1949-1755 يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان
دوكتۇر يەلدا دەمىرئاغ
تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئەھمەد سۇلۇق
تەھرىرلىگۈچى: زىلالە ئۆمەر
قىسقىچە مەزمۇنى: سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش سىياسىتى بولسا ئۇنىڭ غەربكە، يەنى ئوتتۇرا ئاسىياغا ئېچىۋېتىلگەنلىكىنىڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىستراتېگىيىلىك تەسىر دائىرىسى بەرپا قىلىشنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. بۇ سەۋەبتىن، بۇ رايوننىڭ يەر شارى خارەكتىرلىك كۈچ سىنىشىشتىمۇ مۇھىم ئورنى بار. بۈگۈنكى كۈندىمۇ خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان شەرقىي تۈركىستان رايونى ، ئىلگىرىكىگە ئوخشاش ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى، شۇڭا ئۇ توختىماي خىتاينىڭ ئىشغالى ئاستىدا قالدى. بۇ تەتقىقاتنىڭ مەقسىتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويغان سىياسەتلىرىنىڭ تارىخى ئاساسىنى تەكشۈرۈشتۇر.
بۇ تەتقىقات تۆت ئاساسلىق بابتىن تەركىب تاپقان. بىرىنچى قىسمىدا رايوننىڭ ئىستراتېگىيىلىك ۋە ئىقتىسادىي ئەھمىيىتى چۈشەندۈرۈلىدۇ. ئىككىنچى باپتا، خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ1755-يىلدا شەرقىي تۈركىستانغا كىرگەن يىلىدىن باشلاپ ياقۇپ بەگنىڭ 1865-يىلغىچە ھاكىمىيەتى سۈرگەن بىرىنجى خىتاي ئىستىلاسى، ئۈچىنچى بابىدا، شەرقىي تۈركىستاننڭ ياقۇپ بەگ تەرپىدىن بىر گەۋدە ئاستىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشى ۋە شۇ دەۋردىكى چوڭ دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشى، ياقۇپ بەگ دۆلىتىنىڭ روسىيە، ئەنگىلىيە ۋە ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشى، 1877-يىلى ياقۇپ بەگنىڭ ئۆلۈمى بىلەن خىتاينىڭ ئىككىنجى قىتىم بۇ رايوننى ئىشغال قىلىشى، 1933-يىلدا بىر يىلغا قەدەرھۆكۈم سۈرگەن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنڭ قۇرۇلشى، پەقەت سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشى بىلەن خىتاي كۈچلىرىنىڭ بۇ رايونغا تەكرار ھۆكۈمرانلىق قىلىشى. تۆتىنچى قىسمىدا، 1944-يىلى ئىلى قوزغىلىڭىدىن كېيىن بەش يىل داۋاملىشىدىغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى، دەسلەپتە مۇستەقىل بولۇپ قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بېسىمى بىلەن خىتاينىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمىتىگە ئايلانغانلىقى ۋە ئاخىرىدا بۇ رايوننىڭ 1949-يىلى قىزىل خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتۈپ كەتكەن دەۋىر ئانالىز قىلىنىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: شەرقىي تۈركىستان، خىتاي، ياقۇپ بەگ
كىرىش
نەچچە مىڭ يىللىق تارىخى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم مەدەنىيەتلەرنىڭ بۆشۈكى بولغان شەرقىي تۈركىستان شىمالدا روسىيە، غەربتە قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان؛ جەنۇبتا ئافغانىستان، پاكىستان، ھىندىستان ۋە تىبەت؛شەرقتە خىتاي ۋە موڭغۇلىيە بىلەن ئورتاق چېگرىسى بار. 1877-يىلى خىتاي-مانجۇ تاجاۋۇزچىلىقىدىن كېيىن «يېڭى زىمىن» مەنىسىدىكى «شىنجاڭ» غا ئۆزگەرتىلگەن، 1955-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى قۇرۇلغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دېگەن نام بىلەن ھازىرقى مەمۇرىي سالاھىيەتكە ئېرىشكەن.
تارىختىكى ئەڭ مۇھىم سودا يولى دەپ بىلىنگەن، يىراق شەرق ۋە ياۋروپا؛ سىبىرىيە بىلەن جەنۇبىي ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان يىپەك يولىنىڭ كېسىشىش ئېغىزى بولغان بۇ رايون قازاقىستاندىن قالسىلا ئىككىنچى چوڭ تۈرك جۇغراپىيەسى بولۇپ، يەر يۈزى 1 مىليون 828 مىڭ 428 كىلومىتىر بولۇپ، تەخمىنەن 30 مىليون مۇسۇلمان تۈرك بۇ رايوندا ياشايدۇ. ئۇيغۇرلار بۇ رايوندىكى تۈرك توپلۇمىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگەللەش بىلەن بىرلىكتە قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك ۋە تاتارلار قاتارلىق باشقا تۈرك توپلۇملىرى بىلەن ياشايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ رايون قەدىمىيلىقى ۋە تارىخى ئاسارە-ئەتىقىلەر بىلەن ئەڭ قەدىمكى مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى. ئىبنى سىنا، مەھمۇت قەشقىرى، فارابى، مەھمۇت غەزنەۋى، ئابدۇلكەرىم ساتۇق بۇغرا، تىمۇر، سەلچۇق بەگ، بابۇرشاھ ۋە مەلىك شاھ قاتارلىق مەشھۇر كىشىلەر بۇ تۇپراقلاردا يېتىشتۈرۈلگەن. 10-يۈزيىلدا قاراخانىيلار دەۋرىدە ساتۇق بۇغراخانىىڭ ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلىشتىن بورۇن ئورتاق ئېتىقادى بولغان شامان دىنى ۋە بۇددا دىنىگە ئائىت بولغان خارابىلەرنى رايۇندا كۆرگىلى بولىدۇ. ياۋروپا ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ قاراڭغۇ دەۋرىدە ياشاۋاتقاندا ۋە ياۋروپادا تېخى كۈتۈپخانىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى نامەلۇم ئىكەن بۇ رايوننىڭ مەدەنىيەت مەركىزى ئىكەنلىكى، نۇرغۇن مەدرىسلەرنىڭ تەسىس قىلىنغانلىقى ۋە بۇ مەدرىسلەردە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مېدىتسىنا، دىن، ئاسترونومىيە، خىمىيە ۋە پەلسەپە قاتارلىق كەسىپلەردە تەربىيەلەنگەنلىكى مەلۇم قىلىنماقتا.
خىتاينىڭ بۇ رايونغا بولغان ئىلگىرىكى ۋە ھازىرقى سىياسەتلىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، بۇ رايوننىڭ خىتاي ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىملىقىغا قاراش كېرەك. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، 18-يۈزيىل بورۇندا خىتاينىڭ مىلادىدىن بورۇن 60-يىلدىكى تۇنجى قېتىم شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم مەقسەت ھۇنلارنىڭ ئوڭ قولىنى يوقۇتۇش، ئىستراتېگىيىلىك ھالدا شەرقىي تۈركىستاندىكى شەھەر دۆلەتلىرىنى جەلپ قىلىش ئىدى. ھەققەتەنمۇ، بۇ ئىشغالىيەتتىن كېيىن ھۇن دۆلىتىنىڭ يىمىرىلىشى تېزلەشتى. ئىككىنچى قېتىملىق تاجاۋۇزچىلىق بولسا، كۆكتۈرك دۆلىتىنىڭ بېسىمىغا قارشى تۇرۇش ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا يىيىلماق ئۆچۈن مىلاددىن كىيىن 661-يىلدا خىتايلار قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئوتتۇرا ئاسىياغا كىردى. لىكىن، 751-يىلدىكى تالاس ئۇرۇشىدىن كېيىن، بۇ رايوندىن يەنە بىر قېتىم ئايرىلشقا مەجبۇر بولدى. خىتايلار ئۆچۈن يىپەك يولىنىڭ كونترۇل ئاستىغا ئىلىشى، بۇ يول ئارقىلىق غەرىب بىلەن بولغان مۇناسۋىتىنىڭ قورۇلۇشى بىلەن تىجارەت يوللىرىنىڭ ئۆتۈش نۇقتىسى بولغان شەرقىي تۈركىستانغا ئىگە بولماق ۋە رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ مۇقىملىقى مۇھىم ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا، خىتايلار تارىختا موڭغۇللار، كۆكتۈركلەر ۋە ھونلارغا قارشى تەشكىللىگەن ئۇرۇشلاردا شەرقىي تۈركىستاننى ھەربىي بازا قىلپ ئشلەتكەن.
بۇ رايوننىڭ ئۆتمۈشتىكى خىتايغا بولغان ئەھمىيىتى ۋە بۇ رايوننىڭ بىخەتەرلىك كونتروللۇقىنىڭ خىتاينىڭ قۇلىدا بولىشى بولۇپمۇ بۇگۈنكى كۈندىمۇ داۋام قىلماقتا. يۇقىرىدا دېيىلگەندەك، شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ قىسمى بولۇپ، جۇغراپىيىلىك سىياسىي زېمىنىنىڭ 1/6 قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ ۋە سەككىز دۆلەت بىلەن چېگرىلىنىدۇ. بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتى پەقەتلا شەرقىي تۈركىستان ئارقىلىق تەرەققىي قىلالايدۇ. بۇ رايون خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا كىرىش ئېغىزى ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتە ئەڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. چېگرا رايونلىرىدىكى دۆلەتلەربىلەن بولغان مەسىلىسى خىتاينىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. بۇ سەۋەبتىن، خىتاي ئىزچىل رايوننىڭ جۇغراپىيىلىك سىياسىي سەزگۈرلۈكىنى كۆزدە تۇتۇپ، رايوننىڭ بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىپ كەلدى. شەرقىي تۈركىستاندىن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىياغا ئىستراتېگىيىلىك ئورنى قىلماق ۋە ئۈرۈمچىنى ياۋروئاسىيانىڭ شەرقى بىلەن غەربى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتكۈنچى مەركەزگە ئايلاندۇرۇش خىتاينىڭ ئەڭ ئاۋال ھەل قىلدىغان مەسىلىلىرىنىڭ بىرى.
