You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى -11: لوتپۇللاھ مۇتەللىپ كۆتۈرگەن بايراق

شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى -11: لوتپۇللاھ مۇتەللىپ كۆتۈرگەن بايراق

شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى (چاتما ئەدەبىي خاتىرە)

ئون بىرىنجى باب: لوتپۇللاھ مۇتەللىپ كۆتۈرگەن بايراق

ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي

* * *

ئەزەلدىن دولقۇنلۇق ئىلى دەرياسى،

بويىدا كۈرەشچان مەردلەر ئىزناسى.

لوتپۇللاھ مۇتەللىپ كەلىدۇ باشتا،

تۆھپەكار ئەجدادنىڭ پەخىر بەرناسى.

(«كاشغارىيە سەلكىنلەرى»، 47-بەت، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرىياتى، 2020-يىل)

* * *

يەتتە يىلدا يەتمىش يىللىق ئىشنى قىلىپ بولغان ئىنسان

لوتپۇللاھ مۇتەللىپ 1922-يىل 16-نويابىر كۈنى، ئانا يۇرتىمىزنىڭ ئىلى ۋىلايەتىگە قاراشلىق نىلقا ناھىيەسىدە، بىر مەئرىپەتپەرۋەر زىيالىي ئائىلەسىدە دۇنياغا كەلگەن. (ئالىندى: ئەلقەم ئەختەم نەشىرگە تەييارلاغان: «لوتپۇللاھ مۇتەللىپ ئەسەرلەرى»، 3-بەت، 1981-يىل 2-ئاي نەشىرى، مىللەتلەر نەشىرىياتى، بەيجىڭ.) ئۇ 1931-يىلى، ئىلى شەھىرىدىكى تاتار زىيالىيلارى ئاچقان ئۇيغۇرچە مەكتەپ «تاتار مەكتەپى»گە ئوقۇشقا كىرگەن. مەزكۇر جامى-مەسجىد مائارىپىغا ئوخشاشمايدىغان ياڭى مائارىپلىق باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كەيىن، 1935-يىلى، «رۇس گىمنازىيەسى» (رۇس تىلى ئوتتۇرا مەكتەپى)گە كىرىپ ئىككىنجى تىلدا ئوقۇغان. رۇس ئوتتۇرا مەكتەپىنى پۈتتۈرگەندىن كەيىن، يەنى 1939-يىلى، ئىمتىھان بىلەن ئۈرۈمچىدىكى «شىنجياڭ دارۇل مۇئەللىمىن»گە كىرىپ، ئۇيغۇرچە ئوقۇغان. 1941- يىلى يازدا، سوۋيەت ئىتتىپاقى ئىلىم-پەن خادىملەرىنىڭ جەنۇبىي شىنجياڭنى جۇغراپىيەلىك ۋە ئەكولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئۆمەكىگە رۇس تىلى تەرجىمانلىقىغا تەئيىنلەنگەن. 1942-يىلى 2-ئايدا، «شىنجياڭ گەزىتى»گە  خىزمەتكە كىرىپ، مۇھەررىر بولغان. 1943-يىلى 11-ئايدا، «ئاقسۇ گەزىتى»گە باش مۇھەررىر بولغان.

لوتپۇللاھ مۇتەللىپ ئۈرۈمچىدىن ئاقسۇغا كەلگىچە بولغان يولدا، تەڭرى تاغىنىڭ جەنۇبىدىكى قارىنداشلارىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنى تەكشۈرگەن ھەمدە سەپەر ھاسىلاتلارىدىن «يۇلغۇنلۇقتا» ناملىق تۇنجى ھىكايەسىنى يازىپ ئەلان قىلغان. ئۇ ئاقسۇدا خىزمەتكە باشلاغاندىن كەيىن، «ئاقسۇ گەزىتى»دە «جەنۇب شامالى» ناملىق بەتنى تەسىس قىلىپ، ئاپتورلارنى ئويۇشتۇرۇپ، گەزىتنىڭ سۈپەتىنى ئۆستۈرگەن ۋە تەئسىرىنى كەڭەيتكەن. «ئۇنىڭ كەلگۈسى زور ھەم پارلاق» قاتارلىق ئەسەرلەرى شۇ بەتتە ئەلان قىلىنغان.

ل . مۇتەللىپ ئاقسۇغا كەلگەندىن كەيىن، ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانىش، ئىجادىيەتچىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش ھەم يەتەكلەش بويىچە، نۇرغۇن كونكرىت خىزمەتلەرنى ئىشلەگەندىن تاشقارى، سانايى نەفىسىي (سەھنەلىك سەنئەت ۋە گۈزەل سەنئەت) ئىشلارىغامۇ ئاكتىپ قاتناشىپ ۋە ئۇيۇشتۇرۇپ، «غەرىب ۋە سەنەم» ، «تاھىر ۋە زۆھرە» قاتارلىق ئوپىرا – دىراممالارنى سەھنەلەشتۈرگەن ۋە ئۆزى رەژىسسور، دىكراتسىيە ئىشلەگۈچى ، رول ئالغۇچى بولغان. سەنئەتچىلەرگە يەتەكچىلىك قىلىپ، «غەرىب ۋە سەنەم» ئوپىراسىنى ئاقسۇ ۋە ئونسۇ سەھنەلەرىدە كۆپ قاتىم ئويناغان ، ئۆزى غەرىبنىڭ رولىنى ئالغان.

1944– يىلى 10 – ئايدا «تاھىر ۋە زۆھرە» ئوپىراسىنى رەپىتىس قىلىشقا باشلاغان، 11- ئايدا بىر تەرەپتىن رەپتىس قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن دىكراتسىيەسىنى سىزغان. بۇ ئوپىرا 12- ئايدا سەھنەدە ئوينالغان، ل. مۇتەللىپ تاھىرنىڭ رولىنى ئالغان. دىراممانىڭ تەئسىرى ۋە ئۈنۈمى ناھايەتى ياخشى بولغانلىقتىن ئاۋات ۋە ئۇچتۇرپان ناھىيەلەرىگەمۇ بارىپ ئورۇنلانغان. (ئالىندى: غالىپ بارات يازغان «تۈندىكى چاقماق-ل.مۇتەللىپ ئاقسۇدا»دىن. «شىنجياڭ سەنئەتى» ژۇرنالى، 2011-يىللىق 5-سان.)

يۇقىرىقى بايانلاردىن مەئلۇمكى، لوتپۇللاھ مۇتەللىپ قاينام ئۆركەشى بۇ دۇنيادا، ئاز كەم يىگىرمە ئۈچ يىللا ياشاغان. ئەمما، بىز ئۇنىڭ 1937-يىلى ئاۋغوستتا ئىلىدا يازىپ ئەلان قىلغان «خەلقىمگە» ماۋزۇلۇق شىئىرىدىن باشلاپ، 1945-يىل 9-ئاينىڭ 18-كۈنى قەتلى قىلىنىشتىن بۇرۇن ئۆزى ياتقان تۇرمانىڭ تامىغا «بۇ كەڭ دۇنيا مەن ئۈچۈن بولدى دەۋزەخ، ياش گۈلۈمنى غازاڭ قىلدى قانخور ئەبلەخ» دەگەن ئىككى مىسرانى يازىپ قالدۇرغانىغىچە ئۆتكەن ساق يەتتە يىل ئىچىدە،  ۋەتەن ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن قىلغان مىننەتسىز ئىلمىي ئەمگەكلەرىنى، ئەلگە قىلغان تاماسىز خىزمەتلەرىنى ۋە ئەزىز مىللەت ئۈچۈن تەقدىم قىلغان باھاسىز تۆھپەلەرىنى ئادىل ۋىجدانىمىز بىلەن دەڭسەپ، ئادالەت تارازىمىز بىلەن تارتىپ كۆرىدىغان بولساق، ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ قىممەت ۋە ئەھمىيەت جەھەتتە يەتمىش يىللىق ئىشنى قىلىپ بولغان گىگانت بىر ئىنسان ئىكەنلىكىنى سەمىمىي تۇيغۇمىز بىلەن چوڭقۇر ھىس قىلىمىز. ئەمىسەچۇ؟ ئۇنىڭ شىئىرىي ئەسەرلەرى، نەسرىي ئەسەرلەرى، ئىلمىي مۇھاكىمە ماقالەلەرى ۋە سىزغان رەسىملەرى، تەھرىرلەگەن ئەسەرلەرى، ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتلەرى مەيلى سان-سالماق جەھەتتىن بولسۇن ۋە مەيلى سۈپەت-ساپا جەھەتتىن بولسۇن، ئەلىيۇلئەلا دەرىجەدە ئىكەنلىكىگە ھىچ مۇنازىرە كەتمەيدۇ. مانا شۇنىڭ ئۈچۈنلا، ئۇ شەھىد بولغان ئاشۇ 1945-يىل 9-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن بۇ يىل 2012-يىلغىچە ئۆتكەن يەتمىش يەتتە يىلدىن بەرى، خەلقىمىز ئۇنى ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بىلەن يادلاپ تۇرىۋاتىدۇ، چوڭقۇر سۆيۈنۈش بىلەن ئەسلەپ كەلىۋاتىدۇ ۋە ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەر بىلەن خاتىرەلەپ ماڭىۋاتىدۇ!

