You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى

شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى

شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى (ئەسلەمەلىك ئەدەبىي خاتىرە)

پىروفېسسور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي

كاشغەرنىڭ شامالباغى بۇ ،

مۇراد بەخشىش مازارى بار.

تۆمەن دەرياسى باغرىدا،

تاپىلماس ياز – باھارى بار.

-يەرلىك خەلق ناخشاسىدىن.

بىرىنجى باب

شامالباغدىكى تۆمەن بويى

(1)

راستىمنى دەسەم، مەن زاكا شامالباغلىق ھىسابلانمايمەن تەخى. مەنىڭ بىلەن ئەسرار ئوقۇرمەنلەرىم ئوبدان بىلىدۇكى، مەن 1950-يىلى نويابىردا، قەشقەر شەھىرى ئىچىدىكى يۇمۇلاقشە كۆلباشى مەھەللەسىدە، بىر ئوقۇتقۇچى ئائىلەسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1951-يىلى، دادام پولات ئەھمەد قاتتىق ئاغرىپ قالىپ، داۋالانىش زۆرۈرىيەتىدىن ئۇ يۇمۇلاقشە كۆلباشى مەھەللەسىدىكى قەدەمجاي ئۆيىمىزنى ساتىۋەتىپ، بىر بۇرادەرىنىڭ شاپائەتى بىلەن، ئۆز زامانىدا شەھەر ئىچى بىلەن ئارالىقى بىر كىلومەتىر كەلىدىغان بۇ شامالباغ يەزاسىغا كۆچۈپ چىقىپ، ئەرزان باھالىق ئۆي ئىجارە ئالىپ ئولتۇرغانىكەن.

مەن ئەقلىمگە كەلسەم، بىز-دادام، ئانام، ئاكام ۋە مەن بولۇپ تۆرت جان قەشقەر شەھىرىگە چىنەباغ مەھەللەسى ئارقالىق تۇتاشىپ تۇرىدىغان مۇشۇ شامالباغ يەزا شامالباغ مەھەللەسىنىڭ دەل ئوتتۇراسىدىكى سوقاچاق تارغىنە ھويلاسى بار بىر ئاغىزلىق ئىجارەلىك كۆلبە ئۆيدە ياشايدىكەنمىز.

ئاكام ھەر كۈنى مەكتەپكە كەتىدۇ. ئۆيدە شاھكىچىك بولۇپ مەن قالىمەن. ھويلادىن چىقساقلا، ئەشەك ھارۋاسى پاتقۇدەك كەڭلىكتە توپالىق يول. ئاندىن، يولنى بويلاپ ئالىنغان ئارىق. ئۇ ئارىقتا قاچان قاراساڭ، لەپپالەپ سۇ ئاقىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، ئانام مەنى يالغۇز ئىشىك ئالدىدا، ئارىق بويىدا ئويناغىلى قويمايدۇ. «تالادا ئويناساڭ، ئارىقتىكى سۇغا چۈشۈپ كەتىسەن» دەپ ھويلانىڭ ئىشىكىنى زەنجىرلەپ قويىدۇ. شۇ ۋەجدىن،  مەن ھويلامىزدا، ئۆزۈم بىلەن ئۆزۈم ئوينايمەن. ئۆزۈم ئويناپ زىرىكىپ قالاي دەگەندە، خوشنامىزنىڭ مەن دەمەتلىك ئوغلى قادىر ئىزدەپ كەلىپ ئىشىكنى قاقىدۇ: «ئابدۇرەئوپ ئاداش، مەن كەلدىم!»، ئاداشىمنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاغان ھامان، ئانام ھايال قىلمايلا ھويلا ئىشىكىنى ئاچىپ بەرىدۇ. قادىر بىلەن بىردەم-يارىم دەم بىزنىڭ ھويلادا ئويناساقمۇ، كۆپىنچە ئۇنىڭ ھويلاسىغا چىقىپ ئوينايمىز. ئۇنىڭ ھويلاسى ئاجايىپ كەڭ، يەنە تەخى بەك تاتلىق ئۈرۈك-شاپتۇللارى بار كەڭ باغى بار. قادىرنىڭ داداسى قوربان دۆرەن دەگەن كەكە ساقال داداش بىلەن ئاناسى بۈبى رابىخان ئاپاشمۇ «جىدەلى يوق يوۋاش بالا» دەپ ماڭا خەلى ئامراق. ھويلاسىدىن ھەرگىز قوغلامايدۇ. بەزىدە، باغىنىڭ ئىشىكىنى ئاچىپ بەرىپ، «شاخلارنى يىرىۋەتمەي، خاھلاغان مىۋىلەردىن ئالىپ يەڭلار» دەپ باغىغا كىرگۈزۈپ قويىدۇ تەخى.

ھويلالارىمىزدىن چىقساقلا كۆزىمىزگە تاشلانىپ تۇرىدىغان يانباغرىلىق ئورمانلىق ۋە پەلەمپەي ئاتىزلىقلار ئارقالىق مەھەللەمىز بىلەن لەۋلەشىپ تۇرىدىغان كەڭ ۋادالىق ياپ-يەشىل تۆمەن بويى (دادام-ئاناملار ئۇ يەرنى «تۆمەن دەرياسى ۋاداسى» دەپمۇ ئاتاشىدۇ) بىز ئۇششاق بالالارنىڭ ئىچىمىزنى ئەجەبمۇ كۆيدۈرىدىغان جاي ئىدى. بۇ ۋادادا، «چوڭ دەريا»، «ئارا ئۆستەڭ» ۋە «كىچىك ئۆستەڭ» دەپ ئاتالىدىغان تۆرت ئاقىن بولۇپ، بۇ يەر ئۆزىنىڭ كەچە-كۈندۈز تىنىمسىز ئاقىپ تۇرىدىغان سۇلارى ۋە ئارالىقلارى بۆككىنە سۆگەت ۋە جىگدە دەرەخلەرى بىلەن ئورالغان باغرى بىلەن بەكمۇ، بەكمۇ چىرايلىق ئىدى.شۇڭا، دايىم دەگۈدەك ئاناملارنىڭ كۆزىنى غەلەت قىلىپلا، قادىر ئاداشىم بىلەن بىللە تۆمەن بويىغا قاچىمىز-دە، شامالباغلىق چوڭ ئاكاشلار سۇغا چۈشىۋاتقان ئۆستەڭلەرنىڭ بىرسىنىڭ بويىغا بارىپ، بىزمۇ دۆڭرەك يەرگە چۈشۈپ ئوينايمىز. بىز ئادەتتە، «ئاقىپ كەتەرمىزمىكىن» دەپ قورقۇپ، باشىمىزنى سۇغا تىقىپ چۈممەيمىز، ئەمما، قورساقىمىزچە ئۆزىمىزنى سۇغا تاشلاپ «ھاك» ئەتىمىز. سۇدىن چىقىپ، ئۆستەڭ بويىدىكى قۇم ئۈستىدە، ئاپتاپقا قاقلانىپ ياتىمىز. ئاندىن، ئۆستەڭ بويلارىدىكى سۆگەت دەرىخى تاللارى ۋە ئۇششاق جىرىملارغا قونغان يىڭناغۇچلارنى ئاستا قەدەملەر بىلەن سىرىلىپ بارىپ، پەم بىلەن تۇتىۋالىمىز-دە، ئىككى –ئۈچىنى يىپ بىلەن بىر-بىرىگە چاتىپ، ئۇچۇرۇپ ئوينايمىز. ئىشقىلىپ، ئۇ يەردە ئوينايدىغان ئويۇنلارىمىز بەك تولا، پەقەت زىرىكمەيمىز.

ئاكام چۈشتە مەكتەپتىن كەلىپ، مەنى قادىرنىڭ ھويلاسىدىن تاپالماسا، دەرھال چۈشۈپ تۆمەن بويىدىن تاپىدۇ. قولىدا سۆگەت دەرىخىدىن ئۈزىۋالغان بىر تال ئىنىچكە چىۋىق تۇتقان ھالدا كەلىۋاتقان ئاكامنى كۆرگەن ھامان، قىرغاققا سالىپ قويغان ئىشتان كۆڭلەكلەرىمىزگىمۇ قاراماي، ئۆيىمىز جايلاشقان ئەگىزلىك تەرەپكە قاراپ، بەدەر تىكىۋەتىمىز. ئىشتان-كۆڭلەكلەرىمىزنى ئاكام ئالىپ، كەينىمىزدىن چىقىدۇ. ئەگەر ئاكامنىڭ كەلگەنىنى كۆرمەي قالدۇقمۇ، ئىش چاتاق: ئىنچىكە سۆگەت چىۋىقى پاقالچاقلارىمىزغا تاراسلاپ تەگىپ، جانىمىزنى قاقشاتىۋەتىدۇ. مۇنداق چاغلاردا، ئاكامنىڭ: «بىھىشتتىن چىققان تاياق، يۈگۈرتىدۇ يالاڭ ئاياق» دەپ تۇرۇپ، قولىنى زەرپ بىلەن ئەگىز كۆتۈرۈپ، بوش ئۇرۇشلارى ۋە بىزنى قوغلاپ يەتەلمىگەن بولۇپ، ئارقادا قالىپ، ئاغىزىدا: «ۋاي، توختاشقىنا!» دەپ توختاماي ھەيۋە قىلىشلارىچۇ تەخى.

(2)

ئاكام مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەندىن كەيىن  باشقا ئاكاشلارغا ئوخشاش تۆمەن بويىغا قاچمايدۇ. كىچىك بىر تۆرت چاسا ئۈستەلى بار، شۇنى ھويلانىڭ بىر بۇرجەكىگە قويۇپ ئولتۇرۇپ، بىردەم كىتاب ئوقۇيدۇ، بىردەم دەپتەرگە خەت يازىدۇ. ئاكامنىڭ بىلىدىغانلارى بەك جىق. بىر كۈنى مەن ئۇنىڭدىن: «ئاكا، بىزنىڭ ئىشىكنىڭ ئالدىدىكى ئارىقنىڭ سۈيى نەمىشقا دايىم سۈزۈك ئاقمايدۇ، بەزىدە ئەجەب توپا چاچىۋەتكەندەك پوركاپ لاي ئاقىدۇ-يا؟» دەپ سوراسام، ئۇ مەھەللەمىزنىڭ شىمال تەرەپ ئاستىدىن ئاقىپ ئۆتۈدىغان ئۇ تۆمەن دەرياسىنىڭ ئۇيان تەرەپىدىنمۇ بەك ئۇزاق، بەك ئۇزاق يەردە، ئاسمانغا تاقاشىپ دەگۈدەك چوقچايىپ تۇرغان تاغلارنى كۆرسەتىپ تۇرۇپ: «ئاۋۇ يىراقتىكى قارامتۇل كۆرۈنۈپ تۇرغان ئەڭ ئەگىز تاغنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇنى <پامىر تاغى> دەيدۇ. ئاشۇ تاغدا يامغۇر ياغقان چاغلاردا، بىزنىڭ بۇ ئارىقىمىزغا لاي سۇ كەلىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى. مەن ئۇيان ئويلاپمۇ، بۇيان ئويلاپمۇ، ئۇ ئۇزاق تاغدا يامغۇر ياغقان بىلەن بىزنىڭ بۇ ئىشىك ئالدىمىزدىكى ئارىق سۈيىنىڭ سۈزۈك ياكى لاي كەلىشىنىڭ قانداق مۇناسىۋەتى بارلىقىنى زادىلا پەملەيەلمەدىم. ئاخىردا: «ھەي، مەكتەپتە ئوقۇغان ئادەم ئاشۇنداق ھەممەنى بىلىدىغان گەپ ئوخشايدۇ» دەپ ئويلادىم شۇ. شۇندىن كەيىن، مەنمۇ پاتراق مەكتەپكە بارىپ ئوقۇشنىڭ غەلۋەسىنى قىلىشقا باشلادىم.

– ئانا! ئەرتە مەنى سەھەردە ئويغاتىپ قويغىن جۇمۇ!،- دەدىم بىر كۈنى كەچتە ئانامنىڭ قولىغا ئاسىلىپ تۇرۇپ.

– نەمانداق سەھەردە قوپقۇڭ كەلىپ قالدى؟ مەن بىلەن بىللە ناماز ئوقۇي دەدىڭمۇ نەمە؟،- تولامۇ ھەيران قالغان قىياپەتتە كۈلۈپ تۇرۇپ سورادى ئانام.

– ئەرتەدىن باشلاپ، ئاكام بىلەن بىللە مەكتەپكە بارىپ ئوقۇيمەن مەنمۇ!

– ھە، ئىش مۇنداق دە. مەنى دەسەڭغۇ چاپسانراق مەكتەپكە كەتسەڭ ياخشىيتى. سەنى «تالادا ئويناۋاتىپ، ئارىقتىكى سۇغا چۈشۈپ كەتكەندىمۇ، ياكى يەنە تۆمەن بويىغا قاچقاندىمۇ» دەپ ئەنسىرەپ ئولتۇرماسام دەيمەن. بىراق، سەن تەخى كىچىك، جانىم بالام، سەن مەكتەپ ياشىغا توشقاندا، مەكتەپتىكى خانىملار كەلىپ تىزىملاپ، ئاندىن ئوقۇتىدۇ. ئالدىراما، قوزام.

– شۇنداق گەپ!،- ئاكام ئۇياندىن قوپۇپ، ئانامنىڭ گەپىنى تەستىقلادى ۋە مەنى ئۆزى بىلەن بويلاشتۇرۇپ تۇرۇپ،- مانا قارا، ئەمدى تەخى مەنىڭ كىندىكىمگە كەپتۇ بويۇڭ. يەنە ماۋۇ قولتۇقۇمغا كەلگىچىلىك ئۆسسەڭ، ئاندىن ئالىدۇ مەكتەپ دەگەنگە.

ئاكام شۇنداق دەدى-يۇ، مەنى تارتىپ ئاپىرىپ، ئۆيىمىزنىڭ ئىشىكىنىڭ بوسۇغاسىغا دەسسەتىپ تۇرۇپ، بويۇمنى ئۆلچەپ، ئىشىكنىڭ يان ياغاچىغا كۆمۈر بىلەن سىزىپ قويدى. ئاندىن، ئۆزىمۇ بوسۇغاغا دەسسەپ تۇرۇپ، قولتۇقى توغرا كەلگەن يەرگەمۇ قانىق قىلىپ، بىر سىزىق سىزىپ قويدى ۋە: « قاچانلىققا چوڭ بولۇپ، بويۇڭ مۇشۇ سىزىققا يەتكەندە، مەكتەپكە ئالىدۇ سەنى. بولماسا، مىڭ غەلۋە قىلغانىڭ بىكار!» دەدى.

شۇنىڭ بىلەن، ئۆيگە كىرسەم-چىقسام، بويۇمنى ھەلىقى ئاكام سىزىپ قويغان ئەگىز سىزىققا توغرالاپ تۇرۇپ، بىر ئۆلچەۋەتىشنى ئۇنۇتمايدىغان بولۇپ كەتتىم. بىراق، خەلى كۈنلەر ۋە نەچچە ئايلار ئۆتۈپ كەتتى، بويۇم ھىچ ئۆسكەندەك قىلمايتتى. بۇ ھالدا، ئىچىم سىقىلىپ، ئاچچىقىم كەلىپ قالدى. شۇڭا، بىر كۈنى كەچتە ئانامغا ۋارقىراپ غەلۋە قىلىپ كەتتىم:

– مەنىڭ بويۇم نەمىشقا چاپسان ئۆسمەيدىغاندۇ، ئانا، مەن زادى قاچانلىققا مەكتەپكە بارىپ ئوقۇغىدەك بولۇرمەن؟

– سەن مۇشۇنداق ھەر كۈنى تۆمەن بويىغا قاچىپ، ئەرتەدىن كەچكىچە لاي سۇغا چۈشۈپ ئويناساڭ، «ھاي!» دەسە، ئۇناماي ئارىقتىكى سوغۇق سۇنى چاڭگاللاپ ئىچىپ يۈرسەڭ، بويۇڭ ئۆسمەيدۇ شۇ !،- دەدى ئاكام بىلەرمەنلىك قىلىپ.

بۇ گەپنى ئاڭلاغان ئانام دەرھال دادامنىڭ كۆزىگە «لەپپىدە» بىر قاراپ قويۇپ، يەنە ئاكامنىڭ تەرەپىنى ئالدى:

– ئاكاڭ راست دەيدۇ، بالام، قاراپ باقە، ئاكاڭ ھەر كۈنى سۇغا چۈشۈپ ئويناماغاچ، يۈزلەرى ئاناردەك قىپ-قىزىل، بويى ھەر كۈنى ئۆسىۋاتىدۇ؛ ئەمما. سەن ھەر كۈنى ئەيىقتەك بولۇپ، سۇغا كىرىۋالىسەن، شۇڭا چىرايىڭ تاتىراڭغۇ، بويۇڭ پاكار.

دادامغا قاراسام، ئۇمۇ «شۇنداق گەپ، بالام» دەگەندەك قىلىپ، باشىنى لىڭشىتىپ ئولتۇرىدۇ. بۇ ھالدا، مەنمۇ جىمىپ قالدىم: بۇ قانداق گەپ بولدى-ھە؟ راستىنلا، ھەر كۈنى سۇغا چۈشۈپ ئويناسا، بويى پاكار بولۇپ قالامدىغاندۇ ئادەمنىڭ؟

ئويلاسام-ئويلاسام، ئاكامنىڭ دەگىنى راستتەك قىلاتتى. شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ئۇ تۆمەن بويىغا چۈشمەيدۇ ئەمەس، يەكشەنبە كۈنلەرى چۈشىدۇ. ئەمما، سۇغا ناھايەتى ئاز چۈمۈلىدۇ. ھەر قاتىم سۇغا چۈشكەنىدە، باشقا بالالارغا ئوخشاش ئاداشلارىنى سۇغا چۈمدۈرىۋەتىپ، ياكى بىر-بىرىگە سۇ چاچىشىپ، ئۇزاق ئوينامايدۇ. سۇغا سەكرەيدۇ-يۇ، غۇلاچ ئاتىپ، دەريانىڭ بۇ لەۋىدىن ئۇ لەۋىگە، ئۇ تەرەپىدىن بۇ تەرەپىگە ئىككى –ئۈچ قاتىم ئۈزۈپ ئۆتۈپ، سۇغا بىر قانچەنى شۇڭغۇپ چۈمۈۋەتىپ، ھايال بولماي، قايتىپ چىقىدۇ. مەنچۇ؟ ھەي،… ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، ئۆزۈمنى ئاقلاشقا ھىچ گەپ تاپالماي قالدىمغۇ شۇ. بۇ ھالدا، ئۆزۈمنىڭ ئۆزۈمگە ئاچچىقىم كەلىپ قالدى: زادى قانداق قىلسام بولار-ھە؟ ئاخىردا، لەۋىمنى چىڭ چىشلەپ تۇرۇپ، بىر قەتئىي قارارغا كەلدىم: «بويۇم ئۆسىدىغانلا ئىش بولسا، ئۆستەڭگە چۈمۈلمەسەم، چۈمۈلمەدىم بولدى!»

مەن ۋەدەمدە تۇردۇم: شۇندىن كەيىن، ھەر قانچە ئىسسىقلاپ كەتسەممۇ، «سۇغا چۈشىمەن» دەپ تۆمەن بويىغا قاچمادىم، ھەتتا  ئىشىك ئالدىدىكى ئارىققامۇ پۇتۇمنى تىقىپ باقمادىم. قادىر ئاداشىم قانچە يالۋۇرسامۇ، ھەتتا «مۇنداق قىلساڭ، سەن بىلەن ئاداش بولمايمەن!» دەپ قورقاق سالسامۇ ئۇنامادىم. ھەرقانچە بەك ئۇسساپ كەتسەممۇ، ئاناملار كۆرەر-كۆرمەستە، ئارىقتىكى سۇدىن ياكى ئۆيىمىزنىڭ بۇلۇڭىدىكى كۈپتىن ئالىپ، سوغۇق سۇ ئىچىۋالمادىم. ئانام دائىم چاي قايناتىپ، ئاتنىڭ قانىدەك قىلىپ دەملەپ سوغۇتۇپ، قۇيۇپ قويىدىغان چەينەكنى پەم بىلەن ئالىپ، ئۇنىڭدىن كىچىك پىلەچەكىمگە قۇيۇپ، سوغۇق چاي ئىچىدىغان بولدۇم.

