مەدەنىيەت كىرزىسى ۋە پىسخىك نورمالسىزلىق

مۇنەۋۋەر روزى (كىچىك)
(يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «ساراڭ»تىپىدىكى چاتما ھىكايىلىرى ھەققىدە)
يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر ئۆزىنىڭ «ساراڭ» تىپىدىكى بىر يۇرۇش چاتما ھېكايىلىرىدە كىشىلەرنىڭ روھىي دۇنياسىنى قىزىشنى ئاساس قىلغاچقا، پرسۇناژلارنىڭ ئىچكى مونولوگى، ئەركىن ئۇلانما ئويلىرى، خىيالى، چۈشى قاتارلىقلارنى يېزىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىنچىكە ۋە مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان شۇنداقلا، بىردەممۇ توختاپ قالمايدىغان، قەلب پائاليتىنى ئىپادىلىگەن. پرسۇناژلارنىڭ يۇشۇرۇن ئاڭ پائالىيتىنى قېزىپ، ئاڭ بىلەن يۇشۇرۇن ئاڭ ئوتتۇرسىدىكى توقۇنۇش ۋە گىرەلىشىشنى ئىپادىلىگەن. ئادەمىنىڭ روھىي پائالىيەتلىرى تەرتىپسىز ۋە ئىدىراكسىز، ۋاقىتسىز بولغاچقا،ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى تەسۋىرلەردە لوگىكىلىق ھەتتا، گرامماتىكىلىق تەرتىپ بۇزۇلغان. رېئاللىق بىلەن خام خىيال، رېئاللىق بىلەن چۈش، ھازىر بىلەن ئۆتمۈش، ماكان بىلەن ماكان بىر-بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن. بۇخىل ئۇسۇل ھازىرقى زامان ئادەملىرىنىڭ روھىيتىدىكى چۇڭقۇر، مۇرەككەپ، مەخپى، كۆپ قاتلاملىق ۋە ئىزچىل ھالەتلەرنى كىتابخانلارغا دادىل ئېچىپ بەرگەن.
مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ«ساراڭ» تىپىدىكى بىر يۇرۇش چاتما ھېكايىلىرىنىڭ بېشىدىلا ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن «ساراڭ» نىڭ ئاپتۇرىدىن ئىبارەت بىر ئۆتكۈنچى پرسۇناژنى ئوتتۇرغا چىقىرىپ ئۇنى سۆزلىتىدۇ: «مانا مەن ئۆزۈم، ئۆزرازىلىقىم بىلەن سىزگە ئاپتۇرلۇق ھوقوقۇمنى ئۆتۈنۈپ بېرىۋاتىمەن ـ دە! بولمىسا سىزگە ‹ھېچقانداق داۋا-دەستۈرىم يوق› دەپ ھۆجقەت قىلىپ بېرەي… سىز يوشۇرۇن لەززەت دېگەن بىرنېمىنى بېشىڭىزدىن كەچۈرۈگەنمۇ؟ بۇمۇ ئاجايىپ بىر سېزىم –دە! ئۆزۈمنىڭ يازغانلىرىمنى خەقلەرنىڭ ئوقۇپ نېمە دېيىشىۋاتقانلىقىنى سىرىتتىن ئاڭلاپ ھوزۇرلىنىپ كېتىمەن. ئۇلار ئەسەرنى سىزنىڭ يازغانلىغىڭىزنى بىلمىگەندىن كېيىن تەنقىدنىمۇ، ماختاشنىمۇ، ھەممە ھەق گەپنى ئالدىڭىزدا دەۋېرىدۇ. بەزىدە ئۆزۈممۇ خۇددى يات ئادەملەردەك‹پالانى يېرى مۇنداق بوپتۇ، پوكۇنى يېرى زادى قاملاشماپتۇ› دەپ ئۇلار بىلەن تالاش-تارتىش قىلىپ كېتىمەن. ناھايىتى قىزىق بولىدۇ. ئۆز ئەسىرىنى ئۆز نامىدا ئىلان قىلىدىغان ئاغىنىلەر مۇنداق لەززەتتىن مەھرۇم دەڭە. ئۇلارنى ئالدىدا ماختاپ قويۇشىدۇ. يالغان ماختاشقا ئەخمەق بولۇپ، گىدىيىپ يۈرۈيدۇ. خەق ئارقىسىدىن كۈلىدۇ. يوشۇرۇن لەززەت ئاجايىپ نەرسە-دە!» (قىرلىق ئىستاكان )
بىز«ساراڭ»نىڭ ئاپتۇرىنىڭ يۇقارقى سۆزىدىن ؛«ئۇنى كۆپ ئىشلارنى بىلىدىغان، تەجىربىلىك، ئاقىلانە ئادەم ئىكەن.»دەپ ئۇنىڭ سۆيۈملۈك كاللىسىغا ئاپىرىن ئېيتقۇمىز كېلىدۇ. چاتاق يېرى، ئۇ شۇنداق ئاقىلانە سۆزلەرنى قىلىۋىتىپ، سۆزىنىڭ ئاخىرغا:« كالىچىڭىزنىڭ ئىچىنى ئادىراسماندا ئىسرىقداپ، ئۆزىنىڭىزنى پات-پات ئاشلىتىپ تۇرغىنىڭىز ياخشى. ئاڭلىدىڭىزمىكىن، ھېلىقى ئىلاخۇن دېگەن زاسۇيپەز يېڭى تۇغۇلغان بالىسىنىڭ ھەمرىينى سىركە، لازىغا مىلەپ يەپ قويۇپتۇدەك… چوڭ كۆرۈكتە بىر سەتەڭ بولىدىغان، كالپۇكلىرىنى كۆرسىڭىز چوقۇم :‹بوياق ئېچىۋالغان نەرسە بولسا كېرەك›دەپ قالىسىز. خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن يېقىندىن بېرى كۆچەت غاجايدىغان بولۇپ قاپتۇ… ساتىدىغان زايۇم يوقتۇ؟