You Are Here: Home » پايدىلىق ئۇچۇرلار » نامەلۇم چوڭ قۇرۇقلۇق ۋە ئۇنىڭ بايقىلىشى

نامەلۇم چوڭ قۇرۇقلۇق ۋە ئۇنىڭ بايقىلىشى

تەرجىمىدە يۇپېتېر

بۇنىڭدىن تەخمىنەن 2000 يىل بۇرۇن بەزى كىشىلەر يەر شارىنىڭ جەنۇبىدا نامەلۇم بىر چوڭ قۇرۇقلۇق بارلىقىنى ئالدىن ئېيتقان، 200 يىل ئىلگىرى ئىنسانلار ئاندىن جەنۇبىي قۇتۇپ چوڭ قۇرۇقلۇقىنى بايقىغان، ئىنسانلار ئانتاركتىكانى بايقىغانلىقىنىڭ 200 يىللىقى پەيتىدە بىز بۇ تارىخ توغرىسىدا پاراڭلىشىپ باقايلى.

نامەلۇم جەنۇبىي قۇرۇقلۇق

«نامەلۇم جەنۇبىي قۇرۇقلۇق» دېگەن بۇ قاراشنى ئەڭ دەسلەپتە ئارىستوتېل ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ قاراشنى پىتولېمى يەنىمۇ كېڭەيتىپ مۇكەممەللەشتۈرگەن. كرودىس پىتولېمى قەدىمكى يۇنانلىق بىر ماتېماتىك، ئاسترونوم، جۇغراپىيەشۇناس ۋە ئاسترولوگ. مىلادىيە 1-ئەسىردە پىتولېمى يەر شارى سىممېتىرىكلىككە ئىگە، ئۇنىڭ شىمالىي يېرىم شارىدا ياۋروپا، ئاسىيا قاتارلىق بىرقانچە شىمالى چوڭ قۇرۇقلۇقى بار بولغان ئىكەن، ئۇنداقتا ھىندى ئوكياننىڭ جەنۇبىدا چوقۇم باشقا چوڭ قۇرۇقلۇقلارمۇ بار، ھىندى ئوكيان بولسا مۇشۇ جەنۇبىي چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ ئەتراپىنى ئوراپ تۇرىدۇ، چۈنكى پەقەت مۇشۇنداق بولغاندىلا شىمالىي يېرىم شاردىكى چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن تەڭپۇڭلۇق ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ، دېگەن قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

شۇ چاغدىن باشلاپ كىشىلەر يىراق جەنۇبتا «نامەلۇم چوڭ قۇرۇقلۇق»نىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ، بۇ قۇرۇقلۇق شىمالدىكى ياۋروپا، ئاسىيا ۋە ئافرىقىنىڭ شىمالىي قىسىمى قاتارلىق شىمالدىكى چوڭ قۇرۇقلۇقلارنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ دەپ قارىغان، ھەمدە «Terra Australis» دېگەن سۆزنى «نامەلۇم چوڭ قۇرۇقلۇق»قا سىمۋول قىلغان، مانا بۇ نامەلۇم جەنۇبىي چوڭ قۇرۇقلۇقتۇر.

ئارقىدىنلا 5-ئەسىردە بۇ تەڭپۇڭ چوڭ قۇرۇقلۇق نەزەرىيەسىنى ماكروبىئۇس ئىسىملىك بىر ئادەم خەرىتىدە قىياسقا ئاساسەن بەلگە قىلىپ قويغان، ھەمدە خەرىتىدە «Australiss» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىپ، بۇ نامەلۇم جەنۇب چوڭ قۇرۇقلۇقىنى ئىپادىلىگەن. يۇقىرىقى سۈرەت 1570-يىلىدىكى دۇنيا خەرىتىسى. بۇ خەرىتىدە جەنۇبىي يېرىم شاردا «Australiss» دەپ ئاتىلىدىغان غايەت زور بىر قۇرۇقلۇق سىزىلغان.

