بۇخارا خانلىقىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشى
تەھرىرلىگۈچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن ئەھمەد سۇلۇق
بۇخارا خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەد رېھىم خان 1756-يىلى 16-دېكابىر ئەمىر دەپ ئاتالغان. ئۇنداقتا بۇخارا خانلىقى قانداق قۇرۇلغان. تۇغلۇق تۆمۈر ۋە ئاقساق تۆمۈر ئەۋلادلىرى قانداق قىلىپ تارىم ۋە پەرغانە ۋادىسىدا بەش ئەسىر پۇت تىرەپ تۇرالىدى؟
بۇخارا ۋىلايىتى ئەسلىدە تۆمۈرىلەر (1370-1501) سۇلالىسىنىڭ مەركىزىي رايونى بولۇپ، تۆمۈرىلەر ئاجىزلىشىپ كەتكەندە تۇغلۇق تۆمۈرخان ئەۋلادى يۇنۇسخاننىڭ ئوغلى مەھمۇدخان شايبانىخاننى ئەۋەتىپ سەمەرقەند بىلەن بۇخارانى 1499-يىلى قولىغا ئالغان. ئەمما شايبانىخان ماۋرائۇننەھىرنى قولىغا ئېلىپلا، مەھمۇدخاندىن يۈز ئۆرۈپ شايبانىلار خانلىقى (1499-1599) نى قۇرۇۋالغان. كېيىنچە ئۇ كۈچىيىپ، مەھمۇدخان ۋە ئىنىسى تۇرپان خانى سۇلتان ئەھمەدخانلارنى مەغلۇپ قىلىپ، تاشكەنت ۋە ئەنجاننىمۇ تارتىۋالغان. يۇنۇسخاننىڭ نەۋرىسى بابۇر ئافغانىستانغا، جىيەنى سەئىدخان نارىن تاغلىرىغا قېچىشقا مەجبۇر بولغان.
ئەلىشىر نەۋائىي 1501-يىلى ھەجگە بارماقچى بولغاندا، ئاۋام شايبانىخاننىڭ ھۇجۇم قىلىش ئېھتىمالىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنى پەيلىدىن ياندۇرغان. نەۋائىي 1502-يىلى فېۋرالدا ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شايبانىخان ئاچكۆزلۈك بىلەن ئامۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپ، خۇراساندىكى تۆمۈر ئەۋلادى ھۈسەيىن بايقارا ئەۋلادلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، غەلىبەسىرى ئىلگىرىلەپ ئىرانغا كىرگەن. ئەمما ئۇ 1510-يىلى 2-دېكابىر مەرۋىدە سافاۋىلار (1501-1736) خانى شاھ ئىسمائىل تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. نەتىجىدە بابۇر شاھ بىلەن سەئىدخان ئۇنىڭ ياردىمىدە شايبانىخاننىڭ قالدۇقلىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ، سەمەرقەند، بۇخارا، تاشكەنت ۋە ئەنجاننى قولغا ئالغان. بابۇر شاھ سەمەرقەند بىلەن بۇخارانى، سەئىدخان ئەنجان بىلەن تاشكەنتنى ساقلىغان. ئەمما 1513-يىلدىكى بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا شايبانىلار غەلىبە قىلىپ، تۇغلۇق تۆمۈر ۋە ئاقساق تۆمۈر ئەۋلادلىرىنى قايتا قوغلاپ چىقارغان. بۇ چاغدا شاھ ئىسمائىل ئوسمانىلار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئىراقتا ئەسكەر توپلاۋاتاتتى. شۇڭا سافاۋىلار بۇ قېتىم ئۇ ياردەم بېرەلمىگەن. نەتىجىدە بابۇر شاھ قايتا كابۇلغا چېكىنگەن. سەئىدخان قەشقەرگە چېكىنىپ، 1466-يىلى تارىم ۋادىسىنى مەرھۇم تۇغلۇق تۆمۈرخان ئەۋلادلىرىدىن تارتىۋالغان ئەمىر مىرزا ئابابەكرىنى مەغلۇپ قىلىپ، 1514-يىلى 24-ئاۋغۇست سەئىدىيە خانلىقىنى قۇرۇپ چىققان. دەل شۇ كۈنى ياۋۇز سېلىمخان شاھ ئىسمائىلنى چالدىران ئۇرۇشىدا مەغلۇپ قىلغان.
ئارقىدىن ياۋۇز سېلىم مەملۇكىلارغا ھۇجۇم قىلىپ، 1517-يىلى فېۋرالدا مىسىرنى ئىگىلەپ، خەلىپىلىكنى ئوسمانىلارغا تەۋە قىلغان. بابۇر شاھمۇ ئافغانىستان ۋە پاكىستاننى ئىگىلەپ، 1515-يىلدىن 1525-يىلغىچە ھىندىستانغا يۈرۈش قىلىپ، دېھلى سۇلتانى ئىبراھىم لودىنىڭ 200 مىڭ ئەسكىرىنى 40 مىڭ ئەسكەر بىلەنلا تارمار قىلىپ، 1526-يىلى 12-ماي موغۇل ئىمپىرىيىسى (1526-1858) نى قۇرۇپ چىققان.
