مىللىي خاسلىق، مىللىي مەنپەئەت، مىللىي ھوقۇق ۋە مىللىي بىرلىك
ئىدىرىس مەھدى
مۇئەييەن بىر ئېتنىك توپلۇق ياكى بىر مىللەتنىڭ كىملىكى ياكى مەۋجۇدىيەتلىكىنىڭ مەۋجۇتلىقى ۋە داۋاملىشىشىنىڭ ئاساسىي مەزكۇر مىللەتنىڭ مىللىي خاسلىقى (ئىگىدارچىلىقى ياكى تەئەللۇقى) بولىدۇ. بۇ مىللىي خاسلىق مەزكۇر ئېتنىك توپلۇق ياكى مىللەتنىڭ بىئولوگىيىلىك جىسمى، ماكانى، تىل- يېزىقى، ئىدېئولوگىيىسى، مەدەنىيىتى، مىللىي ئىشلەپچقىرىشى، ئىقتسادى ۋە تەبىئىي بايلىقى قاتارلىق كاتېگورىيەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مىللەتنىڭ بۇ خاسلىقى دەخلى-تاجاۋۇز ۋە مۇقەددەستۇر.
مىللىي مەنپەئەت مۇئەييەن بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنىڭ ئاساسىي بولغان مىللىي خاسلىقىنىڭ بۇ مىللەتكە كەلتۈرىدىغان پايدا ۋە قولايلىق شەرت- شارائىتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مەنپەئەت بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقى، تەرەققىي قىلىشى ۋە گۈللىنىشىنىڭ كاپالىتى. بىر مىللەتنىڭ مىللىي خاسلىقى ۋە مەنپەئەتى باشقا بىر مىللەت تەرىپىدىن دەخلى- تاجاۋۇزغا ئۇچرىغاندا تاجاۋۇزچى مىللەت، خاسلىقى ۋە مەنپەئەتى دەخلى- تاجاۋۇزغا ئۇچرىغۇچى مىللەت تەرىپىدىن قاتتىق قارشىلىققا ئۇچرايدۇ. بۇ خىلدىكى مەسىلە تىنچلىق يولى بىلەن ھەل قىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمىسە، ئادەتتە قورال كۈچى بىلەن بىرتەرەپ قىلىنىدۇ.
مىللىي ھوقۇق مۇئەييەن بىر مىللەتنىڭ مىللىي خاسلىقى ۋە مىللىي مەنپەئەتىنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنىڭ قانۇنىي كاپالىتى. بۇ قانۇنلار بىر مىللەتنىڭ مىللىي خاسلىقى ۋە مەنپەئەتى ئاساسىدا يارىتىلغان تەبىئىي قانۇنلار بولغاچقا ھېچقانداق سۈنئىيلىك ئارىلاشمىغان بولىدۇ.
مىللىي بىرلىك، بىر مىللەت ياكى تاشقى تاجاۋۇزچىلىق ياكى سىياسىي بوھران ياكى تەبىئىي ئاپەتلەرگە دۇچ كەلگەندە مىللەتنىڭ بۇ ئەھۋاللارنى يېڭىشى ئۈچۈن، ياكى مىللەتنىڭ مەنپەئەتى ۋە روناق تېپىشى ئۈچۈن، ياكى جاھاندا ئۇ مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن مىللەت ئىچىدىكى سىياسىي پارتىيە- گوروھ ۋە ھەر قايسى تەشكىلاتلار بىرلىكتە قۇرغان بىر ۋاقىتلىق سىياسىي بىرلىك سەپ. بولۇپمۇ بۇ خىل بىرلىك سەپ بىر مىللەت باشقا بىر مىللەتنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا دۇچ كەلگەندە تاجاۋۇزغا ئۇچرىغۇچى مىللەت ئىچىدىكى ھەر قايسى سىياسىي پارتىيە- گوروھ، تەشكىلات ۋە جەمئىيەت-ئۇيۇشمىلارنىڭ ئۆز- ئارا چۈشىنىش ئاساسىدا ھەم ستىخىيلىك ھەم ئاڭلىق ھەم مەقسەتلىك ھالدا شەكىللىنىشى ئىنتايىن مۇھىم.
بۇ بىرلىك سەپ مەزكۇر مىللەتنىڭ ھەر قايسى سىنىپ، ھەر قايسى تەبىقە-قاتلام، ھەر قايسى ساھە ۋە دىني زاتلاردىن تەركىپ تاپقان، ھاكىممۇتلەقلىقتىن خالى بىر دېموكراتىك سىياسىي فرونت. بۇ سىياسىي فرونتتىكى ھەر قايسى سىياسىي كۈچلەر ئورتاق نىشان ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي پروگراممىلىرى بويىچە كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت سىياسىي مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قېلىش ھوقۇقىغا ئىگە.
بۇ بىرلىك سەپتە پەقەت ئۆز- ئارا ماسلىشىشتىن باشقا نەرسە مەۋجۇت ئەمەس. مىللەت دۇچ كېلىدىغان تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي ئاپەتلەر بولۇپمۇ مەزكۇر مىللەتنىڭ ئورتاق تاشقى دۈشمىنى مەۋجۇت بولمىغاندا بۇنداق بىرلىك سەپنىڭمۇ ئانچە ھاجىتى قالمايدۇ. لېكىن مىللەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن بۇنداق بىرلىك سەپنىڭ بولۇشى مىللەت ئۈچۈن پايدىلىق.
2020-يىلى 3-ئاپرېل
