شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى
شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى (ئەسلەمەلىك ئەدەبىي خاتىرە)
تۆرتىنجى باب
ساربان يولى ئوتتۇرا مەكتەپ مۇھەببەتى
پىروفېسسور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي
شامال چىقسا ئەركىيدۇر،
ساربان يولۇندا تەرەك؛
ئانچە-مۇنچە كەلىپ تۇرسالا،
چىدامايدۇركەن يۈرەك.
«كاشغەر تۈركىيسىندە بىتكەن خەتلەر» (قوليازما)، 109-بەت.
(1)
بىزنىڭ ئۆيىمىز قەشقەر شەھەرلىك بىرىنجى ئوتتۇرا مەكتەپىنىڭ شىمال تەرەپ چۆرە تامى بىلەن قوشنا بولغان شامالباغ مەھەللەسىدە. دادام پولات ئەھمەد شامالباغ باشلانغۇچ مەكتەپىدە ئوقۇتقۇچى بولغاچ، شەھەر نوپۇسى ئىدى. ئانام ھاجەرخان سابىت كوممۇنا ئەزاسى بولغاچ، بالالار بىلەن قوشۇلۇپ يەزا نوپۇسى ئىدۇق. 1960-يىلى، مۇراتبەخشىش ئاتامدىكى شامالباغ باشلانغۇچ مەكتەپىنى پۈتتۈرگەنىمىزدە، بىزنى يەزا نوپۇسى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، مەھەللەمىزگە تام قوشنا بولغان ۋە شەھەر ئىچىلىك بالالار ئوقۇيدىغان مەزكۇر بىرىنجى ئوتتۇرا مەكتەپكە ئالماي، شەھەر بىلەن ئارالىقى ئۈچ كىلومەتىردىن كۆپرەك كەلىدىغان سە:مەن (ساربان) يەزاسى كاندىر كەنتىگە ياڭىدىن بىنا قىلىنغان قەشقەر ئالتىنجى ئوتتۇرا مەكتەپىگە قوبۇل قىلغاندا، قانچەلىك خاپا بولغانىم تا ھازىرغىچە ئەسىمدە.
«قەشقەر شەھەرلىك بىرىنجى ئوتتۇرا مەكتەپى» يەرلىك خەلق تىلىدا، «سە:مەن يولى ئورتا مەكتەپى» دەپ ئاتالاتتى. مەزكۇر «سە:مەن يولى» تارىخيي ئاتالغۇ «ساربان يولى» (تۆگەچىلەر يولى)دىن ئۆزگەرىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ قەدىمىي شەھەر كاشغەرنىڭ غەربىي چوڭ دەرۋازەسى ۋە غەربىي شىمال تەرەپتىن شامالباغ يەزاسى بىلەن لەۋلەشىپ تۇرىدىغان قۇم دەرۋازەسىدىن چىقىپ، غەرب تامان كەتىدىغان ۋە لەنگەر يەزاسىدىن ئۇزاقلاپ ئۆتۈپ، تۆشۈك تاغ ئارقالىق ئورتا ئاسىياغا ئۇلاشىدىغان كارۋان يولىنى كۆرسەتەتتى. مەزكۇر قەشقەر شەھەرلىك بىرىنجى ئوتتۇرا مەكتەپى ئاشۇ ساربان يولى، يەئنى تۆگەچىلەر يولىنىڭ باشلانىش نۇقتاسى بولغان دوقاغا جايلاشقان بولغاچ، خەلق ئۇنى «ساربان (سە:مەن) يولى ئورتا مەكتەپ» دەپ ئاتاشقا ئامراق ئىدى. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاياللارنىڭ يەڭسىز ئۇزۇن كۆڭلەكىنى ئىپادەلەيدىغان «ساراپان» ئاتالغۇسىمۇ «ساربان» سۆزىدىن ئۆزگەرىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئۆز زامانىسىدا، خاس تۆگەچىلەر كىيىدىغان يەڭسىز ئۇزۇن كۆڭلەكنى كۆرسەتەتتى.