تولىمۇ ئەپسۇس، ۋەتىنىمىزدە ئەڭ ئاخىرقى تۇغلۇق تۆمۈرخان ئەۋلادى مۇھەممەد ئىمىن خان 1692-يىلى ئافاق خوجا تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، ۋەتىنىمىز خوجىلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن. (ئەسلىدە ئافاق خوجا 1688-يىلىلا غالدان تەرىپىدىن قورچاق خانلىققا تەيىنلەنگەن بولۇپ،غالدان 1689-يىلى مەنچىڭ خانى كاڭشى بىلەن ئۇرۇشقىلى ئىلى ۋادىسىدىن يۈرۈش قىلىپ موڭغۇلىيەگە كەتكەندىن كېيىن، مۇھەممەد ئىمىنخان ئافاق خوجىنى ئاغدۇرۇپ سەئىدىيە خانلىقىنى تىرىلدۈرگەن. ئەمما ئافاق خوجا ئۇنىڭ سىڭلىسى «مۆھتەرەم خېنىم» بىلەن نىكاھلىنىپ، ئۇنى بىخۇتلاشتۇرۇپ قەستلەپ ئۆلتۈرگەن. ئافاق خوجىمۇ 1694-يىلى كۈزدە زەھەرلىنىپ ئۆلتۈرۈلۈپ، خاتۇنى مۆھتەرەم خېنىم سەئىدىيە خانلىقىنى قايتا تىرىلدۈرگەن. ئەمما ئۇمۇ 1697-يىلى ئافاق خوجا مۇرىتلىرى قولىدا قەستلىنىپ ئۆلگەن. غالدانمۇ شۇ يىلى زەھەر ئىچىپ ئۆلۈۋالغان.
نەتىجىدە ئىلى ۋادىسىدا جىيەنى سېۋان ئاراپتان قالماق خانلىقىنى تىرىلدۈرگەن. تارىم ۋادىسىدا ئىسمائىلخاننىڭ ئىنىسى ئاقباش ئابدۇرېشىت سەئىدىيە خانلىقىنى قايتا تىرىلدۈرگەن. ئەمما خوجىلار ئۇنىمۇ تۇرپانغا قېچىشقا مەجبۇرلاپ، 5 يىلدەك ئاق تاغلىق، قارا تاغلىق ئۇرۇشى قوزغاپ، ھېچكىم غالىپ بولالماي، ئاخىرى 1704-يىلى ئافاق خوجىنىڭ مۆھتەرەم خېنىمدىن تۇغۇلۇپ ھايات قالغان بىردىنبىر ئوغلى ئەھمەد خوجا قەشقەردە، قارا تاغلىق خوجىلارنىڭ سەردارى دانىيال خوجا يەكەندە تەختكە چىققان. سېۋان ئاراپتان 1712-يىلغا قەدەر قايتا كۈچىيىپ، غالداننىڭ ئىلگىرىكى بارلىق مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىپ، 1713-يىلى ئوغلى غادان سېرىننى تارىم ۋادىسىدىكى خوجىلارنى يوقىتىپ، ئالتە شەھەرنى ئىشغال قىلىشقا ئەۋەتكەن. ئەھمەد خوجا قەشقەر سېپىلىنى تاقاپ قالماقلارغا قارشى قەتئىي قارشى تۇرغان. ئەمما دانىيال خوجا تەسلىم بولغاننى ئاز دەپ، قالماقلارغا ياردەملىشىپ قەشقەرنى ئىشغال قىلىشىپ بەرگەن. غالدان سېرىن دانىيال خوجىنى ئالتە شەھەرنىڭ خانى قىلىپ تەيىنلەپ، ئەھمەد خوجىنى جەمەتى بىلەن ئىلىغا ئېلىپ كەتكەن. ئەھمەد خوجا ئىلىدا ئىككى پەرزەننتلىك بولۇپ ۋاپات بولغان.
1727-يىلى سېۋان ئاراپتان ئۆلگەن، ئوغلى غالدان سېرىن قالماق خانى بولغان. مىلادى 1735-يىلى دانىيال خوجا ئۆلگەندە، غالدان ئۇنىڭ تۆت ئوغلىنى ئاقسۇ، قەشقەر، يەكەن ۋە خوتەنگە ھاكىم قىلغان. غالدان سېرىن 1745-يىلى ئۆلگەندىن كېيىن، خەلقىمىز قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، قالماقلارنى قوغلاپ چىقىرىپ، قارا تاغلىق مۇستەقىلچى خوجىلاردىن خوجا جاھان ئەرشىنى قەشقەر ھۆكۈمدارى قىلىپ سايلاپ، تارىم ۋادىسى قالماقلاردىن قۇتۇلغان. قالماقلار يەتتە يىل تەخت تالىشىپ، ئاخىرى سېۋان ئاراپتاننىڭ 1716-يىلى خوتەن ئارقىلىق تىبەتنى ئىشغال قىلىپ، 1717-1720-يىللىرى كاڭشى بىلەن كەڭسۇدا ئۇرۇشقان ئىنىسى چوڭ سېرىن دوندۇپنىڭ نەۋرىسى داباچى قالماق خانى بولغان. ئەمما ئۇنىڭ نەۋكىرى قارا نىيەت ئامۇرسانا مەنچىڭ خانغا سېتىلىپ، 1754-يىلى مانجۇرلارنى ئەزىز ۋەتىنىمىزگە چىللاپ كەلگەن. 1755-يىلى مانجۇرلار قالماق خانلىقىنى يوقاتقان. 1756-يىلى ئەھمەد خوجىنىڭ ئىككى ئوغلى تارىم ۋادىسىغا قايتىپ كېلىپ، قارا تاغلىقلارنى ئاغدۇرۇپ، 1757-يىلى 5-ئاپرىل كۇچاردا «باتۇرخان خانلىقى» نى قۇرۇپ چىققان. دەل شۇ يىلى ئامۇرسانا مانجۇرلارغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ، قالماق خانلىقىنى قايتىدىن تىرىلدۈرگەن. چيەنلۇڭ قاتتق ئۆچ ئېلىپ، 1757-يىلى ئىلىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق قالماق، ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنى قىرىپ تاشلىغان. 1758-يىلى مانجۇرلار تارىمدا دەككىسىنى يەپ، 1759-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئاخىرى مۇستەقىل ھالەتتىكى تارىم ۋادىسىنىمۇ ئىشغال قىلىۋالغان.