ئىقتىسادىي جەھەتتە، شەرقىي تۈركىستان بۇگۈن كۆمۈر، تەبىئىي گاز، نېفىت ۋە ئۇران زاپىسى بىلەن خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى تەخمىنەن% 30قامدايدۇ.ئالتاي تېغىدىكى ئالتۇن كانى ۋە خوتەننىڭ قىممەتلىك قاشتېشى گۆھىرى خىتايدا ئەسىرلەردىن بۇيان مەشھۇربولغان. ھەممىگە ئايانكى، خىتاينىڭ غەربىي شىمالىغا تەيىنلەنگەن ئوفېتسىرلار قايتاشىدا ھەر ئىككى ماددىنى يەتكىچە مول ئېلىپ قايتىپ كەلگەن. بۇ رايوندا كۆمۈر ۋە نېفىتنىڭ ھەم سۈپەتلىك ھەم مول ئىكەنلىكى بىر پاكىت. شەرقىي تۈركىستاننىڭ باشقا بايلىقلىرى 20-يۈزيىلدىكى تەتقىقاتتا ئاشكارلانغان بولۇپ، بۇلار قەلەي، سىماب، ئوران، قوغۇشۇن، مىس، تۆمۈر ۋە غايەت زور نېفىت زاپىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شەرقىي تۈركىستاننىڭ قاتتىق كۆمۈر زاپىسى 31 مىليون 980 مىليون توننا بولۇپ خىتاينىڭ 1946-يىلدىكى ئۈچىنچى چوڭ زاپىسى. نېفىت زاپىسى 120 مىليون توننا ياكى خىتاينىڭ ئومۇمىي زاپىسىنىڭ% 58 نى تەشكىل قىلىدۇ. مەلۇمكى، 42 مىليون 888 مىڭ توننا تۆمۈر زاپىسى ۋە 8600 توننا رودا زاپىسى ئىنتايىن مۇھىم زاپىسى سۈپىتىدە تىزىمغا كىرگۈزۈلگەن. 1942-يىلى، ۋۇسۇ نېفىت قۇدۇقلىرى كۈنىگە 150 توننا خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقى ئېنىقلانغان بولۇپ ھەر ئايدا 25 مىڭ گالون. 1940-يىللاردا شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالدىكى باشقا رايونلارمۇ باشقا مىنېرال ماددىلارنى ئىشلەپچىقارغان، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئەۋەتىلگەن. تۇڭستېن (تۇڭستېن رۇدىسى) ئالتاي تېغىدىكى كۆكتوغاي ئەتراپىدا قېزىۋېلىنغان. 1946-يىلى، 2000 توننا ۋولفىرام رودىسى يۈك ماشىنىسى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا توشۇلغان. ئالتاي رايونىدا بېرىل ۋە سپودۇمان خىلىتىنىڭ بارلىقىمۇ مەلۇم بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە بېرىل، بېرىللىي رۇدىسى بولۇپ، ئادەتتە يادرو رېئاكتورىدا ئىشلىتىلىدىغان قېتىشمىنىڭ بىر قىسمى. ئىككىنجسى، لىتىي ئاليۇمىن سىلىكات دەپمۇ ئاتىلىدۇ ۋە ئىسسىقلىق يادرو پارتىلاتقۇچ دورا ياساشتا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ رايون بايلىقلىرىدىن باشقا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاسپىي ئويمانلىقىدىن خىتايغا يۆتكىلىدىغان مۇھىم قاتناش يولى، بۇ يەر خىتاي مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن خام ئەشيا توشۇشقا بولىدىغان مۇھىم بازاردۇر. بۇنىڭدىن باشقا، بۇغداي، گۈرۈچ، ئارپا قاتارلىق يېمەكلىك ئىستېمالىغا ئېھتىياجلىق ئاشلىق ساقلاش بىلەن خىتاي ئۈچۈن مۇھىم جۇغراپىيىلىك ئورۇنغا ئىگە. شۇنداقلا، بۇ رايون خىتاينىڭ يۇمشاق بېقىنى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. چۈنكى، ئۇيغۇرلارغا بېرىلىدىغان مۇستەقىللىق تىبەت ۋە تەيۋەنگە ئۈلگە بولۇپ، رايوندا دومىنو ئېففېكتى يارىتىدۇ. قىسقىسى، شەرقىي تۈركىستان ئىقتىسادىي، جۇغراپىيىلىك ۋە بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن خىتاي ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان رايوندۇر.
بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى، ئۇلارنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدە ئۇچرىغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ ۋەزىيەتكە قارشى ئىسياننى چۈشىنىش ئۈچۈن، بۇ رايوننىڭ تارىخىغا قاراش ۋە خىتاي بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئانالىز قىلىش كېرەك.
تۇنجى قېتىملىق خىتاي تاجاۋۇزچىلىقى
تۇنجى قېتىملىق خىتاي تاجاۋۇزچىلىقىدىن ئىلگىرى، تۈركىستان دەپ ئاتىلىدىغان رايون غەربتىكى بۇخارا، ھىۋە ۋە خوقەند خانلىقى ۋە شەرقتىكى قەشقەردىن تەركىب تاپقان. 1755-يىلدىن 1865-يىلغىچە بولغان، بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ئىچىدە، خىتاي ئەسكەرلىرى شەرقىي تۈركىستانغا كىرگەندىن باشلاپ، خىتاينىڭ تۇنجى تاجاۋۇزچىلىق دەۋرى دەپ ئاتىلىدۇ. 18-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈز بەرگەن تۇنجى خىتاي تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ سەۋەبىنى «خوجالار دەۋرى» دەپ ئاتالغان يەتمىش يەتتە يىل ئىچىدىن ئىزدەش كېرەك. خوجىلار ئارىسىدىكى گۇرۇپپىلشىش ۋە ئىچكى ئۇرۇش نەتىجىسىدە ئايرىلشىش بولغان، «دۈشمەنلەرنى ئۆز-ئارا قۇتراتقۇلۇق قىلىدۇرۇش، بۆلۈنۈش ۋە ھۆكۈمرانلىق قىلىش» سىياسىتى بىلەن تونۇلغان خىتايلار ئۈچۈن پۇرسەت بولغان. تۇنجى قېتىملىق تاجاۋۇزچىلىقتىن كېيىن، خىتايلار رايون سىرتىدىن كۆچمەنلەرنى ئولتۇراقلاشتۇرغان، يەرلىك خەلقلەرنىڭ زېمىنىنى ئېلىپ بۇ كۆچمەنلەرگە بىرىلگەن، خىتايغا خىزمەت قىلغان ۋە ئۇلارغا قارشلىق كۆرسەتمىگەن يەرلىك خەلقلەرگە شەرەپلىك نام ۋە سارايلار بېرىلدى. 1795-يىلى خىتاي ھۆكۈمدارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى مەدرىسە، مۇنچا ۋە ۋەخپىلەر سېتىلدى. ئۇنڭدىن باشقا، رايون ئەمەلدارلارنىڭ ئېغىر باج سېلىشى ۋە ھوقوقىنى قالايمىقان ئىشلىتىشى، مەركىزى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئارسىدىكى زىددىيەت كۈچۈيىشىنىڭ يەنە بىر تەسىرى ئىدى. خىتايلارنىڭ بۇ سىياسىتىگە قارىتا، ئۇيغۇرلار 1759-يىلدىن 1865-يىلغىچە بىر ئەسىر داۋاملاشقان قوزغىلاڭلارئىلىپ بارغان ۋە ئۇلارمۇستەقىللىققا ئېرىشىش ئۈچۈن قىرىق ئىككى قېتىم قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. گەرچە قوزغىلاڭلار خوتەن، ياركەنت ۋە قەشقەردىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنى پاراكەندە قىلغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار ئاخىرقى مۇستەقىللىق نىشانىغا يېتەلمىگەن. قانداقلا بولمىسۇن، بۇ مالىمانچىلىقلار نەتىجىسىدە، ئالتە شەھەر رايونىنىڭ چېنفېن ، شىبە ۋە سۇلان رايونلىرىدا ئۇيغۇر ھۆكۈمرانلىقى قايتىدىن قۇرۇلغان، خىتاي تەرپىدىن بۇ رايونلارغا ئولتۇراقلاشقانلارنىڭ يەرلىرىنى، خىتايلار ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى مۇسادىرە قىلنغان نۇرغۇن مائارىپ ئاپپاراتلىرى ۋە فوندى جەمئىيەتلىرى قايتۇرۇۋېلىنغان. تۇڭگانلارنىڭ شەرق ۋە شىمال قىسىملىرىنى كونترول قىلىشىغا ئەگىشىپ توپىلاڭ تېخىمۇ كۈچەيگەن.
