جاڭ جىجۇڭ: ئالىي مۇختارىيەت بەرمەيلى!
جاڭ جىجۇڭنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئالىي مۇختارىيەت بەرمەسلىك ھەققىدە جياڭ جېشىغا يوللىغان دوكلاتى

مەيدىسىگە «ئىستىقلالىيەت ئۈچۈن كۈرەش» ئوردېنى تاقىغان ئەخمەتجان قاسىمى ئەپەندى جاڭ جىجۇڭ قاتارلىقلار بىلەن غۇلجا شەھىرىدە، 1947-يىل
تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر
ئىلاۋە: ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، مەزكۇر يازما 1946-يىلى 6-دېكابىر ئەينى چاغدىكى غەربىي شىمال مەمۇرىي مەھكىمىسىنىڭ مۇدىرى ۋە قوشۇمچە «شىنجاڭ» ئۆلكىسىنىڭ رەئىسى جاڭ جىجۇڭ تەرىپىدىن خىتاي گومىنداڭ ھاكىمىيىتى رەئىسى جياڭ جېشىغا يوللانغان دوكلات ئاساسىدا تەرجىمە قىلىنىپ تەييارلاندى. مەزكۇر دوكلات ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى 1946-يىلى نويابىرنىڭ ئاخىرى نەنجىڭدا ئېچىلغان خىتاي ئاساسىي قانۇنى تۈزۈلىدىغان «خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى»غا قاتنىشىۋاتقان مەزگىلدە يوللانغان بولۇپ، ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدا قۇرۇلتايغا سۇنۇلغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىي نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئالىي مۇختارىيەت ھوقۇقىنى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈپ رەسمىي تونۇش قاتارلىق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەكلىپ لايىھەسىنى توسۇشنى مەقسەت قىلغان. مەزكۇر دوكلاتتا جاڭ جىجۇڭ گەرچە «شىنجاڭ» دېگەن لەنەتلىك ئىسىمنىڭ ئۆزگەرتىلىشكە تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، ئۇنى خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ ئەنئەنەلىرى بويىچە ئۆزگەرتىشنى، شۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي ئۆلكىسى ئىكەنلىكىدەك ئورنىنىڭ مۇستەھكەملىنىشىگە ئاساس سېلىشنى ئوچۇق ئېيتىدۇ. ئۇ يەنە شەرقىي تۈركىستانغا بىر خىتاي ئۆلكىسى قاتارىدا مۇئامىلە قىلىپ، باشقا خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىلمەكچى بولغان ئادەتتىكى مۇختارىيەتنىلا تونۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. شۇنداقلا ئەگەر مىللىي مۇختارىيەت ھوقۇقىنى چوقۇق تونۇشقا توغرا كەلسە، شەرقىي تۈركىستاندا باشقا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ كىچىك مۇختارىيەتلىرىنى تەڭ قۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. خىتاي كومۇنىستلىرى 1955-يىلى ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى»نى تەسىس قىلغان چاغدا جاڭ جىجۇڭ مەزكۇر دوكلاتتا تىلغا ئالغان ئۇسۇلنى ئۆز ئەينى بويىچە قوللانغانلىقى ۋە «شىنجاڭ» دېگەن لەنەتلىك ئىسىمغا باشقىچە تەبىر بېرىشكە ئۇرۇنۇپ، يەنىلا ساقلاپ قالغانلىقى مۇستەملىكەچى گومىنداڭ ۋە خىتاي كومۇنىستلىرىنىڭ مىللىي مەسىلە، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ نەقەدەر ئوخشاش ۋە ئىزچىل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ.
