You Are Here: Home » ۋەزىيەت ئانالىزى » تۈركىيە – خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ مىسالى سۈپىتىدە سىپروس مەسىلىسى

تۈركىيە – خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ مىسالى سۈپىتىدە سىپروس مەسىلىسى

ئاپتۇرى: قادىر تەمىز

ئىنگىلىزچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن ئابدىقەييۇم جېلىل

قىسقىچە مەزمۇنى بۇ ماقالە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئەسەرلىرىدىكى خىتاينىڭ قەد كۆتۈرۈشى توغرىسىدىكى بەس – مۇنازىرە رامكىسى ئىچىدە، خىتاي – تۈركىيە مۇناسىۋىتى ۋە سىپروس مەسىلىسىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، خىتاينىڭ تاشقى سىياسىتىنى تەھلىل قىلىدۇ. خىتاينىڭ قەد كۆتۈرۈشى توغرىسىدىكى نەزەرىيەۋى تالاش – تارتىشلارنىڭ ئاساسلىق نۇقسانلىرى شۇكى، خىتاينىڭ دۆلەت كۈچى، تاشقى سىياسىتى ۋە خەلقئارا كىرىزىستىكى دىپلوماتىك مەيدانىنى تەكشۈرگەن ۋاقتىمىزدا، ئۇلارنىڭ (خىتايلارنىڭ) تەمىنلىگەن كونكرېت دەلىل – ئىسپاتىنىڭ كەمچىل بۇلىشدۇر. شۇڭا، بۇ ماقالە سىپروس مەسىلىسىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ تۈركىيەگە قاراتقان دىپلوماتىيە سىياسىتىنى كونكرېت ئاساس بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەد قىلىدۇ.

مۇقەددىمە

بۇ ماقالە خەلقئارا مۇناسىۋەت ھۆججەتلىرىدە خىتاينىڭ قەد كۆتۈرۈشى توغرىسىدىكى بەس – مۇنازىرە رامكىسى ئىچىدە، خىتاي – تۈركىيە مۇناسىۋىتى ۋە سىپروس مەسىلىسىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، خىتاينىڭ تاشقى سىياسىتىنى تەھلىل قىلىدۇ. خىتاينىڭ قەد كۆتۈرۈشى توغرىسىدىكى نەزەرىيەۋى تالاش – تارتىشلارنىڭ ئاساسلىق نۇقسانلىرى شۇكى، خىتاينىڭ دۆلەت كۈچى، تاشقى سىياسىتى ۋە خەلقئارا كىرىزىستىكى دىپلوماتىك مەيدانىنى تەكشۈرگەن ۋاقتىمىزدا، ئۇلارنىڭ (خىتايلارنىڭ) تەمىنلىگەن كونكرېت دەلىل – ئىسپاتىنىڭ كەمچىل بۇلىشدۇر.

شۇڭا، بۇ ماقالە 2001 – يىلىدىن 2011 – يىلىغىچە بولغان سىپروس مەسىلىسىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ تۈركىيەگە قاراتقان دىپلوماتىيە سىياسىتىنى كونكرېت ئاساس بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەد قىلىدۇ.

مەلۇم بىر دەۋرنى تاللاپ بۇ ماقالىنىڭ تېمىسىنى مۇھاكىمە قىلىشنىڭ نۇرغۇن سەۋەبلىرى بار.

بىرىنچىدىن، 2001 – يىلى ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن 11-سىنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە سەۋەپچى بولدى. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن ئامرىكا يېتەكچىلىكىدىكى خەلقئارا تەرتىپ 2003 – يىلى ئامرىكىنىڭ بىر تەرەپلىملەرچە ئىراقتىكى ھەربىي ئىشلارغا ئارىلىشىشى سەۋەبىدىن قالايمىقانلىشىپ كەتتى. بۇ ھادىسە يەنە باشقا دۆلەتلەرنىڭ رايون ۋە يەر شارى خارەكتىرلىك مۇناسىۋىتىنى تەڭشىشىگە تۈرتكە بولدى، خىتاي-تۈركىيە مۇناسىۋىتى بۇنىڭ ناھايىتى ياخشى مىسالىدۇر.

ئەمەلىيەتتە 1990 -يىللىرى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىش ئىككى دۆلەت ئارىسدىكى ئىككىلىك مۇناسىۋىتىنىڭ ھەقىقىي باشلىنىشى بولغان ئىدى. ئەينى يىللىرى (خىتايغا ئېلىپ بېرىلغان) دىپلوماتىيە زىيارىتىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، تۈركىيە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا يىڭى سىياسىي كەيپىيات پەيدا قىلىپ، رايۇندا ئۆز رولىنى كۈچەيتمەكچى بولغان ئىدى.

2011-يىلىنى تاللىشىمىزدىكى سەۋەب بولسا، شۇ يىللىرى ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىي قىلپ بېرىشىدۇر. ئەرەب باھارى بۇ رايوننىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى بارلىق مۇھاكىمىلىرىگە تەسىر كۆرسەتتى، دەل شۇ پەيتلەردە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ لىۋىيەگە مۇداخلە قىلىشى رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئەرەب باھارى مەزگىلىدىكى دىپلوماتىيە مەيدانىدا ئالەمشۇمۇل بۇرۇلۇش ھاسىل قىلدى.

بۇ ماقالە جەمئىي ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ.

بىرىنچى قىسمىدا خىتاي بىلەن تۈركىيەنىڭ مۇناسىۋىتى تەھلىل قىلىنىپ، خىتاينىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ساھەدىكى ئاساسلىق مەنپەئەتى چۈشەندۈرۈلىدۇ.

ئىككىنچى قىسمىدا خىتاينىڭ 2001 – يىلىدىن 2011 – يىلىغىچە بولغان سىپروس مەسىلىسىدىكى سىياسىي دىپلوماتىيە مەيدانى تەھلىل قىلىنىدۇ.

ئۈچىنجى قىسىمدا خىتاينىڭ سىپرۇسقا ئارىلىشىش مەسىلىسى ۋە شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىز مەسىلىسى توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك باھالاش ئېلىپ بېرىلدۇ.

خىتاي – تۈركىيە مۇناسىۋىتى خىتايلار بىلەن خىتاي دۆلىتىنىڭ يەرلىك چېگراسىدىكى مىللەتلەرنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئالاقىسىدىن باشلانغان. بۇ يەردىكى تالاش – تارتىش شۇكى، خىتايشۇناس توڭئەننىڭ قارىشى بۇيىچە خىتايلار ۋە قەدىمكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئاساسىي تارىخىي ماتېرىياللىرىنى 7 – ئەسىرگىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئەمما خىتاي – تۈركىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسلىق تارىخىي تالاش – تارتىشلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويشىمىز، بەلكىم ھازىرقى مۇناسىۋەتلىرىنى چۈشىنىشكە ياردەمدە بولۇشى مۇمكىن. خىتاي – تۈركىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخىي يولى ئورتاق كەچۈرمىش ۋە ئاكتىپ تۆھپە قوشۇشقا، بولۇپمۇ يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى ھالەتلەرگە مەركەزلىشىدۇ. 1971 – يىلى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىن ئىلگىرى، خىتاي – تۈركىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخىغا ئىدېئولوگىيە ۋە دىن ئۇقۇمى ئىشلىتىلگەن ئىدى. چۈنكى دەرىجىدىن تاشقىرى ئىككى چوڭ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاتمۇسفىراسى ۋە ئىدېئولوگىيە رىقابىتى بۇ خىل ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەڭ  ئاساسلىق سەۋەب ئىدى. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە، تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشتىكى ئورتاقلىقنى تېپىش ناھايىتى تەس. ئىككى دۆلەت 1971 – يىلى 8 – ئايدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن كېيىن، خىتاي – تۈركىيە مۇناسىۋىتى تەدرىجىي تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان ھەمدە بۈگۈنگىچە داۋاملاشماقتا.

سىياسىي ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر

گەرچە 19 – ئەسىردىكى جاھانگىرلىك، زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە غەربلەشتۈرۈش قاتارلىق ئورتاق تارىخىي جەريانلار ئىككى جەمئىيەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىغا سەۋەب بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ ئىسلاھاتلارغا بولغان ئىنكاسى ۋە تەسىرى ئوخشاش ئەمەس. چىڭ خاندانلىقى بىلەن بۈيۈك ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ يىمىرىلىشى بۇ ئىككى جەمئىيەتكە ئوخشاش تەسىر كۆرسىتىپ، ئىككى ئىمپىرىيەگە ۋارىسلىق قىلغان ئىككى دۆلەتتە (خىتاي-تۈركىيە) غايەت زور سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي داۋالغۇش پەيدا قىلدى.

2006 – يىلى 12 – ئايدا، شۇ چاغدىكى خىتاي باش مېنىستىرى ۋېن جياباۋ بېيجىڭدا سىپرۇس گىرىك تەرىپى پرېزىدېنتى پاپازوپولوس بىلەن سۆھبەتلەشتى.  فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى PETER PARKS

بۇ ئىككى قەدىمىي خاندانلىق يىمىرىلگەندىن كىين، خىتاي جۇمھۇرىيتى (گومىنداڭ)

1912-يىلى خىتاي جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان بولسا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى 1923-يىلى قۇرۇلدى.

