مەسئۇد ئەپەندى رەئىس بولغاندىن كېيىنكى ۋەزىيەت
ئىلاۋە: ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، مەزكۇر يازما خىتايدا نەشىر قىلىنغان «كۈزىتىش» (观察) ژورنىلىنىڭ 1947-يىلى 21-ئىيۇن كۈنى نەشىر قىلىنغان 2-جىلد 17-سانىغا بېسىلغان شۇ ناملىق ماقالەگە ئاساسەن تەرجىمە قىلىنىپ تەييارلاندى. مەزكۇر يازما 1947-يىلى مەسئۇد سابىرى بايقوزى ئەپەندى ئۆلكە رەئىسلىكىگە تەيىنلىنىشنىڭ ئالدى كەينىدىكى ۋەقەلەر ۋە ئەينى چاغدىكى ئوخشىمىغان ئىدىئولوگىيەلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان تەرەپلەر توغرىسىدا مۇھىم ئۇچۇرلارنى بېرىدۇ ۋە مۇھاكىمە يۈرگۈزىدۇ. ماقالەدىكى تەھلىللەر ۋە كۆز قاراشلار بىر خىتاي مىللەتچىسىنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەنقىدىي نەزەردە ئوقۇپ پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەزكۇر يازما بىر تەرجىمە ماقالىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەسلى نۇسخىسىدىكى سۆزلەر ئۆز پېتى تەرجىمە قىلىندى.
تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر
مەسئۇد شىنجاڭغا رەئىس بولغاندىن كېيىنكى شىنجاڭ ۋەزىيىتى
(麦斯武德长新后的新疆局面)
مەسئۇد سابىرى بايقوزى ئوغلى ئەرتۇغرۇل (ئوڭدا) ۋە قىزى گۈلتېكىن (سولدا) بىلەن بىللە، 1946-يىلى، شاڭخەي
مەزكۇر ژورنالنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك مۇخبىرى (ئا)
«كۈزىتىش» كە ئۈرۈمچىدىن كەلگەن خەۋەر
شىنجاڭ رەئىسىنىڭ ئالمىشىشى سەۋەبلىك سىياسىي كۈرەش كۈندىن-كۈنگە ئايدىڭلاشماقتا. شەرقىي تۈركىستانچىلار ۋە تۈركچىلەر ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇشقا باشلىدى. گەرچە بۇ خىلدىكى كۈرەش شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىنى بەلگىلىمىسىمۇ، ھېچ بولمىسا شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
شىنجاڭنى شىنجاڭلىقلارغا تاپشۇرۇش كېرەك
گېنىرال جاڭ جىجۇڭ شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەندىن بۇيان، ئۆزىنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدىكى تىرىشچانلىقلىرىنىڭ تولىمۇ ئاز نەتىجە بەرگەنلىكىنى بايقىغان. ئۇنىڭ سەمىمىي ۋە ئوچۇق-يورۇقلۇقى شەرقىي تۈركىستانچىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلمەيلا قالماي، ئۇنىڭ ئەكسىچە جەمئىيەت تەرتىپى ۋە خەلقنىڭ ئىدىيەلىرى بۇرۇنقىدەك تېنچ ۋە ساددا بولماي قالغان. بۇلار خەلقنىڭ خەلقچىل سىياسەتنى قۇبۇل قىلالمىغانلىقى سەۋەبىدىنمۇ؟ ياكى ھۆكۈمەت چارەلىرى شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن بولمىغانلىقتىن كۈندىن-كۈنگە قالايمىقانچىلىق ئاۋۇپ كېتىۋاتامدۇ؟ مانا بۇ نۆۋەتتىكى مەسىلەنىڭ مەركىزى بولۇپ، بۇنى چوقۇم چۈشىنىشىمىز كېرەك ۋە چۈشىنىشكە تېگىشلىك.
