ھىجرەتتىكى سەن
ئاپتۇرى: سەرۋى * كۆزلىرىڭ خۇش بالقىغان ۋاقتا، دىلدا بەخىت چوغلانغان چاغدا، ئەزىز ۋەتەن چۈشىدۇ ئەسكە، سوغۇق ھەسرەت باسىدۇ ئاستا. * داستىخانغا كەلگەن چېغىڭدا، كۆزلىرىڭدە مىسكىن بىر شولا، چۈنكى ئەستىن كېچەر ئاچ مەھبۇس، ئىشتەي-لەززەت خوشلىشار ئاستا. * مامۇق تۆشەك ئىچرە ياتقاندا، كىرپىكلەردە دۇرلىرىڭ چاقنار، كۆز ئالدىڭدا سوراقتا ئۇيغۇر، ئۇيقۇ كۆزۈڭدىن بولىدۇ تارمار. * تۈن كېچىدە قاباھەتللىك چۈش، ھەمراھىڭدۇر تولى ...
Read more ›