جياڭ جيېشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان گومىنداڭ سىياسىيونلىرى تەيۋەنگە قېچىپ كەتكەندىن كېيىن، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئالىي رەھبىرى ماۋ زېدۇڭ 1949-يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككى خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكى ئۇرۇش ۋە ئىچكى سىياسىي كۈرەش خەلقئارا مەسىلىگە ئايلاندى. بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كەلگەن تەيۋەن مەسىلىسى تۈركىيە- خىتاينىڭ پۈتۈن خىتايغا ۋەكىللىك قىلىدىغان قانۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغاندىن بۇيانقى، خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا كۆرۈلگەن تۇنجى سىياسىي مەسىلە ھىساپلىنىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 1950-يىلى تۈركىيەنىڭ شىمالىي كورىيە ئۇرۇشىغا قاتنىشىشى خىتاينىڭ تۈركىيەگە بولغان سەلبىي قارىشىنى كۈچەيتكەن ئىدى. 20-ئەسىرنىڭ 60- يىللىرى تۈركىيەدە غۇلغۇلا قوزغىغان خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىدېئولوگىيە باياناتىدىن باشقا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە سىياسىي ياكى دىپلوماتىيە مۇناسىۋەت يوق ئىدى.

ئۇيغۇر مەسىلىسى خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى يەنە بىر سىياسىي مەسىلە بولۇپ، 50-يىللارنىڭ باشلىرىدا، تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر كۆچمەنلىرىنىڭ تۈركىيەگە كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى شەكىللىنىشكە باشلىغان ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ (بىر قىسىم) سىياسىئون، زىيالىي، ۋە سودىگەرلىرى شەرقىي تۈركىستاندىن تۈركىيەگە كۆچۈپ بېرىپ تۈركىيەدىكى سىياسئون ۋە سودا – سانائەت ساھەسىدىكى كىشىلەر بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە ئورناتقان.

1971 – يىلى ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى خىتايغا قىزغىن سىياسىي ئۇچۇر تارقاتقاندىن كېيىن، تۈركىيە خىتاينى ئېتىراپ قىلدى. خىتاي – ئامېرىكا سۆھبىتى ئەڭ ئاخىرىدا تۈركىيە – خىتاي ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن بىر يېڭى ئاساس بىلەن تەمىنلىدى، ئەسىلىدە شۇنىڭدىن ئالتە يىل ئىلگىرى تۈركىيە ئاللىقاچان بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىشقا باشلىغان ئىدى.

2006 – يىلى 12 – ئايدا، شۇ چاغدىكى خىتاي گوۋۇيۈەنىنىڭ باش مېنىستىرسى ۋېن جياباۋ بېيجىڭدا سىپرۇس گىرىك مىللىتى پرېزىدېنتى پاپازوپولوس بىلەن سۆھبەتلەشتى.  فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى IMAGES PETER PARKS

تۈركىيە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ باشقا سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرتىپ بويىچە بولىدىغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى. ھۆكۈمەت باياناتىدىن باشقا، تۈركىيە پارلامېنتى ۋە ئاساسلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى ئېتىراپ قىلىش مەسىلىسى ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلنغان ئىدى.

تۈركىيە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، تۈركىيە بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى 1972 – يىلى بىر قانچە كېلىشىم ئىمزالىدى، بۇ كېلىشىم سودا كېلىشىمنامىسى، ئۆزئارا كونسۇلخانا قۇرۇش، ئۆلچەملەشتۈرۈش، داۋالاش مەسىلىسى، ساياھەت ۋە ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.

سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى شۇنىڭدەك سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي شارائىت تاكى 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىغا كەلگەندىلا ئاندىن خىتاي- تۈركىيە مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا پۇرسەت يارىتىپ بەردى. (خىتايغا) تۇنجى قېتىملىق يۇقىرى قاتلام دىپلوماتىيە زىيارىتىنى 1982 – يىلى 12 – ئايدا تۈركىيە زۇڭتۇڭى كەنان ئەۋرەن ئېلىپ بارغان ئىدى. ئۈچ يىلدىن كېيىن، خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى لى شيەننيەن تۈركىيەنى زىيارەت قىلىدى. شۇ چاغدىكى تۈركىيە باش مېنىستىرسى تورغۇت ئۆزەل ۋە خىتاي باش مېنىستىرسى جاۋ زىياڭ ئايرىم – ئايرىم ھالدا 1985 – يىلى ۋە 1986 – يىلى دىپلوماتىيە زىيارىتى ئارقىلىق ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىدى. ئەمەلىيەتتە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن 1990-يىللار ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ھەقىقىي باشلىنىشى بولغان ئىدى.1995 – يىلى پىرىزدىنت سۇلايمان دېمىرەل ۋە 1998 – يىلى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئىسمايىل جەم نىڭ دىپلوماتىيە زىيارىتىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، تۈركىيە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا يەنە يېڭى بىر سىياسىي كەيپىيات يارىتىپ، رايۇندا ئۆز رولىنى كۈچەيتمەكچى بولدى. پارىس قولتۇقى ئۇرۇشى دۆلەت ئىچى ۋە رايونلارنىڭ سىياسىي كىرىزىسى ھەمدە تۈركىيەنىڭ تۇراقسىز بىرلەشمە ھۆكۈمىتى سەۋەبىدىن، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن تۈركىيەنىڭ قاتتىق دىپلوماتىيە سىياسىتى توغرىسىدىكى سۆزلىرى 1990 – يىللاردا رېئاللىققا ئايلانمىدى.

ئۇيغۇر مەسىلىسى خىتاي – تۈركىيە مۇناسىۋىتىنىڭ قېيىن ھالقىسى بولۇپ، ھەر زامان ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە ۋە سىياسىي مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىمالى بار.

خىتاي – تۈركىيە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ئەسىر ئالمىشىش پەيتىدە يۇقىرى پەللىگە يەتتى. خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى جياڭ زېمىننىڭ 2000- يىلى 4- ئايدىكى دىپلوماتىيە زىيارىتى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى سىياسىي ۋە ھەربىي مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۈچۈنمۇ يېڭى يول ئېچىپ بەردى. رەئىس جياڭ زېمىننىڭ بۇ قېتىم تۈركىيەگە زىيارەتكە كېلىشىدە ئىككى ئاساسىي مەقسەت بار ئىدى. بىرىنجى، تۈركىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتى ( دۇنيا سودا تەشكىلاتى ) نىڭ ئەزاسى بۇلۇش. ئىككىنچى، ئىككى تەرەپ 1995 – يىلى ئىمزالىغان ھەرىكەت پىلانىنى ئەمىلىيلەشتۈرۈش ئاساسىدا يۈكسەلگەن ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتلىرى بىلەن بىرگە ئىككى دۆلەتنىڭ ھازىرقى مۇناسىۋەتنى ئىلگىرى سۈرۈش. لېكىن، مۇھىمى،ئۇيغۇر مەسىلىسى، ۋە تۈركىيەدە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر دىئاسپۇراسى توغرىسىدا جىياڭ زىمىننىڭ زىيارىتىدىن بۇرۇن خىتاينىڭ تەلىبى ۋە ئىنكاسى تەدرىجىي ئاشقان. خىتاي تەرەپ بۇ قېتىملىق زيارەتتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاشكارا ھالدا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈپ، خەلىقئارا تىرورىزىم ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى ھەمكارلىقنى تەكىتلىگەن.

تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىككى دۆلەت 2001 – يىلىدىن 2011 – يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە، دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى، ئېنېرگىيە بايلىقى ۋە بازار يېتەكچىلىكىنى كۆپ خىللاشتۇرۇشقا تىرىشتى.

مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئوتتۇرا شەرق تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ ھەمكارلىقى ۋە رىقابىتىدىكى مۇھىم رايون بولۇپ قالدى. بۇ بىر مەيدان بايلىق ۋە بازار يۆنىلىشىدىكى نۆللەر يىغىندىسى رىقابەت ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى يېڭىچە مۇناسىۋەت بىلەن تەمىنلەيدىغان  قوش پايدا ئېلىش رىقابىتى ئىدى. بۇ خىل ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە دىپلوماتىيە زىيارىتىدىكى ئورتاق كۆز قاراش نۇقتىسى ئىككى تەرەپنىڭ بۇ خىل رىقابىتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 2001-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە، رەجەپ تايپ ئەردوغان (بىر قېتىم ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى، بىر قېتىم باش مىنىستىر بولۇش سۈپىتى بىلەن)، ئابدۇللا گۈل (بىر قېتىم تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە بىر قېتىم رەئىس بۇلۇش سۈپىتى بىلەن) ۋە ئەھمەد داۋۇت ئوغلى (بىر قېتىم تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن) خىتاينى نى زىيارەت قىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن، 2000-يىلى جياڭ زېمىننىڭ تۈركىيە زىيارىتىدىن كىيىن، خىتاي دۆلەت رەئىسى دەرىجىلىك دىپلوماتىيە زىيارىتىنى قايتا ئېلىپ بارمىدى.

ئۇيغۇر مەسىلىسى خىتاي – تۈركىيە مۇناسىۋىتىنىڭ بوغما ھالىتى بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە ۋە سىياسىي مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. مەسىلەن، 2009-يىلى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى قەتلىئامى، ئۇ بولسا ئۇيغۇر خەلقى بىلەن خىتاي خەۋپسىزلىك قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا بۈگۈنگە قەدەر يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ توقۇنۇش ئىدى، شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇيغۇر مەسىلىسى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن سىياسىي تېما بولۇپ قالدى. شۇ چاغدىكى باش مىنىستىر ئەردوغاننىڭ ۋەزىيەت توغرىسىدا ئېلان قىلغان سۆزىدە، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا تالاش – تارتىش بارلىقى تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىنغان ئىدى. لېكىن، خىتاي باش مېنىستىرسى ۋېن جياباۋنىڭ 2010-يىلى تۈركىيەگە قىلغان ئۈچ كۈنلۈك رەسمىي زىيارىتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئەڭ ئېغىر بولغان ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئۇيغۇر ئىلىنىڭ  جىددىي ۋەزىيىتى بېسىقتى.

ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر

1978 – يىلى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىپ، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتى بېكىنمە ئىگىلىكتىن تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن ئىگىلىككە ئۆزگەردى. بۇ ئىسلاھاتلار ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى بىر خىل يېڭى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەندىزىسىنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، كېيىنكىسىنى كېيىنكى ماۋ دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى يېڭى سىياسىي ۋە ئىقتىساد قابللىرى يولغا قويغان ئىدى. شۇڭا، خىتاي ئىقتىسادى كۆپ خىللىشىشقا باشلىدى. ھەمدە دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن جىپسىلاشتى.

2009 – يىلى 3 – ئايدا، شۇ چاغدىكى شىمالىي سىپروس جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى مەھمەت ئەلىي تەلەت، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا بەش دۆلەتنىڭ باش ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشۈپ، تۈركىيەنىڭ سىپروس سۆھبىتىگە بولغان كۆز قارىشىنى ئورتاقلاشتى. AA PHOTO ھارۇن ئۇچار

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، تۈركىيە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى ئىقتىسادىي ئەندىزىسىنى؛ ئىمپورتنى سانائەتلەشتۈرۈش (ISI)، تېخىمۇ ئەركىن، ئېچىۋېتىلگەن بازار ئىگىلىكىگە ئايلاندۇردى. ئەينى ۋاقىتتا مۇئاۋىن مىنىستىر بولغان تۇرغۇت ئۆزەل بىر قاتار ئىقتىسادىي ئىسلاھات لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، دۆلەت كونتروللۇقىدىكى پىلانلىق ئىگىلىككە قارىغاندا تېخىمۇ ئەركىن بولغان ئىقتىسادىي سىياسەتنى ئوتتۇرىغا قويدى.  ئەمەلىيەتتە، 20-ئەسىرنىڭ 80 يىللىرى خىتايدا دىڭ شىياۋپىڭنىڭ، تۈركىيەدە تۇرغۇت ئۆزەلنىڭ رەھبەرلىكىدە سىرتقا ئىشكنى ئېچىۋىتىش، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ساھەدىكى يەنە بىر ئورتاق تەجرىبىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

1971 – يىلى  تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا 1974 – يىلى ئىمزالانغان بىر تۈرلۈك سودا كىلىشىمىدىن باشقا، ھېچقانداق كەسكىن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت يوق ئىدى. 20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدا، ئىككى دۆلەت ۋاشىنگتوننىڭ ئورتاق تونۇشىنىڭ يېتەكچىلىكىدە يېڭى ئىقتىسادىي يۆنىلىشنى تەرەققىي قىلدۇرغان. گەرچە ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي تۈزۈمى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەقدىرى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ دوستى بولغان تۈركىيە بىلەن مەلۇم نوقتىلاردا كېسىشكەن ئىدى.

90 – يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، خىتاي بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتى ياخشىلىنىشقا باشلىغان ئىدى. شۇ مەزگىلدە، خىتايلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، تۈركىيە سەپلىمە بازار ۋە بايلىققا ئېرىشىش پۇرسىتى ئىدى. تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەسمىي ئەزاسى بولۇشقا تىرىشىۋاتاتتى، لېكىن تۈركىيەنىڭ مۇسۇلمان نوپۇسى كۆپ بولغاچقا، تۈركىيە يەنە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى بىلەن ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت مۇناسىۋىتى بولغاچقا (ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرەلمىدى). بۇنىڭدىن باشقا، تۈركىيە خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان يىراق شەرق رايونىغا قارىتىلغان ئېكسپورتنى كۆپەيتىشنى پىلانلاۋاتاتتى، خىتايمۇ شەرقىي ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ئورنىتىشنىڭ دەرۋازىسى بۇلالايتتى. لېكىن ئىككى خىل ئېكسپورت تىپىدىكى ئىقتىسادىي ئەندىزە رىقابىتىنىڭ نەتىجىسى تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ مەغلۇبىيىتى بولۇپ قالدى. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى شۇكى، تۈركىيەنىڭ ياسىمىچىلىق ۋە تاۋار بازىرى خىتاي بىلەن ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلار بىلەن رىقابەتلىشەلمەيدۇ.

ئۆزەلنىڭ يېڭى ئىقتىسادىي ئەندىزىسى يېتەكچىلىكىدە، يېڭى بازار ۋە يېڭى بايلىق مەنبەلىرىنى ئاچىدىغان تۈركىيە سودىگەرلىرى، 20 – ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىدا خىتاي تاۋارلىرىنى ئىمپورت قىلغۇچى سودىگەرلەرگە ئايلاندى.

گەرچە ئوخشاش ئىككى خىل ئىقتىسادىي ئەندىزىدىكى نىشان ئۆزئارا توقۇنۇشسىمۇ، خىتاي بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتى يەنىلا داۋاملىق تەرەققىي قىلماقتا ئىدى.

قوش قاتلاملىق باج ئېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ساياھەت، سەھىيە، ئىككى تەرەپلىك مەبلەغ، تېخنىكا ھەمكارلىقى ۋە ئېنېرگىيە ئىشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان، 1990 – يىللاردا تۈزۈلگەن بىر قانچە تۈرلۈك كېلىشىملەر ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىقتىساد ۋە سودا مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈردى. يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سىممېترىكسىزلىكى تۈپەيلىدىن، كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان بۇ مۇناسىۋەت خىتايغا پايدىلىق ئىدى.

خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەن شۇ يىلى خىتاي ئىقتىسادىغىلا ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ دۇنيا ئىقتىسادى ۋە سىياسىي ئىشلىرىغا قاتنىشىشى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئىدى.

خىتاينىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان مەبلەغ سېلىش ئىقتىدارى، غايەت زور كاپىتال ئوبوروتى ۋە ئەرزان ئەمگەك كۈچى ئەنە شۇنداق سىممېترىكسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسىي سەۋەبلەر ئىدى. مەسىلەن 1995-يىلى تۈركىيەنىڭ خىتايغا قىلغان ئېكسپورتى %81.1 تۆۋەنلىدى، خىتايدىن كەلگەن ئىمپورتلار 109.1% ئاشتى. 2001 – يىلى خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ بۇ يۈزلىنىشى بارغانسېرى يامانلاشتى.

خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەن شۇ يىلى خىتاي ئىقتىسادىغىلا ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ دۇنيا ئىقتىسادى ۋە سىياسىي ئىشلىرىغا قاتنىشىشى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئىدى. گەرچە تۈركىيە بارلىق تارماقلاردا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي بېسىمىغا ئۇچرىغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، لېكىن بۇ تۈركىيەنىڭ خىتاينىڭ 1مىليارد 300 مىليون نۇپۇسقا ئىگە ئەرزان ئەمگەك كۈچى،  ئەرزان باھالىق خام ئەشيا-ماتېرىياللىرى ۋە ئۇنىڭ غايەت زور بازىرىدىن پايدىلىنىشى ئۈچۈن بىر پۇرسەت ئىدى. لېكىن 2001-يىلىدىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ خىتايغا بولغان چۈشەنچىسى ۋە ئۇچۇرى كەمچىل بولغاچقا، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنالمىدى. بىراق، ئىككى تەرەپ سودىسىدىكى پاسسىپ بالانىس بولغان تارماقلار خىتاينىڭ بۇ ۋەزىيەتتىن پايدىلىنالايدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

ئەمەلىيەتتە، تۈركىيەلا ئەمەس، ئامېرىكا ۋە دۇنيادىكى باشقا ئىقتىسادىي چوڭ دۆلەتلەرمۇ خىتاينىڭ 21 – ئەسىرنىڭ دەسلەپكى ئون يىلىدىكى ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئاساسلىق مەسىلە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ خاراكتېرىگە چېتىلىدۇ. 2011-يىلىنىڭ بېشىدا، تۈركىيە يەنىلا دۇنيادىكى 16-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە ئىدى، لېكىن خىتاي ياپونىيەدىن ئېشىپ ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتتى. بۇ خىتاي – تۈركىيە ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىدىكى يەنە بىر سىممېترىكسىز تەرەپ. شۇڭا، مۇھىمى بۇ مەزگىلدىكى خىتاي – تۈركىيە ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسلىق خىرىس ۋە پۇرسىتلىرىنى تەھلىل قىلىشتۇر.

جەدىۋەل-1: 2011-2001 يىللىرى خىتاي-تۈركىيە سودا پەرق سوممىسى (مىليون ئامېرىكا دوللىرى)

ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلايدىغان ئىككى تەرەپ مېخانىزىمى بار بولسىمۇ، لېكىن كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئىرىشەلمىدى.

بىرىنچى خىرىس ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودا پاسسىپ بالانىسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. مەسىلەن، 1-جەدۋەلدە كۆرسىتىلگەندەك، سودا ئومۇمىي سوممىسى تەخمىنەن 24 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتى ئاران 2 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى. سودا پاسسىپ بالانىسى 2001 – يىلىدىكى 726 مىليون دوللاردىن 2011 – يىلىدا 19 مىليارد دوللارغا يەتتى. ئىككىنچى خىرىس ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش كېلىشىمى ۋە مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىگە رىئايە قىلىش مەجبۇرىيىتى بار، خىتاينىڭ ئۈچىنچى تەرەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي پائالىيىتىدە بۇ بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىش مەجبۇرىيىتى يوق. شۇڭا، مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىش خىتاي – تۈركىيە سودا مۇناسىۋىتىدىكى بىر مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالدى. ئۈچىنچى، ئەرزان ۋە سۈپەتسىز خىتاي تاۋارلىرى تۈركىيە بازىرىغا كىرىپ، بۇ مەزگىلدە تۈركىيە سودىگەرلىرىگە پايدىسىز تەسىر پەيدا قىلدى.