شىنجاڭ خەلقىنىڭ توپلاشقان جايى يەنىلا جەنۇبىي شىنجاڭدا. بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ كۆپچىلىك خەلقى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ % 70 دىن كۆپرەكى جەنۇبىي شىنجاڭدا. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ شىنجاڭغا قايتىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، يەنى 16-ئاپرېل كۈنى مۇئاۋىن رەئىس ئەخمەتجان، مۇپەتتىش مەسئۇد قاتارلىقلار بىلەن بىللە تەكشۈرۈش ئۈچۈن جەنۇبىي شىنجاڭغا قاراپ ئۇچتى ۋە شۇ كۈنى چۈشتە ئاقسۇغا يېتىپ كەلدى. بۇ چاغدا ئاقسۇدا ئۇيغۇرلارمۇ سۈركىلىش پەيدا قىلىۋاتقان چاغ بولۇپ، ۋالىي ئابدۇكېرىم (阿布都喀里木) ئۇيغۇرلارنى ۋەھشىيلەرچە قىينىغانلىقى سەۋەبلىك ئۈرۈمچىگە قېچىپ بېرىۋالغان ئىدى. ئۇ مۇئاۋىن رەئىس ئەخمەتجان قوغدايدىغان كىشى بولۇپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىگە كەلگەندىن كېيىن شىڭ شىسەي تۈرمىسىدە ئۆگەنگەن باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانغان ۋە يەرلىك خەلقنىڭ كۆڭلىنى ئۇتتۇرۇپ قويغان ئىدى. جاڭ جىجۇڭ ئاقسۇدا يەرلىك خەلق ۋەكىللىرىنى يىغىپ سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى ۋە ئامما ئۇيۇشتۇرغان كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. بۇ پائالىيەتلەر تولىمۇ ياخشى ئۆتتى. بۇرۇن نۇرغۇن كىشىلەر ئاقسۇدا تۇرۇشلۇق قىسىملار ئۈستىدىن شىكايەت قىلاتتى. ئەمەلىيەتتە ئاقسۇدا تۇرۇشلۇق قىسىملار ھەربىيلەر بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى ياخشىلاشقا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان ئىدى. ئاقسۇ 1945-يىلىدىكى جەڭدىن كېيىن پۈتۈنلەي خارابىلىققا ئايلانغان بولۇپ، ھەبىيلەر ۋە خەلقنىڭ ھەمكارلىقىدا ھازىر يېرىمى دېگۈدەك ئەسلىگە كەلدى. ئاقسۇدا تۇرۇشلۇق قىسىملار بارلىق قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا ئۆز كۈچىنى خەلقتىن ئايىمىدى. بولۇپمۇ ئاز ۋاقتتىن كېيىن تاماملىنىدىغان بەشتاش كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش ئىنشائاتى ھەربىيلەرنىڭ خىزمەت روھىنىڭ نامايەندىسى ھېسابلىنىدۇ. ئاقسۇدا تۇرۇشلۇق قىسىملار ئاچقان داۋالاش ئورۇنلىرى خەلقنى ھەقسىز داۋالىدى. بۇ خىل خىزمەت ئىستىلى خەلقنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتە چوڭ رول ئوينىدى.

