شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى – 10: ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى ۋە ئۇيغۇر ئەنجۈمەن دەۋرى
شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى (چاتما ئەدەبىي خاتىرە)
ئونىنجى باب: ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى ۋە ئۇيغۇر ئەنجۈمەن دەۋرى
ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي
تىرىكلا بولساق بىز – سەن، ئۇ ۋە مەن،
تاقالماس مەڭگۈ ئۇيغۇر ئەنجۈمەن.
مىللەتكە پىدا غايەلىك ياشلار،
ئۈنگەي ئىزىدىن گۈللەر مىڭ تۈمەن.
-«ئۇيغۇر ئەنجۈمەنى خاتىرەسى» دىن.
(1)
جۇڭگودا (خىتايدا-ت) مىلادىيە 1978-يىلدىن باشلانىپ قىرىق يىل داۋاملاشقان ئىسلاھات دەۋرى ئانا يۇرتتا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي تۇرمۇشىغامۇ ئاللاھنىڭ ئىنايەتى بىلەن، ئاسايىشلىق، تەرەققىيات بەخش ئەتكەن گۈزەل ۋە ياخشى زامان بولغان ئىدىكى، شۇ دەۋردە باشتىن كەچۈرگەنلەرىمىزنى لىللاھ مەيداندا تۇرۇپ ئەسلەش ئەمەلىيەتتە، تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۇنلەش نۇقتاسىدىن ئەيتقاندا، ئوبدانلا ئەھمىيەتلىك بولىدۇ، دەپ قارايمەن.
بىۋاسىتە كەچۈرمىشلەرىمىز ئاساسىدىكى چۈشەنچەمچە دەسەم، ھۆكۈمەتنىڭ شۇ چاغدىكى «ئىسلاھات قىلىش» دەگەنى ئەمەلىيەتتە، «بۇرۇندىن قوللانىپ كەلىۋاتقان قاتمال فەئودال سوتسيالىزم رامكاسىدىن ۋاقتىنچە بولسامۇ ۋاز كەچىپ، دۇنيا خەلقى، خۇسۇسەن ئىقتىسادى تەرەققى قىلغان كاپىتالىزم دۇنياسىنىڭ دۆلەت باشقۇرۇش تۈزۈمىنى، ئوچۇقلاپ دەسەك، دىموكراتىك تۈزۈمنى قوللانىپ باقىش» دەگەن بولىدىغان ئوخشايدۇ.
ئۆز كۆزلەرىمىز بىلەن كۆرۈپ ۋە ئۆز ئەمەلىيەتىمىزدىن ئۆتكۈزۈپ باقتۇقكى، ئاللاھ كارامەت، دىموكراتىزم دەگەن ئەجەب ياخشى بولىدىكەن ئەمەسمۇ؟!
بۇ تۈزۈمدە، ھەممە ئادەم بۇرۇنقى بۇرۇقتۇملۇق كۈنلەردىن بىراقلا قۇتۇلۇپ، گويا ئەركىن نەپەس ئالالايدىغان، ئەركىن پىكىر قىلالايدىغان بولدى؛ ئەركىن تىجارەت قىلالايدىغان، ھەتتا چەتئەللەرگە چىقىپ، زىيارەت، تىجارەت ۋە ئىبادەت قىلالايدىغان بولدى. بۇرۇن «ئەكسىيەتچى ئۇنسۇر» دەپ، نەزەربەنت قىلىپ قويۇلغان ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر، ئەھمەد زىيائىي، ھاجى ياقۇپقا ئوخشاش زىيالىيلار ئازاد بولۇپ، قوللارىغا قايتادىن قەلەم ئالىپ ئەسەر يازالايدىغان، ئىلىم-ئىرپان ئوچاقلارى بولمىش مەكتەپلەرگە بارىپ، ئۆز مىللەتىنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى ھەققىدە يۈرەكلىك نوتۇق سۆزلەيەلەيدىغان بولدى. بۇ ئولەمالارىمىزنىڭ باشچىلىقىدا، «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»، «قۇتادغۇ بىلىك» ناملىق بىزلەر بالا-ئۆسمۈر چاغلارىمىزدا ئىسىم-شەرىپىنى ئانچە-مۇنچە ئاڭلاغان ئەمما كۆرۈپ باقماغان نادىر دۇنياۋى ئەسەرلەرىمىز ئۆزىنىڭ ئانا يۇرتىدا، بىباھا ئۇيغۇر تىل-يازىقىدا نەشىر قىلىندىكى، بۇلار ئۇيغۇر تارىخىدا، ئۇيغۇر دۇنياسىنىڭ ھىچقانداق بىر يەرىدە، شۇ چاغقىچە مىسلى كۆرۈلۈپ باقماغان پەۋقۇلئاددە زور ئىشلەر ئىدى. شۇنداق ئەرمەسمۇ، ئەجەبا!؟
بىزمۇ ئۇ چاغلاردا تەخى ياش بەساقال ئادەملەر ئىدۇقكى، يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللاردىن بەئزەندە ئىسەنكىرەپ قالغاندەك بولۇپ قالاتتۇق: بۇ قانداق گەپ بولۇپ كەتتى-ھە؟ ھاكىمىيەت باشىدىكىلەر يەنە شۇ ئاتام ئەيتقان بايىقى تايىپەلەر، ھىچ بىر باشقا يەردىن شاپائەتچى، غەمگۇزار مىللەت كەلىپ قالغانى يوق. ۋەھالەنكى، كۈنلەرىمىز ئەجەب ياخشى بولۇپ كەتتى-يا، ئەينا؟
ئوبدانراق ئويلاپ قاراساق، ئىسلاھاتلىق يىللاردىكى ئۇ بەلەنلىكلەرنىڭ ھەممەسى قانداقتۇر بىر غەمگۇزار مىللەتنىڭ بىزگە قىلغان بەخشىش-نەزىرەسى، ۋە شاپائەتى ئەرمەس، بەلكى ئاشۇ دىموكراتىزم ئاتلىق بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئادەمىي ياشام نەزەرىيەسى ۋە ئۇ بەخش ئەتكەن ئەزىز دىموكراتىيە تۈزۈمىنىڭ نەق سەمەرەسى ۋە تەبىئىي مەھسۇلى بولامدۇ-قانداق؟
بۇنىڭدىن قاراغاندا، قارىنداشلىق ئورۇندا ياشاش نەسىب بولغان بىر مىللەتنىڭ ياخشى ياكى يامان كۈن كۆرۈشى ھاكىمىيەت باشىدىكى مىللەتنىڭ يەس ياكى پەسلىكىدىن ئەرمەس، بەلكى جەمئىيەتنى، ئىجتىمائىي ياشامنى كونترول قىلىدىغان تۈزۈمنىڭ دىموكراتىك ياكى زومىگەرلىك بولۇشىدا ئوخشامامدۇ؟
ئەسىمدە قالىشىچە، مەزكۇر ئىسلاھات دەۋرىدىكى دىموكراتىك مۇھىت پايتەخت بەيجىڭدا، مەملىكەتنىڭ باشقا جايلارىغا قاراغاندا، خۇسۇسەن بىزنىڭ ئانا يۇرتىمىزغا سالىشتۇرغاندا، ئالاھىدە پەرقلىق، تولامۇ راھەت ۋە ئارامىخۇدالىقتا بولغان ئىدى. ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردە قۇرۇلۇپ كەتكەن ئىلىم ئوچاقلارى- ئىلىم سۆزلەش سالونى، تەتقىقات مەركەزلەرى ۋە ئىلىم-پەندە ئىلگەرىلەش جەمئىيەتلەرىنىڭ كۆپلۈكىدىن «پوش-پوش» دەپ ماڭماساڭ، كوچانىڭ بۇ باشىدىن ئۇ باشىغا ئۆتكەلى بولماغۇدەك بولۇپ كەتكەنىدى گويا.
مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە، يەنى 1994-يىل 5- ئايدا، مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتى ئورتا مەركەز بىناسىنىڭ مىڭ كىشىلىك مۇزىكا زالىدا، «جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخ-مەدەنىيەت تەتقىقات جەمئىيەتى» (中国维吾尔历史文化研究会) ئاتلىق دۆلەت بىرىنجى دەرىجەلىك ئامماۋى ئىلىم-پەن تەتقىقات جەمئىيەتى داغدۇغالىق ۋە تەنتەنەلىك قۇرۇلدى. مەرھۇم جامائەت ئەربابلارى سەيفۇددىين ئەزىزىي، ئىسمائىل ئەھمەد ۋە توختى مۇزارت ئەپەندىلەر باش بولۇپ قۇرغان بۇ جەمئىيەت ئەمەلىيەتتە، جۇڭگودا ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنى تەشكىللىك ۋە پىلانلىق ھالدا قانات يايدۇرۇشنىڭ نۇسرەت پەردەسىنى ئاچقان بۈيۈك نامايەندە ئەمگەك بولدى.
مۇشۇنداق ياخشى كۈنلەردە، بىزمۇ غەيرەتكە كەلىپ، كەيىنچە ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتەتى بولۇپ تەرەققىي قىلغان ئۇيغۇر بۆلۈمىگە باغلىق قىلىپ، مەملىكەت بويىچە تۇنجى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات ئورنى (维吾尔学研究所) نى شەرەپ بىلەن قۇردۇق. شۇندىن باشلاپ، «ئۇيغۇرشۇناسلىق» دەگەن يالغۇز چەتئەللىك بىلىم ئادەملەرىنىڭ ماقالە ۋە كىتابلارىدالا كۆرۈلىدىغان بىر تەرمىن ئەرمەس، ئەمدى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتىدامۇ بىلىم ئادەملەرى يۈرەكلىك ھالدا، ئاغىزىدىن چىقارىپ ئەيتالايدىغان ۋە ئۆزلەرىنىڭ نوتۇق، ماقالە ۋە كونكرىت پائالىيەتلەرى ئارقالىق مۇئەييەن شەكىلدە ئىپادەلەيەلەيدىغان بىر مەسلەك بولدىلەر.
(2)
بىزنىڭ ئەقىدەمىزچە، ئۇيغۇرشۇناسلىق دەگەن ھەرگىزمۇ قۇرۇق شوئار ئەرمەس، بەلكى ئۇ بىر خىل مىللىي مەسلەك، روھىي غىزا-ئاشلىق. ھالبۇكى، بۇ روھىي غىزا-ئاشلىقنى تارىشمۇ، يەيىشمۇ ئوخشاشلا مۇشەققەتلىك، ئەمما ھەقىقەتەن شەرەپلىكتۇر.