(3)

گەپىگە كىرگەنىم ئۈچۈن بولسا كەرەك، ئاكام ئەمدى مەنى بۇرۇنقىدەك سىلكىمەيدىغان، خەت يازىۋاتقان ئۈستەلىنىڭ يانىغا كەلىپ بولغىچىلىك ۋارقىراپ: «سەن مەنىڭ كىتاپىمنى تۇتما!» دەپ ھۈرپەيمەيدىغان بولدى. بۇرۇن ھەر قانچە يالۋۇرساممۇ ئۇنامايدىغان ئەدەم ئەمدى: «تۇتە، ماۋۇ قارىنداشنى، سەنمۇ بىكار ئولتۇرغىچە ھەرپلەرنى تونۇشنى، خەت يازىشنى ئۆگرەنىپ قويغاچ تۇر!» دەپ ماڭا «مۇئەللىملىك» قىلىدىغان بولۇپ قالدى. خوشلۇقۇمدىن مەنمۇ بوش كەلمەدىم، ئۇ بىر ھەرپ ئۆگرەتسە، ئىككىنى ئۆزۈم ئۆگرەنىپ دەگەندەك قىلىپ يۈرۈپ، شۇ يىلى سوغۇق چۈشكىچە بولغان ئارالىقتا، ئوتتۇز ئىككى ھەرپنىڭ ھەممەسىنى تونۇپ ئوقۇيالايدىغان، ئۆزۈمنىڭ ۋە ئۆيدىكىلەرنىڭ ئىسىملەرىنى مايماق-سۈيۈق بولسامۇ، يازالايدىغان بولۇپ قالدىم.

شۇنداق قىلىپ، كۈنلەر بىرىنىڭ كەينىدىن يەنە بىرى ئۆتىۋەردى. ئالاھەزەل تۆمەن بويىنى يەنە بىر قاتىم قار باسقاندىن كەيىنكى ياز پەسلىنىڭ ئاخىرىدا، راست دەگەندەك، مەھەللەمىزنىڭ ئاياغىدىكى شامالباغ باشلانغۇچ مەكتەپىدىن خانىم-مۇئەللىملەر كەلىپ، مەنىمۇ مەكتەپكە تىزىملادى.

شۇغىنىسى، مۇئەللىملەر مەنى دەپتەرىگە تىزىملاشتىن بۇرۇن، بويۇمنى مەتىرلاپ- ئۆلچەپمۇ كۆرمەدى. پەقەت ئانام ئۆيدىن ئەپچىقىپ بەرگەن نوپۇس دەپتەرىگە بىر قاراۋەتكەندىن كەيىن، مەنىڭ ئىسمىمنى تىزىملىك قاتارىغا چىرايلىق قىلىپ يازدى: ئابدۇرەئوپ پولات.

مەن ئۇنى ئانىق كۆردۈم. شۇ چاغدا، مەن: «ئاھ، مەنمۇ مەكتەپكە بارىپ، ئوقۇيدىغان بولدۇم ئاخىر» دەپ، نەقەدەر خوش بولۇپ كەتكەنىمنى دەمەيلا قوياي بولدى.

بۇ ـ   مىلادىيە 1956-يىلنىڭ ئاۋغوست ئايى ئىدى.

ئىلاۋە: بۇ ئەسەر پىروفېسسور دوكتور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى (لايىھە)» بويىچە يېزىلغان بولۇپ، ئاپتورنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئاكادېمىيە تور بېتىدە ئەينەن ئىلان قىلىندى.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top