1864- يىلى ئۇيغۇرلار ۋە تۇڭگانلارنىڭ قوزغىلغان ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇنجى تاجاۋۇزچىلىقىنى ئاخىرلاشتۇرغان چوڭ توپىلاڭ، باج تاپشۇرۇشقا ئامالسىز قالغان ۋە بۇ باجلار سەۋەبىدىن ئەڭ جاپالىق خىزمەتلەردە ئىشلىتىلگەن دېھقانلارنىڭ تۇڭگان ما لۇڭ ۋە ما سېن قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ رەھبەرلىكىدىكى كۇچار خەلقىنىڭ قوزغىلىڭىدىن باشلانغان بولۇپ، كېيىنچە كورلا ۋە ئۈرۈمچى خەلقىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن قوزغىلاڭ ئەۋجىگە چىققان. خىتايدىكى مانجۇ سۇلالىسى يىمىرىلگەندىن كېيىن، قەشقەردە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىز سادىق بەگ ۋەكىللەر ئۆمىكى خوقەندكە ئىلتىماس سۇنۇپ ، سابىق خوجا ئائىلىسىدىكىلەردىن قەشقەرگە ئادەم ئەۋەتىلىپ، بۇ رايوننىڭ تىنچلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. خوقەند خان بۇ ياردەم تەلىپىگە كۆپ يىللاردىن بۇيان مۇۋەپپەقىيەتلىك قوماندانلىق قىلىپ كىلىۋاتقان جىھانگىر خاننىڭ ئوغلى بۇزۇرگ خان بىلەن بىللە ئىلگىرى تاشكەنت ۋە ئاق مەسچىتنى قوغداش جەريانىدا قابىليەتى بىلەن دىققىتىنى تارتقان ياقۇپ بەگنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىر قىسىم ئەسكەرلەر بىلەن قوشۇپ قەشقەرگە ئەۋەتتىلدى. ياقۇپ بەگ قەشقەردە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھۆكۈمرانلىقىنى قۇرۇدۇ، كېيىن ياركەنتنى ، 1867-يىلى راشىدىن خوجنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئاقسۇ، كۇچار، كورلا ۋە قاراشەھىرنى قولغا چۈشۈردۇ، شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرك بەگلەرنى بىر ھاكىمىيەت ئاستىدا توپلاپ ۋە ئۇنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆرلىشى بىلەن پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغان بۇزۇرگنىمۇ ھوقوقىدىن ئۇزاقلاشتۇردۇ.شۇنىڭ بىلەن تۇنجى قېتىملىق خىتاي تاجاۋۇزچىلىقى ئاخىرلاشدۇ ۋە 1865-يىلدىن 1878-يىلغىچە داۋاملىشىدىغان ياقۇپ بەي دەۋرى باشلىندۇ. ئەمما خىتاينىڭ ئىشغالى ۋاقىتلىق ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ رايونغا قاراتقان سىياسىتى تېخى ئاخىرلاشمىغان ئىدى. چۈنكى ياقۇپ بەگ دەۋرى خىتايلار ئۈچۈن ئىككىنچى قېتىملىق تاجاۋۇزچىلىقنىڭ تەييارلىق مەزگىلى بولىدۇ.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇنجى ئىشغالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتا رايوندىكى ئىسياندىن باشقا ئامىللارمۇ ئۈنۈملۈك رول ئوينىغان. بۇ سەۋەبلەر ئىچىدە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئوخشىمىغان مىللەتلەر بىرلىككە كىلىش رولىنى ئوينىغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزچىللىقىدا ئۈنۈملۈك رول ئوينايدىغان سوپىزم ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇنداقلا، خىتاينىڭ ئەپيۇن ئۇرۇشى (1839-1842) كېيىكى يىللاردا يۈ بەرگەن تەيپىڭ قوزغىلىڭى (1851-1864) ۋە نىيەنجۈن قوزغىلاڭلار (1851-1868) شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارىغان ئامىللارنىڭ بىرى..
ياقۇپ بەگ دۆلىتى: روسىيە، ئەنگىلىيە ۋە ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھەقىقىي مۇستەقىل دۆلەت ئوتتۇرغا چىقىدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، دۆلەتنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە رەھبىرى بولغان ياقۇپ بەگ ئاسىيانىڭ يېقىنقى بىر قانچە ئەسىردىكى تەرەققىي قىلغان بىردىنبىر كۈچلۈك ۋە مۇستەقىل ھۆكۈمرانىدۇر. بۇ رايوندا «بەدەۋلەت» دېگەن نامنى ئېلىپ، بۇ رايوندىكى بىردىنبىر كۈچ بولغان ياقۇپ بەگ ئۆزىنىڭ ھەربىي ماھارىتىنى دىپلوماتىيە بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى، ئەنگىلىيە ۋە روسىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر ئورناتقان ھەمدە ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىدىن ئەسكەر يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ياردەم ئالدى، ئەنگىلىيەدىن قۇرال-ياراق سېتىۋالدى ۋە سودا بۇيۇملىرىنى روسىيەدىن سېتىۋالدى.
19-ئەسىردە ئەنگىلىيە بىلەن روسىيە ئوتتۇرىسىدا غەربىي تۈركىستاندا ئوينىغان «چوڭ ئويۇن» شەرقىي تۈركىستاندىمۇ داۋاملاشقان. ياقۇپ بەگ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ سىنىشىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئورنىنى كۈچەيتتكەن. ياقۇپ بەگنىڭ رۇسلار بىلەن بولغان تەجرىبەسى 1853-يىلى روسىيەنىڭ ئاق مەسچىتكە تاجاۋۇزىى ئاساس قىلغان. بۇ ئىشغالىيەت جەريانىدا روسىيەگە قارشى كۈرەش قىلغان قەشقەر ھاكىمى ئۇلارنىڭ ھەربىي كۈچى ۋە ئۇرۇش تاكتىكىسىنى ياخشى بىلەتتى. رايوندىكى ئىككى دۆلەتنىڭ رەقىبىنى مۇۋاپىق دىپلوماتىك قوللىنىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە ئايلاندۇرغان ياقۇپ بەگ بولسا ئىزچىل روسىيەگە يىراق، ئەنگلىيەگە يېقىن سىياسى مۇناسۋەت توتقان.
ياقۇپ بەگ بۇ رايونغا سودا بىلەن سىڭىپ كىرگەن رۇسلارنىڭ ھەربىي ئىشغالىيەتكە ئۆتىشىدىن ئەنسىرەپ، دەسلەپتە روسىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك ۋە سودا مۇناسىۋىتىنى رەت قىلغان، خىتاي ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە سودا ئىمتىيازىغا تەكرار ئېرىشمەكچى بولغان روسىيەنىڭ جاۋابى قاتتىق بولغان، ئەسكەرلىرىنى غەربىي شىمال چېگراسىغا توپلىغان ۋە 1871-يىلغىچە ياقۇپ بەگ ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلمىغان. بۇ ئېتىراپ قىلماسلىقنىڭ ئارقىسىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب، روسىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزۈشنى خالىمايدىغانلىقى ۋە ياقۇپ بەگنىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قىسقا ۋاقىتتا گۇمران بولىدىغانلىقىنى ئويلىغانلىقى ئۈچۈن ئىدى. لېكىن، ئەنگىلىيەنىڭ بۇ رايونغا بولغان قىزىقىشى بىلەن، گېنېرال كاۋفمان 1872-يىلى مايدا بۇ رايونغا بىر ئىنژېنېر، بىرفوتۇگراف ۋە بىر سودىگەر ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ، بۇ دۆلەتكە ئائىت ئۇچۇرلارنى توپلاپ كىلىشنى، كاشغارىيەنىڭ ھىندىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەھلىل قىلشنى ۋە كاشغاريا بىلەن سودا كېلىشىم ئىمزالىماق مەقسىتىدە ئەۋەتىلگەن. 1872-يىلى 20-ئىيۇندا گېنېرال كاۋفمان بىلەن ياقۇپ بەگ ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىمگە ئاساسەن روسىيە بۇ رايوندا ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىماي ئەركىن سودا قىلالايتى، كارۋان سارايلار ئنشا قىلنىدۇ، سودا ۋەكالەتخانلىرى قۇرىلىدۇ،% 2.5 تاموژنا بېجى ۋە باشقا دۆلەتلەرگە كىرىش ھوقۇقى بېرىلەتتى. بۇ شەرتنامىنىڭ مەزمۇنى روسلارنىڭ ئىلگىرى بۇخارا ۋە خوقەند بىلەن ئىمزالىغانلىرى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش ئىدى. قانداقلا بولمىسۇن، بىر مۇھىم ئىستىسنا بارئىدى: رۇس-كاشغار شەرتنامىسى ياقۇپ بەگنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قانۇنلاشتۇرىغان، باشقا شەرتنامىلەرگە قاتناشقان ھۆكۈمرانلار پەقەت روسىيە كونتروللۇقىدىكى ئېلېمېنتلار بولۇپ قالغان. يىغىپ ئېيتقاندا، ئۇرۇش باشلىماقچى بولغان روسىيە بىلەن قەشقەر ئوتتۇرىسىدىكى دەسلەپكى دۈشمەنلىك ۋە جىددىيلىكتىن كېيىن، ئىككى تەرەپ ۋاقىتلىق شەرتنامە ئۇسۇلىنى تاللىدى. ياقۇپ بەگ سودا كېلىشىمىنى قوبۇل قىلغاندا، روسىيە ھۆكۈمىتى ئۆزىنى كاشغاريانىڭ ئەمەلىيەتتىكى ھۆكۈمرانى دەپ جاكارلىدى.
ئەنگىلىيە بىلەن كاشغاريانىڭ مۇناسىۋىتى 1869-يىلى ئەنگىلىيەلىك سودىگەر شاۋنىڭ ياقۇپ بەگنى زىيارەت قىلىشى بىلەن باشلانغان بولۇپ بىر يىلدىن كېيىن قەشقەر ئەلچىسى مىرزا مۇھەممەد شادى باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەنگىلىيە ھىندىستاننىڭ ۋالىيلىقىغا بىرىشى بىلەن داۋاملاشقان.