بىز بىر بىلىم ئوچاقى بولغان ئالىي ئىرپانگاھدا ئىشلەۋاتقان ئىكەنمىز، ئۇيغۇرشۇناسلىققا تالىق پائالىيەتلەرنى نوقۇل ھالدىكى كىتاب-ئەسەر قىلىپ يازىقچىلىق بىلەن ئىپادەلەشتىن كۆرە، ئۇنى بەرىكەتلىك روھىي ئاشلىق قىلىپ، ياش نەۋقىران ئەۋلادلارنىڭ قەلبىگە تارىپ، ئىلىمپەرۋەر ئىز باسار تەربىيەلەيدىغان مەئرىكە مەيدانى قىلىشنى ئەۋزەلرەك كۆردۇق.
مۇشۇ ئوي بىلەن، ئىدىتلىق ھالدا، كۆپلەپ يىغىن، توپلانىش ۋە ئۇچراشىش سورۇنلارىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچى ياشلار بىلەن ئۇيغۇرلۇق ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ پەيزىنى باراۋەر سۈردۇق. بۇ يەردە، شۇ چاغلاردىكى بىر يىغىن خاتىرەمىزنى قىستۇرما مىسال قىلغۇم كەلدى:
كاشغەرىي روھىنى ئۆرنەك قىلىپ، ئىلىم –پەن ئۆگرەنىشى ۋە تەتقىقاتى بىلەن ئاكتىپ شۇغۇللانايلى
(بۈيۈك مەھمۇد كاشغەرىي تۈزگەن قامۇس «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» مەيدانغا كەلگەنلىكىنىڭ توققۇز يۈز يىگىرمە يىللىقىنى خاتىرەلەش يىغىنىدا سۆزلەنگەن نوتۇق <قىسقارتىلماسى>)
بۇ يىل (يەئنى1994-يىل) بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشغەرىي تۈزگەن قامۇس «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك‹تۈركىي تىللار دىۋانى›» مەيدانغا كەلگەنلىكىگە توققۇز يۈز يىگىرمە يىل بولدى.
مۆھتەرەم ئەجدادلارنى ئەسلەش، ئۇلارنىڭ ئەھمىيەتلىك ئەمگەكلەرىنى تىلغا ئالىپ تۇرۇش ۋە ئۇلاردىن ئۆگرەنىش، شۇ ئارقالىق ئۆزلەرى ئۈچۈن، ئۆز زامانىسى ئۈچۈن شۇنداقلا ئەۋلادلار ئۈچۈن، كەلگۈسى زامان ئۈچۈن پايدالىق بولغان خىزمەتلەردە بولۇش ھەرقانداق بىر ئىنسان ئۈچۈن مائقۇل ئەخلاق، ياخشى پەزىلەت سانالىدۇ. ھالبۇكى، مەھمۇد كاشغەرىي دۇنيا ئىلىم ئەھلىگە، خۇسۇسەن ئىجتىمائىي پەن ئەھلىگە تونۇلغان داڭلىق ئالىم. سەمىمىيەت بىلەن ئەيتقاندا، ئۇ-يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭ، خۇسۇسەن ھازىرقى زامان كاشغەرىيلەرىنىڭ مەھمۇدى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ يەنە ئۆز زامانىسىدىكى بۈيۈك قارا خانىيلار دۆلەتىگە تابى بولغان بىپايان زەمىندا ياشاغۇچى بارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭمۇ مەھمۇدى. شۇڭا، بىز بۇ دۇنياۋى ئالىمىمىزنى تولۇپ تاشقان ئىپتىخارىمىز بىلەن «دۇنيا تۈركىي تىللار تەتقىقاتىنىڭ كارۋانباشى، جاھان ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتققىقاتىنىڭ سەردارى» دەپ ئاتاشقا پۈتۈنلەي ھەقلىقمىز!
كاشغەرىي زامانىدىن زامانىمىزغىچە
تارىخ ساۋاتىدىن مەئلۇمكى، مەھمۇد كاشغەرىي ياشاغان ۋە ئىجاد قىلغان چاغلار قارا خانىيلار دۆلەتى زامانى دەيىلەتتى. بىزنىڭ زامانىمىز ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەۋرى بولۇپ سانالىدۇ. مەھمۇد زامانىدىن زامانىمىزغىچە بولغان ئارالىق مىڭ يىلدىن ئارتۇق ئۇزاق تارىخىي جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ جەرياندا، ئۇيغۇرلار قارا خانىيلار دەۋرىدىن بۆلەك ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى دەۋرى، چاغاتاي خانلار دەۋرى، ياركەند سەئىدىيە خانلىقى دەۋرى، ئافاق خوجا ۋە خوجالار دەۋرى، بەدەۋلەت ياقۇپبەگ دەۋرى، زوزۇڭتاڭ تەسسىس قىلغان شىنجياڭ (ياڭى چەگرا) ۋە شىنجياڭ ئۆلكەسى دەۋرى قاتارلىقلارنى باسىپ ئۆتكەن. بۇ دەۋرلەر ئۆز ئىچىدىن يەنە نۇرغۇن ئۇششاق دەۋر ۋە باسقۇچلارغا بۆلۈنىدۇ. زامانىۋى پەن-مەدەنىيەت بويىچە بىلىم ئالىۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارى بولۇش سالاھىيەتىمىز بىلەن، بۇ تارىخىي دەۋرلەرنى ۋە بۇ تارىخىي دەۋرلەردە يۈز بەرگەن ئەھمىيەتلىك ۋاقىئەلەرنى، شۇنداقلا شۇ دەۋرلەردە، شۇ زامانلارنىڭ ئۆزى ئۈچۈنلا ئەرمەس، بەلكى كەيىنكى ۋە بۈگۈنكى دەۋرلەرىمىز ئۈچۈن دەپ ئۆزىنىڭ بارلىقىنى باغىشلاپ ياشاغان ئىجادكار ئەجدادلارنى ۋە ئۇلارنىڭ مول مەزمۇنلۇق ئەمگەكلەرىنى پىششىق بىلىشىمىز كەرەك. مانا شۇنداق بىزنىڭ جەزمەن بىلىشىمىزگە تەگىشلىك ۋە ھەمىشە ئەسلەپ تۇرۇشىمىزغا ئەرزىيدىغان ئەجدادلارىمىزنىڭ پەشىۋاسى مەھمۇد كاشغەرىي؛ مانا شۇنداق بىزنىڭ قەدىرلەپ ئۆگرەنىشىمىزگە، ياخشى تەتقىق قىلىشىمىزغا ۋە ئىجادىيەتلەرىمىزدە ئۈلگە قىلىشىمىزغا ئەرزىيدىغان كلاسسىك شاھ ئەسەرلەرنىڭ بىرى قامۇس «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» تۇر.
كاشغەرىي زامانىدىن بىزنىڭ بۇ زامانىمىزغىچە بولغان ئۇزاق تارىخىي جەرياندا، بىزنىڭ ئەجدادلارىمىز ئۆز زامانىسىدىكى دۇنيادا ياشاغان ھەرقانداق مۇنەۋۋەر مىللەتكە ئوخشاشلا، تىرىشىپ ھالال ئەمگەك بىلەن، ئىجاد بىلەن، ئىلىم-مەئرىپەت بىلەن ياشاغان. بىزنىڭ بۈگۈنكى مەۋجۇدىيەتىمىز، بۈگۈنكى زەمىنىمىز ۋە بۈگۈنكى بارلىق بايلىقىمىز بۈيۈك ئەجدادلارىمىزنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك جاپالىق كۈرەشلەرىنىڭ ۋە نەتىجەلىك ئەمگەكلەرىنىڭ مەھسۇلى. شۇڭا، بىز ياشلارنىڭ، ئەۋلادلارنىڭ ئاتا-بوۋالارىمىزدىن، ئەجدادلارىمىزدىن ئاغرىنىشقا ھىچقانداق ھەققىمىز يوقتۇر!
ئەجدادلار «دىۋانۇ لۇغاتىت» تەك ئاشۇنداق مۆئجىزەلىك ئەمگەكلەرنى ئۆزلەرىنىلا ئويلاپ ئەرمەس، بەلكى بىز ئەۋلادلارنىمۇ كۆزلەپ قىلغان. ھالبۇكى، بىز ئۆزىمىزنىڭ شانلىق تارىخىمىزنى چۈشەنىپ، رىئاللىققا يۈزلەنگەن ۋاقتىمىزدا، ئەجدادلارنى ئۈلگە قىلىپ، دەۋرىمىز ئۈچۈن-ئۆزىمىز ئۈچۈن، شۇنداقلا كەيىنكى ئەۋلادلارىمىز ئۈچۈن، بىزمۇ ئەڭ شانلىق ئىشلارنى قىلىشىمىز لازىم.
«دىۋان» ۋە كاشغەرىي روھى
مەھمۇد كاشغەرىي تۈزگەن «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» ئۈستىدە تارىختىن بۇيان تەتقىقات يۈرگۈزۈپ كەلىۋاتقان تۈرلۈك ئىرق، تۈرلۈك قەۋمگە تەئەللۇق بولغان بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك قاراشى شۇكى، ئۇ ھەرگىزمۇ يالغۇز تىلشۇناسلىققا ئائىت ئاددىي بىر لۇغەت، سۆزلەملەر توپلامى ئەرمەس، بەلكى ئۇ ئۆز زامانىسىدىكى تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ مەدەنىي تۇرمۇشى، جۇغراپىيەلىك ئولتۇراقلاشقان جايى، تارىخى، قەۋم-قەبىلەلەر ئارا بولغان مۇناسىۋەتلەرى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئاسمانشۇناسلىق، دورىگەرلىك، ھەربىي ئىشلار، پەن-تەخنىكا، سانائەت ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت، فولكلور، پەلسەپە ھەتتا، يەمەك-ئىچمەك مەدەنىيەتى ۋە كىيىم-كەچەك مەدەنىيەتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى بىلىم سەۋىيەسى، ئەمەلىي پائالىيەتلەرى چىنلىق بىلەن خاتىرەلەنگەن ئەنىسكلوپىدىك قامۇستۇر.