شۇنداق، قىممەت ۋە ئەھمىيەت جەھەتتىن ئالىپ ئەيتقاندا، ل.مۇتەللىپ ھەقىقەتەنمۇ يەتتە يىلدا يەتمىش يىللىق ئەمگەكنى قىلىپ بولغان تاپىلغۇسىز ۋە ئۇنتۇلغۇسىز بۈيۈك ئىنساندۇر!

ل. مۇتەللىپ تەتقىقاتى ۋە ئۇنىڭ ئىستىقبالى

ل . مۇتەللىپ قىسمەت بولۇپ، بۇ دۇنيادا ئاز ياشاغان، ئەمما ، ئۆز ياشامىنىڭ ھەر بىر كۈنىنى غەنىيمەت بىلىپ، ھەر بىر قەدەمدە بىر ئۆچمەس ئىز قالدۇرۇپ، ئەۋلادلارغا ئەبەدىي ئۆرنەك بولغىدەك دەرىجەدە. ساز ياشاغان ئىنسانكى، ئۇنىڭ قىسقا ئەمما ئەھمىيەتلىك ھاياتى ھەقىقەتەنمۇ تەتقىق قىلىشقا، ئۆرنەك ئالىشقا ۋە ئۆگرەنىشكە ئەرزىيدۇ. بۇ نۇقتانى تونۇپ يەتكەن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى زىيالىيلار ئۇنىڭ كىشىلىكى ۋە ئەمگەكلەرى ئۈستىدە تۈرلۈك تەتقىقاتلارنى ئالىپ بارىپلا كەلدى.

ئالايلۇق، قازاقىستاندا ئۇيغۇر ئالىمە گۈلسۇم ئاۋۇتۇۋا خانىم «لۇتپۇللاھ مۇتەللىپنىڭ ئىجتىمائىي مىراسى» دەگەن ماۋزۇدا دوكتور نامزاتى دەسىرتاتسىيەسى ياقلاغان. مەملىكەتىمىزدە، تەتقىقاتچى تۇرسۇن ئەرشىدىن ئەپەندىنىڭ ل . مۇتەللىپ توغراسىدا ئىزدەنىۋاتقانىغا ئوتتۇز يىل بولدى. ئۇ «لوتۇن»، «لۇتپۇللا مۇتەللىپ» ، «تەڭرىتاغ دىيارىدىكى ئۆچمەس يۇلتۇز»، «لۇتپۇللا مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ كەچۈرمىشلەرى»، «ل. مۇتەللىپ» قاتارلىق توققۇز پارچە كىتابىنى جامائەتچىلىككە تەقدىم قىلدى. مۆئمىن مۇھەممەدىي يازغان «شاۋقۇن»  (رومان) ، ژۇرنالىست ئەيسا يۈسۈپ يازغان «ئاقسۇدا 1945- يىل» (تارىخىي رومان) قاتارلىق كىتابلارمۇ ئۇنىڭ ھاياتىنى يورۇتۇپ بەرىشكە ئاتالغان ئەسەرلەردۇر. قازاقىستانلىق ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئەدىب خىزمەت ئابدۇللىن يازغان «لۇتپۇللاھ» ناملىق دىرامما سەھنەلەردە ئوينالغان. مەملىكەتىمىزدە جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان دەسلەپكى يىللاردا «يىراقتىكى ئۇچقۇنلار» نامىدا مەخسۇس لوتپۇللاھنىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن فىلىم ئىشلەنگەن. (ئالىندى: غالىپ بارات ئەرك يازغان: «تۈندىكى چاقماق-ل.مۇتەللىپ ئاقسۇدا»دىن)

دەمەك، مۇشۇ پاكىتلارنى چىقىش قىلىپ ئەيتالايمىزكى، يازغۇچى تۇرسۇن ئەرشىدىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ نەچچە ئون يىللىق ناياپ ئۆمۈرىنى سەرپ قىلىپ، ل. مۇتەللىپ ھاياتىنىڭ ھەممە تەرەپلەرىنى تەزكىرە-تەرجىمەھال ئەدەبىياتى نۇقتاسىدىن يورۇتۇپ بەرىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن تۆھپەكار يازغۇچى ۋە لوتپۇللاھشۇناس تەتقىقاتچىدۇر. بىز بۇ يەردە، ئۇنىڭغا، شۇنداقلا ل.مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلەرى ھەققىدە تەتقىقات ئالىپ بارغان ئەپەندىلەر ۋە خانىملارنىڭ ھەممەسىگە ئاپەرىن ئوقۇيمىز!

بىراق، ئومۇمىيەت جەھەتتىن ئالىپ ئەيتقاندا، لوتپۇللاھ مۇتەللىپنىڭ كىشىلكى ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلەرى ئۈستىدىكى تەتقىقات تەخى يەتەرلىك ئەمەس، ھازىرغىچە قىلىنغان مەزكۇر تەتقىقاتلار تەخى ئەۋلادلارنىڭ، خۇسۇسەن ياش بالىلارنىڭ ل. مۇتەللىپنى تولۇق چۈشەنىشىگە، ئۇنىڭدىن ئۆرنەك ئالىپ ئۆگرەنىشىگە كۇپايە ئەتمەس. دەمەكچىكى، ل. مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلەرى تەتقىقاتىدا بوشلۇق تەخى ناھايەتى زور،  بۇ ساھەدە، قىلىشقا تەگىشلىك ۋە ئەرزىيدىغان ئىشلار تەخى ناھايەتىمۇ نۇرغۇن.

ئالايلۇق، مەملىكەتىمىزدە، ل. مۇتەللىپنىڭ ئەسەرلەرى كلاسسىك ئەسەر نۇقتاسىدىن تەخى تەتقىق قىلىنمادى. شۇنىسى ئانىقكى، ل. مۇتەللىپ ئەسەرلەرى چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقى بىلەن يازىلغان ئەسەرلەر بولۇپ، ئۇلارنى پەقەت ئاشۇ ئەسلىي يازىق شەكلى بويىچە ئەينەن كۆرسەتىپ، ۋەسىقەشۇناسلىق ئىلمى بويىچە تەتقىق قىلغاندالا، ئاندىن ئۇلارنىڭ كلاسسىكلىق سالاھىيەتى نامايەن بولىدۇ ۋە ئاندىن ئۇلارنىڭ ئەسلىي باھاسى ۋە قىممەتى جۇلالانىدۇ. ل. مۇتەللىپ ئەسەرلەرىنىڭ بەدىئىي ئۆزگەچىلىكى ۋە ئۇ ئەسەرلەردە ئىپادەلەنگەن ئۆزىگە خاس ياشام چۈشەنچەسى، تۇرمۇش پەلسەپەسى ۋە قىممەت قاراشى تەخى ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەتقىق قىلىنمادى. ھالبۇكى، بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتنى قولغا ئالىپ، زامانىمىز ياشلارىنىڭ تۇرمۇش ئەمەلىيەتى بىلەن سالىشتۇرۇپ ئەستايىدىل تەتقىق قىلىشنىڭ بۈگۈنكى كۈنىمىزدە نەقەدەر زۆرۈر ۋە نەقەدەر نەق ئەھمىيەتلىك ئىش ئىكەنلىكى ئۆز-ئۆزىدىن مەئلۇمدۇر،

ل. مۇتەللىپ تەتقىقاتى زۆرۈر ۋە ئەھمىيەتلىك خىزمەت بولۇپلا قالماستىن، ئۇ ئۆز نۆۋەتىدە يەنە ئەڭ ئىستىقباللىق بىر ئىلمىي ئەمگەكتۇر. مەئلۇمكى، ھەر قانداق بىر مىللەت، ھەر قانداق بىر توپلۇم-جامائەتنىڭ كەلگۈسى ئىقبالى ئۇنىڭ ياشلارىنىڭ مىجەز-خۇلقى، راي-روھى ۋە ئىشەنچ-ئەقىدەسى قاتارلىقلار بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. لۆم-لۆم مىجەز، روھسىز، ئىشەنچسىز ۋە ئەقىدە ئىئتىقادسىز ياشلاردىن تەركىپ تاپقان مىللەت ۋە قەۋمنىڭ مۇتلەق ئىستىقبالى بولمايدۇ. ئەمدى، بىر مىللەتنىڭ ياشلارىغا ئىشەنچ، ئۈمىد ۋە جۇشقۇن روھ ئاتا قىلىپ تۇرىدىغان مەنبە ئەڭ ئالدى بىلەن، ئۇلارنىڭ مىللەت تارىخىدا شانلىق چالىشلار بىلەن ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرۇپ كەلگەن تۆھپەكار ئەجدادلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۆلۈمسىز ئەمگەكلەرى بولۇپ ھىسابلانىدۇ.

