You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » گۈلىستان ناملىق كىتابتىن ئۈزۈندىلەر

گۈلىستان ناملىق كىتابتىن ئۈزۈندىلەر

گۈلىستان

سۆز بېشى

پارس خەلىقىنىڭ 13-ئەسىردە ئۆتكەن ئۇلۇغ مۇتەپپەككۇر شائىر شەيخ سەئىدىنىڭ «گۈلىستان» ناملىق مەشھۇر ئەسىرى يالغۇز پارس كىلاسىك ئەدەبىياتىدىلا ئەڭ قىممەتلىك بايلىق ۋە مۇھىم يادىكارلىقلاردىن بىرى بولۇپ قالماستىن، بەلكى جاھان مەدىنيەت غەزىنىسىدىمۇ ئۆزىگە مۇناسىپ ھۆرمەتلىك بىر ئۇرۇننى ئىگىلىگەن. «گۈلىستان » قاپىيىلىك سۆزلەردىن تۈزۈلگەن قىسقا ھېكايىلەر، ھېكىمەتلەر، ئىبرەتلىك سۆزلەر توپلىمىدىن ئىبارەت بولۇپ، ھەر بىر ھېكايە ئارىلىرىغا مۇۋاپپىق شېئىر مىسرالىرى قىستۇرۇلغان. سەككىز باپلىق بۇ نادىر ئەسەردە شۇ زاماندىكى ئىجدىمائى تۇرمۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرەپلىرى، بۇلۇپمۇ 13-ئەسىردىكى فېئودالىزىىم جەمئىيتىنىڭ تۈرلۈك قاتلاملىرىدىكى ھاياتنىڭ رېئال مەنزىرسى ئاجايىپ تولۇق سۈرەتلەپ بېرىلگەن. ئادالەت، ئىنسانپەرۋەرلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك، خەلىقنى سۆيۈش، ساداقەت، ۋاپا، مېھىر-مۇھەببەت، سېخىيلىق، ئالىيجاناپلىق ۋە باشقا گۈزەل ئەخلاق-پەزىلەتلەر مەدىھلەنگەن. قالاقلىق، جاھالەت، رىياكارلىق، يالغانچىلىق، ئالدامچىلىق، ئاچ –كۆزلۈك، زالىملىق شۇنىڭغا ئوخشاش جەمىيەتتىكى چىرىكلەر ھەجۋى تىل بىلەن كەسىكىن تەنقىد ئاستىغا ئېلىنغان.
شائىرنىڭ ھاياتى توغرىسىدا مەخسۇس ماتېرىيال يوق، پەقەت ئاپتۇر ئۆز ئەسەرلىردە زىكىر قىلغان بەزى پاكىتلار بىزگە ئۇنىڭ تەرجىمىھالى توغرىسىدا ئۇمۇمى چۈشەنچە بىرەلەيدۇ.
سەئىدى 1203-يىلى ئۆپچۆرىسىدە ئىراننىڭ شىراز شەھرىدە ئوتتۇرا قاتلامغا مەنسۇپ ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. تەخمىنەن 20 ياش ۋاقتىدا ئوتتۇرا شەرىقنىڭ مەدىنيەت مەركىزى ھىساپلانغان قەدىمىي شەھەر باغداتقا بېرىپ، مەشھۇر «نىزامىيە» مەدرىسىدە ئېلىم تەھلىل قىلغان. ئۇ كىچىك چېغىدىلا ئۆز ۋەتىندىن كۆپ قېتىم سەپەرگە چىقىپ، چەت مەملىكەتلەردە ۋە شەرىقنىڭ بىر مۇنچە شەھەرلىرىدە ساياھەتتە بولغان، 14 قېتىم ھەج قىلغان؛ غەرىبتە شىمالى ئافرىقىغا قەدەر بارغان، ئەرەب سەھرالىرىنى كەزگەن، مىسىر، ھەبەشىستان، تۈركىيە قاتارلىق مەملىكەتلەردە بولغان، دەمەشىق، يىروسالىم، تىرىپولى، ھەلەب قاتارلىق شەھەرلەرنى كۆرگەن؛ شەرىقى ئافغانىستان، ھىندىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنلىرىدا سەپەر ،زىيارەتتە بولغان، ئېلىمىزنىڭ قەدىمي شەھىرى قەشقەرگىمۇ كېلىپ كەتكەن.

شائىر دەرۋىشلىك ھاياتىنىمۇ باشتىن كەچۈرگەن. ئەھلىسەلىپ ئۇرشى ۋاقتىدا، ئۇ فەرەڭلەرنىڭ ئەسىرلىكىدىمۇ بولغان، چوڭ شەھەرلەردە ئالىملارنىڭ مۇنازىرلىرىگە قاتناشقان، چەت يۇرىتلادا نۇرغۇنلىغان ئىشلارنى، ئاجايىب ۋەقەلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن، ئاچچىق ئەلەملەرنى، ئۆلۈم خەۋپى، ئاچلىق، مۇھتاجلىق دەردىنى تارتقان. 30 يىلچە چەتئەلدە يۈرۈپ، ھەر بىر جايدا ئىجدىمائى تۇمۇشنى ئۆزىگە خاش زېرەكلىك ۋە ماھارەت بىلەن كۆزەتكەن ۋە ئۆگەنگەن. سەئىدى ئاخىرى ئۆز ئانا يۇرتى شىرازغا قايتىپ كېلىپ (1257-يىل) يېرىم ئەسىرلىك تۇرمۇش تەجىربىسى ئاساسىدا ئاۋۋال ‹‹بوستان›› ناملىق شېئىرى ھىكايىلەر توپلىمىنى، ئۇنىڭدىن بىر يىل كېيىن ( 1258-باھاردا ) «گۈلىستان» ناملىق ئۆلمەس ئەسىرىنى ياراتقان. شائىر بۇ ئىككى ئەسەرنى يېزىشتا خەلىققە پەندى-نەسىھەت ۋە تەربىيە بېرىشنى مەقسەت قىلغان. ئاپتۇر « گۇلىستان» نىڭ خاتىمىسىدە مۇنداق دەيدۇ:

بىز نەسىھەتنى جايىدا يەتكۈزدۇق،
بۇ بىلەن بىر بۆلۈك چاغنى ئۆتكۈزدۇق.
بىراۋلار مەيلى قىلمىسا رىغبەت،
ئەلچىنىڭ بۇرچى خەۋەر بېرىشلا پەقەت.

سەئىدى ئۆز زامانىسىدا يۈكسەك ئەخلاقنىڭ ئالىيجاناب كۈيچىسى، ئادالەتنىڭ قىزغىن ھىمايىچىسى بولغانىدى. ئۇ دۇنيادىكى قارمۇ-قارشىلىقلارنى، ئادەملەر ئوتتۇرسىدىكى تەڭسىزلىكنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتكەچكە، بۇ قارمۇ –قارشىلىقلارنى ئۆز ئەسەرلىرىدە دانالىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرگەن. ئۇ دۇنياغا، ئۆز ۋەتىنىگە، كىشىلەرگە مۇھەببەت بىلەن قاراشنى تەرغىب قىلغان. خەلىقلەرنىڭ قېرىنداشلىقى ۋە باراۋەرلىكىنى ياقلىغان. شائىر تەخمىنەن 1292-يىلى 90 يېشىدا ۋاپات بولغان .
«گۈلىستان» يۈكسەك بەدىئي قىممەتكە ئىگە زور ئەدەبىي ئەسەر بۇلۇپلا قالماستىن، بەلكى نۇرغۇنلىغان تارىخ، جۇغراپىيەگە ئائىت باي مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنبە سۈپىتىدىمۇ پايدىلىنشقا تېگىشلىك مۇھىم بىر ئەسەردۇر، شۇنىڭدەك پارس كىلاسىك ئەدەبى تىلىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك يادىكارلىقىدۇر.
شائىر بۇ ئەسەرنى خەلق ئىجادىيتى، خەلق كۆز قارىشى ۋە خەلق تىلى ئاساسىدا يېزىپ چىققانلىقتىن، بۇ ئەسەر بارلىققان كەلگەن كۈندىن تارتىپلا يېقىن ۋە ئوتتۇرا شەرىقنىڭ ھەممە يېرىگە، ئوتتۇرا ئاسىياغا تىزلا مەشھۇر بولغان ۋە خەلق ئىچىدە تتىز تارقالغان. ئۇنىڭدىكى نۇرغۇنلىغان ئىبرەتلىك سۆزلەر ۋە ھېكىمەتلەر خەلق ماقال-تەمسىلىرىگە ئايلىنىپ كەتكەن بولۇپ، تا ھازىرغا قەدەر تارقىلىپ كەلمەكتە .
شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، شەيخ سەئىدى فىئودالىزىم دەۋىردە ياشىغان، ئىجادىيەت بىلەن شوغۇنلانغان كېشى بولغانلىقتىن، بۇ ئەسەردە بەزىبىر پاسسىپ پىكىرلەرنىڭ ئىپادىلىنىپ قېلىشى تەبىئىي ئەھۋال.
«گۈلىستان» مەيدانغا كېلىشى بىلەن، ئىران، ئوتتۇرا ئاسىيا، تۈركىيە، مىسىر، ھىندىستانلاردا ۋە باشقا مەملىكەتلەردە قايتا-قايتا كۆچۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ نۇرغۇن قوليازما نۇسخىلىرى بارلىققا كەلگەن، مانا شۇ قوليازمىلار ئاساسىدا بۇ ئەسەر، شەرىقتە بولسۇن، شۇنىڭدەك غەربتە بولسۇن، تەكرار-تەكرار نەشىر قىلىنغان. ھازىرقى ۋاقىتتا ئىران، ئوتتۇرا ئاسىيا، تۈركىيە، مىسىر، ئافغانىستان، كاپكازلاردا ۋە ياۋرۇپادا ھەر قايسى دەۋىرلەردە تاش باسما ۋە مىخ مەتبەئەدە بېسىلىپ چىققان ھەر خىل نۇسخىلىرى 200 گە يېتىدۇ.
شۇنى قەيىت قىلىپ ئۆتۈش كېرەككى، بۇ ئەسەردە ھەر قايسى مەملىكەتلەردە قايتا –قايتا كۈچۈرۈلۈش ۋە بېسىلىش جەريانىدا كاتىپلارنىڭ نادانلىقى ۋە بىپەرۋالىقى تۈپەيلىدىن، نۇرغۇن سەۋەنلىك-خاتالىقلار كۆرۈلۈپ كەلگەن، ھەتتا ئاپتۇر ئۆزى ئېيىتمىغان يات سۆزلەر، يات جۈملىلەر، يات شىېئىرلار بۇ ئەسەرگە كىرگۈزۈپ قۇيۇلغان. بەزى كاتىپلار كۆچۈرۈش جەريانىدا شائىرلىق ئىلھامى تۇتۇپ كېتىپ، مەزمۇنسىز، ئاددى شېئىرلارنى يېزىپ قۇيغان. ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن ھەر خىل نۇسخىلاردا بۇ ئېلىشمانچىلىق، بۇلغىنىش كۆزگە ياققال چېلىقىدۇ. ھەر بىر ھېكايىنى ئوقۇغاندا، سۆز-جۈملىلەردىكى كېلىش قۇشۇمچىلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقى، ئالمىشىپ كەتكەن سۆزلەر ياكى ئۇشۇق سۆزلەر ئۇچىراپ تۇرىدۇ. ھازىرقى ۋاقىتتا ئەڭ مۆتىۋەر ھىسابلانغان بىر قانچە نۇسخىلىرىدىمۇ بەزى پەرىقلەر بار.
بۇ ئەسەردە يۈز بەرگەن قالايمىقانچىلىق ـ خاتالىقلارنى تۈگۈتۈش ۋە ئەسەرنىڭ ئەسلى تېكىسىتىنى تۇرغۇزۇش يۈزسىدىن 16- ئەسىردىن باشلاپ، ئېران، تۈركىيە ۋە باشقا مەملىكەتلەردە كۆپلىگەن ئالىملار بىر مۇنچە ئىلمى ئىشلارنى قىلدى ۋە بۇ ساھەدە مۇئەييەن نەتىجىلەرگە ئېرىشتى .
«گۈلىستان» نىڭ تۈرۈكچە تەرجىمىسى 15-ئەسىردىلا مەيدانغا كەلگەن. 16 ئەسىردە تۈركىيلىك مەشھۇر تىلشوناسلاردىن سۇرۇرى، شەمئى ۋە سۇدى ئارقىمۇ – ئارقا «گۈلىستان» نىڭ شەرھىنى يېزىپ چىقىپ، ھەر بىرى ئۆز ئەسىرىگە «شەرھى گۈلىستان» دەپ نام قويغان. سۇرۇرى بۇ ئەسىرنى تولۇق ئەرەب تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، ئەسلى پارىسچە تېكىستى بىلەن بىللە باستۇرغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىران، تۈركىيە، ھىندىستان ۋە باشقا مەملىكەتلەردە نۇرغۇنلىغان شەرھى نۇسخىلار مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، سۇدىنىڭ «شەرھى گۈلىستان»ى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئالايىتەن ئورۇن تۇتىدۇ .
«گۈلىستان» خېلى بۇرۇنلا ياۋرۇپادىكى تىلشۇناشلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان. 17-ئەسىردە گوللاندىيىلىك مەشھۇر ساياھەتچى ئادام ئولېئارى بۇ ئەسەرنى نېمىسچىغا تەرجىمە قىلغان. 1651-يىلى گېئورگى گېنتسىي لاتىنچىغا تەرجىمە قىلىپ، پارىسچە تېكىستى بىلەن بىللە نەشىر قىلدۇرغان .
ئىنگىلىسچە تەرجىمىسىنى 1791-يىلى خارىنگتون، 1806-يىلى گلادۋىن، 1807-يىلى جەيمىس ديۇمۇلىن، 1827-يىلى جون كوكس، 1850-يىلى ئېستۋىك ئىشلىگەن ۋە تولۇق نەشىر قىلدۇرغان. كىيىنكىلىرى ئالدىنقىلىرىنىڭ خاتالىق-كەمچىلىكلىرىنى تۈزەتكەن. ئەڭ كىيىنكى ئېنگىلىسچە تەرجىمىسىنى ۋېنگىريىدە تۇغۇلۇپ، ھىندىستاندا 40 يىل ھايات كەچۈرگەن ئالىم ئىدۋارد رېھاتسېك ئىشلىگەن. بۇ تەرجىمە ئىران تىلشۇناسلىرىنىڭ نەزىردە مۇكەممەل ۋە مۆتىۋەر تەرجىمە ھىسابلانماقتا.