ھالبۇكى، خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىمۇ بەزى پۇرسەتلەر مەۋجۇت، بۇ پۇرسەتلەر ئىككى دۆلەتنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىشى مۇمكىن. يىلماز مۇنداق: «بىر يېڭى يىپەك يولى بىلەن ياۋروپا-ئاسىيانىڭ تۇتىشىشى ئىككى دۆلەتنىڭ يەنە بىر خىل ئىقتىسادىي تورىغا ئايلىنىشى مۇمكىن» دەپ كۆرسەتتى.

گۈللەنگەن يەر شارى پۇل مۇئامىلە بازىرى تەمىنلىگەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىش ئارقىلىق، ياۋرو- ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ شەرق – غەرب ئىككى ئۇچىغا جايلاشقان بۇ ئىككى دۆلەت خىتاي – تۈركىيە «يىپەك يولى» نىڭ يېڭى ئومۇمىي كۆرۈنۈشىدىكى مۇھىم ئورۇنغا قايتىدىن ئېنىقلىما بېرىدۇ.بۇ قەدىمكى رىمنىڭ بازار كۈچىنىڭ ئورنىنى ياۋروپا ئىتتىپاقى، شىيانىڭكىنى بولسا خىتاينىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچلىرى بولغان يايسىمان بېيجىڭ-شاڭخەي ئىگەللىگەن بىر دەۋىر بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

خىتاينىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بېرىۋاتقان ئىقتىسادى يەنە بىر مۇھىم پۇرسەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى چەت ئەل مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇشقا مۇھتاج. خىتاينىڭ تۈركىيەگە سالغان مەبلىغى 2001 – يىلىدىكى 4 مىليون 230 مىڭ دوللاردىن 2011 – يىلىدىكى 406 مىليون 480 مىڭ دوللارغا يەتتى. 26 بۇ تۈرلەر تۈركىيەگە مەبلەغ سالغان خىتاي شىركەتلىرىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئىگە قىلىپ، خىتاي بىلەن بولغان سودا پاسسىپ بالانىسنى تۈگىتىشنى ئەڭ رېئال ئىستىقبالغا ئىگە قىلدى. دىپلوماتىيە جەھەتتىن بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئىقتىساد مىنىستىرلىقى خىتاي بازىرىنى چۈشىنىشتىكى بىر تۈرلۈك يېڭى ئىستراتېگىيە − «ئاسىيا – تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسى» نى ئېلان قىلدى، بۇ ئىستراتېگىيەگە ئاساسەن، 1992 – يىلىلا خىتاي سودىگەرلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، تۈركىيە – خىتاي سودا كېڭىشى قۇرۇلدى. بۇ تاشقى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت كومىتېتى ۋە خىتاي خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى ( CCPIT ) قوزغىغان بىر تۈرلۈك تەشەببۇس ئىدى.مەسىلەن، تۈركىيە ئىقتىساد مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2013-يىلى تۈركىيەدە 36،300 چەت ئەل مەبلەغ سېلىش شىركەتلىرى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 540 خىتاي شىركەتلىرى ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاينىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2011 – يىلى خىتاينىڭ تۈركىيەگە سالغان مەبلەغ ئومۇمىي سوممىسى تەخمىنەن 406 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان، تۈركىيە مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ بارلىق كاپىتال زاپاس مىقدارى تەخمىنەن 114 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان. بۇ مەبلەغ سېلىش سودا پاسسىپ بالانىسنىڭ غايەت زور يوچۇقىنى تولدۇرۇشقا يەتمەيتتى.

1980 – يىلىغا كەلگىچە، خىتاي سىپروس مەسىلىسىگە ئومۇميۈزلۈك دىپلوماتىيە ياكى سىياسىي مەيدان قوللانمىدى، چۈنكى خىتاي ئىلگىرى تالاش – تارتىش بولۇۋاتقان مەسىلىلەردە بىتەرەپ تۇرۇشقا ئۇرۇناتتى.

ئەسكىرىي ۋە خەۋىپسىزلىك مۇناسىۋەتلەر

شىمالىي كورىيە ئۇرۇشى 20 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا خىتاي بىلەن تۈركىيە ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى قېتىملىق قارشىلىشىش بولۇپ، بۇ ھەربىي توقۇنۇشقا تۈركىيەلا ئەمەس، يەنە ئامېرىكا بىلەن ب د ت مۇ قاتناشقان. چاۋشيەن ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق توقۇنۇش ۋە ياكى سۈركۈلۈش يۈز بەرمىدى، ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىي مۇناسىۋىتىدە ئورتاق بىخەتەرلىك تەھدىتى ياكى خەۋىپسزلىككە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرمۇ كۆرۈلمىدى. ھالبۇكى، بولۇپمۇ 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدا، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشى ئۇنى ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى قاتارلىق بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىگە، شۇنداقلا ئوتتۇرا شەرق ۋە يېقىن قوشنىلارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي جەھەتتىكى مۇقىمسىزلىقىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغان قىلىپ قويدى.  تۈركىيە بىلەن خىتاي ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ بىخەتەرلىككە ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى. مەسىلەن، ئافغانىستاندىن لىۋىيەگە قەدەر ھەرىكەتلىرىنى كېڭەيتكەن خەلقئارا تېررورىزم تورى ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق خەۋپسىزلىك مەسىلىسىگە ئايلاندى. ئۇنىڭدىن باشقا، خىتاي ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە تايىنىدىغان ئېنېرگىيە بايلىقىنىڭ تۇراقسىز بولۇش يۈكىنى بارغانسېرى كۆپ ھېس قىلىشقا باشلىدى. بىرىنچى قېتىملىق پارس قولتۇقى ئۇرۇشى (1990-1991-يىللار)، بوسنىيە ئۇرۇشى (1992-1995 يىللار)، ئافغانىستان ئىچكى ئۇرۇشى (1992-1996 يىللار) قاتارلىق يېڭى بىخەتەرلىك تەھدىتلىرى تۈپەيلىدىن، بولۇپمۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن كېيىن، خىتاي بىلەن تۈركىيە ھەربىي ۋە بىخەتەرلىك مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاشقا باشلىدى.

1996 – يىلىدىن 2011 – يىلىغىچە، خىتاي – تۈركىيە ئارمىيەلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز كۆپەيگەن ئىككى تەرەپ ئۆزئارا زىيارەت قىلىش، ھەربىي ئىشلار كېلىشىمى، قاتتىق دېتال ھەمكارلىقى ۋە بىرلەشمە مانىۋېر ئارقىلىق كۈچەيتىلدى. 1996 – يىلى، خىتاي ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى يۈ جېنۋۇ بىلەن تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى ئىسمائىل ھەققى قارا دايى تۇنجى قېتىم ئىككى تەرەپ زىيارىتىنى باشلىدى، ئارقىدىن ئىككى دۆلەت 24 دانە WS-1 راكېتاسى ئۈچۈن قورال – ياراغ سېتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى. بىرىنجى قېتىملىق قورال سېتىۋېلىشتىن كېيىن، تۈركىيە داۋاملىق بىر قانچە خىل ھەربىي قاتتىق دېتاللارنى سېتىۋالدى، بۇ كاسىرگا راكېتاسى، B611/Yerlderim باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئوتتۇرا، قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

گەرچە 2010-يىلى خىتاي-تۈركىيە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق دەرىجىسىگە يەتكەنلىكى رەسمىي جاكارلانغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي-تۈركىيە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى بۇ خىل ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلىمىدى. ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي مۇناسىۋىتى ئاقىلانە ئىستراتېگىيەلىك تاللاشلا ئەمەس، بەلكى زۆرۈردۇر. مەسىلەن، خىتاي تۈركىيەنىڭ ئەسكىرىي، ھەربىي تەمىنات دۆلىتى ئىدى. 2001-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە، خىتاي تۈركىيەگە ئۆتۈنۈپ بەرگەن قورالنىڭ قىممىتى تەخمىنەن 25 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، تۈركىيە بۇ مەزگىلدە سېتىۋالغان قورالنىڭ ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنەن 6 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىدى.

بىرلەشمە مانىۋېر جەھەتتە، 2010-يىلى 10-ئايدا، خىتاي-تۈركىيە ئىككى دۆلەت «ئاناتولىيە بۈركۈتى» بىرلەشمە ھاۋا مانىۋېرى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈردى. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئىسرائىلىيىنىڭ كۆك مارمارا كېمە ئەترىتى كىرىزىسىدا تۈركىيەگە تۇتقان پوزىتسىيەسىگە بېرىلگەن جاۋاب ئىدى. خىتاي بىلەن تۈركىيە مۇشۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ ھەربىي مۇناسىۋىتىدىكى تۇنجى بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزگەن بولدى.

خىتاينىڭ سىپروس مەسىلىسىدىكى سىياسىي ۋە دىپلوماتىيە مەيدانى

سىپروس بىلەن خىتاينىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەتنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋە دىپلوماتىيە ئىشلىرىدا ھېچقانداق ئىختىلاپ يوقلىقىنى كۆرسەتتى. سىپروس ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ تەيۋەن ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قورال – ياراغ ئىمبارگوسى قاتارلىق مۇھىم تالاش – تارتىش مەسىلىسىدىكى تەشەببۇسىنى قوللايدۇ، خىتاي سىپروس مەسىلىسىدە سىپروس گىرىكلىرىنى قوللايدۇ.

20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىغا كەلگىچە، خىتاي سىپرۇس مەسىلىسىدە ئومۇميۈزلۈك دىپلوماتىيە ياكى سىياسىي مەيدان قوللانمىدى، چۈنكى خىتاي تالاش – تارتىش بولۇۋاتقان مەسىلىلەردە بىتەرەپ تۇرۇشقا ئۇرۇناتتى، بىراق، خىتاي جۇمھۇرىيتى (گومىنداڭ) بۇ مەسىلىدە خېلى بالدۇر مەيدان قوللانغان ئىدى. 1971 – يىلىدىن 1981 – يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتاي ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سىپروس مەسىلىسى توغرىسىدىكى 18 قېتىملىق بېلەت تاشلىشىغا قاتناشمىدى، مانا بۇ خىتاينىڭ بىتەرەپ مەيدانىنى ساقلاشتىكى بىر مىسالىدۇر. بۇ پەقەت سىپروس مەسىلىسىگىلا تۇتۇلغان پۇزىتسىيە ئەمەس، چۈنكى خىتاي ئوتتۇرا شەرق ۋە جەنۇبىي ئافرىقا مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 55 ئاۋازغا قاتناشمىغان ئىدى.

خىتاينىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە قاتناشماسلىق ئاساسىي مۇددىئاسى خىتاي جۇمھۇرىيتى (گومىنداڭ) ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتاينىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى ئورنىنى ئىگىلىگەن. خىتاي 1949 – يىلىدىن كېيىن خىتاي جۇمھۇرىيتى(گومىنداڭ) غا ۋارىسلىق قىلمىغاچقا، خىتاي جۇمھۇرىيتى (گومىنداڭ) قارارىغا قارىتا بىۋاسىتە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالىمايدۇ. 1981 – يىلىدىن كېيىن، خىتاي بۇ ئىستراتېگىيەنى ئۆزگەرتىپ، بارلىق بېلەت تاشلاشقا قاتنىشىشقا باشلىدى، لېكىن سىپروس مەسىلىسىدە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ باشقا ئەزالىرى بىلەن ئوخشىمايدىغان بېلەت تاشلىمىدى. خىتاينىڭ دۇنيا ئىقتىسادى ۋە سىياسىيسى بىلەن بىر گەۋدىلىشىش دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشى خەلقئارا توقۇنۇشقا تېخىمۇ كۆپ ئارىلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 2000 – يىللاردا، خىتاي رايون توقۇنۇشىغا ئارىلىشىشنى زور دەرىجىدە كۆپەيتتى. مەسىلەن، 2002 – يىلى 1 – ئايدا، سېپروس دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سوكراتىس خاسىكوس خىتايغا زىيارەتكە كېلىپ، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چى خاۋتيەن بىلەن كۆرۈشتى، بۇ خىتاي – سىپروس ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىككىلىك مۇناسىۋەت ئىدى. زىيارەت مەزگىلىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى پېڭ خىتاينىڭ سىپرۇس مەسىلىسىدىكى دىپلوماتىيە مەيدانىنى بايان قىلىپ، ب د ت ۋە خەلقئارا قانۇننىڭ رولىنى تەكىتلىدى. تۆت ئايدىن كېيىن، خىتاي باش مېنىستىرى جۇ رۇڭجى ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرى تاڭ جياشۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋەكىللەر ئۆمىكى تۈركىيەدە بەش كۈن زىيارەتتە بولدى. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىسمائىل جەم بىلەن ئالاھىدە كۈرۈشۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، تاڭ جىياشۈەن مۇنداق دېدى: ”خىتاي ھۆكۈمىتى سىپروس تۈرك مىللىتى بىلەن گىرىك سىپروس مىللىتىنىڭ بىۋاستە سۆھبەتلىشىشكە باشلىغانلىقىنى خۇشاللىق بىلەن كۆرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار قارارى ئاساسىدا، تىنچلىق سۆھبىتى ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى بالدۇرراق تېپىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ“.

«1971 – يىلىدىن ھازىرغىچە تۈركىيە سىپروس مەسىلىسىدە ئۆزىنىڭ سىياسىي ياكى ئىقتىسادىي ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ خىتايغا تاقابىل تۇرۇشنى ئىزچىل ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلاشمىدى.»

2003 – يىلى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى گۇەن جېڭ سىپروستا رەسمىي زىيارەتتە بولغاندا، خىتاينىڭ سىپروس مەسىلىسىدە سىپروس زۇڭتۇڭى تاسسوس پاپادوپوۋلوسنى قوللايدىغانلىقىنى يەتكۈزدى. 2003 – يىلى 10 – ئايدا، ئەننەن لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن، خىتاينىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بىر ئەزاسى ( بۇ ئىسىم شىنخۇا ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن چىقىرىۋېتىلگەن ) سىپروسنى زىيارەت قىلغاندا، خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ رەسمىي مەيدانىنى يەنە بىر قېتىم چۈشەندۈردى. باياناتتا مۇنداق دىيىلگەن ئىدى : خىتاي خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە سىپروس مەسىلىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.

2004 – يىلى 4 – ئايدا ئاننان پىلانى ئاۋاز بېرىلىشتىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان يەنە بىر پارچە شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ تەھلىل ماقالىسىدە، «تۈركىيە سىپروسقا تاجاۋۇز قىلدى» دېگەن سۆز قوللىنىلغان. ئەمما، ئەننەن پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلۇشتىن تۆت كۈن بۇرۇن، رۇسىيە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنۇلغان بىر تۈرلۈك قارار لايىھەسىنى رەت قىلدى.

2004 – يىلى 4 – ئايدا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى بۇ ھالقىلىق ئاۋاز بېرىشتە، خىتاي سىپروسنىڭ بىرلىككە كېلىشى ۋە ب د ت نىڭ بىخەتەرلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوللاش قارارىنى قوللايدۇ. رۇسىيەنىڭ رەت قىلىشىغا قارىتا، خىتاينىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋاڭ گۇاڭيا مۇنداق دېدى : ”بۇ نەتىجىنى ھېچكىم كۆرۈشنى خالىمايدۇ“. بۇ باياناتقا ئاساسەن، خىتاي بىر تۇتاش ئاۋازغا قويۇشتىن بۇرۇنقى ب د ت خەۋىپسزلىك كېڭىشى ئەزالىرى ئارىسىدىكى سۈركىلىشتىن نارازى بولدى. ئەننەن لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلغاندىن كېيىن، خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كۇڭ چۈەن تۇنجى قېتىم ھۆكۈمەت باياناتى ئېلان قىلدى. ئۇ مۇنداق دىدى : ”خىتاي سىپروس خەلقىنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىدۇ ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە سىپروس مەسىلىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۆز تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىدۇ“. بۇ باياناتتا، خىتاي يەنە بىر قېتىم ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ مەيدانىنى ئاشكارىلاپ، سىپروس جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى، ئومۇميۈزلۈك سۆھبەتلىشىش، رايون تىنچلىقى، تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىنى تەكىتلىدى. كۇڭ چۈەن يەنە مۇنداق دىدى: ”خىتاي داۋاملىق خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە سىپروس مەسىلىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىدۇ“.

خىتاي گەرچە بىتەرەپلىكنى ساقلاشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەننەن لايىھەسىگە بېلەت تاشلىغاندىن كېيىن، ھېچ بولمىغاندا ھۆكۈمەت تەرەپ باياناتىدابولسىمۇ، خىتاي-سىپروس مۇناسىۋىتى ياخشىلىنىشقا باشلىدى. مەسىلەن، 2005 – يىلى 12 – ئايدا سىپروس زۇڭتۇڭى تاسسوس پاپازوپولوس خىتاينى زىيارەت قىلغاندا، تۇنجى قېتىم ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قورال – ياراغ سېتىپ بېرىشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى ئاشكارا تەنقىد قىلدى. ئۇنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىر تەرەپتىن خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىساد – سودا ئالاقىسىنى كېڭەيتىش ئۈستىدە ئىزدەنسە، يەنە بىر تەرەپتىن چەكلەش بۇيرۇقىنى ساقلاپ قالدى، بۇ مۇۋاپىق ئەمەس، شۇنداقلا قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. 2006 – يىلى 1 – ئايدا گرىتسىيە باش مىنىستىرى كوستاس كارامانلىس خىتايدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بايانات ئېلان قىلدى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خىتاي ئۆزىنىڭ قوللاشنى مەقسەت قىلغان قارالمىسىنى سىپروس مەسىلىسىدە ئوتتۇرىغا قويدى. خىتاينىڭ سىپروس گىرىك مىللىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي بىلەن سىپروس تۈرۈك مىللىتى ئەمەلدارلىرى ئۇچراشمىغان.

2006 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا، سىپرۇس پىرىزدىنتى تاسسوس پاپازوپولوسنىڭ زىيارەت مەزگىلىدە، خىتاي باش مېنىستىرسى ۋېن جياباۋ خىتاينىڭ سىپروس مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى قايتا تەكىتلىدى. ۋېن جياباۋ باياناتتا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خىتاي ب د ت نىڭ ئالاقىدار قارارلىرىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، سىپروس تۈرۈك مىللىتى ۋە سىپروس گىرىك مىللىتىنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلىشىدۇ. لېكىن، خىتاي يەنىلا سىپروسنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە، بۇ مەسىلىلەرگە دەخلى – تەرۇز قىلىشقا بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ. خىتاي ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش تۈركىيەنىڭ مۇداخلىسىنى بىر خىل ئىشغال قىلىش دەپ قارايدۇ.