…»دېگەنگە ئوخشاش بىمەنە، تۇترۇقسىز گەپلەرنى قوشۇپ قويىدۇ. بۇ چاغدا بىز گاڭگىراپ قالىمىز. ئۇنى ساراڭ قاتارىغا چىقىرۋىتەيلى دېسەك، ئۇنىڭ دەسلەپتە قىلغان سۆزلىرى شۇنداق ئوڭلۇق، كىشىنىڭ مەستلىگىنى كەلتۈرىدۇ. ئۇنى ئوڭمىكىن دېسە كېيىن قىلغان ئالا-جوقا سۆزلىرى ئاەدمنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرىدۇ. ئاخىردا «بۇ ئاداشنىڭ زادى نىرۋېىسىدە چاتاق بار»دەيمىز-دە، ھېكايىنى پۈتۈنلەي كۆرۈپ چىقىشقا ئالدىرايمىز. يازغۇچى دەل مۇشۇ بىنورمال خاراكتېرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئۆتكۈنچى پىرسۇناژنى ئوتتۇرغا چىقىرىپ، كىشىلەرنى «بۇ بىنورمال ئادەم يازغان ھېكايە چوقۇم تېخىمۇ قىزىقارلىق، كۈلكىلىك بولىشى مۈمكىن»دېگەن ھېسىياتقا كەلتۈرىدۇ ۋە ھېكايىنىڭ ئىچىگە بىمالال سۆرەپ كىرىپ كېتىدۇ.
مەمتىمىن ھوشۇر بۇ ئۆتكۈنچى پرسۇناژنى ئوتتۇرغا چىقىرىش ئارقىلىق جەمئىيتىمىزدىكى خىلى كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ دەقىقە ئىچىدە ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان مۇرەككەپ روھىي-ھالەت ئۆزگىرىشلىرىنى، ئۇلارنىڭ پىسخىكىسىدا قەدەمدە بىر كۆرىلىۋاتقان بىنورمال، غەيرى تەرەپلەرنى دادىللىق بىلەن ئېچىپ بەرگەن.
«ساراڭ»نىڭ ئاپتۇرى ھەرقېتىم ئەسەر ئېلىپ كېلىپ، مۇھەررىر بىلەن كۆرۈشكەندە ئۆزىنىڭ جەمئىيەتكە بولغان قاراشلىرىنى ئېيتىپ ئۆتىدۇ. بىز ئۇنىڭ ئەشۇ سۆزلىرىدىن جەمئىيەتتىكى بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ پىسخىكىسىدا كۆرۈلىۋاتقان كىسەللىك ئالامەتلىرىگە دىئاگۇنۇز قويۇش ئىمكانىيتىگە ئىگە بولالايمىز. مەسلەن: ئۇ«بۇرۇت ماجراسى»ھېكايىسىنىڭ دەسلىپىدىلا مۇنداق دەيدۇ: «چەتئەللىكلەر ھېلىغۇ شىلەپە ئىكەن، بېشىغا شاپاقنى كېيىپ كەلگەن بولسىمۇ‹قاراڭلار بىر ئوبدانلا يارىشىدىكەن-ھە، نەچچە ۋاقىتتىن بىرى بىز بۇنى نېمىشقا كېيمىگەندىمىز›دەپ شۇنىمۇ كېيىدىغانلار چىقاتتى…سەپسالسىڭىز، ھازىر تۆكۈندە تاۋاقتا ئازراق پولونى ئاشۇرۇپ قويۇشنىمۇ ‹مەدەنىيەت›دەپ بىلىدىغان بولدى…»يۇقارقى سۆزلەر كىشىلىمىزئارسىدىكى قارىغۇلارچە چەتكە چوقۇنۇش، ‹مەدەنىيەت قوبۇل قىلدۇق›دەپ ، ئۇنىڭ سەلبى تەرەپلىرىنى قوبۇل قىلىۋىلىش، كىيىم تاللىغاندىمۇ، ئۆزىنىڭ ئىھتىياجى، قىممەت قارشىغا قارىماستىن، قارىغۇلارچە ‹مودا›قوغلىشىشتەك بىنورمال پىسخىكىسىنى يورۇتۇپ بەرگەن.
«ئالتۇن چىشلىق ئىت»ھېكايىسىنىڭ دەسلىپىدىلا مۇنداق دەيدۇ: «بۇمۇ غەلىتە ھۆكۈمەتكەن ـ دەپ گەپ تارتىۋالدى ئۇ، ـ بىر زامانلاردا ‹باي بولغانلارنى يوقىتىمىز›دەپ، كۈندە ئاچىقىپ، كۆرەش قىلىپ ھالىنى قويمىغانىدى. ئەمدى ماختاپ، ئۆزىنىڭ ھالى قالمايۋاتىدۇ…مەن سەل قورقۇپ قالدىم. ئاز كۈندىن كېيىن زادى باي بولالمىغان كەمبەغەللەردىن بىر-ئىككىنى ئاتامدۇ، قانداق؟» ئۇنىڭ يۇقارقى سۆزىدە مەدەنىيەت ئېنقىلابىنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان كىشىلەرنىڭ ۋەزىيەتكە قارتا چۈشەنمەسلىگى، يۈرىكىنى توق تۇتۇپ يۈرەلمەسلىگى، ھەرۋاقىت تەشۋىش، گۇمانسىراش بىلەن ئۆتىۋاتقان پىسخىك داۋالغۇشلىرىنى كۆرسېتىپ بەرگەن.
