تۆت مەسىلە ھەققىدە تۆت ئېغىز سۆز
مەپكۇرە ئاتالغۇسى ۋە مىللىي مەپكۇرە
مەپكۇرە ئاتالغۇسى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى مورفولوگىيىسىدە تۈردەش ئىسىم (بىر خىلدىكى شەيئىلەردە ئۇرتاق بولغان ئومۇملىقىنى ئىپادىلەيدىغان سۆز) بولۇپ، تۈردەش ئىسىملار كاتېگورىيىسىنىڭ ئېنقلىغۇچى سۆزلەر بىلەن بېرىكىش ئارقىلىق كونكرېت سېماتېك مەنە ئىپادىلەيدىغان تارماق تۈركۈمىگە مەنسۇپ سۆز. مەسىلەن، ۋەتەنپەرۋەرلىك مەپكۇرىسى، مىللەتپەرۋەرلىك مەپكۇرىسى ۋە تەرەققىپەرۋەرلىك مەپكۇرىسى قاتارلىقلار. دېمەك، مەپكۇرە سۆزى پەقەت باشقا سۆز بىلەن بىرىكىپ سۆز بىرىكىمىسى ھاسىل قىلغاندىن كېيىن ئاندىن خاس (ئاتاقلىق) ئىسمغا ئايلىنالايدۇ.
مەپكۇرە ئاتالغۇسى ئىنسانلارنىڭ ئوبيېكتىپ مەۋجۇدىيەتنى تەپەككۇر قىلىش نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ مېڭىسىدە قالدۇرغان ھەر خىل ئىنكاس ۋە مەۋجۇت بولغان ئىجتىمائىيەت ۋە تەبىئەتكە دائىر نەزەرىيىۋى ۋە پەلسەپىۋى چۈشەنچىلەر ھەمدە ھەر خىل سىياسىي ئېقىملارنى ئىپادىلەيدىغان ئىدىيە ئاتالغۇسىنىڭ سىنونىمى (مەنىداش سۆزى) بولۇپ، بىر خىل خۇسۇسىيەتكە ئىگە سۆزلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ كۆرسىتىپ بېرىدىغان تۈردەش ئىسىم بولغاچقا، بۇ سۆزنىڭ ئومۇملاشتۇرىدىغان سۆزلىرىنىڭ دائىرىسىنىڭ چېكى بولىدۇ. يەنى مەپكۇرە سۆزى ئۆزى بىلەن بېرىكىپ بىر خىل ئۆي- پىكىرنى شەكىللەندۈرالايدىغان سۆزلەر بىلەن بېرىكىدۇ، ھەمدە ھاسىل قىلغان سۆز بىرىكمىسى ئارقىلىق ئۆزىگە يۈكلەنگەن كونكرېت سېماتېك مەنىنى ئىپادىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلىدىكى مەپكۈرە ئاتالغۇسى بىر تۈردەش ئىسىم بولغاچقا ھېچقانداق كونكرېت مەنە ئىپادىلىمەي، ئومۇملاشقان ئابستراكت مەنە ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئاتالغۇ «نىيەت، مەقسەت، پىكىر» قاتارلىق مەنىلەرگە ئىگە ئەمەس. 1999- يىلى نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» دا «مەپكۇرە» سۆزگە بەرگەن ئىزاھاتىنى «ئىدىيە» ئاتالغۇسىغا قارالسۇن دېيىلگەن. «ئىدىيە» ئاتالغۇسىغا بېرىلگەن ئىزاھاتنىڭ ② دە «ئىدىيە» ئاتالغۇسىنىڭ «نىيەت، مەقسەت، پىكىر» مەنىسى بار دېيىلگەن. لېكىن ② ئىزاھاتتا سەۋەنلىك يۈز بەرگەن . ئىزاھات ② دە «ئىدىيە» ئاتالغۇسىدا «نىيەت، مەقسەت، پىكىر» قاتارلىق مەنىلەرنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن مىسال «ئىدىيە» ئاتالغۇسىدا «نىيەت، مەقسەت، پىكىر » دىن ئىبارەت سېماتېك مەنىلەرنىڭ بارلىقنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ، چۈنكى كەلتۈرۈلگەن مىسال «تىنچلىقنى ساقلاش ۋە مۇستەھكەملەش ئىدىيىسى» دىن ئىبارەت بۇ سۆز بىرىكىمىسى ئەمەلىيەتتە بىر ئېنىقلىغۇچى – ئېنىقلانغۇچىلىقتىن ئىبارەت بىر گرامماتىكىلىق