You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » خوقەند خانلىقىدىكى ئۇيغۇرلار

خوقەند خانلىقىدىكى ئۇيغۇرلار

شىرئەلى قولداشەۋ

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئەھمەد سۇلۇق

تەھرىر: جىنەستە توختى

قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە ئۇيغۇرلارنىڭ خوقەند خانلىقى (1709-1876) دەۋرىدىكى پائالىيەتلىرى تەتقىق قىلىنغان بولۇپ، يازما مەنبەلەر ۋە ئىلمىي تەتقىقاتلارغا ئاساسەن، ئۇلارنىڭ خانلىق دەۋىرىدىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي جەريانلارغا قاتنىشىش دەرىجىسى تەكشۈرۈلدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇرلار خوقەند خانلىقىنىڭ مەركىزى بولغان فەرغانە رايونىدىكى  ئولتۇراق رايونلىرىدا يەرلەشكەن ئامما  ئارىسىدا ياشىغانلىقى، قۇرۇلۇش ۋە سۇغىرىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى، خوتەن-ئارىك ۋە چىن ئاباد قاتارلىق ئۆستەڭلەرنى كولاپ، خانلىقنىڭ مەركىزىي زېمىنىدىكى كۆچمەن چارۋىچىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىپ ياشىشىغا تۆھپە قوشقانلىقى بىلىنمەكتە. ئۇلارنىڭ دېھقانچىلىق ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇماتلارئىگەللەنمەكتە.

ئەگەر شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خوقەند خانلىقىدىكى ئوينىغان رولىنى خۇلاسىلەپ چىقساق، ئۇلارنىڭ 19-ئەسىردىن بۇيان خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ قۇتۇلۇپ خانلىق زېمىنلىرىدا پاناھلانغانلىقىنى، بەزىدە خوقەند خانلىقى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قارشى يۈرۈش جەريانىدا فەرغانە رايونىغا كۆچۈشكە تەكلىپ قىلغانلىقىنى بىلەلەيمىز. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ سانى بىر قانچە مىڭدىن ئاشىدىغان بولۇپ، خان جەمەتىنىڭ نېمېنگان، ئاندىجان، خوقەند، خوجەند، ئوش ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئاساسلىق شەھەرلىرىگە كۆچۈپ كەلگەن ۋە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ يەرلىك كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئۇيغۇر، خوقەند خانلىقى، ئوتتۇرا ئاسىيا، شەرقىي تۈركىستان، دىئاسپورا

ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربىي تۈركىستان (بۈگۈنكى قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، تاجىكىستان زېمىنلىرى) ۋە شەرقىي تۈركىستان، ھازىرقى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە خىتاينىڭ شىنجاڭ-ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ ئاتالغان رايونلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ئىزچىل داۋاملىشپ كەلمەكتە. گەرچە تەڭرى تېغى بىلەن پامىر تېغى بۇ ئىككى رايوننى ئىككىگە ئايرىغان بولسىمۇ، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر ئۆز-ئارا داۋاملاشقان. ئالاھىدە ئېلىپ ئېيتقاندا تۈرلۈك  سىياسىي مۇقىمسىزلىق ۋە ئىقتىسادىي كرىزىسلار تۈپەيلىدىن ھەر ئككى زېمىندىكى خەلقنىڭ بىرىدىن يەنە بىرىگە كۆچۈپ كەلگەنلىكى بىلىنمەكتە. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ كۆچۈپ كەلگەن شۇ يەردىكى ئاھالىلەر بىلەن ئارىلىشىپ رايوننىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا قوشۇلغان. بۇ تەتقىقات شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خوقەند خانلىقى (1709-1876) زېمىنىدىكى پائالىيەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن تارىخى پاكىتلارنى يورۇتۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

