققىدىكى پىكرىگە قاراشلىرىمىز
مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شىتابى ئالدىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دۆلەت گىربى ۋە ھەربىي بايراقلىرى سىزىلغان تام. 1947-يىلى ئاۋغۇست
بىرىنچىدىن، ئىلى مەسىلەسىگە قارىتا مەركەز ئىلگىرى جاڭ جىجۇڭنى ۋەكىل قىلىپ ئەۋەتىپ، ئىلىدىكى توپىلاڭچى خەلقنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن تېنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن. نەتىجىدە مىنگونىڭ 35-يىلى (1946-يىلى) يانۋار ۋە ئىيۇندا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىلى تەرەپ ۋەكىللىرى بىلەن 11 ماددىلىق تېنچلىق بىتىمى ۋە ئىككى پارچە قوشۇمچە ھۈججەتنى ئىمزالىغان ئىدى. مەركەز كەڭ قورساق سىياسەت يۈرگۈزۈپ، سىياسىي ۋە ھەربىي ئىشلاردا زور دەرىجەدە يول قويغان بولۇپ، ئەسلىدە ئىچكى جەھەتتىن خىتايلار بىلەن ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئارىسىدىكى ئۆچمەنلىكنى يوقىتىپ، شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ تېنچلىقى ۋە بىرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈشنى، تاشقى جەھەتتىن بولسا خىتاي ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمگە ئاساسەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىنى توسۇشنى كۆزلىگەن ئىدى.
ئىككىنچىدىن، بىر يىلدىن بۇيان گەرچە مەركەز تېنچلىق بىتىمىدە بەرگەن ۋەدەلىرىنى بىر-بىرلەپ ئىشقا ئاشۇرغان بولسىمۇ، ئىلى تەرەپ ئۆز مەسئۇلىيەتىنى تا ھازىرغىچە بىر ياققا قايرىپ قويدى. ئىلى، ئالتاي، تارباغاتايدىكى ھەربىي قىسىملار تېخىچە بىتىمگە بويسۇنغان ھالدا بايراقلىرىنى ئۆزگەرتمىدى، قايتا تەرتىپكە سېلىنمىدى، سانى ئېلىنمىدى ۋە يۆتكەلمىدى. مەزكۇر ئۈچ ۋىلايەتتىكى مەمۇرىي ئورگانلار ھېلىھەم بۇرۇنقى ئالاھىدە سېستىماسىنى ساقلاپ قېلىپ، ئۆلكەلىك ھۆكۈمەتنىڭ يوليورۇقلىرىغا بويسۇنمىدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىلى تەرەپ ۋەقە مەزگىلىدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىپ كەتكەن ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئىلى تەرەپ ئۈرۈمچىگە قايتۇرۇپ بېرىشكە كېلىشكەن مۇساپىرلاردىن 30 دەك كىشىنى چۆچەككە يېتىپ كەلگەندە ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ئۆلكەلىك ھۆكۈمەت ئالتايغا سايلامنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن قازاق مىللىتىدىن بولغان نازارەتچى تۇيۈزې (涂禹则 تۈركىستان نوغايباي) ۋە ياردەمچىلىرى تارباغاتاي ۋىلايىتى دۆربىلىجىن ناھىيەسىدىن ئۆتۈۋاتقاندا «خىتايپەرەس» دەپ قارىلىپ ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن. يېقىندا مەركەز مەسئۇد (سابىرى بايقوزى) نى شىنجاڭ ئۆلكەسىنىڭ رەئىسى قىلىپ تەيىنلىگەندىن كېيىن، ئىلى تەرەپ ئۇنى «خىتايپەرەس» (亲汉)، «سوۋېتكە قارشى» ۋە «قېرىپ قالغان ئىقتىدارسىز» دېگەن باھانىلەر بىلەن قاتتىق سۆكۈپ قارشى تۇردى.
ئىلى تەرەپ شىنجاڭدا ئىلى، ئالتاي، تارباغاتاي ئۈچ ۋىلايەتتىن باشقا يەنە قالغان يەتتە ۋىلايەتتىمۇ مەخپىي تەشكىلاتلىرىنى قايتىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەڭ كۆلەمدىكى «شەرقىي تۈركىستان» ھەرىكىتى ئېلىپ باردى. دۆلەتكە سادىق زاتلارنى «خىتايلارنىڭ غالچىسى» (汉人的走狗) دەپ ئاتاپ، تۈرلۈك ئۇسۇللارنى ئىشلىتىپ تەھدىت سېلىپ ۋە قۇرقۇتۇپ، باش كۆتۈرەلمەس قىلىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا دۆلەت ئارمىيەسىگە قارشى تەشۋىقات يۈرگۈزۈپ، ھەمكارلاشماسلىق ئۇسۇلى ئارقىلىق دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ تەمىناتىنى ئۈزۈپ تاشلاشنى ۋە بۇنىڭ بىلەن دۆلەت ئارمىيەسىنى شىنجاڭدىن چىقىپ كېتىشكە قىستاشنى كۆزلىدى. ئىلى تەرەپ يەنە ئۆلكەلىك مەسلىھەت كېڭىشى (省参议会) دە باشقۇرغۇچى ئورنىنى تىكلەشنى ۋە شۇ خىل قولايلىق ۋەزىيەتتە ئۆلكىلىك مەسلىھەت كېڭىشىدىن پايدىلىنىپ «شەرقىي تۈركىستان» ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىدى.