مۇناسىۋەتتىكى سۆز بىرىكمىىسى بولۇپ، «تىنچلىقنى ساقلاش ۋە مۇستەھكەملەش» سۆز بىرىكمىسى «ئىدىيە» سۆزنى ئېنىقلاپ كەلگەن، يەنى مەزكۈر ئىدىيەنىڭ مەزمۇن دائىرىسىنىڭ «تىنچلىقنى ساقلاش ۋە مۇستەھكەملەش» دىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ (چەكلەپ) كەلگەن، خالاس. ئەمەلىيەتتە «ئىدىيە» ئاتالغۇسىمۇ «مەپكۇرە» ئاتالغۇسىغا ئوخشاش ھېچقانداق كونكرېت سېمانتېك مەنە ئىپادىلىمەيدۇ.
مۇئەييەن بىر مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي توپلۇمىدىكى ھەر قايسى ساھە ۋە گۇرۇھ – گورۇپپىلارغا ئايرىم – ئايرىم تەۋە بولۇدىغان ئىدىيەلەر يەنى مەپكۇرىلەر — دېھقانلار مەپكۇرىسى، قول ھۈنەرۋەنلەر مەپكۇرىسى ۋە مەيدە بۇرژۇئازىيە مەپكۇرىسى … قاتارلىق مەپكۇرىلەر مەۋجۇت بولۇشتىن سىرت، يەنە پۈتۈن بىر مىللەتكە ئورتاق بولغان مىللىي (مىللەت) مەپكۇرىسىمۇ ھەم مەۋجۇت بولىدۇ. مەسىلەن، مىللەتپەرۋەرلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك، مۇستەقللىق، ئازاتلىق، ئەركىنلىك، دېموكراتىيە قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەپكۇرە بولسا پۈتۈن بىر مىللەتكە ئورتاق بولغان مىللىي مەپكۇرىنى شەكىللەندۈرۈدۇ ۋە مىللىي مەپكۇرىنىڭ يادىروسى ھىساپلىنىدۇ. مانا بۇ پۈتۈن مىللەتكە مەنسۇپ ئورتاق مەپكۇرىدۇر. بۇ مىللىي مەپكۇرە دۇنيادىكى ھەممە مىللەتلەردە ئاساسەن ئوخشاش بولغان مەپكۇرە بولۇپ، پەقەت مىللەتنىڭ نامى ئارقىلىق پەرقىلىنپ تۇرىشى بىلەن مىللىي خاسلىققا ئىگە بولىدۇ، خالاس.
ھازىرقى زاماندىكى غەرپ دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ كۆپچىلىكى كۆپ مىللەتلىك مەملىكەتلەر بولسىمۇ، بۇ مەملىكەتلەردە ھەر مىللەت خەلقىگە ئورتاق بولغان مۇلتىمىللىيلىق (كۆپ مىللىيلىق ياكى كۆپ مىللەتلىك multi-national) دۆلەت مەپكۇرىسى — ۋەتەنپەرۋەرلىك، مۇستەقللىق، ئەركىنلىك، دېموكراتىيە، قانۇن ۋە ئورتاق گۈللىنىشتىن ئىبارەت مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئورتاق مەپكۇرىسى مەۋجۇت. مەسىلەن، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى دۇنيادىكى ھەممە مىللەتلەر بار دېگۈدەك بىر مەملىكەت بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ مۇلتىمىللىيلىق دۆلەت مەپكۇرىسى بار. بۇ مەپكۇرە ئامېرىكىدا مۇستەقىللىق خىتاپنامىسى ئېلان قىلىنغان دەۋردىلا مەۋجۇت ئىدى. گەرچە ئامېرىكىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر بىلەن دېموكراتچىلار ئۇتتۇرىسىدا سىياسىي، ئىقتىسادىي قاتارلىق مەسىلىلەردە ھەر زامان كەسكىن تالاش- تارتىشلار مەۋجۇت بولۇپ تۇرسىمۇ، لېكىن ئىككى تەرەپ ھامان ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇلتىمىللىيلىق مەپكۇرىسنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ.