بۇ تېمىنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا، بولۇپمۇ خىتاي ۋە روسىيەنىڭ مىلادى 18-20-يىللىرىدىكى مەنبەلىرىدىن پايدىلاندۇق. ئەسىرلەردىن بۇيان پارس-تاجىك ۋە تۈرك تىللىرىدا يېزىلغان قوليازمىلاردىكى ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىلدى. مەسىلەن، زەينىدىن مۇھەممەد ئىمىن سەدرى كاسگارىنىڭ «ئەسەرۈل-فۈتۈھ»، شاھ مەھمۇد ب. فازىل چۇراسنىڭ «سالنامە»، سېڭ مۇھەممەد بەدەھشانىنىڭ «تارىخى- بەدەھشان»، مۇھەممەد ھاكىمخاننىڭ «مۇنتەھەبۈت-تېۋارىھ»، ئىمام ئەلى قۇندۇزىنىڭ «تېۋارىخى-مەنزۇمە»، مىرزا مۇھەممەد ھەيدەرنىڭ «تارىخى-رەشىدى» ناملىق ئەسىرىنىڭ تەپسىرى، مىرزا شەمس بۇخارىنىڭ بۇخارا، خوقەند ۋە قەشقەر ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرى، موللا نىياز مۇھەممەدنىڭ «تارىخى-شاھرۇھى»، مىرزا ئالىم مۇشرىفنىڭ «ئېنسابۈس-سېلاتىن ۋە تېۋارىخ ئۈل ھاۋاكىن» . مۇھەممەد سالىھ تاشكەندىنىڭ «تارىخى جەدىدەئىي تاشكەند»، مۇھەممەد يۇنۇس تايبنىڭ «تارىخى-ئالىكۇلى ئەمىرلەشكەر»، ئاۋاز مۇھەممەد ئاتتارنىڭ «تارىخى-جىھاننېماي»، تاجىرنىڭ «گارايئىبى سىپاھ »، دىلشادى بارنانىڭ «تارىخى مۇھاجىران»، ئۈۋېيسىنىڭ «ۋەكائاتى مۇھەممەد ئەلى خان»، مۇھەممەد ئەزىز مارگىلانىنىڭ «تارىخى-ئەزىزى»، ئەبۇ ئۇبەيدۇللاھ مۇھەممەدنىڭ «خۇلاسېتۈل-ئاھۋال» «ئەنجۇمۈت تەۋارىھ »، مىرزا شەمسىددىن بۇخارىنىڭ «تارىخى-جېڭى-ئەمىر نەسرۇللاھى ۋە مۇھەممەد ئەلى خان»، مىرزا كالاندەر مۇشرىف ئىبراھىمىنىڭ «شاھنامە-ئۆمەر خانى»، ئەبۇ ئەل ئازىم سامىنىڭ «تۇھفەھى شاھى»، ئىسھاق خان تۆرەنىڭ «تارىخى-فەرغانە»، موللا ئالىم مەھمۇدنىڭ «تارىخى تۈركىستان»، موللا خالبەك ب. موللا مۇسا ئاندىجانى يازغان «گارىبنامە»، مەھمۇد ھاكىم يەيفانىنىڭ «ھۇللەسۈت- تەۋارىھ»، مۇھەممەد فازىلبېكنىڭ «مۇكەممەل تارىخى فەرغانە»، «شاھنامەئى-مۇتىرىب»، ئابدۇلغافۇرنىڭ «زەپەرنامە»، بىكنازارنىڭ «ئەمىر لەشكەر جەڭ نامىسى»، «شاھ نامەئى ئەندەلىب». قۇربان ئەلى ئاياگۇزىنىڭ «تارىخى ھەمسائى-شەرقى»، موللا ئىبراھىم فاناھىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى»، مۇھەممەد سىددىق رۇشدى يازغان «تەزكىرەتۈل-ئەۋلىيائى تۈركى». بىلال نىزامنىڭ «غازات دەر مۈلكى چىن»، ئىلياس ئاخۇندنىڭ «قەشقەر تارىخى» قاتارلىق قوليازمىلاردىكى شەرقىي تۈركىستان تارىخىغا ئائىت ئۇچۇرلار تېخى ئېنىق بىلدۈرۈلمىگەن. تىلغا ئېلىنغان مەنبەلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن خوقەند خانلىقىنىڭ تارىخى بىلەن خانلىق زېمىنىغا كۆچۈپ كەلگەنلەر ھەققىدىكى ئۇچۇرلارمۈ بىلىنمەكتە.