«چار خوراز »ھېكايىسىنىڭ بېشىدىلا مۇنداق دەيدۇ: «بىر ماقالىنى ئوقۇسام ‹ئاغرىقنىڭ ياخشىسى –يۈرەك ئاغرىقى ›دەپ يېزىپتۇ. ئاغرىماي –سىلىماي ئۇ دۇنياغا غىپپىدە كېتىۋالغۇدەكسىز، دوست –دۈشمەنلىرىڭىز ھاڭۋىقىپ ئاغزىنى قاراپلاقالغۇدەك…ھەيكەللەرنى كۆرسەملا ھەۋىسىم كېلىدىغان بولۇپ قالدى. قاراڭ، ئۇلار ئۆلمەيدۇ، قىرىمايدۇ، مەڭگۈ ياش تۇرىدۇ. شۇنىڭغا قارىغاندا تىرىك ياشىماق نېمە دېگەن تەس-ھە!؟..» ئۇنىڭ ئالدىنقى سۆزىدىن ئاچچىق تەنە، دارىتمىلاش پۇراپ تۇرسا، كېيىنكى سۆزىدىن بىز ئىغىر خۇرسىنىش، ھالسىراشنى كۆرىۋالالايمىز. ئۇنىڭ ئۆزگىرىپ داۋالغۇپ تۇرىدىغان ئەشۇ كاللىسى ئۇنى بىرەر مىنۇتمۇ ئارامىدا قويمايدۇ. ئۇنى چارچىتىدۇ، ھالسىرتىدۇ ئاخىردا تېخى ياشاشتىنمۇ رايىنى قايتۇرۇپ قويىدۇ. يۇقارقى سۆزلەر ئارقىلىق تاشقى بېسىم ۋە تەسىرلەرنىڭ نەتىجىسىدە بارغانسىرى ھالسىراۋاتقان كۆپ قىسىم كىشىلىرىمىزنىڭ پىسخىكىسىدىكى ئاجىزلىق ئېچىپ كۆرسىتىلگەن.
گۇمانخورلۇق، ئۆزسايىسىدىن ئۆزى ھۈركۈش، دائىم ئۆز-ئۆزىدىن خودۈكسىرەش ھازىرقى زامان جەمئىيتىمىزدىكى خىلى ئوموملاشقان بىر خىل كەيپىيات بولۇپ، تەشۋىش ۋە ۋەھىمە ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ ئورتاق پىسخىكىسى بولۇپ قالدى.
مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ« ساراڭ » ناملىق ھېكايىسىنىڭ بېشىدىلا ھېكايە ئورگىنالىنى كۆتۈرۈپ كىرگەن ئادەم ئۇنى (ھېكايىنى ) ئۆز نامىدا ئەمەس بەلكى تەھرىرنىڭ نامىدا ئىلان قىلىشنى ئۆتۈنۈپ، پىسخىك نورمالسىزلىقنىڭ بىرىنچى پەردىسىنى قايرىيدۇ. چۈنكى، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى مازاق قىلىشىدىن قورقىدۇ ۋە تەشۋىشلىنىدۇ.
« ـ ماۋۇيەرلەر نېمانچە تۇتۇق؟
ـ كۆزدىن كەتتۈق دەڭە،ـ كۆزئەينەك تاقىۋالاي دېسەم خەقنىڭ ‹ماۋۇ نېمىنىڭ ھالىغا باقماي، كۆزئەينەك تاقاپ كەتكىنىنى قاراڭلار!›دېيشىدىن ئەنسىردىم» (ساراڭ)
مانا بۇ تىپىك خودۇكسىرەش كىسلى بولۇپ، ئادەم باشقىلارنىڭ گېپىدىن قورقۇپ ھەتتا ئۆزى ئەڭ ئىھتىياجلىق نەرسىگىمۇ ئۆز كۈچى ۋە ھەركىتى ئارقىلىقمۇ ئېرىشىشكىمۇ قادىر بولالمايدۇ.
«يائاللا! بۇ ئاغىنىنىڭ ئەقلى جايىدا ئەمەسمۇ، قانداق؟ دەپ گۇمانلىنىپ قالدىم. ‹نېمىدەپ جۆيلىۋاتىسەنوي؟! ›دېمەكچى بولدۇم. تۇيۇقسىز كاللامغا‹بۇنىڭ دەۋاتقانلىرى ھېلىقى يېڭى ئۇسلۇبتىكى گەپ-سۆزلەردىن بولۇپ يۈرمىسۈن؟! ›دەپ گۇمان كەلدى-دە، ئۆزۈمنى ھەممىنى چۈشەنگەنگە سېلىپ ‹ھە› دەپ بېشىمنى لېڭشىتىپ ئولتۇرىۋەردىم.» (ساراڭ)
«ساراڭ»نىڭ ئاپتۇرى ھېكايە ئورگىنالىنى ئەكىرىپ، ھەرخىل ئالا-جۇقا، چۈشىنىكسىز، باش-ئاخىرى يوق گەپلەرنى قىلىپ كېتىدۇ. تەھرىر بولسا ھېچنەرسىنى ئاڭقىرالمايدۇ. ئۇنىڭ ئاڭقىرالماسلىقى ناھايىتى نورمال ئىش ئىدى. لېكىن ئۇيەنىلا ئۆزىنىڭ بىۋاستە سىزىمىگە ئىشەنمەستىن قاندۇقتۇر «ساراڭ» نىڭ ئاپتورنىڭ سۆزلىرىنى ھېلىقى«يىڭى ئۇسلۇبتىكى سۆزلەردىن بولۇپ قالمىسۇن يەنە» دەپ گۇمان قىلىپ ئۆز ئىرادىسىگىمۇ مۇخالىپ ھالدا بىلمىگەنلىرىگىمۇ باش لېڭشىتىپ «ھە» دەپ ئولتۇرىدۇ. مانا بۇنىڭدىن تەھرىرنىڭ ھۇجۇدىدا كۆرىلىۋاتقان ئۆزىنىڭ قابئىلىتىگە ئىشەنمەسلىك ۋە گۇمانخورلۇقرىن ئىبارەت پىسخىك ئاجىزلىقى كۆزئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ.
