You Are Here: Home » Articles posted by ئاكادېمىيە (Page 211)
ئاكادېمىيە

Number of Entries : 2517

قۇمتۇرا چۈشى

دوكتور ئەسەت سۇلايمان (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتنىڭ «ئانامنىڭ ئەسلىمىلىرى» ناملىق توپلامى ھەققىدە) كۇچادىكى «قىزىل قاغا» تۇراسىنىڭ چوقچىيىپ تۇرغان قەدىمىي گەۋدىسى يىراق-يىراقلاردىن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. تارىم قۇياشى ھەر كەچقۇرۇن ئۇپۇق سىزىقىغا باش قويغىنىدا «قىزىل قاغا» تۇراسىنىڭ قىزغۇچ رەڭگە بويالغان قامىتى ئىنسان تەسەۋۋۇرىنى بۈگۈننىڭ قوينىدىن تارىخنىڭ ئۇزاق ئېقىمىغا ئېلىپ كېتىدۇ. ئىككى كۆزىڭىزنى يۇمۇپ، كۆڭۈلنى كۆزگە ...

Read more

ۋەتەنپەرۋەرلىك

19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى «مىڭجى» يىلىدىكى يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتى باشلانغاندا، ياپۇنىيەلىك ئىككى ئوقۇغۇچى ئەينى ۋاقىتتىكى دۇنيادا ئەڭ كۈچلۈك، ئەڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەت ئەنگىلىيەنىڭ ئوكسڧورد ئۈنۋىرسىتېتىغا سانائەت پەنلىرىنى ئوقۇشقا چىقىپتۇ. ئۇلار ئەنگىلىيەنىڭ گۈللەنگەن سانائىتىنى كۆرۈپ ھەيران بولۇشۇپتۇ، ئۆز دۆلىتىنىڭ سانائەت ئاساسىنىڭ تولىمۇ ئاجىزلىقىدىن قاتتىق ئۆكۈنۈشۈپتۇ. سانائەت بىر دۆلەتنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى ت ...

Read more

دوكتور نەبىجان تۇرسۇن: 9 ئادەمنىڭ ئۇيغۇرىستان غايىسىدىن شەرقىي تۈركىستانغىچە – تۇنجى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە 100 يىل

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈگۈنكى  كۈنلەردە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ۋە ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىكىنى ئاساسىي سىياسىي يادرو قىلغان،  ئۆز ئانا ۋەتىنىدە ھەمدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئېلىپ   بېرىۋاتقان ئۆز مىللىي كىملىكى ۋە بارلىق ھوقۇقلىرىنى  قوغداش، شۇنىڭدەك ئۆز ئانا ۋەتىنىنىڭ سىياسىي ھۆرلۈكىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى تەشكىلاتچىلىق ھەرىكەتلىرى ئۆزىنىڭ 100 يىللىق مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتتى.  بۈگۈنكى  كۈنلەردە ياۋروپا، ئامېر ...

Read more

ئۇيغۇرلاردا ئىجادىيەتنىڭ قىممىتى ۋە ئىجادكارنىڭ قىسمىتى مەسىلىسى

يالقۇن روزى (تەۋسىيە: بۇ ماقالىنى سوغاققانلىق بىلەن ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. «كېسەلنى يوشۇرساڭ ئۆلۈم ئاشكارە»، ئەمدىكى گەپ قانداق قىلىپ بۇ ئىللەتلەرنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كېلىشتۇر.) مەن ھەر كۈنى نەچچە قېتىم ئۆتىدىغان يول ئۈستىدە، يەنى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ ئالدىدا ماڭا بىر تونۇش بوۋاي كۈندە دېگۈدەك ئۇچرايدۇ، ئۇ بوۋاينىڭ مەيلى قىش، مەيلى ياز بولسۇن ھەر كۈنى شۇ يەردە ئاچچىق موخۇركىسىنى ...

Read more

ئىجادىيەتنىڭ قىممىتى ئىجادىي پىكىرنىڭ سالمىقىدا

يالقۇن روزى ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قەلەمكەشلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەلۋەتتە ئەدىب دەپ ھېسابلاۋەرگىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان ئەسەرلەرنى ياراتماي تۇرۇپ، ئەدىب دېگەن ئاتاققا ئېرىشكەن يازغۇچى، شائىرلارغا ئوقۇرمەنلەر ئالاھىدە ئۈمىد باغلايدۇ. ئۇلارنىڭ يېڭى-يېڭى ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، مىللىي ئەدەبىياتنىڭ ئاسمىنىنى بېزىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. نىمە ئۈچۈنكىن، نۇرغۇن ئىجادىي ئەسە ...

Read more

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top