15-ئەسىر تارىخچىسى ئابدۇرېززاق سەمەرقەندىنىڭ «مەتلەئۈس سەدەئين» ناملىق ئەسىرىدە بۇ تېما ھەققىدە تۆۋەندىكى بايانلاردا كۆرسىتىلگەن: «ئەمىرزادە ئۆمەر شەيخ قەشقەرگە باردى. موڭغۇلىيە خانلىقى (شەرقىي تۈركىستان) خىزىر خوجا ئوغلان ۋە ھۇدەيداد موڭغۇلىيە شەھىرى (قەشقەر) دىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قالدى. ئەمىرزادە ئۆمەر شەيخ ھۇدەيداد موڭغۇلنىڭ ئانىسى ۋە ئەمىر ئاكا ۋە ئۇلارنىڭ ھەرەم ئاغچىلىرىنى تۇتۇۋېلىپ ئۇلارنى سەمەرقەندكە ئەۋەتتى. ئۇ قەشقەر خەلقىنى ئاندىجانغا يۆتكەپ باردى». تارىخى مەنبەلەردە خوقەند خانلىقىنىڭ زېمىنىغا كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ھەققىدە ئوخشىمىغان ئۇچۇرلار مەۋجۇت. ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى بەزى مەنبەلەردە 324 مىڭ دەپ كۆرسىتىلگەن بولسا، باشقا مەنبەلەردە 1860-يىللارغىچە خوقەند زېمىنىدا 200-250 مىڭ قەشقەرلىقنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىگى بايان قىلىنغان.

بىز تارىخى مەنبەلەردىكى ئۇچۇرلار ۋە ھەر خىل ئەدەبىې ئەسەرلەردىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، خوقەند خانلىقىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان مۇساپىرلارنى ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي قاتلىمى، مىللىتى ۋە ئۇلارنىڭ تۇرغان زېمىنلىرى بويىچە نۇرغۇن گۇرۇپپىلارغا ئايرىيالايمىز. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ياركەنتلىك، ئۇچ-تۇرپانلىق، خوتەنلىك، كۇچارلىق، ئاقسۇلۇق قاتارلىقلار بار. قەشقەرلىك كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدۇ. مىللىي مۇساپىرلاردىن ئۇيغۇر، تۇڭگان، قەشقەر سىگانلىرى ۋە باشقا مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان. بۇنىڭ ئىچىدە ، كۆپ خىل ئىجتىمائىي ۋەكىللەر، ھاكىمىيەت بېشىدىكى ۋەكىللەر، داڭلىق كىشىلەر، دېھقانلار، قول ھۈنەرۋەنلەر، شائىرلار ۋە ئالىملار تېپىلماقتا. بۇ دەۋرنىڭ يازما مەنبەلىرىدە بۇ مۇساپىرلار ئۈچۈن «تاغلىق» دېگەن سۆز ئىشلىتىلگەن. 1850-1858-يىللىرى شەرقىي تۈركىستانغا بارغان قازاقىستانلىق ئەزىز مېھمانلارنىڭ بىرى بولغان چوكان ۋالىخانوف بۇ ئىپادە توغرىسىدا مۇنداق چۈشەنچە بەرگەن: «تاغلىق – بۇپۈتكۈل كىچىك بۇخارا (ئۇيغۇر-يازغۇچى) نى تۈزلەڭلىكتە ياشايدىغانلار بىلەن خوقەند خانلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق مۇساپىرلارغا سېلىشتۇرغاندا پەرقلەندۈرىدىغان ئىسىملارنىڭ بىرى قىلىپ ئىشلىتىلگەن». بۇ ئاتالغۇنىڭ خوقەند خانلىقىدا ئاكتىپ ئىشلىتىلگەنلىكى توغرىسىدا ئۇچۇرلارمەۋجۇتتۇر. شۇ يەردىكى كىشىلەر خوقەند شەھىرىنىڭ ئاساسلىق دەرۋازىسىنىڭ بىرىنى «تاغلىق دەرۋازىسى» دەپ ئاتايدۇ، بۇ دەرۋازا ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستانغا تۇتىشىدىغان يول «تاغلىقلار يولى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇندىن باشقا، شەخسلەرنىڭ ئىسمىغا تاغلىق سۆزى قوشۇلدى. يۈسۈپ مىڭباشى تاغلىق، يۇنۇس تاغلىق قاتارلىقلارنى مىسال سۈپىتىدە كۆرسىتىشكە بولىدۇ.