سىپروس مەسىلىسىدە خىتاينىڭ دىپلوماتىك پوزىتسىيەسىنى باھالاش

گەرچە سىپروس مەسىلىسى سىپروس گرېك مىللىتى بىلەن تۈرك مىللىتى ئوتتۇرىسىدىكى بىر ئېغىر تارىخىي ۋە سىياسىي تالاش تارتىش بولسىمۇ، لېكىن ئاساسلىق دۆلەت مەنپەئەتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇ خىتاي قاتتىق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە ئەمەس. شۇڭا، خىتاي سىپرۇس توقۇنۇشى مەسىلىسىدە رايون ۋە خەلقئارا چوڭ دۆلەتلەر بىلەن قارشىلىشىشنى خالىمايدۇ. ئەكسىچە، خىتاي سىپرۇس مەسىلىسىنى خەۋپسىزلىك كېڭىشى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشتىكى بىر پۇرسەت دەپ قارايدۇ. خىتاينىڭ ب د ت نىڭ سىپروس مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارارىغا ئالاقىدار باياناتىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خىتاي ب د ت نىڭ بىردەك چىقارغان قارارىنى قوللايدۇ. خىتاي بىلەن سېربىيەنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ساھەلەردىكى مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش خىتاينىڭ سىپروسنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. تۈركىيە سىپروس جۇمھۇرىيىتىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان بىردىنبىر دۆلەت، شۇنداقلا خىتاينىڭ سىپروس بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان بىر توسالغۇ. شۇنداق قىلىپ، خىتاي تۈركىيىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئىنكاسىغا تەۋەككۈل قىلدى. لېكىن، 1971-يىلىدىن ھازىرغىچە، تۈركىيە سىپروس مەسىلىسىدە ئۆزىنىڭ سىياسىي ياكى ئىقتىسادىي كۈچىدىن پايدىلىنىپ خىتايغا تاقابىل تۇرۇشنى ئىزچىل ئەستايىدىل ئويلاشمىدى. تۈركىيەنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدە «بىر خىتاي» مەيدانىدا چىڭ تۇرۇشى ۋە خىتاي تۈركىيە سودا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى خىتاينىڭ سىپروس مەسىلىسىدىكى مەيدانىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. لېكىن، نۆۋەتتە خىتاينىڭ سىپروس گىرېكلىرى بىلەن بولغان مەيدانى تۇقۇنۇشتا تۈركىيە ياكى سىپروس تۈرۈكلىرىنىڭ بىۋاسىتە خىرىسىغا ئۇچرىمىدى.

سىپروس مەسىلىسى تەيۋەن مەسىلىسى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن خىتاي سىپروس مەسىلىسىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىگە ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. سىپروس گىرېكلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بېيجىڭنى رەسمىي زىيارەت قىلغاندا «بىر خىتاي» باياناتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلغان. ئاساسلىق قىيىنچىلىق ياكى تالاش تارتىش شۇ يەردىكى، تەيۋەن زادى بىر مۇستەقىل سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي گەۋدىمۇ، ياكى يەنىلا خىتاينىڭ بىر قىسمىمۇ. خىتايغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تەيۋەننىڭ ھازىرقى ئورنى باشقا دۆلەتلەر بىلەن مۇزاكىرە قىلىدىغان مەسىلىلەر قاتارىدا ئەمەس. دېمەك، خىتايغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تەيۋەن مەسىلىسى دىپلوماتىيە سىياسىتى مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ئىچكى مەسىلە. شۇڭا، «بىر خىتاي» پىرىنسىپىنى قوبۇل قىلىش خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشنى ئۈمىد قىلىدىغان ھەرقانداق دۆلەتنىڭ ئەڭ مۇھىم تاللىشى ئىدى. تەيۋەن مەسىلىسىدە، خىتاينىڭ سىپروس گىرېكلىرىنىڭ سىپروس مەسىلىسىدىكى تەشەببۇسىنى قوللىشىدا ئىككى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك سەۋەب بار. ئالدى بىلەن، گەرچە خىتاي جەنۇبىي دېڭىز تالاش تارتىش مەسىلىسىدە شيۇجېڭجۇيىلىق (رېۋىزىئونىست ) دۆلەت دەپ تەنقىد قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ھەرقانداق شەكىلدىكى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدە مۇستەقىللىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان سىياسىي سۆزلىرىنى كۈچلۈك تەنقىد قىلدى. ئوخشاشلا، سىپروس مەسىلىسىدىمۇ خىتاي «ھازىرقى ھالەت» نى قوبۇل قىلىپ، تۈركىيەنىڭ شىمالىي سىپروس جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەشەببۇس قىلىش قاتارلىق شيۇجېڭجۇيىلىق (رېۋىزىئونىست) خاھىشىغا قارشى تۇردى. خىتايغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، گەرچە تۈركىيە بىلەن سىپروس گىرېكلىرىنىڭ تەشەببۇسى ۋە تەلىپى سۆھبەتلىشىشكە مايىل بولسىمۇ، لېكىن ھەر قايسى تەرەپلەر ھازىرقى ھالەتكە قارشى دىپلوماتىيە ھەرىكەتلىرىنى كونترول قىلىشى كېرەك.

ئىككىنچى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى دىپلوماتىيە سىياسىتىگە ئاساسەن، ھازىرقى ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ئۇ خىتاي قوشۇلۇپ كېتىشى كېرەك، يەنى تەيۋەن چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن بىرلىككە كېلىشى كېرەك. بۇ خىل قاراشقا ئاساسلانغاندا، 1949-يىلىدىن بۇيان، تەيۋەن خەلقى سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى پەرقلەرنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ناھايىتى ئاسانلا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسى بولۇپ قالالايدۇ. ئوخشاشلا، خىتاي سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى كۆرگەچكە، سىپروستا شىمالىي سىپروس جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىل دۆلەت بولۇشنى قوللاشمۇ مۇۋاپىق ئەمەس. ئەكسىچە، سىپروس تۈرۈكلىرى ئۆزلىرىنىڭ 1963-يىلىدىن بۇيانقى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىختىلاپلىرىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سىپروس گرېكلىرىنىڭ بۇ ئارالدىكى نوپۇزىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك . بۇ سەۋەپتىن، ئەگەر ھازىرقى ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ھەرقانداق ئىش يۈز بەرگىنىدە، ئۇلار (خىتايلار) سىپروس گىرېكلىرىنى قوللىشى كېرەك. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئېنىق بەلگىلىمە چىقارمىغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ سىپروس مەسىلىسىدىكى سىياسىي ۋە دىپلوماتىيە باياناتىدىن بۇ نۇقتىئىنەزەرنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس. مەسىلەن، 2004 – يىلى سىپروس ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرگەندىن كېيىن، خىتاي سېربىيە مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلدى، خىتاي سىپروس تۈرۈكلىرىنىڭ ھازىرقى يېتىم ھالەتكە خاتىمە بېرىشىگە ھېچقانداق مەدەت بەرمىدى.

ئالدىنقى قىسىملاردا ئېيتىلغاندەك، سىپروس مەسىلىسى سىپروسنىڭ جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكىگە كۆپ خىل تەسىر كۆرسەتكەن. سىپروس جۇغراپىيەلىك جەھەتتە تۈركىيەگە قارىغاندا گرىتسىيەگە تېخىمۇ يېقىن ئارال بولۇش سۈپىتى بىلەن، رايوندىكى چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى دېڭىز تەۋەلىكى ۋە مەخسۇس ئىقتىسادىي رايون توغرىسىدىكى تالاش تارتىشلاردىن قۇتۇلۇپ قالالمايدۇ. شۇڭا، بۈگۈنكى كۈندىمۇ تۈركىيە ئۆزىنىڭ تۈركىيە ۋە شىمالىي سىپرۇس جۇمھۇرىيىتى ئەتراپىدىكى مەخسۇس ئىقتىسادى رايونلار ۋە تەبىئىي بايلىقلارغا تاجاۋۇز قىلىدىغان دېڭىز ئوكيان پائالىيىتلىرىگە قارشى تۇرۇپ كەلدى.

خىتاينىڭ سىپروس مەسىلىسىدە سىياسىي ۋە ھەربىي ساھەدىكى پاسسىپ مەيدانىنىڭ ئەكسىچە، خىتاي ئۇنى سىپروس ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشنىڭ قورالى سۈپىتىدە قوللاندى.

خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىدە، ئىقتىساد ۋە ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى باشقا مەسىلىلەردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. 2007 – يىلى سىپرۇس دېڭىز قىرغىقىدا تۇنجى تۈركۈمدىكى تەبىئىي گاز تەكشۈرۈش خىزمىتى باشلانغاندىن كېيىن، خىتاي مۇھىم نۇقتىنى سىپرۇس ۋە ئۇنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئېنېرگىيە بايلىقىغا قاراتتى. خىتاي نۇقتىسىدىن قارىغاندا، خىتاينىڭ شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىزدىكى چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىگە ئارىلىشىشدا ئۈچ مۇھىم سەۋەب بار.

بىرىنجى، شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىز مۇھىم بىر جۇغراپىيەلىك سىياسىي رايوندۇر. ئۇ ياۋروپا، شىمالىي ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرقنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان. ئامېرىكا، فرانسىيە، ئەنگلىيە، رۇسىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق رايون خاراكتېرلىك ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك چوڭ دۆلەتلەر بۇ يەرگە نۇرغۇن ھەربىي كۈچ ئورۇنلاشتۇردى. شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقى سودا ۋە ئىقتىسادىي پائالىيەتلەردىمۇ ئىنتايىن مۇھىم. بۇ ئامىللارنىڭ ھەممىسى بىرلىشىپ، بۇ رايوننى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە قىلدى. شۇڭا، خىتايغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىزدىكى چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىگە ئارىلاشقۇچى بولۇش ئىنتايىن مۇھىم. خىتاي دۇچ كەلگەن ئاساسلىق مەسىلىمۇ پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىدىكى بىر مەسىلە بولۇپ، كىشىلەر خىتاينى بۇ رايون ۋە بۇ رايوندىكى باشقا ھەرىكەت گەۋدىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھوقۇق كۈرىشىنىڭ «كېيىن كەلگۈچى» دەپ قارايدۇ.