ئەمدى ئۆز گەپىمىزگە كەلسەك، ئۆز ۋاقتىدا، مەنىڭ شامالباغ مەھەللەسىدىن سە:مەن يەزاسىنىڭ ئۇ كاندىر كەنتىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپكە بارىپ ئوقۇشقا نارازىي بولۇشۇم ئۆيىمىز بىلەن مەكتەپ ئارالىقىنىڭ يىراقلىقىدىن ئەرمەس، بەلكى 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مەن ئون ياشلىق ئابدۇرەئوپنىڭ قەلب تۆرىدىكى ئابرويى، ئىناۋەتى ۋە مۇھەببەتىدىن ئىدى. مەھەللەمىزگە تام قوشنا بولغاچ، ئادەتتە، دەرۋازەسى ئالدىدىن ئۆتسەم-كەچسەم، مەكتەپ قوروسىغا كىرىپ-چىقىپ يۈرگەن ئاكا-ئاچاشلارغا ھەۋەس بىلەن بىر ھازا قاراپ كەتەتتىم. «باشلانغۇچنى پۈتتۈرگەندە، مەنمۇ مۇشۇ 1-ئوتتۇرادا ئوقۇيمەن-ھە! » دەيتتىم ئۆز-ئۆزەمگە.
قىسمەت بولۇپ، سە:مەن كاندىردىكى ئالتىنجى ئوتتۇرا مەكتەپكە بارىپ تىزىملاتىپ، دەرسمۇ باشلاغان بولدۇق. بىراق، مەزكۇر 6-ئوتتۇرا مەكتەب شۇ يىلى ياڭىدىن بىنا قىلىنغان بولۇپ، مەئمۇرىيەت بىناسىدىن باشقا، خەلى كۆپ ئوقۇتۇش بىنالارىنىڭ تاملارى قوپۇرۇپ بولۇنغان-يۇ، بىراق، ئۈستى تەخى ياپىلماغان ئىدى. بىر ئاي-قىرىق كۈنلەرگىچە ئۈستى ئاچىق سىنىپلاردا، ئۈچ دانە كەسەك خىش بىلەن قىلىنغان ئورۇندۇقلاردا ئولتۇرۇپ، دەرس ئاڭلادۇق.
ئاشۇنداق ئوقۇتۇش بىنا قۇرۇلۇشلارىنىڭ تەخى پۈتمەگەنلىكى سەۋەبىدىن بولسا كەرەك، سىنىپ يەتىشمەگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىمكان بار باشقا ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە قايتا ئورۇنلاشتۇرىدىغان بولغانلىقى ۋە شامالباغ يەزاسىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى 1-ئوتتۇراغا يۆتكەپ ئوقۇتۇش قارارى چىقىرىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. نەتىجەدە، 1960-يىلى 10-ئايدا، قەشقەر 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىپ، 1-يىللىق 9-سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولدۇم.
شۇ چاغدا، نەچچە كۈن-نەچچە ھەپتەلەرگىچە ئۇچراغانلا دوستلارىم ۋە تۇغقانلارىمغا، ئۇلار ھىچبىر سوراماسىمۇ: «بىزمۇ بىرىنجى ئوتتۇرانىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قالدۇق-جۇمۇ!» دەگەننى ئالاھىدە تەلەپپۇز بىلەن ئەيتىپ، تىرەمگە پاتماي قالغاندەك بولۇپ، مەغرۇر يۈرۈپ كەتكەنلەرىم ھالا ئەسىمدە.
(2)
ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كەيىن، دەرس خىللارىنىڭ كۆپلۈكى، تاپشۇرۇقلارنىڭ كۆپلۈكىدىن باشقا، دەرستىن سىرت ئوقۇيدىغان كىتابلارنىڭ جىقلىقى مەنى سەل-پەل ئەسەنكىرەتىپ قويغاندەك قىلدى. مۇنداق چاغلاردا، يەنىلا كىچىكىمدىن مۇڭداشىشقا ئامراق مۇئەللىم دادامدىن تەئلىمات ئالىشقا خۇشتار ئىدىم.
– مەن چوڭ بولغاندا دوختۇر بولسام دەپ قالدىم، دادا، سەنىڭچە قانداق؟،- بىر يەكشەنبە كۈنى ئاتايىن مەسلەھەت سوراپ دەدىم،- سەنىڭچە ئوتتۇرا مەكتەپتىن باشلاپ مۇشۇنداق بىر مەقسەت يولىدا ئوقۇسام ياخشى بولارمۇ؟
-مەنمۇ سەنىڭ رىغبەتىڭنى بىلسەم ۋە ھەر ھالدا بۇرۇنراق بىر مەسلەھەتكە كەلسەك دەپ ئويلاپ يۈرەتتىم تەخى،- دەدى دادام كۈلۈپ كەتىپ،- قانداق بولۇپ دوختۇر بولسام، دەپ قالدىڭ، دەپ باقە، قەنى؟
– ھەر قىش پەسلى كەلسە، زىققاڭنىڭ قوزغالىپ قالىشى مەنى سالامەتلىكىڭدىن ئەنسىرەتىدىغان بولۇپ قالدى، دادا،- دەدىممەن راست گەپ قىلىپ،- دوختۇر بولسام، بىر دورا ياساپ، زىققاڭنى بىراقلا ساقايتىۋەتسەم دەيمەن.
– مەنىڭچە خۇسۇسىيەت جەھەتتىن ئەيتقاندا، سەن دوختۇر بولۇش نىشانى بىلەن ئۆگرەنسەڭ بولىدۇ. ئۆزەڭ كەم سۆز، ئىھتىياتچان، بىر ئىشقا ئەستايىدىل. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممە مۇئەللىملەر سەنى ماتىماتكاغا ئۇستا دەپ داڭقلاشىدۇ. دوختۇرلۇق دەگەن تەبىئىي پەنلەر بويىچە يۈكسەك سەۋىيە تەلەپ قىلىدىغان ساھە. خىمىيە، فىزىكا قاتارلىق پەنلەرنى بەرىلىپ پىششىق ئىگەلەشكە توغرا كەلىدۇ. ئەمما، قاراسام، سەن ئىككى كۈندە بىر ياڭىى كىتاب يەڭگۈشلەپ، رومان ئوقۇپ ئولتۇرغانىڭنى كۆرىمەنكى، سەنىڭ تەبىئىي رىغبەتىڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەرەپتە ئوخشايدۇ، دەپ پەرەز قىلغانتىم تەخى.
دادام توغرا ئەيتىدۇ. مەن ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن بۇيان، توختاماي رومان ئوقۇيدىغان بولۇپ كەتكەنىم راست. ۋاي-ۋۇي، نەمە دەگەن جىق رومانلار بۇ. ئۇ ئالتمىشلىق يىللاردا، سوۋيەتلەر ئىتتىپاقىدىن كىرگەن ۋە ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى تەسۋىرلەنگەن رومانلار شۇ قەدەر كۆپ بولىدىغان. مەكتەپ قىرائەتخاناسىدىن باشقا، ساۋاقداشلار بىر-بىرىمىزدىن ئارىيەت ئالىشىپ، بەس-بەستە رومان ئوقۇيتتۇق. ھەر سىنىپتا بىرەر-ئىككىدىن ئۆزىنىڭ ئوقۇغان رومانلارىنى بالىلارغا سۆزلەپ بەرىشكە ئامراق ناتىقلار بولىدىغان. چۈشلۈك دەم ئالىش ۋاقىتلارىدا، بۇ يەردە بىر دۆلەڭ، ئۇ يەردە بىر توپ بولۇپ، رومان ئاڭلاپ كەتەتتۇق. مەن شۇ چاغدا ئۆزەم ئوقۇغان «كۈنلەر ۋە تۈنلەر»، «بۇ ۋاقىئە روۋنو ئەتراپىدا بولغان»، «كورشۇننىڭ ئاخىرقى ئىشى» ۋە «سەرسانلىق-سەرگەردانلىقتا» قاتارلىق رومانلارنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنلارىنى ھەلىھەم ئەسلىيەلەيمەن.
شۇنداق، ئەمدىلا ئون ياشلارغا كىرگەن ياش بوغۇنلار نەمەگە قىزىقمايدۇ دەيسىز. ئۆسمۈر ياشىدا، ئادەم دەگەن كۆرگەنلا نەرسەگە قىزىقىپ قالىدىكەن، شۇنداقلا قىزىققان نەرسەلەرنىڭ ھەممەسىنى شۇ بىر ئاندالا ئۆگرەنىۋالغۇسى، بىلىۋالغۇسى كەلىدىكەن. بىراق، ئەمەلىي ئۇقۇمدا، بىر ئىشقا قىزىقىش دەگەن باشقا گەپ، ئۆمۈرۋايەتلىك بىر كەسپ تاللاپ، ئۆگرەنىشنى شۇ بىر غايەنىڭ پەيىدە بولغان ھالدا، ئىدىتلىق داۋاملاشتۇرۇش دەگەن يەنە باشقا بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئىنسان بارا-بارا تونۇپ يەتىدىكەن.
ئەدەبىيات ئىلمى ھەمىشە تۈرلۈك ياشتىكى ئىنسانلارنىڭ كۈندەلىك تۇرمۇشى ۋە كەلگۈسى ھاياتىغا تالىق تۈرلۈك تەرەپلەر ھەققىدە پاراڭ قىلغاچقامىكىن، تەبىئىي پەنلەرگە قارىغاندا، ئەدەبىيات دەرسىنىڭ ياش ئۆسمۈرلەرنى قىزىقتۇرۇش ۋە ئۆزىگە جەلب قىلىش كۈچىنىڭ بەكلا زور بولىدىغانلىقى ئەمەلىيەت ئىدى. بىراق، شۇنداقتامۇ، مەن دادامنىڭ: «راستىمنى دەسەم، مەنمۇ سەنى تىبابەت ئىلمىي بويىچە ئوقۇساڭ، دەپ ئارزۇ قىلىمەن» دەگەن گەپىنى ئاڭلاغاندىن كەيىن، تولۇقسىزنىڭ ئىككىنجى يىللىقىدىن باشلاپ، غايە نىشانەمنى تىبابەت ئىلمىغا توغرالاپ، خىمىيە، بىئولوگىيە ۋە فىزىكا مۇئەللىملەرىنىڭ دەرسىگە ئالاھىدە قۇلاق بەرىدىغان، ئۇلار بىلەن مۇڭداشىدىغان ۋە شۇ ھەقتىكى كىتابلارنى كۆپرەك ۋاراقلايدىغان بولۇپ قالدىم.
(3)
نەمە دەيمىز ئەمدى. ئىنسانغا ئۆزى سۆيگەن يەر دەگەن خۇددى ئۆزى كۆيگەن يارىغا ئوخشاش گۈزەل، سۇباتلىق كۆرۈنىدىغان گەپكەن. مەن 1-ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەجەبمۇ ياخشى كۆرەتتىم: ئەتىگەنلەرى سىنىپقا كۆپىنچە ھەممەدىن بۇرۇن كەلەتتىم؛ كەچقۇرۇنلارى بولسا، مەيداندا ساۋاقداشلارىم بىلەن بىللە پۇتبول توپ تەپىپ، ۋاسكىتبول ئويناپ، تاكى كۈن ئولتۇراي دەگەندە، ئاندىن ئۆيگە قايتاتتىم.
قەشقەر 1-ئوتتۇرا مەكتەپىنىڭ مەنىڭ زىھنىمدىن تا بۈگۈنگە قەدەر چىقمايدىغان چوڭقۇر تەئسىرى ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى ئوقۇتقۇچىلارىنىڭ كەسپىي ئىقتىدار جەھەتتىكى سەرخىللىقى دەيەلەيمەن. ماڭا دەرس بەرگەن، مەن بىلەن ھال-مۇڭلاشقان، ئۇستاز-شاگىرتلىق مۇئامىلەسىدە بولغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممەسى قىلىق-قىياپەتتىن تارتىپ، گەپ-سۆز مۇئامىلە، ھەتتا دوسكاغا خەت يازىشلارىغىچە مەنى چىن يۈرەكتىن قايىل قىلاتتى؛ ئۇلار ئۆزلەرىنىڭ ئۇستازلارغا خاس مائقۇل ئەمەلىيەتى ئارقالىق، مەنى شاگىرتلىق مەمنۇنلۇقى ۋە شاراپەتىگە نائىل قىلاتتى. مەن بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ پەرزەنتى بولغانىم ئۈچۈنمىكىن، تىنىش بەلگەلەرىگە ئۇيغۇن كىتاب ئوقۇش ۋە ئىملالىق خەت يازىشقا ئەسلىمدىن ئۆتە ئەھمىيەت بەرەتتىم، ئىملالىق خەت يازىشنى بىرىنچى بۇرچ بىلەتتىم. شۇ ۋەجدىن بولسا كەرەك، باشقالارنىڭ خەت يازىشىغامۇ بەك دىققەت قىلاتتىم، ئىملاسىز خەت يازغان ئادەمنى بولسا، قانداق قىلساممۇ ياراتقۇم كەلمەيتتى. ھالبۇكى، 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ماڭا دەرس بەرگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىچىدە، مەيلى ئۇ ئىجتىمائىي پەن ئوقۇتقۇچىسى بولسۇن ۋە مەيلى تەبىئىي پەن ئوقۇتقۇچىسى بولسۇن، دوسكاغا ئىملاسىز خەت يازغان مۇئەللىمنى زادىلا ئۇچراتقان ئەمەسمەن.
تەئسىراتىمچە، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئون – ئون ئىككى ياشلىق ئىنسان ياشتا تەخى كىچىك بولۇشىغا قارىماي، ئۆزى مۇھەببەت باغلاغان ئۆگرەنىش-ئوقۇش سورۇنىدا، ئۆگرەتكۈچىلەردىن زادى كىمنىڭ ئىقتىدارلىق ۋە كىمنىڭ ئىقتىدارسىز، كىمنىڭ ئەستايىدىل ۋە كىمنىڭ بولۇر-كەتۈر مۇئامىلەلىك ئىنسان ئىكەنلىكىنى بايقايالايدۇ ۋە لىللاھ باھا بەرەلەيدۇ. ئوقۇتقۇچى -مۇئەللىم ئىقتىدارلىق ۋە ئىلىم-پەن ئۆگرەتىشىدە ئەستايىدىل بولسا، ئۆگرەنگۈچى -ئوقۇغۇچى ئۇنى سەبىي ئەمما تولامۇ پاك قەلبى بىلەن تونۇيدۇ، ئىئتىراپ قىلىدۇ؛ ئۆزىنىڭ قەھرىمانى، ھەيرانى ۋە ئۆگرەنىش ئۈلگەسى بىلىدۇ؛ شۇنداقلا، ئۇلارنى خۇددى ئۆز ئۇرۇق –تۇغقان قارىنداشى كەبى سۆيىدۇ. بۇ خىل تونۇش، بۇ خىل سۆيۈش ۋە بۇ خىل مۇھەببەتنىڭ ئىنسان ھاياتىدا نەقەدەر قىممەتلىك ۋە نەقەدەر ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك بولىدىغانلىقىنى پەقەت غايەلىك ئوقۇغۇچى بولۇپ باققان ئىنسان ئەڭ بىلىدۇ.
مەن كىچىكلىكىمدىن كەمسۆز خۇسۇسىيەتلىك ۋە دوختۇر بولۇشقا ئاشىق بولغانىم ئۈچۈن، ئىجتىمائىي پەنلەرگە قاراغاندا، تەبىئىي پەنلەرنى بەكرەك ئىشتىياق بىلەن ئۆگرەنەتتىم. ئابدۇخەلىل رىشات، غوپۇر ئىسمائىل، ئابابەكرى سۇلتان قاتارلىق خىمىيە، فىزىكا دەرسى مۇئەللىملەرىم كۆزۈمگە گويا ئەۋلىيالاردەك كۆرۈنەتتى، ئۇلارنىڭ دەرس سۆزلەش، تەجرىبە كۆرسەتىش ۋە تاپشۇرۇق تەكشۈرۈشتىكى ئەستايىدىللىقى، ئوقۇغۇچىلارنى ئىچ-ئىچىدىن ئۇرغۇپ تۇرغان سەمىمىيەت ۋە قىزغىنلىق بىلەن يەتەكلەش ۋە رىغبەتلەندۈرۈشلەرى ئەمەلىيەتتە، مەنىڭ يۈكسەك غايەلىك، ئەستايىدىل ۋە بوشاشماس تىرىشچان ئوقۇغۇچىلىق پەزىلەتىنى تۇرغۇزۇشۇم ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشۈمدە تولامۇ زور رول ئويناغان ئىدى دەيەلەيمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن ئۇلار دەرس ئەسناسىدا سۆزلەپ بەرگەن ئاشۇ بۈيۈك رۇس خىمىك ۋە فىزىكلارىدىن مىندىلىۋ، لومۇنۇسوف، فاۋلوف ۋە ئۇلارنىڭ بالالىق چاغلارىدىكى ئۆگرەنىش ئەمەلىيەتلەرى، ئۆسۈپ يەتىلىش جەريانى ھەققىدەكى ھىكايەلەرنى ھىلىھەم ھاياجان بىلەن ئەسلەيەلەيمەن.
(4)
ياش ئىنسانننىڭ يۈرەكىگە ئورناپ كەتكەن سۆيگۈ دەگەن بىر ئۆمۈر ئۇنىڭ قەلبىدىن مۇتلەق چىقمايدىغان گەپكەن!
مەن 1963-يىلى قەشقەر 1-ئوتتۇرا مەكتەپىنى پۈتتۈرگەنىمدىن كەيىن، ئۇستازلارىمنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، ئىلىم چوققالارىنى بىرمۇبىر بويسۇندۇرۇپ، چەتئەللەردە ئوقۇپ دوكتور بولدۇم، بەيجىڭ مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتىدە ئىشلەپ، پروفەسسور، دوكتور يەتەكچىسى بولدۇم. ئەمما، مەن قەيەردە بولماي، قانداق يۈكسەك سالاھىيەتكە ئەرىشىپ كەتمەي، ئانا مەكتەپىم 1-ئوتتۇرانى زادىلا ئۇنتۇپ قالمادىم: ئۇنىڭ سولماس ئوبرازى پىكىر-خىيالىمدا، ئۇنىڭ ئۆرنەك ئەسلەمە-خاتىرەسى بولسا، مەنىڭ دەرس سۆزلەش، پىكىر بايان قىلىش مۇنبەرلەرىم ۋە يازما ئەسەرلەرىمدە، مۇناسىپ ئەمەلىيەتىم ئارقالىق يۈز كۆرسەتىپلا كەلدى. ئالايلۇق:
«مانا بۇ بىزنىڭ پايتەخت بەيجىڭدىكى تۇنجى تەئسىراتىمىز – شۇ قەدەر تەبىئىي، شۇ قەدەر نەق. بولۇپمۇ كىچىكىمدىن لۇتپۇللاھ مۇتەللىپ ھەيرانەسى بولغان مەن بەيجىڭدا، پىكىر-تەپەككۇر ۋە ئىلمىي پائالىيەت قىلىش جەھەتتە شۇ قەدەر كەڭ ئىمكانلار ساھىبى بولىدىغانلىقىمدىن سۆيۈنۈپ، تىرەمگە پاتماي قالغاندەك بولۇپ كەتتىم. شۇ كەچەسى، ئون يىللار ئىلگىرى مەن ئوقۇغان قەشقەر 1-ئوتتۇرا مەكتەپىنى چۈشۈمدە كۆردۈم: ئەنە، مەكتەپنىڭ چوڭ دەرۋازەسىدىن كىرىشكىلا پىششىق خىشلىق، ئىككى تەرەپى ئاكاتسىيەلىك خەلى كەڭ مەيدان. مەيداندىن ئۆتۈپ، چىرايلىق پەلەمپەيلەر بىلەن يۇقىرىغا كۆتۈرۈلىۋاتىمىز. ئالدىمىزدا، ئالدىغا ياراشىملىق ئۇيغۇرچە پەشايۋان چىقىرىلغان ئوقۇتۇش بىناسى. ئۇنىڭ قوش قاناتلىق كەڭ كىرىش ئىشىكىنىڭ ئوڭ تەرەپىدە، بادام دوپپالىق نەۋقىران لوتپۇللاھ مۇتەللىپنىڭ قولىدا بىر كىتابنى تۇتقان پۈتۈن بەدەنلىك ھەيكەلى غەيۇر ۋە جاسارەتلىك تۇرۇق بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. مەن ھەيكەلنىڭ ئالدىدىن ئىپتىخارلىق سالام بىلەن ئۆتىۋاتقۇدەكىمىشمەن،.. ھەي،… قانداق گۈزەل چاغلار ئىدى ئاشۇ ھە!» (ئالىندى: «ھىجرەت ۋە نۇسرەت» (چاتما ئەدەبىي خاتىرە)، 7-باب، «ھىجرەتتە بىباھا ئىمكان» «جۇڭگو مىللەتلەرى» ژۇرنالى، 2011-يىللىق 6– سان، 36-بەت)»
قەشقەر بىرىنجى ئوتتۇرا مەكتەپىنى پۈتتۈرگەنىمدىن بۇيانەت تاكى ھازىرغىچە، بۇ ئانا مەكتەپىم بىلەن بولغان ئالاقە رىشتەم مۇتلەق ئۈزۈلۈپ قالمادى: مۇنەۋۋەر ئۇستازلارىمدىن ئابدۇخەلىل رىشات مۇئەللىم 1984-يىلى، «ياش-ئۆسمۈرلەر ئاراسىدا پەن-تەخنىكا بىلىملەرىنى ئومۇملاشتۇرۇش نەمۇنەچىسى» سالاھىيەتى بىلەن بەيجىڭغا ئەكىسكۇرسىيەگە بارغانىدا، مەنى مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتىدىكى ئۆيۈمدە يوقلاغانىدى، شادىيانە كۆرۈشۈپ، بىر-بىرىمىزنى مەدەنىي ئىنسانلىق ۋە ئۇستازلىق بۇرچىنى ئادا قىلىش يولىدا، داۋاملىق ۋە ئۆزلۈكسىز ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرۈشكەن ئىدۇق.
2012-يىل يازدا، تۇغقان يوقلاپ قەشقەرگە بارغانىمدا، مەزكۇر ئانا مەكتەپىمنى ئىپتىخار بىلەن تەكرار زىيارەت قىلدىم. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن، نەچچە ئون يىللىق ئىلمىي ئەمگەكلەرىمنىڭ ژىرىك سەمەرەلەرىدىن بولغان «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان»، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكاسى» ، «ئۇيغۇر تىلى لىكسىكولوگىيەسى ۋە لىكسىكا تەتقىقاتى»، «ئەسلىي يازىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرى» ۋە «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرى ئۈستىدە تەتقىقات» ناملىق كىتابلارىمنى مەكتەپ قىرائەتخاناسىغا تەقدىم قىلدىم. ئون ئۈچ يىلدىن بۇيان مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ كەلىۋاتقان مۇختەر مۇھەممەدرەھىم ئەپەندى ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، مەكتەپ مەمۇرىيەت بىناسىنىڭ ئىككىنچى قەۋەتىدىكى ئىشخانىسدا، ئالاھىدە قوبۇل قىلدى ۋە مەكتەپنىڭ نۆۋەتتىكى ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئەھۋالى توغراسىدا سۆزلەپ بەردى. مەن بۇ قەدىناس بىلىم ئوچاقىدا روياپقا كەلىۋاتقان تۈرلۈك ئەمەلىي نەتىجەلەردىن خەۋەردار بولۇپ، ياش ئوقۇتقۇچى ئۇستازلارنىڭ ۋە ئىز باسقان ئەۋلادلارنىڭ ئىزچىل تىرىشچانلىقىدىن مەمنۇن بولدۇم.
2013-يىلى، ئانا ئوتتۇرا مەكتەپىم ساربان يولى قەشقەر بىرىنجى ئوتتۇرا مەكتەپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئالتمىش يىللىق قۇتلاما مەئرىكەسى بولدى. تەكلىپكە بىنائەن، يۇقىرىقى مەزمۇنلانى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئۈزۈلمەس رىشتە» ماۋزۇلۇق بىر ئەسلەمە يازىپ ئەۋەتتىم. ئەسلەمەم مەزمۇندار ماۋزۇسى بىلەن بىللە قوبول قىلىنىپ، «قەشقەر شەھەرلىك بىرىنجى ئوتتۇرا مەكتەپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئالتمىش يىللىقىنى خاتىرەلەيمىز» دەپ مۇئاۋىن ماۋزۇ قويۇلغان ئالتە يۈز نەچچە بەتلىك قۇتلاما خاس ئەسەرىگەمۇ «ئۈزۈلمەس رىشتە» دەپ باش ماۋزۇ قويۇلغان ھالدا نەشىر قىلىنغان.
مەزكۇر «ئۈزۈلمەس رىشتە»دە، ساربان يولى ئورتا مەكتەپىدە تولۇقسىزنى ياكى تولۇقنى ئوقۇپ، يۇرت ئىچى ۋە سىرتىدا، ئۇيغۇر مائارىپى، مەدەنىيەتى ۋە زامانىۋى پەن-تەخنىكا ئىشلارى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان ئالتمىشقا ياقىن مەكتەپداشنىڭ تەئسىرلىك ئەسلەمە ۋە ئەسەر-ماقالەلەرى بەرىلگەن.
مەنىڭ ئەسلەمە ئەسەرىمنىڭ چۈشۈرگەسى مۇنداق تەۋسىيە بىلەن تۈگەللەنگەنىدى:
– پۈتكۈل ئىقتىدارىڭلارنى سەرپ قىلىپ ئىشلەڭلار. ئى، ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلار! چۈنكى، بىرىنجى ئوتتۇرانىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سىلەرنى ئەبەدىيلىك ھۆرمەت ۋە مۇھەببەت قازاندۇرىدۇ!
– پۈتكۈل زىھنىڭلار بىلەن تىرىشىپ ئوقۇڭلار- ئۆگرەنىڭلار، ئى، ئوقۇغۇچى-ساۋاقداشلار! چۈنكى، بۇ بىرىنجى ئوتتۇرا مەڭگۈگە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ بىرىنجىسىدۇركى، ئۇ سىلەرنى ئىلىم-پەننىڭ ئەڭ يۈكسەك چوققالارى تامان پەرۋاز قىلدۇرىدۇ! …
ئىلاۋە: بۇ ئەسەر پىروفېسسور دوكتور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى (لايىھە)» بويىچە يېزىلغان بولۇپ، ئاپتورنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئاكادېمىيە تور بېتىدە ئەينەن ئىلان قىلىندى.