ئاۋسترالىيە قىتئەسىنىڭ بايقالغانلىقى ۋە ئاۋسترالىيە دەپ نام بېرىلگەنلىكى

«نامەلۇم جەنۇبىي قۇرۇقلۇق» ھەرقايسى دەۋردىكى ئېكسپېدىتسىيەچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان، 15-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى چوڭ دېڭىز قاتنىشى دەۋرىدىن باشلاپ پورتۇگالىيە يېڭى دېڭىز يولىنى ئېچىش ئۈچۈن، ئافرىقىنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى ئۈمىد تۇمشۇقىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ئافرىقىنىڭ پۈتۈنلەي دېگۈدەك دېڭىز-ئوكيان بىلەن قورشالغانلىقىنى ئىسپاتلىغان، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر جەنۇبى قۇرۇقلۇقنى بايقاش ئۈمىدىنى ھىندى ئوكياننىڭ شەرقىگە مەركەزلەشتۈرگەن.
17-ئەسىردىن كېيىن ياۋروپالىقلار ھىندى ئوكياننىڭ شەرقىدىكى ئاۋسترالىيەنى بايقىغان ھەمدە ئۇنىڭغا «يېڭى گوللاندىيە» (گوللاندىيەلىكلەر قويغان ئىسىم) دەپ نام بەرگەن. 1770-يىلى ئەنگلىيەلىك دېڭىزچى كۇك ئاۋسترالىيەنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدا قۇرۇقلۇققا چىققان ھەمدە بۇ زېمىننىڭ ئەنگلىيەگە تەۋە ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر بىر مەھەل ئاۋسترالىيەنى «نامەلۇم جەنۇب چوڭ قۇرۇقلۇقى»نىڭ بىر قىسىمى دەپ قارىغان.

لېكىن ئۇلار ناھايىتى تېزلا ئۈمىدسىزلەنگەن، كاپىتان كۇك ئاۋسترالىيە بىلەن يېڭى زېلاندىيەنى بايقىغاندىن كېيىن، دەرھال بۇ قۇرۇقلۇقلارنى ئايلىنىپ يۈرۈشنى باشلاپ، ئۇلارنىڭ جەنۇبىي قۇرۇقلۇقنىڭ بىر قىسىمى ئەمەس، بەلكى تۆت ئەتراپىنى دېڭىز ئوراپ تۇرىدىغانلىقىنى تېزلا ئىسپاتلىغان. كېيىن كاپىتان كۇك ئىككىنچى قېتىم سەپەرگە چىققان، ئۇنىڭ نىشانى جەنۇبىي چوڭ قۇرۇقلۇقنى ئىزدەش بولۇپ، ئۇ جەنۇبىي يېرىم شارنىڭ يۇقىرى كەڭلىك رايونىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ، بەزىدە ھەتتا جەنۇبىي قۇتۇپ چەمبىرىنى (ئەينى چاغدا ئۇلار جەنۇبىي قۇتۇپ چەمبىرىكىنى بىلمەيتتى) كېسىپ ئۆتكەن، لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا جەنۇبىي قۇتۇپ قۇرۇقلۇقىنى بايقىيالمىغان.

شۇنىڭ بىلەن نامەلۇم جەنۇب چوڭ قۇرۇقلۇقى «Terra Australiss» دېگەن بۇ ئۇقۇم تەدرىجىي ھالدا ئۆزىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى يوقىتىپ قويغان، كىشىلەر ئاستا-ئاستا پىتولېمى پەرەز قىلغان جەنۇب چوڭ قۇرۇقلۇقى مەۋجۇت ئەمەس دەپ قارىغان. 1814-يىلى ماشۇت فۇلىنداس ئىسىملىك بىر كىشى «جەنۇب چوڭ قۇرۇقلۇقىغا سەپەر» ناملىق كىتابىنى نەشر قىلدۇرغان، كىتابتا جەنۇبىي كەڭلىك رايونىدا باشقا چوڭ قۇرۇقلۇقلارنى بايقاش مۇمكىن ئەمەس دەپ قارالغان، شۇڭا يېڭىدىن بايقالغان «يېڭى گوللاندىيە» جەنۇبىي چوڭ قۇرۇقلۇق دەپ نام بېرىشكە تېخىمۇ ماس كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن «Australia» دېگەن بۇ سۆز ئەڭ ئاخىرىدا جەنۇبىي قۇتۇپنىڭ نامى بولماي، بەلكى بۈگۈنكى ئاۋسترالىيەنىڭ نامى بولۇپ قالغان.