رەئىس جياڭ (جېشى) جانابلىرى،
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان بىر قىسىم شىنجاڭلىق ۋەكىللەر قۇرۇلتايغا شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ ئىسمىنى «تۈركىستان ئۆلكىسى» ياكى «تۈرك ئۆلكىسى» دەپ ئۆزگەرتىش ۋە شىنجاڭ مىللەتلىرىگە ئالىي مۇختارىيەت ھوقۇقى بېرىش ھەققىدە تەكلىپ سۇنۇپتۇ. گېزىتتە يېزىلىشىچە ئەخمەتجان (قاسىمى) ۋە ئەيسا (يۈسۈپ ئالپتېكىن) قۇرۇلتاي يىغىنىدا بۇ ھەقتە قىسقىچە سۆزلەپتۇ. تەكلىپ لايىھەسىنىڭ مەزمۇنى تېخى دوكلات قىلىنماپتۇ. لېكىن بۇ تەكلىپ لايىھەسى شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن زور تەسىرگە ئىگە بولۇپ، ئىچكىرىدىكى زاتلارنىڭ شىنجاڭ ۋەزىيىتىگە بولغان تونۇشى تېخى يېتەرلىك ئەمەس. قۇرۇلتاي بۇ لايىھەنى مۇزاكىرە قىلغان چاغدا مۇھىم نۇقتىلارنى چىڭ تۇتالماي، تاسادىبىي ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ئەندىشە قىلىمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن مەزكۇر لايىھەنىڭ مۇددىئاسى، شىنجاڭ ۋەزىيىتى ۋە قۇرۇلتاينىڭ مەزكۇر لايىھەگە نىسبەتەن تۇتۇشى كېرەك بولغان پوزىتسىيەسى ھەققىدە تەپسىلىي مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، پىكرىمنى بىلدۈرمەكچى ۋە پىرقەنىڭ سىياسەت يۈرگۈزۈشىگە مەسلىھەت بەرمەكچىمەن.
شىنجاڭ ۋەكىللىرى ئوتتۇرىغا قويغان مەزكۇر لايىھەدە تىلغا ئېلىنغان مىللىي مۇختارىيەت باش ۋەكىل سۈن جۇڭشەننىڭ ۋەسىيىتى ، جانابلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى (1945-يىلى) 24-ئاۋغۇست كۈنى دۆلەت مۇداپىئە ئالىي ھەيئىتى ۋە قانۇنچىلىق مەھكىمىسىنىڭ بىرلەشمە يىغىنىدا چېگرا رايون مىللەتلىرىگە قارىتا جاكارلىغان سىياسەتلىرى ۋە پىرقەمىزنىڭ 6-قېتىملىق ئومۇمىي ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى قۇبۇل قىلغان چېگرا رايون مىللەتلىرىگە قارىتىلغان سىياسىي پروگراممىسى قاتارلىقلار ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، نەزىرىيە جەھەتتىن ئۆز ئاساسى بار. لېكىن مىللىي مۇختارىيەت ياكى ئالىي مۇختارىيەتنىڭ چەك-چېگرالىرى ھەققىدە ئېنىق بىر گەپ يوق. ئادەتتىكى مۇختارىيەتتىن قانچىلىك پەرقلىنىدىغانلىقىنى بېكىتىش قىيىن بولۇپ، پەقەت نەزىرىيەگە تايانغان كۆز قاراش ۋە يەكۈندىن ئىبارەت. دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەتلەرگە نىسبەتەن كەڭرى بولغان مۇختارىيەت ھوقۇقى بېرىش «مىللەتچىلىك مەسلىكى»نىڭ ماھىيىتىگە ئەسلى ئۇيغۇن كېلىدۇ. لېكىن دۆلەت ئىچىدىكى ھازىرقى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلەلىرى، مەسىلەن ئىچكى موڭغۇل مەسىلەسىنىڭ خەلقئارالىق ئارقا كۆرۈنۈشى يوق. تىبەت مەسىلەسىمۇ ئەنگىلىيەنىڭ ھىندىستاننىڭ مۇستەقىللىق مەسىلەسى بىلەن ھەل بولغان بولۇپ، ئەنگىلىيەنىڭ ئەمدى تىبەتنى ئىدارە قىلىش زۆرۈرىيىتى قالمىدى. تىبەتنىڭ دۆلىتىمىز بىلەن بولىدىغان مۇناسىۋىتى بۇندىن كېيىن ياخشى تەرەپكە قاراپ يۈزلىنىشى مۇمكىن. لېكىن شىنجاڭدا بولسا مىللىي مەسىلە باشتىن-ئاياق دىپلوماتىيە مەسىلەسى بىلەن ئايرىلماس مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلدى ۋە موڭغۇل ۋە تىبەت مەسىلەلىرىگە قارىغاندا ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ. ھازىر شىنجاڭ بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى بار بىلەن يوقنىڭ ئارىسىدا قالدى. دۆلىتىمىزنىڭ شىنجاڭنى ئۆزىگە قارىتىش ھەققىدىكى خىزمەتلىرىنىڭ مۇستەھكەم ئاساسى يوق. نۇرغۇنلىغان شىنجاڭ مىللەتچىلىرى كۆرۈنۈشتە ئاشكارا ھالدا ۋەتەندىن ئايرىلىپ چىقىشنى تەرغىپ قىلالمىسىمۇ، قەلبىدە دائىما مۇستەقىللىق مۇددىئاسى بار. ھەتتا قوشنا دۆلەتلەرنىڭ تەشۋىقاتىغا ئالدىنىپ، ناھايىتى قۇيۇق چەتكە ئېغىش خاھىشى ھەم شەكىللەنگەن. پېقىر قاتارلىق بىر قانچەيلەن مەزكۇر ئاتالمىش ئالىي مىللىي مۇختارىيەت تەلىپىگە نىسبەتەن ھەر تەرەپنىڭ ئۆز تونۇشى بارلىقىنى، لېكىن مىللىي ئىرادەنىڭ نىقابى ئاستىدا مۇختارىيەت دەرىجىسىنى پەرق ئېتىشنىڭ تەس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكچىمىز. ئەگەر قۇرۇلتاي مەزكۇر پىرىنسىپنى قۇبۇل قىلىپ، ئاساسىي قانۇنغا بۇ ھەقتە مۈجىمەل ۋە كەڭ دائىرىلىك بىر ماددىنى كىرگۈزۈپ قويسا، كۆپ تەرەپنىڭ مەقسەتلىك ھالدا بۇرمىلىشى ئاستىدا چوقۇم ۋەتەندىن بارا-بارا ئايرىلىشتەك ۋەزىيەت كېلىپ چىقىدۇ.
مەسىلەن، ئۇلار تەلەپ قىلىۋاتقان ئالىي مۇختارىيەت ئاساسەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەر قايسى مۇختار جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئەھۋالىغا تەقلىد قىلىنغان. يەنى ھەربىي ئىشلار ۋە دىپلوماتىيەدە مەركەز بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىغاندىن سىرت، باشقا ھەر قانداق ئىشلارنى مۇختار ھۆكۈمەت ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپ قىلالايدۇ. شىنجاڭنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىدىن چىقىپ تەھلىل قىلغاندا، ھازىر ئىقتىسادىي ھوقۇق پۈتۈنلەي يەرلىكلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلسا، قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى مەركەز كونترول قىلالمايدۇ. يەنە مەسىلەن، قاتناش ھوقۇقى پۈتۈنلەي يەرلىكلەر تەرىپىدىن قولغا ئېلىنسا، بۇندىن كېيىنكى ھەربىي قاتناش ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشى ناھايىتى زور توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. بۇنداق بولغاندا نامدا مۇختارىيەت بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بولسا، كۈنسېرى چەتكە ئېغىپ، چەتئەلگە بېقىندى ھالەتكىمۇ يېتىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەسىلىنىڭ نېگىزىدە نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا ماسلاشماسلىق ۋە قارىمۇ قارشىلىق ياتىدۇ ۋە بۇنى ھەل قىلىش ناھايىتى مۈشكۈل. لېكىن، ئەگەر قۇرۇلتاي بۇ خىل تەلەپكە ھېچقانداق ئېتىبار قىلمايدىغان بولسا، ياكى كۆپ سانلىقلارنىڭ پىكرى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىش پىرىنسىپى بويىچە پۈتۈنلەي رەت قىلىشقا ئۇچرىسا، بۇ ناھايىتى ئاسان بىر ئىش. لېكىن ئاز ساندىكى شىنجاڭ ۋەكىللىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا ئاللىبۇرۇن بەزى تەرەپلەرنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاڭلىغانلىقى ئېنىق بولۇپ، كۆڭلىدە سان بار. ئەگەر بۇ لايىھە ئۈزۈن كېسىل رەت قىلىۋېتىلسە، شىنجاڭ ئۆلكىسىدىكى خىتايلارغا قارشى، دۆلەتكە قارشى ھەرىكەت «خىتايلار ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەمسىتتى» دېگەن شۇئارنىڭ قۇترىتىشى ئاستىدا تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىدۇ. ھازىرقى زاماندىكى مىللەتلەر ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ئېقىمىنىڭ تۈرتكىسىدە دۆلەت بىرلىكىنىڭ كەلگۈسىگە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ھەرگىزمۇ قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرۇشقا بولمايدۇ. يۇقىرىقى پىكىرلەرگە ئاساسەن، پېقىر بۇ مەسىلىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىغا نىسبەتەن ئوچۇق-يورۇق سۆھبەت ئارقىلىق قايىل قىلىشنى ئاقىلانىلىق دەپ قارايمەن. پېقىرنىڭ پىكىر تەكلىپلىرى تۆۋەندىكىچە، كۆرۈپ پايدىلانغايلا:
بىرىنچى، شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ نامى مەسىلىسىگە نىسبەتەن
شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ نامىغا قارىتا يەرلىك مىللەتلەر «خىتاي دۆلىتى مەزكۇر ئۆلكىنى يېڭىدىن ئېچىلغان تۇپراق دەپ قارايدىكەن» دەپ تولىمۇ يىرگىنىدىكەن. ئىچكىرىدىكى زاتلار ئىچىدىمۇ مەزكۇر ئىسىمنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك تاجاۋۇزچىلىق روھىغا تويۇنغانلىقى، يەرلىك مىللەتلەرگە ناھايىتى ناچار تەسىر بېرىدىغانلىقى، ئەمەلىيەتتە ئۆزگەرتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرمەكتە. لېكىن ھەر قايسى يەرلىك مىللەتلەر تەشەببۇس قىلغان «شەرقىي تۈركىستان» دېگەن نامنىڭ مەنىسى ئاددىي ئەمەس. شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيەلىك تۈزۈلۈشىدىن ئېيتقاندا، ئالتاي رايونى بۇرۇن قۇبدا ئايمىقى (ھازىر موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتىگە تەۋە) غا تەۋە ئىدى. شىمالىي شىنجاڭدىكى ھەر قايسى رايونلار ئەسلى موڭغۇل زىمىنىغا (جەنۇبىي موڭغۇلىيەگە دېمەكچى) تەۋە ئىدى. ھازىر كۆپ ساندىكى تاغلار ۋە شەھەرلەر ھېلىھەم موڭغۇلچە ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە. (مەسىلەن ئۈرۈمچى، قۇتۇبى، بۇغدا تېغى دېگەندەك). ئەگەر «تۈركىستان» دېگەن نام شىنجاڭ ئۆلكىسىگە ئىشلىتىلسە، ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ جەنۇبىي شىنجاڭغا قارىتا ئىشلىتىلسە بولىدۇ. بۇ نامنى پۈتۈن ئۆلكىنىڭ نامى قىلىپ ئىشلىتىش تارىخ ۋە جۇغراپىيەنىڭ چىنلىقىغا قارشى چىققانلىق بولىدۇ. دۆلىتىمىزدىكى ھەر قايسى ئۆلكە ناملىرىغا سەپسالساق، كۆپىنچىلىرى تاغ-دەريالار ناملىرى بىلەن ئاتالغان بولۇپ، ھېچقايسىسى مىللەتنىڭ نامى بىلەن ئاتالمىغان. شىنجاڭ ئۆلكىسىدىكى مىللەتلەرمۇ ئەمەلىيەتتە پەقەتلا «تۈرك» مىللىتى گە تەۋە ئەمەس بولۇپ، بۇ مىللەتلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئاتاش قىيىن. ئەگەر شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە «تەڭرىتاغ» ئۆلكىسى دەپ ئاتاش ئەڭ مۇناسىپ. بۇ نام خىتاي ۋە غەرب جۇغراپىيەلىرىدە ئومۇملاشقان ۋە كۆپ ئىشلىتىلگەن بىر ئاتالغۇ بولۇپ، ئۆلكىنىڭ بارلىق تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شىجاڭ ئۆلكىسىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىشنىڭ سىياسىي ئەھمىيىتىگە كەلسەك، بۇنىڭ بىلەن شىجاڭنىڭ خىتاينىڭ بىر ئۆلكىسى ئىكەنلىكىدەك ئورنىنى مۇقىملاشتۇرغىلى بولىدۇ. ئەگەر ئاتالمىش مۇختارىيەت مەسىلىسىنىمۇ تەپسىلىي چۈشەندۈرەلىسەك، دۆلەتكىمۇ پايدىلىق بولۇپ، بۇ مەسىلە ھەققىدە يەنىمۇ ئويلىنىپ كۆرگىمىز ياخشى. ئەگەر مەزكۇر لايىھەنى سۇنغۇچىلارنىڭ شىنجاڭنىڭ ئۆلكىلىك ئورنىنى جەزىملەشتۈرۈش نىيىتى بولمىسا، ئۇلارنىڭ مەقسىتى پەقەتلا ئىسىمنى ئۆزگەرتىشتە ئەمەس بولۇپ چىقىدۇ.