ئەخمەتجان قاسىمى، ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم، جاڭ جىجۇڭ ۋە مەسئۇد سابىرى بايقوزى قەشقەردە، 1947-يىلى
جاڭ جىجۇڭ مۇشۇنداق كۆتۈرەڭگۈ كەيپىيات بىلەن 21-ئاپرېل كۈنى ئايروپىلان بىلەن قەشقەرگە يېتىپ كەلدى. قەشقەر ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاي بولۇپ، كونا شەھەر ۋە يېڭى شەھەر ناھىيەلىرىدىلا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 406 مىڭ ۋە 167 مىڭغا بارىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل پىكىر ئېقىملىرى بۇ جايدا تەشۋىقات ۋە ھەرىكەت قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە. جاڭ جىجۇڭ بۇ جايدا ئىككى قېتىم ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قورشىۋېلىنىپ، قىيىن ئەھۋالدا قالدى. لېكىن ئۇ يەنە ئۈچ قېتىم سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇردى ۋە بۇ يىغىنلاردا ھەر خىل پىكىر ئېقىملىرىدىكى كىشىلەر قىلچە تەپ تارتماستىن پىكىر بايان قىلدى. بىر قىسىم يىغىن قاتناشقۇچىلرى دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشىغا قارشى، خىتايلارنىڭ شىنجاڭنى باشقۇرۇشىغا قارشى تۇرىدىغان ۋە خىتايلارنىڭ شىنجاڭدىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلىدىغان پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىنى يىغىپ كەلگەندە ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار ئۇيۇشتۇرغان 22-فېۋرال ئەركىنلىك يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلەپلەرنىڭ يەنە بىر ۋارىيانتى دېيىلسە بولىدۇ. لېكىن يەنە بىر قىسىم قاتناشقۇچىلار بولسا بۆلگۈنچىلىككە ۋە ۋەتەندىن ئايرىلىپ چىقىشقا قارشى سۆزلەرنىمۇ قىلدى. قەشقەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ پايتەختى دەپ ئېيتىشقىمۇ بولاتتى. بۇ خىل ئەھۋال جاڭ جىجۇڭغا تولىمۇ چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى.
24-ئاپرېل كۈنى جاڭ جىجۇڭ قاتارلىقلار ئۈچ ماشىنىغا ئولتۇرۇپ، يەكەنگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. يەكەن ۋالىيسى جوۋ فاڭگاڭ (周芳冈) بۇ يىل سايلام مەزگىلىدە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئەۋەتكەن مۇئاۋىن رەئىس بورھان بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان ئىدى. يەرلىكلەرمۇ ئۇنىڭغا قارشى تۇرغان، لېكىن خەلقنىڭ نارازىلىقىنى بىلدۈرۈشى ۋە كەيپىياتى قەشقەرنىڭكىدىن ياخشىراق ئىدى. ئاپرېلنىڭ ئاخىرى ئۆمەك خوتەنگە يۈرۈپ كەتتى. خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى ئۇيغۇر (نۇربەگ)، خەلقىمۇ ئاقكۆڭۈل ۋە سەمىمىي بولۇپ، ھازىرغىچە بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ئىپادىلىرى كۆرۈلمىدى. ھازىرقى ۋەزىيەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، شىمالىي شىنجاڭ ۋە قۇمۇلدىن باشقا شىنجاڭ ئۆلكىسىدىكى ئەڭ تېنچ جاي خوتەن ۋىلايىتى ھېسابلىنىدۇ. 7-ماي كۈنى جاڭ جىجۇڭ قەشقەردىن ئايروپىلان بىلەن شىمالىي شىنجاڭغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. كۇچادا يېرىم كۈن توختاپ، 8-ماي كۈنى ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى. جاڭ جىجۇڭ ئۈرۈمچىگە قايتقاندىن كېيىن مەركىزىي ئاگېنتلىق مۇخبىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە بۇرۇنقى سىياسەتلەرنىڭ مەغلۇبىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەنلىكى، يەرلىكتىكى قۇرۇلۇش خىزمەتلىرىنىڭ جانلانمىغانلىقى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ناچارلىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن «خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ھازىرقى ئەڭ مۇھىم مەسىلە» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتقان. لېكىن قانداق ئىجرا قىلىش، قارشىلىقلارنى قانداق ھەل قىلىش دېگەن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە، بولۇپمۇ ھازىرقىدەك ئىدىئولوگىيەلىك تالاش-تارتىش ۋە خىتايلارغا قارشى شۇئارلار ئەۋجىگە چىققان بىر مەزگىلدە، شىنجاڭنى شىنجاڭلىقلارنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇش ئەڭ ئەپلىك چارە ھېسابلىنىدۇ. جاڭ جىجۇڭ ئۈرۈمچىگە قايتىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا مەركەزگە قوشۇمچە رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەركەزمۇ يىللاردىن بېرى شىنجاڭ مەسىلىسىدە بېشى قېتىپ تۇرغان بولغاچقا، مەسئۇدنى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت رەئىسلىكىگە ۋە ئەيسانى باش كاتىپلىققا تەيىنلىدى. مانا بۇنى تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان يېڭىلىق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.
