«ئۇيغۇرلارنىڭ شىئېرىيەت تارىخى» دىن بايانلار

(ئۇيغۇر يىڭى شېئىرىيىتى ھەققىدە قىسقىچە تەھلىل )
ئەنئەنىمىزدىكى –شېئىرىيەت ھۈجەيرىلىرى
ئابدۇرېشىت سۇلايمان
شېئىرىيەت – سۇزۇك روھى پائىلىيىتىمىزنىڭ ھەركەتچان ھۈجەيرىسىگە ئايلانغاندا، تەننىڭ گۈزەللىك تەرىپىدىن قامال قىلىنىش جەرياننى تاماملىغان تەپەككۇر، بوشلۇق بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىدۇ. بۇ بىر مىدىسسېنالىق يۈزلىنىش. دۇنيا –ئىلىم پەن جەۋھەرلىرىدىكى بىئولوگىيەلىك يەكۈن. ئىنسانىيەتنىڭ تەپەككۇر ھەم تۇيغۇسىدىكى شەيئىلەر گۈزەللىكتىكى نۇر – شېئىرىيەت ھۈجەيرىلىرى تەرىپىدىن مۇنۇپۇل قىلىنغاندا تەننىڭ تىرە قاتلىمىدىكى نەملىك، قۇرغاقلىق بىلەن ئېستىتېكىلىق پەرىق نىسپىتىدە تۇرۇپ نىرۋا سىستىمىسىنىڭ قورشاۋىدىن چىقىپ كىتىدۇ. شەيئىلەرگە ئەقىل بىلەن ئەمەس، ئوز ھىسياتىنىڭ تەبىئىي ھۆكۈملىرى بىلەن مۇھاكىمە ئىلىپ بارىدۇ .دۇنيادىكى شەيئىلەر بىلەن غەيرىلىك ئىچىدە ئۇچرىشىدۇ.
شېئىرىيەت ھۈجەيرىسىدىكى پىسخوگىيەلىك ۋاقىت ئېستىرىلكىسى – بىئولوگىيەلىك سائەت تەرتىپىگە كىرگەندە، ئىدراكى رامكا ئىچىدىكى ئېستىتېك مۇددىئا گۈزەللىكنى شەرىت قىلىدۇ. ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسى ئوتتۇرسىدىكى تۇقۇنۇش ئىچىدە شېئىرىيەتنى قوبۇل قىلىۋاتقان روھىيىتىمىز، تىنىمىزنىڭ ياپ – يېشىل ئورمانلىق ئىچىدىكى ساپ ئوكسىگىن سۈمۈرۈپ چەكسىز راھەتكە چۈمگەن دەۋرىدىكى «كىلىماتنىڭ تەن راھىتى » گە ئوخشاش بىئولوگىيەلىك سائەتىمىزنىڭ يوشۇرۇن ئىڭىمىزدىكى قوزغىتىش كۈچىگە ئىرىشىدۇ. روھى ئانالىز ئىلمىنىڭ ياراتقۇچىسى، روھى كىسەللەر دوختۇرى، دۇنيادىكى ئۇچ نەپەر بۈيۈك شەخىسنىڭ بىرسى سىگمۇند فرېئۇدنىڭ «ھىسىتېرىيە تەتقىقاتى» ناملىق كىتابىدىكى – «ئىنسانىيەت ئېڭىنىڭ ئارقىسىدا ناھايىتى مەخپى ۋە كۈچلۈك بىر جەرياننىڭ مەۋجۇت بولۇش مومكىنچىلىكى…ئىنسانىيەت ھاياتىدا پىسخىكىلىق جەرياننىڭ ھالقىلىق ئورنى…»…قاتارلىق بايقاشلىرى، ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقاتىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىپ مىدىتسىنا ساھەسىدىكى نىرۋا كونتىروللىقىدىكى ئەزالارنىڭ ھۈجەيرە تەتقىقاتىغا ھىممەت ئاتا قىلغان .
بىلىقلار خىمىيەلىك سىگنالدىن پايدىلىنىپ ئوخشاش تۈر ئىچىدىكى يەككە ئەزالارنى پەرىقلەندۇردۇ. ئىنسانىيەتنىڭ شېئىرىيەت ھۈجەيرىسىدىكى پەرىق بىلەن گۈزەللىك قارىشى، بولۇپمۇ يىزىقتىكى ئېستىتېكىلىق جەريان كۆرىشىدىن شېئىرىيەتتىن زوقلۇنۇش ئىستىمالىغا دىياگۇنۇز قويۇشقا بولىدۇ .بەلكىم بۇ قاراش ماكان ھەم زامان چەكلىمىسىدىكى پەرىقلەر بىلەن ئاغدۇرلۇپ كىتىشى مومكىن، لىكىن يىقىندا ئىسپاتلانغان «روھنىڭ ماددىنى ئىدارە قىلىش ھەقىقىتى» (j.برۇنw.c.pداۋسنىڭ «ئاتوم ئىچىدىكى ئەرۋاھ» تا-(ئىلىم – پەن ھەقىقىتى بىلەن ئىسپاتلانغان ) دىكى «ئىنسانىيەتنىڭ ئۆلچەش بەلگىسىدىكى كۋانىت ھالىتىگە توساتتىن قايىتماس ئۆزگىرىش ئىلىپ كىلىشتە روھ ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. ھۈجەيرىلەردىكى ئاپتۇماتىك خاتىرلەش قۇرۇلمىسى ماكان ھەم زاماننىڭ تەسىرگە ئۇچرىشىمۇ تەندىكى بىرلىكنى تەشكىل قىلىش ئالاھىدىلىكىنى ئىلاھ ياراتقانلىقى سەۋەبىدىن ئۇنى يوق قىلىش مومكىن ئەمەس )…بىلەن ماكان ھەم زامان تەپەككۇرى ئىچىدىكى تەننىڭ شېئىرىيەت ھۈجەيرىلىرى بىرلىكىگە بولۇپمۇ شائىرلارنىڭ روھ بىرلىكلىرى ئىچىدىكى تىل مۇزىكىلىرىنى ئورۇندىغۇچى، ۋە ئۇلارنى تەشكىل قىلغۇچى ھۈجەيرىلەرگە گۇمان بىلەن قاراش –تەتقىقات ئازغۇنلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس .
بىز دۇچ كەلگەن تارىخ – پەقەت كەچۈرمىش. يىزىقتىكى ۋە ئاۋازدىكى مەۋجۇتلىقىمىزغا سوبىكتىپ ئىڭىمىز ئارقىلىق يەكۈن چىقىرىشقا باشلىغاندا بىز تۇپراق ئىدۇق. بىز تۇپراقتىن ئۈندۇق ھەم تۇپراقتىن كوكلىدۇق. كوڭۈللەردىكى تەسەللى بىزگە ئۇرۇلغان نۇر ۋە ئاۋاز ئارقىلىق ھۈجەيرىلىرىمىزنى ياشارتىدۇ. شېئىرىيەت ئۆزىدە مۇزىكا سىزىمىنى ۋە ئاھاڭدارلىقنى شەكىللەندۇرگەنلىكى بىلەن ھۈجەيرىلىرىمىزگە تەسىر كورسىتەلەيدۇ. جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان سۆز ئۆزەكلىرىگە جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان قۇشۇمچىلارنىڭ قوشۇلىشى. سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ مەرغۇلدىكى ماسلىشىشى بىلەن روھىيىتىمىزدە ھەم تىنىمىزدە شەكىللەنگەن تاۋۇش ئۆزگىرىشلىرىگە «تىتىرتىش» ئارقىلىق، – ھۈجەيرە ھاياتىغا رەڭ ئاتا قىلىدۇ. ئۇيغۇر ھىكىملىرىنىڭ يەكۈنىمۇ يۇقارقى قاراشلىرىمىزنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ – («ئادەمدىكى تۆت خىلىت ئىچىدە نەزمىكارلارنى قان (ھۆل ئىسسىق) مىجەزگە ئىگە دەپ قاراش ئەڭ توغرا قاراش..»)
يىقىندىن بىرى دۇنيا ئەدىبىياتىدا جانلىقلار قىياپىتىدىكى تىراگدىيە. مەدىنىيەت توقۇنۇشلىرى، پىسخىكىلىق زۇلۇم ئەۋجىدىكى خەۋىپ…قاتارلىق زىدىيەتلەرنى مەنبە قىلغان ئۆتكۈنچى دۇنيانىڭ سۈرىتىدىكى نەسىرى ئەسەرلەر كۆپلەپ يىزىلدى، ھەم يىزىلىۋاتىدۇ. ئەرەپ يىرىم ئارىلى ۋە پارىس قولتۇقىدىكى قىرغىنچىلىقتا «دالىدىكى جەسەت» نىڭ قان بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن سىسىقچىلىرى ئىچىدىن تەنلىرىنى توپا –چاڭ باسقان. لىكىن روھى سۈزۈك، يۈزلىرىگە چاچرىغان قان داغلىرىنى سۇرتۇشتىن بۇرۇن نەزمە پۈتۈش ئۈچۈن سىياھ ئىزلەپ ئىشىكلىرى تاقالغان دۇكانلارنى چىكىۋاتقان، ئامال بولمىغاندا چىنە سۇنۇقلىرىغا قانلىرىنى تۆكۈپ چىغىرداق (چىش كورچىلىغۇچ ) ئارقىلىق نەزمە پۇتىۋاتقان شائېرلارنىڭ جىددىلىك ئىچىدىكى ئەجرىدە شېئىرىيەت ھۈجەيرىسىنىڭ ھاياتتىكى قىممىتىنى چۇشىنەلەيمىز.
مەۋجۇتلىقىمىزدىكى ئىچىرقاشنىڭ مەركىزىدە تۇرۇپ شېئىرىيەت ھۈجەيرىسىنىڭ ئىھتىماللىق دائىرسىنى چۇشىنىش بىلەن بىرگە شېئىرىيەتتىكى بىشارەت ۋە گۇمان بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن شائىرنىڭ تۇيغۇسىغا ھەم تەپەككۇرىغا ياندىشىپ ماڭغاندا مەيلى كىلاسسىك ئەدىبىياتىمىزدىكى ئەبجەد ئۇسلۇبىدىكى نەزمىلەر، ئەنجۇمەنلىرىمىزدىكى گۇماننىستىك شائېرلارنىڭ نەزمە پۈتۈش ماھارىتى، ئەلنەغمىلىرىمىزدىكى سىتىخىيىلىك ئىجادىيەت، رىۋايەتلىرىمىزدىكى ئازاپنىڭ جەريانى ۋە قەھرىماننىڭ تىراگدىيە تۇقۇنۇشى، «خەمىسە» لىرىمىزدىكى قۇرۇلما، «دىۋان» لىرىمىزدىكى قىممەت، «ساقىينامە» لىرىمىزدىكى مەينىڭ سىمۇۋوللۇق مەنىسى، فولىكلوردىكى بولۇپمۇ ئىتىقات فولىكلورى ۋە سەنئەت فولىكلورىمىزدىكى خەلىقنىڭ دانىشمەنلىكى، سوپىزىم شېئىريىتىدىكى «فەنا» باسقۇچىغا يەتكەن شائېرلاردىكى دەشتىگاھ دەرۋىشلىرىگە ئايلىنىپ چىكىۋاتقان تىراگدىيەلىك ئازاپ، ئارۇز ۋەزىندىكى لىرىكىلىق، ئىشقى تۇيغۇ، ئويغۇنۇش سادالىرى، مۇناجەتلەردىكى ساپ تۇيغۇ ۋە ئىلاھقا بولغان ئارزۇ –تىلەك، كىلاسسىك ئىقىم بولۇپ شەكىللەنگەن خەلق قوشاقلىرىدىكى پاساھەت…قاتارلىقلارنى بايقاش، ھەم تۇيغۇمىز بويىنچە تەھلىل قىلىپ لەززەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىغىنى بايقاش ھەممە شەخىسكە ئەمەس پەقەت شېئىرىيەت ھۈجەيرىسىگە ئىگە ئامەتلىك شەخىسكە مەنسۇپ بولغان مۆجىزە. بۇنى گىن قۇرۇلمىسىدىن تەھلىل ئىلىپ بىرىش جەريانى ئاددى بىر جەريان .
ۋاقىت بىلەن بوشلۇق، زامان بىلەن قان، گىرەلەشمىسىدىن ماكان بىلەن شەخىسنىڭ بىرلىكىنى تارتىپ چىقىرىپ تەن بىلەن روھنىڭ پىچىلىشىشىشغا كىرسەكلا ئۆزىمىزنىڭ تىنىدە شۇ ھۈجەيرىنىڭ بار يوقلۇقىغا ئىشەنچ قىلالايمىز. بۇنى بايقاش ئۇسۇلى توۋەندىكىدەك :
تولۇق ئاساسدىكى بەدىنىمىزنى ئىگەللەپ تۇرغان ھۈجەيرىلەر توپىدا مۇستەھكەم يادرۇلۇق ھۇجەيرە ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى سەنئەتنىڭ گىرەلەشمە سىمفۇنىيىسى ئارقىلىق ئىسپاتلايدۇ .تەڭكەش ئىچىدىكى ھاياتلىق ھىسياتنىڭ مايىلقىنى ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن يوقىتىپ قويۇشنى رەت قىلىدۇ. بىتخوۋىننىڭ تۇيۇقسىز «ئولۇم سىمڧونىيەسى» دىن ئىبارەت مۇزىكا ئارقىلىق ھاياتلىقنى ئىسپاتلىشى نوتا ھەم يىزىق ھىممىتىدىكى ھۈجەيرىلەر بىرلىكىدە نۇسخىلانغان ھاياتلىقنىڭ كىسەللىكگە قارشى تۇرۇش دەۋرىدىكى ئىمونىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ سەنئەت ھۇجەيرىسىنىڭ بەدەننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھۈجەيرىلەرنى قوزغىتىپ ئىلىپ بارغان بىر قېتىملىق «سەنئەتتىكى ئوكسىتلاش » جەريانىدۇر. سەنئەتكارلارنىڭ ئۆز فورمىسى بىلەن نۇسخىلىنىپ كۆپەيگەن ھۈجەيرىسىدىكى DNA (ئوكسىگېنسىز بىئو-يادرۇ كىسىلتاسى ) ۋە RNA(رىبۇ يادرۇ كىسىلتاسى) مۇقەررەر سەنئەت ھېممىتىدىن سىرىتقى ئادەملەرنىڭكىدىن پەرىقلىنىدۇ. شائېرلارنىڭ ئۆز پىكىردىكى تۇيغۇ يوتكىلىشى ئىچىدە شەرەپ بىلەن يىزىقتىكى سىمفۆنىيە – شېئىريەتكە كىرىپ كىلىش جەريانىمۇ يۇقارقى قاراشنىڭ دەلىللىكى ئىچىدە بولىدۇ .ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن يىزىقتىكى سىمفونىيەنى قوبۇل قىلىش، شائېرنىڭ تۇيغۇ بىرلىكىگە كىرىپ تۇرۇپ يىزىق ۋە ئاۋاز قاتلاملىرى بىلەن ھازىرلىقلارنى پىكىر ۋە تىنىققا ئىگە قىلىش. بىزنىڭ ھۈجەيرىلىرىمىزگە ماكانلاشقان تىنىق مەركىزى دانچىسىدىكى قوزغىتىش كۈچىنى زامان ۋە ماكاندىن تاللاش ئۈچۈن تەسەۋۋۇرنىڭ گارمۇنىك ئېستىلىستىكىسىدا گۈزەللىك ئىزدەيدۇ. تەندىكى رايىشلىق بىلەن گىن گۇرۇپپىسىدىكى ھۇجەيرىنىڭ شېئىرىيەتكە مايىللىقى DNA نىڭ غەلىتە دانچىلىرى بىلەن بىزنى ھەقىقىي گۈزەللىك ئىچىگە سۆرەپ كىرىدۇ. تەندىكى يەككە ھۈجەيرە (شېئىريەت ھۇجەيرىسى) نىڭ مەنىنى قوبۇل قىلىش، مەنىلەردىن مەۋجۇتلۇق كامالەتتىكى ھىسياتنىڭ يىڭى مۇناسىۋەتلەر دەۋرىگە كىرىش ئىسپاتنامىسىنى ناۋائىنىڭ بۇ غەزىلى بىلەن كۈزىتىپ كۆرسەك ئۆزىمىزدە ھازىرلانغان مەيدانى مەۋقەنى بىلىۋالالايمىز
ﻣﯘﺯﻩﻫﻬﻪﭖ ﺋﻪﻳﻠﻪﮔﻪﻥ ﭘﻪﻳﻜﺎﻧﯩﻼﺭﯨﯔ ﺟﯩﺴﻤﯩﻢ ﺋﺎﺭﺍ ﻫﻪﺭﻳﺎﻥ،
ﺩﯨﻤﻪ ﻳﺎﺵ ﭼﻪﻛﺘﯩﻜﯩﻢ ﭼﻪﻛﺘﻰ ﺯﻩﺑﺎﻧﻪ ﺯﯙﺋﻠﻪﺋﻰ ﻫﯩﺠﺮﺍﻥ.
ﻗﺎﭼﺎﻥ ﭘﻪﻳﻜﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻱ ﻫﻪﺟﯩﺮ ﺋﻮﺗﯩﻨﯩﯔ ﺷﯚﺋﻠﻪﺳﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ،
ﺋﺎﻧﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﻕ ﺯﻩﺧﯩﻢ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺭﻣﯩﺪﯗﺭ ﺋﯩﻤﻜﺎﻥ.
ﻧﻰ ﺗﺎﺵﺋﺎﺗﯩﭗ ﺗﻪﻧﯩﻤﻨﻰ ﺯﻩﺧﯩﻢ ﻗﯩﻠﺴﺎﯓ ﻏﻪﻣﮕﻪ ﻗﺎﻟﯘﺭﻣﻪﻥ،
ﻣﯘﯕﺎﻧﻰ ﺑﺎﻏﻼﻱ، ﺋﺎﻧﻰ ﻗﺎﻳﺪﺍ ﺑﺎﻏﻼﻱ ﺩﻩﭖ ﻣﻪﻧﻰ ﺋﯘﺭﻳﺎﻥ.
ﺑﻪﻻﺩﻩﺷﺘﯩﺪﻩ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﯞﻩﺷﻰ ﻣﻪﺟﻨﯘﻧﻨﻰ ﻣﻪﻧﻰ ﺩﺍﻏﻰ،
ﺧﯩﺮﻩﺩ ﺋﻪﻫﻠﻰ ﻗﺎﺷﯩﺪﺍ ﺗﻪﻟﺒﻪ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﻩﻙ ﻗﺎﻟﯘﺭ ﻫﻪﻳﺮﺍﻥ.
ﺳﯚﯕﻪﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯧﻨﯩﻤﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺮﯨﺪﻯ ﻏﻪﻣﯘ-ﻫﯩﺠﺮﯨﯔ،
ﻣﻪﻫﻪﻟﺪﯗﺭ ﺳﻪﮔﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﺋﻪﻳﻠﻪﺳﻪﻡ ﻛﯜﻟﺒﻪﻡ ﺋﺎﺭﺍ ﻣﯧﻬﻤﺎﻥ .
ﻧﯩﻤﻪﻥ ﻗﺎﻟﻐﯘﻡ ﻧﯩﺴﻪﻥ ﺑﺎﻗﻰ ﺯﻩﻣﺎﻧﻪ ﻛﻪﻟﮕﯩﻞ ﺋﻪﻱ ﺳﺎﻗﻰ،
ﻗﻪﺩﻩﻫ ﺩﻩﯞﺭﯨﻨﻰ ﺧﯘﺵ ﺗﯘﺗﻘﯩﻞ ﯞﻩﭘﺎﺳﯩﺰﺩﯗﺭ ﺑﻪﺳﻰ ﺩﻩﯞﺭﺍﻥ.
ﯞﻩﭘﺎﺳﯩﺰﺩﯗﺭﺟﺎﻫﺎﻥ ﺋﻪﻫﻠﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﻧﻪ ﯞﺍﭘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻱ،
ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﻪﻫﻠﻰ ﮔﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﯞﺍﭘﺎ ﺋﯩﺰﺩﻩﺭ ﺋﯩﺮﯗﺭ ﻧﺎﺩﺍﻥ.
ﺧﯘﺷﺎﺩﻩﻳﺮ ﺋﯩﭽﺮﻩ ﻣﻪﻳﺨﺎﻧﻪ ﺗﻮﻻ ﺋﯩﻠﻜﯩﯖﺪﻩ ﭘﻪﻳﻤﺎﻧﻪ،
ﻣﻪﻧﯘ ﺋﻪﻫﻠﻰ ﭘﺎﻧﺎ ﺋﺎﻏﺰﯨﺪﺍ «ﻛﯘﻟﻠﯘﻣﻪﻥ ﺋﻪﻳﻠﻪﻳﻬﺎ قان».
ﭘﻪﻧﺎﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺳﺎﺋﯩﻠﻠﯩﻘﻨﻰ ﯞﻩﮔﻪﺭ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺑﯩﻞ،
ﻛﯩﻢ ﺋﯚﻟﻤﻪﮔﻠﯩﻜﺘﻪ ﺗﻪﯕﺪﯗﺭﻟﻪﺕ ﯞﻩﮔﻪﺭﺳﺎﺋﯩﻞ، ﯞﻩﮔﻪﺭ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ.
ﺟﻪﻫﺎﻥ ﺋﯩﭽﺮﻩ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﭼﯜﻥ ﻳﻮﻗﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻯ ﻳﻪﻛﺴﺎﻧﺪﯗﺭ،
ﻧﻰ ﻓﻪﺭﺭﯗﺥ ﻛﯩﻤﺴﻪﺩﯗﺭ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺟﺎﻫﺎﻥ ﺑﺎﺭﻯ-ﻳﻮﻗﻰ ﻳﻪﻛﺴﺎﻥ.
ﻧﺎﯞﺍﺋﻰ ﺋﯚﺯﻧﻰﺧﯘﺵ ﺗﯘﺗﻜﯩﻢ ﺩﻩﻫﯩﺮ ﺋﯩﺸﻰ ﺑﺎﺭﺩﯗﺭ،
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﯜﺷﻜﯜﻝ ﺗﯘﺗﺎﺭ ﻣﯜﺷﻜﯜﻝ،ﯞﻩﮔﻪﺭ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺗﯘﺗﺎﺭ ﺋﺎﺳﺎﻥ.
زاماندىكى شېئىرىيەتكە قايتىش يۈزلىنىشى بويىنچە شېئىرنى چۈشىنىش ھەم چۈشىنەلمەسلىك باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان شەخىسكە قارىتا ئارتۇقچە گۇماندا بولۇشمۇ شېئىرىيەت ھۈجەيرىسىنىڭ يادرو كۈچىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئىنكار قىلىشقا بولغان چۇشىنىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . شەخىستىكى ئوخشاشمىغان كەيپىيات، گۈزەللىكتىكى لەززەت قىسقا بىر پاكىتىمىزدىكى شېئىرىيەت ھۈجەيرىسىگە باغلىق بولۇپ بۇنى مۇتلەقلەشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ھىچنىمە سىرتىدىكى تەننىڭ شېئىر تەرىپىدىن رەت قىلىنىش قايغۇسىنىمۇ قوبۇل قىلىش كىرەك. تۆۋەندىكى بايانلىرىمىزدا شېئىرىيەت ئەنئەنىمىزدىكى، سەنئەت فولىكلورىمىزدىكى سۈزۈك ھۈجەيرە ئىچىدىن شۇ گۈزەللىكنى، شۇ شېئىرنى… ياراتقان شەخىسنىڭ مەۋجۇدى كامالىتىدىكى تىنىقلىرىنى بايقاش بىلەن بىرگە تىل بەلگىلىرى ھامىلدارلىقىدىكى تەپەككۇرىنى مۇلاھىزە قىلىمىز.
جان تالىشىۋاتقان شېئىرىيەت ئەنئەنىسى
ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى چىكىنىش ئازاپلىرىدىكى سۇئال –شەكىل ۋە مەزمۇندا ئىپادىلىنىدۇ ،«ئۇيغۇرلارنىڭ شېئىريەت تارىخى» نىڭ دارۋازىسىنى چىكىپ باققىنىمىزدا ئىچكى تىل بەلگىلىرىدىكى مۇنۇلۇگنىڭ قاپىيە ۋە ۋەزىن ئارقىلىق چەكسىز تالان تاراچ قىلىنغانلىغىنى، تۇيغۇدىن ياتلىشىش ھالاكىتىدە كىرزىس ئىچىدىكى تەسەۋۋۇرنىڭ تەبىئەتنىڭ تاشقى گۈزەللىكى، ئىنسانىيەتنىڭ شەكلى تەبىرى ۋە شەكلى قىياپىتى، گۇۈزەللىكنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى ئەمەس نەرسىلەر تەرىپىدىن قوراشتۇرلۇپ چىقىلغان رەڭلەر، ئەلمىساقتىن ئايرىۋىتىلگەن مەۋجۇتلۇقتىكى سىر… قاتارلىقلارنى جان –جەھلى بىلەن «لىرىكىلىق» تەسۋىرلىگەنلىكىدە تولۇپ –تاشقان ئىسپاتنامىلەرنى قالدۇرۇپ قويۇپتۇ. بىزدىكى ئەنئەنە سىمالىرى ئارۇزنى بىرلىك قىلغان ۋەزنىلىك شېئىرىيەت ئەنئەنىسى، بارماق ۋەزىنلىك شېئىرىيەت ئەنئەنىسى…قاتارلىقلارنى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ تىل – سىھرىدىكى كۆڭۈللەرنى شەكلەن دۇنيا بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ قەلىبكە كۆچۈش نىممىتىدىن مەھرۇم قالدۇرۇش ئۇچۇن قان – تەر ئاققۇزۇپتۇ. شۇنداقتىمۇ شېئىرىيەت دەرۋازىسىدىن ئىچكىرلەپ كىرگىنىمىزدە ئەركىن شېئىرىيەت ئەنئەنىمىزدىكى ئىسلام دىنىغا كىرىشىمىزدىن بۇرۇن مەيدانغا كەلگەن بۇددىنىزىم شېئىريىتى، يىقىنقى مەزگىللەردە بىشىمىزغا ئىلىپ كوتىرىپ تەتقىقاتلىرىمىزدا نەقىل ئىلىپ تەرىپلەپ كىلىۋاتقان ساترىنىڭ مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسىنىڭ خىمىر تۇرۇچى بولغان تەسەۋۋۇپنىڭ – شېئىرىيەت ئەنئەنىسى، 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا شاۋقۇن – سۈرەن بىلەن مەيدانغا كىلىپ بىر مەيدان شېئىرىيەت ئىنقىلاۋى ئىلىپ بىرىلغان ئۇيغۇر سىمۇۋۇللۇق شېئىرىيەت ئەنئەنىسى قاتارلىق تەبىئەتنىڭ ۋە ئىنساننىڭ ئىچكى قىسمىغا، روھىيىتىگە ئىچكىرلەپ كىرىش ئارقىلىق يىزىقتىكى چەكسىز كۆچمە مەنا يارىتىش ئۈچۈن گۈزەللىكتىكى تىراگىدىيە ۋە جەۋھەرنى قەلىبتىن ئىزدەش چاقرىقىدىكى شېئىرىيەت ھۈجەيرىسىگە ئىگە بىر تۈركۈم شائېرلىرىمىزدىن سۆيىنىمىز ھەم ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىمىز .
شېئىرىيىتىمىزدىكى ئازغۇنلۇقتا بىر قىسىم شائېرلىرىمىز قۇياش مەۋجۇتلىقىدىكى كۈندۈزدىمۇ چىراغ يىقىپ ئوقۇرمەنلەرنى چىراغ ئەتىراپىغا ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئاڭلاش ۋە كۆرۈش سەزگۈسىگە ئىگە شېئىرىيەت ھۈجەيرىسىدىكى كىتاپخانلارنىڭ رەت قىلىنىشىغا ئۇچرىسىمۇ ئۆزىنىڭ سوبىكتىپ دۇنياسىنىڭ ماھىيتىنى زورلاپ قوراشتۇرۇش ئارقىلىق توزۇپ چىققان چەكلىك شەيئى ھەققىدىكى لىرىكىلىرىنى «مانا بۇ شېئىرىيەت » دەپ داستىخان يىيىپ شېئىرىيەت لەززىتى ئىچىدىكى ۋاقىت بەركىتىگە خىيانەت قىلىش ئارقىلىق سۇكۇتتىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ «شېئىرىيەت» دىن سوۋۇش خائىشىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان، بۇ پاجىئە ئۇيغۇر دىداكتىكىلىق شېئىرىيىتى ۋارىسلىرى، ۋە ئۇيغۇر تەمسىللىك شېئىرىيىتى قىساسكارلىرىدا كۆپ ئۇچرايدۇ. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى بىر ھادىسە دەپ ئىتراپ قىلىنغان ئۇيغۇر سىمۋوللۇق شېئىرىيىتىدىكى بىر قىسىم ئۈگەنچى شېئىرۋازلارنىڭ يازمىلىرىدىمۇ مەۋجۇت.
«يەنە بىر شېئىريەت» بىزگە شۇنداق نىدا قىلىدۇ.- شېئىر قايەردە ؟
رىئاللىقتىكى ئازاپ چەكلىمىسى پەسىللەر بايانىدا گۈزەللىككە ھامىلدار بولۇپ قىلىشىمۇ مومكىن. بىز شېئىرىيەتتىكى نامايەندە تېكىسېتلەردىن ئېستىلىسكىدىكى شەخىسنىڭ ياشلىرىنى ئەبەدىلىككە سۆرەپ كىرىش مۇشاقىتىنى بايقىغىنىمىزدا يەنە ئۈمىدكە تولىمىز. تىل بەلگىلىرىدىكى تەۋرىنىش ئىچىدىن ئابدۇرەھىم نىزارى، ئابدىقادىر داموللام، ئاپرىنچۇر تېگىن، ئاتايى، ئايازبىگ قۇشچى، ئەلشىر ناۋائى، ئەنسارى، ئەھمەد يەسەۋى، يۈكنەكى، بايانچۇر قاراخان، بىلال، تەجەللى، تۇنيۇقۇق، نازىم، خاراباتى، خازامى، رابغۇزى، رەشىدى، زەلىلى، زۇھۇرى، ساكيا قايا، سەككاكى، سەئىدى، سۇجۇپ ئاقارى، شەۋقى، فارابى، قەلەندەر، قىدىرخان يەركەندى، قىسۇرى، لۇتىفى، بابا رەھىم مەشرەپ، مەھمۇد قەشقىرى، مەھزۇن، موللا شاكىر، موللا قۇشچى، موللا سىدىق يەركەندى، موللا مۇسا سەيرامى، موللا يەركەندى، موللا ئەلى قۇشچى، بىلال نازىمى، موللا ھەيدەر، مۇھەممەد سىدىق رەشىدى، شەۋقى، ناقىس، نۆبىتى، نۇزۇگۇم، ھۇسەيىن بايقارا، باجىنا، سەبۇرى، ئىسمائىل بەگ، يۇللۇغ تېكېن، يۇسۇپ سەككاكى، يۇسۇپ خاس ھاجىپ (ئىلىپبە تەرتىۋى بويۇچە نەقىل ئىلىندى ) … قاتارلىق ئەنئەنە ئۇستازلىرىنىڭ شاپائەتلىك ھېممىتىنى بايقاش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ نامايەندىلىك ئورنىنى بەلگە قىلىپ تۇرۇپ «ئۇيغۇر شېئىريىتى» نىڭ چىكىنىش قەدىمىنى بەلگىلەپ قارا تەرگە چۆمىمىز. شېئىريەتتىن خۇرسەن بولۇش ھەم ئەپسۇسلىنىش ھىسياتى نۇقۇل شەخىسكە تەۋە ھىممەت بولماستىن بارلىق ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچىلارغا خاس بولغان مەسئۇلىيەتلىك ئويلۇنۇش .
تەسەۋۋۇردىكى سادا بىلەن دىلنى يۇرۇتۇش جەريانىغا كىتىۋاتىمىز، ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش بۇرچىمىزنى قانچىلىك ئادا قىلدۇق؟ .سويۇملۇك خەلقىمىزگە يىزىق مۇزىكىلىرىدىكى نوتىنى بۇزماي ئورۇنداپ بەرگەن شائېرلار قانچىلىك؟ شېئىرىيەت كۆزەتكۈچىلىرى بايان قىلغان باياناتنىڭ چۇشىنىش دائىرسى ئىچىدىكى جۆيلۈشلىرىنىڭ «شېئىريەت ھۈجەيرىسى» بىلەن باغلىنىشى بارمۇ –يوق ؟… مانا بۇ گۈزەللىك ئىزدىگۈچىلەرگە، شېئىرىيەت يولىدىكى جاپاكەشلەرگە تاشلانغان سۇئال. تۆۋەندە «ئەنئەنە ۋارىسلىرى» لىرىنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ كىيىنكى يىرىمىدىن باشلاپ بىزگە تاشلاپ بەرگەن ئىجادىيەت سەرمەرلىرىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ئەنئەنىگە ياندىشىش بىلەن ئەنئەنىدىن چەتنەپ كىتىش، ھەقىقىتىدىكى چىنلىققا ئىچكىرلەپ كىرىمىز .
«ئەنئەنە ۋارىسلىرى» ۋە شېئىريەتتىكى «ئىستىھكام قۇربانلىرى»
بۇددا دىنىغا ئاساس سالغۇچى، ئىنسانلارنىڭ تۇغۇلۇش، قېرىش، ئاغرىش ۋە ئۆلۈش ئازابى ئىچىدىكى دەھشەتلىك ئازاپ كۈچىدىن راھەت –پاراغەتلىك تۇرمۇشتىن ۋاز كىچىپ دەرۋىش بولۇش ئۇچۇن قەسەم ئىچكۈچى ساكيامۇنى مىلادىن ئىلگىركى 48-يىلى «ئەڭ ئاخىرقى نۇتىقى» دا -«شاگىرتلىرىم، سىلەر ئۆزۈڭلارنى نۇرلۇق چىراغ دەپ بىلىڭلار، كۇلپەت ھەم خورلۇقنى ئازاپنىڭ سەۋەبى دەپ بىلىڭلار. ئويۇڭلاردىكى يىلاننى ئويدىن چىقىرۋىتىڭلار، دۇنيانىڭ چىنلىقىنى بىلىڭلار…» دەپ نەسىھەت قىلغان بولسا، يۇناندا ئوتكەن ئىدېئالىسىت پەيلاسۇپ، تاش ئويمىچىنىڭ بالىسى، كۈچلۈك ناتىقلىق تالانتىغا ئىگە ئەقىل ھەۋەسكارى سۇقرات «ئەڭ ئاخىرقى ھايات سوتى» دا شېئىرى تەپەككۇر بىلەن نۇتىقىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ -:«قەدىرلىك قىرىنداشلىرىم… مىنىڭ ۋە سىلەرنىڭ كۆپ ۋاقتى قالمىدى. بىز ئۆلۈمگە سەپەر قىلىۋاتىمىز. سىلەر ئاللاھ قارشىلىقىدىكى كىشىلەرنى…- مىنى ئۆلۈمگە بۇيرۇغۇچىلارنى ئەيىپلىمەڭلار، بىر قىسىملار مىنىڭ دانىشمەنلىكىمدىن ئەنسىرەپ مىنى ئۆلۈمگە بۇيرىدى. غەيرى ئەقىدىلەرنى يۈرەكلىك تەشۋىق قىلغانلىقىم تۈپەيلىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندىم. مەن يامانلىقنىڭ ھەم سۇيقەسىتنىڭ يولىدا تەمتىرەپ سەپەر قىلىۋاتىمەن. ئۆلۈمدىن كىيىن ماڭا بىر خورازنى قان قىلىڭلار … ئۆلۈم روھنىڭ ئىچىدىكى كۆچىشىدىن،- ھەقىقەتنى ۋە گۈزەللىكنى تاپقايسىلەر …ئامان بولۇڭلار …»
بىز بايقىغان ھەم بايقاش ئالدىدا تۇرغان، روھىمىزدىكى يىڭىلىنىش ئالدىدا تۇرغان، تىراگىدىيە توقۇنىش ئىچىدىكى گۈزەللىك ئاڭلاش ھەم كۆرۈش سەزگۈمىز ئارقىلىق بىزگە يىتىپ كەلدى، ھەم يىتىپ كىلىش ئالدىدا تۇرىدۇ. ئىنساندىن ئىبارەت چەكسىز مۇمكىنچىلىكنىڭ ئاۋازى شېئىردەك تاتلىق پىچىرلاپ مەنىلەر بىلەن چىڭدالغان تىلنى بىزگە يەتكۈزگەندە تەپەككۇر لەھزىسى بىلەن ھەزىم قىلىنىشقا باشلىغان سۆزلەر تەنگە ۋە روھقا تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق بىزنى گۈزەللىككە چىللايدۇ. بىز ياشاشقا باشلايمىز. گەرچە گۈزەللىكتىكى تەمەننا ئارقىلىق قورقۇش پىسىخىكىمىزنى ئاشكارلاپ تۇرساقمۇ ۋاقىتنىڭ قەلىبكە ئۇرۇلغان بىئولوگىيەلىك تەرتىپلىرىدىن مەسخىرە قىلىنغان جەرياننىڭ تەننى يەكلىشى بىلەن شېئىرىيەتكە ئىچكىرلەپ كىرىشىمىز ئوتتۇرىسىدىكى تەرتىپ مەقسەتنى ئاشكارلايدۇ. شېئىرىيەتتىكى مەقسەت نۇقۇل ئاۋاز ۋە رەڭ ئەمەس. يىزىقتىكى ۋەھىمە ئارقىلىق ئازاپ بىلەن ئىلىشىۋاتقان تەننىڭ جانلىق تىل دەۋرىدىكى بىشارىتى. بىز بۇ بىشارەت ئىچىگە كىرىپ ئۆزىمىزنىڭ مۇئەللەقتىكى ئوبرازىنى ئىزلەش ئۈچۈن يەنىلا شېئىرغا مۇراجەت قىلىشىمىز كىرەك. شەكلەن ئادەم –يەنى ئەقىلنى يۇكسەكلەشتۇرۇپ، ئويدۇرۇپ چىقرىلغان تاشقى مۇھىت ئىچىدىكى ئادەمدىن گۇمانلىنىشنىڭ ھورمۇنلىرى ئۆز –ئۆزىنى ھىسسىي دەۋرىگە ئىلىپ كىرىش ھىممىتىدىكى شېئىرىيەت ھۈجەيرىسىگە مەڭگۈ ئىگە بولالمىغاندا جانلىقلارنىڭ ئالماشتۇرۇش سىممىتىرىكىدىكى شەكىل بىلەن ئۇلارنى كىلۇنلاشمۇ مەڭگۇ مۇمكىن ئەمەس. مەۋجۇتلۇقنىڭ بىنۇرمال شەكلىدىكى روھى كىسەللىك تارىخى ئۇلارنى شېئىرىيەت بىلەن باغلاپ ئۇلارنى تەبىئىي زۆرۈرىيەت بىلەن قورشاپ تۇرغاندا ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئاۋارە بولماسلىق كىرەك. دۇنيادىكى پۈتۈنلۈك گەۋدىسىگە كىرگەن شائېرلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئوخشاشلىق ھەممىگە قادىر ئۇلۇغلۇقنىڭ شاپائىتى بىلەن ئەنئەنىگە شەرەپ بىلەن كىرگەندە شېئىريەتتىكى سۈزۈكلۈكنىڭ زامان ۋە ماكان مۇناسىۋىتى بولمايدۇ. ئوخشاش تەپەككۇر، ئوخشاش تەسەۋۋۇر، ئوخشاش تۇيغۇ بىلەن ئاتمۇسڧىراغا كىرىپ كىلىمىز. ئىپتىدائىي رىۋايەتلىرىمىزدىكى ناشتىلىق بىلەن ھىسسىي دۇنيانىڭ روھ تاللاش پائىلىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلىۋاتقىنىمىزدا بىزنى كىرزىستىن قۇتۇلدۇرغۇچى ئەركىن ئىرادىدىكى خىيالىي تۇيغۇ بىزنى قىيىنچىلىقلارنى مەنسىتمەيدىغان ۋە قىيىنچىلىقنى، ئازاپنى، يوق قىلىدىغان شىپالىق دورىغا ئايلىنىدۇ .
روھ تاللاش پائىلىيىتىدىكى ئەركىن ئىرادە دوقمۇشىدا بىزنى كۈتۈپ تۇرغىنى ئەنئەنە ۋە سەنئەت فولىكلىرىمىزدىكى جەۋھەرلەر، بىز يەككە ئۇقۇم ئوتتۇرسىدىكى باغلىنىشنىڭ تەجىربىسىنى دۇنيا قاراشنىڭ چەكلىمىلىرىدىن ئايرىپ ئەنئەنە جەۋھەرلىرىگە كىرىپ كىتىش سەپىرىنى باشلىغان شېئىرىيەت كارۋانلىرىنى «ئۇيغۇر شېئىريەت يۇرتى» دىن تىپىش ئۈچۈن ئارلىقتىن ھالقىغان تەسىر بىلەن ئۇلارنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇپ باقايلى .
شېئىريەتتىكى تەخىتنىڭ «ئوغۇزنامىدىن –دىۋانى بايازغىچە» ئىشقى تەسىرات ۋە ئازاپلىق شېئىرى نەزمىلەرنىڭ پۇتىلىشى بىلەن ئۆز سەلتەنىتىنى تۈركى ئەللىرى ۋە پارىس تىللىرىدىكى ئەللەرنىڭ شېئىريىتىدە تىكلىگەنلىكى ئۇيغۇر شېئىريىتىنىڭ 18-ئەسىرگىچە ۋۇجۇت گۈلىدىكى دەرەخلىكتە مىۋە بەرگەنلىكى بىلەن خۇلاسە قىلىنىلىدۇ. شېئىرىيەتتىكى سەلتەنەتنىڭ ئاغدۇرلۇپ كىتىش دەۋرى گەرچە قىسقا بولسىمۇ شېئىرىيەت گۈللىرىنىڭ پۇرىقىنى قوغداش ئۈچۈن سەپەرگە چىققان كارۋانلاردىن -تاڭدا ئەمەس كىچىدىكى قازى كالان شائېرلار ۋەكىللىرى، شېئىرىيەتتىكى ئەمىر – تىيىپجان ئىليۇڧ، شېئىريەتتىكى بۇلاق تامچىسى – ئوسمانجان ساۋۇت، مۇھەممەدجان راشىدىن، يۇقلۇقتىكى قۇملۇق باياۋىنى –قۇربان بارات، شېئىرىيەت ئىچىدە خەلىقنى سۆزلىگۇچى –روزى سايىت، ھەقىقەت سىرلىرىنى مەشىق قىلغۇچى – مامۇت زايىت، شېئىرىيەتتە ئەنئەنىگە كۆچكۈچى، ھەم مەھكەم ساقلىغۇچى ئەخمەتجان ئوسمان، شېئىرىيەت مەيخانىسىدىكى شاھزادە – باتۇر روزى، دىيانەت قەسىردىكى شائېر ۋە پەيلاسوپ – ئابدىقادىر جالالىدىن، شېئىريەت دەشتىگاھىدىكى دەرۋىش – پولات ھىۋىزۇللا، يار ئاچتى ۋە دەرىزە چاققۇچى -ئەزىزى، داستان كەلتۈرگۈچى – ئادىل تۇنىياز، نەزمىكار – زاھىر بورھان، شېئىريەتتىكى ناپەيدا –ئەركىن نۇر، مۇدام ساھىپ -ئومەر مۇھەممەتئىمىن، ئەل خاتىرلىرىنى شات ئەتكۇچى –ئەسقەر ياسىن، سەرمە قامەتتىكى ئىسيانكار –مۇتەللىپ مەنسۇر ئوۋچى، جۇنۇن ئىشقىدىكى –تاھىر ھامۇت، ئۆزىدە ياشىغۇچى ۋە ياشناتقۇچى مۇختەر مەخسۇت، شېئىرىيەت كۆزىدىكى قارچۇق ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم، شېئىريەت تۇپرىقىدىكى ئۇل بەرقى – ئابلەت ئابدۇرېشىت، شېئىريەتتە زاھىرلەنگۈچى – ئابلىكىم ھەسەن، زاماندىن پاكزات، خوتەن دەشتىدىكى شېئىريەت ئەرۋىسى غوجا مۇھەممەد مۇھەممەد، ئەھلى دۇنيادىكى ياش تۆككۈچى –ئابدىرېشىت ئېلى، شېئىريەتتىكى مەن شاھىپ ئابدۇسالام، ئىشقى ۋادىسىكى مەلىكە – چىمەنگۇل ئاۋۇت، شېئىريەت مەلىكىلىرى – ئايسىمە ئىدرىس، ئامانگۇل ئەزىز، ئاتىكەم سىدىق، گەۋھەر بولدى ئالدىدىكى – ئوسمانجان مۇھەممەت، شېئىريەتتىكى مۇساپىر – مەن، شەۋق قوزغۇغۇچى يازمىلىرى بىلەن كىچىگە قۇياشنى باشلاپ كەلگۈچى – قەيسەر تۇرسۇن، شېئىرىيەتتىكى يول ۋە خاراكتىردە سەرۋە قامەت بىلەن ئەنئەنە دەرۋازىسىنى غەزەپ بىلەن چەككۇچى تالايلىغان ئۇيغۇر دىداكتىكىلىق شېئىريەت ،ئۇيغۇر تەمسىللىك شېئىريەت ،ئۇيغۇر سىمۇۋۇللۇق شېئىريەت مەھسۇلىيەتكارلىرى… قاراڭغۇلۇق بىدئىتىدىكى شېئىر ئوقۇغۇچىلارغا تالايلىغان ھىممەت ۋە ھىكمەت ئاتا قىلدى. كۆزى كور، قۇلىغى ئاڭلىمايدىغان، شېئىرىيەت ھۈجەيرىسى يوق قىلىۋىتىلگەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىرغاقلارغا چىقىرۋىتىلگەن سۇ دولقۇنلىرىدىن ئۆزلۈكنى چاقىرىش خەۋەرلىرى كۆپۈككە ئايلاندى. ئەي!!!شېئىرىيەت ئاسىيلىرى. شېئىرىيەت ئىستىھكامىدىكى سالغۇنلارنىڭ نىمە ئۈچۈن زاھىر قىلغان تەپەككۇر جەۋھەرلىرىدە تۇپراقتىن ئەنبەر، ئەتىر كەلتۈرگەنلىكىنى نىمە ئۈچۈن تۇيمايسىلەر …نىمە ئۈچۈن سەزمەيسىلەر … بىر قەلەم بىر بېيىتنىڭ قەدرىنى قان بىلەن پۇتىۋاتقان، ئادەت ئۆلىۋاتقان، قول تىپىش ئۈچۈن كىچىدە ئۇزىۋاتقان شەپەرەڭدىكى بىشارەتگە بىر يولى ياد ئەتمىكى نەزمىلەرنى ھەزىم قىلدۇرۇش ئۈچۈن كىچىنى –كۇندۇزگە ئۇلاۋاتقان تەنلەرگە خارابات كىچىلەر بىلەن ئىسيان قىلىۋاتقان تەنلەرگە ۋاي …!!!سىماپ ھامان سۇ بولۇدۇ. سەرگۈزەشتىلەر… بولۇپمۇ قان بىلەن يىزىلغان تارىخ –شېئىرىيەتكە، چاقچاق قىلغۇچىلار قەلبىگە ۋاي …!!! ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە ۋاي …!!! ئۇلارنىڭ ئازغۇن سۆزلىرىگە ۋاي …!!! شېئىرىيەت بىزگە يار ئىچىۋاتقان دەملەرنىڭ سولكىتى بىلەن … نۇر تىشىنىڭ كىچىدىكى گۈزەللىكى بىلەن …كۆزلەرنىڭ ئەتىكاپتىكى مۆمىنلىكى بىلەن ئەنئەنە ۋارىسلىرىغا ئامانلىق تىلەيمەن، چۇنكى شېئىرىيەتتىكى ئىستىكامنىڭ قۇرۇق قىلىشى رەزىللىكنى مېھراپ ئەيلەيدۇ. تاشلاردىكى بوھتان سەدىقىلىرى جەۋھەرلەرگە يامان سۆز، يامان كۆز دىن پاناھ ئەيلەشنى ئەسكەرتىدۇ .
«ئەنئەنىگە كىرىش سۆز »گە كىرىش سۆز
ئەنئەنىنى،- شېئىريىتىىمىزدىكى چەۋەنداز، ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان شېئىرىيىتىمىزگە ئۇل سالغۇچى ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن قان تەقدىم قىلغۇچى، ئەرەپ شېئىرىيىتى ۋە تۈرۈك ئەللىرى ئەدەبىياتىدا شېئىرىيەت تەختى بىلەن تارتۇقلانغۇچى ئەخمەتجان ئوسمان مۇنداق شەرھىلەيدۇ .
بىزدە «ئەنئەنە» دىگەن ئۇقۇم «ئەزەلدىن داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان » دىگەن مەنىگە ياندىشىپ كىلىدۇ. زادى ئەزەلدىن داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان نەرسە نىمە؟
-خەلق تەرىپىدىن مۇققەددەسلەنگەن يارالمىغا ۋارىسلىق قىلىشمۇ؟
-شۇنداق .
ئۇنداقتا شېئىر بۇ ئەنئەنىنى ئېتراپ قىلمايدۇ .
-مەجھۇلغا ۋارىسلىق قىلىشمۇ ؟
-شۇنداق .
مانا بۇ شېئىرىي ئەنئەنە .»
ئېستېتىك زوقتىكى ئورتاق سادانىڭ مەۋجۇتلىقىدا شېئىرىيەتنىڭ ئوبىيېكتىپلىق ۋە ئىجتىمايىلىقىنى،- خەلق بىلەن ئۆلچىگۈچى تارازا ئارقىلىق داۋاملىق يىڭىلىنىپ تۇرىدىغان دۇنيانى ئۆلچىگىنىمىزدە ئەنئەنىنى سىنايدىغان بىردىنبىر ئۆلچەم يەنىلا ھەقىقەت بولىدۇ. ئەنئەنىگە بولغان سوبىكتىپ تاللىشىمىز شېئىرىيەت ئوبىيېكتىغا بولغان مەسئۇلىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ئاڭ شەكلى بىلەن يەنىلا ئەنئەنىنى ئىزدەيدۇ .
ئۇيغۇر شېئىريىتىدە ئەنئەنە ئىزلەش جەريانلىرى شېئىريەتتىكى شەكىل – بولۇپمۇ ئارۇز ۋەزىن كۆرىشى بىلەن ئالاھىدە كۆزگە چىلىقىدۇ .تارىخى ئاساس بىلەن يارتىلغان ئەنئەنىنى شەكىلگە ئايلاندۇرۇپ قويغۇچىلار رەسسام بىلەن تۇتاش كەتكەن ئەمگەكلىرىنى شېئىرىيەت ئەنئەنىسى دەپ جار سىلىۋاتقاندا مىللەتنىڭ ئۆز چوڭقۇرلۇقىدا مەجھۇلنىڭ ھەركەتلىنىۋاتقان گۈزەللىكىنى بايقىيالىدىمۇ؟ قىنى توۋەندىكى ئىسپاتقا قاراپ بىقىڭ. ناۋائې 15-ئەسىردە ئوتكەن كىلاسسىك شائېرىمىز. باتۇر روزى بىز بىلەن زامانداش بولغان 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 21-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۆز تالانتىنى نامايەن قىلىپ ياشاپ ئوتكەن ئىستېداتلىق شائېرىمىز. ناۋائې دۇردانىلىرىنى شېئىرىيەتتە ئەنئەنىگە ئايلىنىپ كەتكەن جەۋھەرلەر دەپ قاراش ئۇيغۇر ئەدىبىياتىدا مۇتلەقلەشتۇرۋىتىلگەن. چەكسىزلىكتىكى مەنىلەردە بابىر، ھۇۋەيدا، ئايازى، ئەرشى، بابا رەھىم مەشرەپ، باتۇر روزى، غوجا مۇھەممەد مۇھەممەد، مۇھەممەت خىۋىر، ۋارىسجان قاسىم، مۇتەللىپ مەنسۇر،… قاتارلىقلارنىڭ غەزەللىرىدە نۇقۇل ئارۇز ۋەزىننى بىرلىك قىلغان شەكىل بىردەكلىكى ئەمەس، مەزمۇن چوڭقۇرلىقىدىكى ئوخشاش تەپەككۇر، ئوخشاش تۇيغۇ، زامان ۋە ماكان قورشاۋىدىن چىقىپ كەتكەن يىقىنلىقنى ھازىرلىغان. ئەنئەنىگە بولغان سەمىمىلىكنى يۇقارقى شائېرلىرىمىزنىڭ تۆۋەندىكى غەزەللىرىدىن بايقاش مۇمكىن .
ساقىيا مەي تۇتماغان خۇنابە ھىجران قالدىمۇ؟
بەرمەدەڭ مەي ئەمدى قان يۇتماققا ئىمكان قالدىمۇ؟
ئەيكى دەرسەن ئىستەسەڭ ۋەسلىمنى جان قىلغىل پىدا،
مۇنى سور ئەۋۋەلكى ھەجرىڭدىن ماڭا جان قالدىمۇ؟
كۆرگەچ ئول ئاينى جۇنۇندىنكىم يېقىلدىم ئەي ر ەفىق
تەڭرىچۈن ئەيتكى ھالىمغا ھەيران قالدىمۇ؟،
ئەي كۆڭۈل بۇ گۈلشەنىدىن ئەتراپقا باقكىم غۇنچەئى،
كىم كۆڭۈل جەم ئەيلەدى بولماي پەرىشان قالدىمۇ؟
ئەي نەۋائى قاچماغىل ھەمدەملىغىمدىن كۆركى بار،
گەر ساڭا مېھرىن كەم ئەتتى بىزگە يەكسان قالدىمۇ؟
ناۋائې
ﺩﻩﺭﯨﺨﺎﻛﯩﻢ ﻣﯧﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺋﻮﻝ ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎ ﻛﻪﺗﺘﻰ،
ﻗﺎﻟﯩﭙﺘﯘﺭﻟﻪﺭ ﻧﻪﭼﻪ ﻧﺎ ﺋﺎﺷﯩﻨﺎ، ﺋﻮﻝ ﺋﺎﺷﯩﻨﺎ ﻛﻪﺗﺘﻰ.
ﻧﻪﺳﯘﺩﺋﻪﻣﺪﻯ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭼﯜﻥ ﺧﻪﺭﻣﯘﻫﺮﻩﻟﻪﺭ ﭘﻪﻳﺪﺍ،
ﻧﯧﺘﻪﻱ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﻰ ﺩﯗﺭﺭﻯ ﺑﯩﺒﻪﻫﺎﻛﻪﺗﺘﻰ.
ﺧﯘﺷﺎﺑﻪﺯﻣﻰ ﯞﯨﺴﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﭼﻪﻛﯜﻥ ﻛﺎﻣﯩﺮﺍﻥ ﺋﻪﺭﺩﯨﻢ،
ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻣﻪﻫﺘﺎﺏ ﺋﻪﻳﻨﯩﻢ ﺗﯩﻴﺮﻩ ﺋﻪﻳﻠﻪﭖ ﻣﻪﻫﻠﯩﻘﺎ ﻛﻪﺗﺘﻰ.
ﻧﯩﭽﯜﻙ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﯟﻩﭘﺎ ﺑﯩﺮ ﺷﻮﺥ ﺯﺍﻟﯩﻢ ﺷﻮﺥ ﺋﯩﺪﻯ ﻳﺎﺭﻩﺏ،
ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺩﻩﺭﺕ ﺋﯩﻠﻪ ﺑﻪﺱ ﺋﻪﺭﺷﯩﻨﻰ ﺋﻪﻳﻠﻪﭖ ﺑﯩﻨﻪﯞﺍ ﻛﻪﺗﺘﻰ.
(ﺋﻪﺭﺷﻰ)
ﺩﯨﻠﺒﻪﺭﺋﺎﺳﺎﯕﺎ ﻣﯧﻨﯩﯖﺪﻩﻙ ﻳﺎﺭﯗ، ﺟﺎﻧﺎﻥ ﻗﺎﻳﺪﺍﺩﯗﺭ،
ﺳﺎﯕﺎ ﻣﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﺎﺷﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺯﺍﺭﯗ، ﻫﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻳﺪﺍﺩﯗﺭ.
ﺧﻪﺳﺘﻪﯞﯗ ﺑﯩﻤﺎﺭ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻳﻮﻟﯘﯕﺪﺍ ﻳﺎﺗﺴﺎﻡ ﻣﯘﺭﺩﻩﯞﺍﺭ،
ﺳﻮﺭﻏﯘﭼﻰ ﻫﺎﻟﻰ ﻏﯧﺮﯨﺒﻰ ﻣﻪﻫﺮﻩﻣﻰﺟﺎﻥ ﻗﺎﻳﺪﺍﺩﯗﺭ.
ﻳﯜﺭﻩﮔﯩﻢﺑﻮﻟﺪﻯ ﺟﺎﺭﺍﻫﻪﺕ،ﺑﺎﻏﻼﺩﻯ ﺯﻩﺭﺩﺍﭘﯘ-ﻗﺎﻥ،
ﺳﻪﻥ ﻛﻪﺑﻰ ﻣﻪﻫﺮﻩﻡ ﻗﯩﻠﯘﺭ ﻳﺎﺭﻯ ﻗﻪﺩﯨﺮﺩﺍﻥ ﻗﺎﻳﺪﺍﺩﯗﺭ.
ﻏﯘﻧﭽﻪ ﻳﻪﯕﻠﯩﻎ ﻗﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻘﯩﯖﺪﺍﻣﻪﻥ ﺧﺎﻣﯘﺷﻤﻪﻥ،
ﺑﯘ ﻫﯘﯞﻩﻳﺪﺍﺩﻩﻙ ﺳﺎﯕﺎ ﺑﺎﻏﺮﻯ ﺗﻮﻻ ﻗﺎﻥ ﻗﺎﻳﺪﺍﺩﯗﺭ.
(ﻫﯘﯞﻩﻳﺪﺍ)
ﻧﻪﺭﮔﯩﺴﯩﯔ ﺟﺎﺩﯗﺳﯩﺪﯨﻦ ﻫﻪﺭﺩﻩﻡ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻗﺎﻧﺪﯗﺭ ﻣﺎﯕﺎ،
ﺳﯘﻧﺒﯘﻟﯘﯓ ﺳﻪﯞﺩﺍﺳﯩﺪﯨﻦ ﺧﺎﺗﯩﺮ ﭘﻪﺭﯨﺸﺎﻧﺪﯗﺭ ﻣﺎﯕﺎ.
ﺋﯩﺸﻘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺯﯨﻨﺪﻩ ﮔﺎﻧﻠﯩﻎ ﺋﺎﯕﻼﺩﯨﻢ ﺩﯨﺸﯟﺍﺭ ﺋﯩﻤﯩﺶ،
ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺟﯘﺩﺍ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﻧﻪ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﺪﯗﺭ ﻣﺎﯕﺎ.
ﻧﺎﻟﻪﻗﯩﻠﺴﺎﻡ ﺋﻪﺭﺩﻯ ﺭﻩﻫﻤﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻱ ﺋﻪﺭﺩﯨﯔ، ﯞﺍﻫ ﻗﻪﻧﻰ،
ﻛﯩﻢ ﭘﯩﺮﺍﻗﯩﯔ ﺯﻩﺋﻔﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﭼﯩﻘﻤﺎﻏﺎﻥ ﺟﺎﻧﺪﯗﺭ ﻣﺎﯕﺎ.
ﺋﻪﺑﯩﺮ ﺋﻪﻣﻪﺱﻫﻪﺭﺩﻩﻡ ﺩﯗﺭﻩﻓﺸﺎﻥ، ﺋﻪﻱ ﺋﺎﻳﺎﺯﻯ ﻛﻮﻳﯩﺪﺍ،
ﻫﺎﻟﻰ ﺯﺍﺭﯨﻤﻨﻰ ﻛﯜﺭﯛﭖ ﺋﻪﻓﻼﻙ ﮔﯩﺮﻳﺎﻧﺪﯗﺭ ﻣﺎﯕﺎ.
(ﺋﺎﻳﺎﺯﻯ)
ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯﺍﺭﯨﻦ ﯞﺍﻱ ﺟﺎﻧﯩﻤﻪ ﺋﻪﻏﻴﺎﺭﯨﯔ،
ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻏﺮﯨﺘﻘﺎﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﻨﻰ ﺩﻩﻱ ﺩﯨﻠﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ .
ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﻩﻫﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟﯩﺌﻰ ﮔﯘﻣﺮﺍﻫﯩﻨﯩﯔ،
ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﻪﺟﺮﻩﯞﻟﯩﻐﯩﻨﻰ ﭼﻪﺭﺧﻰ ﻛﻪﺟﺮﻩﺑﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ.
ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻫﻪﺳﺮﻩﺕ ﺑﯩﺮﻟﻪ ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﯩم ﯞﻩﭘﺎﺳﯩﺰ ﯞﻩﺳﻠﯩﻨﯩﯔ،
ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﻬﻨﻪﺕ ﺑﯩﺮﻟﻪ ﺭﻩﻧﺠﯩﻦ ﭘﯘﺭﻗﻪﺗﻰ ﺧﯘﻧﺨﺎﺭﻩﻧﯩﯔ.
ﺑﺎﺑﯩﺮ ﺋﻮﻝ ﮔﯜﻝ ﺟﻪﯞﯨﺮ ﺋﯩﺘﻪﺭ ﺋﻪﻏﻴﺎﺭﻩﺩﯨﻦ ﻧﻰﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ،
ﮔﯜﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺭﻯ ﺑﯘ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﯞﻩﻫ ﻧﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻱ ﺧﺎﺭﯨﻨﯩﯔ،
(ﺑﺎﺑﯩﺮ)
ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﮬﻪﺳﺮﻩﺗﺘﻪ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢﺋﻮﻝ ﭘﻪﺭﻯﺭﯗﺧﺴﺎﺭﯨﻨﻰ،
ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﻡ ﺩﻩﭖ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﻪﻥﻛﯚﺯﻟﻪﺭﻯ ﺧﯘﻣﺎﺭﯨﻨﻰ.
ﺋﯜﭺ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺟﺎﻥ ﺑﻪﺭﺳﻪﻡ ﺷﻪﮬﯩﺪﯗ ﺋﯩﺸﻘﯘ ﻣﻪﻥ،
ﺗﯚﺕ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪﻧﺪﻩ ﺳﻪﻟﯘﻟﻪﺭﺧﻪﻧﺠﻪﺭﻯ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﯨﻨﻰ.
ﺑﻪﺵ ﻛﯚﺭﯛﺷﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯜﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﻟﯘ ﺟﺎﻧﻐﺎ ﺩﯗﺭ،
ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﻩﺗﯩﻠﻪﺭﻣﻪﻥ ﻗﺎﭘﯩﺰﯗ ﺋﻪﺭﯞﺍﮬﯩﻨﻰ.
ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﻘﻠﯩﻤﺪﺍ ﻛﯚﺭﻣﯩﺪﯨﻢ ﺳﯩﻨﯩﯖﺪﻩﻙ ﻧﺎﺯﯗﻙ ﺑﻪﺩﻩﻥ،
ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺋﯘﭼﻤﺎﻗﺘﺎ ﺑﻪﺩﻩﻝﻗﯩﻠﻐﺎﻳﻤﯘ ﺳﻪﻧﺪﻩﻙ ﻳﺎﺭﯨﻨﻰ.
ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﺎﻱ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻧﻪﯞﺍﺋﻰ ﻳﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﯩﻠﻰ،
ﺋﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻱ ﺑﯩﺮﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﺮﻩ ﻛﯚﺭﻣﯩﺪﯨﻢ ﻏﻪﻣﺨﺎﺭﯨﻨﻰ.
ناۋائې
ﻗﻪﻟﻪﻧﺪﻩﺭ ﻣﻪﺷﺮﻩﺑﯩﯖﻤﻪﻥ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﻰ ﺗﺎﭘﯩﭗ ﺋﯚﺗﺘﯜﻡ،
ﺑﯩﮭﯘﺷﺘﯘ ﮬﯘﺭﻯ ﻏﯩﻠﻤﺎﻧﯩﯔ ﭘﯜﭼﻪﻙ ﭘﯘﻟﻐﻪ ﺳﺎﺗﯩﭗ ﺋﯚﺗﺘﯜﻡ.
ﻧﻪ ﺋﻪﻳﻠﻪﻱ ﺋﺎﺑﻰ ﻛﻪﯞﺳﻪﺭﻧﻰ ﻧﯩﮕﺎﺭﯨﻢ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻪ ﺳﺎﻗﻰ،
ﺧﻪﺭﺍﺑﺎﺕ ﺋﯩﭽﺮﻩ ﺑﺎﺭﺩﯨﻢ ﻗﻪﺗﺮﻩ ﻣﻪﻱ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﺗﯩﭗ ﺋﯚﺗﺘﯜﻡ.
ﺋﺎﻳﺎ،ﺩﻩﯞﺯﻩﺥ ﻣﯧﻨﻰ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭ،ﺧﻪﻻﻳﯩﻖ ﻛﯚﻳﻤﻪﺳﯘﻥ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ،
ﺗﺎﻣﯘﻏﺪﯨﻦ ﺋﯩﺸﯩﻖ ﺋﻮﺗﻰ ﭘﯘﺭ ﺯﻭﺭ، ﺋﺎﻧﯩﯔ ﺯﻩﮬﺮﯨﻦ ﻳﯜﺗﯜﭖ ﺋﯚﺗﺘﯜﻡ.
ﻛﻰ ﺟﺎﻥ ﺋﺎﻟﻐﯘﭼﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ، ﺩﯦﺪﯨﻢ:<ﺋﺎﻟﻐﯩﻞ ﺑﯘ ﺟﺎﻧﯩﻤﻨﻰ>،
ﺋﻪﺟﻪﻝ ﻗﺎﭼﺘﻰ، ﺋﯘﺭﯗﭖ-ﻗﻮﻏﻼﭖ ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻧﻰ ﻗﻮﺭﻗﯘﺗﯘﭖ ﺋﯚﺗﺘﯜﻡ.
ﺳﺎﻟﯩﭗ ﺑﺎﺯﺍﺭﻯ ﺋﯩﺸﻘﯩﯖﻐﻪ ﻣﻪﺗﺎﺋﻰ ﺟﯩﺴﻤﯘ ﺟﺎﻧﯩﻤﻨﻰ،
ﺧﻪﺭﯨﺪﺍﺭ ﺳﻮﺭﻣﺎﺩﻯ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ، ﺑﯘ ﺟﺎﻧﯩﻤﺪﯨﻦ ﻛﯧﭽﯩﭗ ﺋﯚﺗﺘﯜﻡ.
ﯞﯨﺴﺎﻝ ﺋﻪﻳﻴﺎﻣﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻛﯚﺯﯛﯓ ﺑﻪﺧﺘﻰ ﺳﯩﻴﺎﮬﯩﻤﻨﻰ،
ﺑﺎﺷﯩﻤﻐﻪ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﻳﺎﺭﯨﻢ، ﻣﻪﻥ ﻳﺎﻧﯩﭗ ﺋﯘﺧﻼﭖ، ﺑﯘﻛﯜﭖ ﺋﯚﺗﺘﯜﻡ.
ﻛﯚﻳﯜﭖ ﺋﻮﺗﻘﻪ ﻣﻪﻧﻰ ﺩﯨﯟﺍﻧﻪ ﻣﻪﺷﺮﻩﺑﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ،
ﻧﻪ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﻪﮬﻠﻰ ﺩﻩﺭﺕ ﺗﺎﭘﺪﯨﻢ، ﻛﯚﺯﯛﻡ ﻳﺎﺷﯩﻦ ﺳﯧﭙﯩﭗ ﺋﯚﺗﺘﯜﻡ.
بابا رەھىم مەشرەپ
ﺋﺎﻧﺎﻣﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﻏﯘﻟﺪﯗﻡ، ﺗﻪﯕﯩﺮﺩﯨﻦﻣﯩﯔ ﺭﻩﺕ ﺗﯘﻏﯘﻟﻤﺎﻕ ﺑﺎﺭ،
ﺯﺍﻛﺎﻣﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﺑﻮﻏﯘﻟﺪﯗﻡ، ﻣﯩﯔ ﺳﯘﺋﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﺑﻮﻏﯘﻟﻤﺎﻕ ﺑﺎﺭ.
ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﻳﻮﻗﻠﯘﻗﯩﻦ ﺑﺎﺭ ﺋﻪﻳﻠﯩﻤﻪﻛﺘﯘﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻣﻪﺧﺴﻪﺕ،
ﮬﺎﻳﺎﺗﻤﻪﻧﻜﯩﻢ ﺑﯘ ﺳﻪﯞﺩﺍﺩﯨﻦ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎﻱ ﺩﻩﻡ ﻗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻕ ﺑﺎﺭ؟
ﺑﯘ ﺳﻪﯞﺩﺍﺩﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﺴﺎﻡ ﺋﯚﺯﮔﻪ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﯞﺩﺍ ﻣﯧﻨﻰ ﺗﯘﺗﻘﺎﻱ،
ﻣﻪﺳﻪﻝ ﺑﺎﺭ<<ﻗﺎﭼﺴﺎ ﻳﻮﻟﯟﺍﺱ ﺑﯚﺭﯨﮕﻪ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻕﺑﺎﺭ.>>
ﻣﺎﯕﺎ ﻳﻮﻝ-ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺑﺎﺭ، ﮬﺎﻣﺎﻧﻪ ﻗﺎﭼﻘﯩﻨﯩﻢ-ﻗﺎﭼﻘﺎﻥ،
ﺑﯘ ﺗﺎﻏﺪﯨﻦ ﺋﺎﺗﻠﯩﺴﺎﻡ ﺋﯚﺯﮔﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻏﻘﺎ ﺳﻮﻗﯘﻟﻤﺎﻕ ﺑﺎﺭ.
ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻤﯩﻨﻰ ﮔﻪﺭ ﺋﯩﻘﺎﺩﺕ ﺋﻪﺗﺴﻪﻣﻤﯘ ﺗﻮﺧﺘﺎﯞﺳﯩﺰ،
ﺭﻩﮬﯩﻤﺴﯩﺰ ﺷﯘ ﺋﻪﺟﻪﻟﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﭼﯘﻏﺎﺳﯩﻐﺎ ﭼﻮﻗﯘﻟﻤﺎﻕ ﺑﺎﺭ.
باتۇر روزى
كەزسەم خوتەننى ،قەشقەردە ئاھىم ،
ياش تۆكتى ئاقسۇ،مىڭ ئەردە ئاھىم .
ئىزدەپ تىنچلىق بارسام ئىلىغا ،
قانىتى بوغۇق كەپتەردە ئاھىم .
ئاتۇشقا چىقسام تاشلار يېرىلدى ،
جاندا بىلەنگەن شەمشەردە ئاھىم .
تۇرپاندا قەبرە ، بولدۇم ھازىدار ،
شائىرنى چاپقان خۇمپەردە ئاھىم .
كەزدىم ۋەتەننى ئون بەش چۆرگىلەپ ،
ئون بەش تامچە قان مەھشەردە ئاھىم .
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد
……………………………………………
……………………………………………
شېئىريەتتىكى تاشقى شەكىل- شېئىرىيەتنىڭ مەۋجۇتلىغىدا ئالاھىدە ئامىل ئەمەس، شەكىل تۈزەشكە ئامال قالمىغاندا بىزنىڭ ئىتىراپلىقىمىزدىكى يىزىق بەلگىلىرى قاپىيە بىلەن چىرمىشىپ كەتكەن ۋەزىن بىردەكلىكىدە شېئىرىيەتنى مەنىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن بايان شەكلىنى قوللۇنۇپ شېئىرىيەتنىڭ ئەسلى تەركىبىگە خائىنلىق قىلىدۇ. شېئىريەتتىكى ئىچكى ئىنىرگىيەنى ئەگرى –توقاي چىغىر يولدىكى تەپەككۇر ۋە تۇيغۇ بىرلىكىدە تۇرغۇزۇپ چىققان ئوتتۇرا ئەسىردىكى تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ بىزگە ئىيتىپ بەرگەن ھىچنەرسىلىرى ئىچىدىن تەسەۋۋۇرىدىكى پارچىلىنىشنى بايقاشتىن بۇرۇن زامان پەرقىدىكى تۇتەكنى چىقىرىپ تاشلاپ شېئىرىيەتنى روھىيتىمىزنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندۇرۇپ باقايلى .
-شېئىريەتتتىكى تەنقىتچىلەر ئۆرنەك قىلىۋاتقان ئاشۇ جۈملىنى نىمە ئۈچۈن قوبۇل قىلمايدىغانلىغىمن، نىمە ئۈچۈن ئايرىم كورسىتىلگەن، تۇيغۇ بىردەكلىكى بولمىغان ئىماگ ئىبارىلىرى بىلەن روھىمنىڭ تالان –تاراجقا، مىڭەمنىڭ يۇيۇلۇپ كىتىشىگە سەۋەپ بولغان ئامىلنى سەنئەت داڭقىدىكى ھالىقىلىق تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىغۇچى شېئىريەتتىن ئىزدەش ئۈچۈن قايسى ماكاندا، قايسى زاماندا ياشىشىم كىرەك –ھەزرىتىم؟؟
-سەن ئەينەكتىكى دۇنيادا ياشاۋاتقانلىقىڭنى بايقاشتىن بۇرۇن بۇ سۇئاللىرىڭنى رەت قىلىش كۈچىگە ئىگە ئىدىم. لىكىن مەن رەت قىلىش كۈچىنى يەنىلا “گۇمانلىنىش“ رىتىسىپىغا باغلاپ سۇئاللىرىڭغا جاۋاپ بىرەي. سەن ئىككىنجى ئاگاھلاندۇرۇش ماكانىدا ياشاپ باققىن ….تۇيغۇ بىلەن ئەقىلنىڭ قۇدا بولۇش ماكانىدا… لىكىن بۇ ماكاننى تىپىش ئۈچۈن ئۆزىڭدە بەخىتلىك ئىدىيەنىڭ مەۋجۇت بولۇش قانۇنىيىتى بىلەن مىڭە سىستىمىسىغا قۇرۇلغان ئورمانلىقنىڭ كىسىشمىسىدىكى يولدا جان تالىشىسەن… شۇنىڭغا بەرداشلىق بىرەلىسەڭ ھەقىقەتنى مەقسەتلىك ئەمەس بىۋاستە چۈشىنىش باسقۇچىغا يىتىپ بارىسەن… قىزغىنلىق بىلەن ئۆتمۈشكە قايتىپ كەتكەنلىكىڭنى تىنىڭدىكى زەرىچىلەر ئىيتىپ بىرىدۇ.
ھەزرىتىمنىڭ جاۋاپلىرىدىن ئويغاق ھالەتتە ئەمەسلىكىمنى پەقەت ياشاشتىكى پەرىقتە ئۇيقۇلۇق ۋە ئويغاق ھالەتنىڭ كىسىشمىسىدە تۇرۇپ شېئىر ئوقىغانلىقىمنى سەزدىم. بىۋاستە سىزىم قارىشىنىڭ مىنى ئالدىغانلىغىنى بىلگەندىن كىيىن ئەقىلنىڭ ھەم ھىسياتنىڭ دۇشمىنىگە ئايلاندىم …
تىل بەلگىلىرى تىل مەنىلىرىنى ئىپادىلەشتە خىزمەت قىلىش زۆرۈريىتىنى لوگىكىلىق چەكلەش بىلەن ئەمەس دۇنيا مەنىسىزلىكلىرى ئىچىدىكى سۈكۈت بىلەن پۇتىۋاتقاندا نىتزىنىڭ “دۇنياغا مەنا ئاتا قىلىش ئۇچۇن كەلدىم“ سوزىنىڭ مۇققەدىسىگە ئىرىشتىم. ئەنئەنىنى ئاڭلاۋاتقىنىمدا مىنى ئوقىۋاتقان ھەرىپلەرنىڭ مىنى پۇرىۋاتقانلىغىنى سەزدىم. زۆرۈرىيەت مىنى ھەرىپلەرنى تىتىپ بىقىشقا ئۇندىدى. ۋەزىن گۈزەللىكدىن قايتىپ چىقىپ رىتىم گۈزەللىكگە قايتىپ كەلدىم. تۇپراقتىكى شېئىرىيەت ئۇرۇقلىرى بىز ئەنئەنە دەپ پىچىرلىدى. ”تەخمىنەن گۇزەللىك” نىڭ سەنئەتلىك قۇرۇلمىسىدىكى پەرىقنى ئىزدەش ئۈچۈن يۇرۇقلۇققا مۇھتاج بولدۇم .
ئەنئەنىنى بايقاشتىكى جەرياننىڭ يۇرۇقلۇق بىلەن خۇلاسە قىلىنىشى سۇ دولقۇنى كىمىنى تەۋرىتىپ قوزغاتقاندا ئوخشاش قەلبىمگە خىتاپ قىلدى. ئەي!!!قەلىبتىكى يۇرۇقلۇق سەن قايەردە؟ تاشقى شەكىل يۇرۇقلۇقنىڭ ئىچىدە. لىكىن قەلىبتىكى نۇرچۇ؟ تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسىدىكى غەززالى “قەلىبنىڭ گۇللىنىشى“ دە نۇرنى بەندىگە تۇغما دەپ شەرھىلەپتۇ. مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسىدىكى ساترىدىن ئىلگىركى كېركېگارد سۇقراتنىڭ ئىدىيىلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ “بۇ ياكى ئۇ“ ئەسىردە قەلىبتىكى گۈزەللىكنىڭ نۇر ئىكەنلىكىگىنى. بۇ نۇرنىڭ ئىېستېتېكىدا ئىكەنلىگىنى شەرھىلەپتۇ. تۇرمۇش باسقۇچىدىكى ئەيمىنىشنىڭ گىرۋىكىدە تۇرۇپ ئىنجىل قىسىلىرىدىكى “قەلىپتىكى نۇر“ دا –بۇ ئادەم كىم؟ يۇھاننا بىزنىڭ تىنىمىزنى پاكلاپ يۇيۇندىراتتى. ئۇ بىزنىڭ روھىمىزنى يۇيۇندۇرۋاتىدۇ… روھىمدىكى ۋە قەلبىمدىكى نۇرنىڭ ئىتىقات ئىكەنلىكىنى سىزىۋاتىمەن… بۆلەكلىرى، قۇرئان كەرىمدىكى سۇرە نۇر ئايەتلىرى بىلەن يورۇقلۇق تارازىسىغا ئىگە بولغاندىن تاشقىرى شېئىريەتتىكى ئەنئەننىڭ ئىتىقاتمۇ ئەمەس، پەلسەپىمۇ ئەمەس قەلىبتىكى قۇياشنىڭ رىتىم ئەۋجىدىكى چۇقانى ئىكەنلىگىنى يۇشۇرۇن ھىسيات ۋە ئەقىل بىلەن شاماللار ھۇشقۇرتىشىدا ئاڭلاش يۇرۇقلۇقتىن سىرىتقى نۇر بىلەن يورۇقلۇق ئىچىدىكى نۇرنىڭ پەرقىنى بىزگە سوزلەپ بىرىدۇ. قەلىبتە يورۇقلۇقنىڭ تىزلىگىنى بىسىپ چۇشىدىغان سىزىم بىلەن روھىمىزغا ئىلتىجا قىلىمىز. دىمەك ئەنئەنە بىزنىڭ ئوتمىشىمىزدىكى يورۇقلۇق .ئوز ئوتمىشىمىز بىلەن سوزلىشىش ئۇچۇن نۇرغا مۇھتاج بولىمىز .ئوتمۇش بىلەن سۆزلىشىش نۇسرىتى شائېرلارغا تۇيغۇ ۋە تەپەككۇر بەركىتى ئاتا قىلىشتىن بۇرۇن قاراڭغۇلۇقتىن ۋاز كىچىشىمىز كىرەك .
مەنبە: ئۇيغۇر بىز تورى