1944-1949- يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازاتلىق ھەرىكىتىدە يەرلىك ھەر مىللەت قاتناشقۇچىلىرىنىڭ مۇلتىمىللىي مەپكۇرىسى – ئازاتلىق، مۇستەقىللىق، ئەركىنلىك ۋە خەلقچىللىق مەپكۇرىسى ئىدى. بۇ مەپكۇرە شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەممە يەرلىك مىللەتلەرنىڭ جۇملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەپكۇرىسىگە ۋەكىللىك قىلاتتى. 1940- يىللاردا مەسئۇت سابرى ۋە ئەيسا يۈسۇپلار تەشۋىق- تەرغىپ قىلغان پانتۈركىزم ۋە پانئىسلامىزم قاتارلىق مەپكۇرىلەر بولسا ھەرگىزمۇ ئازادلىق، مۇستەقىللىق، ئەركىنلىك ۋە خەلقچىللىققا تەشنا بولۇپ تۇرغان ۋە ئەسىرنىڭ 30- يىللرىدىن باشلاپ مۇستەقىللىق ئۈچۈن قوراللىق كۆرەش قىلىپ كەلگەن شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك ھەر مىللەت خەلقىنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي مەپكۇرىسىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. چۈنكى پانتۈركىزم مەپكۇرىسى بولسا بىر قىسىم تۈركىيە بۇرژۇئازلىرىنىڭ ئوسمان ئىمپېرىيسىىنىڭ ئۆتمۇشتىكى شانۇ-شەۋكىتىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش مەقسىتىدە ئوتتۇرغا قۇيغان بىر ئىدېئولوگىيە ئىقىمى بولۇپ، تۇركىي تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان بارلىق خەلقلەرنى تۈركىيە ھۆكۈمرانلىقىغا بويسۇندۇرۇش، تۇركىيە دۆلىتىگە بىرلەشتۈرۈش ئىدىيىسىنى تەرغىپ قىلىدىغان بىر نەزەرىيە؛ ئەمدى پانئىسلامىزم مەپكۇرىسى بولسا ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇسۇلمان مەملىكەتلىرىدە مەيدانغا كەلگەن دىنىي- سىياسىي ئېقىم بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ «بىرلىكى» ۋە خەلىپە رەھبەرلىكىدىكى مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ بىرلىشىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى توغرىسىدىكى ئىدىيە. بۇ مەپكۇرىلەرنى شەرقىي تۈركىستاندا تەشۋىق – تەرغىب قىلىش ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىسان ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرك خەلقلىرىنىڭ تەقدىرىنى تۈركىيە ياكى ئەرەپ خەلىپىلىرىنىڭ قولغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىك بىلەن تەڭ.
مەسئۇت سابرى ۋە ئەيسا يۈسۇپلەر تەشۋىق – تەرغىپ قىلغان «ئىرقىمىز تۈرك، دىنىمىز ئىسلام، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان» شۇئارى پەقەت شۇ دەۋردىكى شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ «كىملىك» كىگە قىسمەن ۋەكىللىك قىلىشى مۇمكىن، لېكىن بۇ شۇئار شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ شۇ دەۋردىكى مىللىي مەپكۇرىسىگە ھەرگىزمۇ ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.
مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ۋە ئىلخان تۆرىلەر بولسا شۇ زامانلاردا شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك خەلقلەر جۈملىدىن تۈركىي خەلقلەر بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلقنىڭ ئومۇمىي مىللىي مەپكۇرىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان شەخسلەر ئىدى. ئۇلار شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك خەلقلەر، جۈملىدىن تۈركىي خەلقلەر بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازادلىقى، مۇستەقىللىقى، ھۆرىيەتلىكى ۋە خەلقچىللىقى ئۈچۈن ئېگىلمەي – سۇنماي جەڭ قىلغان جەڭگىۋار ۋە قەيسەر جەڭچىلەر ئىدى.
ھازىرقى زاماندا دۇنيادىكى ھەر قايسى مىللەتلەر قانۇنلۇق، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك تۈزۈم ئاستىدا ياشاشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان، لېكىن نۆۋەتتە ئۇيغۇر تۈركلىرى فاشسىت خىتاي ھۆكۈمرانلىرى تەرىپىدىن ئۆز زىمىنىدا تارىختىن يوقۇلۇپ كېتىشتىن ئىبارەت مىسلى كۆرۈلمىگەن كۈلپەت ۋە پاجىئەگە دۇچ كېلىۋاتقان ھەمدە ھەر قايسى تۈركىي مىللەتلەرنى ئاساس قىلغان تۈركىي دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتى ۋە ئۆزنىڭ شەخسىي ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قىلىش مەقسىتىىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى بىلەن كارى بولماي، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن «ياخشىچاق» بولىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە ئۆتمۈشتىكى ئوسمان تۈركلىرى ھۆكۈمدارلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى تۇران دۆلىتىنى تىكلەشتىن ئىبارەت ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان قۇرۇق شۇئارنىڭ تەسىرىدە «تۈركچىلىك، تۈرك دۇنياسى بىرلىكى، بۈيۈك تۇران غايىسى» دىن ئىبارەت مەپكۇرىنى تەشۋىق – تەرغىپ قىلىپ يۈرۈشنىڭ نىمە ئەھمىيىتى ۋە ھاجىتى بار؟!
تارىختا ئۆتكەن ھون ئىمپېرىيسى، موڭغۇل ئىمپېرىيسى ۋە ئوسمان ئىمپېرىيىسى قاتارلىق تۇران ئىمپېرىيەلىرى باشقا قەبىلە، مىللەت ۋە دۆلەتلەرنى مۇستەملىكە قىلىش ئاساسىدا قۇرۇلغان ئىمپېرىيەلەر بولغاچقا، ئاخىرى كېلىپ ھەر قايسى مۇستەملىكە مەملىكەتلەردىكى ھەر تۈرلۈك سىياسى ۋە ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ نەتىجىسىدە گۈمران بولغان.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مىللىتى تارىختىكى ئۆزىنىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىق سەپىرىنى ئاياقلاشتۇرۇپ، دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەر بىلەن تەڭ تۇرۇدىغان، ئۆزىنىڭ پارلاق مەدەنىيىتى ۋە ئۇزاق تارىخىغا ئىگە ھەمدە مىللەت ئىستىقبالى ئۆز قولىدىكى مۇستەقىل بىر مىللەت. ئۇيغۇر مىللىتى باشقا تۈركىي مىللەتلەر بىلەن ئېتنىك جەھەتتىن قانداش – ئۇرۇقداش – نەسىلداش بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ مىللەتلەر بىلەن مەڭگۈ قىرىنداشلىق مۇناسىۋەتنى ساقلىشى لازىم، ئەلۋەتتە. لېكىن، سىياسىي تەقدىرى ۋە ئىقبالى ئۆز قولىدىكى بىر مۇستەقىل مىللەت!
