You Are Here: Home » ئانا تىل » ئانا تىل توغرىسىدا (3-قىسىم)

ئانا تىل توغرىسىدا (3-قىسىم)

بالىلارغا ئىككىنچى تىلنى ئۆگىتىشنى قانچە ياشتىن باشلىسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ؟

ئەركىن سىدىق

مەن كۆرگەن ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەخسۇس تەتقىقات گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، نەچچە ئون يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، قوش تىللىق مائارىپ توغرىسىدىكى ئىلمىي نەزەرىيىلەرنى توپلىغاندىن كېيىن، بۇ نەزەرىيىۋى ماتېرىياللارنى ھەر بىر شەھەرنىڭ مائارىپنى باشقۇرىدىغان ئورۇنلىرىغا تارقىتىپ بەرگەن. بالىلارغاقايسى تىلنى ئىككىنچى تىل قىلىپ ئۆتۈش، ئىككىنچى تىلنى قانچە ياشتىن باشلاپ ئۆتۈش ۋە ئۇنى قانداق ئۇسۇل بىلەن ئۆتۈشنى ھەر بىر شەھەردىكى بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن مەكتەپ بىرلىشىپ قارار قىلغان.

مەن كۆرگەن ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ بالىلارغا چەت ئەل تىلى ئۆگىتىشتىكى ئەھۋالى مۇنداق ئىكەن:

1)كۆپىنچە ئەھۋالدا، بالىلارغا بىر چەت ئەل تىلىنى ئۆگىتىشنى باشلانغۇچ 4-سىنىپتىن باشلايدۇ. ئۇنى ئۆگىتىشنى 6-سىنىپتىن باشلىغان مەكتەپلەرمۇ بار. ئامېرىكىدا مېكسىكىلىقلارنىڭ نوپۇسى خېلى يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كالىفورنىيەدىكى نوپۇسى 50 پىرسەنتتىن يۇقىرى. ئۇلار ئىسپانىيە تىلىنى ئىشلىتىدۇ. بەزى مەكتەپلەرچەت ئەل تىلى، بولۇپمۇ ئىسپانىيە تىلى ئۆگىتىشنى باشلانغۇچ 1-سىنىپتىن باشلىغان بولسىمۇ، دەرس مىقدارى ئىنتايىن ئاز، مەسىلەن، ھەر ھەپتىسى 15 مىنۇتتىن 30 مىنۇتقىچە.ئامېرىكىدا مېكسىكىلىقلارنىڭ نوپۇس سانى ئىنتايىن كۆپ بولغاچقا، ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن مەكتەپلەر ئىسپانىيە تىلىنى بىرىنچى چەت ئەل تىلى قىلىپ تاللايدۇ.

2) ئامېرىكىدا مېكسىكىدىن كۆچمەن بولۇپ كەلگەن بالىلارغا ئاچقان مەخسۇس سىنىپلار بار بولۇپ، ئۇلار باشلانغۇچنىڭ 4-سىنىپىغا كىرگىچە ھەممە دەرسلەرنى ئىسپانىيە تىلىدا ئوقۇيدۇ.

3) ھازىرغىچە بايقالغان ئىلمىي نەزەرىيىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئەگەر بىر بالا 10 ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن بىر چەت ئەل تىلىنى ئۆگىنىشنى باشلىسا، ئاشۇ چەت ئەل تىلىدا سۆزلەش ۋە يەزىش جەھەتتە شۇ تىلنى ئانا تىل قىلغان مىللەت ئادەملىرى بىلەن ئوخشاش سەۋىيىگە يېتەلەيدۇ.

4) ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ھۆججىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، بالىلارنىڭ بىر چەت ئەل تىلىدا تولۇق ساۋات چىقىرىشىغا 4 يىلدىن 6 يىلغىچە ۋاقىت كېتىدۇ. ئەگەر بالىلار باشلانغۇچنىڭ 4-سىنىپىدىن (يەنى 9 ياشقا كىرگەندىن) باشلاپ ئىككىنچى تىلنى ئۆگىنىشنى باشلىسا، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندىمۇ تولۇقسىزنى پۈتتۈرگۈچە ئۇ تىلدىن تولۇق ساۋاتىنى چىقىرىپ بولالايدۇ.

دېمەك، ئەگەر ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ ئامېرىكىدىكى بىلەن ئوخشاش ئىش تۇتسا، ئۇيغۇر بالىلىرى باشلانغۇچنىڭ 4-سىنىپىغا چىققىچە ئانا تىلدا ئوقۇپ، 4-سىنىپقا كۆچكەندە خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىشنى باشلاپ، تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ بولغۇچە خەنزۇچىدە ساۋاتلىق بولۇپ، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ بولغۇچە ئىنگلىزتىلىدىكى ساۋاتىنىمۇ خېلى بىر يەرگە ئاپىرالىشى پۈتۈنلەي مۇمكىن.

(بۇ بىر كۆپ قىسىملىق ماقالىنىڭ 3-قىسمى بولۇپ، ئۇنىڭ داۋامى بار. بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن سورىماي،مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز بولىۋېرىدۇ)

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top