گەرچە شاۋ ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەسمىي تەيىنلەنمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كاشغاريانى زىيارەت قىلىشى ۋە ياقۇپ بەگ بىلەن كۆرۈشۈشى ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بولغان سىياسىتىگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن. گەرچە شاۋ ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەسمىي تەيىنلەنمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كاشغاريانى زىيارەت قىلىشى ۋە ياقۇپ بەگ بىلەن كۆرۈشۈشى ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قارايدىغان سىياسىتىگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن. شاۋ ھۆكۈمەتنى بۇ رايوننىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىغا ۋە بۇنداق سودا بازار رايونىنى روسىيەگە تاشلاپ قويماسلىققا قايىل قىلغان. ئەنگىلىيەلىك سودىگەر شاۋ ئۆزىنىڭ ياقۇپ بەگنىڭ ھوزۇرىغا قوبۇل قىلىنغانلىقى ۋە قەشقەر ھۆكۈمدارىغا بولغان تەسىراتىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دېدى: «1869-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى، ماڭا ئوردىدا ياقۇپ بەگ بىلەن كۆرۈشەلەيدىغانلىقىمنى ئۇقتۇردى. تەخمىنەن بىر ھەپتىدىن كېيىن ئۇلار مېنى شەھەرگە ئېلىپ باردى، 30-40 ئەمەلدار قولۇمدىكى سوۋغات سومكىسىنى ئېلىپ ھۆكۈمدارنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كەلدى. مەن قاراۋۇللارنىڭ يېنىدىن ئۆتتۈم، يالغۇز ماڭدىم. مەن ئۇنىڭغا يېقىنلاشقاندا، ئۇ يېرىم تىزلىنىپ تۇرۇپ ئىككى قولۇم بىلەن مېنى تۇتتى». ياقۇپ بەگ شاۋنى بۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇسلۇبىدىكى قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش ئۇسۇلى بىلەن ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. ياقۇپ بەگ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئۇنىڭ سەپىرىنىڭ قانداق كېتىۋاتقانلىقىنى سورىدى. بۇنىڭغا قارىتا شاۋ ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ پارسچىسىنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىدى، ئەمما ياقۇپ بەي ئۆزىنىڭ ئۇنى چۈشىنيەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شاۋ ئۆز دۆلىتىنىڭمۇ خىتايلار بىلەن ئۇرۇشقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ياقۇپ بەگنىڭ خىتايلارغا قارشى غەلىبە قىلغانلىقى ۋە تۈركىستاندا مۇسۇلمان بىر دۆلەت قۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى. شاۋ ئۆزىنىڭ بۇ يەرگە ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئەمەس، بەلكى ئۆزى ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ كېلىشىدىكى مەقسىتنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىنى، بولۇپمۇ چاي سودىسىنى تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە تەپسىلىي سۆزلىشىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ياقۇپ بەگ شاۋغا بىر نەچچە كۈن ئارام ئېلىپ، كېيىن پاراڭلىشىشنى ئېيتقاندا، شاۋ ئۇنىڭغا كېلەر قېتىم تەرجىمان بولسىلا ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا، ياقۇپ بەي مۇنداق دېدى: «ئارىمىزدا ئۈچىنچى كىشىنىڭ ھاجىتى يوق. دوستلۇقنىڭ تەرجىمانغا موھتاجى يوق» دەپ جاۋاب بەردى ۋە شاۋنى ناھايىتى ياخشى يولغا سېلىپ قويدى.
شاۋنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ئېيتقان ئىجابىي تەسىرلىرى ھىندىستاننىڭ باش ئەلچىسى ر.مايوننىڭ رايونغا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىشكە قايىل قىلدى. پەقەت، T.D.Forsyth ، G. Henderson ۋە A.O. Hume دىن تەركىب تاپقان ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ رايوننى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلغاندا، ياقۇپ بەگ سەپەردى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار بىلەن كۆرۈشەلمىگەن. ياقۇپ بەگ كاشغارياغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، 1871-يىلى ئەلچىسى سەييىد ئەھرارنى ۋالىي ۋە ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھىغا يازغان خېتى بىلەن ھىندىستانغا ئەۋەتكەن ئىدى. 1872-يىلدىكى رۇس-كاشغار كېلىشىمى بىلەن، روسىيەنىڭ بۇ رايوندا سودا ئېتىبارلىرىغا ئېرىشكەنلىكى بىلەن ئەنگىلىيەلىكلەرنىمۇ سەپەرۋەر قىلىپ، بۇ رايوندا بولىشى كېرەكلىكىنى ئىشىنىگەن. بۇ تەرىقىدە بىر توپ ۋەكىللەر ئۆمىكى 1873-يىلى فورسىتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە قەشقەرگە كەلگەن . بۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ۋەزىپىسى سودا كېلىشىمى ئىمزالاپ، ياقۇپ بەگ دۆلىتى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپلا قالماستىن، بەلكى بۇ رايونغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق يەر شەكلى، ئېتنوگرافىيە ۋە ئىقتىسادىي ئۇچۇرلارنى توپلاش ئىدى. 1874-يىلى 2-فېۋرال ئىمزالانغان «قەشقەر-ئەنگىلىيە شەرتنامىسى» نىڭ ماددىلىرى 1872-يىلدىكى روسىيە-كاشغار شەرتنامىسى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش ئىدى، ئەمما بىر مۇھىم مۇستەسنا ئەھۋالى بارئىدى. رۇس-كاشغار شەرتنامىسىدە ئىككى تەرەپنىڭ قارشى تەرەپتىكى رايونلاردا «كارۋان باشلىقلىرى» بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن بولۇپ، ئەمما ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت «سودا ۋەكىلى» ئىدى. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ئەنگىلىيە-قەشقەر شەرتنامىسىدە رەسمىي دىپلوماتىك ئورۇن ۋە ئىمتىيازغا ئىگە باش ئەلچىلەر ۋە كونسۇللارنىڭ ۋەكىل ۋە سودا ۋەكىلى قىلىپ تەيىنلىنىشى بەلگىلەنگەن ئىدى. ئەنگىلىيەنىڭ بۇ رايونغا قىزىقىشىنى قوزغىغان سەۋەبى روسىيەنىڭ كاشغارىيەگە يۈزلىنىشى ئىدى. ئەنگىلىيەلىكلەر ھىندىستاننىڭ شىمالىي چېگراسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن بولۇپ، بۇ جەھەتتە روسىيەنىڭ تاجاۋۇز قىلىشىدىن ئەنسىرىگەن ئىدى، ئەمما تېخىمۇ بەكرەك ئۇلاغا نا تونۇش بولغان سودا بازىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى ئويلانغان. 1874-يىلى قەشقەر بىلەن سودا كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشى يېڭى ۋە تېخىمۇ قويۇق مۇناسىۋەتنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. گەرچە 1873-1874-يىللىرى فورسىت ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەنگىلىيەنىڭ كاشغارىيەدىكى تەسىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى بولسىمۇ، ئەمما ئۇ سودا يوشۇرۇن كۈچى بىلەن ئەنگىلىيەنىڭ ئۈمىدسىزلىنىشىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى ئىدى. ئېكىسپېدىتسىيەدىن كەلگەن خۇلاسە شۇنى ئىسپاتلىدىكى، روسىيەنىڭ قاراقۇرۇم تېغىدىن پايدىلىنىپ ھىندىستانغا بارالمايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە غەربتە بولغان پامىر ياكى ھىندى قۇشىدىكى ئۆتكەللەرنى ئىشلىتىشى كېرەك ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. گەرچە ئەنگىلىيە روسىيەنىڭ غەربتىن كىلىدىغان تاجاۋۇزىسنى خاتىرجەم بولالمىغان بولسىمۇ، ئەمما قەشقەر ھازىر ئىستراتېگىيىلىك مۇھىملىقىنى يوقاتقان ئىدى. ئوخشاشلا، كەلگۈسىدە شەرقىي تۈركىستان بىلەن بولغان سودا بۇرۇنقىدەك جەلپ قىلارلىق ئەمەستى. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئەنگىلىيەنىڭ قەشقەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى 1874-يىلدىن باشلاپ ئاجىزلاپ، پەقەت ياقۇپ بەگنىڭ روسىيەنىڭ تەسىر دائىرىسىگە كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەنلا چەكلەنگەن. ياقۇپ بەگ ئەنگىلىيە ھىندىستان بىلەن تۈزگەن شەرتنامىسىدىن نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئېرىشتى. ئۇ ئەنگىلىيەلىكلەرنىڭ ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى تونۇپلا قالماي، يەنە دۆلىتىنى روسىيەنىڭ تەھدىتىلىرىگە قارشى قۇغدىيالىدى . روسىيە كاشغارىيەنىڭ روسيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە بولغان تەسىرىنى ئويلاشماي تۇرۇپ، قەشقەرنى ئەمدى ئىشغال قىلالمايتتى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭ ئەنگلىيە بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋىتى نەتىجىسىدە، ياقۇپ بەگ قورال سېتىۋېلىشنىڭ مەنبەسىنى تاپقان ئىدى.