مەسئۇد قارشىلىققا ئۇچرىدى
مەسئۇد (سابىرى بايقوزى) ئىلىلىق يەرلىك ئۇيغۇر بولۇپ، 16 ياش ۋاقتىدا تۈركىيەگە چىقىپ، كونستانتىنوپۇل (ئىستانبۇل)دىكى تىببىي ئۇنىۋېرىستېتدا ئوقۇغان. 27 ياشقا كىرگەندە ئىلىغا قايتىپ كەلگەن ۋە مەكتەپ ئاچقانلىقى ئۈچۈن ياڭ زىڭشىن (杨增新) تەرىپىدىن قامالغان. مىنگونىڭ 23-يىلى (1934-يىلى) جەنۇبىي شىنجاڭ ئارقىلىق ھىندىستانغا ئۆتۈپ، ئاندىن نەنجىڭغا كەلگەن. ياپونغا قارشى ئۇرۇش باشلىنىشتىن بۇرۇن دۆلەت مەھكىمىسى ھەيئىتى (国府委员) بولغان. ئۆتكەن يىلى شىنجاڭغا مۇپەتتىش قىلىپ تەيىنلەنگەن. ئۇ بىر پېشقەدەم ۋە سالماق كىشى بولۇپ، سالاپىتى ۋە سۆز ھەرىكىتى ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكالىق مۆتىۋەرلەرگە ئوخشايدۇ. ئەيسا (يۈسۈپ ئالپتېكىن) قەشقەر يېڭىسارلىق بولۇپ، دۆلەت تىلى ۋە ئەدەبىياتىغا پۇختا. مىنگونىڭ 19-يىلى (1930-يىلى) چەتئەلگە چىقىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تاشكەنتتە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋە كېيىن نەنجىڭغا بارغان. مىنگونىڭ 22-يىلى (1933-يىلى) خۇاڭ مۇسوڭ (黄慕松) بىلەن بىرگە ئۈرۈمچىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ يەنە نەنجىڭغا قايتقان .ئۇنىڭ كەسپچانلىقى ۋە سىياسىي سەزگۈرلۈكى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئىچكى سىياسىتىگە نىسبەتەن دائىم نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ تۇرغان. ئۇ ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ «تىيانشان» (تەڭرىتاغ)، «ئالتاي» قاتارلىق ئايلىق ژورناللارنى تەسىس قىلغان. «ئالتاي» مەتبۇئات نەشىرىياتى ئۇنىڭ سىياسىي پائالىيەت مەبلىغى ھېسابلىنىدۇ. ئۆتكەن يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت قايتىدىن تەشكىللەنگەندە، ئەسلى مەركەز ئۇنى مۇئاۋىن باش كاتىپ قىلىپ تەيىنلىمەكچى ئىدى. ئەمما ئىلى تەرەپ قارشى تۇرغانلىقتىن، ئەمەل تەگمىگەن ھالدا پەقەت ھۆكۈمەت ئەزاسى قىلىپ تەيىنلەندى ۋە كېيىن قوشۇمچە «ئۈچ مەسلەك ياشلار ئەترىتى» (三民主义青年团) شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ سېكرىتارى بولدى. مەسئۇد ۋە ئەيسا ئىككەيلەن، شۇنداقلا ھازىرقى ئۆلكىلىك تەمىرات نازارىتىنىڭ نازىرى مۇھەممەدئىمىن (بۇغرا) ھەممىسى تۈركچىلەردۇر. ئۇلارنىڭ ئاتالمىش تۈركچىلىكى شىنجاڭنىڭ مەركەزنىڭ مۇداخىلەسىدىن خالىي ھالدا ئالىي مۇختارىيەت ھوقۇقى يۈرگۈزىشىنى ، شۇنداقلا تۈرك مىللىتىنىڭ يەرلىكنى ئىدارە قىلىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇلار بۇندىن يەتتە-سەككىز يىل بۇرۇنلا بۇنداق تەشەببۇسلاردا بولغان. ئۇلار يەنە شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ ئىسمىنى تۈرك ئۆلكىسى (突厥省) قىلىپ ئۆزگەرتىشنى، خىتايلارنىڭ مۇسۇلمانلارنى مەدەنىيەت جەھەتتىن ئاسسىمىلاتسىيە قىلىشىغا قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. تاكى ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ كۆز قارىشى ئۆزگەرگىنى يوق. «ئۈچ مەسلەك ياشلار ئەترىتى» شىنجاڭدا «تۈرك ياشلار ئەترىتى» (突厥青年团) دەپ ئاتالماقتا. ئەيسا قاتارلىقلار ئۈرۈمچىدە تەسىس قىلغان ئۇيغۇرچە «ئەرك گېزىتى» (ھازىر ھەپتىلىك گېزىت)نىڭ ھاشىيەسىدە «يۇرتىمىز تۈركىستاندۇر، بىز ئىسلامچىمىز…» دېگەندەك شۇئارلار يېزىلغان. لېكىن ئۇلار تېخى ۋەتەندىن مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشنى خالىمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا چەتئەللەرنىڭ شىنجاڭغا مۇداخىلە قىلىشىغىمۇ قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

ئەخمەتجان قاسىمى ۋە مەسئۇد سابىرى بايقوزى نەنجىڭ شىشياشەن تېغىدا بېرىلگەن دالا زىياپىتىدە، 1946-يىل دېكابىر
مەسئۇد قاتارلىقلار بىلەن قارشىلىشىدىغان يەنە بىر تەرەپ مۇئاۋىن رەئىس ئەخمەتجان قاتارلىقلار. ئۇلارنىڭ قارىشىچە «مەسئۇد قاتارلىقلارنىڭ تەشەببۇسلىرى شىنجاڭ خەلقىگە يورۇقلۇق ئېلىپ كېلىشكە يەتمەيدۇ؛ شىنجاڭ خەلقى چوقۇم يورۇقلۇقنى ئۆزلىرى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك؛ يەنى ئىنقىلابنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك؛ بۇ ئىنقىلابنىڭ قان تۆكۈش يولى بىلەن ئېلىپ بېرىلىشى ناتايىن؛ ئەمما خەلق ھازىرقى ھالەتكە قانائەت قىلىپ قالماسلىقى كېرەك». لېكىن ئەگەر بىز پەقەتلا سىياسىي مەيدان نۇقتىسىدىن شىنجاڭدىكى ھەر قايسى ئىدىئولوگىيەلىك گۇرۇھلارنى كۈزەتكىنىمىزدە شۇنى بايقايمىزكى، شىنجاڭلىق يەرلىك خەلقنىڭ ئىچىدىكى كۆپچىلىك تۇرمۇش شەكلى، ئادىتى ۋە كۈلتۈر قاتارلىقلار سەۋەبىدىن ئەزەلدىن ھەممىنىڭ ھەمكارلىق قىلىشىنى خالىمايدۇ. مەسئۇد قاتارلىقلار يۇرتىدىن ئايرىلغىلى ئۇزۇن بولدى ۋە نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ئۇلار يوچۇن كۆرۈنىدۇ. ۋەھالەنكى، ئىدىيەسى ئىلغار بولغان ئۆزلىرىنى شەرقى تۈركىستانچىلار دەپ ئاتىۋالغان كىشىلەر مەيلى سىياسىي تەشەببۇس ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەت جەھەتتىن بولسۇن بۇ كىشىلەر بىلەن ھەمكارلىق قىلىشنى خالىمايدۇ.