خوقەندنىڭ ھۆكۈمدارى ئۆمەر خان (1810-1822) 19-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ھەربىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، خانلىقدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ھەربىي قىسىملىرىنى قۇرغان. جەمئىي 50 ئادەمدىن تەركىب تاپقان ئوخشىمىغان خىش (ھەربىي تارماقلار) قۇرۇلدى ۋە ئۇلارغا تۇغ بېشى ياكى تۇغ بېگى رەھبەرلىك قىلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئافغانىستانلىقلاردىن تەركىب تاپقان «تۇغى ئافغانىستانلىقى»، تاجىكلاردىن تەركىب تاپقان «تۇغى تاجىكى» ، شەرقىي تۈركىستاندىن تەركىب تاپقان «تۇغى تاغلىق» قاتارلىقلار بار. قەشقەردىن كەلگەن يۈسۈپ قەشقەرى «تۇغى تاغلىق»قا تۇغ بېگى قىلىپ تەيىنلەنگەن. بۇ ھەربىي قىسىم خوقەند خانلىقىنىڭ ئۇرۇشىغا ئاكتىپ قاتناشقان. كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئۇنىڭغا «دادخاھ»  ئۇنۋانى بېرىلگەن. 1812-يىلى ئۇ خانلىقنىڭ يۇقىرى مەرتىۋىسىنىڭ بىرى بولغان مىڭ باشى (مايور) بولۇپ تەيىنلەنگەن ۋە خان جەمەتى ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى، يەنى ئەمىرلەشكەر قىلىپ تەيىنلەنگەن. 19.ئەسىردە ياشىغان تارىخچى موللا ئالىم مەھدۇم ھاجى «تارىخى تۈركىستان» ناملىق ئەسىرىدە: «ئۆمەر خان ئاخىرى تەرتىپنى باشقۇرۇپ، ئاندىن كىيىن مىڭ بېشى گۈلىشاھى مەرغۇلاننى خوقەندكە ھاكىم قىلىپ تەيىنلىدى ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا يۈسۈپ قەشقەرىنى مايور ۋە ئەمىرلەشكەر قىلىپ تەيىنلىدى.» دىيىلگەن.