ئەنگىلىيە ۋە روسىيە تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغاندىن كېيىن، ئۆزى تۇرۇۋاتقان شارائىتنىڭ ياخشىلىقىنى تونۇپ يەتكەن ياقۇپ بەگ خىتاينىڭ بۇ يەرلەردىن ئاسان ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى، روسىيەنىڭ تۈركىستانغا قاراپ ئىلگىرىلىشىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ دەرۋازا ئىكەنلىكىنى چۈشۈنۈپ يەتكەن بولۇپ، ئوسمانلى دۆلىتى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنىڭ پايدىلىق بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. ئىسلامنىڭ باشلىقى بولغان ئوسمانلى سۇلتانىنىڭ ئېتىراپ قىلىشى بىلەن ياقۇپ بەگنىڭ سىياسىي ئورنىنى كۈچەيتتى، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇ ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ كەلگۈسىدە خىتايغا قارشى ئىشلىتىشكە تېگىشلىك قورال، ئوق-دورا ۋە ھەربىي مەشىقلەر ئۈچۈن ياردىمىگە ئېرىشەلەيتتى. بۇ مەقسەتتە ئۇ باش ئەلچىسى سەييىد ياقۇپ خوجا تۆرەنى ئوسمانلى سۇلتانى سۇلتان ئابدۇلئەزىزگە ئەۋەتىپ ياردەم سورايدۇ. ئوسمانلى دۆلىتىمۇ بۇ تەلەپكە ئىجابىي جاۋاب قايتۇرۇپ، سوۋغات، قورال، قورال-ياراغ ئىسكىلاتى ۋە ھەربىي ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەلچى ئارقىلىق سۇلتانغا ئىتائەتمەنلىكىنى بىلدۈرگەن ياقۇپ بەگكە ئەۋەتىلدى. ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ بۇخارا، خوقەند ۋە خىۋنىڭ روسىيەنىڭ غەربىي تۈركىستاندىكى ئىلگىرىلىشىگە قارشى تەلىپىگە ئىجابىي جاۋاب قايتۇرالمىغان ۋە بۇ رايونغا قارشى تېخىمۇ ئاكتىپ سىياسەت يۈرگۈزۈشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى، روسىيەنىڭ ھىندىستانغا كېڭىيىشنى خالىمىغان ئەنگىلىيەلىكلەرنىڭ ئوسمانلى دۆلىتگە نەسىھەت قىلغانلىقىنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئەنگىلىيە، قەشقەر-ئافغانىستان-تۈركمەنىستان ھالقىسىنى ھاسىل قىلىش ئارقىلىق كاشغارنى ھىندىستان بىلەن روسىيە ئوتتۇرىسىدىكى بۇففېر رايونى قىلىپ ئىشلەتمەكچى بولغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. بۇ دەۋردە، تانزىمات ئىسلاھاتىنىڭ بىناكارلىرى بولغان بۈيۈك ۋەزىر فۇئاد ۋە ئەلى پاشا ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئىسلام بىرلىكىگە ئەھمىيەت بېرىش ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ رايونغا قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشتىمۇ ئۈنۈملۈك رول ئوينىغان. ياقۇپ بەگكە ئوسمانلى دۆلىتى تەرىپىدىن «ئەمىر» ئۇنۋانى بېرىلگەن بولۇپ، خەۋەر قىلىنىشىچە، ياقۇپ خان ئوسمانلى سۇلتانىنىڭ ۋاپات بولغۇچە ئەمىرلىكنىڭ ساقلىنىپ قىلىشىنى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكىمۇ چوڭ ئوغلىغا ئۆتۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. بۇ شەرتلەر ئىچىدە، كاشغەردىكى خەلىپە نامىدا ۋەز-نەسىھەتنى ئۈزۈلدۈرمەي ئوقۇش، خەلىپە نامىدا پۇل بېسىپ چىقىرىش، قەشقەردىكى ئوسمانلى بايرىقىنىڭ لەپىلدىشى، قوشنىلىرى بىلەن بولغان ياخشى مۇناسىۋەت قاتارلىقلار ماددىلار بار ئىدى. سۇلتان ئابدۇلئەزىز دەۋرىدە ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ قەشقەر گە قاراتقان سىياسىتى، ئابدۇلھەمىد دەۋرىدىمۇ داۋاملاشتى، يېڭى سۇلتاننىڭ تەختكە چىققانلىقىنى تەبرىكلەش ۋە سوۋغاتلىرىنى تەقدىم قىلىش ئۈچۈن، ياقۇپ بەگ باش ئەلچىسى ھاجى تۇرېنى يەنە بىر قېتىم ئىستانبۇلغا ئەۋەتتى. ياقۇپ بەگ ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاخىرقى تەييارلىقلىرىنى تاماملىغان گېنېرال تسو 1876-يىلى بۇ رايوننى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ھەرىكىتىنى باشلىدى. ھاكىم خان تۇرې ۋە كىچىك ئوغلى ھەق قۇلۇنى چېگرا رايونغا ئەۋەتىپ، ئۆزى مەركىزى كۈچلەرنىڭ بىشىدا تۇرۇپ خىتايلارنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىنى توسىماقچى بولغان ياقۇپ بەگنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمى بىلەن بۇ رايون خىتاي ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۆتۈشىغا كەلتۈرۈپ چىقاردى. گەرچە قەشقەر ئەمىرى ئوسمانلى دۆلىتىدىن ياردەم تەلەپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىگە بولغان ساداقەتمەنلىكىنى بىلدۈرۈپ پۇل تارقىتىپ ۋە ۋەز سۆزلىگەنلىكى ، بۇ ئۆلكىنىڭ مەمالىكى مەخرۇسادىن ھىساپلىنىدىغانلىقى سەۋەبى بىلەن خىتايلارغا قالدۇرۇپ قويماسلىقى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئوسمانلى ئىمپىريىسىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەينى ۋاقىتتا ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى بىلەن روسىيە ئوتتۇرىسىدىكى 93-قېتىملىق ئۇرۇش بۇ ياردەم ئەۋەتىلىشىگە مۇمكىن بولمىغان .
خىتاينىڭ ئىككىنچى قېتىملىق تاجاۋۇزچىلىقى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى
ياقۇپ بەگنىڭ ئۆلۈمى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىچكى داۋالغۇشلار، خىتايلارنىڭ 1878-يىلى بۇ رايوننى قايتا ئىشغال قىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر مۇھىت ھازىرلاپ بەرگەن. ئۇندىن باشقا، روسىيەنىڭ بۇ رايوندا كېڭىيىشىدىن ئەنسىرەيدىغان ئەنگىلىيەنىڭ خىتاينى تاجاۋۇز قىلىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلغانلىقى، ھەتتا ئەنگىلىيە بانكىلىرىنىڭ خىتاي تاجاۋۇزىغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بەرگەنلىكىمۇ خىتاينىڭ تاجاۋۇزىنى ئاسانلاشتۇرغان. 1878-يىلى بۇ رايون مانجۇ سۇلالىسىنىڭ ۋالىيسى زو زوڭتاڭنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكەن. زونىڭ ھەربىيى قىسىملىرى بۇ رايوننى كونترول قىلىپلا قالماي، روسىيە قىسىملىرىنىڭ چېكىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان. كەلگۈسىدە بۇ رايوننى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، چىڭلار شەرقىي تۈركىستاننى خىتاينىڭ مەسىلىسىدىن يىراقلاشتۇرماقچى بولدى. خەن بيۇروكراتلىرىنىڭ ياقۇپ بەگ دۆلىتى يىمىرىلگەندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندا تىنچ ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، بۇ بىر قەدەر مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان سىياسىي يىقىنلشش ئىدى. چىڭ تەسىرىدىكى بۇ خىل سىياسىي يىقىنلشش بۇ رايوندا 1911-يىلى چىڭ يىمىرىلگۈچە ساقلاپ قالغان.
1884-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى، مانجۇ سۇلالىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئۈستىدىكى ھۆكۈمرانلىقى، شىنجاڭ (يېڭى زېمىن) نامىدا ئىمپېرىيەگە بىۋاسىتە باغلانغان بولۇپ 19-دۆلەت سۈپىتىدە 1911-يىلغىچە داۋاملاشقان، بۇ تارىختىن كىيىن سۈن جوڭشەن باشچىلىقىدىكى مىللەتچى خىتايلار مانجۇ ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، جۇمھۇرىيەت ئىلان قىلدى. جۇڭگو مىللىي دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى سۈن جوڭشەن ئۇيغۇرلارنى خىتايلارنىڭ بىر تارماق مىللىتى دەپ قارايتتى. بۇ قاراشقا ئاساسەن، خىتايلارنىڭ رايوننىڭ مۇنبەت دېھقانچىلىق يەرلەرگە كۆچۈرۈلىشى ۋە خىتاي بيۇروكراتلىرى تەرىپىدىن رايوننى باشقۇرۇشى بۇ دەۋردە باشلانغان. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ سىياسەتلەرگە بولغان ئىنكاسى كىملىك كۆرەشىنى تېزلاتقان . بۇ مەسىلىدە ئاساسلىق ئىككى ئېقىم توقۇنۇشى بار ئىدى: بۇنلارجەدىدلەر ۋە مۇتەئەسسىپلەر، دىنىي گۇرۇپپىلار باشچىلىقىدىكى قەدىمچىىلەر. جۇمھۇرىيەت دەۋرىدە ھازىرقى ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەركىتىنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان. بۇ مەزگىلدە، شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇرلىرى مىللىي ئويغىنىشنى باشتىن كەچۈردى. بۇنىڭدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇيغۇرلارغا قارشى زوراۋانلىق ھەركىتى جۇمھۇرىيەت دەۋرىدە تېخىمۇ ئېغىر ھالەتكە كەلگەن ئىدى. 1930-يىلى مەخسۇد خان ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ۋىلايەتلىك ۋالىي بىشىغا ئىلىپ كېلىنگەن جىن شۇرېن قۇمۇلنى قولغا چۈشۈرۈپ، باجنى كۆپەيتىپ ۋە خىتايلارنى رايونغا سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇشى نەتىجىسىدە بىلەن نۇرغۇن جايلاردا توپىلاڭ قايتىدىن باشلانغان. بۇ قوزغىلاڭلارنىڭ بىرىنچىسى خوجا نىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى قۇمۇل قوزغىلىڭى (1931) ئىدى، قۇمۇل قوزغىلاڭلىرى، ئايرىلىپ چىقىش ئۈچۈن ئەمەس بۇلۇپ بەلكى ئۇلار جىننىڭ ئورنىنى ۋىلايەت باشلىقى قىلىپ ئۆزگەرتىشنى، تېخىمۇ كەڭ ئاپتونومىيە قىلىشنى ئويلايتتى. بۇ قوزغىلاڭنى مەخمۇت مۇختى باشچىلىقىدىكى خوتەن قوزغىلاڭى(1933) ۋە مۇھەممەت ئەمىن بۇغرانىڭ باشچىلىقىدىكى خوتەن قوزغىلاڭى(1933)بىلەن داۋام قىلغان. قوزغىلاڭنىڭ باشلانغان يىلى يەنى -1933يىلى ئوخشاش ۋاقتتا بۇ رايوننىڭ يېڭى ۋالىيلىقىغا تەيىنلەنگەن ۋە بۇ ئورۇندا ئون يىلدىن ۋاقىت قالىدىغان شىڭ شىسەي دەۋرىنىڭ باشلىنىشى ئىدى. بىر تەرەپتىن شىڭ شىسەي قوزغىلاڭنى سوۋىت ئتتىپاق كومپارىيەتىسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، موسكۋاغا يېقىن سىياسەت قوللانغان، يەنە بىر تەرەپتىن خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇش ۋە 1930-يىللاردا باشلانغان خىتاي-ياپونىيە ئۇرۇشى سەۋەبىدىن، خىتاي بۇ رايونغا زېھنىنى مەركەزلەشتۈرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن سوۋىت ئتتىپاق كومپارىيەتىسىنىڭ ئۆزلىرى خالىغان ئىشنى قىلىشقا زۆرۈر مۇھىت ھازىرلاپ بەرگەن ئىدى. شۇنداق قىلىپ، بارلىق ھۆكۈمەت باشقۇرغۇچىلىرى، بولۇپمۇ ئارمىيە، ساقچى، سەھىيە ۋە مائارىپ تەشكىلاتلار 20گە يېقىن روسىيە ئوفىتسېرى ئاستىدا ئىشلەۋاتاتتى.
بىر يىل داۋاملىشىدىغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئېلىپ بارىدىغان بۇ جەريان دۆنگوڭلارنىڭ رەھبىرى 1931-يىلدىكى قۇمۇل قوزغىلىڭىغا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قاتناشقان، ئەمما كېيىن گەنسۇغا چېكىنىپ، 1933-يىلى قۇمۇلغا قايتىپ كىلىشى بىلەن باشلىنىدۇ. خوجا نىياز بىلەن كۆرۈشكەن ۋە كېلىشىم ھاسىل قىلماقچى بولغان ما جوڭيىڭ مۇرى يېزىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا ئۆزىنىڭ ھەربىي ئىشلاردا ۋە خوجا نىيازنىڭ خەلق ئىچىدىكى ھەربىي ئىشلىرىدا ھوقۇق بېرىشىنى تەكلىپ قىلغان. پەقەت، ما جوڭيىڭنىڭ تەكلىپى رەت قىلىنغاندىن كېيىن، خوجا نىياز باشچىلىقىدىكى ئىنقىلابچىلارغا ھۇجۇم قىلىپ، قوراللىرىنى ئېلىۋالغان. قىيىن ئەھۋالدا قالغان خوجا نىياز رايوننىڭ ھەربىي ۋالىيسى بولغان شىڭ شى سەي بىلەن كېلىشىم تۈزگەن. 1933-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۈرۈمچىدە شىڭ بىلەن نىياز ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىمگە ئاساسەن، تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇب تەرەپتىكى باشقۇرۇشنىڭ خوجا نىيازغا، شىمالنىڭ بولسا شىڭ شىسەيگە بېرىشكە قارار قىلىنغان. كېلىشىمدىن تەخمىنەن تۆت ئاي كېيىن، يەنى 1933-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى، قەشقەردە «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» ئېلان قىلىنغان. يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى خوجا نىياز ھاجى ۋە سابىت داموللا ئابدۇلباقى باش مىنىستىرلىككە سايلانغان ئىدى. پەقەت، بىر تەرەپتىن خىتايلار، ۋە يەنە بىر تەرەپتىن مۇسۇلمان تۇڭگانلار ۋە رۇسلار بىلەن ئۈچ تەرەپتە كۈرەش قىلىشقا مەجبۇر بولغان ھۆكۈمەت ئاران بىر يىل ۋاقىت ئۆمۈر سۈردى. 1934-يىلى، روسىيە ئالتاي چېگراسىدىن قەشقەرگە قاراپ ئىلگىرىلەشكە باشلىدى. ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە كەلگەن باش كونسۇل ئافسېروف خوجا نىيازغا ھۆكۈمەتنى بىكار قالدۇرۇپ ۋە ئۈرۈمچىدە شىڭ شىسەي بىلەن بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. قوبۇل قىلىشتىن باشقا ئامالى بولمىغان خوجا نىياز قەشقەردىن ئافسېروف بىلەن ئايرىلىپ، ئۈرۈمچىدە شىڭ شىسەي ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىشىپ، مۇئاۋىن ياردەمچى ۋالىي بولدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمەت ئاخىرلاشقان بولىدۇ. ھۆكۈمەت باشلىقى خوجا نىياز 1937-يىلى ياپونىيەگە ۋاكالىتەن جاسۇسلۇق قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈپ قولغا ئېلىنپ قىيىن-قىستاق بىلەن ئۆلتۈرۈلىدۇ. قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە مەۋجۇت بولۇشىغا قارىماي، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. بىرىنچى، شەرقىي تۈركىستان 20-ئەسىردە يەرلىك ئۇيغۇرلارتەرپىدىن قۇرغان تۇنجى مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا، ئىسلام شەرىئىتى بۇ دۆلەتنىڭ دۆلەت ئىچى سىياسىتىنىڭ ئاساسى بولۇپ، بەزى مۇھىم ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە مائارىپ ئىسلاھاتلىرىمۇ بۇنىڭغا ياردەم قىلاتتى.
سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، موسكۋاغا تەكلىپ قىلىنغان شىڭ شىسەي ،1941-يىلى گىتلېر سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ گومىنداڭنى قوللىنىش بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزدۇ ۋە خىتايغا يېقىنلىشىدۇ. پەقەت، ئۇ گېرمانىيەنىڭ ستالىنگراد مەغلۇبىيەتىدىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا يەنە يېقىنلاشماقچى بولغاندا، ستالىن ئۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىلدۇ، ھەتتا شىڭ شىسەينىڭ ئىلتىماسىنى جىياڭ كەي-شېغا ئەۋەتكەن. بۇ سەۋەبتىن، خىتاي ھۆكۈمىتى 1944-يىلى شېڭ شىسەينى ۋالىيلىقتىن چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا گېنېرال ۋۇ چۇڭشىننى تەيىنلىدى. شېڭ شىسەي قوللانغان تېرورلۇق ھۆكۈمىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا تۇڭگان ھاكىمىيەتىنى نېيتراللاشتۇردى ۋە تۈركلەرنىڭ ئۇ دەۋردىكى مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى يوقاتقاندى. پەقەت، بۇ دەۋردە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەرىكىتى ئاجىزلاشمىدى. ئەكسىچە، بۇ ھەرىكەت يوشۇرۇن ھالەتتە تەرەققىي قىلغان ۋە شېڭ شى سەينىڭ ئورنىنى ئالغان گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىرى دەۋرىدە تېخىمۇ كەڭ ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى.
1925-يىلى سۈن يات سېن ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، گومىنداڭ (جۇڭگو مىللەتچى پارتىيىسى) نى ئۆتكۈزۈۋالغان چېكىدىن ئاشقان خەن مىللەتچى بولغان چياڭ كەي-شې دەۋرىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارشى سىياسەتتە مۇھىم ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ. «بۈيۈك جۇڭگو» قارىشىنى قوغدايدىغان چياڭ كەيشېكنىڭ سۆزىگە قارىغاندا ، خىتاي دۆلىتى چېگراسىدا ياشايدىغان بارلىق مىللەتلەر جۇڭگو ئائىلىسىگە تەۋە ، شۇڭا ، ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ، دىنى ۋە ئۇلارنىڭ تىلىدىكى پەرقلقلەر چوڭ جۇڭگونىڭ ئىچىدە ئېرىپ كېتىشى كېرەك دەپ ئويلايدۇ. شېڭ شسەيدىن كېيىن بۇ رايونغا تەيىنلەنگەن ۋۇ چۇڭشىڭ بۇ قاراشنىڭ ئاكتىپ تەرىپى بولغان ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركلەرنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن مۇستەملىكە قىلىش كېرەك دېگەن قاراشنى تەشەببۇس قىلاتتى. بۇ سىياسەتكە ئاساسەن، ئۇ ئۇيغۇر كىملىكىنى تارمار قىلىش سىياسىتىنى باشلىغان. شېڭ شىسەي دەۋرىدە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن تەرەققىي قىلغان سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ناچارلىشىشىدىن كېلىپ چىققان زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، «غەربىي شىمال تەرەققىيات ئورگىنى» دەپ ئاتىلىدىغان سودا بازىرى قۇردى. پەقەت، بۇ سودىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقى پايدا ئالمىغان بولۇپ، بەلكى خىتاي ۋە گومىنداڭدىكى نوپۇسلۇق ئائىلىلەر پايدا ئالغان. چۈنكى، شەرقىي تۈركىستان سودىگەرلىرىگە ئىقتىسادىي بېسىم قوللىنىلىپ، پاسپورت ھەققىنىڭ يۇقۇرى بولۇشى قاتارلىق ئايرىمچىلىق قىلغان. بۇ ئىقتىسادىي سىياسەتنىڭ نەتىجىسىدە، 1944-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، پۇل پاخاللىقى% 1200 گە ئۆرلەپ، ئىستېمال بۇيۇملىرى كەمچىل بولۇشقا باشلغان. گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قاراتقان يەنە بىر سىياسىتى شۇكى، جىياڭ كەيشى 1942-يىلى ئېلان قىلغان «غەربىي شىمال تەرەققىياتى» سىياسىتىگە ئاساسەن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى خىتايلارغا پايدىلىق قىلىپ ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، خىتايدىن ئېلىپ كەلگەن مەمۇرلار ۋە دېھقانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان. قىسقىسى، پۇل پاخاللىقىنىڭ ئۆرلىشى، بىر تەرەپتىن چىرىكلىك، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئېلىپ كېلىش سىياسىتى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئارىسىدىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنىڭ كۈچىيىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلىرى.