مۇشۇ ئەھمىيەتتىن ئالىپ ئەيتقاندا، ئىلىم-پەن ئۆگرەنىشنىڭ ھەر قانداق بىر مەدەنىي ئىنسان ئۈچۈن پەرز ئەھمىيەتىدىكى ئىش ئىكەنلىكىنى ئون بەش ياشىدىن باشلاپلا ئۆز ئەمەلىيەتى ئارقالىق ئىسپاتلاپ كۆرسەتكەن ل.مۇتەللىپ ئۇيغۇر ياشلارىنىڭ ئەبەدىيلىك ئۆگرەنىش ئۈلگەسى ۋە يىقىلماس بايراقى بولۇش سالاھىيەتىگە تولۇق ئىگەدۇركى، ل.مۇتەللىپ تەتقىقاتىنىڭ  ئىستىقبال مەنبەسى دەل مۇشۇ يەردە!

مەئلۇمكى، ھەر قانداق بىر شەخس ياكى مۇئەييەن بىر ئىشنى تەتقىق قىلىشتىن مەقسەت ئۇنىڭدىن پايدالىق ساۋاق ياكى ئىبرەتلىك تەجرىبە ئالىش ئۈچۈندۇر. شۇنداق ئىكەن، ل.مۇتەللىپ تەتقىقاتىنىڭ ئاداققىي جەھەتتە ئۇيغۇر ياشلارىغا تەقدىم قىلىپ بەرىدىغانى ئەڭ ئالدى بىلەن، ئىلىم-پەن ئۆگرەنىش ئارقالىق ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ئەھمىيەتلىك ۋە قىممەتلىك قىلىش ئاڭى، شۇنداقلا ، ئىلىم-پەن ئۆگرەنىش ئارقالىق، ھەر قانداق شارائىتتا ۋەتەنى ۋە خەلقى ئۈچۈن مىننەتسىز خىزمەت قىلىش جاسارەتى ۋە تىز پۈكمەس روھىدۇر.

ل. مۇتەللىپتىن بىزگە مىراسلار

لوتپۇللاھ مۇتەللىپ 1945- يىل 9-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچەدە، يەئنى ئۇيغۇر دەموكراتىك ئىنقىلابى ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيەسى ئاقسۇ شەھرىگە قورشاپ ھۇجۇم قىلىۋاتقان جىددىي پەيتتە،  ئۆزىگە ئوخشاش يىگىرمە نەپەر ۋەتەنپەرۋەر ياش بىلەن بىللە، جۇڭگوم (جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسى ھۆكۈمەتى) ساقچىلارى تەرەپىدىن پاجىئەلىك ھالدا ئۆلتۈرۈۋەتىلگەن. 1956-يىل 8-ئايدا، جۇڭكوم (جۇڭگو كومپارتىيەسى) مەركەزىي خەلق ھۆكۈمەتى لوتپۇللاھ مۇتەللىپنى «ئىنقىلابىي قۇربان» دەپ ئاتاشنى قارار قىلغان. (ئالىندى: يالقۇن روزى نەشىرگە تەييارلاغان:  «يىللارغا جاۋاب» (لوتپۇللاھ مۇتەللىپ شىئىرلەرى توپلامى)، كىرىش، 1-2-بەتلەر. شىنجياڭ خەلق نەشىرىياتى 2011-يىل 9-ئاي، تۆرتىنچى قاتىم قايتا باسىلىشى.)

لوتپۇللاھ مۇتەللىپ  ئۇيغۇر تارىخىدا، مىللەت ئۈچۈن پىداكارلىق بىلەن ئۆگرەنگەن، خەلق ئۈچۈن پىداكارلىق بىلەن ئىشلەگەن، ۋەتەن ئۈچۈن ئەستايىدىل خىزمەت قىلغان، ئاخىردا، ھەق ۋە ئادالەت ئۈچۈن پىداكارلىق بىلەن قۇربان بولغانكى، ئۇنى «ئۇيغۇر پىداكارلىقىنىڭ نەمۇنەسى» دەيىشكە پۈتۈنلەي ھەقلىقمىز.

مەنىڭ ئۆگرەنىشىمچە، بۈيۈك ئەجداد لوتپۇللاھ مۇتەللىپنىڭ بىزگە قالدۇرغان بىباھا مىراسلارىنى ئەڭ ئاز دەگەندىمۇ مۇنداق بىر قانچە نۇقتاغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن:

بىرىنجى، ئىشتىياق بىلەن، جىددىيەت بىلەن ئۆگرەنىش روھى

بىز بىلگەن تەرجىمەھالدا، لوتپۇللاھ مۇتەللىپ 1931 يىلى «تاتار مەكتەپى» (تاتار زىيالىيلارى ئاچقان ئۇيغۇرچە مەكتەپ)گە ئوقۇشقا كىرگەن دەيىلىدۇ. بۇنىڭدىن مەئلۇمكى، ل. مۇتەللىپ شۇ چاغدىكى ئانا يۇرت مەكتەپ ۋە مائارىپ ئىشلەرىنىڭ ئەمەلىي شارائىتى تۈپەيلىدىن، توققۇز ياشقا كىرگەندە، ئاندىن مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش پۇرسەتىگە ئەرىشكەن. ھازىرقى زاماندا، بالىلار 6-7 ياشتا مەكتەپكە كىرىپ بولىدۇ.  توققۇز ياشلىق بالىلار بولسا، 2-3- سىنىپنى پۈتتۈرۈپمۇ بولىدۇ. ئەمما، شۇنىسى ئانىقكى، ل. مۇتەللىپ مەئرىپەت ئوچاقى مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسەتىگە ئەرىشكەندىن كەيىن، دەرسلەرنى تولامۇ ئىشتىياق بىلەن تىرىشىپ ئۆگرەنگەن، تۈرلۈك بىلىملەرنى يەتىك پىداكارلىق بىلەن ئىگەلەگەن. شۇنىڭ ئۈچۈنلا، ئۇ باشلانغۇچنى ئۇيغۇرچە ئوقۇپ پۈتتۈرۈپ بولۇپ، ئوتتۇرا مەكتەپنى رۇسچە ئوقۇغاندا، ئانا تىلى بولغان ئۇيغۇرچەنى يەپ قويماغان، ئۇنتۇپ قالماغان. رۇسچە ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ دارۇل مۇئەللىمىننى يەنە ئۇيغۇرچە ئوقۇغاندىمۇ، ئۆگرەنگەن رۇسچەسىنى يوقاتىپ قويماغان. دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە، رۇسچە ئۆگرەنىش مودا ۋە رۇسچە ئۆگرەنگەنلەر ناھايەتى كۆپ بولغان ئەينى شارائىتتا، چەتئەلنىڭ ئىلمىي تەكشۈرۈش ئۆمەكىگە رۇسچە تەرجىمان بولۇش سالاھىيەتىنى، شەرەپىنى ۋە پۇرسەتىنى قازانغان. ھالبۇكى، بۇلار ئۇنىڭ مەكتەپتە ئوقۇغاندا، تۈرلۈك دەرسلەر بويىچە پىداكارلىق بىلەن، جىددىيەت بىلەن  ئەئلاچى بولۇپ ئوقۇغانلىقنىڭ ئەمەلىي ۋە ئانىق دەلىلىدۇر.

دۇنيادا، ئۆگرەنىش، يەنى مۇئەييەن قاراتمالىقى بولغان ھالدىكى ئىلىم-پەن ۋە ھۈنەر-سەنئەت ئۆگرەنىشى ئەمەلىيەتتە، يۈكسەك دەرىجەدىكى پىداكارلىق تەلەپ قىلىدىغان جەڭگىۋار پائالىيەت، يۇقىرى سەۋىيەدىكى جىددىيەت تەلەپ قىلىدىغان شەرەپشان ئەمگەكتۇركى، ل. مۇتەللىپ بۇ نۇقتانى ئەڭ ئانىق چۈشەنگەن ۋە ئۆز ئەمەلىيەتى ئارقالىق سىناق قىلىپ، ئۆرنەك كۆرسەتكەن ھىدايەتكار ئىنساندۇر.

ئۆگرەنىشنىڭ بىر ئىنسان ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىم ۋە ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىدراك قىلىپ تۇرۇپ ئۆگرەنىش، ئۆگرەنگەندىمۇ پىداكارلىق بىلەن، جانپىدالىق بىلەن ئۆگرەنىش ئاڭى ۋە بىباھا چۈشەنچەسى ئۇنىڭ «ياشلىق ئۆگرەن» دەگەن شىئىرىدا دادىغا يەتكۈزۈپ ئىپادەلەنگەن: قەنى بىللە ئوقۇپ، مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى:

ياشلىق ئۆگرەن

ياشلىق تىرىش-تىرماش، ھارماي ئۆگرەن،

ئىلىمنىڭ دەڭىزى قاينام ھەم چوڭقۇر.

نادانلىق ئۇ «ھەممەنى بىلدىم» دەگەن،

مۇنداقلا كۆرۈپ، ۋاراقلاپلا بىر قۇر.

 * * *

ئىلىم-مۆئجىزەلەرنىڭ سىرىن ئاچقۇچى،

بىر كۈن ياشاش ئۈچۈن ئوقى ئون يىل!

كۆزلا ئەمەس ئالدىڭغا نۇر چاچقۇچى،

قاراڭغۇنى يورۇتىدۇ يورۇق دىل.

* * *

ھەر بىر ھادىسە يوشۇرۇن سىر ساقلايدۇ،

توقۇلمالارى ئۇنىڭ ئاجايىپ.

ئىلىم ھارماس، مەرد ئادەمنى ياقلايدۇ،

ناداننىڭ كۆزىدىن ئۇ ھەر قاچان غايىب.

* * * 

راھىب بول ئىلىمنىڭ نازاكەت چۆلىدە،

مۆئجىزەلەر گۈمبەزىگە شەيخ.

كۈن-تۈن زىكرى قىل شۇلار تۈۋىدە،

ئىجتىھاد سەنى دەگۈزمەس دەرىخ.

* * * 

ئادەم بالاسى پارقىراق، كىر قونماس ئەسىل،

ھەممەدىن ئۆتكۈر ئۇنىڭ مىڭەسى.

ياق، ئويلان…ئوبدان پىكىر قىل،

دەۋرگە ئامراق ياڭىنىڭ ياڭىسى.

* * * 

ئۆگرەنىش سازىغا ماھىر سازەندە،

كۆرگىن، سىيرىپ قول چەككەنىنى.

تارغا تىل بەرگەنمۇ شۇ ئاددىي بەندە،

تاماشا قىل مۇقاملار يولىن ئەگكەنىنى.

* * * 

قايسى مۇقام، قايسى پەردە باغرىڭ،

قايسى سازەندە دىلىڭغا سۇ بەرگەن؟

قايسى ناخشا پەسلەتكەن زارىڭ،

قايسى ناخشا كۆڭۈلگە گۈل تەرگەن؟

* * * 

ئويلاساڭ، ياشلىق قىسقا، سەنىڭ ئۆمۈرۈڭ-

تاڭدا چىچەكلەپ، گويا كەچتە قۇيۇلىدۇ.

دىماغقا خۇش پۇراق چاچىپ گۈللەرىڭ،

كۆز ئاچىپ، يۇمغاندەك تۇيۇلىدۇ.

* * * 

ئەرلەرنى باسسا ساقال-بۇرۇتلار،

قىزلارغامۇ ئىز سالىدۇ بۈدۈر-قوۋرۇقلار.

پۇرلاشمايدۇ دەرەخلەر ياپياشىل تۇرۇپلا،

يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يەيدۇر قۇرۇتلار.

* * * 

ياشلىق چاقماقسەن، چاقىپ ئۆچىسەن،

ئەۋرىشىم چاغىڭ مۇشۇ ئۆگرەنگىن، ئۆگرەن!

قاراڭغۇ دىل چۆلىگە بىر كۈن چۆكىسەن،

ئادەم بولۇش دۇلدۇلىغا سالماساڭ يۈگەن.

1943-يىل، ئاۋغوست، ئۈرۈمچى.

كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇپ بىلدۇقكى، ل.مۇتەللىپ «ياشلىق، ئۆگرەن!» ماۋزۇلۇق بۇ شىئىرىدا، ئىنسان زادى نەمە ئۈچۈن چوقۇم ئۆگرەنىشى كەرەك؟ بىر نەرسە ئۆگرەنىش ئاسان ئىشمۇ ياكى تەرس ئىشمۇ؟ ئۆگرەنىش زادى نەمەگە ئەسقاتىدۇ؟ ئۆگرەنىشنىڭ مەۋسۇمى قاچان ۋە مەقسەتى نەمە؟ …دەگەنگە ئوخشاش رىئال ئەھمىيەتلىك مەسىلەلەرگە ئەستايىدىل جاۋاب بەرگەن.

ل. مۇتەللىپنىڭ چۈشەنچەسىچە، ھەر قانداق بىر ئىنسان ئادەم بولۇش، يەنى ھەقىقىي بىر ئىنسان بولۇش ئۈچۈن جەزمەن ئۆگرەنىشى كەرەك. بۇ ئۇنىڭ مەزكۇر شىئىرىنىڭ چۈشۈرگە بەيىتىدىكى «قاراڭغۇ دىل چۆلىدە بىر كۈن چۆكىسەن، ئادەم بولۇش دۇلدۇلىغا سالماساڭ يۈگەن» دەگەن ھۆكۈم مىسرالارى بىلەن ئانىق ئىپادەلەنگەن. يەئنى ئىنسان بۇ دۇنيادا ھەقىقىي بىر ئادەم بولۇپ ياشاشقا بەل باغلاپ، ئىلىم-پەن ئۆگرەنمەسە، ئۇ ئاقىۋەتتە ساۋاتسىزلىقنىڭ چۆلىدە، ئىلىمسىزلىكنىڭ دەشتىدە ھالاك بولىدۇ شۇ.

ئىلىم ئۆگرەنىش ئاسان ئىشمۇ؟ ياق، ئىلىم ئۆگرەنىش ناھايەتىمۇ تەرس ئىش، ل.مۇتەللىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئىلىمنىڭ دەڭىزى قاينام ھەم چوڭقۇر»، شۇڭا «ياشلىق، تىرىش-تىرماش، ھارماي ئۆگرەن». روشەنكى، بۇ يەردىكى «ياشلىق» ئەمەلىي ئۇقۇمدا، «ياشلار، ياش ئادەم، ياشلىق مەزگىل ساھىبى» دەگەن بولىدۇ. يەنى ئىلىمنىڭ دەڭىزى باشقا دەڭىزلارغا ئوخشاشمايدۇ، ئۇ قايناملىق ۋە چوڭقۇر بولىدۇ. شۇڭلاشقا، تۇرمۇش يولىغا ياڭىدىن قەدەم قويغان ياشلار تىرىشىپ-تىرماشىپ، ھەمدە ھاردىم-تالدىم دەمەي ئۆگرەنىشلەرى كەرەككى، پەقەت شۇ چاغدالا ئاندىن چەندىكىدەك ئۈنۈم قازانالايدۇ.

ياشلار زادى نەمە ئۈچۈن ئۆگرەنىشلەرى كەرەك؟ چۈنكى، ئۆگرەنىش «ئىلىم- مۆئجىزەلەرنىڭ سىرىن ئاچقۇچى»دۇر، شۇڭلاشقا، «بىر كۈن ياشاش ئۈچۈن ئوقى ئون يىل». يەئنى قالاقلىق، نامراتلىق ۋە قاششاقلىق بىلەن بىر ئۆمۈر ياشاغىچە، ئىلىم –پەن بىلەن مۆئجىزەلەر ياراتىپ، پاراۋان ۋە گۈللەنگەن تۇرمۇش مۇھىتى ئىچىدە بىر يىل ياشاش ئۈچۈن، ئون يىل ئوقۇساڭمۇ ئەرزىيدۇ.

ئۇنداق بولسا، ئۆگرەنىش پائالىيەتىنى زادى قانداق پوزىتسىيەدە ئالىپ بارسا، ئاندىن توغرا بولىدۇ؟ بۇ مەسىلەگە ل.مۇتەللىپ: «ئويلاساڭ ياشلىق، قىسقا سەنىڭ ئۆمۈرۈڭ، تاڭدا چىچەكلەپ گويا كەچتە قۇيۇلىدۇ.دىماغقا خۇش پۇراق چاچىپ گۈللەرىڭ، كۆز ئاچىپ-يۇمغاندەك تۇيۇلىدۇ» دەگەن كەسكىن كەلىمەلەر بىلەن جاۋاب بەرگەن. يەئنى ھايات گويا ئاتقان ئوققا ئوخشايدۇ؛ يىللارنىڭ ئۆتۈشى ۋە پەسىللەرنىڭ ئالماشىشى بولسا، ئاداققىي جەھەتتە ئىنسانغا خۇددى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقانچىلىك ۋاقىت تۇيغۇسىنى بەرىدۇ. شۇڭا، ياشلار، بەرنالار مىنوت-سەكونتنىمۇ قولدىن بەرمەي، جىددىيەت بىلەن ئۆگرەنىشلەرى كەرەكتۇر!