يۇقىرىدىكى پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، ئىلى تەرەپنىڭ ھەقىقىي تەلىپى ۋە مەقسىتى تېنچلىق، خەلقچىللىق، مىللىي باراۋەرلىك ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن دوستانە بولۇش ئەمەس بەلكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يول كۆرسىتىشى ۋە قوللىشى ئاستىدا خىتايلارنى چىقىرىپ تاشلاپ، شىنجاڭنىڭ ھاكىمىيەتىنى قولغا ئېلىپ، ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نى قۇرۇش ۋە شۇنىڭ بىلەن بارا-بارا خىتايدىن ئايرىلىپ «مۇستەقىل» بولۇشتىن ئىبارەت. ئىلى تەرەپنىڭ ئۆتكەن يىلى مەركەز بىلەن تېنچلىق بىتىمىنى ئىمزالاپ، ئاشكارە ھەربىي ھەرىكەتلەردىن ۋاقتىنچە ۋاز كەچكەنلىكى ئەسلىدە سىياسىي كۆرەشكە ئۆتۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كېرەكلىك قورال-ياراق ۋە تېخنىك خادىملارغا ئېرىشىۋالغاندىن كېيىن، يەنە پۇرسەت تېپىپ شىنجاڭنىڭ ھاكىمىيەتىنى قوراللىق ھەرىكەت ئارقىلىق قولغا چۈشۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. ھازىر دەل دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ۋەزىيەت داۋالغۇپ تۇرىۋاتقان ئەنسىز مەزگىل بولۇپ، ئىلى، ئالتاي، تارباغاتاي ئۈچ ۋىلايەتنىڭ يەنە بىر قېتىملىق ھەربىي ھەرىكەتىدىن ساقلىنىش قىيىن بولماقتا.
جاڭ جىجۇڭ غۇلجا ئايردرومىدا. 1947-يىلى ئاۋغۇست
ئۈچىنچىدىن، ئىلى تەرەپنىڭ قايتىدىن توپىلاڭ كۆتۈرۈرۈپ ھەقىقىي مەقسىتىنى جاكارلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مەن ئىلى تەرەپنىڭ بىر يىلدىن بۇيان تېنچلىق بىتىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلىكى ھەققىدىكى پاكىتلارنى ئاخبارات (公报) شەكلىدە ئېلان قىلىشنى ۋە يەنىلا تېنچلىق شەكلىدە ئىلى تەرەپنى بىتىمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئۈندەشنى تەشەببۇس قىلىمەن. شۇنداق قىلغاندىلا ۋەتەنداشلىرىمىز ۋە دۇنيا خەلقىگە ئىلى تەرەپنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى ۋە ئارقا كۆتۈنۈشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرەلەيمىز. بۇ ئاخباراتنىڭ مەزمۇنىنى ئاۋۋال تېلىگرامما ئارقىلىق جاڭ (جىجۇڭ) مۇدىر بىلەن كېڭىشىش ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستېرلىقى ئارقىلىق تارقىتىش كېرەك. مەزكۇر ئاخباراتنىڭ مەزمۇنى ۋاقتىنچە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلى تەرەپكە ياردەم بەرگەنلىكىگە چېتىلمىسىمۇ بولىدۇ. شۇنداق قىلغاندىلا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن شىنجاڭ مەسىلىسىدە دىپلوماتىيەدە مادارا قىلىشقا مۇمكىنلىك قالدۇرغان بولىمىز. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلى تەرەپكە قورال-ياراق ۋە تېخنىك خادىملارنى ياردەم قىلغانلىقى، ئىلى تەرەپنىڭ مەركەزگە قارشى ۋە دۆلەت ئارمىيەسىگە قارشى تەشۋىقاتلىرىنى ۋە «شەرقىي تۈركىستان» ھەرىكىتىنى قوللىغانلىقى قاتارلىقلارغا كەلسەك دەرھال جاڭ (جىجۇڭ) مۇدىرغا كۆرسەتمە بېرىپ، ئىشەنچلىك مەخسۇس خادىملارنى بېكىتىپ، بۇ تېمىلارغا مۇناسىۋەتلىك كونكېرىت، ئېنىق ئىسپاتلارنى يىغىشقا كىرىشىش، ۋاقتى كەلگەندە بۇ ئىسپاتلارنى قوللىنىش كېرەك.
تۆتىنچىدىن، ئىلى، ئالتاي، تارباغاتاي تەرەپنىڭ ھازىرقى ۋەزىيەتتە شىنجاڭدىكى قالغان يەتتە ۋىلايەتتە مەخپىي تەشكىلاتلىرى ئارقىلىق قوراللىق ئېغۋا چىقىرىپ ۋە ئۈچ ۋىلايەتتىن ھەربىي ھۇجۇم قوزغاپ، ئىچى تېشىدىن ماسلىشىپ، شىنجاڭ ئۆلكەلىك ھاكىمىيەتنى قولغا كىرگۈزۈۋېلىشىدەك ئېھتىماللىققا نىسبەتەن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرلىقىغا تېزدىن كۆرسەتمە بېرىپ، جاڭ (جىجۇڭ) مۇدىر سۇنغان ھەربىي پىلاننى تەستقلاش ۋە جاڭ (جىجۇڭ) مۇدىرغا كېرەكلىك چاغلاردا شۇ ئورۇنلاشتۇرۇشلار بويىچە ھەرىكەت قىلىپ، ئۆزگىرىشلەرگە تاقابىل تۇرۇشقا قولايلىق يارىتىش كېرەك.
مىنگونىڭ 36-يىلى (1947-يىلى) 12-ئىيۇل
مەنبە: تەيۋەن دۆلەتلىك تارىخ سارىيى
مەزكۇر ھۈججەتنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدىن بىر بەت:
