ئۇيغۇر فاكۇلتەت شەجەرەسى
پىروفېسسور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي
* * *
مىلادىيە ئىككى مىڭ تۆرت سەنەدە،
ياپراقلار قىزارغان كەچ كۈز پەسلىدە؛
قۇرۇلدى تۇنجى بىر ئۇيغۇر فاكۇلتەت،
دۇنيادا بەيجىڭنىڭ ئۇيغۇر كەنتىدە.*
* * *
مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىت،
ئاتاقلىق دۇنيانىڭ ئىلىم سەپىدە؛
سانالار ئەلبەتتە تۆرتنىڭ بىرى دەپ،
ئۇيغۇر تىل فاكۇلتەت ئۇنىڭ قوينىدا،
* * *
مىلياردلىق خەلق بىلەن بىرلىكتە ياشاش،
بولغانكەن ئۇيغۇرغا قىسمەتلىك تاللاش؛
چالىشماق ئىنسان چۈن يولدۇر يەكانە،
ھىچ پايدا بەرمەيدۇر ئەمگەكسىز ۋايساش.
* * *
چۈشەنگەن ئەجدادلار تەقدىرنى شۇنداق،
ئۆگرەنگەن پۇرسەتنى تۇتۇشنى قانداق؛
ئۆز ھەققىنى قوغداش يولىدا ھەتتا،
ياراتقان مۆئجىزە ھەر دەم ئاشۇنداق.
* * *
ئۇ ئىدى بىلگىنلەر گۈزەل ئارزۇسى،
سەپ باشىدا بار ئۇستاد خەمىت تۆمۈر؛*
ئۇيغۇرلۇق ئىلىم- پەن رەفاھى ئۈچۈن،
چالىشقان ئەۋلادلار ئۇلاپ كۈچ ئۆمۈر.
* * *
ئۇيغۇر فاكۇلتەت قۇرۇلغانمەس ئاسان،
كىم بەرسۇن نان مۇتقا كۈرەش قىلماساڭ؛
جاپالىق ئىزدەنىش، غايەلىك ئەمگەك،
مۇشەققەت ئىچىدىن ياراتار ئىمكان.
* * *
ئۇ بولدى ئۇيغۇر چۈن خاسگۇي ئىلىمگاھ،
ئۇستازلار، شاگىرتلار قىسمەتلىك ھەمراھ؛
ياراتتى بەس-بەستە قىممەتدار مىۋە،
ئەجدادتىن ئەۋلادقا ئۆرنەك ئىختىرا.
* * *
مەھمۇد يازغان «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»،
دەرسلەرنىڭ ئىچىدە بولدى باش تۈۋرۈك؛
نەۋائىي ياراتقان چاھار دىۋان، خەمسە،
دەرسلىكتە مىسالى ياقۇت كۆز ئۈزۈك.
* * *
ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام تەكىستلەرى
ئەدەبىياتى ئۇيغۇر جەۋھەرلەرى؛
جۇلالانۇر ئۇندا كۈي-غەزەل بىلەن،
ئالىمە نەفىسىي زەر ئەمگەكلەرى.
* * *
مۇقام تەكىستلەرىن ئالىي دەرس قىلىش،
ئۇيغۇر فاكۇلتەت باشلاغان بۈيۈك ئىش؛
خەيرلىك باشلانىشتىن سەر خىل مىۋەلەر،
مىللەتكە كۈچ-مەدەت بەرگەي گۈللەنىش.
* * *
يەتىشتۈردى ئۇ مىڭلاپ پەن سۆيەر ياش،
ۋەتەننىڭ ئەرتەسىگە چىقىپ ساھىب؛
ئۆگرەندى ئىز باسىپ نەۋ بوغۇنلارمۇ،
خەلق-ئەلنىڭ ئىقبالىغا بولۇپ تالىب.
* * *
بۈگۈن باق دۇنيانىڭ ھەر-ھەر يەرىگە،
ئۇيغۇر فاكۇلتەتنىڭ تالىبلارى بار؛
قازانغان كەسپىدە مولدىن مول ئۇتۇق،
قەلبىدە مىللەتنىڭ ئارمانلارى بار!
* * *
2020-يىل 17-ئاۋغوست، سان دىياگو
* ئۇيغۇر كەنتى: ۋېي گوڭ سۈن: 魏公村 بەيجىڭ شەھىرى جەنۇبىي جوڭگۈەنسۈن كوچاسىدىكى مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتى جايلاشقان ئولتۇراق رايونىنىڭ ئىسمى. بۇ يەردىكى 魏 خەتى ھازىرقى زاماندا قوللانىلىۋاتقان 维 خەتىگە باراۋەر بولۇپ، يۈەن سۇلالەسى دەۋرىدە بىر ئۇيغۇر بەگكە سۇيۇرغال قىلىپ بەرىلگەنلىكتىن، 魏(维)公村، يەنى «ئۇيغۇر بەگ كەنتى» دەپ ئاتالغانىكەن. («بەيجىڭ كەچلىك گەزىتى» قاتارلىق گەزىت-ژۇرناللاردىن ئالىندى.)
* خەمىت تۆمۈر (1931-2006)؛ 1954-يىلدىن 1993-يىلغىچە مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتىدە كافەدرا مۇدىرى، فاكۇلتەت مۇدىرى، مائاۋىن رەكتور بولۇپ ئىشلەگەن پروفەسسور، ئاتاقلىق تىلشۇناس ئالىم.
ئىلاۋە: بۇ ئەسەر پىروفېسسور دوكتور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى (لايىھە)» بويىچە يېزىلغان بولۇپ، ئاپتورنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئاكادېمىيە تور بېتىدە ئەينەن ئىلان قىلىندى.