مۇلاھىزە بىلەن كۆرۈۋالىش تەرس ئەرمەسكى، ئەمدىلا يىگىرمە-يىگىرمە بىر ياشقا كىرگەن ل مۇتەللىپ ئىنسانلىقنىڭ ئەڭ ئالىي، ئەڭ قىممەتلىك پائالىيەتى بولغان ئۆگرەنىشنى ئاشۇنداق يۈكسەكلىكتە تونۇغان، ئاشۇنداق ئەئلا دەرىجەدە چۈشەنگەن. ئۇ ئەنە شۇنداق يۈكسەك تونۇش ۋە ئالىيجاناب ئاڭنىڭ يەتەكچىلىكىدە، تولۇپ تاشقان ئىشتىياق بىلەن، ھەمىشەملىك جىددىيەت بىلەن، تىرىشىپ –تىرماشىپ ئۆگرەنگەنلىكى ئۈچۈنلا، ئۆگرەنىشنىڭ ھەممە ساھەسىدە ئوخشاشلا پارلاق نەتىجە ۋە قىسقاغىنە ئۆمۈرىدە ئەبەدىيلىك ھايات قازانغاندۇر!

ئىككىنجى، جانلىق ئۆگرەنىپ جانلىق ئىشلەتىش ۋە ئەمەلىيەتچانلىق روھى

ئۆگرەنىش ئۇسلۇبى بابىدا، «ھەر قانداق بىر نەرسەنى ئۆلۈك ئۆگرەنمەسلىك، كۆچۈرمەچى بولماسلىق، جانلىق ئۆگرەنىپ، جانلىق ئىشلەتىش كەرەك» دەگەن نەزەرىيەنى ھەممە ئادەم ئاڭلاغان، ھەممە ئىنسان بىلىدۇ. ئەمما، مەزكۇر نەزەرىيەنى ئۆز ئەمەلىيەتىگە تەدبىقلاپ كۆرسەتىش بەسى مۈشكۈل بىر ئىش مەنىڭچە. بۇ بەسى مۈشكۈل ئىشنى، يەئنى ئۆگرەنىشتە قۇرۇق نەزەرىيەچى بولماسلىق، ئەمەلىيەتچان بولۇش، ئۆگرەنگەن نەرسەنى ئامال بار بالدۇرراق ئەمەلىي پائالىيەتكە ئايلاندۇرۇش، ئىمكان بار بۇرۇنراق ئەمەلىيەت غەلۋىرىدىن ئۆتكۈزۈشنى بۈيۈك ئەجداد ل. مۇتەللىپ ئۆز ھاياتىدا دادىغا يەتكۈزۈپ سىناق قىلغان ۋە مول مىساللار بىلەن ئىسپاتلاپ كۆرسەتكەندۇر.

ئالايلۇق، ئۇ بالالىق چاغىدا «تاتار مەكتەپى»گە كىرىپ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرچە ئانا تىلى بويىچە مائارىپ كۆرگەن. ئارقادىن شۇ چاغدىكى تەقەززالىق ۋە ئەمەلىي تەلەپ بويىچە «رۇس تىلى مەكتەپى»گە كىرىپ ئىككىنجى بىر تىل بولغان رۇس تىلى بويىچە مائارىپ كۆرگەنكى، بۇ ئەمەلىيەتى ئارقالىق، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدا، قوش تىل (ئىككى تىل) بويىچە مائارىپ-مەئرىپەت كۆرۈشتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆرنەك كۆرسەتكەن.  مەنىڭچە، بۇ -بۈگۈنكى  زامانىمىز ياشلارى كۆڭۈل قويۇپ تەتقىق قىلىشقا ۋە ئۆرنەك ئالىپ ئۆگرەنىشىگە ئەرزىيدىغان مۇھىم بىر تەجرىبە-ساۋاقتۇر!

ل. مۇتەللىپنىڭ ئوقۇش-ئۆگرەنىش ھاياتىدا، ئەۋلادلارنىڭ ئۆگرەنىشىگە مۇناسىپ كەلىدىغان يەنە بىر تەرەپ شۇكى، ئۇ ئۆز زامانىسىدا، مەكتەپتە ئۆگرەنگەنلەرىنى تۇرمۇش ئەمەلىيەتىدىن ئۆتكۈزۈپ، پىكىر-تۇيغۇلارىنى ئۆز خەلقى بىلەن ئورتاقلاشىشنى بالدۇرلا باشلاغان. مىسال ئۈچۈن بۇ يەردە، 1937-يىلى ئەمدىلا ئون بەش ياشقا كىرگەن ل. مۇتەللىپنىڭ غۇلجادا  يازغان «ئەپەندى بولماق» ماۋزۇلۇق شىئىرىنى ئوقۇپ كۆرەيلى:

* * *

بۇ يىل ئون ئىككى يىل بولۇپ قالدى، ئۇكام،

بۇ «ئەپەندى بولماق» مەنى بىر بالاغا سالدى، ئۇكام.

شۇ ئون ئىككى يىل ئىچىدە ساقالىمنى قىرىپ يۈردۈم،

كەينى يارىق چاپانلارنىمۇ كىيىپ يۈردۈم،

لەكىن «ئەپەندى» دەگۈچىلەرنى ھىچ كۆرمەدىم، ئۇكام،

بىر جاۋاب بەرسەڭىزچۇ، «ئەپەندى» دەمەسكە يەنە نەمە كام؟

* * *

غەم يەمەڭ، ئاكا، ئۇنىڭ ئىشى بۇ زاماندا بەك ئاسان،

ھازىر ئۇدۇللا ماگىزىنغا بارىسىز.

ئازراق پۇلىڭىزغا كاستيۇمدىن بىرنى ئالىسىز،

يەنە كازبىكتىن بىرنى يانچۇققا سالىسىز.

يەنە ئالىسىز ئاق كۆڭلەك ۋە ئۇزۇن گالىستۇك،

بىر سارىق شىبلىت كىيىسىز ئاندىن ئۇنى موك.

* * * 

تاماكىڭىزنى قىڭغىر چىشلەپ يۈرۈۋەرىڭ،

سىزنى «ئەپەندى» دەگۈچىلەرنى كۆرۈۋەرىڭ.

(1937-يىل، نويابىر، غۇلجا)

شائىر لوتپۇللاھ مۇتەللىپنىڭ بۇ ساتىرىك شىئىرى شۇ ۋاقىتتىكى «ئىلى گەزىتى»گە باسىلغان. ئۇ چاغلاردا، ياڭى زىيالىيلار قوشۇنى ئەمدىلا شەكىللەنىشكە باشلاغان بولۇپ، كۆپ قىسمى ئوقۇتقۇچىلاردىن ئىبارەت ئىدى. كىشىلەر ئۇلارنى ھۆرمەتلەپ «ئەپەندى» دەپ ئاتايتتى. شائىر بۇ ساتىراسىدا، ئۆزى بىلىمسىز تۇرۇپ، زىيالىيلارچە ياسانىش ئارقالىق «ئەپەندى» بولۇش ئارزۇسىدا يۈرگەن بىر ئەخمەقنى مەسخىرە قىلىدۇ. (ئالىندى: «يىللارغا جاۋاب» (ل. مۇتەللىپ شىئىرلەرى)، شىنجياڭ خەلق نەشىرىياتى، 2011-يىل9-ئاي 4-باسىلىشى)

ل. مۇتەللىپ تەرجىمەھالىدىن مەئلۇمكى، 1937-يىل دەگەن مۇتەللىپ تەخى رۇس گىمنازىيەسىدە، يەنى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىل ھىسابلانىدۇ. بۇ ھال بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، ل.مۇتەللىپ باشلانغۇچ مائارىپنى ئانا تىلى بىلەن ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ئالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتىغا بولغان مۇھەببەت ئۇنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا ئانا تىل سۆيگۈسىدە تاۋلانغان بولغاچ، رۇس گىمنازىيەسىدە رۇس تىلى بىلەن مائارىپ كۆرگەندەمۇ، ئۇيغۇرچەنى تاشلاپ قويماغان، ئۇنتۇپ كەتمەگەن. ئۆز زامانىسىدىكى رۇس تىلى ئۆگرەنىش دولقۇنى ۋە ئىجتىمائىي قىزغىنلىقى ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئانا تىلى مۇھەببەتىنى ئازراقمۇ سۇسلاشتۇرالماغان، بەلكى ئۇ يەنەلا ئۇيغۇرچە تەپەككۇر قىلىپ، ئۇيغۇرچە ئوقۇش-يازىشنى ۋە ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى بىلىملەرى بويىچە ئۆزىنى تاكاممۇللاشتۇرۇشنى قىلچەمۇ بوشاشتۇرۇپ قويماغان. شۇنىڭ ئۈچۈنلا، ئۆزى ئىككىنجى بىر تىلدا ئوقۇۋاتقان چاغىدامۇ، «ئەپەندى بولماق» كەبى ئانىق مەيدان، روشەن پىكىرلىك گۈزەل شىئىرنى گەزىتتە ئەلان قىلغۇدەك سەۋىيەدە يازالاغانكى، مەزكۇر شىئىردا ئىپادەلەگەن پىكىر شائىرنىڭ 1942-يىل ئۈرۈمچىدە يازغان: «مەئرىپەت ئىزدە، ئەرىنمە، سەرپ ئەتكىن كۈچۈڭنى؛ بوياق بىلەن بوياغىچە تاشىڭنى، ئىلىم بىلەن زىننەتلەگىن ئىچىڭنى» (قاراڭ: «يىللارغا جاۋاب»(ل.مۇتەللىپ شىئىرلەرى)، 67-بەت، شىنجياڭ خەلق نەشىرىياتى، 2011-يىل 9-ئاي 4-باسىلىشى) دەگەن مەشھۇر پارچەسىدا ئىپادەلەگەن تەپەككۇر جەۋھەرىگە تولامۇ جىپسا كەلىدۇ.