«بۇرۇت ماجراسى» ھېكايىسىگە قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭدا بىر بۇرۇتلۇق ئادەم بازاردا پىچاق كۆتۈرۈپ ، قالايمىقانچىلىق چىقىرشى بىلەنلا بازار باشلىقى ھەممە بۇرۇتلۇق ئادەمنى يېغىۋالىدۇ. بازار باشلىقىنىڭ سېزىمىنىڭ ئېشىپ كېتىشى بىلەنلا«مەن» تەشۋىشلىنىدۇ ۋە خودۇكسىرەش كىسلىگە گىرىپتار بولىدۇ. «مەن» ۋۈشىدە ئايالىنىڭ ئۆزىنىڭ كونا پوفايكىسىنى چۇۋۇپ، يېڭىدىن توقۇپ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ:« مېنىمۇ چۇۋۇپ قايتا توقۇپ باقساڭ»دەپ يالۋۇرغاندا ئايالى:«-شۇنداق قىلسامغۇ بولاتتى،بىراق، چۇۋۇپلا قويغاندىن كېيىن بەزى ئۈزۈلگەن، بۇزۇلغان يەرلىرىڭىز چىقىدۇ. قايتا توقىغاندا بۇرۇنقىدىن كىچىكلەپ كېتىسىز.» دەيدۇ. «-كېچىكلەپ كەتسەم تېخى ياخشى.سادىغاڭ كېتەي، خوتۇن،مېنى ھازىرلا چۇۋۇپ، تاڭ ئاتقۇچە بۆلەكتىن توقىۋەتسەڭ»دەپ يالۋۇرىدۇ. گەرچە بۇ «مەن»نىڭ چۈشى بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ روھىي دۇنياسدىكى مۇرەككەپ-چىگىش روھىي داۋالغۇشلارنى ئاشكارلايدۇ. «مەن» ئۆزىنىڭ بۇررۇتلۇق ئادەم بولغانلىقىدىن يۈرەكزادە بولۇپ يۇرۇيدۇ. ئۇنىڭچە بولسا، ئۆزىنى قايتىدىن بازار باشلىغىدەك ئادەملەرنىڭ كۆزىچۈشمەيدىغان، ھېچقانداق شامالنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغان قىلىپ ياسىۋالغۇسى بار. بازار باشلىقىنىڭ »سېزىمىنىڭ ئېشىپ كېتىشى» بازار باشلىقى ئۈچۈن چاپلاشقان مەرەز كىسەل بولسا، «مەن» ئۈچۈن زور تەھدىت ۋە خەۋىپ. بۇ ئون نەچچە يېلغا سوزۇلغان «مەدەنىيەت زور ئېنقىلابى»كىشىلەرگە ئېلىپ كەلگەن يۈرەك جاراھىتىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ، ھەرخىل «سولچىل» ۋە «ئوڭچىل» سىياسەتلەر بەزى كىشىلىرىمىزگە خاتىرجەمسىزلىك، تەشۋىش، يۈرەكزادىلىكنى قالدۇرۇپ كەتكەن بولسا، بەزى كىشىلىرىمىزنىڭ سىياسىي سەزگۈرلىگىنى چىنىقتۇرۇپ، ئاخىردا بازار باشلىقىنىڭ« سەزگۈرلىگى ئېشىپ كېتىش»گە ئوخشاش يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
«-مانا مۇشۇ ۋەقەلەر بولۇپ ئۆتكەنگە يىرىم يىلچە بولۇپ قالدى. ئوغلۇم كالپۇكىنىڭ ئۈستىگە ئۆتكەنكىسىدىنمۇ يوغانراق بىر ياقىلىقنى بېكىتىۋالدى. لېكىن، مەن بۇرۇت قويۇشقا پېتىنالماي يۈرىمەن. يەنە بىركېلىشمەسلىك يۇز بېرىپ، بازار باشلىقىنىڭ«سېزىمى ئېشىپ كىسىلى» ئەدەپ قالسا، ئۇنى جا بۇرۇتىنى شاققىدە ئېلىپ، يانچۇقىغا سېلىۋىلىپ، خىيالىغا كەلگەننى قىلمايدۇ دەپ كىم ھۆكۈم قىلالايدۇ؟!» ( بۇرۇت ماجراسى) مانا بۇنى بىزنىڭ رىئال ھاياتىمىزدىكى بىر كۆرۈنۈش دېسەك ئارتۇق كەتمەس. ھازىرقى جەمئىيەتتە مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەر يۇقارقىغا ئوخشاش تەشۋىشلەردىن خالىي ئەمەس. گەرچە بۇ تەشۋىشلەرنىڭ كۆپ قىسمى شۇنچە ئارتۇقچە، شۇنچە بىمەنە، تۇتۇرۇقسىز، ئورۇنسىز بولسىمۇ . بىزنىڭ تەشۋىشلىرىمىزنى يەنىلا مۇشۇ بىنورمال رىئاللىق كەلتۈرۈپ چىقارغاچقا، ئۇنىڭدىن چىققان ئاچچىق ئىس-تۈتەكلەر كىشىلەرنىڭ قاڭشىرىنى ئىچىشتۇرۇپ، كۆزلىرىدىن ياش ئېقىتماقتا.