قىسقىسى، مۇئەييەن بىر مىللەتنىڭ مىللىي مەپكۇرىسى ياكى كۆپ مىللەتلىك مۇلتىمىللىي مەپكۇرىسى مەزكۈر مىللەت توپلۇمىدىكى ياكى كۆپ مىللەتلىك توپلۇمىدىكى خەلقنىڭ تاشقى دۈشمەنلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرگە قارشى تۇرۇش، مىللەت (كۆپ مىللەت) ئۇچرىغان ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار ھەمدە تەبىئىي ئاپەتلەرنى يېڭىش … قاتارلىقلار تەبىئىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ھادىسىلەرنى باشتىن كەچۈرۈش جەريانىدا يېتىشپ چىقىدىغان بىر ئابستراكت ئۇقۇم. ئۇ ھەرگىزمۇ ئارختېكتورنىڭ ئىشخانىسىدە ئولتۇرۇپ سىزىدىغان قۇرۇلۇش چېرتيوژى ئەمەس.
ئۇيغۇر ئەدىبى تىلىنىڭ يېڭى «ئىملا قائىدىسى» نى قانداق تونۇش مەسىلىسى
ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ئۆز بېشىدىن ئۇزۇن تارىخىي دەۋرلەر ۋە نۇرغۇن ئىسسىق – سوغۇق كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈپ، بۇگۈنكى تەرەقىيات باسقۇچىغا كەلگەن ھەمدە ئۇيغۇر خەلقنىڭ ئورتاق ئىشلىتىدىغان ئەدەبىي تىلى بولۇپ شەكىللەنگەن تىل.
1952- يىلى ئاتالمىش شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ 10- سانلىق ئەزالار مەجلىسىنىڭ قارارى بىلەن ئاتالمىش «شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل – يېزىقىنى تەتقىق قىلىپ ئىسلاھ قىلىش ھەيئىتى» تەسىس قىلىنغاندىن تارتىپ تا 1985- يىل ئاتالمىش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل- يېزىق خىزمىتى كومتېتى تەرىپىدىن «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى» ۋە «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى» تۈزۈلگەنگە قەدەر، تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىل- يېزىقىدا – ئېلىپبە، ئىملا ۋە گرامماتىكا بولۇپمۇ سىنگارمونىزم (تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش) قانۇنىيەتلىرى جەھەتلەردە كۆپلىگەن ئۆزگۈرۈشلەر يۈز بەردى. ئاخىرقى قېتىم تۈزۈلگەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس بولغان مەركىزىي دىئالېكتنىڭ نورمىلىرى ئاساسىدا، ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ يېتەكچى تەلەپپۇزى بولغان ئۇرۇمچى تەلەپپۇزى ئاساسىدا تەسۋىرىي تىلشۇناسلىق مېتودى بىلەن تۈزۈلگەن. «ئىملا قائىدىسى» دە ئۇيغۇر تىلىنىڭ سىنگارمونىزم قانۇنىيەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھازىرقى زاماندىكى ئومۇميۈزلۈك يۈزلىنىش ئەمەلىي ھالىتىنى ئاساس قىلغان. «ئىملا لۇغىتى» گە كىرگۈزۈلگەن تۈپ سۆزلەر ئاساسەن مورفولوگىيىلىك پرىنسىپ بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغان. «ئىملا لۇغىتى» دا تۈپ سۆزلەرنىڭ يېزىلىشىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ جانلىق تىلىدا سۆزلەر قانداق تەلەپپۇز قىلىنسا، يېزىقتا شۇنداق يازىدىغان ئەنئەنىۋى پرىنسىپ – فونېتىك پرىنسىپ رەت قىلىنىپ، مورفولوگىيىلىك پرىنسىپ قوللانغانلىقى نەتىجىسىدە بەزى سۆزلەرنىڭ جانلىق تىلدىكى تەلەپپۇزى بىلەن يېزىقتا يېزىلىشدا پەرقلەر مەۋجۇت بولۇپ قالدى. مەسىلەن، «دېخان – دېھقان، خۇشنا – قۇشنا، مەخسەت – مەقسەت» قاتالىقلار.