بىز «دىۋان» نى مۇتالىئە قىلغان ۋاقتىمىزدا، ئاتا بوۋالارىمىزنىڭ ئۆز زامانىسىغا نىسبەتەن يۈكسەك سەۋىيەلىك مەدەنىي ھاياتىغا تەھسىن ئوقۇيمىز، شۇ قەدەر غورۇرلانارلىق ئالەمشۇمۇل نەتىجەلەرنى ياراتقان ئەجدادلارىمىزدىن سۆيۈنىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، ئاشۇنداق ئىپتىخارلىق تۇرمۇش كارتىناسىنى ئەينەن سىزىش يولىدا، مىڭ مەرتىۋە يوللۇق ھالال تەر تۆككەن بوۋامىز مەھمۇد كاشغەرىيدىن ئۆگرەنىش تۇيغۇمىز چىن قەلبىمىزدىن جۇش ئۇرىدۇ. شۇنىسى ئانىقكى، « دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» تىن ئىبارەت بۇ شاھ ئەسەر شانلىق قارا خانىيلار دەۋرىنىڭ پارلاق ھاسىلى، شۇنداقلا ئۇ شۇ دەۋردە ياشاغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەمىشە ئالغا ئىنتىلىپلا تۇرىدىغان، ئارقادا قالىشنى مەڭگۈ راۋا كۆرمەيدىغان يۈكسەك روھىنىڭ ھەقلىق سەمەرەسى. بىز مۇنداق روھنى « كاشغەرىي روھى» دەپ ئاتاساق تازا دۇرۇس بولىدۇ.
بىز دەۋاتقان كاشغەرىي روھى-يۈكسەك غايەنى دىلغا مەھكەم پۈكۈپ، تىرىشىپ ئۆگرەنىش روھى. مەئلۇمكى، مەھمۇد كاشغەرىي ياش ۋاقتىدا، ئۆز ئانا يۇرتىدىن ئاتلانىپ چىقىپ، داۋان ئاشىپ، دەريا كەچىپ، يىراق باغداد شەھىرىگە بارىپ ئىلىم تەھسىل قىلغان. ئۇ كەلگۈسىدە خەلققە، مىللەتكە، ئانا ۋەتەنگە شان-شەرەپ كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت بۈيۈك ئىستەك ۋە يۈكسەك غايەنى كۆڭلىگە مەھكەم پۈككەنلىكى ئۈچۈنلا ئۆگرەنىشتە ئەلا نەتىجە قازانغان. ئۇ ئۆگرەنىشتە ئەلاچى بولغانلىقى ئۈچۈنلا كەيىنكى چاغدا، « دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» تىن ئىبارەت شۇبۇ مىڭ يىللارنىڭ مابەينىدە ئۇيغۇر روھىنىڭ شانلىق يالداماسى بولۇپ كەلىۋاتقان كاتتا قامۇسنى يازالاغان.
بىزلەرمۇ بۈگۈن ئۆز يۇرتىمىزدىن ئاتلانىپ چىقىپ، ئون مىڭ يوللاپ ئۇزۇن سەپەرنى باسىپ كەلىپ، شۇبۇ پايتەخت بەيجىڭدا ئوقۇۋاتىمىز، ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتىمىز. ھالبۇكى، بىز كۈندەلىك ئوقۇش-ئۆگرەنىشتە، نوقۇل ھالدا ئوقۇتقۇچىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئىمتىھانغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈنلا ئۆگرەنمەي، بەلكى بوۋامىز كاشغەرىينى ئۈلگە قىلىپ، كەلگۈسىدە مىللەتىمىزگە ئەھمىيەتلىك نەتىجەمىز بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن ئۆگرەنىشىمىز، خەلقىمىزگە شان-شەرەپ كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆگرەنىشىمىز كەرەكتۇر.
بىز دەۋاتقان كاشغەرىي روھى-تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئەتراپلىق ئىزدەنىش، شۇ ئارقالىق، ئىلىم-مەئرىپەتنىڭ بىناسىنى جەمئىيەتنىڭ ئىھتىياجى، خەلقنىڭ ھاجەتىنى چىقىش قىلغان ئەمەلىيەت ئاساسىغا بەرپا قىلىش روھىدۇر. مەھمۇد كاشغەرىي ئۆز دىۋانىنىڭ كىرىش قىسمىدا: « مەن ئۇلارنىڭ شەھەر ۋە سەھرالارىنى باشتىن ئاياغ كەزىپ چىقتىم. تۈرك، تۈركمەن، ئوغۇز، چىگىل، ياغما، قىرغىزلارنىڭ سۆزلەرىنى ۋە قاپىيەلەرىنى ئانىقلاپ چىقىپ، ئۇلاردىن پايدالاندىم. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ تىلى مەنىڭ دىلىمغا ناھايەتى ياخشى ئورۇنلاشتى. مەن ئۇلارنى پۇختا رەتلەپ، ئوبدان تەرتىپكە سالىپ چىقتىم.» دەپ يازغان.(قاراڭ:«دىۋان» 3-بەت) بۇ بايانلاردىن مەئلۇمكى، «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» تىن ئىبارەت ئەسىرلەر داۋامىدا، باشقالارنىڭ ئەقلىنى ھەيرانلىقتا قالدۇرۇپ، ئۆز خەلقىمىزنى ئىپتىخارلىقتا شادلاندۇرۇپ كەلىۋاتقان بۇ مۆئجىزەلىك ئەسەرنىڭ ھەر قانداق ئىنساننى قايىل قىلارلىق دەرىجەدە پۈتۈپ چىقىشى ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، مەسىلەنى ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈپ ئەتراپلىق تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت جاپالىق ئەمما شەرەپلىك ھالال مىھنەتنى ئۆزىگە مۇستەھكەم ئۇل قىلغانلىقىدىن بولغان. ھالبۇكى، ئالىي بىلىم يۇرتىدا ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان بىز ياش ئوقۇغۇچىلار ئۆگرەنىشتە، بىلىم ئالىشتا، كاشغەرىي روھىنى، ئەجدادلارىمىزنىڭ ئەسىل ئەنئەنىۋى روھىنى ئۆرنەك قىلىپ، ئۆگرەنىشىمىزنى جەمئىيەت تەكشۈرۈش، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپى، ئۈمىد قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەمەلىي ئەھۋاللارىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈشىمىز لازىم. بۇ-ئەمەلىيەتتە، مەكتەپ رىياسەتىمىز تەشەببۇس قىلىۋاتقان ئىلىم-پەننى جەمئىيەتكە يۈزلەندۈرۈش، دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش دەگەن شوئارنىڭ تەلەپىگەمۇ تازا ئۇيغۇن كەلىدۇ.
بىز دەۋاتقان كاشغەرىي روھى- ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىنتىلىش، بار ئىمكان بويىچە تىرىشچانلىق كۆرسەتىش ۋە بۆسۈپ ئۆتۈپ ئىجاد قىلىش روھىدۇر. كاشغەرىي بوۋامىز ئۆز دىۋانىدا: « مەن بۇ ئەسەرنى مەندىن بۇرۇن ھىچكىم ئىشلەتمەگەن ۋە ھىچكىمگە مەئلۇم بولماغان ئالاھىدە بىر تەرتىپتە تۈزۈپ چىقتىم»، « ئۆگرەنگۈچى ۋە قىزىققۇچىلارنىڭ كەرەكلىك سۆزلەرنى ئاسان تاپىشى ئۈچۈن، بىر نەچچە يىل مۇشەققەت چەكىپ، سۆزلەرنى جاي-جايىغا قويدۇم؛ تۇتۇقلارىنى ئاچتىم، چىگىشلەرىنى يەشتىم.» دەگەن.(قاراڭ: «دىۋان» 4-،7-بەتلەر) بۇ بايانلاردىن روشەنكى، مەھمۇد كاشغەرىي ھەلىقىدەك ،« ۋاي، تەقدىر شۇنداق»، «شۈكرە دەدىم، شۇكرە » دەپ ئۆزىنىڭ ئەڭ بىچارە ۋە مىسكىن ئەھۋالىغامۇ قانائەت قىلىپ، بىر ئولتۇرغان يەرىدە ھەپتە ئولتۇرىدىغان ھورۇن ئۇيغۇرنىڭ ئەرمەس، بەلكى ئۇ ھىچكىمگە بوي بەرمەيدىغان، ھەر قانداق ئىنساندىن كەيىن قالىشنى خاھلامايدىغان، نەۋقىران شاش ئاتتەك ئالغا ئىنتىلىپلا تۇرىدىغان، ئەمەلىيەت ئاساسىدا تىرىشىپ ئىجاد قىلىشنى، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزىنىڭ قولىدا تۇتۇپ، ئۆز ئىقبالىنى ھالال ئەمگەك ئارقالىق گۈزەللەشتۈرۈشنى ئۆزىگە بۇرچ دەپ بىلىدىغان ئىجادكار ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى، ئەجدادى ۋە پەشىۋاسىدۇر.
مەلۇمكى، كاشغەرىي بوۋامىز شاھ جەمەتىدىن ئىدى. بەزەن تەتقىقاتچىلار ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر شاھزادە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ. بىراق، بىزنىڭ بۇ مۆھتەرەم بوۋامىز شاھ جەمەتىگە خاس پاراغەتلىك تۇرمۇشتىن ۋاز كەچىپ، پۈتكۈل ئۆمۈرىنى ئىلىم ئالىش ۋە خەلققە ئىلىم بەرىشكە سەرپ قىلىپ، ئۆز زامانىسىدىكى كەڭ زىيالىيلار ۋە پۇقرالار ئاراسىدا «ئىلىمگە ھۆددىگەر پىرىم» دەگەن شەرەپ نامىغا ئىگە بولغان. بىز كاشغەرىينى ۋە ئۇنىڭ بۈيۈك ئەمگەكىنى ھۆرمەت بىلەن خاتىرەلەگەنىمىزدە، ئۆز تەسەررۇپىمىزدىكى ئىلىم ئالىش-ئۆگرەنىش پۇرسەتىنى بەكمۇ غەنىيمەت بىلىشىمىز لازىم. شەكسىزكى، بىز پەقەت بوۋامىز كاشغەرىينىڭ يۈكسەك غايەنى دىلغا مەھكەم پۈكۈپ تۇرۇپ ئۆگرەنىش روھىنى ئۈلگە قىلىپ، ھەر مىنۇت ھەر سەكۇنتنىمۇ بوشقا قويىۋەتمەي، تىرىشىپ-تىرماشىپ ئۆگرەنىدىغانلا بولساق، مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتىدىن ئىبارەت بۇ ئىلىم بەيگە مەيدانىدا، جەزمەن ئۈزۈپ چىقالايمىز، چوقۇم ئۇتۇپ چىقالايمىز!
كاشغەرىي ئىزىدىن ماڭغان ئەزىمەتلەر
ئەجدادلاردىن ئۆگرەنىشنى تەرغىپ قىلىش ماھىيەت جەھەتتىن ئالىپ ئەيتقاندا، بۈگۈنگە نەزەر تاشلاش بىلەن ئىستىقبالنى ئويلاش ۋە ئەۋلادلارنى كۆزدە تۇتۇشنى تۈپ مەقسەت قىلىدۇ. ھالبۇكى، بىز كاشغەرىي ۋە ئۇنىڭ ئالەمشۇمۇل ئەھمىيەتكە ئىگە ئەمگەكى «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» نىڭ قىممەتىنى خاتىرەلەۋاتقان ۋاقتىمىزدا، زامانىمىزغا، ئۆز ئەتراپىمىزغا قاراپ باقساق، كاشغەرىي روھىنى ئۈلگە قىلىپ، ئۇنىڭ ئىزىدىن ماڭغان ئەزىمەتلەرنىڭ ھەممەلا يەردە بارلىقىنى كۆرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئەۋلادلارنىڭ پارلاق ئىقبالى جۇلالاپ تۇرغانلىقىنى روشەن ھىس قىلىمىز.
مۇنداق ئەزىمەتلەردىن مۇشۇ مەركەزى مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتى قوروسىنىڭ ئىچىدەلا بارلارىدىن ئالىپ ئەيتساقمۇ، ئامەرىكادا توققۇز يىل ئىلىم تەھسىل قىلغان، ئۇيغۇردىن چىققان تۇنجى ئالتايشۇناس دوكتور لىتىپ توختى؛ رۇسىيە سان-پەتىربورگ ۋە موسكۋالاردا بەش يىل ئىلىم تەھسىل قىلغان، ھازىرقى زامان ئاتاقلىق تۈركولوگى تەنىشىف ئەپەندىنىڭ ياراملىق شاگىرتى دوكتور ياسىن ھوشۇر؛ جۇڭگو ھازىرقى زامان تۈركولوگىيە تەتقىقاتىنىڭ ئاساسچىلارىدىن بىرى، ئاتاقلىق ئۇيغۇرشۇناس گىڭ شىمىن (耿世民) ئەپەندىنىڭ دوكتور ئاسپرانتى، ھازىر گىرمانىيە ھامبورگ ئۇنىۋەرسىتىتىدا ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ئابدۇرەشىت ياقۇپلارنى كۆرسەتەلەيمىز. مەنىڭچە، بۇلار بوۋامىز مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ياراملىق ئەۋلادلارى، بىزنىڭ ئىپتىخارلىق ئۈلگەلەرىمىز بولۇشقا مۇناسىپتۇر!
كىشىنى روھلاندۇرىدىغانى شۇكى، كاشغەرىي روھى بۈگۈنكى كۈندە يالغۇز تىلشۇناسلىق ۋە فىلولوگىيە پەنلەرى ساھەسىدەلا ئەمەس، بەلكى ئۇ ئىلىم-ئىرپاننىڭ باشقا ساھەلەرىدە، خۇسۇسەن تەبىئىي پەن ساھەسىدىمۇ ئۆزىنىڭ تۈرتكەلىك رولى ئارقالىق مول ۋە غوللۇق نەتىجە ئىگەلەرىنى ۋە زامانىۋى پەن ئىجادكارلارىنى بارلىققا كەلتۈرمەكتە.
ئالايلۇق، خالمۇرات غوپۇر: تىبابەت ئالىمى، شىنجياڭ جۇڭگو تىبابەتى ئىنستىتۇتىنىڭ پروفەسسورى، دوكتور (ئوتتۇز تۆرت ياش) ، ئۇ 1977-يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغىدالا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشىپ، ئەئلا نەتىجە بىلەن شاڭخەي جۇڭگو تىبابەتى ئۇنىۋەرسىتىتىغا قوبۇل قىلىنغان. ئۇ مەزكۇر ئۇنىۋەرسىتىتتا ئوقۇغان بەش يىل جەريانىدا، باشتىن-ئاخىر ئۆگرەنىش نەمۇنەچىسى بولغاچ، شاڭخەي «ۋىنخۇيباۋ» (文汇报) گەزىتى ئۇنىڭ نەمۇنەلىك ئىش –ئىزلەرىنى تونۇشتۇرغان. ئۇ 1988-يىلى چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىش رۇسچە ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، رۇسىيە سان-پەتىربورگ تىبابەت ئۇنىۋەرسىتىتىغا دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇشقا كىرگەن. ئۇ يەردە، ئۇ بىر تەرەپتىن ئوقۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن دەرس سۆزلەگەن. ئۇ رۇسىيە دوختۇرلارى ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارىغا جۇڭگوچە-ياۋروپاچە داۋالاش ئىلىمىدىن ئۈچ يۈز ئالتمىش سەككىز سائەت دەرس بەرگەن ۋە رۇسىيەدە تۇنجى بولۇپ «جۇڭگوچە-غەربچە داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈش كافەدراسى» نى قۇرۇپ، رۇسىيەلىك ئاكادەمىكلارىنىڭ «شەرقتىن كەلگەن ئاجايىپ تالانت» دەگەن باھاسىغا ئەرىشكەن. ئۇ 1993-يىلى 2-ئايدا، ئۈچ يۈز قىرىق بەتلىك ئىجادىي خاراكتىرلىك ئىلمىي ئەسەرى بىلەن دوكتورلۇق دىسسىرتاتسىيە ياقلاشتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈپ، دەرىجە ئاتلاپ، رۇسىيەنىڭ دۆلەتلىك تىببىي ئىلىم دوكتورى ئۇنۋانىغا ئەرىشكەن. ئوتتۇز ئۈچ ياشلىق خالمۇرات غوپۇرنىڭ دەرىجە ئاتلاپ رۇسىيەنىڭ ئەڭ ئالىي ئىلىم ئۇنۋانىغا ئەرىشكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ مۆئجىزە رۇسىيە تىببىي ئىلىم ساھەسىنى زىلزىلىگە كەلتۈرىۋەتكەن. سابىق سوۋيەت ئىتتىپاقىنىڭ «كومسۇمۇل ھەقىقەتى» قاتارلىق گەزىت-ژۇرناللارى ۋە تەلىۋىزىيە ئىستانسىلەرى بەس-بەس بىلەن ئۇنى خەۋەر قىلىشقان. مەملىكەتىمىزنىڭ «خەلق گەزىتى» (人民日报)، «جۇڭگو ياشلارى گەزىتى» (中国青年报) قاتارلىقلارمۇ خالمۇرات غوپۇرنىڭ ئىش-ئىزلەرىنى ۋە ئىجادىي مۇۋەپپەقىيەتلەرىنى ئارقا-ئارقادىن تونۇشتۇرغان. چۈنكى، بۇ مەملىكەتىمىزنىڭ چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارى ئاراسىدا مىسالى كۆرۈلمەگەن ئىش ئىدى. بۇ ھەقتە خالمۇرات غوپۇرنىڭ يەتەكچى ئوقۇتقۇچىسى، خەلقئارادا داڭقلىق ئاكادەمىك فەدانسىيەۋ ئۆزىنىڭ شىنجياڭ جۇڭگو تىبابەتى ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقىغا يازغان خەتىدە: « خالمۇرات غوپۇر جۇڭگوچە داۋالاشتامۇ، غەربچە داۋالاشتامۇ ئاساسى چىڭ تىببىي ئالىم. ئۇ پەن-تەخنىكانى پىششىق بىلىدىغان، بىلىم دائىرەسى كەڭ، تالانتلىق، ھەمدە يۈكسەك پەزىلەتكە ئىگە دوختۇر. ئۇ پەقەت تۆرت يىل ئىچىدەلا دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئۆگرەنىشى شەرت پەنلەرنى ئوقۇپ تاماملاپ، دىسسىرتاتسىيە ئەسەرىنى يازىپ پۈتتۈرۈپ، بىراقلا دۆلەت دەرىجەلىك دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى قازاندى. بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئاز ئۇچرايدىغان مۆئجىزە. ئادەتتىكى دوكتور ئاسپرانتلار ئالتە يىلدىن ئون يىلغىچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئوقۇسا، ئاندىن دۆلەت دەرىجەلىك دوكتورلۇققا ئەرىشەلەيدۇ. شۇڭا، خالمۇرات غوپۇرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتى بىزنى ھەيران قالدۇردى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن سىلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن» دەگەن. خالمۇرات غوپۇر ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى جۇڭگو تىبابەتى ئىنىستىتۇتىدا، جۇڭگوچە-غەربچە-ئۇيغۇرچە داۋالاش بىرلەشتۈرۈلگەن نەپەس يولى كەسەللىكلەرىنى داۋالاش-تەتقىق قىلىش مەركەزى قۇرۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، ئۇ ھازىر يەنە شاڭخەي جۇڭگو تىبابەتى ئۇنىۋەرسىتىتىنىڭ دوكتور ئاسپرانتلار يەتەكچىسى، رۇسىيە سان-پەتربورگ تىبابەت ئۇنىۋەرسىتىتى دوكتور ئاسپرانتلارىنىڭ تەكلىپلىك يەتەكچى ئۇستازى، ئۇ ھەر يىلى، رۇسىيەگە ئىككى قاتىم بارىپ، سان-پەتىربورگ تىبابەت ئۇنىۋەرسىتىتىدىكى رۇس دوكتورانتلارغا دەرس ئۆتىدۇ. ( يۇقىرىقى بايانلار ئەنۋەر ئابدۇرەھىم يازغان «تەڭرىتاغ ئوغلى دۇنيا ئىلىم مۇنبەرىدە» ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتتىن ئالىندى. قاراڭ: «شىنجياڭ ياشلارى» 1994-يىللىق 4-سان 1-بەت)
روشەنكى، ياش پروفەسسور، دوكتور خالمۇرات غوپۇر يۇقىرىقىدەك مۆئجىزەكار نەتىجەلەرى ئارقالىق، بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ خۇددى كاشغەرىي زامانىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا ئۆز ئىقتىدارى ۋە ئۆز ئەمگەكى ئارقالىق پۈتۈن دۇنيانى قايىل قىلالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلادى.
