«تۈركچە ئۆگىنەيلى»دەرسلىكىنىڭ 56 قىسىملىق VCD سى
2000-يىللاردا تۈركىيەدە چەتئەللىكلەرنىڭ تۈركچە ئۆگىنىش دەرسلىكى بولغان ۋە ھازىرقى ئەنقەرە تۆمەر «TÖMER» نىڭ قۇرغۇچىسى پروففىسور دوكتور مەھمەت ھەڭگىرمەننىڭ ئۆز قۇلى بىلەن يازغان «تۈركچە ئۆگىنەيلى» ناملىق 6 قىسىملىق كىتاب ئاساسىدا ئىشلەنگەن ئىنگلىزلارنىڭ تۈركچە ئۆگىنىشى ئۈچۈن ئىشلەنگەن 56 قىسىملىق فىلىم ئارقىلىق ھەم ئىنگلىزچە ھەمدە تۈركچە ئۆگىنىشىڭىز ئۈچۈن بۇ فىلىمنى 50 مېگابايتتىن كىچىكلىتىپ www.skydrive.com دىكى تۆۋەندىكى بوشلۇققا قويدۇم. سىز قەدىرلىك تىل ھەۋەسكارلىرىنىڭ
بىسمىللا دەپ ھازىردىن باشلاپ يەڭنى تۈرۈپ، 220 مىليوندىن كۆپ كىشىنىڭ قوللىنىۋاتقان دۇنياۋى تىل تۈرك تىلىنى ئۆگىنىپ، تېخىمۇ كۆپ پايدىلىق بىلىملەرنى ئىگىلىشىڭىزگە ئاساس يارىتىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.
بۇ ئۇلانمىنىڭ ئۈستىگە چەكسىڭىز، سىزنى «تۈركچە ئۆگىنەيلى»دەرسلىكىنىڭ 56 قىسىملىق VCD سىگە ئاپىرىدۇ.قېنى مەرھەمەت.
(تۈركچە ئۆگىنەيلى 4 قىسىملىق دەرسلىك ۋە سۆزلۈك كىتابىنىڭ PDF نۇسقىسىنى بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ:
Turkce.Ogrenelim.3 Turkce.Ogrenelim.4 Turkce.Ogrenelim.1_Sozluk_Anahtar Turkce.Ogrenelim.2 Turkce.Ogrenelim.1 )
http://cid-bd3f88f74e399885.office.live.com/play.aspx/T%c3%bcrk%c3%a7e%20%c3%96%c4%9freniyoruz%203GP%20Video%20Derslik?ref=1
چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://cid-bd3f88f74e399885.office.live.com/browse.aspx/T%c3%bcrk%c3%a7e%20%c3%96%c4%9freniyoruz%203GP%20Video%20Derslik
ئۇنتۇماڭكى، تۈركچە ئۇيغۇرچىغا بەك يېقىن بولغاچقا (60% ئوخشايدۇ دېسەكمۇ بولىدۇ) ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركچە ئۆگىنىشى تۈرك قوۋمىدىن بولمىغان مىللەتلەرنىڭ تۈركچە ئۆگىنىشىدىن تەس بولماقتا. بۇ جەھەتتە بىز يولۇقىدىغان قىيىنچىلىقلار:
1.«تۈركچە ئۇيغۇرچە ئوخشاش» دېگەن قاراش بىزنىڭ تۈركچە ئۆگىنىشكە سەل قارىشىمىزغا سەۋەبچى بولىدۇ.
بۇ خىل قاراش ئاخىرىدا بىزنى مەغرۇرلاندۇرۇپ «كۆزگە ئىلمىغان چوماق، قاڭشارنى يېرىپتۇ.» دېگەندەك ئىمتىھان بەرگەندە ئىملا ۋە تەلەپپۇزدىكى خاتالىق سەۋەبىدىن نومۇر قىرىۋېتىدۇ.
2.«تۈركچە دېگەننى كىنو كۆرۈپ ئۆگىنىمىز، مەخسۇس كۇرسقا كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق» دېگەن خاتا قاراش.
بۇ خىل قاراشنىڭ تەسىرىدە، كۈندە تېلېۋىزور كۆرۈپ، كۆپىنچە تېلېۋىزوردىكى كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا سۆزلەنگەن بەزى سەت ۋە قائىدىسىز سۆزلەرنى ئۆگىنىۋېلىپ، جەمئىيەتتە ئىشلىتىدۇ ياكى پەقەت بۇيرۇقنى ئاڭلاپ ئىش قىلىدىغان، ئەمما ئۆزىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغدايدىغان ۋە ئۆزىنى ئىپادە قىلىشتا قىينىلىدىغان يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ. لېكىن بۇنىڭ يۇقىرىدىكى خاتا قاراش سەۋەبچى بولغانلىقىدىن بىخەۋەر يۈرۈۋېرىدۇ.
3.«كەل=گەل، كەت=گىت» يەنى ئۇيغۇرچىدىكى «ك»نىڭ ئورنىغا تۈركچىدە «گ»قوللانساقلا تۈركچە بولىدۇ.
بۇمۇ بىمەنە قاراشتۇر. يەنى ھېچ تۈركچە ئۆگىنىپ باقمىغان، بەلكىم ئۇيغۇرچە گرامماتىكىسىنى كۆرۈپ باقمىغان بىرىنىڭ دېگەن گېپى بولۇشى مۇمكىن. ئادەتتە قوللىنىدىغان 60% سۆزىمىز ئوخشىغاندەك قىلغان بىلەن، ئەڭ توغرىسى بىز ئاڭلىغاندا چۈشەنگەندەك قىلغان بىلەن، سۆزلىگەندە تەلەپپۇزىمىز توغرا چىقمىسا، بۇ تۈركلەرگە گەپ ئاڭلىتالماي قىينىلىپ كېتىمىز.«پاردۇن، تەكرارلارمىسىنىز؟» ياكى «ئەفەندىم، نە دېدىنىز؟» دېگىلى تۇرسا قىينىلىپ، سىقىلىپ يۈرۈپ، ئاخىرى ئۆزىمىزنى ئاڭلىتالماي دەرد چېكىپ يۈرۈۋېرىدىغان گەپ.
4.كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى كۆرگەندە تاللاپ كۆرمەسلىك.
«بۆرىلەر ۋادىسى» ۋە «بۆرىلەر ۋادىسى قىلتاق» ناملىق فىلىملار تۈرك تىل – تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ
«ئەڭ چىرايلىق تۈركچە قوللانغان فىلىم » دېگەن مۇكاپاتقا ئېرىشىكەن ئىكەن. مەزمۇنى ۋە چېتىلغان ساھەسى بەك كەڭرى بولغاچقا ھەرساھەنىڭ تىلىنى ئۆگىنىشىمىزگە پايدىسى بار. ئەمما «تەك تۈركىيە»دېگەنگە ئوخشاش فىلىملارنى كۆرگەندە توغرا تەلەپپۇز قىلىنمىغان تۈركچە سۆزلەرنى ئاڭلاۋەرگەندە قۇلاققا سىڭىپ قېلىپ، سۆزلىگەندىمۇ خاتا سۆزلەيدىغان بوپ قالىدىغان گەپ.)بۇ مېنىڭ شەخسى پىكرىم)
5.تۈركچە ئەخلاقسىز فىلىملارنى كۆرۈش
ئەڭ ياخشىسى شەھۋەت ۋە ئائىلە ئىچى زىددىيەت ۋە كوچا فىلىملىرىنى كۆرۈشكە كەتكەن ئۆمرىڭىزنى ۋەز – تەبلىغ ھەمدە ھۆججەتلىك فىلىملارنى كۆرۈپ تارىخىمىزنى ۋە دىنىمىزنى ئۆگىنىشكە سەرپ قىلغان ياخشى. چۈنكى ھەر نېمەت بىزنىڭ ئاللاھدىن ئالغان قەرزىمىزدۇر، بۇنىڭ ئاخىرەتتە سورىقى باردۇر.
يېقىندا دۇنيادا ئەۋج ئالغان تۈركىيە فىلىملىرى مودىسىنىڭ ۋەتەنگىمۇ كىرىشى نەتىجىسىدە ساغلام
بولمىغان فىلىملارنى كۆرۈشمۇ ئەۋج ئېلىشقا باشلاپتۇ. ئەلۋەتتە «يۈسۈپ – زۈلەيخا» ۋە « مەريەم»
ھەمدە «ئەسھابۇل كەھف» كە ئوخشاش دىنى فىلىملارمۇ تەرجىمە قىلىنىپتۇ، بۇ ناھايىتى ياخشى ئەھۋال.
ئەمما «خانىمنىڭ ئېتىزلىقى«(HANIMIN ÇIFTLIGI) ۋە «چەكلەنگەن ئاشىق»(AŞKI MEMNU) ھەم «كۈمۈش» ، «مىڭ بىر كېچە» ۋە داۋاملىق ئىشلىنىۋاتقان ئەخلاقسىز فىلىملارنى كۆرۈپ يۈرۈپ تۈركىيە ۋە تۈركلەرنى ئاشۇنداقكەن دەپ خاتا پىكىردە بوپ قېلىپ ۋە شۇ شەكىلدە مۇئامىلە قىلىش نەتىجىسىدە خاتا سۆزلەپ قېلىش.
»
شۇڭلاشقا تۈركچە ئۆگىنىۋاتقان ۋە ئۆگەنمەكچى بولغانلارنىڭ يۇقىرىدىكى مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەگەر سىزنىڭ ھېس قىلغان باشقا جەھەتتىكى مەسىلىلەر بولسا يېزىپ قۇيۇشۇڭلارنىمۇ ئۈمىد قىلىمەن.
تەييارلىغۇچى: ئەلنۇر024
ھە راست TRT – ئۇيغۇر دىكى «تۈركچە ئۆگىنەيلى » پروگراممىسىغا ئەگىشىپ ئۆگەنسىڭىز تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.
«تۈركچە ئۆگىنەيلى»دەرسلىكىنىڭ 56 قىسىملىق VCD سېنى توردىن چۈشۈرۈش ئۇسۇلى.
http://turkce-rusca.narod.ru/turkce.htm
بۇ تور بېكەتتىن تۈرك تىلىغا ئائىت ناھايىتى كۆپ ماتىرياللارنى چۈشۈرگىلى بولىدۇ.
«تۈركچە ئۆگىنەيلى»دەرسلىكىنىڭ 56 قىسىملىق VCD سى نى توردىن چۈشۈرۈش ئۇسۇلى.



