You Are Here: Home » Articles posted by مەۋلانە ئۇيغۇر (Page 7)
مەۋلانە ئۇيغۇر

Number of Entries : 197

مەسئۇت ئەپەندى (20)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت ئۇلار ئاتلىرىنى ھويلىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە سېلىنغان ئېغىلغا ئەكىرىپ باغلاشقا تەرەددۇت قىلىۋاتقاندا، قانداقتۇ بىر تونۇش ئاۋاز مەسئۇت سابىرىنىڭ قۇلىغا كېلىپ ئاڭلانغاندەك قىلدى. ئۇ ئېغىلدىن چىقىپ، ئۇدۇل دەرۋازا تەرەپكە قاراپ مېڭىپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىغان ئىدى، ئۇنىڭ ئالدىدا بىر ئادەمنىڭ كۈلۈپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. بۇ ئادەم خۇددى ئىككى كىشىنىڭ بىرى ئىككى پۇتىدىن، يەنە بىرى ئىككى قولىدىن ت ...

Read more

مەسئۇت ئەپەندى (19)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت 3-باپ.  «يۇرتۇم» بۇ يۇرت سېنىڭ، سېنىڭ گۈلزارىڭ، بارچە يۇرتتىن گۈزەل زىيادە. ئەي مەلىكەم، سۆي بۇ دىيارنى، تەنھا بىلگىن پۈتۈن ئالەمدە. «فائۇست» دىن ئېلىندى. مەسئۇت سابىرى ئانا ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ ئون يىلدىن كېيىن، چەكسىز كەتكەن چۆللەردىن ۋە مۇز چوققىلىرى كۆككە تاقاشقان قارلىق تاغلاردىن ئۆتۈپ، غەمكىن شەھەر- يېزىلارنى كېزىپ، مىڭبىر مۇشەققەت چېكىپ مانا ئەمدى ئۆز يۇرتىنىڭ بوسۇغىسىغا لەپ ...

Read more

مەسئۇت ئەپەندى (18)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت ئەنۋەر پاشانىڭ بۇ جاراڭلىق نۇتۇقى ۋە سەمىمىي نەسىھەتلىرى مەسئۇت سابىرى بىلەن ئابدۇراخمان شاھىدىنىڭ قەلبىدە ئۇتۇلغۇسىز تەسىراتلارنى قالدۇرغان ئىدى. ئۇلار ئەنۋەر پاشا ئالدىدا ئۆزلىرىگە بەرگەن ۋەزىپىلەرنى تولۇق ئورۇنلايدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىپ، ناھايىتى تەسىرلىك ۋىدالىشىشلاردىن كېيىن، ھەربىي نازارەتتىن چىقىپ، يول تەييارلىقىنى قىلىشقا كىرىشىپ كەتتى ۋە شۇ ئالدىراشچىلىقلار ئارىسىدا يەنە ...

Read more

مەسئۇت ئەپەندى (17)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت ئەنۋەر پاشانىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئىچى شۇنچىلىك كەڭ، ئۈستى شۇنچىلىك ئېگىز بولۇپ، بەجايىكى پادىشاھلارنىڭ سارايلىرىدەك شۇنچىلىك بەھەيۋەت كۆرۈنەتتى. تورۇستا، ۋېنىتسىيە ئەينىكىدىن نەپىس ئىشلەنگەن چىراغ ساڭگىلاپ تۇراتتى. شۇنچىلىك ئىنچىكىلىك بىلەن توقۇلغان تۈركمەن گىلىمى يەرگە دەلمۇدەل قىلىپ سېلىنغان بولۇپ، ئادەم ھەربىر قەدەم باسقاندا پۇت گىلەمگە پېتىپ كېتەتتى. مەسئۇت سابىرى بىلەن ئابدۇراخما ...

Read more

مەسئۇت ئەپەندى (16)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت ئەخمەت كامال زىيا گۆكئالپ بىلەن بولغان سۆھبەتتىمۇ خۇددى تەلەت پاشا بىلەن بولغان سۆھبەتتىكىگە ئوخشاش نۇرغۇن نەسىھەتلەرنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە يەنە ئۆزىنىڭ ئاتلانغان يولىنىڭ قانچىلىك مۇقەددەس بىر يول ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، كۆپ گەپ قىلماي پۈتۈنلەي زىيا گۆكئالپنىڭ سۆزلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى ۋە ئاخىرىدا قۇچاقلىشىپ خوشلاشقاندىن كېيىن، سەپەر تەييارلىقلىرىنى قىلىش ئ ...

Read more

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top