ئۇنداقتا بۇخارا، سەمەرقەندلەردە بابۇر شاھ كەتكەندىن كېيىن قانداق ئۆزگىرىش بولدى؟
بابۇر شاھ كابۇلغا، سەئىدخان قەشقەرگە، شاھ ئىسمائىل قوشۇنى خۇراسانغا چېكىنگەندىن كېيىن، شايبانىلار بۇخارا، سەمەرقەند، ئەنجان ۋە تاشكەنتنى مەركەز قىلىپ تاكى 1599-يىلغىچە يۈز يىل داۋام قىلدى. ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇش سەۋەبى 1598-يىلدىكى سەئىدىيە خانلىقىغا قارشى ئۇرۇشتا ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولغانلىقى ئىدى.
1599-يىلى مانغىتلاردىن بولغان دەشتى قىپچاق ئۆزبېكلىرى شايبانىلارنى ئاغدۇرۇپ، يېڭى خانلىق قۇردى. ئەمما قالماقلار 1628-يىلى ئالتايدىنن ئېشىپ تارباغاتايغا كېلىپ، 1640-يىلى قالماق خانلىقىنى قۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ خانى قونتاجى توختىماي قازاقلارغا ھۇجۇم قىلىپ، تاكى ئىسسىق كۆل بويلىرىغىچە ئىشغال قىلىپ، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكسىتاندىكى شەھەر ئەللىرىنى سېلىق تۆلەيدىغان بېقىندىسى قىلىۋالغان. ئۇنىڭ 6-ئوغلى غالدان بىزگە خوشنا بارلىق غەربىي تۈركىستان شەھەر ئەللىرىنى ھەقىقىي قارام بەگلەرگە ئايلاندۇرغان. غالدان ئۆلۈپ، جىيەنى سېۋان ئاراپتان ئۇيغۇرلارنى بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشى قىلىۋاتقان 1701-1714-يىللاردا ئەمىر تۆمۈر ئەۋلادىدىن شاھرۇخ بەگ ئوتتۇرىغا چىقىپ 1710-يىلى قوقان خانلىقى (1876-يىلى 5-فېۋرال چار رۇسىيە يۇتۇۋالغان) نى قۇرۇپ بۇخارا خانلىقىدىن ئايرىلىپ چىقتى.
يەنە بىر داڭلىق خانلىق خىۋە خانلىقىمۇ يۈز يىل ئىلگىرى مۇستەقىللىق جاكارلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ غەيرىتىدە ئەبۇلغازى باھادىرخاننىڭ دەۋرىدە گۈللەنگەنىدى. ئاجىز بۇخارا خانلىقىمۇ 1712-يىلدىن باشلاپ كۈچىيىشكە باشلىغان. نەتىجىدە بۇخارا خانى مۇھەممەد رېھىمخان (1713-1758) قوقان ۋە خىۋە زېمىنلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان كونا بۇخارا خانلىقى (1599-1688) غا خاتىمە بېرىپ، ئاخىرقى بۇخارا ئەمىرلىكىنى قۇرۇپ، 1756-يىلى 16-دېكابىر «ئەمىر» دېگەن مەرتىۋە نامىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ دەۋرىدە بۇخارا مەنچىڭ ئىستىلاسىدىن بۇرۇن ئاخىرقى قېتىم گۈللىنىشكە ئېرىشكەن. ئەمما ئۇ 1758-يىلى 24-مارت 45 يېشىدا ئەينى ۋاقىتتا بابۇر شاھ ئۆزبېكلەردىن مەغلۇپ بولغان «غاجداۋان» تەۋەسىدە قازا قىلىپ كەتكەن.
مانجۇرلار 1757-يىلى ئامۇرسانانى قوغلاپ تۇتۇش باھانىسىدە قازاق دالىسىغا، ھەتتا قوقان تەۋەسىگە قەدەر بۆسۈپ كىرىپ، ئالدىغا ئۇچرىغانلا ئاۋامنى قالماق دەپ قىرىپ تاشلىغان. ئەقىللىق قازاق خانى ئابلايخان (چوقان ۋەلىخانوفنىڭ ئۇلۇغ بوۋىسى) مانجۇر-خىتايلارنىڭ ۋەھشىيلىكىنى كۆرۈپ خەلقىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن، 8-ئىيۇن ئەل بولغان. ئامۇرسانامۇ 21-سېنتەبىر سىرلىق ھالدا ئۆلگەن. مانجۇرلار 1759-يىلى تارىم ۋادىسىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، قوقان، خىۋە ۋە بۇخارا خانلىرى دەرھال سېلىق تۆلەيدىغان قارام ئەل بولۇشنى قوبۇل قىلغان. ئەمما يەنىلا خاتىرجەم بولالماي، سافاۋىلارنى مۇنقەرىز قىلىپ، بابۇرىلارنى سىنىد دەرياسىغىچە سۈرۈۋېتىپ، 1747-يىلى باش كۆتۈرگەن ئافغان شاھى ئەھمەد دۇررانىغا ئادەم ئەۋەتىپ مەنچىڭغا قارشى ئىسلام ئىتتىپاقى ھاسىل قىلغان. بۇ ئىتتىپاقنىڭ ياردەم ۋەدىسىگە ئېرىشكەن ئۇچتۇرپان ئۇيغۇرلىرى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ئۇدا يەتتە ئاي ئۆزى يالغۇز كۈچلۈك مەنچىڭ ئارمىيىسى بىلەن جەڭ قىلغان. ئاقماس ئىتتىپاق ياردەمگە كەلگىچە ئۇچتۇرپان خەلقى قىرىپ تاشلانغان. بۇنىڭدىن چۆچۈپ كەتكەن قوقان ۋە بۇخارا خانلىرى دەرھال ئىسلام ئىتتىپاقى باش قوماندانى ئەھمەد شاھنى كەتكۈزۈۋەتكەن.