روسچە تەرجىمىسى 18- ئەسىردە ئولېئارىنىڭ نىمىسچە تەرجىمىسىگە ئاساسەن تەرجىمە قىلىنغاندىن تارتىپ تاكى 1922-يىلىدىكى پروفېسور بېرتېلىسنىڭ تەرجىمىسىگە بىر نەتچە نۆۋەت نەشىر قىلىنغان. كېيىنكى يىللاردا بۇ ئەسەرنىڭ روسچە تەرجىمىسى ئۈستىدە ئەزەربەيجانلىق ئالىم رۇستەم ئەلىيوپ مەخسۇس ئىلىمي ئىش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئەسەرنىڭ ئەڭ توختالغان مەتنى (تېكىسىتى)نى ئىلمىي ۋە بەدئىي جەھەتتىن پۇختا بولغان تەرجىمىسى بىلەن بىللە نەشىر قىلدۇرغان.

«گۈلىستان » خىلى بۇرۇندىن تارتىپ خىتاي ئالىملىرىنىڭ دېققىتىنى ئۆزىگە تارىتقانىدى. بۇ ئەسەرگە بولغان قىزىقىش كىيىنكى يىللاردا يەنىمۇ كۈچەيدى. 1927-يىلى تارىخچى ۋە ئەدەبىياتشوناس جىن جىندۇ « ئەدەبىيات پېرگراممىسى »دېگەن كىتابىنىڭ ئىككىنچى قىسىمىدا شەيخ سەئىدى توغرىلىق ئالايىتەن توختالغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئايرىم ھىكايىلەر خىتاي تىلىغا ئۈزلۈكسىز تەرجىمە قىلىنىپ تۇردى. 1958-1959-يىللىرى تولۇق تەرجىمىسى نەشىر قىلىندى. بۇ ئەسەرنى يەنە 1980-يىلى خەلق ئەدەبىياتى نەشرىياتى تولۇق نەشىر قىلدى .بۇ نەشىرنىڭ خنزۇچە تەرجىمىسىنى يولداش شۇي جىيەنفۇ ئەنگىليىلىك ئىرانشوناس ئالىم ئېستىۋىك نىڭ ئېنگىلىسچە تەرجىمىسىگە ئاساسەن ئىشلىگەن.

«گۈلىستان» ئۇيغۇر دىيارىدا قانچە ئەسىرلەردىن بويان مەدىرىسلەردە دەرىسلىك سۈپىتىدە ئوقۇلۇپ كەلگەن. پارس تىلى ۋە ئەدەبىياتنى ئۆگەنگۈچىلەر بۇ كىتابنى بىرىنچى قەدەمدە قولغا ئالماي مۇمكىن ئەمەس ئىدى. «گۈلىستان» نىڭ ئىران، ھىندىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقا جايلاردا تاش باسمىدا بېسىلغان ھەر خىل نۇسخىلىرى ئۇزاق يىللاردىن بويان قەشقەر ۋە باشقا شەھەرلىرىمىزدە كەڭ تارقالغان. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تاشكەنىتلىك مۇراد خۇجا ئىشان «گۈلىستان » نى تۈرۈكچگە تەرجىمە قىلغان بولۇپ، «شەۋقى گۈلىستان» دەپ نام قويغان. بۇ كىتابمۇ خەلىقنىڭ قولىدا ئانچە –مۇنچە ساقلىنىپ قالغان.
ئازادلىقنىڭ ھارپىسىدا غۇلجىدا چىققان «ئىتتىپاق» ژورنىلىنىڭ سانلىرىدا بەزى ھىكايىلەرنىڭ تەرجىمىسى بېسىلىپ چىققان.
بۇ قېتىم كەڭ كىتابخانىلارنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ ئەسەرنى تەرجىمە قىلشىقا جاسارەت قىلدىم. تەرجىمە جەريانىدا بىر قانچە نۇسخا سېلىشتۇرۇپ چىقىلدى. مېنىڭ قارىشىمچە، «گۈلىستان» نىڭ ئەڭ توختالغان تېكىستى 1971-يىلى تېھراندا مۇھەممەد ھۈسەيىن تەسبىھى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان پارىسچە – ئېنگىلىسچە نۇسخىدىكىسى بىلەن 1959-يىلى مۇسكىۋادا نەشىر قىلىنغان پارىسچە – روسچە نۇسخىسدىكىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئىككى كىتابنىڭ تېكىستى بىر-بىردىن ئانچە پەرىقلىنىپ كەتمەيدۇ. بۇ ئەسەر ئاشۇ ئىككى كىتابتىكى تېكىسىتلەرگە ئاساسەن تەرجىمە قىلىندى .

بۇ تەرجىمە بىرىنچى قېتىمقى ئەمگەك بولغانلىقتىن، سەۋەنلىك –خاتالىقلارنىڭ كۆرۈلىشى تەبىئىي، كىتابخانىلارنىڭ تۈزىتىش پىكىرلىرىنى قارشى ئالىمەن.