ئىككىنچى، مىللىي مۇختارىيەت مەسىلىسىگە نىسبەتەن
دۆلەت ئىچىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ سىياسىي ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش پىرىنسىپ جەھەتتىن باشقا مەنا بەرمەيدۇ. لېكىن شىنجاڭنىڭ خىتاينىڭ بىر مەمۇرىي ئۆلكىسى بولۇشتەك ئورنى مۇقىملاشسا، ئادەتتىكى يەرلىك مۇختارىيەت بەلگىلىمەلىرىگە ئاساسەن شىنجاڭدا مۇختارىيەت ئۆزلىكىدىن ئىجرا قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق ھەر قايسى مىللەتلەر شىنجاڭدا زور كۆپ سانلىقنى ئىگەللىگەچكە، سايلام نەتىجىسىدە خەلق رايى بىلەن ھۇجۇتقا كېلىدىغان بارلىق ئورگانلار ۋەكىللىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك كادىرلار ئىچىدە ھەرقايسى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ كۆپ سانلىق بولىدىغانلىقىدا شەك يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن، گەرچە نامدا يەرلىك مۇختارىيەت بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە مىللىي مۇختارىيەت بولىدۇ. لېكىن بۇ خىل نۇقتىينەزەرنىڭ بىر تەرەپنىڭلا كۆز قارىشى بولۇپ قېلىشى ئېھتىمال. ئەمما پېقىر بۇنىڭلىق بىلەن مەزكۇر ئالىي مىللىي مۇختارىيەت تەلىپى قاندۇرىلىدۇ دەپ قارىمايمەن. چوقۇم مىللىي، دىنىي ئۆرپ-ئادەتلەر ۋە تىل-يېزىقنىڭ خىتايلار بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىماسلىقىنى باھانە قىلىپ، ئالاھىدە مۇھىتتىكى ئالاھىدە ئېھتىياجلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، بۇنى ئالىي مىللىي مۇختارىيەتنىڭ نەزەرىيە ئاساسى قىلىشى ئېنىق. بۇ نۇقتا قارىماققا نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇندەك كۆرۈنىدىغان بولۇپ، تولىمۇ مۇۋاپىق ۋە تەپسىلىي چۈشەنچە بېرىلىشكە مۇھتاج. يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان ھەر قانداق ئىشلارنى ھەل قىلىشنىڭ چارەلىرىنى ئويلىشىش كېرەك.
