You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ئۇيغۇر نەۋائىي

ئۇيغۇر نەۋائىي

ئۇيغۇر نەۋائىي

(ناخشا تەكىستى)

(ئەلىشىر نەۋائىي تەۋەللۇتىنىڭ 570 يىللىقىغا ئاتاپ، 2011-يىلى)

ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي

ئاپتورنىڭ ئىلاۋەسى: بۇ ناخشا تەكىستى 2011-يىل يانۋار ئايىدا يازىلغان. ئاتاقلىق ناخشاچى شىرئەلىي ئوبۇل ئەلتەكىن تەرەپىدىن ئاھاڭغا سالىنىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەلىۋىزيە ئىستانسىسى ئۆسمۈرلەر «قار لەيلىسى» بۆلۈمى تەرەپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان 2016-يىللىق خەلقئارا بالالار بايرامىنى تەبرىكلەش مەخسۇس  پروگرامماسىدا، 31-ماي ئاخشامى زوق-شوق بىلەن ئوقۇلۇپ، ئالەمگە تارقاتىلغان.

بۇ يىل (يەئنى 2021-يىل) بۈيۈك ئەلىشىر نەۋائىي بوۋامىز دۇنياغا كەلگەنلىكىگە 580 يىل بولدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئەسەرنى تەكرار ئەلان قىلدىم. قارىنداشلارىمنىڭ ئىپتىخار بىلەن دىكلىماتسىيە قىلىشىنى ۋە شىرئەلىي ئەلتەكىنگە جۆرە بولۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.  

* * * 

مىلادىيە بىر مىڭ تۆرت يۈز قىرىق بىردە،

خۇراساننىڭ پايتەختى ھىرات شەھرىدە.

كۆز ئاچتى دۇنياغا ئەلىشىر نەۋائىي،

غىياسۇددىن ئىسىملىك ئۇيغۇر ئۆيىدە.

* * * 

لاپ گەپ ئەمەس بۇ ئۆزىمىزچە دەۋالغان،

جاھان تونۇق ئەنىق ھۆججەت ئاساسى بار،

دەيدۇر «تارىخى رەشىدىي»(1)  زەر نامىنى،

«مىرزا ھەيدەر كوراگان» دەپ ئىمزاسى بار.

* * * 

نەقرات:

نەۋائىي، نەۋائىي، ئى، ئۇيغۇر نەۋائىي،

باشقالارنىڭ بولماغاي ساڭا دەۋايى!

* * * 

ئۇنىڭسىزمۇ «مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين»(2) ،

شاھىدلىقتا بەجايىكى ئابىدە تاش.

شەرھلەنگەن تۆرت لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇش،

نەۋائىينىڭ كىملىكىگە بولۇپ قانداش.

* * * 

«سەددى ئىسكەندەرى» ھەم «ھەيرەتۇل ئەبرار »،

«سەبئە سەييارە» بىلەن «لەيلى ۋە مەجنۇن»؛

«پەرھاد-شىرىن» قوشۇلۇپ بەش داستان- خەمسە،

بەرنا دىل شەيدا ئاڭا كۆڭۈللەر مەپتۇن.

* * * 

«چاھار دىۋان» بىر قامۇس، ئۇندا يازىلغان-

بالالىقتىن ئاتالىققا پۈتكۈل ھايات.

ھەر كەلىمە-ھەر جۈملە قىممەتتە گۆھەر،

ئوقۇغاندا  قەلب ئالۇر شەربەتى ناۋات.

* * * 

ئەلىشىر ئىبنى غىياسۇددىن نەۋائىي،

ئىپتىخارلىق بوۋاسىدۇر ئۇيغۇرلارنىڭ ،

بۈيۈك مىراس ئەمگەكلەرى ئالەمشۇمۇل.

خەزىنەسى جەسۇر روھى ئەۋلادلارنىڭ.

نەقرات:

نەۋائىي، نەۋائىي، ئى، ئۇيغۇر نەۋائىي،

ساڭا دىلدىن مۇجەسسەم ئەلنىڭ دۇئايى!

* * * 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ناۋائىي ناخشاسىنى تۆۋەندەكى يوتىيۇب ئۇلانىشىدىن ئاڭلايالايسىز:

2011-يىل 11-يانۋار، خوتەن.

2021-يىل 3-فەۋرال، سان ديەگو.

(ئالىندى: «كاشغارىيە سەلكىنلەرى» 40-41-بەتلەر، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرىياتى، 2020-يىل، ئىستانبۇل)

ئىزاھات:

(1) مىلادىيە 1546-يىلى، مىرزا ھەيدەر كوراگان تەرەپىدىن يازىلغان مەشھۇر تارىخ كىتابى.  ئۇنىڭدا: «ئەلىشىر نەۋائىينىڭ داداسى ئۇيغۇر زىيالىيلارىدىن بولۇپ، ئىسمىنى ‹غىياسۇددىن كىچىكىنە› دەر ئەردىلەر» دەيىلگەن.

(2) بۈيۈك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇر شائىرى ئەلىشىر نەۋائىي (قاراڭ: «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتى» 650-بەت، يۇقىرىدىن 19-قۇر, مىللەتلەر نەشىرىياتى، 2016-يىل، بەيجىڭ) تەرەپىدىن 1499-يىل يازىلغان مەشھۇر تىلشۇناسلىق ئەسەرى. ئۇنىڭدا، نەۋائىينىڭ تىلى پەقەت «ئو، ئۇ» ئىككىلا لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشى بار ئوزبەك تىلى ئەرمەس، بەلكى «ئو، ئۇ، ئۆ، ئۈ» تۆرت لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشى بولغان مۇبارەك ئۇيغۇر تىلى ئىكەنلىكى ئەنىق شەرھلەنگەن.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top