20-ئەسىردىكى ئىشخانا مەدەنىيتى ئەرلەرنى ۋۇجۇدىدىكى ئەركەكلىك خاراكتېردىن مەھرۇم قىلدى. ئەر ۋە ئاياللارغا بولغان ئىش تەخسىماتىنىڭ ئوخشاش بولىشى، ئەر-ئاياللار ئوتتۇرسىدىكى رۇشەن خاراكتېر پەرقىنى يوق قىلىۋەتتى. ئاياللار ئۆزىدە يوق بولغان قايسەر تەۋەككۈلچىلىكنى تاپالمايدىغان، ياۋايىلىققا سېزىك روھىي دۇنياسىنى قاندۇرالمايدىغان بولۇپ قالدى.
جەمئىيتىمىزدە يۇقىرى ساپالىق، غايىلىك ياشلار كۆپىيىپ بېرىش بىلەن بىرگە يەنە ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان، پۇتۇن زېھنىنى پەن-تېخنىكا ئۆگىنىشكە سەرىپ قىلماي، يەنىلا دېھقانچە پىسخىكا بىلەن 21-ئەسىرنى تەھلىل قىلىدىغان يىرىم-ياتا يېگىتلەرمۇ ئۈزلۈكسىز پەيدا بولماقتا. مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «چار خوراز» ھېكايسىدە بىر ئوبدانلا تۇخۇم تۇغۇپ يۈرگەن بىر چار مېكىيان تۇيۇقسىز تاجىسى تىكلىشىپ، كاكىلاشتىن قىلىپ سوقۇشقاق خورازغا ئايلىنىپ قالىدۇ. كېيىن ئۇنىڭ ئىچىدىن چىققان تۇخۇمنى ئېچىش بىلەنلا، شۇ بازارنى سوراپ كېلىۋاتقان سابىر بايۋەچچە بارغانسىرى ئۇستىخانلىرى ئۆزگىرىپ ئايال كىشىگە ئۆزگىرىپ قالىدۇ ۋە ئىسمىنى سابىرەگە يۆتكەيدۇ. قارماققا بۇ بىر ئەپسانە ئىشلاردەك تۇيغۇ بەرسىمۇ، ئاپتۇر دارىتمىلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق جەمئىيتىمىزدە يۈزبېرىۋاتقان ئاياللىشىش ھادىسىسى ۋە ئەسلىي تەبئىيتىدىن، خاراكتېردىن ياتلىشىشتەك نورمالسىزلىقنى ئېچىپ بەرگەن.
ھازىر جەمئىيتىمىزدە تەۋەككۇل قىلىشتىن قورقىدىغان، تىرىك ۋاختىدا قەبرىسى ئۈچۈن باش قاتۇردىغان، ئۆزرىسقىنى باشقىلارنىڭ ئىتىبارىدىن ئىزدەيدىغان كىشىلەر خىلىلا سالماقنى ئىگەللەيدۇ.
مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ«داپ» ناملىق ھېكايىسىگە قاراب باقايلى!
غولام بايۋەچچە ئۆزىنىڭ يېنىدىكى ئىككى ئادەمنى «مەن» گە تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «-ساڭا تونۇشتۇرۇپ قوياي، مانا بۇ ياق،- دەپ ھېلىقى چىشىنى كوچىلاپ تۇرىدىغانتۇرغان ياشتا چوڭ ئادەمنى كۆرسەتتى،-ئۇ، مىنىڭ بۇرۇنقى خوتۇنۇمنىڭ ھازىرقى يولدىشى بولىدۇ. مانا بۇ ئېنىم،-دەپ ھېلىقى بۇرۇتى يوق، ساقاللىق يېگىتنى كۆرسەتتى،-ئۇ، مېنىڭ ھازىرقى ئاييالىمنىڭ ئاشنىسى بولىدۇ…» بىز ھېكايىنى ئوقۇپ مۇشۇ قۇرلارغا نەزىرىمىز چۈشكەندە دەرزال كۈلكىمىز قىستايدۇ ئارقىدىنلا بىر خىل يىرگىنىپ كېتىمىز.گەرچە ھېكايىدىكى «تونۇشتۇرۇش» سەل چېكىدىن ئاشۇرۋىتىلگەندەك قىلسىمۇ ئەمما ئەتراپىمىزغا تازا زەن سېلىپ قارايدىغان بولساق غولام بايۋەچچىگە ئوخشاش ئەرلەرنىڭ خىلى كۆپىيىپ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ پەس كويغا چۈشۈپ قالىمىز.
بىر چاغلاردا ئات ئۇستىدە جاھان كېزىپ، يىگىتلىك قاراملىقلىرى بىلەن ئەر سانىلىپ كەلگەن بۇ مىللەت كىشىلىرى ئەمدىلىكتە ئاستا-ئاستا ،بىلىپ-بىلمەي ئاياللىق ىاراكتېرنى ئىپادىلەپ قويماقتا.بىر قىسىم ئەرلەر خۇددىي «مومىسى باققان بالىلار»دەك ئەۋرىشىم، نازۇك تەبىئەتلىك بولۇپ كەتتى. ھە ، دېسىلا تۆت سەر ھاراقنى ئېچىۋىلىپ بەللىرىنى تولغاپ ئەرەب ئۇسۇلى ئوينايدىغان ئەرلەر خىلى كۆپەيدى. ئايالىنى كوچىغا چىقىرىپ قويۇپ ئۆزى ئۆيدە ئېچىپ ئولتۇرۇپ،خوتۇنى تاپقاننى يەپ كۈن ئۆتكۈزدىغان بىلى بوشلار خېلى كۆپ. مانا بۇ، ئەرلىك خاراكتېردىن يىراقلاشقاندىكى بىچارە قىسمەت.
«-ئۆيلەنگەنمىدىڭ؟- دەپ سورىدىم مەن گەپ ئارسىدا غولام بايۋەچچىدىن.
– ھە، ئۈرۈمچىگە كېلىپلا ئۆيلىنىۋالغان –دېدى ئۇ.
– ھازىرقى ئايالىڭ بىلەن قانداقراق؟
– قالتىس كۆڭۈللۈك ئۆتىۋاتىمىز. ناھايىتى سەۋيەلىك ئايال. ئۇمۇ مېنىڭ شەخسىي ئىشىمغا ئارلاشمايدۇ، مەنمۇ ئۇنىڭكىگە…» غولام بايەچچىنىڭ نەزىرىدە ئەر-ئاياللار بىر-بىرىنىڭ شەخسىي ئىشىغا ئارلاشمىسا ئايال سەۋىيەلىك، ئۆزى ئىلمىي ئەر سانىلىدىكەن. يۇقارقى جايلارنى كۆرگىنىمىزدە «جاھان نېمە بولۇپ كېتىۋاتىدۇ؟!» دېمەي تۇرالمايمىز. ئىچىمىزدە غولام بايۋەچچىگە لەنەت ئوقۇيمىز. شۇنداق، يېقىنقى بىر نەچچە يىل مابەينىدە «توغرا چۈشىنىڭ»دېگەن گەپ بىزگە شۇنچىلىك ئۆزلىشىپ كەتتىكى، بۇ نۇرغۇن يىگىتلەرنى، ھەر-ھەر «مانا مەن» دەپ مەيدىسىگە مۇشتلىغان ئەرلەرنى يېقىتتى. توغرا چۈشەنگەن ئەرلەر «ئىلمىي» سانىلىپ ، شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن سىرلار شۇپېتى قىلىۋەردى. ئالداش-ئالدىنىشتىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتلەر ئەرلەرنى ئېغىز ئاچالماس، يۇۋاش-يۇمشاق ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويدى. مانا بۇنىڭ ئۆزىمۇ ئەرلەرنىڭ ئەسلىي تەبئىيتىدىن يىراقلاشقاندىكى بىنورمال پىسخىكىسىنىڭ نەتىجىسى، خالاس.
مەمتىمىن ھوشۇر «چار خوراز»،«ئالتۇن چىشلىق ئىت»،«داپ» قاتارلىق ھېكايىلىرىدە ئەنە شۇنداق دارىتمىلاش، بىمەنىلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللۇنۇپ كىشىلەرنىڭ پىسخىكىسىدا كۆرۈلىۋاتقان ئەسلىي تەبئىيتىدىن يىراقلىشىش، خاراكتېر خاسلىقىدىن ئايرىلىپ قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئېچىنىشلىق پاجىئەلەرنى يورۇتۇپ كۆرسەتكەن.
دۇنيا تېخى ئېلىكىتىرۇن-ئۇچۇر دەۋرىدىن ھالقىپ كېتەلمىدى. ئۇ يەنىلا ئىنسان ئەقلى ئالدىدا تېخى گۈدەك، شۇنداق بولغانىكەن يەنىلا ئۇنى تونۇش، بايقاش، بويسۇندۇرۇشقا كىچككەن بولمايمىز. گەپ مۇشۇ دەۋرنى بايقاش ئۈچۈن قۇراللانغان سەگەك كاللا، ئويغاق ، سەگەك كىشىلىرىمىز يوق ئەمەس. ئەپسۇسكى، ئۇلار ھەسەتخورلۇق، ئىزا-ئاھانەت، زىيانكەشلىك، چىقىم ۋە خورلۇققا ئەڭ كۆپ ئۇچرىغۇچىلاردۇر. شۇنداقتىمۇ ئۇلار بەك بەرداشلىق، كۆتۈرۈشلۈك، قىيىداشتىن خالىي، مىللەت ئېڭىنىڭ يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ھەممىنى بىلىپ، چۈشىنىپ تۇرىدۇ. بۇ روھىيەت ئەزىمەتلىرى غەپلەتكە بوي بەرمىگەنلىگى ئۈچۈنلا چېكىدىغان قايغۇ-ھەسرىتى ھەممە ئادەمدىن تولا. بىراق، بۇ ھەرگخزمۇ ئۇلارنىڭ شەخسىي ئازابى بولماستىن بۇ بىر ئەلنىڭ، شۇ خەلىقنىڭ ئازابىدۇر.
جەمئىيتىمىزگە نەزەر تاشلايدىغان بولساق، نام-ئاتىقى چىققان كىشىلەرنىڭ ئارقىدىن قەدەمدە سۆز-چۆچەك توقۇلۇپ تۇرىدۇ. بىز ھەرگىزمۇ ئالىملىرىمىزنىڭ، سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ، تۆھپىكارلىرىمىزنىڭ ئۇتۇقلىرىغا «ۋاي» دەپ ئېغىزدىن-ئېغىزغا تارقىتىپ خۇشال بولۇپ كېتەلمەيمىز. ئەمما، ئۇلارنىڭ بىرەر پىشكەللىككە يولۇققان ( يالغان ياكى راست بولسۇن) خەۋرىنى ناھايىتى تېزلىكتە ئاڭلايمىز ۋە ئۇنى تېز سۈرئەتتە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغىچە خەۋەردار قىلىمىز. بىزنىڭ شۇ ناچار خۇي-پەيلىمىز تۈپەيلى ئىستىلى ناچار بولمىغان يازغۇچى-ئەدىبلىرىمىز،ئۆلمىگەن،ساراڭ بولمىغان سەنئەتچىلىرىمى، ناخشىچىلىرىمىز قالمىدى. رىياسەتچىلىرىمىز جىنايەتچى، ئارتىسلىرىمىز روھىي كىسەل بولۇپ قالغان قاتارغا چىقتى. «ھېكمەت كۆپ قايدا، قايغۇ مۇ كۆپ بولىدۇ» دەپ جالالىدىن رۇمى ناھايىتى توغرا ئېيتقانىكەن. نۇرغۇن-نۇرغۇن ئالىملىرىمىز ئۆمىرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىمۇ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ زەھەرخەندە ئوقياسىنىڭ نىشانى بولدى. يامان سۆز-چۆچەك، پىتنە-پاساتلارنىڭ كاساپىتىدىن خېلى داڭقى چىققان ھەم چىقىۋاتقان كىشىلىرىمىزنىڭ ئوبرازىغا نوخسان يېتىۋاتىدۇ. لېكىن بىز مۇشۇ ئۆسەك سۆزلەرنى تارقىتىپ باشقىلارنى ئىشەندۈرەلىگەنلىگىمىز ئۈچۈن تولىمۇخۇشال. مانا بۇ بىزدىكى توسۇپمۇ، توسۇپ قالالمايدىغان پىسخىك نورمالسىزلىقتۇر.
«ئۇخلىماي چۈش كۆرگۈچىلەر باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۆز خىياللىرىنى يوشۇرىدۇ. چۈنكى، بۇ خىياللار ئەقىلگە سىغمىغاچقا ھەمدە ئەخلاقسىز بولغاچقا ئۇلار خېجىل بولىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنى بىزگە ئېيتىپ بەرگەن بىلەنمۇ بىز ئانچە خۇش بولۇپ كەتمەيمىز. لېكىن بىر يازغۇچى ئۆزىنىڭ ئۇخلىماي كۆرگەن چۈشلىرىنى ئۆز ئەسىرى ئارقىلىق بىزگە ئېيتىپ بەرسە، بىز زور خۇشاللىق ھېس قىلىمىز. يازغۇچىنىڭ ۋەزىپىسى دەل ئىجادىيەت ۋاستىسى ئارقىلىق بىزنىڭ قەلبىمىزدىكى يىرگىنىش تۇيغۇسىنى، ئۇخلىماي كۆرگگن چۈشلىرىنى نىقاپلاپ ۋە ئۇنىڭ خاراكتېرنى ئاجىزلاشتۇرۇپ بىزگە گۈزەللىك ۋە شادلىق ئاتا قىلىشتىن ئىبارەت.» (فىرېئود)*
يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر «ئويغاق تۇرۇپ كۆرگەن چۈشلەر»نامىلق ھېكايىسىدە بۇ نوقتىنى ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن يورۇتۇپ بەرگەن. ئەسەردە «مەن»يولدا كېتىۋىتىپ ئۇشتۇمتىت بىر مەستىنىڭ مۇشتىنى يەۋالىدۇ ۋە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ ئۇخلىمايلا چۈش كۆرىدىغان ، چۈشى بىلەن خىيالىنى ئايرىيالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۇخلىماي چۈشەيدىغىنى پۇل،خوتۇن،ئىسىل ماشىنا. ئۇ ئەتىدىن كەچكىچە ھېچ ئىش قىلماي«قاچان شۇ ئىسىل ماشىنا، شۇ 100مىڭ يۇەن پۇل ۋە ھېلىقى پۇلدار سەتەڭ خوتۇن ئۇچراپ قالار» دەپ يولدا ھەممىگە نەزەر تاشلاپ ماڭىدۇ. ئۇنىڭ نەزىرىدە بۇنىڭ ھەممىسى رىئاللىقتەك تۇيۇلغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە رىئاللىق دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ كاللىسى توقۇنۇش بىلەنلا تولۇپ كېتىدۇ. بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۇ يەنە كوچىدا ئۆزى مۇشىت يەۋالغان مەسىتىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا غەزەپ بىلەن بىركاللا قويىدۇ-دە، شۇندىن تارتىپ ئۇنداق ئويغاق تۇرۇپ چۈش كۆرمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇ ھېكايىدە خام خىيال ۋە ئۇنىڭ ئىشقا ئاشماسلىغىدىكى توقۇنۇش تولىمۇ مەركەزلىك ئىپادىلەنگەن.