مەركەز ئوچۇق ھالدا مەسئۇد نىڭ ئۆلكە رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇنلا بۇ خەۋەر شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ بولغان. شەرقىي تۈركىستانچىلار قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، خىتاي ئاھالىسىنى ئەنسىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى. مەركەزنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەش بۇيرۇقى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستانچىلار گېنىرال جاڭ جىجۇڭنى ھىمايە قىلىش ۋە مەسئۇدقا قارشى تۇرۇش شۇئارلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە مەسئۇد قاتارلىقلارنىڭ ئىدىيەسى زاماننىڭ ئارقىدا قالغان بولۇپ، خەلقچىل شىنجاڭنى يېتەكلەشكە لايىق ئەمەس ئىكەن. شۇنداقلا ئۇلار شىنجاڭدىكى تېنچلىقنى بەرپا قىلغۇچى گېنىرال جاڭ جىجۇڭنىڭ ئىستىپا بېرىشىنى خالىمايدىكەن. ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا دۆڭكۆۋرۈكنى پاسىل قىلىپ، ئۇنىڭ تۆۋەن تەرىپى (جەنۇبى) مەسئۇدقا قارشى، يۇقىرى تەرىپى (شىمالى) مەسئۇدنى ھىمايە قىلىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. مەيلى قارشى تۇرسۇن ياكى ھىمايە قىلسۇن، مەسئۇد 28-ماي كۈنى رەسمىي ۋەزىپىگە ئولتۇردى. ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا «دۆلەتنىڭ قانۇن پەرمانلىرىغا رىئايە قىلىشقا قەسەم بېرىمەن ۋە ھەر قايسىڭلارنىڭ قانۇنغا رىئايە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن سۆزلەرنى قىلغان. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇ شىنجاڭ خەلقىنىڭ قانۇن ئېڭىنىڭ ئاجىزلىقى ۋە باشقۇرۇشنىڭ قول تۇتىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان.
ئىدىئولوگىيەلىك كۈرەش كۈنسېرى ئايدىڭلاشماقتا
شىنجاڭ ئۆلكىلىك مەسلىھەت كېڭىشى (新疆省参议会) نىڭ ئەزالىرى بۇ يىل باھاردا تولۇق سايلاپ چىقىلغان بولۇپ، كېڭەش 28-ماي كۈنى رەسمىي ئېچىلغان ئىدى (مەسئۇد ئەپەندىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى بىلەن بىر كۈندە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى). بۇ ئاينىڭ ئالدىنقى كۈنلىرى ئەزالار ئۈرۈمچىگە يىغىلىپ ئۆزلىرىنى مەلۇم قىلىشتى. بۇلاردىن كۆپىنچىسى نەنلياڭ (南梁 قوشكۆۋرۈك) دىكى ئۆلكىلىك مەسلىھەت كېڭىشى بىناسىغا ئورۇنلاشتى. ئاقسۇدىن كەلگەن كېڭەش ئەزالىرى ئىدىيە جەھەتتىن ئىلى، ئالتاي، تارباغاتاي تەرەپ بىلەن ئوخشىمايدىغان بولغاچقا، بۇ بىنادا تۇرمىدى ۋە قارشى تەرەپنىڭ نارازىلىقىغا دۇچ كەلدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە ئۆلكىلىك مەسلىھەت كېڭىشى بىناسىدا تۇرمىغان ئەزالارنىڭ كېڭەش ئەزاسى بولۇش سالاھىيىتى يوق ئىكەن ۋە كېڭەش يىغىنلىرى ئېچىلمايدىكەن (ھازىر كېڭەش ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى كېڭەش بىناسىدىن كۆچۈپ چىقىپ، ئوخشىمىغان جايلارغا ئورۇنلاشتى).