ئانتاركتىكا قىتئەسىنى بايقاش

ئاۋسترالىيە دەل «Terra Australiss» دېگەن بۇ يەكۈنىنىڭ بىر خاتالىق ئىكەنلىكى ناھايىتى تېزلا ئىسپاتلانغان. كاپىتان كۇك جەنۇب قۇرۇقلۇقىنى ئىزدەپ نەتىجە قازىنالمىغاندىن كېيىن گەرچە نۇرغۇن كىشىلەر جەنۇب تەرەپتە يەنە قۇرۇقلۇق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس دەپ قارىغان بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم كىشىلەر يەنىلا ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئىشەنگەن.

1819-يىلى رۇسىيە چار پادىشاھى ئالېكساندر جەنۇبىي قۇتۇپ رايونىغا بېرىپ ئېكسپېدىتسىيە قىلىش پىلانىنى تەستىقلىغان، ئۇ جەنۇبىي ئوكيان ئۈستىدە ئىزدىنىش ھەمدە جەنۇبىي قۇتۇپ ئەتراپىدىن جەنۇبىي قۇرۇقلۇقنى تېپىشنى مەقسەت قىلغان. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى دېڭىز سەپىرى ۋە ئېكسپېدىتسىيە تەجرىبىسى مول بولغان كىشىلەرنى بۇ قېتىمقى ئېكسپېدىتسىيەگە رەھبەرلىك قىلىشقا تاللىغان، بۇ كىشى بېلىن گاۋزن ئىدى.

بېلىن گاۋزن رۇسىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ دېڭىز ئارمىيە گېنېرال لېيتېنانتى، ئېكسپېدىتسىيەچى. ئۇ ھازىرقى ئېستونىيە رايونىدا تۇغۇلغان گېرمانىيە قان سىستېمىسى بار رۇسىيەلىك. ئەمما ئەينى چاغدا بالتىق دېڭىزىدىكى ئۈچ دۆلەت (ئېستونىيە، لاتۋىيە، لىتۋا)كە رۇسىيە ئىمپېرىيەسى ھۆكۈمرانلىق قىلغان، سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىلا بۇ ئۈچ دۆلەت ئاندىن رۇسىيەدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغانىدى. شۇڭا ئېستونىيەدە تۇغۇلغان بېلىن گاۋزن رۇس، لېكىن ئۇنىڭ يەنە گېرمانىيە قان سىستېمىسى بار. شۇڭا رۇسىيە، ئېستونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئانتاركتىكادا ئىزدىنىش خاتىرە پۇلىنى تالىشىپ تارقىتىپ، بېلىن گاۋزننى ئۆز دۆلىتىنىڭ تارىخىي قەھرىمانى دەپ ئاتىغان.

1819-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى بېلىن گاۋزىننىڭ كېمە ئەترىتى كرونشتاتتىن ئايرىلىپ جەنۇبىي قۇتۇپقا يۈرۈش قىلغان. 9-ئاينىڭ 5-كۈنى كېمە ئەترىتى ئەنگلىيەنىڭ پورتسموس پورتىدا دەم ئېلىپ ئوتتۇرا يولدا يۆتكەلگەن. 1820-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى جەنۇبىي قۇتۇپ چەمبىرىكىگە كىرگەن، 1-ئاينىڭ 28-كۈنى كېمە ئەترىتى جەنۇبىي قۇتۇپ دېڭىز قىرغىقىغا يېقىنلاشقان ھەمدە جەنۇبىي قۇتۇپ قۇرۇقلۇقىنى بايقىغان، بۇ ئىنسانلارنىڭ تۇنجى قېتىم جەنۇبىي قۇتۇپ قۇرۇقلۇقىنى كۆرۈشى بولۇپ، « نامەلۇم جەنۇبىي قۇرۇقلۇق» ئاخىرى ئىنسانلار كۆز ئالدىدا نامايان بولغان.