سىپروس مەسىلىسى خىتاينىڭ شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىز رايونىدىكى تېخىمۇ مەسئۇلىيەتچان، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھەرىكەت قىلغۇچى بولۇشىغا يېڭى پۇرسەت يارىتىپ بەردى. بۇ تىرىشچانلىقتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن، خىتاي سىپروس ھۆكۈمىتى بىلەن تېخىمۇ قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتتى، بولۇپمۇ سىپروس 2004 – يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغاندىن كېيىن تېخمۇ شۇنداق بولدى. لېكىن ئامېرىكا ۋە روسىيەگە ئوخشىمايدىغان تەرىپى شۇكى، 2011-يىلىغا قەدەر،خىتاينىڭ شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىزدا ھەربىي ئىقتىدارى يوق ئىدى. بىراق، سىپروس بىلەن ئۈزلۈكسىز ئۆرلەۋاتقان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ۋە تېخىمۇ كونكرېت سودا كېلىشىملىرىنى نەزەردە تۇتقاندا، خىتاي كەلگۈسىدە بۇ رايوندىكى ھەربىي ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى مۇمكىن.

ئىككىنچى، خىتاينىڭ باش نىشانى سىپروس بىلەن تېخىمۇ كونكرېت سودا ۋە ئىقتىسادىي كېلىشىملەرنى ھاسىل قىلىش ئىدى. سۇۋەيش قانىلى، سۈرىيە ۋە شىمالىي ئافرىقا پورتلىرى خىتاينىڭ ياۋروپاغا توشۇلىدىغان تاۋار ۋە مۇلازىمەتلىرىنى تېخىمۇ بىخەتەر سۇ يولى بىلەن تەمىنلەيدۇ. گەرچە خىتاي روسىيە ۋە تۈركىيەگە ئوخشاش بىر قانچە خىل ئوخشاش بولمىغان يوللار ئارقىلىق ياۋروپا بازىرىغا كىرگەن بولسىمۇ، لېكىن شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىز يولى خىتاينىڭ كۆپ خىل تاللىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

ئاخىرىدا، بۇ رايوننىڭ ئېنېرگىيە توقۇنۇشى خىتاينىڭ زور دىققىتىنى قوزغىدى. 2007 – يىلىدىن بۇيان، سىپروسلا ئەمەس، تۈركىيە، ئىسرائىلىيە ۋە مىسىرمۇ شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىز ئېنىرگىيە تالاش تارتىشىغا چېتىلىپ قالدى. ئىسرائىلىيە 2009 – يىلى چىتاما تەبىئىي گاز رايۇنىنى تەكشۈردى ھەمدە 2010 – يىلى لىۋىتان تەبىئىي گاز رايۇنىنى تەكشۈرگەن ئىدى. مۆلچەرلىنىشىچە، تاما نېفىتلىكىدىكى تەبىئىي گاز زاپىسى 250 مىليارد كۇب مېتىر، لىۋىتان نېفىتلىكىدىكى تەبىئىي گاز زاپىسى 476 مىليون كۇب مېتىر ئىكەن. ئىسرائىلىيىنىڭ بۇ يېڭى گازلىقىدىن باشقا، 2011-يىلى سىپروستا ئافرودىت گازلىقى بايقالدى. گەرچە ئۇنىڭ 140 مىليون كۇب مېتىرلىق تەبىئىي گاز زاپىسىنىڭ يەر شارى تەبىئىي گاز بازىرىغا بولغان تەسىرى چەكلىك بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار رايون تەرتىپى ۋە رايون ھوقۇقىنىڭ ئۆزگىرىشىگە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئافرودىت نېفىتلىكىمۇ تۈركىيە ۋە سىپرۇس قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىز تەبىئىي بايلىقى توغرىسىدىكى تالاش تارتىشىنى كۈچەيتىۋېتىشى مۇمكىن.

گەرچە خىتاي كېيىن كەلگۈچى ۋە  شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىزدا ھەربىي مەۋجۇتلىقى كەمچىل بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ئەۋزەللىكلىرى ۋە ئېنېرگىيە سىياسىتى ئۇنىڭ سىپروس توقۇنۇشىدا ئالاقىدار ھەرىكەت گەۋدىسى ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىش جەھەتتە تېخىمۇ زور يىتەكچىلىك رولىنى ئوينىدى.

خۇلاسە

خىتاينىڭ سىپروس مەسىلىسىدىكى مۇھىم دىپلوماتىيە سىياسىتى ئاساسلىقى ئۇنىڭ ئىقتىسادىي نۇقتىسىغا چېتىلىدۇ. 2001-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە، خىتاي ھەم توقۇنۇشقا چېتىلىپ قالمىدى، ھەم كونكرېت ھەل قىلىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويمىدى. ئۇ خۇددى ئىران يادرو كىرزىسىدىكىگە ئوخشاشلا، بۇ رايوندىكى باشقا توقۇنۇشلاردا قىلىنغان سۆھبەتكە قاتناشمايدۇ. خىتاينىڭ سىپروس مەسىلىسىدە سىياسىي ۋە ھەربىي ساھەدىكى پاسسىپ مەيدانىنىڭ ئەكسىچە، خىتاي ئۇنى سىپرۇس ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشنىڭ قورالى قىلدى. مەسىلەن، 2004 – يىلى سىپرۇس ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەت بولغاندىن كېيىن، شۇ چاغدىكى سىپروس زۇڭتۇڭى پاپازوپولوس خىتاي ئوتتۇرىغا قويغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قورال – ياراغ ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى ئاشكارا قوللىدى. خىتاي-سېربىيە ئىككى تەرەپنىڭ سودا سوممىسى 2001-يىلىدىكى 117 مىليون دوللاردىن ئېشىپ 2011-يىلىدىكى 1 مىليارد 100 مىليون دوللارغا يەتتى.  بۇنىڭدىن باشقا، شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىز ئېنېرگىيە بايلىقى خىتايغا بىر پۇرسەت يارىتىپ بەردى، خىتاي سەپلىمە ئېنېرگىيە بايلىقى ۋە يولىنى ئىزدەشكە باشلىدى.

گەرچە خىتاي كېيىن كەلگۈچى ۋە  شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىزدا ھەربىي مەۋجۇتلىقى كەمچىل بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ئەۋزەللىكلىرى ۋە ئېنېرگىيە سىياسىتى ئۇنىڭ سىپروس توقۇنۇشىدا ئالاقىدار ھەرىكەت گەۋدىسى ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىش جەھەتتە تېخىمۇ زور يىتەكچىلىك رولىنى ئوينىدى.

شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقىمۇ سىپروس مەسىلىسىنى ھەل قىلىش پۇرسىتىنى كۆپەيتكەن. لېكىن، باشقۇرۇش ياخشى بولمىسا، ئۇلار توقۇنۇشقا قاتناشقان بارلىق قىلمىشچىلارغا ئويلاپ باقمىغان نەتىجە پەيدا قىلىشى مۇمكىن. يېڭى مۇھىتمۇ خىتايغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى، خىتاي يۇقىرى دەرىجىدە تايىنىدىغان ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، سەپلىمە ئېنېرگىيە بايلىقى ۋە يولىنى ئىزدەۋاتىدۇ. شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىز نېفىتلىكىدىكى تەبىئىي گاز مىقدارىدىن باشقا، ياۋروپا بازىرىغا تەبىئىي گاز تەقسىملەش رايون ئىچىدە ھەرىكەت قىلغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى يەنە بىر مۇھىم تالاش – تارتىش ھېسابلىنىدۇ. خىتاي مۇنداق دەپ قارايدۇ، ئېنېرگىيە بايلىقى ۋە ئېنېرگىيە يولىنىڭ كۆپ خىللىشىشى تېخىمۇ بىخەتەر ۋە تېخىمۇ ئەرزان ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ.

گەرچە خىتاي كېيىن كەلگۈچى ۋە  شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىزدا ھەربىي مەۋجۇتلىقى كەمچىل بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ئەۋزەللىكلىرى ۋە ئېنېرگىيە سىياسىتى ئۇنىڭ سىپروس توقۇنۇشىدا ئالاقىدار ھەرىكەت گەۋدىسى ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىش جەھەتتە تېخىمۇ زور يىتەكچىلىك رولىنى ئوينىدى.