روشەنكى، ل. مۇتەللىپنىڭ بۇ ئەمەلىيەتى بۈگۈنكى دەۋرىمىزدە، ئانا تىلىمىزدىن باشقا، ئىككىنجى بىر تىل بىلەن مائارىپ كۆرۈش مەجبۇرىيەتى ۋە  ئىنگلىز تىلى ئۆگرەنىش قىزغىنلىقى دەڭىزىدا ۋاقىتسىز شەھىد بولۇپ كەتىۋاتقان ئەۋلادلارىمىز ئۈچۈن بىر جانلىق دەرس ۋە تولامۇ ئەھمىيەتلىك بىر ساۋاقتۇر!

ل. مۇتەللىپنىڭ ئىككىنجى بىر تىل بىلەن مائارىپ كۆرىۋاتقان ئەھۋالدامۇ ئۆز ئانا تىلى بىلەن شۇنداق گۈزەل شىئىرىي ئەسەر يازىپ ئەلان قىلدۇرالاغانلىقى بىلەن پاراللىل ھالدا، ئۇنىڭ ئىككىنجى تىل بولغان رۇسچەنى ئۆگرەنىپ، چەتئەل ئىلمىي تەتقىقات ئۆمەكىگە خەلى ئۇزاق مەزگىللىك (بىر يىل) تەرجىمانلىق قىلىشنىڭ ھۆددەسىدىن چىقالاغۇدەك سەۋىيە ھاسىل قىلغانلىقى ئۇنىڭ ئۆگرەنىشتە بولۇر-كەتۈر، ئۆلۈك سۈلۈك ئەرمەس، بەلكى جانلىق ئۆگرەنىپ جانلىق ئىشلەتىشنى بىلىدىغان، نەمەنى ئۆگرەنسە شۇنى ئوخشاتىپ ئۆگرەنەلەيدىغان ۋە ئۆگرەنگەننى ئىمكان بار شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدەلا ئەمەلىيەتتە ئىشلەتىش ماھارەتىگە ساھىب بولغان بىر ئۆگرەنىش ماھىرى ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدۇكى، بۇمۇ زامانىمىز ياشلارى ئۈچۈن، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەردىكى پۈتكۈل ئوقۇش ھاياتىنى پەقەتلا «باش كۆتۈرمەي كىتاب ئوقۇش دەۋرى، تەييار نەزەرىيەلەرنى ئۆلۈك يادلاش دەۋرى» قىلىپ قويىدىغان، كىتابتىن ئۆگرەنگەنلەرىنى ئىشلەتىپ، ئەمەلىي  پائالىيەتلەرگە (مەيلى ئۇ يازىق بىلەن بولسۇن ۋە مەيلى ئاغىز بىلەن بولسۇن) مۇتلەق قاتناشمايدىغان ياشلار ئۈچۈن ئەيتقاندا، ئۆرنەك ئالىشقا ۋە ئەستايىدىل ئۆگرەنىشكە ئەرزىيدىغان بەكمۇ مۇھىم بىر تەجرىبە-ساۋاقتۇر، مەنىڭچە.

ئۈچىنجى، پىداكارلىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق روھى

ئابلىمىت ئابدۇللاھ ئەپەندى يازغان «مەرھۇم پولكوۋنىك سوپاخۇن سۈۋۈروفنى ئەسلەيمەن» ماۋزۇلۇق ئەسلەمەدە مۇنداق بىر بايان بار: «سابىق شەرقىي شىنجياڭ ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى مۇزەپپەر ئابدۇللايوف (لوتپۇللاھ مۇتەللىپنىڭ نەۋرە ئاچاسى گۈلسۇم مۇتەللىپ ‹1919-1999-يىللار›نىڭ كۈيوغلى) لوتپۇللاھ مۇتەللىپنىڭ ھايات پائالىيەتى ھەققىدە توختالىپ مۇنداق دەگەن: » 1945-يىلى، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتى رەھبەرلىكى ئاقسۇدىكى لوتپۇللاھ مۇتەللىپ ھاياتىنىڭ خەۋپ ئىچىدە قالغانلىقىدىن خەۋەر تاپىپ، ئابدۇغوپۇر ناسىروف قاتارلىق كىشىلەرنى لوتپۇللاھ مۇتەللىپنى غۇلجاغا ئالىپ چىقىش ئۈچۈن، ئالاھىدە ئاقسۇغا ئەۋەتكەن. ئابدۇغوپۇر ناسىروفلار ئاقسۇغا بارىپ، لوتپۇللاھ مۇتەللىپ بىلەن كۆرۈشىدۇ. مەقسەتنى ئۇقتۇرغاندىن كەيىن، لوتپۇللاھ مۇتەللىپ ئابدۇغوپۇر ناسىروفلارنىڭ پىكىرىگە قوشۇلۇپ، غۇلجاغا كەتمەكچى بولىدۇ. بىراق، يولغا چىقىدىغان چاغدا، ئاتنىڭ ئۈزەنگەسىگە پۇتىنى ئالىپ بولغان ل. مۇتەللىپ توساتتىن ئۆزىنىڭ ئىچىنى تىڭشاپ تۇرۇپ قالىدۇ. ئابدۇغوپۇر ناسىروف: ‹نەمە بولدىڭىز؟ تىز بولۇڭ!› دەگەندە، ئۇ: ‹شۇ تۇرۇقتا مەن ئاقسۇدىن كەتسەم، بىرىنجىدىن، مەن گومىنداڭدىن قورققان بولمامدىمەن؟ ئىككىنجىدىن، سەپداشلارىمنى تاشلاپ كەتسەم، قانداق بولىدۇ؟ ياق، مەن كەتمەيمەن. سەپداشلارىمغا نەمە بولسا، ماڭامۇ شۇ!› دەپ، غۇلجاغا كەتىشتىن يالتايىپ قالىدۇ. ئابدۇغوپۇر ناسىروفلار نەسىھەت قىلىپ: ‹مۇتەللىپ، ياخشىسى بىز بىلەن بىللە غۇلجاغا كەتىڭ. بولماسا، ھاياتىڭىزغا خەۋپ يەتىدۇ. بۇ- رەھبەرلىك بىزگە ئالاھىدە تاپشۇرغان ۋەزىپە. ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت بىلەن باش قوماندانلىق ئىشتابى پات ئارادا جەنۇبىي شىنجياڭنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن قوشۇن ئەۋەتىدۇ. سىز شۇ چاغدا، مىللىي ئارمىيە قىسىملارى بىلەن يەنە ئاقسۇغا كەلسەڭىز بولىدۇ ئەمەسمۇ؟› دەگەندە، مۇتەللىپ: ‹ ياق، كەتمەيمەن. سەپداشلارىم بىلەن ھايات-ماماتتا بىللە بولىمەن. مەن ئاقسۇدا، مىللىي ئارمىيەنىڭ زەپەر قۇچۇپ كەلىشىنى كۈتىمەن› دەپ، ئاقسۇدا قاپقالىدۇ. ئابدۇغوپۇر ناسىروفلار ئامالسىز ئۆزلەرى غۇلجاغا قايتىپ كەتىدۇ» (ئالىندى: «شىنجياڭ تەزكىرەچىلىكى» ژۇرنالى، 2011-يىللىق 4-سان، 46-بەت)

مەنىڭچە، يۇقىرىقى بايانلار ل.مۇتەللىپنىڭ يالغۇز شىئىرنى ياخشى يازالايدىغان بىر شائىر، ئىستىداتلىق بىر سەنئەتكارلا ئەرمەس، بەلكى ئەڭ ئالدى بىلەن، مىللەت ئاڭى يەتىك، قەۋم – جامائەت تۇيغۇسى مۇكەممەل، ئىنسانىي قارىنداشلىق- ئاغىنەدارچىلىق يۈرەكى بەجىرىم بولغان بىر مەردانە ئىنسان ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدۇ.