يۈسۈپ قەشقەرى ئۆمەر خان تەرىپىدىن خوقەند ھەربىي قىسىملىرىنىڭ يېڭى قوماندانى سۈپىتىدە ئارمىيەگە رەھبەرلىك قىلىپ، 1818-يىلى بۇخارا ئەمىرلىكى بىلەن يامانلىشىپ قالغان ئوراتەپەگە ئەۋەتىلگەن. ئارمىيە ئۈچ كۈن ئىچىدە ئوراتەپەدىن سەمەرقەنت ئەتراپىغا يېتىپ كەلگەن يەرلەرنى ئىگەللىگەن. بۇ غەلبىدىن كېيىن قايىل بولغان ئۆمەر خان، موللا ئالىم ماھدۇم ھاجىنىڭ خاتىرلىغانلىرىغا ئاساسەن باش قومۇتانغا: «ئۇلارغا سوۋغات بېرىش ئارقىلىق تۆھپە قوشقان بارلىق ئەسكەرلەرگە كىيىم-كېچەك، نەرسە-كېرەك ۋە يارلىق بېرىپ، ئېرىشكەن غەنىيمەتنى ئەسكەرلەر ئارىسىغا تەقسىم قىلىشنى پەرمان قىلغان». خوقەند خانلىقىنىڭ قوشۇنى يۈسۈپ مايور تاغلىقنىڭ رەھبەرلىكىدە تاشكەنت، تۈركىستان ۋە دەشتى قىپچاققا يۈرۈش قىلىپ، بۇ يەرلەرنىڭ مەلۇم قىسمىنى خان جەمەتى چېگراسىغا قوشقان. نەتىجىدە، دۆلەتتىكى داڭلىق شەخسلەر ۋە ھەربىي ئامما ئارىسىدا «تاغلىقلارنىڭ ۋەكىلى» يۈسۈپ قەشقەرىنىڭ تەسىرى كۈچەيگەن.

ھەتتا ئۆمەر خانمۇ قىزى بىلەن مۇھەممەد ئەلى خاننىڭ تويىنى قىلىپ تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى. ئۇ خان جەمەتىدىكى ھەربىي ئىشلاردىلا ئەمەس، دۆلەت ۋە جەمئىيەت ھاياتىدىمۇ مۇھىم ئورۇنلارغا ئېرىشتى. مەنبەلەردە ئۆمەر خان ئالەمدىن ئۆتكەندە، يۈسۈپ قەشقەرىنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقى خاتىرىلەنگەن. «مۇھەممەد ئەلىنىڭ قېيناتىسى يۈسۈپ مىڭباشى، تاغلىق سەركەردە ئۇمەراغا باشلىق ۋە مەسلەھەت بېشى ئىمىش. ۋەسىيلىك ئۈچۈن تەختنىڭ ئەتراپىدىكى ئالاھىدە ۋە مۇتلەق ئەرلەرنى تەيىنلەش ئارقىلىق ئۆمەر خاننىڭ ئۆلۈمىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ كۈنى، كىچىك قىيامەت بولغاندەك ، چوڭ-كىچىك بارلىق ئەمىر ۋە ۋەزىر، شاھ ۋە گاداي دەپنە مۇراسىمىغا بېرىپ، ئۆمەر خان ئۈچۈن ماتەم تۇتتى ۋە يىغلىدى. ئۇ ۋاقىتتا مىيىتنى كىشىلەر توپىدىن كوچىغا ئېلىپ چىقىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى، يۈسۈف مىڭباشى ئۇنى زور كۈچ بىلەن ئېلىپ كېلىپ ئاتا-ئانىسىنىڭ قەبرىسى يېنىدا بىللە دەپنە قىلدى دەپ يازىلغان. ئۆمەر خان ئالەمدىن ئۆتكەندە، مۇھەممەد ئەلى خان 14 ياشتا ئىدى. يۈسۈپ مىڭبېشى ئۇنى خوقەندنىڭ تەختىگە قويۇپ دۆلەت باشقۇرۇشنى ئۆز قولىغا ئالدى. قانداقلا بولمىسۇن، مۇھەممەد ئەلى خان ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن بەشىنجى يىلى، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا تالاش-تارتىش يۈز بېرىپ، خوقەند خان قېيناتىسىنى مەرغۇلان شەھىرىگە ئەۋەتكەن. كېيىن، يۈسۈپ قەشقەرى بۇ ۋەزىپىدىن بوشىتىلغان ۋە ھەجگە ئەۋەتىلگەن. مەنبەلەردە يۈسۈپ قەشقەرىنىڭ سەپەر جەريانىدا قازا قىلغانلىقى بايان قىلىنغان.