رەھمىتۇللا جارى
1982-يىل ،يانۋار

بىرنجى باب
پادىشاھلارنىڭ خۇلىقى – ئادىتى توغرىسىدا
ھېكايەت (1)

ئاڭلىشىمچە، بىر پادىشاھ بىر ئەسىرنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇغان. بىچارە ئۈمۈدسىز ھالەتتە پادىشاھنى يامان تىل بىلەن تىللاشقا باشلىغان. چۈنكى كىشىلەر ئېيىتقاندەك، كىمىكى جىنىدىن ئۈمۈد ئۈزسە كۆڭلىدىكى ھەممە گېپىنى ئېيتىۋالىدۇ.

ۋاقىت تار، قېچىشقا قالمىسا ئامال،
ئاجىز قول قىلىچقا ئېتىلار دەرھال.

ئۈمۈدسىز ئادەمنىڭ ئۇزۇرار تىلى،
مەغلۇب مۈشۈك ئۆزىنى ئىتقا ئاتقاندەك.

پادىشاھ سورىدى: «نېمە دەيدۇ ئۇ؟» ئالىيجاناب ۋەزىرلەردىن بىرى جاۋاب بەردى: «ئەي پادىشاھىم، ئۇ ئېيتىدۇركى، جەننەت-ئاچچىقىنى يۇتىدىغانلار، ئۈچۈن تەييارلانغاندۇر.»
پادىشاھنىڭ رەھىمى كېلىپ، ئەسىرنىڭ خۇنىدىن ئۆتتى. بايقى ۋەزىرگە زىت بولغان يەنە بىر ۋەزىر: «بىزنىڭ خىلىمىزدىكى كىشىلەرگە پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىدا راسىت سۆزدىن باشقىنى دېيىش لايىق ئەمەس. بۇ ئەسىر پادىشاھقا دەشنەم بېرىپ، نالايىق سۆزلەرنى قىلدى»دېدى. پادىشاھ بۇ سۆزدىن بوينىنى تولغىدى – دە، دېدى: «ماڭا سېنىڭ راسىت سۆزۈڭدىن كۆرە، ئۇنىڭ يالغان سۆزى ماقۇل كەلگەنىدى، چۈنكى ئۇنىڭ يالغان سۆزى يارىشىش جەھەتتىن ئېيتىلغانىدى، سېنىڭ بۇ سۆزۈڭ يامانلىق قىلىشقا قارىتىلغان. ھالبۇكى، ئاقىللار: «پىتنە تۇغدۇردىغان راسىت سۆزدىن، ياخشىلىق يەتكۈزىدىغان يالغان سۆز ئەۋزەل دېگەن.»

كىمىكى شاھقا سۆزىنى ئۆتكۈزسە،
ئەپسۇسدۇر تىلىنى يامانغا يۈرگۈزسە.

فەردۇن (فىردەۋىشنىڭ «شاھنامە» سىدىكى شەخىسلەرنىڭ بىرى. ) سارىينىڭ پەشتىقىغا مۇنداق يېزىلغانىدى:

جاھان، دوستۇم، ھىچكىمگە باقى ئەمەس،
جاھاننى ياراتقانغا دىل باغلا، بەس.

جاھان مۈلكىگە ھىچ ئۈمۈد باغلىما،
بېقىپ كۆپنى سەندەك، جان ئالدى يەنە.

كېتەر بولسا پاك جان، پەرق ئەتمەك نېمە؟
زېمىندا ۋە يا تەخىتتە ئۆلمەك نېمە؟

ھېكايەت (2)

خۇراسان شاھلىرىدىن بىرى، سۇلتان مەھمۇد ئىبنى سەبۇكتېگننى (غەزنەۋىيلەرنىڭ قۇددرەتلىك سۇلالىسىگە ئاساس سالغۇچى مەشھۇر پادىشاھ) چۈشەپ قاپتۇ. گويا ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى چىرىپ توپىغا ئايلانغانمىش، پەقەت ئىككى كۆزى ساق بولۇپ، چانىقىنىڭ ئىچىدە مۆلدۈرلەپ تۇرارمىش. بارلىق ھۆكىما بۇ چۈشكە تەدبىر بېرىشكە ئاجىز قالدى، پەقەت بىر دەرۋىش چۈشنىڭ تېگىگە يېتىپ: «مېنىڭ پادىشاھلىقىم باشقىلارنىڭ قۇلىدا نېمە بۇلىۋاتقاندۇ، دەپ ھېلىغىچە قاراپ تۇرغان!» دېدى.

نۇرغۇن نامدارلار يەرگە دەپنە قىلىندى،
يەر يۈزىدە ئۇلاردىن نام نىشان قالمىدى.
يەرگە تاپشۇرۇلغان كونا جەسەتىىنى،
توپا يەم قىلدىكى ھەتتا ئۇستىخان قالمىدى.

نۇشىرۋانىڭ نامى ياخشىلىق بىلەن تىرىك،
كۆپ چاغ ئۆتۈپ دېيىلسىمۇ: «نۇشىرۋان قالمىدى.»
ياخشىلىق قىل، ئەي پالانى، ئۆمرۈڭنى غەنىيمەت بىلىپ،
مۇنۇ خەۋەردىن ئالدىنراقكى: پالان قالمىدى.

ھېكايەت (3)

ئاڭلىشىمچە، بىر شاھزادە بويى پاكار، كۆرۈمسىز بولۇپ، ئۇنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرى ئېگىز بويلۇق، چىرايلىق ئىكەن. بىر قېتىم ئاتىسى ئۇنىڭغا يىرگىنىش ۋە پەس نەزىرى بىلەن قارىغانىدى، ئوغۇل بۇنى پاراسەت ۋە چىچەنلىك بىلەن سېزىپ قېلىپ مۇنداق دېدى: «پاكار دانىشمەن، ئۇزۇن تۇرا ئەخمەقتىن ياخشى، قامىتى ئېگىز بولسىلا قەدىر قىممىتى ئۈستۈن بۇلىۋەرمەيدۇ، چۈنكى قوي پاكىز، پىل پاسكىنا.»

يەر يۈزىدە ئەڭ كىچىك تاغ تۇرسىنا ئەمما ئۇنىڭ،
ئورنى چوڭدۇر قەدىر- قىممەتتە خۇدانىڭ ئالدىدا.

ئاڭلىدىڭمۇ، سېمىز ئەخمەققە،
بىر كۈنى دېدى بىر ئۇرۇق دانا.
« ئۇرۇۇق بولسىمۇ ئەرەبنىڭ ئېتى،
سېمىز ئىشەكتىن بەرىبىر ئەلا.»

ئاتىسى كۈلۈپ كەتتى، دۆلەت ئەربابلىرىغا بۇ سۆز ماقۇل كەلدى، ئەمما ئاكا-ئۇكىلىرى قاتتىق رەنجىدى.

كىشى بىرەر سۆز دېمىگەن بولسا،
كەمچىلىك، خىسلىتى بۇلۇر پىنھان.
چىپار نەرسىنى جۇۋا دېمىگىن،
بولمىسۇن يولۋاس ئۇخلاپ ياتقان.

ئاڭلىشىمچە، شۇ ئارىدا كۈچلۈك بىر دۈشمەن پادىشاھقا قارشى ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن. ئىككى تەرەپنىڭ لەشلەرلىرى يۈزمۇ-يۈز سەپ تارتقاندا، جەڭ مەيدانىغا بىرىنچى بولۇپ ئات چاپتۇرۇپ كەلگەن كىشى ئاشۇ يىگىت بولۇپ، ئۇ:

مەن ئەمەسمەن ئۇ كىشى، ئارقامنى كۆرسەڭ جەڭ كۈنى،
شۇ كىشى مەنكى، كۆرەرسەن بېشى قان تۇپراق ئارا.
جەڭگە كىرسە ھەر كىشى قانى بىلەن ئوينار پەقەت،
كىمىكى قاچسا جەڭ كۈنى لەشكەرگە بولغاي چوڭ بالا.