بېلىن گاۋزىننىڭ كېمە ئەترىتى كېيىن ئاۋسترالىيەگە قايتىپ كېلىپ لازىمەتلىكلەرنى تولۇقلىۋالغاندىن كېيىن، 11-ئاينىڭ 12-كۈنى يەنە بىر قېتىم جەنۇبىي قۇتۇپقا بارغان. 1821-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى كېمە ئەترىتى بۇ قېتىمقى ئېكسپېدىتسىيىنىڭ ئەڭ جەنۇبىي ئۇچىغا يېتىپ بېرىپ قايتقان، سەپەر ئۈستىدە بېلىن گاۋزن يەنە تىنچ ئوكياندىكى 29 كىچىك ئارالنىڭ خەرىتىسى ۋە ئەتراپتىكى مۇرەككەپ سۇ رايى خەرىتىسىنى سىزىپ چىقىپ 1821-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى رۇسىيەنىڭ كرونشتاتقا قايتىپ كەلگەن.

سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئانتاركتىكادىكى گېئورگى پادىشاھ ئارىلىدا قۇرغان بازىسى «بېلىن گاۋزن پونكىتى» دەپ ئاتالغان. جەنۇبىي قۇتۇپ دېڭىز تەۋەسىدە بىر دېڭىز بار، ھازىر ئۇ «بېلىن گاۋزن دېڭىزى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئانتاركتىكانى بايقىغان بېلىن گاۋزن ئولتۇرغان پاراخوتنىڭ نامى «شەرق» ناملىق ئۇرۇش كېمىسى بولۇپ، ئاھاڭ تەرجىمىسى«ۋوستوك» (Vostok)، ئۇ 24 زەمبىرەك بار رۇسىيە ئىمپېرىيەسى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ كىچىك تىپتىكى يەلكەنلىك ئۇرۇش كېمىسى، 1818-يىلى سانتپېتىربۇرگ ئوخېتا كېمىسازلىق زاۋۇتىدا سۇغا چۈشۈرۈلگەن.

1961-يىلى 12-ئاپرېل يۇرىي گاگارىن ئالەم بوشلۇقىغا ئېلىپ چىققان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئادىمىيلىك ئالەم كېمىسىگە «شەرق 1-نومۇر» دەپ نام بېرىلىپ «شەرق» ناملىق جەڭ كېمىسىنىڭ جەنۇبىي قۇتۇپنى بايقىغانلىقى خاتىرىلەندى. ئانتاركتىكا بايقىغاندىن كېيىن «Australiaa» دېگەن بۇ ئىسىم ئاۋسترالىيەگە بېرىلگەنلىكى ھەمدە كىشىلەر ئادەتلىنىپ بولغانلىقى ئۈچۈن ئانتاركتىكاغا «Antarctic» دەپ نام بېرىلگەن، بۇ «يەتتىنچى چوڭ قۇرۇقلۇق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئانتاركتىكادا ئەسلى ئاھالىمۇ، مەڭگۈلۈك ئاھالىمۇ يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆلىمىمۇ چوڭ ئەمەس، شۇڭا جەنۇبىي يېرىم شاردىكى قۇرۇقلۇق شىمالىي يېرىم شاردىكى قۇرۇقلۇقتىن كۆپ ئاز، يەر شارىدىكى قۇرۇقلۇق تەڭپۇڭ ئەمەس، پىتولېمىنىڭ يەر شارى سىممېتىرىك نەزەرىيەسىنىڭ خاتا ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى، پەقەت ئۇنىڭ بۇ خاتا نەزەرىيەسى ۋە «نامەلۇم جەنۇب قۇرۇقلۇقى» دېگەن بۇ قىياسى سانسىزلىغان ئېكسپېدىتسىيەچىلەرنى يەر شارىنىڭ نامەلۇم ساھەسى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە جەلپ قىلغان.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top