يەنە مەسىلەن، تاشپولات تەيىپ: جۇغراپىيەشۇناس، شىنجياڭ ئۇنىۋەرسىتىتى جۇغراپىيە فاكۇلتەتىنىڭ مۇدىرى، دوكتور (ئوتتۇز تۆرت ياش) . ئۇ 1988-يىلى 6-ئايدا، ياپونىيە توكيو تەبىئىي پەنلەر ئۇنىۋەرسىتىتى يىراقتىن سىزىش تەتقىقات ئورنىغا دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئوقۇشىغا كىرگەن. ئۇ ياپونىيەگە چىقىشتىن بۇرۇن، مەملىكەتىمىزنىڭ شەرقىي شىمال ئۇنىۋەرسىتىتىدا بىر يىللا ياپونچە ئۆگرەنگەنىدى. ياپونىيەدە بولغان تۆرت يىل جەريانىدا، ئۇ كىنو-تەلىۋىزور كۆرۈش قاتارلىق ئويۇن-تاماشا مەشغۇلىيەتلەرىنى پۈتۈنلەي تەرك قىلىپ، باش چۆكۈرۈپ ئىجتىھاد ۋە ئىئتىقاد بىلەن ئۆگرەندى. ئانا يۇرتنى، ئاتا-ئانا ۋە بالا-چاقانى ساغىنىشنى تۈرتكە ۋە قۇۋۋەت مەنبەسى قىلىپ تۇرۇپ، ئىلىم تەتقىق قىلدى. ئاشۇنداق ئۆگرەنگەن ۋە ئاشۇنداق تەتقىق قىلغانلىقى ئۈچۈنلا، ئۇ 1992-يىلى 6-ئايدا، ئوتتۇز ئىككى ياش ۋاقتىدا، ياپونىيە جۇغراپىيە ئىلمى دوكتورى ئۇنۋانىغا ئەرىشتى. ئۇ ھازىر شىنجياڭ ئۇنىۋەرسىتىتى مەكتەپ باشلىقىنىڭ ياردەمچىسى سالاھىيەتى بىلەن، كانادالىق ۋە ياپونىيەلىك ئالىملار بىلەن بىرلەشىپ، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئاقىمىغا جايلاشقان رايونلارنىڭ ياپىنچا ئۆسۈملۈكلەرىنى قوغداپ قالىش تەتقىقاتى ۋە مۇھىت تەتقىقاتى، شۇنىڭدەك تەبىئىي بايلىقلاردىن ئۈنۈملۈك پايدالانىش تەتقىقاتى قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللانماقتا. (بۇ بايانلار ئۆمەر قادىر يازغان « يۇلتۇز ئانا زەمىنگە نۇر چاچتى» ناملىق ماقالەدىن ئالىندى. قاراڭ: «شىنجياڭ ياشلارى» 1994-يىللىق 6-سان 1-بەت)
يەنە مەسىلەن، ئارزۇگۈل ھەمدۇللاھ: جۇڭگودىكى تۇنجى ئۇيغۇر پاراشيوتچى، تۇنجى ئۇيغۇر ئايال پودپولكوۋنىك. ئۇ جۇڭگو «1-ئاۋغوست» پاراشيوتچىلار ئەترەتىگە ئەئزا بولغان يەتتە يىل ئىچىدە، جەمئىي بىر مىڭ توققۇز يۈز سەكسەن سەككىز قاتىم پاراشيوتتىن غەلىبەلىك سەكرەگەن. مەملىكەتلىك رەكورتنى تۆرت قاتىم بۇزۇپ تاشلاغان، ئون مەدال مۇكاپات ئالغان. 1978-يىلى، كانادادا مۇسابىقەغا قاتناشىپ ئەئلا نەتىجەگە ئەرىشكەن. 1979-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن 4-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقەسىدا، ئۇ ئالتۇن مەدالغا ئەرىشكەن. شۇ قاتىم، دىڭ شىياۋپىڭ ئۆز قولى بىلەن ئۇنىڭغا مۇكاپات بەرگەن ۋە : « سىز ئۇيغۇر ئاياللارىنىڭلا ئەرمەس، بەلكى پۈتۈن مەملىكەت ئاياللارىنىڭمۇ پەخىرى» دەگەن. ئۇ 1981-يىلى ۋە 1985-يىلى ئىككى قاتىم شاڭخەي ھاۋا ئارمىيە سىياسىي ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا بارىپ، دەرسخانا، مەكتەپ كۈتۈبخاناسى، ماتىرىيال بۆلۈمىدە پۈتۈن زەھنى قۇۋۋەتىنى سەرپ قىلىپ ئۆگرەنگەنلىكتىن، تۆرت يىللىق ئوقۇش جەريانىدا ئۆتۈلگەن جەمئىي سەكسەن خىل دەرسنىڭ ھەممەسىدىن توقساندىن يۇقىرى نومۇر ئالىپ، شاڭخەي شەھىرى بويىچە «8-مارت قىزىل بايراقدارى» بولغان. 1987-يىلى، جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھى ئىلزابىت شاڭخەي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ياغلىقلىقلارغا مەدھىيە» ناملىق كۆرگەزمەدە، ئارزۇگۈل ھەمدۇللاھنىڭ ئىش-پائالىيەتلەرىنى كۆرۈپ، ئۇنى «جۇڭگونىڭ ئايال قەھرىمانى» دەپ ماختاغان. ئارزۇگۈل ھەمدۇللاھ مۇنداق دەگەن: « ئىش-ئەمگەكتە، خەنزۇ ئاياللارى قىلالاغاننى مەنمۇ قىلالايمەن. ئەرلەر قىلالاغاننىمۇ تىرىشىپ قىلالايمەن، بەلكى ئۇلاردىنمۇ ياخشى قىلالايمەن». (يۇقىرىقى بايانلار شاۋياڭ، جىن رۈييوڭلار يازغان «جۇڭگولۇق ئايالنىڭ كارامەتى» ناملىق ماقالەدىن ئالىندى. قاراڭ: «شىنجياڭ گەزىتى» (ئۇيغۇرچە) 1994-يىللىق 30-نويابىر سانى، 1-بەت)
مانا بۇ – بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر خوتۇن- قىزلارىنىڭ دۇنيا ئىلىم-مەئرىپەت بەيگەسىدە، بەس-بەس بىلەن ئىلگىرەلەۋاتقان تۈرلۈك ئىرققا مەنسۇپ مىللەتلەر ئالدىدا جاكارلاغان ئەڭ ياڭراق خىتابى!
يەنە مەسىلەن، كۈرەش ئىبراھىم: خىمىيە، فىزىكا ئالىمى (ئوتتۇز سەككىز ياش). ئۇ 1980-يىلى بەيجىڭ پايتەخت پىداگوكىكا ئۇنىۋەرسىتىتىنىڭ خىمىيە فاكۇلتەتىنى پۈتتۈرگەن. 1987-يىلى قەشقەر پىداگوكىكا ئىنستىتۇتىنىڭ خىمىيە فاكۇلتەتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان چاغىدا، دۆلەتلىك مائارىپ كومىتىتى تەرەپىدىن چەتئەللەرگە ئوقۇشقا چىقارىش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىنگلىزچە سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن. كۈرەشنىڭ فرانسۇز تىلىدامۇ خەلى ياخشى ئاساسى بارلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، دۆلەت ئۇنى 1989-يىلى 2-ئايدا، بىلگىيە لىيەژ ئۇنىۋەرسىتىتىنىڭ ئەلىكترون ۋە فوتو ئەلىكترون سىپىكتروسكوپى تەجرىبەخاناسىغا بىر يىللىق بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتكەن. بۇ بىر يىل ئىچىدە، بىلگىيەگە كەلىشتىن بۇرۇن پەقەت بىر يىللا فرانسۇز تىلى كۈچەيتمە كۇرسىدا ئوقۇغان كۈرەش ئىبراھىم كەچەنى كۈندۈزگە ئۇلاپ قاتىرقىنىپ ئۆگرەنىش ئارقالىق، فرانسۇز تىلى بويىچە سەۋىيەسىنى تەلەپكە لايىق دەرىجەگىچە ئۆستۈرگەندىن باشقا، ئىنگلىز تىلى بىلەن ئىلمىي ماقالە يازىپ، ئامەرىكادا چىقىدىغان خەلقئارالىق ئىلمىي ژۇرنالدا ئەلان قىلدۇرغان. كۈرەشنىڭ مۇنداق تىرىشچانلىقىدىن تەئسىرلەنگەن ۋە مۇنداق ئىقتىدارىدىن سۆيۈنگەن بىلگىيە ئالىملارى ئۇنىڭ بۇ يەردە داۋاملىق بىلىم ئالىپ، دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇشىنى تەۋسىيە قىلغان ۋە ئوقۇش ياردەم پۇلى ھەل قىلىپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ داۋاملىق ئىلگىرەلەپ، ئىنگلىز تىلى ۋە فرانسۇز تىلى بويىچە، ئاتوم-مالىكۇلا فىزىكاسىغا ئائىت دەرسلىكلەرنى پىششىق ئۆگرەنگەن، كۆپ تەرەپلەمەلىك ئالىي بىلىملەرنى تەھسىل قىلغان. ئۇ دوكتورلۇق ئۇنۋانى تەلەپ قىلىدىغان ئىلمىي تەجرىبەلەرنى فرانسىيە پارىژ ئوخسەي دۆلەتلىك ماس قەدەملىك رادىئاتسىيە تەجرىبەخاناسىدا ئىشلەپ تاماملاغان. مۇشۇنداق ئىلىم كانلارىدا ئۈچ يىل ئون ئاي ۋاقىت جان پىدالىق بىلەن مەئرىپەت قازىش ئارقالىق، ئاخىرى 1992-يىلى 12-ئايدا، بىلگىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دوكتورلۇق دىسسىرتاتسىيە ياقلاش يىغىنىدا، ئۆزىنىڭ ئىنگلىز تىلىدا يازغان «ئالتە فلورلۇق بەنزىننىڭ يۇمشاق X نۇرىنى قوبۇل قىلغاندىن كەيىنكى فوتو-خىمىيە خۇسۇسىيەتلەرى» ماۋزۇلۇق دوكتورلۇق ئىلمىي ئەسەرىنى ئوقۇپ ۋە ئالىملارنىڭ ئىنگلىزچە سوراغان سوئاللارىغا ئىنگلىزچە، فرانسۇزچە سوراغان سوئاللارىغا فرانسۇزچە قانائەتلەنەرلىك جاۋاب بەرىپ، «ئەئلا، ياخشى، ئوتتۇراھال، لاياقەتلىك» دەپ تۆرت دەرىجەگە بۆلۈنىدىغان بۇ دىسسىرتاتسىيە ياقلاشتىن ئەئلا نەتىجە بىلەن ئۆتۈپ، «تەبىئىي پەنلەر دوكتورى» دەگەن ئۇنۋانغا ئەرىشكەن. 1993-يىلى2-ئايدا، جۇڭگو پەنلەر ئاكادەمىيەسى بەيجىڭ يۇقىرى ئەنىرگىيە فىزىكاسى تەتقىقات ئورنىنىڭ ماس قەدەملىك رادىئاتسىيە تەجرىبەخاناسىغا دوكتور ئاشتى (博士后) ئۇنۋانى ئوقۇشى ۋە تەتقىقاتىغا قوبۇل قىلىنغان ۋە مۇشۇ (94-يىل) 12-ئايدا، شەرەپ بىلەن دوكتور ئاشتى (يەنى پوستدوكتور post doctor ) ئۇنۋانىغا ئەرىشكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ دۇنيا ئىلىم سورۇنلارىدا باشتىن كەچۈرگەن ئۆگرەنىش ۋە تەتقىقات سەرگۈزەشتەلەرى ھەققىدە توختالغانىدا: «پەقەت بەل قويۇۋەتمەي ئاخىرغىچە تىرىشساقلا، باشقالار بويسۇندۇرالاغان ئىلىم چوققالارىنى بىزمۇ بويسۇندۇرالايدىكەنمىز» دەيدۇ. ئۇ ئۇيغۇردىن چىققان تۇنجى دوكتور ئاشتى بولۇش سالاھىيەتى بىلەن، ھازىر جۇڭگو پەنلەر ئاكادەمىيەسى بەيجىڭ يۇقىرى ئەنىرگىيە فىزىكاسى تەتقىقات ئورنىنىڭ ماس قەدەملىك رادىئاتسىيە تەجرىبەخاناسىدا ئالىي تەتقىقاتچى (پروفەسسور) لىق بىلەن شۇغۇللانماقتا.