ئىلى قوزغىلىڭى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلىشى
ئىلى ۋادىسى رايونىنىڭ تۆمۈر رۇدىسى، مولىبدېن، تۇڭىستىنن، لىگنىت كۆمۈر، نېفىت، ئۇران ۋە ئالتۇن قاتارلىق مۇھىم مىنېرال زاپىسى بار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن 1944-يىلدىكى قوزغىلاڭغا قاتناشقان ئۈچ رايوننىڭ ئىچىدىكى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ مول تەبىئىي بايلىقىغا ئىگە ئىدى. گەرچە يەرلىك كىشىلەر بۇ بايلىقلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ياكى قىممىتىنى تولۇق بىلمىسىمۇ، ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقى 1930-يىللاردا بۇ بايلىقلاردىن پايدىلىنىشنىڭ بەزى يوللىرىنى تاپقان. شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ رايونغا قىزىقىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىدى. بېنسوننىڭ سۆزىگە قارىغاندا، ئىلى قوزغىلىڭى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رۇخسىتىسىز يۈز بىرەلمەيتتى. بۇنىڭدىن باشقا، سوۋېت ئىتتىپاقى شەرقىي تۈركىستان ئارمىيىسى خىتايلار بىلەن ئۇرۇش قىلغاندا ئىشلەتكەن قوراللارنىڭ مەنبەسى ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قىزىقمايدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى. بۇ رايون سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سەزگۈربولغان رايۇن بولۇپ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن قوشنا ئىدى، شەرقىي تۈركىستاندىكى مەسىلىلەر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئاز سانلىق مىللەتلىرىگە تەسىر قىلاتتى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قىزىقىشىنىڭ باشقا سەۋەبلىرىمۇ بار. ئىدىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاش دۇنيانىڭ قوش رەزىللىكى، جاھانگىرلىك ۋە مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرغانلارنى قوللاش ئىدى. ئىلى رايونى باي رايون بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ئېھتىياجلىق بولغان خام ئەشيالارنى بېرەلەيتتى. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىسلاھاتنىڭ موسكۋا ئۈچۈن قانچىلىك جەلپ قىلارلىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ رايوندىكى قوزغىلاڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خەلقئارا مەنپەئەتىنى قوللىمىدى. بۇ مەزگىلدە، سوۋېت ئىتتىپاقى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئورتاق سەپ قۇرۇپ، خىتاي كوممۇنىستلىرى بىلەن ياپونىيەگە قارشى كۈرەش قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ستالىن خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ خىتايدا ئۇزۇن مۇددەت ئۈنۈملۈك ۋەزىيەكە كىلەمەيدىغانلىقىنى ئويلىغانلىقى ئۈچۈن، گومىنداڭ بىلەن خىتاي كومپارتىيىسى بىرلەشمىسى تەشكىللشىنى، شۇڭا بىلەن ئىشچىلار ئىنقىلابىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت پايدا ئالالايدىغانلىقىنى ئويلايتتى. ئەگەر سوۋېت ئىتتىپاقى غەربىي شىمالدىكى بىر بۆلگۈنچى گۇرۇھنى ئوچۇق-ئاشكارە قوللىسا، بۇ جىياڭ كەيشې ھۆكۈمىتىنى ئاۋارىچىلىققا دۇچار قىلاتتى. بۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارىلىشىشى مۇمكىن بولغان بىردىنبىر مەخپىي ئىش بولۇپ، بۇ شەرقىي تۈركىستانغا ئوخشاش يىراق رايوندىكى كىشىلەرنى تەربىيىلەش ئۈچۈن قىلغىلى بولىدىغان ئىش ئىدى. پەقەت، بۇ سوۋېت ئىتتىپاقى قوزغىلاڭىنىڭ تۈپ سەۋەبى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ. 1944-يىلى 9-ئايدا ئۈچ ۋىلايەتتە يۈز بەرگەن ۋە تۈركلەر باشلىغان قوزغىلاڭ باشقا مۇسۇلمان بولمىغان ئېلېمېنتلار – ئاق رۇسلار، موڭغۇللار ۋە تۇڭگۇزلار توپىغا تەۋە كىشىلەر، كېيىنچە «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» دەپ ئاتالغان ئىلى قوزغىلىڭى، نىلقا ۋە غۇلجىدىكى قوزغىلاڭلار بىلەن كۈچىيىدۇ. بۇ قوزغىلاڭلار نەتىجىسىدە، «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» 1944-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئەلى خان تۆرېنىڭ رىياسەتچىلىكىدە قۇرۇلىدۇ. يېڭى ھۆكۈمەتكە ھاكىمبېك خوجا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ۋە ئەنۋەر مۇساباي مالىيە مىنىستىرى قىلىپ تەيىنلىنىدۇ. يېڭىدىن قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدە، ھەقىقىي دۆلەت بولۇش ئۈچۈن مۇھىم قەدەملەر ئېتىلغان. يېڭى باج تۈزۈمى قېلىپلاشتۇرۇلدى، يېڭى ھۆكۈمەت نامىدا پۇل بىسىلدى، قوراللانغان ۋە ئىنتىزامچان ئارمىيە قۇرۇلدى، ئاممىنىڭ زور قوللىشى بىلەن مۇداپىئە فوندى قۇرۇلدى.
ئىلى ۋىلايىتىدە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ ئۇرۇش داۋام قىلغان بولۇپ ئىلى ۋادىسىدىن ئۆتۈپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىغا كېڭەيگەن. بۇنداق بولغاندا، شەرقىي تۈركىستان تېزلىكتە گومىنداڭنىڭ كونتروللۇقىدىن چىقىتى. خىتايلارئىنقىلابچىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتىدە قازىنىشىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئەيىپلىدى. بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلغان كرېمىل مۇرەسسە قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ۋە ئىنقىلابچىلار بىلەن گومىنداڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇشنىڭ توختىتىشغا ۋە شەرقىي تۈركىستاننى ئىككىگە بۆلگەن ئۇرۇشنىڭ ئىمزالىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى. ئىلى ۋىلايىتى ئىنقىلابى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلىشىنى قوللىغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەلچى قىياپىتىگە كىرىۋىلىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى،يەنى باشقىچە دەپ ئېيتىلغاندا، شەرقىي تۈركىستان ئۈستىدىكى ۋاكالىتىدىن ۋاز كېچىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى ، 1945-يىلى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغان كىلىشىمىنىڭ خىتاي بىلەن ئمزالىشى، مانجۇرىيەگە بەزى ئىمتىيازلار بېرىلشى ئىدى. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە ۋاكالىتەن رېھىمجان سابىرھاچى، ئابدۇلخەيىر تۆرە ۋە ئەخمەتجان قاسىمدىن تەركىب تاپقان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئايلار سۆرگەن كۆرۈشىدىن كېيىن، 1946-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى 11 ماددىدىن تەركىب تاپقان كېلىشىمگە ئىمزا قويدى. يىغىنچاقلىغاندا، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ 25 پارتىيە ئەزاسى تەرىپىدىن قۇرۇلماقچى بولغان، بۇنىڭ 15 نەپىرى بولسا شەرقىي تۈركىستاندىن، 10 نەپىرى بولسا خىتاي بولۇپ شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغان كىشىلەرگە دىن ئەركىنلىكى، نەشىريات ھەققى، ئۇيۇشۇش قۇرۇش ۋە يىغىن ئورانلاشتۇرۇش ھەققى بېرىلىپ، يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ چوڭ سايلام ئارقىلىق تەيىنلەيدىغانلىقى، خىتايچىنىڭ يىنىدا ئۇيغۇر ۋە قازاقچىنىڭمۇ رەسمىي تىلى بولىدىغانلىقى، خىتايچىنىڭ ئوتتۇرا مائارىپتا مەجبۇرىي ئوقوتۇش شەرتىيلە باشلانغۇچ مەكتەپتە خىتاي بولمىغانلارنىڭ ئانا تىلدا ئوقۇيالايدىغانلىقى، ھەر بىر كىشىنىڭ كىرىمىگە ئاساسەن باج ئېلىنىدىغانلىقى ۋە ھەر بىر گۇرۇپپىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىنىڭ ئەركىن مۇھىتتا تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىغا كىپىل بولدى. كېلىشىم نەتىجىسىدە، ئۈرۈمچىدە يەرلىك ۋە خىتايلاردىن تەركىپ تاپقان بىرلەشمە ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى، جاڭ جى جۇڭ بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسلىكىگە، بۇرھان سەئىدى ۋە ئەخمەتجان قاسىمى مۇئاۋىن رەئىسلىككە تەيىنلەندى. يېڭى ھۆكۈمەتكە قاتناشقان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك «ئىلغار» ۋە كرېمىل سارىيىغا يېقىن كىشىلەر ئىدى. ئەلىخان تۆرە ۋە ئوسمان باتۇر قاتارلىق مىللەتچىلەر چەتكە قېقىلدى. بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ باشقا ئەزالىرى ئىچىدە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن قاتارلىق شەخسلەرنى يەرئالاتتى. قۇرباننىڭ سۆزىگە قارىغاندا، بۇ كېلىشىم ئەمەلىيەتتە تىنچلىق مەقسىتىدە تۈزۈلمىگەن ئىدى. ۋاقىتقا ئېرىشىش ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئۆز-ئارا دۆشمەن قىلىش مەخسىتىدە ئورۇنلاشتۇرغان سوۋېت-خىتاي ئويۇنى ئىدى. يېڭى بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ قورۇلىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئىسىمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، ئەمما شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئۆزىنى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە بۈگۈنكى مىللەتچىلەر بىلەن باغلىنىپ مۇھىم سۈپەتلەرگە ئىگە ئىدى. ئالدى بىلەن، جەدىدچىلىك ئىدىئولوگىيەسىنى مىللەتچىلىكنىڭ ئۆزى بىلەن بىرلەشتۈردى.