بۇ خائىنلىقنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق:
مىلادى 1759-يىلى 5-ئىيۇل مانجۇرلار يەكەننى ئىشغال قىلىپ، ئۇدا بىر ئاي قانلىق قىرغىنچىلىق قىلىپ، ئاۋغۇستتا ئاكا-ئۇكا خوجىلارغا قارشى بەدەخشانغا قوشۇن تارتقان. دەسلەپتە «مەنچىڭغا قارشى ئاتالمىش ئىسلام ئىتتىپاقى» نىڭ قوللىشىدا مانجۇرلارغا قارشى تۇرماقچى بولغان بەدەخشان ھاكىمى سۇلتان شاھ خائىنلىق قىلىپ، ئىككى ئايغا يېقىن يالغان كاپالەت جەريانىدا جاۋخۇيدىن نۇرغۇن پۇل ۋەدە ئېلىپ، 17-ئۆكتەبىر ئۇلارنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈپ كاللىسىنى ئالغان. سەزگۈر ئىپارخان دەرھال قېيناكىسى چوڭ خوجا بۇرھانىدىننىڭ كىچىك ئوغلى سالى (سامساق) خوجىنى ئېلىپ، خوجا بۇرھانىدىننىڭ باشسىز جەسىتىنى قورال كۈچى بىلەن تارتىۋېلىپ، خەتەرلىك تاغ يوللىرى بىلەن پامىرغا كىرىپ كەتكەن. نويابىردا بۇ خائىن تەنسىز باشلارنى جاۋخۇيغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. (ئافغانىستان تارىخىدا بۇ ئېچىنىشلىق ۋە زور پاجىئەلىك ۋەقە خاتىرىلەپ قويۇلغان).
1763-يىلى مەنچىڭغا قارشى بىرلەشمە ئارمىيە قۇرۇپ خوجەنتتە تەييارلىق قىلىۋاتقان ئاقماس ئىتتىپاق ئۇچتۇرپان جىگدە يېغىلىقىدا ئۇيغۇر خەلقىنى يالغۇز تاشلاپ قويغان. دەسلەپ ئۆزلىرى تەلەپ قىلىپ بۇ ئىسلام ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ چىققان قوقان ۋە بۇخارا خانلىرى مەنچىڭ خانلىقىنىڭ كېيىن ئۆزىلىرىنى ئىشغال قىلىۋېلىشىدىن قورقۇپ، بار كۈچى بىلەن بۇ ئىتتىپاقنى بۇزۇشقا ھەرىكەت قىلغان. نەتىجىدە ئىتتىپاقنىڭ باش قوماندانى ئافغان شاھى ئەھمەد شاھ قوشۇنلىرىنى ئامۇ دەريا بويىدىكى خوجەنتتىن قايتۇرۇپ كەتكەن. ئۇ يول ئۈستىدە يۇقىرىقى پالاكەتنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى بەدەخشان ھاكىمى سۇلتانشاھنى ئۆلتۈرۈپ، دۆلىتىنى قوشۇۋالغان. مەنچىڭ خانلىقى بۇ خائىننى ئەسلەپمۇ قويمىغان.
«ئۇچتۇرپان قىرغىنچىلىقى»دىن كېيىن قوقان خانى ئەردەنى بەگ ۋە مىراسخورى نابوتا بەگ ئۆزىنى «بوغداخاننىڭ ئوغۇللىرى» دەپ ئاتىغان. چيەنلۇڭمۇ ناربوتانى «ئوغلۇم» دەپ ئاتىغان. شۇنداق قىلىپ مانجۇرلار ئۇيغۇرلار بىلەن قازاقلارنى يۇتۇۋالغاندىن كېيىن ھېچ كۈچىمەيلا قوقان، خىۋە ۋە بۇخارا خانلىرىنى قارام قىلىۋالغان. بۇ ھالەت جاھانگىر خوجا مانجۇرلارنى ئاغدۇرغانغا قەدەر (1826) داۋام قىلغان. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۈزلۈكسىز قارشىلىق كۆرسىتىشى بىلەن قوقان، خىۋە ۋە بۇخارا خانلىقلىرى مانجۇرلاردىن قۇتۇلۇپ، بىرلىشىپ كۈچەيمەي، ئەكچىسە ئۆز ئارا ئۇرۇش قىلىپ ئاجىزلىشىپ، 1868-1869-1876-يىللىرى چاررۇسىيە تەرىپىدىن يۇتۇۋېلىنغان.