خوقەند ھۆكۈمرانى مۇھەممەد ئەلى خان (1822-1842) ئۆز ئارمىيىسى بىلەن 1826-1827-يىللىرى شەرقىي تۈركىستانغا ھۇجۇم قىلغان. پەقەت، ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر شەھىرىدىكى مانجۇر ھەربىي ۋە مەمۇرىي قوماندانلىق مەركىزىنىڭ بىرى بولغان گۈلباغ قەلئەسىنى ئىلىشقا ئۇرىنىۋاتقاندا خوقەندكە قايتىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇنىڭ خاككۇلۇق لەشكەر باشى باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم ئەسكەرلەر خىتايلارغا ئىسيان قىلغان جىھانگىر غوجىغا ياردەم بېرىشكە تەقسىم قىلىنغان. لىكىن، 15 كۈن ئىچىدە خىتايلارنىڭ گۈلباغ قەلئەسىنى ئىشغال قىلغان خاككۇلىقنىڭ رەھبەرلىكىدىكى خوقەند ئارمىيىسى شەرقىي تۈركىستاننىڭ باشقا يەرلىرىنىمۇ ئىشغال قىلىشقا باشلىغان. شۇنىڭدىن كېيىن، مانجۇر ھۆكۈمىتى دەرھال  شەنشى، گەنسۇ، خايلون، شەندۇڭ ۋە چايلۇڭ قاتارلىق ئۆلكىلەردىن 36مىڭ ئەسكەر 20 مىڭ ئات 10 مىڭدىن جىق تۆگە ۋە جەمئىي 70  مىڭ ئەسكەر بىلەن ئاقسۇغا، كېيىن قەشقەرگە يۈرۈش قىلدى. نەتىجىدە، ھاككۇلىق باشچىلىقىدىكى خوقەند خانلىقىنىڭ ئەسكەرلىرى 70 مىڭ ئۇيغۇر ئائىلىسىنى ئېلىپ خانلىق زېمىنىغا ئېلىپ كېلىپ، بۇ يەردىكى شەھەرلەرگە ئورۇنلاشقان. خوقەندنىڭ تارىخچىلىرىدىن مۇھەممەد سالىھ خوجا ئۆزىنىڭ «تارىخى جەدىدەئىي تاشكەند» ناملىق كىتابىدا شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن بۇ مۇساپىرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك مۇنداق دەيدۇ:

«خوقەند خان مۇھەممەد ئەلى خان ئوش، ئاندىجانا، شەھرىخان، نەمەنگەن، مەرغۇلان، تۆرە قورغان، خوجەند، ئوراتەپە، قۇرامە ۋە تاشكەند قاتارلىق جايلارغا 12 مىڭ 600 مۇساپىر ئەۋەتتى».

شەھەرلەرگە يەرلەشتۈردى. يازما مەنبەلەردە، يۈسۈپ مىڭبېشىدىن باشقا، خاننىڭ سىياسىي ھاياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان باشقا «تاغلىق» لار ھەققىدە ئۇچۇر تاپقىلى بولىدۇ. مەسىلەن ، 1856-1857-يىللاردا، ئاندىجاننىڭ ھۆكۈمرانى، خوجا كەلان قەشقەرى، خوقەند ھۆكۈمرانى (1858-1862) مەللەخان ، موللا فەتھىددىن ھەكىم قەشقىرى قاتارلىقلار. ئىگىلىنىشىچە، شەخسلەرنىڭ خانلىقنىڭ سىياسىي ھاياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان.

18- ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا، خوتەندىن كەلگەن مۇساپىرلار تەرىپىدىن خوتانارىك، 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا چىناباد قېزىلدى. بۇ سۇغىرىش يوللىرى ئارقىلىق قۇرۇق يەرلەر سۇغىرىلىپ، قۇملۇق يەرلەر باغقا ئايلاندى. بۇنىڭدىن باشقا، مۇساپىرلارنىڭ ئولتۇراقلىشىشى، ئېتىزلىقنىڭ قىسقىرىشى ۋە نەتىجىدە كۆچمەن چارۋىچى قىپچاق ۋە قىرغىز قەبىلىلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا ئاساس سالغان. مەلۇمكى، بىر قىسىم بايلار چارۋا ماللىرىنى ۋە يەرلىرىنى شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن مۇساپىرلارغا سېتىپ بەرگەن. نامرات كۆچمەن چارۋىچىلار بولسا، مۇساپىرلار ۋە يەرلىك كىشىلەرنىڭ تەسىرى بىلەن ئولتۇراقلىشىشقا باشلىغان. ھازىر بۇ رايوننىڭ يەرلىكلىرىگە ئايلانغان مۇساپىرلار دېھقانچىلىق ۋە كۆكتات ۋە قوغۇن، تاۋۇز، كاۋا، پىياز، سەۋزە قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى بازارغا سېلىشقا باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن تەڭ، مۇساپىرلار يەنە ھەر خىل ھۈنەر-سەنئەتلەرنى ئۆگەندى. ئۇلار ئىشلەپچىقارغان ھەر خىل قول ھۈنەر بۇيۇملىرى ئوش، ئاندىجان ۋە باشقا شەھەرلەردە سېتىلدى. مەلۇمكى، مۇساپىرلار خوقەند خانى خۇدايار خاننىڭ ئوردا (باش شتابى) قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتناشقان ئىدى.

شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن مۇساپىرلار ئىچىدە خانلىق تۇپراقلىرىدا داۋاملىق كۈن كەچۈرىۋاتقانلار بىلەن بىللە ئەتىيازدا خانلىق زېمىنىغا كېلىپ، كۈزگىچە ئۇ يەردە ئىشلەپ، يېتەرلىك پۇل توپلىغاندىن كېيىن ئائىلىسىگە قايتىپ كەلگەنلەر بار ئىدى. يەنىلا، خوقەند خانلىقى زېمىنىدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كۆپىنچىسى بۇ يەردە مەڭگۈ ياشاشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەردىن تەركىب تاپقان ئىدى. بۇ كىشىلەر خانلىقنىڭ يەرلىك ئاھالىلىرى بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈشكەن. بۈگۈنگە قەدەر فەرغانە خەلقى ئارىسىدا ساقلىنىپ كەلگەن ئۇيغۇر تائاملىرى، زىبۇزىننەت بۇيۇملىرى بىلەن داۋاملىشىۋاتقان قەشقەر بالداق، بىناكارلىقتىكى ئايۋان، قەشقەرچە مورا، ياغاچ ئويما ۋە ساپال بۇيۇملاردىكى قەشقەر ئۇسلۇبى قاتارلىقلار بۇ جەرياننىڭ نەتىجىسىدۇر.

شۇنىڭ بىلەن، شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن مۇساپىرلارنىڭ خوقەند خانلىقىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا ئاكتىپ قاتناشقانلىقى چۈشەندۈرۈلمەكتە. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يەرلىك كىشىلەر بىلەن بىللە خانلىقتىكى ھەر خىل ئورۇنلاردىن ۋەزىپە ئالغان. بولۇپمۇ ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مۇساپىرلارنىڭ سانى بىر قەدەر كۆپ ئىدى. ئۇلار يەرلىك خەلقلەر بىلەن دېھقانچىلىق ۋە سۇغىرىش تىجارىتى، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە سودىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ھەمكارلاشتى. بۇ خىل مۇناسىۋەتلەرنى تەكشۈرۈش  تەتقىق قىلىش ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈردۇر.

مەنبە: https://akademiye.org/tr/?p=4022  Hokand Hanlığında Uygurlar

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top