ئىلى، ئالتاي ۋە تارباغاتاي ۋىلايەتلىرى ئىنقىلابىي كۈچلەرنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ بۇنلار روسىيە تەرپىدن قوللايتتى، يەنە بىر تەرەپتىن، جەنۇبتىكى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى كىشىلەرنىڭ روسىيەگە يېقىنلىشىشنىڭ سەۋەبى بولدى. روسىيەنىڭ بۇ تەسىرىنى ئاجىلاشتۇرۇش ئۈچۈن خىتاي، مەسۇت سابىرىنى باش ۋالىي، ئەيسا يۈسۈپنى ھۆكۈمەتنىڭ باش كاتىپى قىلىپ تەيىنلەش ئارقىلىق ھۆكۈمەتنى مىللەتچىلەرگە قالدۇردى، روسىيەنى قوللايدىغان ئەزالار ھۆكۈمەتتىن چېكىنىپ چىقتى. ئۇ كۈنگىچە كۆرۈلمىگەن شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ باش ۋالىي قىلىپ تەيىنلىنىشدىكى مەقسەت گومىنداڭنىڭ ئىلى ۋادىسىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنى قوللايدىغان ئۇيغۇرلار بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى مۇتەئەسسىپ ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ئىختىلاپتىن پايدىلىنىش ئىدى. باشقىچە ئېيتقاندا، دۆلەتنىڭ جەنۇبى ۋە غەربىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۆلۈنۈش پەيدا قىلىش ئىدى. پەقەت، مىللەتچىلەرنىڭ تۈركلىشىش سىياسىتىنى ئاساس قىلغان مائارىپ سىستېمىسى خىتاي بىلەن روسىيەنى ئەندىشىگە سالدى. شۇنىڭ بىلەن ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، ماۋنىڭ ئىستىلاسى خىتايدا ئېلىپ بېرىلماقتا ئىدى. نەتىجىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى 1949-يىلى 1-يانۋار سوۋېت ئىتتىپاقىغا ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن مەسۇت سابىرى ۋە ئىسا يۈسۈپنى ئىشتىن بوشاتتى ۋە روسىيەنى قوللايدىغان بۇرھان سەئىدىنى ئورنىغا تەيىنلىدى. سەئىدى گېنېرال ۋالىي بولغاندىن كېيىن، رۇسلار كېلىشىم بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلماقچى بولدى. جىياڭ كەيشى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالاپ موسكۋا بىلەن خىتاي كوممۇنىستلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. 1949-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۈرۈمچىدە سوۋېت ۋەكىلى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت باشلاندى. بولۇپمۇ سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئۈچ كېلىشىم لايىھىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىرىنچىسى، سودا كېلىشىمى، ئىككىنچىسى نېفىت ۋە باشقا كانلارنى چارلاش ۋە ئىشلىتىش، ئۈچىنچىسى ئاۋىئاتسىيە تىرانسىپورت شىركىتى قۇرۇش ئىدى. يىغىن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا چۈشەندۈرۈپ گەرچە كېلىشىمنىڭ ماددىلىرى قوبۇل قىلىنمىسىمۇ، ئەمما سۆھبەت 10 ئاي داۋاملاشقىنىنى، ئاندىن 1949-يىلى 6-ئايدا نەتىجىسىز ئاخىرلاشقىنىنى دىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مىللەتچى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئاز قالغان ئىدى. جۇڭگودا پۈتۈنلەي ھۆكۈمران بولغان كوممۇنىست ھۆكۈمىتى، شەرقىي تۈركىستان چېگراسىغا تايىناتتى. 1949-يىلى 9-ئايدا، شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللەتچى خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ باش قوماندانى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىگە سادىق ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى، كوممۇنىست ئارمىيىسى ھەربىي كۈچلەرگە قارشى تۇرمايلا بۇ دۆلەتكە كىردى. شەرقىي تۈركىستان خىتاي كوممۇنىستلىرى ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكەندىن كېيىن، ئەيسا يۈسۈپ، مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ۋە نۇرغۇن ئۇيغۇر ۋە قازاق تۈركلىرى ئەركىن دۆلەتكە بېرىش ئارقىلىق كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلدى، 1949-يىلى 9-ئايدا ئۈرۈمچىدىن گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ھىندىستاننىڭ لاداك شەھىرىگە باردى. ئۇلارنىڭ يەنە بىر قىسمى پاكىستانغا پاناھلىنىشقا مەجبۇر قالدى. ئىگىلىنىشچە، سوۋېت ئىتتىپاقىنى قوللايدىغان ۋە خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنى ئېتىراپ قىلمىغان ئەخمەتجان قاسىمى، ئىسھاق بەگ، ئابدۇلكېرىم ئابباسوف قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئايروپىلان قازاسى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. 1949-يىلى 29-سېنتەبىر، خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۈرۈمچىدە ھاكىمىيەتنى پۈتۈنلەي ئىگىلىدى، ئۇلار بۇرھان سەئىدىنى ۋالىي قىلىپ تەيىنلىدى. 1949-يىلى خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلغاندا، رايوننىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە؛ خىتايغا قارشى ئۇزۇن يىللىق قوزغىلاڭ تارىخى، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيانقى سىياسىتىگە بولغان ئۆچمەنلىك، پان-تۈرك مىللەتچىلىرىنىڭ مىللەتچىلىكى قاتارلىقلار.
خۇلاسە
تالاس ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن تۈركىستاندىن مىڭ يىل يىقىن يىراقلاشغان خىتاي 18-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاننى قايتا ئىشغال قىلىشقا باشلىغان، خىتايدا ئەڭ ئاخىرقى سۇلالىسىنى قۇرغان مانجۇلار 1759-يىلى بۇ رايوننى ئۆز كونتروللۇقىغا ئالدى. گەرچە چىڭ سۇلالىسىنى قۇرغان مانجۇلار كېيىنكى مىللەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، كۆپ مىللەتلىك خىتاي ئىمپېرىيىسىدىكى ئاز سانلىق مىللەت بولغانلىقى ئۈچۈن، كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنى قانداق باشقۇرۇش توغرىسىدا بىر قەدەر سەزگۈر سىياسەتلەرنى قوللانغان بولسىمۇ، ئەمما مەركىزى ھۆكۈمەت بىلەن يەرلىك خەلق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت يەنىلا چىڭ دەۋرىنى ئاساس قىلىغان، 1864-يىلغىچە داۋام قىلغان بۇ زىددىيەتتە 40 تىن ئارتۇق قوزغىلاڭ يۈز بەرگەن.
1864-يىلى ياقۇپ بەگنىڭ مۇستەقىللىقىنى جاكارلىشى، ئەنگىلىيە، روسىيە ۋە ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ ئېتىراپ قىلىشى بىلەن خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشقان ئىدى. بۇ مەزگىلدە خىتايلارنىڭ ئەنگىلىيە بىلەن كىرگەن ئەپيۇن ئۇرۇشى سەۋەبىدىن مۇداخىلە قىلغۇچى دەۋرىگە كىرىشى ۋە ئەنگىلىيەنىڭ روسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا بۇففېر رايونى قۇرۇش ئارزۇسى ياقۇپ ئەپەندىنىڭ خىزمىتىنى ئاسانلاشتۇرغان. پەقەت، ياقۇپ بەگ ئۆلگەندىن كېيىن باشتىن كەچۈرگەن كۈچ ۋاكۇئۇم 1876-يىلى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا كونتروللۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە سەۋەب بولدى. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا بۇ رايون شىنجاڭ «يېڭى يەر» نامىنى ئالدى. 1884-يىلى، خىتاي شىنجاڭنى ئۆزىگە قوشۇۋالدى. گەرچە بۇ ۋاقىتتىن كېيىن، تۈركىيە ۋە تۈركىستان سۆزلىرىنى ئىشلىتىش، گېزىت ۋە ژۇرناللاردا چەكلەنگەن بولسىمۇ، 1911-يىلىدىكى ئىنقىلاب ئارقىلىق سۈن جوڭشەن باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەت قۇرۇلغىچە بىر قالايمىقانچىلىق چىقمىغان ئىدى. شەرقىي تۈركىستاندىكى داۋالغۇشلار 1911-يىلى خىتايدا جۇمھۇرىيەت ئېلان قىلىنغاندىن قايتىدىن باشلىنىدۇ. جۇمھۇرىيەت دەۋرى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى يېڭى كۈچنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە خىتاي مىللىتىدىن بولغان سۈن جوڭشەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشنى قوللىسمۇ ، ئۇنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، ئۇيغۇرلار خەن سۇلالىسىدىكى تۆۋەن قاتلامدىكى ئىتنىك گۇرۇپلارنىڭ بىرى ئىدى. بۇ مەزگىلدە خىتايلارنىڭ مۇنبەت دېھقانچىلىق رايونلىرىغا كۆچۈشى ۋە خىتاي بيۇروكراتلىرى تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇشىمۇ بۇ دەۋىرىدە باشلانغان ئىدى.
بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىك كۈرەشى كۆچەيگەن بولۇپ، خىتاي، ياپون ئىشغالىيىتى ۋە ئىچكى ئۇرۇشنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقاندا، 1933-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىدە ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى. بۇ جۇمھۇرىيەت پەقەت بىر يىللا داۋام قىلدى، ئەمما ئۇ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى مۇستەھكەملەشكە زور تۆھپە قوشتى. سۈن جوڭشەننىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا چىققان جىياڭ كەيشىڭ يولغا قويغان چېكىدىن ئاشقان مىللەتچىلىك سىياسىتى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ خەن ئىتنىك گورۇپىدىن كەلگەنلىكى قارىشى بىلەن ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىش تىرىشچانلىقلىرى ۋە 1942-يىلى شەرقىي شىمال تەرەققىيات سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئاساسەن، ئۇنىڭ خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈشىگە ئىلھام بېرىشى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىدىكى ئىلى ، ئالتاي ۋە تارباگاتاي رايونى قاتناشقان «ئۈچ رايون قوزغىلاڭ» نىڭ پارتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. غولجىنىڭ قولغا چۆرۈلىشىدىن كېيىن ، 1944-يىلىدا بۇ قىتىم شىمالدىكى سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ چىگرا رايونىغا يىقىن بىر يەردە سوۋىت ئىتتىپاقىنى قوللايدىغان سىكولار مىللىيەتچىلەر باشچىلىقىندا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى ، -1949يىلغىچە داۋاملاشقان جۇمھۇرىيەت بولسا جوڭگودا موستەللىقىنىڭ خەلق قورتۇلۇش ئارمىيەسىگە ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى شەرتنامىلەرگە قۇربان بولدى. نەتىجىدە ، شەرقىي تۈركىستان 1949-يىلدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان جۇڭگونىڭ ھەقىقىي مەنىدە ھاكىمىيەت قورغان رايونغا ئايلانغان. ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ۋە مۇستەقىللىقى كۈرىشى بولسى بۇگۈنكى كۈندىمۇ داۋاملاشماقتا.
مەنبە: https://akademiye.org/tr/?p=4401, 1755-1949 yılları arasında Doğu Türkistan