بىرىنچىدىن، ئەگەر مىللەتكە ئاساسلانغان مۇختارىيەتنى ئېتىراپ قىلساق، شىنجاڭنىڭ ئىچىدە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ نوپۇس جايلىشىشىغا ئاساسەن ھەر قايسى مۇختار رايونلارنى قايتىدىن سىزىپ چىقىپ كېرەك. مەسىلەن، ئۇيغۇرلار شىنجاڭ نوپۇسىنىڭ زور كۆپ سانلىقىنى تەشكىل قىلىدۇ. لېكىن باشقا مىللەتلەر جايلاشقان رايونلار ئىچىدە باشقا مىللەت نوپۇسى ئۇيغۇرلار نوپۇسىدىن كۆپ بولغان رايونلارمۇ ئاز ئەمەس. مەسىلەن، ئىلى ۋە تارباغاتايدىكى قازاقلار، دىخۇا (ئۈرۈمچى) دىكى خىتاي ۋە تۇڭگانلار، تارباغاتايدىكى بىر-ئىككى ناھىيە ۋە قاراشەھەردىكى بىر-ئىككى ناھىيەدىكى موڭغۇللار، ئىلىدىكى بىر-ئىككى ناھىيەدىكى شىبە-سولۇن-مانجۇلار قاتارلىقلار. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز رايونلىرىدا نوپۇسنىڭ كۆپ سانلىقىنى ئىگەللىگەن بولۇپ، بۇلارغىمۇ ئوخشاش مۇختارىيەت ھوقۇقى بېرىلسە ئۇيغۇن بولىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدا مۇختارىيەت ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەندە مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللانغان. مۇشۇ خىل نەزەرىيە بىلەن پىكىر يۈرگۈزسەك، شىنجاڭ ئىچىدىكى كۆپ سانلىق مىللەت (ئۇيغۇرلار)نى مۇختارىيەت بىرلىكىنىڭ ۋەكىلى قىلغان ھالدا، بىر قانچىلىغان رايونلاردا باشقا مىللەتلەرنى مۇختارىيەتنىڭ كىچىك بىرلىكلىرى قىلساق، مىللىي مۇختارىيەتنىڭ ھەقىقىي مەنىسىگە ئۇيغۇن بولغان بولىمىز.
ئىككىنچىدىن، ئاتالمىش مىللىي مۇختارىيەتنىڭ دەرىجىسى ۋە دائىرىسى يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن مىساللارغا ئاساسەن ئاساسىي قانۇن دائىرىسى ئىچىدە بەلگىلىنىشى، بولۇپمۇ دۆلەت مۇداپىئەسى، دىپلوماتىيە، ئىقتىساد، قاتناش ۋە ئەدىلىيەدىن ئىبارەت دۆلەت خارەكتېرلىك ھوقۇقلار چوقۇم مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇق دائىرىسى ئىچىدە قېلىشى، قولدىن چىقىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئاساسىي قانۇنغا «مىللەت» دىن ئىبارەت بىر بابنىڭ قوشۇلۇشىغا كەلسەك، بۇ ھازىرقى زاماننىڭ يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇن بولۇپ، مىللەتچىلىكنىڭ باراۋەرلىك روھىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. لېكىن بۇ دۆلەت ئىچىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىگە باھانە بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. ھەرگىزمۇ مىللىي مەسىلىنى خىتاينى چەكلەشتە قورال قىلىپ ئىشلىتىشنى پىلانلاۋاتقان قوشنا دۆلەتلەرگە بۇ ئىشنى دەستەك قىلىپ بەرمەسلىك كېرەك. بۇنىڭغا ئۈنۈملۈك چارە-تەدبىر ئىزدىگىنىمىز ياخشىراق.
بۇنىڭدىن سىرت خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئىچىدە چېگرا رايون مەسىلەلىرى بويىچە چوڭقۇر ئىزدىنىپ تەتقىق قىلغان زاتلار ئاز ئەمەس بولۇپ، بۇ مەسىلە ھەققىدە ھەرقاچان چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلىپ، تەدبىر كۆرسىتەلەيدۇ. پىكىرلىرىمنىڭ ناتوغرا جايلىرى بولسا ئەپۇ قىلغايلا. كېرەكلىك جايلىرى بولسا پايدىلىنىشلىرىنى سورايمەن.
جياڭ (جېشى) جانابلىرىغا ھۆرمەت ۋە ئېھتىرام بىلەن
جاڭ جىجۇڭ
(1946-يىلى) 6-دېكابىر
مەنبە: تەيۋەن دۆلەتلىك تارىخ سارىيى
بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك يازمىلاردىن:
1946-يىلى ئېچىلغان خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ۋە شەرقىي تۈركىستان
1946-يىلىدىكى خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا شىنجاڭ ۋەكىللىرىنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرى ھەققىدە ئومۇمىي مۇلاھىزە
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا (2) ۋەكىللەرنىڭ تولۇق مۇختارىيەت تەلىپى
ئۆلكىمىزنىڭ ئىسمى ھەققىدە بىر-ئىككى ئېغىز سۆز
مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئەسلى نۇسخىسى:














