You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » مىنىڭ ئەدەبى تەنقىد قارىشىم

مىنىڭ ئەدەبى تەنقىد قارىشىم

يالقۇن روزى

مەن ئۆزۈمنىڭ قىزىقىشىم ۋە خاھىشىم بويىچە، ئەدەبىي تەنقىدچىلىكنى ئەدەبىيات-سەنئەت قەسىرىگە كىرىدىغان يول قىلىپ تاللىۋالدىم. ئەدەبىي تەنقىد … ماڭا بۇ قەسىرگە كىرىدىغان يول خېتىنى بېرىشنى خالامدۇ ياكى خالىمامدۇ، بۇ پۈتۈنلەي مېنىڭ تىرىشچانلىقىمغا باغلىق. كېتىۋاتقىنىم مۈشكۈلات بىلەن تولغان بىر چىغىر يول ئىكەنلىكى ماڭا ئايان. ئۇ ئىرماش-چىرماش چاۋا-چاتقاللار بىلەن بىلەن تولغان، ئۇ يەنە چوڭقۇر جىلغىلاردىنمۇ ئۆتىدۇ. بۇ يولدا سەپەر قىلغۇچى جاپا-مۇشەققەت چېكىشتىن ۋە تۈرلۈك خېيىم-خەتەرلەردىن خالىي بولالمايدۇ. بۇ، مۇشۇ يولنى تاللىغانلارنىڭ ھەممىسىگە ئورتاق قىسمەت.
بۈگۈنكى جاھان ئەدەبىياتىدىكى ھەر خىل پەلسەپىۋى قاراشلار، ئېستېتىك تەشەببۇسلار ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت ئېقىملىرىدىن ھاسىل بولغان رەڭگارەڭ «ئىزم»لار ئۆزىنىڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان رەڭدار جۇلاسى بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ روھىي دۇنياسىنى بېزىمەكتە. ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ ئەڭ ئىچكى چۆللۈكلىرىدە تىمىسقىلاپ يۈرگەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمۇ بۇنىڭدىن ئۆزىگە چۇشلۇق نېسىۋىگە ئىگە بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا نۆۋەتتىكى كۆپ خىل قىممەت يۈزلىنىشى، ھەر خىل ئېستېتىك تەشەببۇسلار، ئوخشاش بولمىغان ئەدەبىي ئېقىملار ئالدىدا ئۆز ئىرادىسى بويىچە ئەركىن تاللاش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى بىر ئومۇمىي يۆنىلىشكە بۇراش بىرەر ئەدەبىي تەنقىدچىنىڭ قولىدىن ھەرگىز كەلمەيدۇ. ئەمما، مەلۇم بىر خىل قىممەتنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەلۇم كىشىلەرنى شۇنىڭغا جەلپ قىلىش مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ئەمەس.
مەن ھەر دائىم ئۆزۈمنىڭ سەنئەت خاھىشىم بويىچە، «ماڭا ئىزم ئەمەس، ئۆزۈم كېرەك» دەپ تەشەببۇس قىلىشتا چىڭ تۇرىمەن. چۈنكى، ئۆزىگە خاس كەچۈرمىشكە ئىگە بولغان شۇنداقلا ئالاھىدە تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي شارائىتتا تۇرغان ئۇيغۇر خەلقى ئالدى بىلەن ھەقىقىي مەنىدىكى «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى»غا موھتاج. ئۇيغۇر خەلقى ئەدەبىياتتا ئۆزىنىڭ پەردازلانمىغان ھەقىقىي قىياپىتىنى كۆرۈشنى، يۈرىكىنىڭ قات-قېتىدىكى شىۋىرلاشلىرىنىڭ قۇدرەتلىك ئەكس ساداسىنى ئاڭلاشنى خالايدۇ. يازغۇچى، شائىرلىرىمىز ئۇلارنىڭ روھىي دۇنياسىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى چاڭقاشلىرىنى ۋە تىتىلداپ تۇرغان يوشۇرۇن تەشنالىقىنى سەگەكلىك بىلەن ھېس قىلىشى كېرەك. «خەلق ئۆزىنى بىلىش مەقسىتىدىلا ئۆزىنىڭ شائىرلىرىنى يارىتىدۇ» (يېۋتىشىنكو). ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ سەلتەنەتلىك، ئازابلىق ۋە بەختسىز قىسمەتلەر بىلەن تولغان ئۇزاق تارىخىي جەريانىدا مىڭلارچە شائىرلارنى ياراتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنى ياراتقان ئانا خەلقىنىڭ ئارزۇ-ئېتىقاد، ئازاب-ئەندىشىلىرىنى ھېس قىلىپ يەتكەن، ئۇنىڭ ئۆكسۈش تولغان دەۋىتىگە قۇلاق سالغان ھەم ئۇنى سەنئەتلىك سېھىرلىك تىنىقلىرى بىلەن ئۇلۇغۋار سۈكۈتلىرى ئىچىگە سىڭدۈرۈپ ئىپادىلىگەن شائىرلار ئانچە كۆپ بولمىغان.
بۈگۈنكى دەۋرىمىزدە ئەدەبىياتىمىزنىڭ غورىگىل ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى تەشنالىقىنى قاندۇرىدىغان ئەلۋەك دەرياغا ئايلاندۇرۇش مەقسىتىدە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان يازغۇچى، شائىرلىرىمىزنىڭ سان جەھەتتە تارىخىمىزنىڭ ھەر قانداق مەزگىلىدىكىدىن كۆپلۈكى بىزنى ھاياجانلاندۇرسىمۇ، لېكىن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ئەسەرلەرنىڭ خېلى كۆپى يەنىلا ئۆزىنىڭ ئېستېتىك سۈپەت ۋە ئىجتىمائىي قىممەت جەھەتتە لاياقەتسىزلىكىنى ئاشكارىلاپ قويماقتا. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن تەشنالىقنى قاندۇرالايدىغىنىنى، يۈرەككە تېگىدىغىنىنى تېپىش بەكمۇ تەس. بىز مەلۇم يازغۇچى، شائىرلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ تۇرۇپ، بۈگۈنكى دەۋردىكى ئەدەبىياتىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق، كۆزىمىزگە روشەن ھالدا چىلىقىپ تۇرغان بىردىنبىر «ئەنئەنە» شالاڭ ھاۋاغا ئوخشاش ئەدەبىياتىمىزنىڭ نەپىسىنى سىقىپ كەلگەن رېئالىستىك روھنىڭ كەملىكى ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. ئەدەبىياتىمىزنى كرىزىسقا مۇپتىلا قىلغان روشەن سەۋەبلەرنىڭ بىرى دەل مۇشۇ. بىز بۇ كرىزىستىن تا ھازىرغىچە قۇتۇلۇپ كېتەلمەيۋاتىمىز. مۇئەييەن يېڭىچە ئېستېتىك پرىنسىپلار بىلەن ئۆزىنى بېزىگەن يېڭى شېئىرلارمۇ ئۆزىنىڭ قانداق داۋراڭ پەيدا قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئەدەبىياتىمىزنىڭ رېئالىستىك روھ كەم بولۇشتەك خاس ئەنئەنىسىگە كەم-كۈتىسىز ۋارىسلىق قىلدى. بىز يېڭىچە شېئىرلارنىڭ ئەنئەنىۋى شېئىرىيەتكە شەكىل جەھەتتە قىلغان كىچىككىنە ئاسىيلىقىنى ئېتىراپ قىلىمىز. بەزى شېئىرلار ئۆزىنىڭ يېڭىلىقى، گۈزەللىكى ۋە ئۆزگىچە سېھرىي كۈچى بىلەن سان-ساناقسىز كۆڭۈللەرگە كىرىپ كەلدى. لېكىن بىر قىسىم ياش قەلەمكەشلىرىمىز ھەر خىل «ئىزم»لارغا قارىغۇلارچە چوقۇنۇپ، مۇدىرنىزم ئەدەبىياتىنىڭ شەكىل، قۇرۇلما، تىل، ئۇسلۇب جەھەتتىكى ئەركىنلىكىنى كەلسە-كەلمەس سۇيىئىستېمال قىلىپ، سەنئەت لوگىگىسىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ تەپەككۇرىنىڭ دەلدۈشلىكىدىن، ئىنسانىي قىممەتنى چۈشىنىشىنىڭ يېتەرسىزلىكىدىن ۋە تىلىنىڭ كەمتۈكلىكىدىن بولۇۋاتقان دۇدۇقلاشلىرىنى كۆرەڭلىك بىلەن يېڭىلىق، دەپ بازارغا سالماقتا. مىللىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئاجىز، رېئاللىققا، تۇرمۇشقا چېقىلىش جۈرئىتى يوق، «يىلتىزى»غا ئەسلا قىزىقمايدىغان، ئەمما ئۆزى بىلەن سۆيگىنى ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىيات ماجرالىرىنى چىڭقىلىپ تۇرۇپ تەسۋىرلەيدىغان، سەنئەتنىڭ ساپلىقىنى بەكمۇ غايىۋى چۈشىنىپ، ھايات رېئاللىقىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان، ئۆز قەلبىنىڭ ئاچقۇچىنى تاپالماي، «خىيالىي تەجرىبە شىشىلىرىدە پەرىشتىسىمان لىرىك قەھرىمانلارنى يارىتىش»قا ئادەتلىنىپ قالغان، ئازابلىنىش بەختىگە ئەسلا مۇيەسسەر بولالمىغان بۇ بىر قىسىم ياش قەلەمكەشلىرىمىزنىڭ ئىجادىيەت مۇددىئاسى كېسەل ئازابىدا ئېڭراۋاتقان ئانىسىنىڭ ھالى بىلەن كارى يوق ئاشنىسى ئۈچۈن ئۇپا ئىزدەپ يۈرگەن تېتىقسىز بايۋەتچىلەرنى ئەسلىتىدۇ. ئۇلار ئۆز خەلقى، مىللىتىنىڭ قەلب جاراھەتلىرىنى، ئارزۇ-ئارمانلىرىنى، روھىي جەھەتتىكى سىقىلىشلىرىنى چۈشەنمەيدۇ. ئوخشاش بولمىغان مۇھىتتا ۋە ئوخشاش بولمىغان تارىخىي شارائىتتا ياشاۋاتقان ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس ھېسسىياتى، روھىي تەلەپلىرى بولىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ. مىللەتنىڭ ئۆزىگە يۈزلىنەلمەيۋاتقان ئەدەبىياتنى دۇنياغا يۈزلەندۈرىمىز، دەپ قۇرۇق گەپ سېتىپ يۈرگەن قەلەم ئىگىلىرى شۇنى ئۇنتۇماسلىقى كېرەككى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن تەقدىرداش. بىز ئاۋۋال ھەقىقىي ئىنساندەك ياشاش ئارزۇيىمىزنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ بولۇپ، ئاندىن ئېستېتىكىلىق داۋراڭلارنى بازارغا سالساقمۇ ئۈلگۈرىمىز.
مېنىڭچە ئەدەبىياتنىڭ مۇقەددەس بۇرچى خەلققە ياشاشنى ئۆگىتىش، ئەدەبىيات-سەنئەت خەلققە قانداق ياشاۋاتقانلىقىنى ۋە قانداق ياشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشى كېرەك. بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، «ياشاش» دېگەن سۆزنىڭ ۋەزنى بەكمۇ ئېغىر. يازغۇچى، شائىرلار خەلققە نەپ بېرەلمەيدىغان قۇرغاق ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىشتىن ھەزەر ئەيلىشى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ قايسى مۇددىئانىڭ تۈرتكىسى بىلەن قەلەم تەۋرىتىۋاتقانلىقىنى بىلىشى كېرەك. نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئامېرىكىلىق مەشھۇر يەھۇدىي يازغۇچى سىنگېر: «مەن ھەر بىر ھېكايەمدە مەلۇم نەرسىنى دەۋالماقچى بولىمەن»، «ئاممىباب ئەدەبىياتنى ياقلىسام ياقلايمەنكى، ئۇنداق قۇرغاق ئەسەرلەرنى ياقلىمايمەن، قۇرغاق ئەسەرلەرنى ئەسەر دېسىمۇ بولىدۇ، دېمىسىمۇ بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئادرېسى ۋە چوڭقۇر يىلتىزى يوق. ئۇلار كىشىلەرگە زوق بەخش ئېتەلمەيدۇ، ھەقىقىي تەربىيە ۋە ئىلھاممۇ بېرەلمەيدۇ» دېگەن. نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن چىلىلىق شائىر پابلو نېرۇدا: «شائىر ئىلاھ ئەمەس، شۇنداقلا تىرىكچىلىك ۋە ياكى باشقا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەردىن ئارتۇق ياكى سىرلىق قىسمەتكىمۇ ئىگە ئەمەس. ئەڭ ئېسىل شائىر ھەر كۈنى بىزنى بولكا بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدىغان، ئۆزىنى قىلچىمۇ «ئىلاھ» سانىمايدىغان بولكا ساتقۇچىلاردۇر»، «ئەگەر مەن ۋەتەننى ئويغىتىش ھەرىكىتىگە قاتنىشىش شەرىپىگە ئىگە بولالمىغان بولسام، شۋېتسىيە ماڭا بەرگەن بۇ شەرەپ ئالدىدا يۈز كېلەلمىگەن بولاتتىم» دەپ جاكارلىغان. دېمەك، ئەدەبىيات مىللىي يىلتىزىدىن ئايرىلالمىغانغا ئوخشاش، ئۆزىنىڭ مىللىي مەسئۇلىيىتىنىمۇ تەرك ئېتەلمەيدۇ. مىللىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى يوق يازغۇچىنى يازغۇچى دېگىلى ھېچ بولمىسا ئەستايىدىل يازغۇچى دېگىلى بولمايدۇ.
بۇ يەردە يەنە شۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەككى، ئەدەبىياتنىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمىنى مۇبالىغىلەشتۈرۈۋېتىش ئەدەبىياتنى چاكىنىلاشتۇرۇشقا ئېلىپ بارىدۇ. بىز نەچچە ئون يىلدىن بۇيان مۇشۇنداق چاكىنىلاشتۇرۇۋېتىشنىڭ زىيىنىنى كۆپ تارتتۇق. ھازىرغىچە تارتىۋاتىمىز. ئەدەبىيات ھەرگىزمۇ يۈك تۆگىسى ياكى تىللا تۇغىدىغان توخۇ ئەمەس. ئەدەبىيات روھنى تەربىيىلەپ، خاراكتېرنى يېتىلدۈرىدىغان ۋە ھېسسىياتنى تاۋلايدىغان يوشۇرۇن سېھرىي كۈچكە ئىگە سەنئەت. ئەدەبىياتنىڭ بۇنداق بىلىندۈرمەي تەسىر كۆرسىتىش رولى بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدىن ئارتۇق ئۈنۈم يارىتىدۇ. ئەنگلىيىلىك مەشھۇر يازغۇچى تۇماس خاردى ئېيتقاندەك: «ئەگەر گالېلىي ئۆزىنىڭ يەر ھەرىكەتلىنىدۇ، دېگەن تەلىماتىنى شېئىرىيەتتە ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، بەلكىم دىنىي سوت ئۇنىڭغا ئارىلاشمىغان بولاتتى.» ئوكتاۋىئو پاز ئېيتقاندەك: «ئەگەر بۇش بىلەن سادام شېئىر ئوقۇغان بولسا، پارس قولتۇقى ئۇرۇشى يۈز بەرمىگەن بولاتتى.»
مەن ئەدەبىي تەنقىدچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىشتا كېرەكلىك بولغان مەنىۋى ئېنېرگىيىنى دەل مۇشۇنداق چىنلىقتىن قوبۇل قىلىمەن. مەن ماقالىلىرىم ئارقىلىق كىتابخانلارنىڭ زوقلىنىش ئادىتىنى ھەرىكەتچان پىسخىك قۇرۇلمىغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇلارنى يازغۇچى، شائىرلارغا جانلىق پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا ئادەتلەندۈرۈشكە تىرىشىمەن، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلەردىن ھۇزۇرلىنىش ۋە ياخشى ئەسەرلەرنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارىغا مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلىمەن. ئەلۋەتتە، بۇ جەرياندا ئۆزۈمنىڭ سەنئەت خاھىشىنى بازارغا سېلىشتىن ساقلىنالمايمەن، بۇنىڭدىن ساقلىنىشنىمۇ خالىمايمەن، چۈنكى بۇ جەريان زورلاش، مەجبۇرلاش جەريانى ئەمەس، بەلكى قىزىقتۇرۇپ مايىل قىلىش جەريانى.
مەن كىتابخانلىرىمىزنىڭ قەلبىدە مۇئەييەن ئورنى بار، ئەسەرلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ھازىرقى سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، دەپ قارىلىدىغان بەزى يازغۇچى، شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىگە چېقىلىشنى بەكرەك ياقتۇرىمەن. چۈنكى، مېنىڭ قارىشىمچە، ئۇلار ئىجادىيەتتە نۇقتىلىق ھالدا ئويلىنىلىدىغان، مۇلاھىزە قىلىنىدىغان، باھا بېرىلىدىغان باسقۇچقا يەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان كىتابخانلار، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۈلگە قىلىدىغان ھەۋەسكارلار خېلىلا كۆپ. شۇ سەۋەبتىن، مەن ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى چامىمنىڭ يېتىشىچە ئوپېراتسىيە قىلىپ، كىتابخانلار ۋە ھەۋەسكارلار بىلەن ئۇلار ئوتتۇرىسىدا يېڭىچە مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئىستەيمەن. گېرمانىيىلىك مەشھۇر پەيلاسوپ نىچشې: «زىيانداش ھاشارەتنىڭ ئادەمنى چېقىشى ئۇنىڭ نىيىتىنىڭ يامانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بولىدۇ. تەنقىدچىلەرمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ، ئۇلار بىزنىڭ ئازابىمىزغا ئەمەس، قېنىمىزغا موھتاج» دېگەنىدى. نىچشېنىڭ بۇ سۆزنى قانداق مەقسەتتە ئېيتقانلىقىدىن قەتئىينەزەر، مېنىڭچە «نىيىتىنىڭ يامانلىقىدىن ئەمەس» دېگەن سۆزى ئادىل ئېيتىلغان. بىزنىڭ يازغۇچى، شائىرلىرىمىز ھەتتا كىتابخانلىرىمىزمۇ مەدھىيە ئىبارىلىرىنى، ئىللىق سۆزلەرنى ئاڭلاشقا خۇشتار ھەم شۇنىڭغا كۆنۈك. تونۇلغان بىرەر يازغۇچىنىڭ بىرەر ئەسىرى ئۈستىدە ئوخشاش بولمىغان قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلسا، ھەممە كىشى ھودۇقۇپ كېتىدۇ، مەتبۇئات ئورۇنلىرى بۇنداق قاراشلارغا ئىنتايىن سالقىن پوزىتسىيە تۇتىدۇ. بۇ يازغۇچى، شائىرلىرىمىزنىڭ ۋە كىتابخانلىرىمىزنىڭ ساغلام ئەدەبىي تەنقىد ئېڭىنىڭ يېتىلمىگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. شۇنىسى ئېنىقكى، تا بۈگۈنگىچە ھېچكىم ھېچقانداق «ئەدەبىيات نەزەرىيىسى»دە پالانى يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرىگە چېقىلىشقا بولىدۇ، پوكۇنى يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرىگە چېقىلىشقا بولمايدۇ، دېگەن غەلىتە ئۆلچەمنى ئۇچراتقىنى يوق.
دەرۋەقە، بىزدە بىرەر ئەسەر ئۈستىدە ھەر خىل باھا، بەس-مۇنازىلەرنىڭ بولۇشىنى نورمال ۋە زۆرۈر ئەھۋال دەپ قاراش تېخى ئومۇملاشمىغاچقا، ئاپتورلار ۋە كىتابخانلارنىڭ ئەدەبىي تەنقىدكە ئادەتلىنىشىگە مەلۇم مەزگىل كېتىدۇ. لېكىن، ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ئۇلارنىڭ ئادەتلىنىشىنى ساقلاپ تۇرالمايدۇ. ئۇ نورمال بەس-مۇنازىرە ئارقىلىق ئۆز يولىنى ئۆزى ئاچىدۇ ھەم شۇنداق قىلىشى زۆرۈر. ئۇنداق بولمايدىكەن، بىزنىڭ ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىز مەڭگۈ بىر ئىزدا توختاپ قېلىشتىن، بۇرۇقتۇرمىلىقتىن خالىي بولالمايدۇ.
ئەدەبىي تەنقىدچىلىك يازغۇچى، شائىرلانى تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى، ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك، دەپ تونۇيدىغان ئەھۋال بىزدە بىر قەدەر ئومۇملاشقان. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ خىل قاراشنى توغرا دەپ تونۇيدۇ. مېنىڭچە ئەسەرلەرگە ئوبيېكتىپ باھا بەرمەي، ئەتەي ماختاپ، ئۇچۇرۇپ ئىلھاملاندۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇنداق قىلىش يازغۇچى ئۈچۈنمۇ، ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈنمۇ پايدىسىز. بىزنىڭ ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىز چاۋاك چېلىپ ئالقىشلاشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان پاسسىپ ئورۇندا تۇرۇۋەرمىسۇن. ئۇ ئۆزىنىڭ خاس فۇنكسىيىسىنى جارى قىلدۇرغىنى تۈزۈك. شۇنىسى ئېنىقكى، تەنقىدكە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى يوق يازغۇچى ئۆز نۆۋىتىدە ماختاشقىمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. بۇ يەردە، ئۇلارغا غەرب مۇتەپەككۇرى مۇنتايگىننىڭ مۇنداق بىر جۈملە سۆزىنى تەقدىم قىلىمەن: «ھەقىقىي گۈزەل قەلب كەڭ، ئوچۇق، شۇنداقلا بارلىق نەرسىلەرنى سىغدۇرۇشقا ھازىرلانغان بولۇشى كېرەك».
بىزنىڭ مىللىي مەدەنىيەت پىسخىكىمىزدا كەمتەرلىك قىلىشنى مۇستەقىل قاراشلىرىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ئۈستۈن كۆرىدىغان خاھىش ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغانغا ئوخشاش، ئەدەبىيات-سەنئەت مۇھىتىمىزدىمۇ سۈنئىي ئىتتىپاقلىقنى ئوخشاش بولمىغان قاراشلار ھەققىدىكى بەس-مۇنازىلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىن ئەۋزەل كۆرىدىغان خاتا تونۇش مەۋجۇت. شۇنى بىلىش كېرەككى، ئەدەبىي تەنقىدچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا بەس-مۇنازىرىدىن، تىركىشىپ قىلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. ئەگەر بىزنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەتكە بولغان مۇھەببىتىمىز ساپ بولىدىكەن، بىز ئۇنى سەنئەت قانۇنىيىتى بويىچە بىر تەرەپ قىلىمىز ۋە سەنئەت نۇقتىسىدا تۇرۇپ چۈشىنىمىز. ئەگەر بۇنداق قىلالمىساق، ھودۇققىنىمىزدىن سەنئەتكە سىغمايدىغان ئېتىكىلىق ئاتالغۇلار بىلەن بىر-بىرىمىزگە ھەيۋە قىلىپ، ئەخلاقتىن دەرس ئۆتىدىغان پاسسىپ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىمىز. ھەممىمىزگە روشەن بولسۇنكى، سەنئەتكە بولغان ساپ مۇھەببەت ئادەتتىكى ئەخلاق مىزانلىرىدىن كۆپ ئۈستۈن تۇرىدۇ.

(بۇ ماقالە 1993-يىل 13-مارت ئېلان قىلىنغان)

مەنبە:«تەكلىماكاندىكى ئالتۇن كولدۇرماما» ناملىق كىتاب

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top