پايدىلانغان مەنبەلەر

  1. Mordechai Chaziza, “The Arab Spring: Implications for Chinese Policy,” Middle East Review of International Affairs, Vol. 17, No. 2 (2013), p. 74.
  2. İsenbike Togan, 7. ve 8. Yüzyıllarda Çin ve Türk Resmî Tarih Anlayışına Farklı Yaklaşımlar, (Ankara: Türkiye Bilimler Akademisi, 2008), p. 9.
  3. Tao Zan, “Sino-Turkish Relationship: Centering on Turkey’s Perception about the Rise of China,” in R. Kutay Karaca et al. (eds.), Sino-Turkey Relations: Concept, Policies and Prospects, (İstanbul: İstanbul Gelişim University Press, 2015), p. 83.
  4. Çağdaş Üngör, “Türkiye Solunda Çin Etkisi: Proleter Devrimci Aydınlık Hareketi Üzerine Bir Değerlendirme (1969-1977),” in Selçuk Esenbel et al. (eds.), Türkiye’de Çin’i Düşünmek: Ekonomik, Siyasi ve Kültürel İlişkilere Yeni Yaklaşımlar, (İstanbul: Boğaziçi Üniversitesi Yayınevi, 2013), p. 171.
  5. The ROC was inherited by nationalists obliged to flee Taiwan after they lost the civil war against the communists in December 1949. From that time until today, Taiwan’s territorial integrity and sovereign rights have been a dispute among Taiwan, China, and the U.S.
  6. Çağdaş Üngör, “Perceptions of China in the Turkish Korean War Narratives,” Turkish Studies, Vol. 7, No. 3 (2006), p. 407.
  7. Üngör, “Türkiye Solunda Çin Etkisi,” p. 175.
  8. Hasan Bilgin, Stratejik Açıdan Çin, (Ankara: USAK Yayınları, 2010), p. 125.
  9. The region is officially defined by China as “Xinjiang Uyghur Autonomous Region (XUAR-新疆维吾 尔自治区).” In some historical documents “East Turkistan” and “Turkistan-ı Çini” have also been used to define the region.
  10. Altay Atlı, “12 Mart Muhtırası ve Türkiye’nin Çin Halk Cumhuriyeti’ni Tanıması,” in Selçuk Esenbel et al. (eds.), Türkiye’de Çin’i Düşünmek: Ekonomik, Siyasi ve Kültürel İlişkilere Yeni Yaklaşımlar, (İstanbul: Boğaziçi Üniversitesi Yayınevi, 2013), p. 150.
  11. R. Kutay Karaca, “Establishment Process of Diplomatic Relations between Turkey and China,” in R. Kutay Karaca et al. (eds.), Sino-Turkey Relations: Concept, Policies and Prospects, (İstanbul: İstanbul Gelişim University Press, 2015), p. 128.
  12. Bilgin, Stratejik Açıdan Çin, p. 127.
  13. Xian Xiao and Wenzhang Wang, “Zhong Yu Tuerqi Guanxi De Yanbian, Wenti Yu Weilai [The Evolution of Sino-Turkish Relations],” Waijiao Pinlun, Vol. 95, (2007), p. 35.
  14. Bilgin, Stratejik Açıdan Çin, p. 129.
  15. Barış Adıbelli, Doğu Türkistan, (İstanbul: IQ Kültür Sanat Yayıncılık, 2008), p. 123.
  16. “China, Turkey Upgrade Ties to Strategic Cooperative Relationship During Wen’s Visit,” Xinhua, (October 9, 2010), retrieved September 27, 2017, from http://www.gov.cn/english/2010-10/09/content_ 1718048.htm.
  17. Altay Atlı and Sadık Ünay, Küreselleşme Sürecinde Çin-Türkiye Ekonomik İlişkileri, (İstanbul: SETA Yayınları, 2014), p. 19.
  18. Derya Yurdakul, “Türkiye-Çin Ekonomik ve Ticari İlişkileri in Selçuk Esenbel et al. (eds.), Türkiye’de Çin›i Düşünmek: Ekonomik, Siyasi ve Kültürel İlişkilere Yeni Yaklaşımlar, (İstanbul: Boğaziçi Üniversitesi Yayınevi, 2013), p. 232.Ziya Önis and Fikret Şenses, “Rethinking the Emerging Post-Washington Consensus,” Development and Change, Vol. 36, No. 2 (2005), p. 265.
  19. Nadir Kemal Yılmaz, Fang Lee Cooke and Rosita Dellios, “Turkey’s FDI Policy and Chinese Foreign Direct Investments in Turkey: Some Economic and Management Implications,” Global Business Review, Vol. 9, No. 2 (2008), p. 32.
  20. Atlı and Ünay, Küreselleşme Sürecinde Çin-Türkiye Ekonomik İlişkileri, p. 20.
  21. Ministry of Economy, “Foreign Trade Relations: China,” retrieved December 19, 2016, from www. ekonomi.gov.tr.
  22. Ministry of Economy, “Turkey-China Foreign Trade Values,” retrieved December 19, 2016, from http:// www.economy.gov.tr/portal/faces/home?_afrLoop=5996950836630.
  23. Kadir Temiz, “Türkiye’nin Asya Pasifik Politikası 2015,” in Burhanettin Duran et al. (eds), Türk Dış Politikası Yıllığı 2015, (Ankara: SETA Yayınları, 2016), p. 437.
  24. Yılmaz, Cooke and Dellios, “Turkey’s FDI Policy and Chinese Foreign Direct Investments,” p. 42.
  25. Jingxiong Yu, “2011 Nian du Zhongguo dui wai zhi jie tou zi tong ji gong bao [2011 Statistical Bulletin of China’s Outward Foreign Direct Investment],” p. 80.
  26. “Turkey-China Business Council,” Foreign Economic Relations Board, retrieved December 19, 2016, from http://en.deik.org.tr/Konsey/38/Turkey_China.html.
  27. Atul Kumar, “Sino-Turkish Strategic Partnership: Prudent Hedging or Irreversible Shift?,” China Report, Vol. 49, No. 1 (2013), p. 126.
  28. Evren Değer, “Çinle Gizli Füze Anlaşması,” Milliyet Gazetesi, (December 20, 1996), retrieved December 19, 2016, from http://www.milliyet.com.tr/1996/12/20/siyaset/cinle.html.
  29. Eyüp Ersoy, Turkish-Chinese Military Relations: Spinning More Moving Less, (Ankara: USAK Publications, 2008), p. 138.
  30. “SIPRI Yearbook 2012: Armaments, Disarmament and International Security,” Stockholm International Peace Research Institute, retrieved December 14, 2016, from https://www.sipri.org/sites/default/ files/2016-03/SIPRIYB12Summary.pdf.
  31. Chris Zambelis, “Sino-Turkish Strategic Partnership: Implications of Anatolian Eagle 2010,” China Brief, Vol. 11, No. 1 (2011), p. 8.
  32. Kumar, “Sino-Turkish Strategic Partnership,” p. 133.
  33. Sydney D. Bailey and Sam Daws, The Procedure of the UN Security Council, (New York: Oxford University Press, 1998), p. 351.
  34. “Top Legislator Li Peng Meets Cypriot Defense Minister,” People’s Daily, (January 24, 2002), retrieved December 19, 2016, from http://en.people.cn/200201/23/eng20020123_89214.shtml.
  35. “Chinese Turkish FMs Meet in Istanbul,” People’s Daily, (April 19, 2002), retrieved December 19, 2016, from http://en.people.cn/200204/18/eng20020418_94322.shtml
  36. “China to Work for Rational Solution to Cyprus Issue: Senior Official,” Xinhua, (October 28, 2003), retrieved December 19, 2016, from http://china.org.cn/english/international/78522.htm.
  37. “EU ‘Cheated’ by Greek Cypriots Ahead of Key Vote,” China Daily, (April 22, 2004), retrieved December 19, 2016, from http://www.chinadaily.com.cn/english/doc/2004-04/22/content_325350.htm.
  38. “UN Security Council Press Release,” retrieved December 19, 2016, from http://www.un.org/press/ en/2004/sc8066.doc.htm.
  39. “China Expresses Respect for Cyprus’ Choice,” Hellenic Resources Network, retrieved December 19, 2016, from http://www.hri.org/news/cyprus/cna/2004/04-04-28.cna.html.
  40. “Cypriot President Praises Friendly Ties with China,” People’s Daily, (December 9, 2005), retrieved December 19, 2016, from http://en.people.cn/200512/09/eng20051209_226877.html.
  41. “Greece to Continue Working for Lifting EU Arms Embargo against China,” Xinhua, (January 20, 2006), retrieved December 19, 2016, from http://www.gov.cn/misc/2006-01/20/content_165181.htm.
  42. “China Says Cyprus Issue Be Resolved through Dialogue,” People’s Daily, (December 9, 2006), retrieved December 19, 2016, from http://en.people.cn/200612/09/eng20061209_330294.html.
  43. “UN Security Council Resolution 1847,” retrieved December 19, 2016, from http://www.un.org/en/ ga/search/view_doc.asp?symbol=S/RES/1847(2008).
  44. “Cyprus Reaffirms One-China Policy,” People’s Daily, (August 11, 2007), retrieved December 19, 2016, from http://en.people.cn/90001/90776/6237116.html.
  45. “China Says Cyprus Issue Be Resolved through Dialogue,” People’s Daily.
  46. Thomas J. Christensen, “The Contemporary Security Dilemma: Deterring a Taiwan Conflict,” The Washington Quarterly, Vol. 25, No. 4 (2002), p. 11.
  47. Elodie Sellier, “China’s Mediterranean Odyssey,” The Diplomat Magazine, (April 19, 2016), retrieved December 19, 2016, from http://thediplomat.com/2016/04/chinas-mediterranean-odyssey/.
  48. Volkan Ş. Ediger, Balkan Devlen and Deniz Bingöl Mcdonald, “Levant’ta Büyük Oyun: Doğu Akdeniz’in Enerji Jeopolitiği,” Uluslararası İlişkiler, Vol. 9, No. 33 (2012), p. 85.
  49. Mesut Hakkı Caşın, “A New Geopolitical Game in Mediterranean Hydrocarbons: Windows of Opportunities or New Challenges?,” Journal of Caspian Affairs, Vol. 1, No. 1 (2015), p. 52.
  50. Atilla Sandıklı, Türkan Budak and Bekir Ünal, Doğu Akdeniz’de Enerji Keşifleri ve Türkiye, (İstanbul: Bilge Adamlar Stratejik Araştırmalar Kurumu, 2013), p. 11.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top