ئەخمەتجان قاسىمى، ئابدۇكېرىم ئابباس ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن
شىنجاڭ ئۆلكىلىك مەسلىھەت كېڭىشى ئەزالىرى تەۋە بولغان ئىدىئولوگىيەلىك گۇرۇھلار خىلمۇخىل بولۇپ، ھەممە ئۆزلىرىنىڭ كۆڭلىگە پۈككەنلىرىنى قىلچىمۇ يوشۇرماستىن ئېيتىپ، ئىدىئولوگىيەلىك كۈرەش تولىمۇ ئايدىڭ بولغان ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە ئىنقىلاب قىلىش، يەنە قان تۆكۈشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلارمۇ، ئالىي مۇختارىيەتنى تەشەببۇس قىلىدىغانلارمۇ، ھاكىمىيەتنى ئۇيغۇرلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلارمۇ، مەركەزنى ھىمايە قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلارمۇ بار بولۇپ، ئوڭ تەرەپتىكىسى سول تەرەپتىكىسىنى «خىتاينىڭ غالچىسى» دەپ سۆكسە، ئوڭ تەرەپتىكىسى سول تەرەپتىكىسىنى «چەتئەلنىڭ قۇيرۇقى» دەپ ئەيبلەيتتى. شىنجاڭلىقلار شىڭ شىسەينىڭ ئون يىللىق تەربىيلىشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئېيتىۋاتقان سىياسىي پاراڭلىرى ھەم ئۆتكۈر ھەم قائىدىلىك بولۇپ كەتكەن ئىدى. ھازىر ئۈرۈمچىدە تىل ئۇرۇشى، قەلەم كۈرىشى، لەۋھە ۋە شۇئار ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىلماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئورگان گېزىتى – «شىنجاڭ گېزىتى» مۇ بۇرۇنقىغا ئوخشاش سۈكۈتتە تۇرمايدىغان بولدى. بۇ يىل ئاپرېلدىن باشلاپ، مەزكۇر گېزىت تىغ ئۇچىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قاراتتى. باش ماقالە ئېلان قىلىشتىن باشقا، 12- ۋە 16-ماي كۈنلىرى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئۇيغۇرچە ئىككى پارچە «ئوقۇرمەنلەردىن كەلگەن خەت»نى بېسىپ، ئىلى، ئالتاي، تارباغاتاي ئۈچ ۋىلايەتنىڭ جاسۇسلار بىلەن ئىدارە قىلىنىشتەك ئەپتى بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىلى ۋەقەسىگە قاتناشقان تۆۋەن قاتلامدىكى ئاممىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ، بۇ ۋەقەگە قاتناشقانلىقتىن ئەمىلى ئۆسكەن ۋە بېيىپ كەتكەنلەرگە نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى. بۇنىڭغا جاۋابەن «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىدا 29-ماي كۈنى ئىلى، ئالتاي، تارباغاتاي تەرەپتىن ئۆلكىلىك مەسلىھەت كېڭىشىگە ئەزا بولغانلار نامىدىن بىر پارچە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىندى. مەزكۇر خەتنىڭ خىتايچە تەرجىمىسى 2-ئىيۇن كۈنى «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خىتايچە نۇسخىسىغا بېسىلدى ۋە 3-ئىيۇن كۈنى يۈتىيەن (雨田) نامىدا بىر پارچە جاۋاب خەتمۇ ئېلان قىلىندى. ئىلى، ئالتاي، تارباغاتاي تەرەپ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، جاسۇسلار بىلەن ئىدارە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلدى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى رەزىل سىياسەتلەرگە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. يۈتىيەن (雨田) بولسا ئەمەلىي مىساللار بىلەن ئىلى تەرەپكە رەددىيە بەردى. ھازىر ئۆلكىلىك مەسلىھەت كېڭىشى تېخى ئېچىلماي تۇرۇپلا، كۈرەش گېزىتلەرگە ۋە كوچىلارغا يامراپ بولدى. بىزنىڭ قارىشىمىزچە بۇ خىلدىكى ئوچۇق-ئاشكارە كۈرەش بۇرۇنقى يوشۇرۇن پىستىرمىلارغا قارىغاندا كۆپ ياخشى. مەيلى ھەر قايسى ئىدىئولوگىيەدىكى گۇرۇھلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى قانداق بولسۇن، ئۇلار كۆز قارىشىنى ئوچۇق-ئاشكارە ئېيتىپ خەلققە ئاڭلىتالىسا، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ تەستىقى بولالىسا، بەلكىم خەلق ئاممىسىمۇ كەلگەنلا جايغا ئۈسسۈپ يۈرمەسلىكى مۇمكىن. شىنجاڭنى ھازىر پۈتۈن خىتايدىكى ئەڭ خەلقچىل جاي دەپ ئېيتىش مۇمكىن. بۇ جايدا سىياسىي ھەرىكەتلەر سەۋەبلىك ھېچكىم قولغا ئېلىنغىنى يوق.