دېدى ـدە، ئۆزىنى دۈشمەن قۇشۇنىغا ئېتىپ، پالۋانلاردىن بىر قانچىسىنى غۇلىتىۋەتتى. ئاتىسىنىڭ ئالدىغا قايتىپ كەلگەندە يەر ئوپوپ مۇنداق دېدى:

ئەي كىشى، كۆرۈندۈم بىچارە ساڭا،
گەۋدىلىكىڭنى سەن ئەمدى چوڭ بىلمە.
كارغا كەلگەي ئۇرۇق ئات جەڭدە،
سەمىرىتكەن كالىدىن كەلمەس ھېچنىمە.

ئېيتىشلارغا قارىغاندا، دۈشمەننىڭ ئەسكىرى بىقىياس كۆپ بولۇپ، بۇلار ئاز ئىدى. شۇڭا بىر توپ ئەسكەرلەر قېچىشقا يۈز تۇتقان. بۇ چاغدا شاھزادە نەرە تارتىپ: « ئەي باتۇرلار، غەيرەت قىلىڭلار ياكى ئاياللارنىڭ كىيىمىنى كىيىۋېلىڭلار » دېگەن. ئۇنىڭ سۆزى بىلەن ئاتلىقلارنىڭ غەيرىتى جۇش ئۇرۇپ، ھەممە بىرلىكتە ھۇجۇمغا ئۆتكەن. ئاڭلىشىمچە، ئۇلار شۇ كۈنىلا دۈشمەن ئۈستىدىن غالىب كەلگەن. پادىشاھ ئوغلىنىڭ يۈز-كۆزىنى سۈيۈپ قۇچاقلىغان ۋە ئۇنىڭغا كۈندىن-كۈنگە مىھرىبانلىق بىلەن قارىغان. ئاخىردا ئۇنى ئۆزىنىڭ تەخت ۋارىسى قىلىپ جاكارلىغان. ئاكا – ئۇكىلىرى ھەسەت قىلىشىپ، ئۇنىڭ تامىقىغا زەھەر سالغان، بۇ ئىشنى سىڭلىسى ھۇجۇرسىدا تۇرۇپ كۆرۈپ قېلىپ، دېرىزىنى چەككەن. يىگىت چۈشىنىپ، تائامدىن قولىنى تارىتقان ۋە مۇنداق دېگەن: « ئىش بىلەرمەنلەر ئۆلسۇن، قولدىن ئىش كەلمەيدىغانلار ئۇلارنىڭ ئورنىنى باسسۇن !»دېيىش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس.

ھۇۋقۇش سايىسىگە كەلمىگەي ئادەم،
ھۇما قۇش جاھاندىن يۇقالغاندا ھەم.

ئاتىسى بۇ ئەھۋالدىن ۋاقىب بولغاندىن كېيىن، ئاكا-ئۇكىلىرىنى چاقىرتىپ، تېگىشلىك ئەدىپىنى بەرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ھەر قايسىسىغا مەملىكەتنىڭ چېتىدىن بىردىن ۋىلايەتنى ئاجىرتىپ بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن پىتنە –پاساتمۇ پەسىيىپ، جىدەل-ماجرا بېسىققان، چۈنكى «ئون دەرۋىش بىر پالاستا ئۇخلايدۇ، ئىككى پادىشاھ بىر مەملىكەتكە سىغمايدۇ»

مەرىد كىشى يېرىم ناننى ئۆزى يىسە،
يېرىمىنى نامراتقا بەخش ئىتەر.
بىر ئىقلىمغا ئىگە بولسا بىر پادىشاھ،
يەنە بىرىنى قولغا ئالسام دەر.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top