مەن خەلقىمىزنىڭ ل.مۇتەللىپگە بەرگەن «ئوت يۈرەك» دەگەن سۈپەت -تەۋسىپىنى بەكمۇ ياقتۇرىمەن. ئۇ خۇددىي ئۆز شىئىرلەرىدا: «خاھلايمەن دوستۇم بۇلاقتەك خوشھال شارقىراپ ئاقىشنى؛ خاھلايمەن ئەركىن تايلاقتەك ئىجاد يايلاقىدا قىيغاتىشنى. خاھلايمەن شىئىرىم ئۇرۇقلارىنى ۋەتەن باغرىغا چاچىشنى؛ خاھلايمەن دەريا قىرغاقلارىدا رەئنا گۈللەر ئاچىلدۇرۇشنى» («دوستۇمغا»، يۇقىرىقى توپلام، 84-بەت)، «ئاسىلارمەن مىلتىق ئاتىپ تاۋلانغان قولغا، ياپىشارمەن بايراق بىلەن ئالغا ئاتلاغان يولغا؛ كۈرەش باياۋانىدا ھارماسمەن ئەسلا، يەڭىش بىلەن كەلىپ چىقامىز كەڭ غالىب يولغا» («يىللارغا جاۋاب»، يۇقىرىقى توپلام، 82-بەت) دەگەنىدەك، كىشىلىك تۇرمۇشقا، مىللىي دىموكراتىك ئىنقىلابقا، شۇنداقلا ئىنسانىي ھاياتنىڭ تۈرلۈك مەزمۇنلارىغا ئوخشاشلا ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى، ئۆزىگە شۇغۇللانىش نەسىپ بولغان ھەر قانداق بىر ئىشقا جىددىيەت بىلەن كىرىشەتتى ۋە ئەڭ ياخشى نەتىجە قازانىش ئۈچۈن پۈتكۈل كۈچى بىلەن تىرىشاتتى.

ئالايلۇق، ئۆزى سەھنە ئەسەرى يازاتتى، ئۆزى باش رول ئالاتتى، گەزى كەلگەندە، سەھنە دىكراتسىيەلەرىنى يەنە ئۆزى قول تىقىپ سىزاتتى. بۇ يەردە مەسىلەنىڭ نازۇك ۋە قىممەتلىك يەرى ئۇ بۇ ئىشلارنى شەخسى كىرىم-چىقىمى ئۈچۈن، ئۆزى شەخسىي نام-ئابروي قازانىش ئۈچۈن، ئۆزىنى كۆرسەتىش ئۈچۈن ئەرمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئاشۇ ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقى ۋە ئۇلارنى بەجا كەلتۈرسە، ئۆزى تەۋە (تابى) بولغان كوللىكتىپقا، خەلققە پايدا كەلتۈرىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇلارنى قىلىشنىڭ ئۆزى ئۈچۈن پەرز-بۇرچ ئىكەنلىكىنى بىلىپ، بىلىك ئىچىدە، ئاڭلىق قىلاتتى.

ھەر قانداق سورۇندا ئۇ ئۆزىنى ئۆز خەلقى، ئۆز سەپداشلارى ۋە ئۆز مەسلەكداشلارىنىڭ ئىچىگە قوياتتى؛ ھەر قانداق ئىش قىلغاندا بولسا، ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆز خەلقىنى، ئۆز سەپداشلارىنى، ئۆز مەسلەكداشلارىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئاشۇلارغا بەرگەن سۆزىنى، لەۋزىنى ۋە ۋەئدەسىنى ئويلاپ ئىش قىلاتتى. ھەتتا خۇددىي يازغۇچى ئابلىمىت ئابدۇللاھ ھىكايە قىلغانىدەك، ئۆزىنىڭ ھاياتى تەھلىكە ئاستىدا قالغان، قاچسا قۇتۇلىدىغان.تۇرسا تۇتۇلىدىغان ۋە ئۆلىدىغان ئەھۋالدامۇ، ئالدى بىلەن ئاشۇ بىر-بىرىگە سۆز بەرىپ لەۋزە قىلىشقان سەپداشلارىنى، ھەممەسلەك ئاغىنەلەرىنى ئويلاغان ۋە ئۇلارغا ئىزاھات بەرىپ قويماي، ئۇلارنىڭ رازىيلىقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ شەخسىي جانىنى قولتۇقىغا قىستۇرۇپ «غىپپىدە»لا تىكىۋەتىشنى، قاچىپ كەتىشنى قانداق ئويلاسىمۇ، مۇتلەق راۋا كۆرمەگەن، مەردلىك ھىسابلاماغان.

مەنىڭچە، مەرد بىلەن نامەردنىڭ پەرقى مۇشۇنچىلىكلا: مەردانە ئادەم ھەرقانداق ئەھۋالدا، دەسلەپ باشقا ھەممەسلەكلەرنى، خەلقنى ئويلايدۇ؛ نامەرد-خۇمسى ئادەم بولسا، باشتامۇ، ئاياغدامۇ پەقەت ۋە پەقەت ئۆزىنىلا ئويلايدۇ، خالاس!

ھالبۇكى، ل. مۇتەللىپنىڭ «ياشلىق، ئۆگرەن»ى بىلەن «يىللارغا جاۋاب»ى ئۇنىڭ ئەنە شۇنداق خەلقپەرۋەرلىك، مىللەتپەرۋەرلىك ۋە مەردانەلىك پەزىلەتى بىلەن تويۇنغان ياش ئوتلۇق يۈرەكىدىن ئۇرغۇغان دۇردانەلار بولغانلىقى شاراپەتىدىن،  ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن، خۇسۇسەن ئۇيغۇر ياشلارى ئۈچۈن، مەڭگۈلۈك، ئەبەدىيلىك ۋە ئۆلۈمسىز ماياك ئەسەرلەر بولۇپ كەلدى ۋە كەلمەكتە!

تۆرتىنجى، ئۆرنەك ياشام، ئەينەك ھايات ۋە ئەۋلاد بۇرچى

بىر ئىنسان بۇ دۇنيادا، ئۇزۇن ياشاشىمۇ مۇمكىن، قىسقا ياشاشىمۇ مۇمكىن. ئەمما بەختلىك ۋە ئەھمىيەتلىك ياشاش ھەر قانداق بىر نورمال ئىنساننىڭ ئەقەللىي ئارزۇسى. ئەمدى، ئىنسان زادى قانداق ياشاغاندا، بەختلىك ۋە ئەھمىيەتلىك ياشاغان  بولىدۇ؟ بۇ سوئالغا قىممەت قاراشى ئوخشاش بولماغان ئىنسانلار ئوخشاماغان جاۋاب بەرىشى تەبىئىي.

مەنىڭ قاراشىمچە، ھاياتنىڭ قىممەتى ياشاغۇچىنىڭ ئۇزۇن ياكى قىسقا ئۆمۈرلۈك بولۇشىنى ئۆلچەك قىلمايدۇ. بەلكى ئومۇمەن قىلىپ ئەيتقاندا، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتپەرۋەرلىك ئاڭى ۋە ئەقىدەسى ئاساسىدا، تىرىشچانلىق، ئىجادچانلىق ۋە پىداكارلىق بىلەن ئۆتكەن ھايات بەختىيار ھايات، ئەھمىيەتلىك ياشام بولىدۇ. ئەگەر بۇ چۈشەنچە توغرا كۆرۈلگەن تەقدىردە، بىز تونۇغان ۋە كۈندىن كۈنگە چوڭقۇر تونۇۋاتقان گىگانىت ئىنسان لوتپۇللاھ مۇتەللىپ قاينام ئۆركەشىنىڭ ھاياتى بۇ دۇنيادا ئەھمىيەتلىك ياشاش ئىستەكىدە بولغان ئىنسانلار ئۈچۈن ئۆرنەك بولالايدىغان، ئىلىم-پەن ئۆگرەنىش ۋە ئۆگرەنگەن ئىلىم-پەن ئارقالىق ۋەتەننى، مىللەتنى روناق تاپقۇزۇشنى ئىستەك ۋە غايە قىلغان ياشلار ئۈچۈن ئەينەك بولالايدىغان ھايات ھىسابلانىدۇ، ئەلۋەتتە!

«لوتفۇللاھ مۇتەللىب – قاينام ئۆركەشى. جاھان بىلىدۇ، لوتفۇللاھ مۇتەللىبتە، بۈگۈنكى خەلى ـ خەلى ئۇيغۇردا يوق ساۋات، بىلىم، ئىقتىدار ۋە ماھارەتلەر بار ئىدى. ئۇ ھەم شائىر، ھەم يازغۇچى، ھەم كومپوزىتور، ھەم رەسسام ۋە ھەم سەھنەدە رول ئالىپ ئوينايالايدىغان سەنئەتكار ― ئەدەبىيات ۋە سەنئەتنىڭ ھەرقايسى تۈرلەرى بويىچە خەلى مۇكەممەل يەتىشكەن تالانت ئىگەسى ئىدى. ئەڭ مۇھىمى، ئۇ ئاغىزىدا دەگەنىنى ئۆز ئەمەلىيەتىدە، قەلەمى بىلەن يازغانىنى چىن قەلبى بىلەن ئۆز پائالىيەتىدە كۆرسەتەلەيدىغان، تىلى بىلەن دىلى بىردەك بولغان مىللەتپەۋرەر ۋە پىداكار ئۇيغۇر ئىدى.» (ئالىندى: «ئۇيغۇردىكى ئەبگارلىق»، «شىنجياڭ مەدەنىيەتى» ژۇرنالى، 1997-يىللىق 4-سان 69-بەت)