رىئاللىقتىكى تۈرلۈك بېسىم ۋە تاشقى تەسىرلەر بىزنى ھەرۋاقىت ئويلىنىشقا تەپەككۇر قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ. ئەمما بېسىم تېخىمۇ ئىغىرلاپ قارشىلىق كۆرسىتىشكە مادارىمىز قالمىغان چاغلاردا بولسا بىز ھەمىشە شىرىن خىيال ئىلكىدە ئۆزىمىزنى پەرپىلەيمىز. رىئاللىقنىڭ ۋاڭ-چۇڭلىرىدىن بىردەم بولسىمۇ خالىي تۇرىۋالغۇمىز كېلىدۇ.شىرىن چۈش ۋە خىياللار بىزگە دەملىك ئارام بەخىش تۇيغۇسى بېرەلەيدۇ. شۇنىڭ بىز سەزگۈمىز ياخشى دەپ يۈرىۋىرىمىز. بىز بىلىمىز خىيال ۋە چۈش-ئىنسان ئۈچۈن بىردىنبىر تەسەللىي، بىراق، ئەڭ ئەڭ بىچارە ۋە ئەڭ رەھىمسىز تەسەللىي… چۈنكى بىر شىرىن خىيال-بىر پارچە چەكسىز ۋە قۇپقۇرۇق بوشلۇق…ئېسىمىزنى يېغىپ قارايدىغان بولساق،چۇشىمىز،خىيالىمىز شۇنچە لەززەتلىك، تاتلىق بولغىنى بىلەن رىئاللىق ئاچچىق. چۈشىمىزچە خىيالىمىزدا ئېرىشكەن نەرسىلەرگە رىئاللىقتا ئاسانلىقچە ئېرشەلمەيمىز ھەتتا مۇتلەق ئېرشەلمەسلىگىمىز مۈمكىن.
ئەتراپىمىزدا نۇرغۇن كىشىلەر بار ، ھەمىشە خىيال دۇنياسىغا غەرىق بولۇپ ياشايدۇ. قولدىن كەلمەيدىغان ئىشلار ئۇياقتا تۇرسۇن، قولىدىن كېلىدىغان ئىشلارنىمۇ قىلىشنى خالىمايدۇ. ئۇلارنىڭ كۆڭلى ئۇلۇغۋار، كاتتا پىلانلار بىلەن تولۇپ كەتكەن، ئەمما پۇرسەت كۈتۈپ يېتىۋىرىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن خىيال بىلەن رىئاللىق ئوتتۇرسىدا كەسكن زىددىيەت-توقۇنۇش كېلىپ چىقىدۇ-دە، بۇ كىشىلەرنى خۇددىي بىرسى ئاسماندىن يەرگە ئاتقاندەك، كۈندىن-كۈنگە روھىي چۈشۈپ زەئىپلىشىپ كېتىدۇ. مانا مۇشۇنىڭ ئۆزىمۇ نورمال پىسخىكىنىڭ بۇزۇلىشى ھېسابلىنىدۇ.
يازغۇچى دەل يۇقارقىدەك ئىنسان تەئىيتىدىكى نازۇك-ئىچىكە تەرەپلەرگە ئېتىبار بىلەن قاراپ،ئىنچىكە كۈزىتىپ، تەھلىل قىلالىغانلىقى ئۈچۈنلا، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى شۇنچە جانلىق،يېقىشلىق چىققان. ئۇ «ئالتۇن چىشلىق ئىت» ھېكايىسدە بىر مەزگىل ئەۋج ئالغان چەتكە چىقىش قىزغىنلىقى ۋە پۇلنىڭ«ئىتىنى ئادەمگە، ئادەمنى ئىتقا ئايلاندۇرۇپ قويىۋاتقان»خاراكتېردىكى ياتلىشىش ھادىسىسى ئېچىپ بېرىلسە،«داپ»ھېكايىسىدە كىشىلەر ئارسىدىكى مىھىر-مۇھەببەتتىن ئايرىلغان، ئالداش-ئالدىنىشقا تولغان بىنورمال جەمىئىيەت كەيپىياتىنى يۇرۇتۇپ بەرگەن. «چوشقىلارغا بايرام» ھېكايىسىدەجەمئىيەتنىڭ نورمالسىز تەرەپلىرى ۋە بۇ نورمالسىزلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان نورمالسىزلىق ۋە تراگىدىيە ئېچىپ بېرىلگەن.
«بىر مۇنەۋۋەر يازغۇچىنىڭ يېزىققا بولغان ھۆرمىتى ئۇنى قالايمىقان ماھارەت ئوينىتىشتىن ياكى ئادەمنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردىغان بەزى قىلىقلارنى چىقىرىشتىن ساقلايدۇ.»**
مەمتىمىن ھوشۇر دەل مۇشۇ پىرىنسىپقا ئاساسەن يۇقارقى ھېكايىلىرىدە ئارتۇقچە قىلىق چىقىرىپ، كىشىلەرنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۇشنى مەقسەت قىلمىغان. پەقەت ھېكايىلىرىدە بىمەنىلەشتۈرۈش، سىمۋوللاشتۇرۇش قاتارلىق بەدئىي ۋاستىلەرنىڭ ياردىمى ئاستىدا80-يىللاردىن ھازىرغىچە بولغان ئۇيغۇر كىشىلىرىنىڭ روھىي-ھالىتىدە يۈز بېرىۋاتقان ھەرخىل داۋالغۇش ۋە ئۆزگىرىشلەرنى، كۈلكە ئارلاشقان ئاچچىق يېغىلىرىنى، سىرىتقا چىقىرالماي ئىچىدە سېسىپ كېتىۋاتقان، ساغلام روھىيتىنى چىرىتىپ تاشلاۋاتقان يۈرەك زەردابلىرىنى تولىمۇ يېنىك، ئاددىي ۋە يۇمۇرىستىك تۇيغۇلارغا تويۇنغان گۈزەل تىل بىلەن تولىمۇ مۇۋاپىقىيەتلىك يورۇتۇپ بەرگەن.
* فىرېئودنىڭ سۆزى ـ يۇقارقى تاھىر ھامۇت تۈزگەن كىتاب.52-بەت.
** ۋىرگىنىيە ۋولىف سۆزى ـ يۇقارقى تاھىر ھامۇت تۈزگەن كىتاب.143-بەت.
يۇقارقىلاردىن باشقا «مەمتىمىن ھوشۇر ھېكايىلىرىدىن تاللانما(2)»دىن ئاساسلىق پايدىلاندىم