ئورۇسلار قازاق دالاسىنى 1747-يىلى غالدان سېرىننىڭ ئۆلۈمىدىن پايدىلىنىپ بېسىپ كىرىپ تاكى 1847-يىلغىچە بويسۇندۇرۇپ، 1854-يىلى ئالمائاتانى ئىگىلەپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 1855-1866-يىللىرى ۋەتىنىمىزنىڭ جەنۇپ ۋە شىمالىدىكى بارلىق قوشۇنلىرى ۋە ھەربىي مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىق ئاپپاراتلىرىنى بىتچىت قىلغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، 1867-يىلى 22-ئىيۇن ئاتالمىش «تۈركىستان ھەربىي گېنىرال گونېرناتورلىقى» نى قۇرۇپ، ئون يىل ئىچىدىلا قوقان، خىۋە، بۇخارا ۋە ئىلى سۇلتانلىقىنى يۇتۇۋالدى. 1869-يىلى مۇزداۋانغا ئەسكەر چىقىرىپ، جەنۇپ-شىمال يولىنى ئۈزۈپ تاشلاپ 150 يىلغا سوزۇلغان دۈشمەنلىكنى باشلىۋەتتى.
چاررۇسىيە ئىمپىرىيىسى تەرىپىدىن 1868-1878-يىللىرى يۇتۇۋېلىنغان مەزمۇر ئۈچ خانلىق 1917-يىلى مۇستەقىل بولدى. بىراق يېڭى قۇرۇلغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بېسىمىدا خارەزىم ۋە بۇخارادا كوممۇنىستىك ئوبلاست تەسىس قىلىندى. بىراق مۇستەقىل بولۇشتا چىڭ تۇرغان قوقاندا يېڭى دۆلەت ئاغدۇرۇلدى. كېيىنچە لېنىن ۋەدىسىدىن يېنىۋېلىپ، بۇخارانى قوراللىق ئىشغال قىلىپ، 1922-يىلى بۇخارا تەۋەسىنى ئاساسەن تىزگىنلەپ بولدى. 1924-يىلى 5-ئىيۇل «تۈركىستان» چەكلىنىپ، «ئوتتۇرا ئاسىيا» نامى ئومۇملاشتۇرۇلدى. بۇ جايلاردا يېڭىدىن بەش ئىتتىپاقداش مىللىي جۇمھۇرىيەت قۇرۇلدى.
«بۇخارا» نىڭ يوقىلىشى ۋە باسمىچىلار
1920-يىلى 26-ئاۋغۇستتىن 29-ئاۋغۇستقىچە سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى بۇخارانى ئۇدا ئۈچ كۈن بومباردىمان قىلغاندىن كېيىن، 30-ئاۋغۇست ۋە 1-سېنتەبىر كۈنلىرى قەتلىئام يۈرگۈزگەن. شۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ ئاخىرقى مۇستەقىل يەرلىك ھاكىمىيەت مۇنقەرز بولۇپ، بۇخارا ئەمىرى ئالىمخان ئافغانىستانغا قېچىپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئەمىت لەشكىرى ئىبراھىم پاشا ئافغانىستاننى بازا قىلىپ، ئۇدا ئون يىل سوۋېت ئىتتىپاقىنى پاراكەندە قىلغان.
مۇھەممەد ئالىمخان 1880-يىلى 3-يانۋار تۇغۇلغان بولۇپ، دادىسى ئابدۇلئەھەدخان ئىدى. بۇخارا خانلىقى 1873-يىلدىن بۇيان چاررۇسيەگە قارام ئەلگە ئايلانغانىدى. ئالىمخان 1911-يىلى 3-يانۋاردىن تاكى 1920-يىلى 30-ئاۋغۇسقىچە بۇخارا ئەمىرى بولغان. ئاندىن قېچىپ بارغان كابۇلدا ئۆمۈر بويى ئانا ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىش نېسىپ بولماي، 1944-يىلى 28-ئاپرىل ھەسرەت ئىچىدە 64 يېشىدا كابۇلدا قازا قىلغان. مېيتى يەنىلا كابۇلغا دەپنە قىلىنغان. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئەشەددىي رەقىبى سىتالىن ئافغانىستاغىمۇ چىشىنى بىلەۋاتقان ئىدى.
بۇخارا خانلىقىنىڭ ئەمىر لەشكىرى ئىبراھىم پاشا: ئۇ 1889-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، ئاخىرقى بۇخارا ئەمىرى ئالىمخانغا خىزمەت قىلغان. 1920-يىلى 1-سېنتەبىر بۇخارا قىزىل ئارمىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ قالدۇق قوشۇن بىلەن ئافغانىستانغا چېكىنگەن. 1921-يىلى باھاردا ئۇ جانلىق تاكتىكا قوللىنىپ، شەرقىي بۇخارانى قايتۇرۇپ ئالغان. ئەمما شۇ يىلى كۈزدە ئۆزىدىن كۆپ كۈچلۈك بولغان فېرۇنزى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، ئافغانىستانغا قايتا چېكىنىشكە مەغلۇپ بولغان. ئافغان شاھى ھەبىبۇللاخان 1919-يىلى ئوۋغا چىققاندا ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئافغان ۋەزىيىتى كەسكىنلىشىپ، بارلىق چېگرالارنى قوغدىغۇدەك ھالى قالمىغان. سوۋېتنىڭ بېسىپ كىرىشىدىن ئەنسىرىگەن ئەنگلىيە 1921-يىلى ئافغانىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىپلا قالماي، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى باستۇرۇشتا لېنىن بىلەن ھەمكارلاشقان. بۇ ھال ئۇزۇندىن بېرى ۋەزىيەتنى كۆزىتىۋاتقان ئەنۋەر پاشانىڭ بۇخارا تەۋەسىگە كېلىپ، سوۋېتقا قارشى ئۇرۇش ئېچىشىغا سەۋەپ بولغان.
