You Are Here: Home » Articles posted by ئاكادېمىيە (Page 205)
ئاكادېمىيە

Number of Entries : 2517

زىيالىيلارنىڭ مەسئۇلىيىتى

پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت «زىيالىي» ئىبارىسىدىكى «زىيا» دېگەن سۆز ئەرەبچە بولۇپ «نۇر»، «يورۇقلۇق»، «شولا» مەنىسىگە كېلىدۇ. «زىيالىي» دېگەن سۆز بولسا «نۇرلۇق»، «يورۇقلۇق»، «ئايدىڭ» دېگەن بولىدۇ. يەنى مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، «زىيالىي» دېگەن سۆز «نۇرلۇق»، «نۇرلانغان» ياكى «نۇرلۇق كىشى»، «نۇرلانغان كىشى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئەدەبىياتىمىزدا «نۇر» دېگەن سۆز ئىلىمنىڭ سىمۋولى قىلىنىپ ئىشلىتىلگەن. بۇ ن ...

Read more

ئۇيغۇر مىللىي مەپكۇرەسى ھەققىدە

پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت «مەپكۇرە <مەفكۇرە>» ئاتالغۇسى  ئەرەبچە «پىكىر <فىكىر>» سۆزىدىن ياسالغان بولۇپ، سۆز مەنىسى «پىكىر يۈرگۈزۈلگەن» ياكى «پىكىردە بولغان نەرسە»، «تەسەۋۋۇر شەكلىدىكى غايە» دېگەندىن ئىبارەت. بۇ سۆز ئۇقۇم جەھەتتىن «مەقسەت قىلىنغان»، «يەتمەكچى بولغان غايە»، «يەتمەكچى بولغان يۈكسەك مەقسەت» دەپ ئىزاھلىنىدۇ. پەلسەپىۋى جەھەتتىن «ئەمەلىيەتتە بولمىغان، پەقەت پىكىردە تەسەۋۋۇر قى ...

Read more

بىر بادام دوپپا ئەپسانىسىدىن ھېس قىلغانلىرىم

پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت بىزدە دوپپا كىيىش مىللىي ئەنئەنە بولغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەر بۇ ئەنئەنە بويىچە ئۆزلۈكىدىن دوپپا كىيىشىدۇ، لېكىن بېشىغا كىيىپ يۈرگەن دوپپىنىڭ قانداق كېلىپ چىققانلىقىنى بەك سۈرۈشتۈرۈپ كەتمەيدۇ. دوپپا ئاددىيلا بىر بۆك ئەمەس، ئۇنىڭدا ناھايىتى چوڭقۇر تارىخ ۋە مەدەنىيەت كودى يوشۇرۇنغان. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقالغان بىر ئەپسانىگە قارىغاندا، بادامدوپپا ئەسلىدە بايراق ئىدى. ئەپسانىدا ...

Read more

21-ئەسىردە سۈنئىي ئەقىل ۋە خىزمەت

يۇۋال ھەرىرى تەرجىمان: ئادىلجان 2050-يىلى كەسىپ، ئىش ۋە خىزمەت بازىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ياكى نېمىگە ئوخشاپ قالىدىغانلىقى توغرىسىدا ئازراقمۇ پىكرىمىز يوق. ماشىنا ئادەم تېخنولوگىيەسىنىڭ قېتىق ئۇيۇتۇشتىن يوگا تەلىمىگىچە بولغان بارلىق ئىش ساھەسىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغانلىقى توغرىسىدا ئورتاق قاراش بار، لېكىن بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ قاچان بولىدىغانلىقى توغرىسىدا پەرقلىق قاراشلار مەۋجۇت. بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، 10، 20 ...

Read more

تارىخنى نېمىشقا ئۆگىنىمىز؟

ئابدۇللا قاسىم بۇ سوئالنىڭ ھەرگىزمۇ بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەملىك بىر جاۋابى يوق، قايسى نۇقتىدىن چىقىش، نېمىنى ئۆلچەم قىلىش، ھەتتا ئويلانغۇچىنىڭ قىممەت قارىشى قاتارلىقلارنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن ئېرىشىدىغان جاۋابىمىزمۇ ھەر خىل بولىدۇ. تارىخ بەرىبىر ئۆتۈپ كەتكەن بىر دەۋر، ئۇ تەكرارلانمايدۇ، تارىختا بەرپا قىلغان سەلتەنەت، قولغا كەلتۈرگەن غەلىبىلەرنى كۆشەپ يېتىشنىڭ بۈگۈنىمىز ياكى كەلگۈسىمىز ئۈچۈن ھېچقانداق پايدىسى ي ...

Read more

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top