مۇنداق مىساللار يەنە خەلى بار، بۇ يەردە مۇشۇنچەلىك كۆرسەتىش بىلەن كۇپايەلەندۇق، ئەۋلادلار.
مەنىڭچە، بوۋامىز كاشغەرىي ئىلمپەرۋەر ئەجدادلارىمىزنىڭ شانلىق نامايەندەسى بولسا، يۇقىرىقىدەك ئەقىدەلىك، مەئرىپەتپەرۋەر ياشلار ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلارىنىڭ ئىپتىخارى ۋە غورۇر يۇلتۇزلارىدۇر. بىز بوۋامىز كاشغەرىينى ئەسلەپ، ئۇنىڭ بۈيۈك قامۇس «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» ئارقالىق، ئالدى بىلەن پۈتكۈل ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيەتى ئۈچۈن قوشقان تۆھپەسىنى خاتىرەلەۋاتقان ۋاقتىمىزدا، ئۇ مۆھتەرەم بوۋامىزنىڭ نۇسرەت ئىزىدىن ماڭىپ، ئۇ سەردار بولۇپ يورۇتقان ئىلىم-مەئرىپەت مەشئەلىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، ھەر بىر قەدەمىدە بىردىن ئەھمىيەتلىك ئىز قالدۇرۇپ، پارلاق نەتىجە ياراتىپ كەلىۋاتقان ياش ئالىملارىمىزدىن ھەم ئۆگرەنىشىمىز ۋە ئارالىقنى ئۈزۈلدۈرۈپ قويماي، ئۇلارغا ياقىندىن ئەرگەشىشىمىز لازىم.
جاسارەتلەنىپ، 21-ئەسىرگە بىزمۇ ئىلىم بىلەن قەددىمىز رۇس ھالدا كىرەيلى
ساۋاقداشلار، ياش دوستلار!
يەنە بەش يىلدىن كەيىن، ئىنسانىيەت تارىخى يىگىرمە بىرىنجى ئەسىرگە قەدەم قويىدۇ. شۇ تاپتا، دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆز سەپلەرىنى تۈزەپ، ئۆزلەرىنىڭ 21-ئەسىردىكى ئورنى ھەققىدە جىددىي ئەمما ئەمەلىي چەن سوقماقتا. ئالىملارنىڭ گويا بىردەك قاراشى شۇكى، 21-ئەسىر پەن-تەخنىكا يۈكسەك تەرەققىي قىلغان، مەدەنىيەت يۈكسەك تەرققىي قىلغان، دىموكراتىيە يۈكسەك تەرەققىي قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، پەن-مەدەنىيەت جەھەتتىكى رىقابەتمۇ ئەڭ ۋايىغا يەتكەن ئەسىر بولىدۇ.
21-ئەسىردە، كىمنىڭ پەن-تەخنىكاسى ئۈستۈن، كىمنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى يۇقىرى بولسا، شۇ كۈچلۈك، شۇ مۆھتەرەم بولىدۇ. مىللەتىمىز ۋە خەلقىمىز سىلەر-بىزدەك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارىدىن، بىلىم ئەھلىلەرىدىن ۋەتەننىڭ كەلگۈسى، خەلقنىڭ ئىستىقبالى بويىچە ناھايەتى زور ئۈمىدلەرنى كۈتمەكتە.
بىز بۈگۈن بۇ يەرگە جەم بولۇپ، بۈيۈك ئەجدادىمىز مەھمۇد كاشغەرىينى خاتىرەلەدۇق، ئەسلەدۇق ۋە ئۇ مۆھتەرەم بوۋامىزنىڭ قۇۋۋەتى ئۇپرىماس خاسىيەتلىك ئەسەرى «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» ئۈستىدە تەتقىقات ۋە مۇھاكىمە يۈرگۈزدۇق. مەنىڭچە، بۇ ھىچقانداق بىر كوزىر كۆرسەتىش پائالىيەتى ئەرمەس، بەلكى ئۆز-ئۆزىمىزنى تونۇش پائالىيەتى. دەمەكچىمەنكى، مىڭ يىللاردىن بۇرۇن، مەھمۇد كاشغەرىيدەك بۈيۈك ئالىملارىمىز بولغانىكەن؛ مەھمۇد زامانىدىن مىڭ يىللار ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە، خالمۇرات غوپۇردەك نەۋقىران ئالىملارىمىز ھەر ساھەدە ئونلاپ تۇرۇپتۇ؛ خۇلاسە شۇكى، بىزنىڭ ھىچيەرىمىز ھىچكىمدىن كەم ئەرمەس، باشقالار قىلالاغاننى بىزلەرمۇ چوقۇم قىلالايمىز، بەلكى ئەڭ ياخشى قىلالايمىز!
ياش دوستلار!
سىلە-بىزنىڭ ئالدىمىزدا پەقەت بىرلا يول بار، ئۇ بولسامۇ ئىلىم-مەئرىپەت يولى، بىلىمسىزلىك، نادانلىق ۋە خۇراپاتلىق بىلەن قەتئىي كۆرەش قىلىش يولى، ئۆز ئىقتىدارىمىزغا تايانىپ، ئۆزىمىزنى گۈللەندۈرۈش يولى! شۇنداق ئىكەن، بىز ئۆزىمىزنىڭ شۇبۇ ئىلىم باغىدىكى، شۇبۇ ئۆگرەنىش، ئىقتىدار يەتىلدۈرۈش سورۇنىدىكى پۇرسەتىمىزنىڭ قەدرىگە تولۇق يەتىشىمىز، بۇ يەردىكى مۇقەددەس بۇرچىمىزنى ئاچۇق تونۇشىمىز، بىرلا گەپ- كاشغەرىي روھىنى ئۈلگە قىلىپ، ئىلىم-پەن ئۆگرەنىشى ۋە تەتقىقاتى بىلەن بەجانىدىل شۇغۇللانىشىمىز كەرەك. پەقەت شۇنداق قىلغاندالا، بىز ئاندىن بوۋامىز كاشغەرىينى ياخشى خاتىرەلەگەن ۋە ئەسىمىزدە مەھكەم ساقلاغان، شۇنداقلا، ئۇ مۆھتەرەم بوۋامىزنىڭ ئىلىم چىراغىنى ۋە ئىرپان مەشئەلىنى ئۆچۈرۈپ قويماغان بولىمىز.
ساۋاقداشلار!
بۇ ـــ تەھقىق بۈيۈك مەھمۇد كاشغەرىينىڭ، شۇنداقلا پۈتكۈل ئۇيغۇرنىڭ ئۈمىدى!
1994-يىل 29-دىكابىر، بەيجىڭ.
* * * *
بۇ يازمانى بۈگۈن ئوقۇساق، ھىچقانچە گەپ ئەرمەس بىلىنىدۇ، بىراق، ئۇ چاغلاردا، ناھايەتى چوڭ گەپلەر ئىدى. شۇ كۈندىكى مەزكۇر خاتىرەلەش يىغىنىغا مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتىدە ئوقۇيدىغان بارلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن باشقا، پايتەخت پىداگوگىكا ئۇنىۋەرسىتىتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار، ھەتتا مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتى جايلاشقان ۋىيگوڭ تسۈن (维公村 ئۇيغۇر بەگ كەنتى) دە ئاشخانا تىجارەتى بىلەن شۇغۇللانىۋاتقان تەرەققىيپەرۋەر تىجارەتچى ياشلاردىن بولۇپ، بەش يۈزدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقانىدى.
(3)
بىز مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتىدە تۇنجى بولۇپ قۇرۇلغان ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىدىن شۇنىڭ ئۈچۈن ئىپتىخارلانىمىز ۋە غۇرۇرلانىمىزكى، ئۇ ئانىق خىزمەت پروگرامماسى ئارقالىق، ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئوبيەكتىنى قاراتمالىقى بولغان ھالدا، ياش ئەۋلادلارنى تەربىيەلەش ۋە ئۇلارنى مىللەت ئىشلەرىغا ھەقىقىي سادىق بولغان يۈكسەك ئاڭلىق ئىز باسارلاردىن قىلىپ يەتىشتۈرۈشكە قاراتقان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى كۆزگە كۆرۈنەرلىك، پەخىرلەنەرلىك ۋە خاتىرەلەشكە ئەرزىيدىغان ئەمگەكلەرىدىن بىرى 1995-يىلى يازدا ئۇيۇشتۇرۇپ قۇرغان «ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات ئەنجۈمەنى» ئاتالغان ئىلىم سورۇنىدۇر.
ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات ئەنجۈمەنى ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇرلار توپلاشقان مەزكۇر ئالىي ئىلىمگاھتىكى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلار ھەمكارلىقىنىڭ مەھسۇلى ئىدى. ئۇنىڭ مەن بىلىدىغان ئۇيۇشتۇرۇلۇش جەريانى مۇنداق:
1992-يىللىق ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى سىنىپىنىڭ ئەئلاچى ۋە پائالىيەتچى ئوقۇغۇچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ بىر قاتىملىق سىنىپ يىغىنىدا، باشقا مەكتەپ، باشقا فاكۇلتەتتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش ئۆز سىنىپىدا، بىر ئىلمىي پائالىيەت سورۇنى ئۇيۇشتۇرۇشقا، شۇ ئارقالىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلىم ئۇپۇقىنى كەڭەيتىشكە چاقىرىق قىلىدۇ. ئۇنىڭ بۇ تەشەببۇسى سىنىپداش ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىردەك ھىمايە قىلىشىغا ۋە سىنىپ مۇدىرى ئازۇگۈل ئابدۇللاھ خانىمنىڭ نەق مەيداندالا قىزغىن قوللاشىغا ئەرىشىدۇ.
-ئۇنداقتا، سىزنىڭ بۇ ھەقتە، بىر كونكرتنى پىلان ياكى بىرەر تەكلىپىڭىز بارمۇ؟،- دەپ سورايدۇ ئازۇگۈل ئابدۇللاھ خانىم.
– مەن ئابدۇرەئوپ پولات مۇئەللىمنى ھەر يەكشەنبە كەچتە ئاچىلىدىغان ھەپتەلىك سىنىپ يىغىنىمىز ئاخىرلاشقاندىن كەيىن، ئۆزى خاھلاغان ماۋزۇدا لىكسىيە سۆزلەپ بەرىشكە تەكلىپ قىلساق،- دەيدۇ ئابدۇۋەلى ئايۇپ جاۋابەن،- مۇئەللىم سۆزلەپ بولغاندىن كەيىن، بىزمۇ سوئال سوراساق، تۈرلۈك ماۋزۇلاردا ئۆز-ئارا ئوي-پىكىر ئالماشتۇرۇشساق، دەيمەن.
-قوشۇلىمىز!!
پۈتۈن سىنىپتىكى بالىلارنىڭ ھەممەسى دەگۈدەك بىر ئاۋازدا مائقۇللايدۇ بۇ پىكىرنى.
-بولىدۇ. مەنمۇ بۇ پىكىرگە قوشۇلىمەن،- دەيدۇ ئارزۇگۈل خانىم ئاخىرىدا،- ئۇنداقتا، مەن ئابدۇرەئوپ مۇئەللىم بىلەن ئالاقەلاشىپ، بۇ ئىشنى روياپقا چىقىرايلى.
مەن بۇ ھىكايەنى ئارزۇگۈل ئابدۇللاھ خانىمدىن ئاڭلاغاندىن كەيىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنى كۆزگە ئىلغانلىقىدىن، ئالاھىدە ئەتىۋارلاپ لىكسىيە سۆزلەپ بەرىشكە تەكلىپ قىلغانلىقىدىن سۆيۈندۈم ۋە مەمنۇنىيەت بىلەن تەكلىپنى قوبۇل قىلدىم.
شۇنداق قىلىپ، ياندۇرقى بىر قاتىملىق سىنىپ يىغىنىدىن كەيىن مەن تۇنجى لىكسىيەمنى سۆزلەدىم. لىكسىيە سۆزلەۋاتسام، ئۈچ-تۆرتچە باشقا سىنىپنىڭ بالىلارىمۇ ئاستاغىنا كىرىپ ئولتۇرۇپ، لىكسىيەمنى ئاڭلادى. لىكسىيە ئاخىرلاشقاندا، ھەلىقى باشقا سىنىپنىڭ بالىلارى: «مۇئەللىم، فاكۇلتەتىمىزنىڭ باشقا سىنىپىدىكى بالىلارمۇ كىرىپ ئاڭلاسا بولامدۇ لىكسىيەڭىزنى؟» دەپ سورادى. بۇ ھال ۋە بۇ سوئال مەنىڭ تەپەككۇرۇمنى ئويغاتتى بولغاي.
-بولىدۇ،- دەدىممەن،- ئۇنداقتا، بۇ سورۇنىمىزغا بىر ئات قويايلى، <ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات ئەنجۈمەنى> دەپ ئاتاساق قانداق؟
-«ئەنجۈمەن» دەگەن نەمە، مۇئەللىم؟
– بوۋامىز ئەلىشىر نەۋائىي كۆپ ئىشلەتكەن ئاتالغۇ بولۇپ، مەئنەسى «يىغىلىش، ئۇيۇشما، ئىلىم سورۇنى» دەگەن بولىدۇ.
-ئەجەب چىرايلىق سۆزكەن بۇ، «چايخانا، سالون» دەگەندىن پەرقلىق ياخشى ۋە گۈزەل ئىسىم ئىكەن. قوشۇلىمىز!
مانا بۇ ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات ئەنجۈمەنىنىڭ تەشكىللەنىش ۋە قۇرۇلۇش جەريانى. ئەنجۈمەنىمىزنىڭ دەسلەپكى ئۈچ-تۆرت قاتىملىق پائالىيەت سورۇنىنى ئۇدا مەن سورادىم. ئۇ دەل مەن ھەلىقى «ئۇيغۇردا ئەبگارلىق» ماۋزۇلۇق تەنقىدىي رىئالىزىم ئەسەرىمنى يازىۋاتقان ۋاقتىم ئىدى. ئەسەرىمدە پۈتتۈرگەن بابلارىمنى ئۇدۇللۇق ئەپكەلىپ، ئەنجۈمەن ئەھلىگە ئوقۇپ بەردىم. ئەنجۈمەنداش بالىلار مائقۇللاپ چاۋاك چالىۋەردى، مەنمۇ جاسارەتلەنىپ يازىۋەردىم. ئاڭلاغۇچىلارىم شۇ قەدەر جىق ئىدىكى، داڭقىمىز ئاللابۇرۇن بەيجىڭدىكى باشقا مەكتەپلەرگەمۇ ئاڭلانىپ كەتكەنىدى. يۈز كىشىلىك چوڭ سىنىپلارنى ئالىپ سورۇن قىلساقمۇ، ئاڭلاغۇچىلار پاتماي، دەرىزەلەرگە قونۇپ ئولتۇرۇپ ياكى كارىدورلاردا ئۆرە تۇرۇپ ئاڭلاپ كەتەتتى.
ئۇزۇن ئۆتمەي، بۇ ئەنجۈمەن سورۇنىمىزنىڭ ساھىبلىقىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلەرىگە ئۆتكۈزۈپ بەردىم. ئۇلارنىڭ ئۆزلەرىنىڭ ئىختىيار قىلغان ئىلىم ئادەملەرىنى، مەيلى مەكتەپ ئىچى-سىرتىدىن بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۆزلەرى تەكلىپ قىلىپ، ئىلىم سۆزلەتىشىگە ئىجازەت بەرىلدى.
ئادەتتە، ياشلار دەگەن قەرىلارنىڭ گەپىدىن كۆرە، ياشلارنىڭ گەپىنى بەكرەك ئاڭلايدۇ. مۇشۇ ئۆزگەچىلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆزلەرى بىلەن سالداش ياش تالانتلارنى تەكلىپ قىلىپ، ئىلىم-ماھارەت سۆزلەتىشىگە كۆپرەك دەئۋەت قىلدىم. شۇنداق قىلدىلار.
(4)
مەن ئاشۇ چاغلارنى شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر ئەنجۈمەن دەۋرى دەيمەنكى، ئۇيغۇرشۇناسلىق مەسلەكىنى سەردار ئىدىيە قىلغان ئۇ ئەنجۈمەن پائالىيەتى ھەقىقەتەنمۇ شۇ بىر دەۋر ياشلار ئىچىدە ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك ۋە ئىقباللىق ۋەزىيەت ياراتقان ئىدى.
ئالدى بىلەن، ئوقۇش-ئۆگرەنىش قىزغىنلىقى پۈتكۈل ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئاراسىدا، بۇرۇنقىدىن تولامۇ پەرقلىق ھالدا ياخشىلاندى. بۇرۇن دەرستىن چۈشسەلا ئۇدۇل ھەلىقى ئوتتۇز ئالتە خىل پايپاق پۇراپ تۇرىدىغان ياتاقلارغا قايتىپ كەتىپ، كارىۋاتلارغا چاپلاشىپ ياتىپ، ئاسماندىن- قاسقاندىن پاراڭلاشىپ، كۈننى ھارام ئۆتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار قالمادى. ئەمدى، ئۇلار دەرستىن چۈشسەلا، ئۇدۇل كلاسسىك كىتابلارنىڭ ۋاراقلارى تارقاتىدىغان ئۆزگەچە ھىد پۇراپ تۇرىدىغان كۇتۇبخانالارغا بارىدىغان، ھەتتا ئەرتەگەندە، سىنىپقا دەرسكە بارىشتىن بۇرۇن، دەسلەپ كۇتۇبخانالارغا بارىپ، ئورۇن تۇتۇپ قويىدىغان ھالەت شەكىللەندى. ئۇيغۇرلۇق غۇرۇرى كۆرۈنەرلىك يۈكسەلىپ، ئۆز ئەتراپىدىكى مىللەتلەر بىلەن بەھسلەشىپ، ئۆزلەرىنىڭ توپلۇم مەۋجۇدلۇقىنى ۋە مەدەنىي ئىنسانلىقىنى ئىپادەلەشكە تىرىشىش ئاڭلىقلىقى چوڭ پەرق بىلەن ئۆستى. مەسىلەن، ئۇيغۇر بالىلار ئۆزلەرى تەشىللەگەن پۇتبول، ۋاسكىتبول ۋە ۋالىبول كوماندالارى بەيجىڭ شەھىرى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقەلەردە تەكرار-تەكرار مىدال ئالدى؛ بەيجىڭ شەھىرى دەرىجەلىك ئوقۇش-ئۆگرەنىش ئەئلاچىلارى ئۇيغۇر بالىلار ئىچىدەمۇ يىلسارى كۆپەيدى؛ شۇ چاغدا قۇرۇلغان «بەيجىڭدىكى ئۇيغۇر ستودەنتلارى ئىكىساق پۇتبول لەۋھە تالاشىش مۇسابىقەسى» يىلمۇ يىل گۈللەنىش كۆرسەتىپ، شۆھرەت قازاندى؛ ئەڭ مۇھىمى بۇ دەۋر بىرمۇنچەلاغان داھىي ئوقۇغۇچىلارنى، جەڭگىۋار پائالىيەتچى ياشلارنى چەنىقتۇردى ۋە يەتىشتۈردىكى، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلارى كەيىنكى چاغلاردا، ئانايۇرت ئىچى ۋە سىرتىدا، نۇرغۇن ساۋابلىق ئىشلارنى قىلدى ۋە قىلماقتا.