ئۇيغۇر تىلىدىكى بەلگىلىك مىقداردىكى سۆزلەرنىڭ ئەسلىدىكى يېزىلىشى ياكى ئوقۇلۇشىنى كۆزلەپ، ئۇيغۇر تىلى ئىملاسىدا مورفولوگىيىلىك پرىنسىپنى ئەنئەنىۋى پرىنسىپ – فونېتىك پرىنسىپنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنىڭ قانچىلىك ئىلمىي ۋە ئەمەلىي ئەھمىيىتى بار – يوقلىقىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىگەن ھالدا تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە بولسىمۇ، لېكىن قانداقلا بولمىسۇن، ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى نىسپەتەن قىلىپلىشىپ ھازىرقى ھالىتىگە كەلدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ يېڭى تۈزۈلگەن ئىملا قائىدىسى بۇيىچە كىتاب – ژورناللار نەشر قىلىندى. بارلىق ئاغزاكى ۋە يازما تەشۋىق – تەرغىبلەر شۇ ئىملا قائىدىسى بۇيىچە ئىشلەندى ۋە مەكتەپ دەرسلىكلىرى شۇ ئىملا قائىدىسى بۇيىچە تۈزۇلدى. ئىككى ئەۋلاد بالىلار شۇ ئىملا قائىدىسى بۇيىچە تەربىيەلەندى. ئۇيغۇرلاردا بۇ يېڭى «ئىملا قائىدىسى» بويىچە سۆزلەش ئاساسەن ئومۇملاشتى. بۇ «ئىملا قائىدىسى» ئۇيغۇر خەلقىنىڭ جانلىق تىلدىكى ئۆزئارا ئالاقە قىلىشى، ئۆزىنىڭ شەخسى ئوي – پىكىرنى (ئىدىيەسنى) ئىپادىلەشى ۋە تىل – يېزىق بولىدىغان ئىشىلىرىغا ھېچقانداق تەسىر يەتكۈزمىدى، بەلكى ئالغا سۈردى. يەنى بۇ «ئىملا قائىدىسى» ئۇيغۇر تىل جەمئىيىتىدىكلەرنىڭ تىلنىڭ تاۋۇشلۇق ئالاقىلىشىشتىن ئىبارەت ئەڭ مۇھىم ۋە تۈپكى فۇنكسىيىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە توسقۇن بولمىدى. شۇنى ئېنىق مۇقۇملاشتۇرۇش لازىمكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىچكى تەرەققىيات قانۇنىيەتلىرى مەۋجۇت. بۇ تىل شۇ قانۇنىيەتلەر بويىچە تەرەققى قىلىپ تېخمۇ مۇكەممەلىشىدۇ. ھازىرقى زاماندا بۇ تىل ھەرگىزمۇ باشقا تۈركىي تىللارنىڭ قانۇنىيەتلىرى بۇيىچە تەرەققى قىلمايدۇ.
تىلنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋە تۈپكى فونكىسسىيىسى تىل جەمىئىيىتىدە كىشلەرنىڭ ئۆزئارا تاۋۇشلىق ئالاقىلىشىش ۋاسىتىسى ۋە ئۆزىنىڭ شەخسى ئوي – پىكىرنى (ئىدىيەسنى) ئىپادىلەشتىن ئىبارەت. ئىنسانىيەت تارىخىدا جانلىق تىلدا توساتتىن «چوڭ ئۆزگىرىش» («ئىنقىلاب») سادىر بولۇپ باققان ئەمەس. مۇبادا جانلىق تىلدا «چوڭ ئۆزگىرىش» سادىر بولۇپ قالغان بولسا، تىل جەمىئىيىتىدىكلەر «گاچا» بولۇپ قالغان بولاتتى. جانلىق تىلدا ئۆزگىرىش بولۇشى مۇقەررەر، لېكىن ئۆزگىرىش ئاستا – ئاستا يۈز بېرىدۇ.
