You Are Here: Home » Articles posted by ئاكادېمىيە (Page 241)
ئاكادېمىيە

Number of Entries : 2517

«قەشقەر تارىخى» نىڭ باش – ئاخىرى

ئەلى غوپۇر مۇقەددىمە قەشقەر يىپەك يولىدىكى قەدىمىي شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن قەدىمدىن بۇيان يىراق يېقىندىكى ئەللەر ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ زور دىققەت ئېتىبارىنى قوزغاپ كەلگەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر تۇپراقتا ياشىغان ئەجدادلىرىمىز ۋە بۇ زېمىننىڭ ئاجايىپ- غارايىپلىرىغا مەستانە بولغان كىشىلەر تەرىپىدىن مۇشۇ يۇرتقا بېغىشلانغان نۇرغۇن قىسسە، داستان، شېئىر – قوشاق ۋە تارىخىي ئەسەرلەر مەيدانغا كەلگەن. ئۇلارنىڭ بەزىلى ...

Read more

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرى

نەبىجان تۇرسۇن ( تارىخ پەنلىرى دوكتورى) ئىلاۋە: مەن بۇ ماقالەمنى مەرھۇم قەدىرلىك ئانام نۇرنىسا ئابدۇرېھىمنىڭ ئەبەدىيلىك خاتىرىسى ئۈچۈن بېغىشلايمەن. مەن ئۈچۈن دۇنيادا ئەڭ قەدىرلىك، ئەڭ مېھرىبان ئانام، ماڭا ئىنسانلىقنى،ئىنسانىيەتنى جۈملىدىن ئۆز قوۋىنى سۆيۈشنى ئۆگىتىپ، ئەقىل-ئىدرىكىمنى ئاچقان بىرىنچى ئۇستازىم 5-ئاينىڭ 22-كۈنى، مەزكۇر ماقالەمنى يېزىۋاتقان، كېچە-كېچىلەپ،ماتېرىياللار دۆۋىسىدىن مەنبەلەر ۋە ئۇچۇرلا ...

Read more

مىللەتپەرۋەرلىك توغرىسىدا

ئابرال بىر مىللەتنىڭ روھى قۇللۇققا تولمىغىچە، بىر مىللەتنىڭ ئۈمىدى ۋە ئىرادىسى سۇنمىغىچە ئۇ مىللەتنى بوي سۇندۇرۇش مۇمكىن ئەمەستۇر. ئەسىرلەردىن بىرى بار بولۇپ كەلگەن مىللىي بىر رۇھ ۋە كۈچلۇك بىر مىللىي ئىرادىگە ھېچقانداق بىر قۇدرەتلىك كۈچ تەڭ كىلەلمەيدۇ. – مۇستاپا كامال ھازىرقى دەۋىر بولسا خىتاينىڭ ئۆز تارىخىدىكى سىياسىي ، ئىقتىسادى، ھەربىي جەھەتتىن ئەڭ تەرەققى قىلغان ۋە بۇلارغا ئوڭ تاناسىپ ھالدا مىللەتپەرۋە ...

Read more

يازغۇچى بولۇشنىڭ زۆرۈر شەرتلىرى

ئاپتورى: نەسرۇللا ئابلەت 1. ئەدەبىي تالانت تالانت ئادەم ۋۇجۇدىدا تەبىئىي بولىدىغان ھەم كېيىنكى تەرەققىيات جەريانىدا ئېرىشكەن مەلۇم ئىستېدات ۋە قابىلىيەتنى كۆرسىتىدۇ. ئەدەبىي ئىجادىيەت ئادەتتىكى ماھارەت ئەمەس، ئۇنىڭدا ئۆگىنىش ئارقىلىقلا نەتىجە قازانغىلى بولمايدۇ. ئەدەبىي ئىجادىيەت −− ئىلھام، تەسەۋۋۇر، قايناق ھېسسىيات ۋە ئىجادىيلىق بولۇپ، ئۇ تالانتقا موھتاج. دېمەك، ھەرقانداق ئادەمنىڭ يازغۇچى بولالىشى ناتايىن، ...

Read more

ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تارىخى مەسئۇلىيىتى

نۇرانىيە قەشقىرى 21- ئەسىرنىڭ يولۇچىلىرى بولغان بىز ھالسىرىغان ،ئۇھسىنغان ھالدا بۇ سەپەرنى داۋام قىلماقتىمىز.  ماڭدامدا بىر سەن كىم؟- دەپ سورالغان سوئالغا ،- مەن ئۇيغۇر،- دەپ خىتاپ قىلدۇق. ئاتا ئانىمىزنىڭ، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ، بالىلىرىمىزنىڭ ئاچچىق ئىڭراشلىرىدىن يۈرەك باغرىمىز قان زەرداپقا تولدى. چىدىغۇسىز ئازاپتا تاڭغا ئۇلاشقان سانسىزلىغان ئۇيقۇسىز كىچىلەرنى كىممۇ بىزدەك ئۆتكۈزۈپ باقتى. ئېيتىپ ئىپادىلىگۈسىز ...

Read more

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top