«ئەمەلىيەتتە، بىر مىللەتنى دۇنياغا تونۇتىدىغان بىرىنجى ئامىل ــــ دەل پىداكارلىقتىن ئىبارەت. ئەگەر ھازىرقى دۇنيادا، بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇرلارىنى تونۈيدىغان ۋە ئىئتىراپ قىلىدىغانلار خەلى بار دەيىلسە، بۇ ئالدى بىلەن، لۇتفۇللاھ مۇتەللىبكە ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش پىداكار ئەجدادلارغا مەنسۇپ!» (قاراڭ: يۇقىرىقى ژۇرنال، ئەينى بەت)

«بىر مىللەت پىداكارلىق ۋە جەڭگىۋارلىقنىڭ نەمە ئىكەنلىكىنى بىلسە، پىداكارلىق ۋە جەڭگىۋارلىقنىڭ قىممەتىنى، ئەھمىيەتىنى ۋە زۆرۈرىيەتىنى چىن ھەقىقەتى بىلەن چۈشەنسە، ئاندىن پىداكارلارنى قەدىرلەيدۇ ۋە ئۇلارنى دائىملىق پائالىيەتلەر ئارقالىق ياد ئەتىپ تۇرىدۇ.» (ئالىندى: يۇقىرىقى ژۇرنال 70-بەت)

«ئەمەلىيەتتە، ئۆگرەنىش ئۈچۈنمۇ پىداكارلىق كەتىدۇ. دۇنيادا، ئىنساننى پۇشايمانسىز ھاياتقا ئەرىشتۈرىدىغان ئەڭ خاسىيەتلىك پائالىيەت ئۆگرەنىشتۇر. كىم ئۆگرەنىشكە ماھىر، شۇ گويا ھەممەگە قادىر. ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ ھەقلىق مەنپەئەت داستىخانىنى تەگىشلىك نىئمەتلەر بىلەن مول قىلىشنى، ئۆزىنىڭ ئىستىقبال تەقدىرىگە ئۆزى يول قىلىشنى ئويلايدىكەن، پىداكارلىق بىلەن ئۆگرەنىشى كەرەك.» (قاراڭ: يۇقىرىقى ژۇرنال، ئەينى بەت)

بىز نەمە ئۈچۈن لوتپۇللاھ مۇتەللىپنى خاتىرەلەيمىز؟ مەزكۇرنىڭ بىر مەشھۇر ئەجداد بولغانلىقى ئۈچۈن ئەسلەپ قويۇش ۋە روھىغا دۇئا قىلىپ قويۇش ئۈچۈنلا ئەرمەس، بەلكى، ئۇنىڭ جەسۇر روھىنى ئۈلگە قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆرنەك ھاياتىنى ئەينەك قىلىپ، ئۆزلەرىمىزنىڭ قىلىۋاتقان- ئەتىۋاتقانلارىمىزنى ئۇ بۈيۈك ئەجدادىمىزنىڭ قىلغانلارىغا سالىشتۇرۇپ، بۈگۈنكى تۇرمۇشىمىزدىكى نۇقسانلارنى، ئىلمىي ھاياتىمىزدىكى كەمچىلىكلەرنى تۈزەتىش ۋە تۈگەتىش ئۈچۈن خاتىرەلەيمىز.

ئى، ياش ئەۋلادلار!

ئەمدى، بىزلەرمۇ ئۆزىمىزنىڭ  شۇ چاغقىچە ئۆتكەن ئۆمۈرىمىزنى ئەجدادىمىز لوتپۇللاھ مۇتەللىپكە سالىشتۇرۇپ باقايلى، قەنى:  بىز ھەر قايسىمىز ئىنساننىڭ زىلۋا بىر چاغى بولغان ياشلىق دەۋرىمىزنى ئاشۇ  ل. مۇتەللىپ ئەيتقان «ياشلىق، ئۆگرەن!» دەگەن ئىلمىي تارازىغا لىق كەلگىدەك قىلىپ ئۆتكۈزەلەپتۇقمۇ-يوق؟ بىزنىڭ ئەرتەگەندە سەھەر تۇرالماي قالىدىغان، ئارالاپ دەرسلەرگە چىقماي قويىدىغان، تاپشۇرۇقلارنى ۋاقتىدا ۋە ئەستايىدىل ئىشلەمەيەيغان، تۈرلۈك دەرسلەرنى جىددىيەت، ئەھمىيەت ۋە مۇھەببەت بىلەن ئەرمەس، بەلكى پەقەتلا مۇئەللىمگە تاقابىل تۇرۇپ، ئالتمىش نومۇر ئالىش ئۈچۈنلا ئوقۇيدىغان .. ئەھۋاللارىمىز لوتپۇللاھ-لوتۇن ئاكامىزنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمىدىگە ئويغۇن كەلەمدىكەن-يوق؟

بوۋامىزنى خاتىرەلەپ تۆرت كۇپلىت شىئىر يازىپ قويۇش، ياكى بىر نەچچە بەتلىك ماقالە بىلەن ھەمدۇ-سانا ئوقۇپ قويۇش بىزنىڭ مۇددىئايىمىز ئەرمەس، بىزنىڭ مۇددىئايىمىز – شۇ قەدەر ئىپتىخارلىق بوۋامىز بىزگە ئۆز ئەمەلىيەتى ئارقالىق ئۆرنەك بەرىپ ۋە يول كۆرسەتىپ تۇرغان ھالدا، ئىلىم ھاياتىمىزنى بىھۇدە ئۆتكۈزەۋەتمەسلىك؛ پەقەت بىرلا قاتىم كەلىدىغان بۇ ناياب ئۆمۈرىمىزنى ئىسراپ قىلىۋەتمەسلىك؛ خۇددى لوتپۇللاھ بوۋامىز «ئىجاد- يىللارنى قەرىتىدۇ دەپ بەرىمىز جاۋاب!» دەگەنىدەك، تىرىشچانلىق، ئىشچانلىق ۋە ئىجادچانلىق ئۇدۇمى بىلەن ياشاپ، ھوسۇللۇق ئەمگەكلەرىمىز ئارقالىق، يىللارغا، دەۋرگە ۋە تارىخقا مەردانە جاۋاب بەرىشتۇر!

بىزنىڭ بۇ دەۋرىمىز تەرەققىيات قەدەمىنىڭ مىسلىسىز تىزلىكى، رىقابەت رەتىمىنىڭ تەقەززاسىز جىددىيلىكى ۋە تاللاش – شاللاش جەھەتتىكى رەھىمسىزلىكى بىلەن، بىزدىن مىڭلىغان ۋە مىليونلىغان قابىل ئىز باسارلارنىڭ يەتىشىپ چىقىپ، لوتپۇللاھ مۇتەللىپ كۆتۈرگەن «ياشلىق، ئۆگرەن!» بايراقىنى تەخىمۇ ئىگىز لەپىلدەتىپ،  مەملىكەت ۋە دۇنيا ئىلىم-پەن ساھەسىدە تەگىشلىك ئورنى بار ئاۋانگارتلاردىن بولۇشنى تەلەپ قىلماقتا!

بۇ ھالدا، ل. مۇتەللىپنىڭ قىسقا ئەمما مول مەزمۇنلۇق ۋە ھوسۇللۇق ھاياتىنى ئەينەك قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆگرەنىش روھىنى ئۆرنەك ۋە ئۈلگە قىلىپ، ئىلىم-پەن ساھەمىزدە، زامانغا ياراشقۇدەك ياڭى سەۋىيە ياراتىش، مىللەتىمىزنىڭ مەدەنىي تەرەققىياتى ۋە رەپاھەتى ئۈچۈن، مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت تۇيغۇمىز بىلەن، ئاڭلىق ھالدا بىر ئۈلۈش كۈچ چىقىرىش بولسا، سىلە-بىزنىڭ مۇقەددەس بۇرچىمىزدۇر، ئەلبەتتە!

ئەسىمىزدە بولسۇن:

قۇرئانى كەرىمدە «رەببىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن!» دەگەن ئۇلۇغ ئاللاھ؛

ھەدىيستە «ئىلىم-پەن ئۇزاق چىندە بولسامۇ بارىپ ئۆگرەن» دەگەن رەسۇلۇللاھ؛

ئۇيغۇردا «ياشلىق تىرىش-تىرماش، ھارماي ئۆگرەن!» دەگەن ئەجداد لوتفۇللاھ!

2020-يىل 16–نويابىر،

(ئىزاھات: بۇ ئەسەر 2012-يىل 17-نويابىر كۈنى، مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن لوتپۇللاھ مۇتەللىپ تەۋەللۇتىنىڭ توقسان يىللىقىنى خاتىرەلەش يىغىنىدا سۆزلەنگەن نوتۇق. شۇ چاغقىچە، ھىچقانداق مەتبۇئاتتا ئەلان قىلىنماغان.)

ئىلاۋە: بۇ ئەسەر پىروفېسسور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى (لايىھە)» بويىچە يېزىلغان بولۇپ، ئاپتورنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئاكادېمىيە تور بېتىدە ئەينەن ئىلان قىلىندى.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top