ئەنگلىيە ئەشەددىي رەقىبى ئەنۋەر پاشانىڭ ھىندىستان-ئافغانىستان پاسىلىدا تىرىلىشىنى پەقەتلا خالىمىغان. نەتىجىدە بۇخارا ئەمىرى بىلەن ئەنۋەر پاشا ئوتتۇرىسىغا گۇمان سېلىپ يۈرۈپ، ئىككى قوشۇننى پارچىلاپ، ئىبراھىم پاشانى 1921-يىلى كۈزدە تارمار قىلىپ، ئافغانىستانغا قوغلىغان. ئەنۋەر پاشانى 1922-يىلى 4-ئاۋغۇست قۇربان ھېيت كۈنى پامىر ئېتەكلىرىدە ئېتىۋەتكەن. ئالدانغانلىقىنى ھېس قىلغان ئىبراھىم پاشا 1924-1926-يىللىرى تەكرار ئامۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ئانا ۋەتىنىنى قايتا قولغا ئېلىش ئۈچۈن كۈچىگەن. ئەمما سوۋېت ھۆكۈمىتى يېڭى ئافغان شاھى ئامانۇللاھنى سېتىۋېلىپ، بۇخارالىقلارنى مىدىرلىيالماس قىلىۋەتكەن. شۇڭلاشقا ئامانۇللاھنىڭ غەرپچە ئىسلاھاتى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئافغانىستان 1929-يىلى ئىچكى ئۇرۇش قاينىمىغا كىرىپ قالغان. ئىبراھىم پاشا ئۆكتىچىلەر قاتارىدا ساتقۇن ھاكىمىيەتكە قارشى تۇرغان. 1931-يىلى ئەسلىدە كونا شاھنى ئاغدۇرۇپ تەختكە چىققان نادىر شاھ سوۋېتنىڭ بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، شۇ يىلى ئىيۇندا سەردار ئىبراھىمنى تاشكەنتكە ئەۋەتىپ بەرگەن. سىتالىن ئۇنى 31-ئاۋغۇست دارغا ئاسقان.
ئەنۋەر پاشانىڭ بۈيۈك تۈركىستان چۈشى ۋە تۇنجى جۇمھۇرىيىتىمىز
ئوسمان ئىمپىرىيىسى بىلەن ئانتانتا دۆلەتلىرى ئارىسىدا 1918-يىلى 30-ئۆكتەبىر 1-دۇنيا ئۇرۇشىنى توختىتىدىغان تەڭسىز شەرتنامە «مودۇرۇس» ئىمزالانغان. گېرمان ئىمپىرىيىسىمۇ 11-نويابىر شەرتنامىگە قول قويغان. شۇنىڭ بىلەن تۆت يىللىق چوڭ ئۇرۇش توختىغان.
كېلىشىم بويىچە ئوسمان ئىمپىرىيىسى سەككىز سەپتە ئۇرۇش قىلىۋاتقان بارلىق قوشۇنىنى شەرتسىز چېكىنىپ چىقىشقا بۇيرۇق قىلغان.
1918-يىلى 12-نويابىر ئەنگلىيە ئىستانبۇلغا قوشۇن كىرگۈزۈپ ئىشغال قىلىشنى باشلىغان. 14-نويابىر كېلىشىمگە خىلاپ ھالدا موسۇلنى ئىشغال قىلىۋالغان. ئەينى ۋاقىتتىكى دۆلەتنى ئىدارە قىلىۋاتقان تالات پاشا، ئەنۋەر پاشا ۋە جامال پاشالار ھەر تەرەپكە قېچىپ كەتكەن. بىراق ئەنۋەر پاشا«غەرپتە ئوسمان تۈرك ئوغۇز دۆلىتىنى مۇنقەرز قىلغان گۇناھىنى، شەرقتە ئۇيغۇر-تۇران دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ئارقىلىق يۇيۇش» قارارىغا كېلىپ، شەرققە يول ئالغان. لېنىن ئەنۋەر پاشانىڭ ئابرۇيىدىن پايدىلىنىپ كاۋكاز، قىرىم، تۈركىستان ۋە سىبىرىيەلەردىكى تۈركىي ۋە ئىسلامىي خەلقلەرنى سىلىق يوللار ئارقىلىق ئۆزىگە بېقىندۇرماقچى بولغان.
ئەنۋەر پاشا ۋىلادىمىر لېنىننىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بويىچە 1919-يىلى ئەتىيازدا ئەزەربەيجانغا كېلىپ «باكۇ شەرق مىللەتلىرى كېڭىشى» گە قاتناشقان. ئۇ لېنىننىڭ ئارزۇسىغا خىلاپ ھالدا يىغىنغا كەلگەن ۋەكىللەرگە «بىر ئورتاق مەپكۇرە ئاساسىدا بۈيۈك تۇران دۆلىتى قۇرۇپ چىقىپ، تاجاۋۇزچى رۇسلارنى ئۇرالنىڭ شەرقىگە (يەنى ياۋروپا قىتئەسىگە) قوغلىۋېتىش» توغرىلىق نەسىھەت قىلىپ، مەخپىي يوليورۇق بەرگەن. ئۇنىڭ تەكلىپى 1918-يىلى فېۋرال ئېيىدىن تاكى 1919-يىلى فېۋرالغىچە بولغان بىر يىل ئىچىدىلا قاتتىق قىرغىن قىلىنغان ئۇيغۇر، قازاق، تاتار، قىرغىز ۋە كاۋكازلىقلارنى قىزىقتۇرغان.