گېنىرال جاڭ جىجۇڭ ئالدىنقى كۈنلىرى ئۈرۈمچىنىڭ غەربىگە 39 چاقىرىم كېلىدىغان تۇدۇڭخابا (ئۈچ دەريا) دېگەن جايدا تۇرۇپ كەلگەندىن كېيىن، شىنجاڭ خەلقىگە مەركەزنى چوقۇم ئەمەلىي تونۇتۇش كېرەكلىكى، تۇرمۇش جەھەتتىن مەركەزگە ئىشىنىدىغان قىلىش كېرەكلىكىنى ۋە شۇنداق قىلغاندىلا شىنجاڭنىڭ ئىزىدىن چىقىپ كەتمەيدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ باش بولۇپ تەسىس قىلغان غەربىي شىمال مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى جەمئىيىتى (西北文化建设协会) ۋە غەربىي شىمال خەلق تۇرمۇشى ئوقەتچىلىك شىركىتى (西北民生实业公司) لەنجۇدا قۇرۇلدى. ئوقەتچىلىك شىركىتى ھازىر 800 دانە يۈك ماشىنىسىغا ئىگە بولۇپ، ئىچكىرىدىن شىنجاڭغا مەخسۇس تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى توشۇپ ساتماقتا. يۈك ماشىنىلىرى كېلىشتىن بۇرۇن بۇ لازىمەتلىكلەر ھاۋا يولى ئارقىلىق توشۇلاتتى. شىنجاڭ ھازىرقىدەك خەلق تۇرمۇشى ناھايىتى قىيىن ئەھۋال ئاستىدا، كىم ئۇلارغا ياردەم قىلالىسا، خەلق ئەلۋەتتە شۇلارغا ئىشىنىدۇ. مەزكەر بۇ يىلى يېڭى پۇل (新币) دىن 20 مىليارد دوللار (فابىي (法币) پۇلىغا سۇندۇرغاندا 100 مىليارد دوللار) نى شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئاجراتقان بولۇپ، بەلكىم كۈتكەن ئۈنۈمگە ئېرىشەلىشى مۇمكىن. لېكىن ئۆلكە رەئىسىنى ئالماشتۇرۇشنىڭ ئالدى كەينىدە ئاللىبۇرۇن كاردىن چىققان مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ تېخىمۇ ئەبجىقى چىقىپ كەتتى. خەلقنىڭ مايىللىقى بولسا ئەنسىزلىك ئىچىدە تېنەپ يۈرمەكتە. شىنجاڭنى شىنجاڭلىقلارنىڭ باشقۇرۇشى كېيىنكى نەچچە يۈز يىلدىن بۇيانقى يېڭىلىق. بىز بۇندىن كېيىن ئەھۋالنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا تەقەززالىق بىلەن كۆز تىكەيلى.
مەزكۇر ماقالە بېسىلغان «كۈزىتىش» (观察) ژورنىلىنىڭ 1947-يىلى 21-ئىيۇن كۈنى نەشىر قىلىنغان 2-جىلد 17-سانىنىڭ مۇقاۋىسى
مەزكۇر ماقالەنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدىن بىر بەت