ھالبۇكى، لىللاھ گەپ بىلەن ئەيتقاندا، مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتىدە بارلىققا كەلگەن ئۇ ئەنجۈمەن دەۋرىنى ھەدەگەندەلا بىزنىڭ پەۋقۇلئاددە قەھرىمانلىقىمىز ۋە پىداكارلىقىمىز ئەرمەس، بەلكى ئالدى بىلەن، شۇ چاغدىكى دىموكراتىك تۈزۈم مەيدانغا كەلتۈرگەن ئىدى، دەگۈم كەلىدۇ. يەئنى ئەزىز دىموكراتىزملىق تۈزۈم ۋە ئۇ ياراتقان ئادالەتلىك مۇھىت بىزنى جۈرئەتلەنىپ ۋە جاسارەتلەنىپ، ئاشۇنداق مىللەتپەرۋەر سورۇنلارنى ئۇيۇشتۇرۇشىمىزغا، ئاشۇنداق ئىقباللىق، زۆرۈر ۋە ھەقىقىي ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى قىلىشىمىزغا ئىمكان بەرگەنىدى.
ئۇ چاغلاردا، مەكتەپ رىياسەتىنىڭ ئۆزى بىزنى تەشكىللەنىشكە دەئۋەت قىلاتتى. «ھەي، قاراپ ئولتۇرماڭلار، سىلەرمۇ ئۆز ئالىملارىڭلارنى تەكلىپ قىلىپ، ئىلىم سۆزلەتىڭلار. مەكتەپنىڭ سىرتىدىن كەلىپ ئىلىم سۆزلەگەنلەرنى ئۇنداق قۇرۇق چاۋاك بىلەنلا ئۇزاتىپ قويماڭلار، بىزگە دەڭلار، بىز ئۇ مۆھتەرەم ئىلىم ساھىبلارىغا نوتۇق سۆزلەش ھەققى -پۇل بەرەيلى» دەيتتى. شۇڭا، بىزمۇ مائقۇل دەپ، ئاتاقلىق خىمىيە ئالىمى زەپەر ئابلىز، مەشھۇر يۇقىرى ئەنىرگىيە فىزىكاسى ئالىمى كۈرەش ئىبراھىم ۋە داڭقلىق مائارىپشۇناس ئازاد رەھمەتۇللاھ سۇلتان قاتارلىق چوڭ ماركالىق ئىلىم ئادەملەرىنى ئەنجۈمەن سورۇنىمىزغا ئىلىم سۆزلەشكە تەكلىپ قىلغاندا، دوكلات يازىپ، ئۇلارغا نوتۇق سۆزلەش ھەققى ئالىپ بەرگەنبىز.
شۇنداق چاغلارنىڭ بىر كۈنى ئىدى. ئىلھامىم تازا قوزغالىپ قاپتۇكەن، ئىشخانامدا، جىدەللەپ يازىپ ئولتۇراتتىم. فاكۇلتەت مۇدىرىمىز ھاسىراپ-ھۆمەدەپ كىرىپ كەلدى.
-تۈركىيەگە بارىپ ئون بەش كۈن ئىلىم سۆزلەپ كەلسەڭىز قانداق، مۇئەللىم؟-، دەدى ئۇ تولامۇ ئالدىراشلىق بىر قىياپەتتە،- سىزگە ئوخشاش ئۇنۋان دەرىجەسى يەتىدىغان مۇئەللىملەردىن يەنە ئىككىسى بار فاكۇلتەتىمىزدە، بىراق، ئۇلارنىڭ باشقا ئىشىلەرى باركەن، «بارالمايمىز» دەيدۇ.
-باش ئۈستۈنە!،- دەدىممەن ھىچ ئىككىلەنمەي،- تۈركىيەگە بارىپ كەل دەسە، «بارمايمەن» دەيدىغان قانداق ئاخماقكەن ئۇ-ھە؟ ئۇ ھەر قانداق بىر باشقا يەر ئەرمەس، تۈركىيە-دە، جەننەت! قايسى شەھەرگە بارىدىكەنمەن؟
-ئىستانبۇل.
-بىراق، مەن ئەنقەرەدە ئوقۇغان، ئىستانبۇلدا ھوجالاردىن تازا بەك ياقىن تونۇشلارىم يوق. شۇڭا، ۋىيزا ئالىشقا لازىملىق دەئۋەت كەلتۈرۈشتە قىيىنچىلىق بولۇپ قالارمىكىن؟
-خاتىرجەم بولۇڭ،- دەدى مۇدىر دادىل تۇرۇپ،- ئۇنى بىز ئالاقەلەشىپ، ھەممەنى تەييار قىلىپ بەرەمىز. بۈگۈن 14-دىكابىر، ھازىرقى تەلەپتە، سىز 16-دىكابىردىن بۇرۇن يولغا چىقىشىڭىز كەرەك. يۇقىرىدىن بىزگە بۇ يىل چەتئەلگە چىقىپ ئىلىم سۆزلەش تۈرى ئۈچۈن ئىشلەتىشكە بۇيرۇپ بەرگەن نەچچە ئون مىڭ يۇەن پۇل باركەن، «ئۇ پۇلنى بۇ يىل ئىشلەتىۋەتمەسەڭلەر ئەگەر، كەلەر يىلدىن باشلاپ، ئۇنداق تۈرلەرگە بەرىلىدىغان پۇلنى چورتلا كەسىۋەتىمىز، بەرمەيمىز» دەيدۇ باشلىقىمىز.
قاراڭ، ماۋۇ پەرقنى! بۇرۇنقى سوتسيال فەئودالىزم دەۋرىدە، تۈركىيەگە بارىش ئەرمەس، «تۈركىيەگە بارىش» دەگەن گەپنى ئاغىزدىن چىقارىشمۇ چوڭ خەتەرلىك ئىش ئىدى. تۈركىيەدىن كەلگەنلەر بىلەن گەپلەشىپ قالساڭمۇ، «پانتۈركىست بىلەن مۇڭداشتىڭ» دەپ، ئۆزنى تەكشۈرۈش يازدۇراتتى. ئەمدى، بۇ سوتسيال دىموكراتىزم دەۋرىدە، باشلىقلارنىڭ ئۆزلەرى بىزنى «تۈركىيەگە بارىپ كەلگىن، ھوجام» دەپ ھەيدەپ، يالۋۇرۇپ يۈرىدۇ.
شۇنداق قىلىپ، ئەلىكترونلۇق ۋىيزا ئالدۇق، دەمدۇ، ئەيتاۋۇر بىر ئىشلارنى قىلىپ، مەنى ئىككى كۈن ئىچىدەلا جابدۇتۇپ، 17-دىكابىر كۈنى سائەت نۆلدە، ئىستانبۇلغا ئۇزاتىپ قويۇشتى.
مەزكۇر بىباھا ۋە ئۇنتۇلماس ئون بەش كۈن ئىچىدە، مەن ئىستانبۇل مارمارا ئۇنىۋەرسىتىتگە بارىپ، پروفەسسور مۇستافا كاچالىن بىلەن، ئەلىشىر نەۋائىي ئەسەرلەرى تەتقىقاتى بويىچە بىلىك-بىلگە ئالماشتۇرۇش قىلدىم، نەمە دەگەن پەيز-ھە؟!
ئەڭ مۇھىمى، شۇ پۇرسەتتە، مەن بۇرۇن تۈركىيەدە ئوقۇغاندا، نەسىى قالغان مۇھىم زىيارەت ۋە ئىبادەتلەرىمنى قىلىۋالدىم. مەسىلەن، ئىستانبۇل ئورتا كۆي ساھىلىدىكى چايخانىدا، تۈركىيەدە بىلىم ئاشۇرىۋاتقان دوكتورانت ئوقۇغۇچىلارىم بىلەن ئەنجۈمەن ئۇيۇشتۇردۇم ۋە كۆي ساھىلىدا، مارمارا دەڭىزىدىن يەلپۈنۈپ تۇرغان ساپ ھاۋادا راھەت نەپەسلەنىپ، جاھانغا داڭقدار ياۋروپا-ئاسيا كۆۋرۈكى- يەئنى بوغاز ئىچى كۆۋرۈكىگە قاراپ، ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا ھاڭ باقىپ تۇردۇم؛ ئەييۇب سۇلتان جامىئەسىدە ئىبادەت قىلدىم. فاتىھ سۇلتان مەھمەت جامىئەسىدە، ئۇنىڭ قەبرىگاھىنى ئۆپۈرەك تاۋاپ قىلدىم.
شۇ چاغ بۈيۈك ئاتا تۈركنىڭ ئىچ-ئىچىدىن ئۇرغۇغان سۆيۈك ۋە تەنتەنە بىلەن ئەيتقان مەشھۇر تەئلىمات ۋە تەھقىقات جۈملەسىنى قايىللىق بىلەن قەيت قىلدىم:
–نە مۇتلۇ تۈركۈم دەيەنە!
2020-يىل 31-ئۆكتەبىر، سان ديەگو.
ئىلاۋە: بۇ ئەسەر پىروفېسسور دوكتور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى (لايىھە)» بويىچە يېزىلغان بولۇپ، ئاپتورنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئاكادېمىيە تور بېتىدە ئەينەن ئىلان قىلىندى.