ئورۇسلار جامال پاشانى ئافغانىستاندا ئەنگلىيەگە قارشى ئۇرۇشقا سېلىشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، رۇسىيەدە مېھمان بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئەنۋەر پاشا ئورۇسلارنىڭ كوزىرى بولۇشنى خالىماي، ئارقا سەپنى پۇختىلاش ئۈچۈن بۇخارا خانلىقىغا كەتكەن. باشقا مىللەتلەر ۋە بەگلىكلەر ۋەكىللىرىمۇ يۇرتىغا قايتىپ، قىزىل رۇس بولشېۋىكلىرىگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتكەن. ئۆزىنىڭ ئالدىنىپ «يولۋاسنى تاغقا قويۇپ بېرىپ، بۆرىنى قوتانغا باشلاپ كىرگەنلىكى» نى ھېس قىلغان لېنىن ئالدى بىلەن ئەنۋەر پاشا بىلەن ئۇچراشماقچى بولغان جامال پاشانى 1921-يىلى 22-ئىيۇل گىرۇزىيەدىكى تىفلىستا ئەرمەن خادىملىرى ئارقىلىق قەستلەپ ئۆلتۈرۈپ، ئەنۋەر پاشانى قورال كۈچى بىلەن بويسۇندۇرۇش يولىنى تۇتقان. ئۇنىڭ تۇنجى نىشانى ئەزەربەيجان بولغان. چۈنكى باكۇ نېفىتلىكى رۇسىيە سانائىتى ۋە مەۋجۇدىيىتىنىڭ جان تومۇرى ئىدى. جىددىي تەييارلىقلار ئارقىلىق 1920-يىلى ئەتىيازدا ھۇجۇم قوزغاپ، 27-ئاپرىل باكۇنى ئىشغال قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئىككى يىلدەك مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئەزەربەيجان دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى مۇنقەرز بولۇپ، تۇنجى پىرىزىدېنت مۇھەممەد ئىمىن رەسۇلزادە قولغا ئېلىنغان.
تاشقى كاۋزكازدىكى خەۋپنى تۈگەتكەن ئورۇسلار 1920-يىلى يازدا بۇخارا خانلىقىغا ئومۇمىي ھۇجۇم باشلىغان. بۇخارا ئەمىرى ئالىمخان ئۆسەك سۆزلەرگە ئىشىنىپ، ئەنۋەر پاشادىن ئوشۇق گۇمان قىلىپ، ئۇنى يېتىم قالدۇرغان. بىراق ئۆزى ئەڭ باشتا قىزىل ئارمىيەنىڭ يوق قىلىش نىشانىغا ئايلانغان. 1-سېنتەبىر بۇخارا شەھىرى قولدىن كەتكەن. ئالىمخان دەرھال ئافغانىستانغا قېچىپ كەتكەن. ئەنۋەر پاشا ئۆز ئالدىغا ئۇرۇش قىلىپ، 1922-يىلى 4-ئاۋغۇست قۇرباي ھېيت كۈنلىرىنىڭ بىرىدە پامىردىكى بەلخجۇۋان ئېتەكلىرىدە قىزىل ئارمىيەنىڭ ئەرمەن كوماندىرى باشلاپ كەلگەن قىسىم تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلانغان. بىراق ئاتالمىش «باسمىچىلار» نى تولۇق باستۇرۇش 1932-يىلىغا كەلگەندە ئاران ئەمەلگە ئاشقان.
شۇنداق قىلىپ 1932-يىلىغا كەلگەندە ئاتالمىش «باسمىچىلار ھەرىكىتى» باستۇرۇلۇپ، 1921-يىلدىن 1931-يىلغىچە داۋالغۇپ تۇرغان ئوتتۇرا ئاسىيا تەلتۆكۈس رۇسلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن. سىتالىن ئەمدى «ئۇھ» دەپ تۇرسا، 1932-يىلى مارتتا تېخى بەش ئاي بۇرۇنلا چاقماق تېزلىكىدە ھازىرقى مانجۇرىيەنى ئىشغال قىلغان ياپونىيە مۇستەقىل مانجۇرىيە دۆلىتىنى قۇرۇپ چىققان. سىتالىن ئۇ يەردىكى جاسۇسلىرى ئارقىلىق ياپونىيەنىڭ «پانموڭغۇلىزىم ۋە پانتۈركىزىم پىلانى» بارلىقىنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتكەن. ياپونىيەمۇ ئوسمانلى شاھى ئابدۇلھەمىتخاننىڭ نەۋرىسى شاھزادە ئابدۇكېرەمنى تەكلىپ قىلىپ، ۋەتىنىمىزگە سۇلتان قىلماقچى بولغان. دەل شۇ ۋاقىتتا ياپون مۇشاۋىرنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلغان قاراقچى ماجۇڭيىڭ ۋەتىنىمىزگە بېسىپ كىرگەن. 1933-يىلى ما بىلەن شېڭ ماماتلىق جەڭ قىلغان.