نۆۋەتتە شەرقى تۈركىستاندا ئۇيغۇر خەلقى فاشىست خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراپ، يەر يۈزىدىن يوقۇلۇش گىردابىغا كېلىپ قالغان، مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىل- يېزىقىنى ئىشلىتىش چەكلەنگەن، يەنە ئۇزۇن بولمىغان كەلگۈسىدە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىمۇ ئۇيغۇر تىل – يېزىقى چەكلىنش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بىر ئېغىر ۋەزىيەتتە ۋە چەتئەللەردە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇس سانى ئاران دېگەندە بىر مىليون ئۆپچۆرىسىدە بولغان ئەھۋال ئاستىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىشلىرىنىڭ بىرى بەلكىم پەقەت چەتئەللەردىلا مەۋجۇت بولۇپ قالىدىغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھاياتلىقىنى داۋامىلىق ساقلاپ قىلىشتىن ئىبارەت. شۇڭلاشقا، ئۇيغۇر تىلدا «ئىنقىلاب» قىلىش مەسىلىسىنى باداشقاننى قۇرۇپ ئولتۇرۇپ، دوپپىنى ئالدىغا قويۇپ تەمكىنلىك بىلەن ئەتراپلىق ۋە چوڭقۈر ئويلىشىپ بېقىشقا تېگىشلىك بىر ئىش.
«ئۇيغۇر داۋاسى» بىلەن «ئۇيغۇر مەسىلىسى» نىڭ خاراكتېرلىرى ۋە پەرقلىرى
«ئۇيغۇر داۋاسى» بىلەن «ئۇيغۇر مەسىلىسى» سىياسىي مەسىلە كاتېگورىيىسىگە تەئەللۇق مەسىللەر بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىككى مەسىلە ماھىيەت جەھەتتىن بىر – بىرىدىن پەرقىلىدىغان سىياسىي مەسىلىلەردۇر. «ئۇيغۇر داۋاسى» بولسا شەرقىي تۈركىستانلىق يەرلىك خەلقلەر جۇملىدىن تۈركىي خەلقلەر بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز ئانا ۋەتىنى — شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت بولغان بىر سىياسىي مەسىلە. «ئۇيغۇر مەسىلىسى» بولسا خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك مىللەتلەر جۇملىدىن ئۇيغۇر مىللىتىگە قارىتا يۈرگۈزۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى — ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش مەسىلىسى. شۇڭلاشقا بۇ ئىككى مەسىلىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ. چۈنكى ئىككى مەسىلىنى بىر پۈتۈن مەسىلە قىلىپ، سىياسىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىلغاندا ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى ۋە تەشكىلاتلىرى «ئۇيغۇر مەسىلىسى» نى ھەل قىلىشتا ئۆزلىرى بىلەن بىر سەپتىكى ئىتتىپاقچىلىرى — ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر، كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە دېموكراتىك زاتلارنىڭ قوللاشلىرىدىن ئايرىلىپ قىلىش ئېھتماللىقى توغۇلۇپ قىلىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا بۇ ئىككى مەسىلىدە پەرقلىق ھالدا ئىش – پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ئىنتايىن زۆرۈر.
نۆۋەتتە «ئۇيغۇر داۋاسى» خەلقئارالاشمىدى، بەلكى «ئۇيغۇر مەسىلىسى» خەلقئارالاشتى. «ئۇيغۇر مەسىلىسى» نىڭ خەلقئارالاشقانلىقنى كۆرۈپ «ئۇيغۇر داۋاسى» نى «سىياسىي داۋادىن ئىنسانىي داۋاغا ئايلاندى» دەپ قارالسا توغرا بولمايدۇ. چۈنكى، «ئۇيغۇر داۋا» سىنىڭ سىياسىي ماھىيىتى ئۆزگەرمەيدۇ، يەنىلا «مۇستەقىللىق» تىن ئىبارەت سىياسىي مەسىلە. ئەمدى «ئۇيغۇر مەسىلىسى» نى «ئىنسانىي داۋا» دەپ چۈشەندۈرسىمۇ بولىدىغان مەسىلە. چۈنكى بۇ مەسىلە ئىنسانلارنىڭ ھاياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىدۇر.
ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە خوڭكوڭ مەسىلىسى
بەزىلەر ئا ق ش دۆلەت كونگرېسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ «خوڭكوڭ كىشلىك ھوقۇق ۋە دېموكىراتىيە قانۇن لاھىيەسى» نى تېز تەسىتىقلىنىشنىڭ ھەر خىل سەۋەپلىرىنىڭ بىرىنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىك ئىدىيە سەۋىيەسىنىڭ خوڭكوڭلىقلاردىن تۆۋەن بولغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ. بۇنى ئىككى تەرەپنىڭ نامايىش ئىشتىراكچىلىرىنىڭ سانى ئارقىلىق ئىسپاتلايدۇ. ئەمەلىيەتتە يەتتە مىليون خوڭكوڭ ئاھالىسنىڭ ئىككى مىليونى نامايىشقا قاتناشقان بولسا، چەتئەللەردە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بىر قىسىملىرى تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلى نامايىشقا قاتناشمىغانلاردىن سىرت شارائىتى يار بەرگەنلەرنىڭ ھەممىسىى دېگۈدەك ئالدى – كېيىن نامايىشلارغا قاتنىشىپ كەلدى.
بۇ يەردىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە «دېموكراتىك ئىدىيە سەۋىيە» مەسىلىسى بولماستىن، بەلكى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىرىنىڭ «خوڭكوڭ مەسلىسى» ۋە «ئۇيغۇر مەسىلىسى» گە قارىتا بولغان تونۇش ۋە پوزىتسىيە مەسلىسى.
بىرىنىچىدىن، خوڭكوڭ رايونى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا ئېچىۋەتكەن، مۇخبىرلار ئەركىن كىرىپ – چىقىدىغان، تۇراقلىق ئاھالىلىرىنىڭ ئاخبارات، سۆزلەش ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكلىرى بار بىر رايون بولغاچقا، ئۇ يەردە بولۋاتقان ئىشلار پۈتۈن دۇنياغا ھەر زامان مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ. ئامېرىكا كونگرېسى كېڭەش ۋە ئاۋام پالاتالىرىنىڭ ئەزالىرىنىڭ خوڭكوڭ ۋەزىيىتىدىن ھەر دائىم خەۋەردار بولۇپ تۇرۇش پۇرسىتى مەۋجۇت. ئەمدى، ئاتالمىش «شىنجاڭ» رايونى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق كونترول قىلىنغان، تۇراقلىق ئاھالىلىرى ئاخبارات، سۆزلەش ۋە يېغىلىش ئەركىنلىكلىرىدىن تامامەن مەھرۇم قىلىنغان رايون بولغاچقا بۇ يەردە بولۋاتقان ئىشلار چەتئەلىلىكلەر تۇرماق خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى بارلىق ئاھالىلىرىغا مۇتلەق مەخپىي تۇتىلىدۇ. شۇڭلاشقا خەلقئارا ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى بىلەن ئۇچراشقان بىر قىسىم ئامېرىكا كونگرېس ئەزالىرىدىن باشقىلارنىڭ نۆۋەتتىكى «شىنجاڭ» ۋەزىيىتىدىن خەۋېرى ياكى مەلۇماتى يوق دېيەرلىك. ھاتتا بەزى كونگرېس ئەزالىرى ھازىرقى زاماندا «شىنجاڭ» دېگەن بۇ رايونىدا «جازا لاگىرلىرى» بارلىقىغا ئانچە ئىشىنىپمۇ كەتمەيدۇ.
ئىككىنچىدىن، تۈرلۈك سەۋەپلەر ۋەجىدىن بىر قىسم ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ «جوڭكوڭ مەسىلىسى» ۋە «ئۇيغۇر مەسىلىسى» گە تۇتقان پۇزىتسىيىسىنىڭ ئوخشاس بولماسلىقىدىندۇر. بەلكىم ئۇلار ئۈچۈن «خوڭكوڭ مەسىلىسى» مۇھىم، ئۇيغۇر مەسىلىسى ئانچە مۇھىم بولماسلىق سەۋەبىدىن «خوڭكوڭ مەسىلىسى» گە جىددىي پۇزىتسىيە تۇتقان بولۇشى مۇمكىن.