جاللات شېڭ شىسەي ماجۇڭيىڭنىڭ ياپون مۇشاۋىرىنى تۇتۇۋېلىپ، سىتالىنغا ھەدەپ «ياپونىيە ئۇيغۇرىستاندا ئىككىنچى مانجۇرىيەنى قۇرۇپ چىقماقچى!» دەپ يالغان ئېيتىپ، يېڭىلا ئېرىشكەن تەختىنى ساقلاپ قالماقچى بولغان. ئەمما سىتالىن سالماق ھالدا ۋەزىيەتنى داۋاملىق كۆزەتكەن. 1933-يىلى 12-نويابىر قەشقەردە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشى بىلەنلا سىتالىن تېخىمۇ چۆچۈپ كەتكەن. چۈنكى، جۇمھۇرىيەت تەركىبىدىكى غوللۇق شەخسلەر ۋە دۆلەت ئارمىيىسى دەل سىتالىن قاچۇرۇپ قويغان باسمىچىلارنىڭ سەركىلىرى ۋە پىشقانلىرىدىن تەركىپ تاپقانىدى. سىتالىن بۇ ئەھۋالدىن بەكلا بىئارام بولغان. گەرچە ئۇنىڭ موڭغۇلىيەدە ئاساسى كۈچلۈك بولسىمۇ، ئەمما ۋەتىنىمىزدە ئۆزىگە سادىق بىر گۇماشتا تاللاش ئۈچۈن «خوجىنىياز ھاجى»، «ما جۇڭيىڭ»، «شېڭ شىسەي»، «يولۋاس»، «مامۇت سىجاڭ»، «سابىت دامولام» ۋە «خوتەنى مەمتىمىن ھەزرەت» لەرنى كۆزەتكەن.
ئاخىرىدا پەقەت ئۈچلا نامزات قېپقالغان. ئەمما شېڭ شىسەي بارلىق مىكىرلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ماجۇڭيىڭنى ياپونغا باغلاپ سىتالىننىڭ ئۆزىگە ياردەم قىلىشىنى ئارزۇ قىلغان. خوجىنىياز ھاجى بولسا، ھەم بۇ جاينىڭ خوجايىنى ۋە خوجايىن مىللەتنىڭ ئاقساقىلى بولغاچقا، ئۇنىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋە ئىمكانىيىتى زور ئىدى. ئەمما ئاققۇن شېڭ شىسەي بىلەن قالدۇق مانجۇر-خىتاي باندىتلىرى بولسا كەلگۈندىلەر ۋە باسقۇنچىلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ نە ئەمەلىي ئاساسى نە ئارقا سەپ تەمىناتى يوق ئىدى. شۇڭا سىتالىن ئالدىراپ شېڭ شىسەيگە مايىل بولماي، ھەر تەرەپنى ساقلاپ قېلىش يولىنى تۇتۇپ يەنە بىر مەزگىل كۆزىتىپ باقتى. بۇ ۋاقىتتا ۋەتىنىمىزگە كۆز تىكىپ تۇرغان گومىنداڭنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى ئۈرۈمچىگە كەلدى. شېڭ شىسەي سىتالىنغا «ئەگەر مېنى قوبۇل قىلمىساڭ، مەن ئامالسىز بۇلارنىڭ قوينىغا كىرىمە» دېگەندەك شەپىنى بەردى. ھەمدە قۇۋلۇق بىلەن ئويۇن ئويناپ، گومىنداڭ ئەلچىسىنى تۇتقۇن قىلىپ، ياپونىيەنىڭ بۈيۈك ئاسىيا پىلانىنىڭ سوۋېتقا بەك زىيانلىق ئىكەنلىكىنى كۈچەپ پەش قىلىپ يۈرۈۋاتقاندا، تۇيۇقسىز قەشقەردە قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەت سىتالىننى كەسكىن قارار بېرىشكە قىستىدى. ئەمما سىتالىن نە ئۆزى باستۇرۇپ كىرىپ، بۇ دۆلەتنى يوقىتىشقا ئامالسىز ئىدى. نە شېڭ شىسەينىڭ كۈچى بىلەن ئۇنى يوقىتىشقا تېخىمۇ ئىمكان يوق ئىدى.
بىردىنبىر ھەل قىلىش چارىسى «خىتايلارنىڭ ئۆز يېغىدا ئۆز گۆشىنى قورۇش تەدبىرى ئىدى». يەنى ئىسلام دىنىغا ئىخلاس قىلىدىغان ئۇيغۇرلارغا ئىسلامنى قورال قىلىۋالغان تۇڭگانلارنى سالدى. بۇندىن بۇرۇنقى مانجۇرلار، ياڭ زېڭشىنلارمۇ شۇ ئۇسۇل بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنى قولدا تۇتۇپ تۇرغانىدى. ھەتتا تۇڭگان لى شۇفۇ «قۇرئان تۇتۇپ قەسەم قىلىپ» ساددا تۆمۈر خەلىپىنى ئالداپ تاغدىن چۈشۈرۈپ ئۆلتۈرگەنىدى. سېيىت نوچى ئۆزى مۇسۇلمان دەپ ئىشەنچ قىلغان مادوتەيدىن ئۆلۈم خېتىنى ئېلىپ، ماتىتەيگە ئەكىلىپ بەرگەن ئىدى. تارىخ يەنە تەكرارلاندى. يەنە كېلىپ، تېخىمۇ پاجىئەلىك بىر شەكىلدە تەكرارلاندى.
مەنبەلەر:
1 – تارىخىي رەشىدى
2 – بابۇرنامە
3 – تارىخىي ھەمىدى
4 – تۈرك ئىنىسكلوپىدىيىسى
5 – قازاق ئىنىسكلوپىدىيىسى
6 – ئۇيغۇر يىلنامىسى
7 – خوجىلار تەزكىرىسى
8 – مەختۇم ئەزەم ۋە ئەۋلادلىرى
9 – تەزكىرەئى خوجا ئافاق
10 – مانجۇر – جۇڭغار ئۇرۇشلىرى
11 – قەشقەرىيە
12 – شەرقىي تۈركىستان تارىخى
13 – تارىخىمىزدىكى خاقانلار
14 – خوجىلار ۋە ئۇلارنىڭ نەسەپنامىسى